مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1229|ئىنكاس: 20

دەرىسخانىدىكى ئادەم قېنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 1970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15953
تۆھپە نۇمۇرى: 1907
توردا: 8161 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دەرىسخانىدىكى ئادەم قېنى

ئەنۋەرجان سادىق كۆنۇر

(ئاقتۇ ناھيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)

«ئەگەر بىز بالىلارغا كۆڭۇل بۇلدۇق دىسەك ،بۇ خۇددى قۇشنىڭ قانىتنى بۇغۇپ قۇيۇپ ،ئۇنىڭغا سۇ بىلەن داننى ۋاختى –ۋاختىدا بەرگەنگە ئوخشاش كۇڭۇل بۈلۈش بولدى .شۇڭا ،بىزنىڭ مائارىپتا يىتىشكەن بالىلار ئاخىرقى ھىساپتا كىتابىي بىلىمنى ئۆز پېتى بىلىدىغان ،بىراق ،ئۈزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان ،تەبىئەتنى چۈشەنمەيدىغان ،مۇھىت ئېڭى يىتىلمىگەن ،ھىسياتسىز ،پىكىرى ئوخشاش ئادەم بۇلۇپ قالدى .»                          

ـ تەلئەت قادىرنىڭ «مائارىپ دوقمىشىدىكى خىياللار »ناملىق كىتابىدىن.                  

ھاياجانسىز دەرىسخانا

«رۇسيە شىئىرىيتىنىڭ قۇياشى »دەپ پەخىرلىك نام ئالغان مەشھۇر شائىر ئا.س. پۇشكىن «ئاۋۋال ئۈزۇڭ كۇلمەي يا يىغلىماي تۇرۇپ قانداقمۇ باشقىلارنىڭ كۇلكىسىنى يا يىغىسىنى قوزغىيالايسەن ؟»دىگەنكەن .بىزنىڭ دەرىسخانىمىزدا ھاياجانلىنىدىغان ۋە سوغوققان بۇلىدىغان دەرىسخانا مۇھىتى تەڭلا مەۋجۇت .نىمىشقىكىن بىزنىڭ كۆپ قىسىم ئۇقۇتقىچىللىرىمىز نىڭ دەرىسخانا ئۇقۇتۇشى دىگۇدەكلا ئاتالمىش «سوغوققان تىپىدىكى »دەرىسخانا بۇلۇپ كەلمەكتە .ئۇلار چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ دەرىسخانىغا كىرىدۇ ،قاپاق تۈرۈكلۈك ھالدا نىمىگىدۇر بىر نەرسىگە تۇلىمۇ خاپىلىقى باردەك خاپىغان كەيپىياتتا دەرىسنى باشلايدۇ .ئەسلىدە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگە-ئۈگىلىرىنى ئىرتىۋىتەلەيدىغان بىر سائەتلىك دەرىسنى شۇنچىكى بىپەرۋالىق بىلەن ئۈتىدۇكى ،شۇ سائەتلىك دەرىس «ئات ئايلىخانغا ،يول سارىخانغا »بۇلۇپ كېتېۋېرىدۇ ،دەرىس ئۆتتىڭمۇ ؟ئۆتتۇم ،بۇلۇپلا مەنىسىز زىرىكىشلىك دەرىس خوشياقماسلىق ئىچىدە داۋام قىلىۋىرىدۇ .يۇقىرىدىن ئۇقۇتۇش سۈپتنى ئۆستۇرۇش ھەققىدىكى شۇئار –چاقىرىقلار ،بۇيرۇقلار دىيىلىۋىرىدۇ ،ئۇقۇتۇشقا كېرەكلىك مەبلەغ كىلىۋىرىدۇ ،ئاخىردا بېرىپ ،بىر مەكتەپنىڭ ياكى ئۇقۇتقۇچىنىڭ نەتىجىسى شىنجاڭ ئىچىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ،ئىچكىردىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ،ۋە نوختىلىق مەكتەپلەرگە قانچىلىك ئادەم ئۆتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى سان بىلەنلا خۇلاسىلىنىپ بولدى قىلىندۇ .ھېچكىم سەن بىر ماۋسۇمدا مانچە سائەت دەرىس ئۈتۈپسەن ،قانچە سائەتنى رازى بولغۇدەك ئۆتتۇڭ ،ئۇقۇغۇچىلارغا ئادىمىيلىك تەربىيەسىنى قانچىلىك سىڭدۇردۇڭ ؟دىگەنلەرنى سۇرۇشتۇرمەيلا ،يا ماۋسۇملۇق ئىمتاھان ،يا باشقا ئىمتاھان بىلەنلا سىناپ بولدى قىلىدۇ .مانا مۇشۇنداق بىر ئىمتاھان بىلەنلا ،نەتىجە سۇرۇشتۇرىلىدىغان كەمتۇك قائىدە بولغاچقىلا دەرىسخانا ئۇقۇتۇشى زەئىپ ،چۈشكۈن ،تېتىمسىز ھالەتتە داۋام قىلىۋاتىدۇ (ئايرىم ساندىكى ئىچ-ئىچىدىن قوزغىلىدىغان ئۇقۇتقۇچىلار ئەلۋەتتە بۇنىڭ سىرتىدا ).بۇنىڭغا مەلۇم مەكتەپتە ئاڭلىغان مۇنداق بىر سائەتلىك دەرىسنى مىسال قىلاي ؛

بۇ «يەتتە قىزلىرىم »دىگەن دەرىس ئىدى .ئۇقۇتقۇچى تىكىستنى بىر قېتىم ئۇقۇپ بەردى .ئۇقۇتقۇچىنىڭ تىكىسىت ئۇقۇشى شۇقەدەر ھىسياتسىز ئىدى .مەن ئۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ دەسلىپىدىلا ماڭا بەرگەن بۇ بەتتەم ئاۋازىدىن شۇنچىكى بىزار بولدۇم-يۇ،يەنە يېقىمسىز ئولتۇردۇم .                                                                              

ھە قاچان ئۇقۇغۇچىلارنى بىر قېتىم تىكىسىت ئۇقۇتىدىغۇ ،دەپ .ئولتۇرسام مەن ئۇقۇپ بىرەي دەپ قول كۆتۇرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىرىگىمۇ ئۇقۇتمىدى ،تىكىسىت ئۇقۇپ بۇلۇپ ،يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى يەشكەن بولدى .ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلاردىن :                          

-ھە،ئەمدى تىكىسىتنى ئۇقۇپ بولدۇق ،يەتتە قىزلىرىم ئاخىرىدا قانداق بوپتۇ ،بالىلار ؟-دەپ سۇئال سۇرىۋىدى ،ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇتقۇچىسىغا ئوخشاشلا پەرۋاسىز ھالدا ،خۇددى ئۇلۇك پاقا ياكى چاشقانغا تۇتقان مۇئامىلىدەك                                                   

-ــــــ ئۆلۇپتۇ ،ـ دېدى                                                               

ئۇقۇتقۇچى يەنە قىلچىمۇ خىجىل بولماي :                                                

ـــــ قانداق ئۆلۇپتۇ ئۇلار ؟ـ دەپ سۇرىۋىدى ،ئۇقۇغۇچىلار يەنە بىپەرۋا ھالەتتە :            

ــــ تىك ياردىن سەكرەپ ئۇلۇپتۇ،ــــــ دەپ جاۋاپ بىرىشتى .                           

                     

ـــ نىمىشقا تىك ياردىن سەكرەپ ئۆلۇپتۇ ؟ــــــ دەپ سۇرىدى ئۇقۇتقۇچى يەنە .            

دۈشمەنلەر كەلگەچكە ،ــ دەپ جاۋاپ بىرىشتى ئۇقۇغۇچىلار.                                

ئۇقۇتقۇچىنىڭ بىپەرۋالارچە پوزىتسىيەسى سەۋەبلىك ،خەلقىمىز نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى تىللاردا داستان قلىپ ،كامالى ئىھتىرام ۋە ھۆرمەتتە نامىنى ۋە قەيسىرانە ئىش ئىزلىرىنى تىلغا ئېلىپ كىلىۋاتقان ،غۇرورسىز ئەرلەرنى قاتتىق چۆچۈتىدىغان ،ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن ئىشرەتخۇمار ،داغۋاز ،مىشچان ئاياللارنى غال-غال تىترىتىدىغان ،ھەممىگە تەڭ ئۈلگە بۇلالايدىغان ئاشۇ شاھ مەلىكىلەرنى مانا بۇ قىسقىغىنە دىيالوگدا،تۆت قېتىم «ئۆلۇپتۇ»دىگەن سوغوق گەپ بىلەن «تەرىپلىدى ».مۇشۇ بىر سائەت توشقىچە ئۇقۇتقۇچى قاچان «يەتتە قىزلىرىم »نى «شىېھىت بولدى »،«مەردلەرچە قۇربان بولدى »ياكى «بۇلۇت بولدى »،«بۇ ۋاپاسىز دۇنيا بىلەن خەيىرلەشتى »دەيدىكىن ،دەپ ئولتۇرسام ،تامايىم تاماملىقتا قالدى .

بالدۇر ئويغانغان يەنە بىر غەيۇر ئەزىمىتىمىز مەرھۇم باتۇر روزى زور ئىشتىياق بىلەن يازغان بۇ تەسىرلىك ئەسەر ناباب بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ دەرىسخانسىدا ،نە ھىسياتتىن ،نە تەسىرلىنىشتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ھالدىلا ئۇقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچراشتى .بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار ئەسلىدە يەتتە قىزلىرىمدىن زوقلىنىشى،ئۇلارغا ھەيران بۇلۇشى،ھەۋەس قىلىشى،«يا پىرىم!!!» دەپ كىتىشى ،ھەتتاكى مەسۇم كۆزلىرىگە ئىسسىق ياشلار كىلىشى ،كېرەك بولغان بىر سائەتلىك مۇھىم ئادىمىلىك روھ تەربىيىسى سىنىپنىڭ بۇلۇڭىدىكى يىغىپ قويۇلغان ئەخلەتتەك تاشلىنىپ قالدى.

بۇ بىر سائەتلىك ھاياجانسىز دەرىستىن ،بىللە دەرىس ئاڭلىغان بىر خانىم بىلەن ئەپسۇسلۇق ئىچىدە قايتىپ چىقتۇق .ئاتا-ئانىسى مەكتەپكە كەتتى ،دەپ ھەممە ئۈمۈدىنى مەكتەپكە تاپشۇرىدىغان ،مەكتەپ بالامنى ياخشى تەربىلەيدۇ ،دەپ بىلىدىغان ئاشۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھالى –ساپاسى ،ماھارىتى ،پاراسىتى شۇنچىلىك تۇرسا ،ھېلىمۇ باللىرىمىزنىڭ ھەممىسى «ماڭقۇرت» بۇلۇپ كەتمەيدىكەن دەپ قالدىم .شۇنىڭ بىلەن «بالاڭنى مەكتەپكە بەر،مەكتەپكە بەرمىسەڭ مەشرەپكە بەر» دىگەن بۇ ئەل ھېكىمىتى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم .ئوقۇتقۇچىسى مانا مۇشۇنداق ماھارەتسىز،ھاياجانسىز دەرىس ئۆتۈدىغان بۇنداق مەكتەپكە بالىلارنى قانداقمۇئىشىنىپ بەرگىلى بولسۇن؟!

«دۇنيا مېھىر-مۇھەببەتكە مۇھتاج» دەيمىز-يۇ،مانا مۇشۇنداق دەرىسخانىدا مېھىر-مۇھەببەت ،ئادىمنىلىك تەربىيىسى ئالالمىغان بالىلاردىن،ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىشلاردىن ھاياجانلانمايدىغان بۇلۇپ كەتكەن ياكى ھاياجانلاندۇرالمىغان ئوقۇتقۇچىدىن يەنە نىمە كۈتۈش مۈمكىن؟! قارىغاندا باغرى تاشلىق ياكى تەسىرلەنمەسلىك ئەسلىدە دەرىسخانىدىن باشلىندىغان ئوخشايدۇ.بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۆز شىھىتلىرى ،قەھرىمانلىرىغا پەرۋاسىزلارچە قارايدىغان بىر دەۋىرگە كىرگەنلىكىمىزنى تەن ئالساق بۇلامدۇ- نىمە ؟!...           

ئەي،باغرى قانمىغان دەرىسخانا ،ھالىڭ نىچۈك؟     

ئازراق بولسىمۇ ھاياجېنى ،تەسىرچانلىقى بولمىغان دەرىسخانىدا دەرىس ئاڭلاش –ئوت كۈيۈۋاتقان مەشتە ئولتۇرغاندەكلا ئازاپلىق .                 (خاتىرەمدىن)

بىر قارىسا ئوقۇتقۇچى دەرىسخانىدا سۇئاللارنى سۇراۋاتقان ؛بىر قارىسا ،بالىلارنى ئەركىن قويۇۋەتتىم ،دەپ سىنىپنى توڭگۇز-توپاق ئوينايدىغان سورۇن قىلىۋالغان ،بىر قارىسا ئوقۇتقۇچى ھېچكىمگە گەپ بەرمەي ،ۋائىزدەك ئۆزىلا سۆزلەپ چىقىپ كېتىۋاتقان ،بىر قارىسا ئوقۇتقۇچى توڭ قاپاق قىياپەتتە دەرىس ئۆتۈۋاتقان ،بىر قارىسا سىنىپنى سوت مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ ،ياخشى ناچار ئوقۇغۇچى دەپ سېلىشتۇرۇپ ،دەرىجىگە ئايرىۋاتقان ،بىر قارىسا دەرىسخانىدا ئەتىدىن كەچكىچە ئىمتىھان سۇئالنىلا مەشىق قىلدۇرىۋاتقان ،بىر قارىسا...

گەپنى يەنىلا شۇ دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدىن باشلاشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ،چۈنكى ئوقۇتۇش سۈپىتى ماھىيەتتە دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا جەريانلىشىدۇ.دەرىسخانا ئوقۇتۇشى مۈجۈمەل بولسا سۈپەت بەرىبىر نۆلگە تەڭ .مەنچە بولغاندا ،دەرىسخانا ئوقۇتۇشىنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىش ئارقىلىق ھازىرقى ھالىتىمىزنى ،دەرىسخاندىكى ؟ادەمنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىر ئاز بولسىمۇ سېستىمىلىق چۈشنىشىمىز مۈمكىن:

1.     بىلىملا بىرىشنى ئاساس قىلغان قىلغان دەرىسىخانا

2.ئىمتاھانغا تاقابىل تۇرۇش تىپىدىكى دەرىسخانا

3.     يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەپەككۇر قوزغاش تىپىدىكى دەرىسخانا

4.     تەپەككۇرنى بوغۇش تىپىدىكى دەرىسخانا

5.«سوغوققان»تىپىدىكى دەرىسخانا

6.«ھاياجان» تىپىدىكى دەرىسخانا

7.ئۇقۇتقۇچى ئۆزى بىلەن ئۆزى بولىدىغان دەرىسخانا

8.«سۈنئىىي» دەرىسىخانا

9.ئادەم تەربىيەلەش تىپىدىكى دەرىسخانا

10.خاسلاشقان ۋە ئېچىۋىتىلگەن دەرىسخانا

يۇقۇرىقى 10خىل دەرىسخانا تىپىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈپ ،ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى دەرىس ئۆتۈش ھالىتىمىزنى تەتبىقلاپ باقساق ،ئۆزىمىزنىڭ دەرسىمىزنىڭ قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكى مەلۇم بۇلىدۇ .

يۇقىرقى 10خىل تىپتىكى دەرىسىخانا ھەققىدە قىسقىچە مۇنداق شەرھ بىرىشكە بۇلىدۇ :

1.    بىلىملا بىرىشنى ئاساس قىلغان دەرىسخانا

بۇ خىل دەرىسخانىدا ئۇقۇتقۇچى مەيلى تەبئىي پەن ئۆتسۇن ،مەيلى ئىجتىمائىې پەن ئۆتسۇن ،ئۇقۇغۇچىلارغا فورمۇلا،قائىدە،تېئورېما ،ئىجتىمائىي نەزەرىيە ،تارىخ ،يىلنامە،ئۇقۇم ،ھۆكۇم قاتارلىق دائىرلەردىكى بىلىمنى ئۆگىتىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ .ئوقۇتقۇچى كىتاپ سىرتىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلدۇرۇشنى خالىمايدۇ .بۇنداق دەرىسىخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا نىمە ئۇچۈن ،دىگەن سۇئال سۇراش پۇرسىتى بېرىلمەيدۇ .نىمە ئۈچۈن 1+1=2 بۇلىدۇ ،دەپ سۇئالنى سۇراش چەكلەنگەن بۇلىدۇ ،بۇنىڭدىن يېڭى دەرىسلىك تەلىپىدىكى گۇمانىتارلىقتىن ئەسەرمۇ بولمايدۇ .

بۇ تىپتىكى دەرىسخانىنىڭ پايدىلىق تەرىپى :ئوقۇغۇچى ماشىنا ئادەمدەك كىتابتىكى بىلىملەرگە پۇختا بۇلىدۇ ،بۇنداق دەرىسخانىنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتاھاندىكى نەتىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بۇلىدۇ.

بۇ تىپتىكى دەرىسخانىنىڭ ئەكىس تەسىرى :بۇنداق دەرىسخانىدا دەماللىققا ئۈنۈم كۆرۇلگەندەك بىلىنسىمۇ ،ئەمما ھاياتى كۈچى ،ئويلاندۇرۇش كۈچى ،قوزغىتىش كۈچى تۇلىمۇ كەم بۇلىدۇ .

2.    ئىمتاھانغا تاقابىل تۇرۇش تىپىدىكى دەرىسخانا

بۇنداق دەرىسخانا غەرەزلىك دەرىسىخانا بۇلۇپ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ ھەربىر يەتكۇزىۋاتقان بىلىمى ئىمتاھان سۇئالىغا ماسلىشش شەكلىدە بۇلىدۇ .ئوقۇتقۇچى ھەربىر بىلىمنى «ئەگەر ئىمتاھان سۇئالىدا بۇنداق بۇلۇپ قالسا ...سىلەر مۇنداق جاۋاب بېرىسىلەر ...»دىگەن مەقسەت بىلەنلا يەتكۈزىدۇ ياكى يانداشما مەشىقلەرنى كۆپ ئىشلەتكۈزىدۇ ،ئۇمۇمەن ،بۇنداق دەرىسىخانا يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىدىن تۇلىمۇ يىراق بۇلۇپ ،ئۇنىڭدىن نە ئىجادچانلىقنى ،نە قىممەت قارىشىنى تاپقىلى بولمايدۇ .

بۇ تىپتىكى دەرىسخانىنىڭ .ئەكىس تەسىرى :كېيىنىكى ئاقىۋىتىدىن قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلاردا ھېچقانداق تەربىيە تەسىرى قالمايدۇ .بىلىملەر ئاساسەن ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ .ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىيلىك ساپا ئاساسى ئاجىز بۇلىدۇ ،رېئال مەسلىلەرگە يۇلۇققاندا ئىمتاھانغىلا دەپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرى خاسىيىتىنى يۇقىتىدۇ .

3.    تەپەككۇرنى قوزغاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دەرىسخانا

كۆپ قىسىم ئۇقۇتقۇچىلاربۇ تىپتىكى دەرىسخانا ئۇقۇتىشىدىن خېلى يىراقتا بولسىمۇ ،ئەمما بۇ خىل دەرىسخانىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ، ئۈمۈتۋارلىقى ،ھاياتىي كۈچى ...كۈچلۈك بۇلىدۇ .ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل دەرىسخانىدا خالىغانچە ئېچىلىپ يايرىيالايدۇ .ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا يېڭىلىق يارىتىش ھەققىدە ئىلھام بىرىدۇ .نېمە ئۈچۈننىڭ جاۋابىنى ئوقۇغۇچىلار ئويلىنىش ،قول سېلىپ ئىشلەش ،ئەتراپىغا ،رىئاللىققا تەتبىقلاش ئارقىلىق تاپىدۇ .بۇ خىل دەرىسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىق روھى قوزغىلىپ تۇرىدۇ .دەرىسخانا ئىچى ئەركىن ،پائالىيەتچان بۇلدۇ .بۇ دەرىسخانىنى «ئامرىكىچە دەرىسخانا »دىسەكمۇ بۇلىدۇ .

بۇ تىپتىكى دەرىسخانىنىڭ پايدىلىق تەرىپى :ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىغا كۆڭۇل بۆلگىلى بولىدۇ،ئوقۇغۇچىلار ھەقىقىي ئادەم سۈپىتىدە  ئوقۇتۇشىقا قاتنىشىدۇ.

بۇ تىپتىكى دەرسىخانىنىڭ ئەكىس تەسىرى: ئوقۇتقۇچى بەزىدە،بۇ دەرسخانىدا تۈزۈم،شارائىت،قوللاش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قىزغىنلىقى سۇسلاپ قالىدۇ ھەمدە ‹‹ئەركىن-ئازادە›› دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ھەقىقي رەۋىشتە  چۈشىنەلمەي قالىدۇ،شۇنداقلا شۇ سائەتلىك دەرس نىشانىدىن چەتلەپ كېتىش،ۋاقىت يىتشمەسلىكتەك ھادىسلەر يۈز بىرىدۇ.

تەپەككۇر قوزغاش تىپدىكى دەرىسخانا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئويغىتىدىغان،ئۇلارنى ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىشقا قوزغايدىغان دەرسخانا. بۇ دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا مەسلىلەرنىڭ جاۋابىنىڭ پەقەت بىرلا ئەمەسلىكى ھېس قىلدۇرلىدۇ.ۋاقتى ئۆتكەن قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭچە،قىممەت قاراشلىرىنى دەسىسىتىشكە بولدىغان-بولمايدىغانلىقى بللە تەھلىل قىلىنىدۇ.مەسىلەن،ئەخلەتلەرنى ئېنىرگىيە بايلىقى قىلىشقا بولامدۇ،خىميەلىك ئوغۇت يەرنى ئاساسەن بۇلغاپ بولدى،يەرگە يېشىل ئوغۇت ئىشلىتىش ئۈچۈن زىيانسىز بولغان يېشىل ئوغۇتنى قانداق ئىشلەپچىقرىش كېرەك،‹‹قوزا بىلەن بۆرە››دېگەن تەمسىلدە،نېمە ئۈچۈن بۆرە قۇزىنى تامامەن يېسە بولدىغان تۇرۇپ،قۇزىدىن باھانە-سەۋەپ ئىزدەپ ئاندىن يەيدۇ؟...دىگەندەك مەسىلىلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارى بارغانسىرى جارى قىلىدۇرۇلىدۇۋە شۇ ئارقىلىق ئىجاتچانلىققا ئىلھام بىرىلىدۇ .

4.    تەپەككۇرنى بۇغۇش تىپىدىكى دەرىسخانا

ئوقۇتقۇچىلىرىمىز تاكى ھازىرغىچە بۇ خىل دەرىسخانىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ .بۇ خىل دەرىسخانىنىڭ تىپىك ھادىسىۋى ئىپادىللىرى-ئوقۇتقۇچى نىمە دىسە ،ئوقۇغۇچى شۇنىلا دىيىشى كىرەك ،ئوقۇغۇچى بۇنداق دەرىسخانىدا ئاساسەن «نىمە ئۈچۈن »دىگەن ئوقۇتقۇچى نەزىرىدىكى ئارتۇقچە سۇئالنى سۇرىماسلىقى ،سۇرىغاندىمۇ دەرىسكە مۇناسىۋەتلىك چۈشەنمىگەن يەرلەرنى سۇرىشى كىرەك ،مەسلەن ،ئادەم نىمە ئۇچۇن ئۆلۈپ كىتىدۇ ،نىمە ئۈچۈن كەچ بۇلىدۇ ،نىمە ئۈچۈن بىردىن بىرنى ئالساق نۆل بۇلىدۇ ،قۇياش نىمە ئۈچۈن ئىللىپپىس شەكلىدە بولمايدۇ ،نىمە ئۈچۈن سۇنى يېقىلغۇ قىلىشقا بولمايدۇ ؟....دىگەندەك« غەلىتە  »سۇئاللار بۇ دەرىسخانىدا سۇرىلىپ قالسا ،ئوقۇتقۇچى دەرھاللا «ئۇشۇق ئىشلارغا باش قاتۇرماي ،مەن ئۆتكەننى ئۈگەن ،چوڭ بولغاندا بىلىۋالىسەن !...»دەگەندەك سوغوق گەپلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمدى بىخلىناي دىگەن تەپەككۇرىنى چورىتلا كىسىپ تاشلايدۇ .شۇنىڭ بىلەن بۇ دەرىسخانىدا نە يېڭىلىق ،نە ئەركىن تەسەۋۋۇر بولمايدۇ .

5.«سوغوققان»تىپىدىكى دەرىسخانا

بۇ خىل دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى ھەم ماھارەتسىز ،ھەم پاراسەتسىز بولىدۇ.قارىماققا ناھايىتى سالماق ،تەمكىن دەرىس ئۈتۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ ،ئۇقۇتقۇچىنىڭ چىراي ئىپادىسى بىر خىللا بۇلىدۇ ،ئوقۇتقۇچىنىڭ يا خۇش بولغىنىنى ،يا خاپا بولغىنىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ .قىزقارلىق ،ھاياجانلىق ئۆتۈلۈشكە تىگىشلىك دەرىسمۇ شۇ قەدەر سۇس ،بوش سوغوق كەيپىياتتا ئۆتۈلىدۇ .

ئوقۇغۇچىلار بۇنداق دەرىسخانىدىن ھېچقانداق ھىسيات پوزىتسىيەسىنى ھىس قىلالمايدۇ ،بىلىمنىڭ ئۆزلىشىشىمۇ ئادەتتىكىچە يا كى نا چار بۇلىدۇ.بۇ دەرىسخانا گويا قاتتىق سوغوقتا ئۆتۇلىۋاتغاندەك ،پەقەت دەرىس ئۆتۇش ئۈچۈنلا دەرىس ئۆتۇلىۋاتقاندەك ھالەتتە بولىدۇ .

بۇ تىپتىكى دەرىسخانىنىڭ پايدىلىق تەرىپى ؛بۇ خىل دەرىسخانا مۇھىتى ھېچقانداق يىللىقلارغا ماس كەلمەيدۇ ،ئەمما ئالى مەكتەپنىڭ بىر قىسىم ناھايىتى سوغوققانلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان چوڭقۇر ،ئىنچىكە ئانالىز تىپىدىكى پەنلىرىگە ماس كىلىدۇ .

بۇ تىپتىكى دەرىسخانىنىڭ ئەكىس تەسىرى :قىزغىنلىقى ،زىھنى قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىۋاتقان بالىلارغا بۇ خىل ئۇقۇتۇش قەتئىې ماس كەلمەيدۇ ،بۇ خىل ئۇقۇتۇش مۇھېتىدا دەرىس ئاڭلاۋەرگەن بالىلارنىڭ كەيپىياتىدا ئىچى تىتىلداش ،خوشياقماسلىق ،قىزغىن بولالماسلىق ،تەپەككۇرى ،روھىيىتى ،بۇرۇقۇپ قالغاندەك ،قىسىلغاندەك بۇلۇش ،ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقتەك ناچار ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ .

6.ھاياجان تىپىدىكى دەرىسخانا

ھاياجانلانمايدىغان ئادەم بىر بولسا ئۆلگەن ئادەم ،بىر بولسا باغرى تاش ئادەم ،مۇ ۋاپىق ھاياجاننىڭ بۇلىشى –ئەلۋەتتە ئادەمگە خاس بىر خىل نۇرمال ئىپادە .ھاياجان تىپىدىكى دەرىسخانىدا ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاكتىپ روھى ھالەتتە بۇلىدۇ،ھەممە ئوقۇغۇچى دەرىسكە تەڭ ،ئاكتىپ قاتنىشىدۇ ،دەرىسخانا قاينام- تاشقىنلىققا چۈمگەن ھەم كۈلىدىغان ،ھەم يىغلايدىغان دەرىسخانا مۇھىتى ئىپادىلىندۇ .بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھې دۇنياسى سىلكىنىدۇ ،شۇنداقلا بىز يەتمەكچى بولغان قىممەت قارىشى ئىختىيارسىزلا شەككىللىنىشكە باشلايدۇ .

بۇ تىپتىكى دەرىسخانىنىڭ پايدىلىق تەرىپى ؛ھاياجان ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا توغرا قىممەت قارىشىنى ئۇڭايلا يىتىلدۈرگىلى بۇلىدۇ .دەرىس كۆڭۇلدىكىدەك ئۆزلىشىدۇ ،ھەممەيلەن ئىچ –ئىچىدىن رازى بۇلىدۇ .

بۇ تىپتىكى دەرىسخانىنىڭ ئەكىس تەسىرى:بىر تەرەپكە بەكرەك ئېغىپ كىتىش ،ئۈزىنى كونتىرول قىلالماسلىقتەك كەيپىيات سەۋەنلىكى يۈز بىرىدۇ ،ئەمما بۇ ئىككى تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلسىلا ،بۇ خىل دەرىسنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بۇلىدۇ.

7.ئوقۇتقۇچى ئۆزى بىلەن ئۆزى بۇلىدىغان دەرىسخانا

بۇ خىل دەرىسىخانا ھازىرمۇ يەنىلا ئىېزىلەڭگۈلۈك بىلەن مەۋجۇت بۇلىۋاتىدۇ ،بۇ خىل دەرىسخانىدا ئوقۇتقۇچى پەقەت ھەممىنى ئۆزىلا سۆزلەيدۇ ،ئۆزىلا پىكىر قىلىدۇ ،ئۆزىلا ھەل قىلىدۇ،ئۆزىدىن ئۆزىلا سۇئال سۇراپ ،يەكۈن چىقىرىدۇ ،ئانچە –مۇنچە ئوقۇغۇچىلاردىن ئوپچە سۇئال سۇرىغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا ،ئاساسەن دەرىسنى قوزغىتىش خاراكتىرىدە ئەمەس ،قۇرۇق لىكسىيە خاراكتىرىدە ئۇتىدۇ ،بۇنى «ئۇيقۇ دەرسى »دېسىمۇ بۇلىدۇ .

بۇ تىپتىكى دەرىسخانىنىڭ پايدىلىق تەرىپى:ھېچكىم پىكىر قاتناشتۇرمايدىغان مەجبۇرىيەت لىكسىيەلىرىگە ماس كىلىدۇ .

بۇ تىپتىكى دەرىسخانىنىڭ ئەكىس تەسىرى:ئوقۇچىلارغا ئاساسەن پۇرسەت بىرىلمەيدۇ ،ئوقۇچىلار پەقەت ئوقۇتقۇچى چاينىغاننى ھەزىم قىلسىلا بۇلىدۇ ،بۇ خىل دەرىسخانا ئوقۇتۇشى داۋاملىشىۋەرسە ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىدا بىزارلىق ،خوشياقماسلىق ،شەكىل ئۈچۈن مەجبۇرى ئۈگىنىش قاتارلىق قىلچىمۇ ئاكتىپ تەرىپى بولمىغان كەيپىيات پەيدا بۇلىدۇ .

8.«سۈنئىې»دەرىسخانا

بۇ خىل دەرىسخانا مەكتەپ ياكى ئالاقىدار مائارىپ تارماقلىرى ئۇرۇنلاشتۇرغان ئوچۇق دەرىس ،ئۈلگىلىك دەرىس ،مۇھاكىمىلىك دەرىس ،كۆرەك دەرىسى قاتارلىق تۈرلۈك دەرىسلەر دە ئىپادىلىندۇ،چۈنكى ،بۇ خىل دەرىسخانىدا ئوقۇتقۇچى ھېچقاچان چىقارمىغان ھۈنەرلەرنى ،شەكلەن نامايان قىلىدۇ ،شەكلەن يېڭى دەرىس ئوقۇتۇشىغا ماسلاشقاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ ھەمدە كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئەسلەھەلىرىدىن پايدىلىنىپ دەرىس ئۆتۈشكە كۇچەيدۇ ،.شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ،ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىسخانىدىكى قىلىق-ھەركەتلىرى ،پائالىيەتلىرى ،ئاۋازى ،كىيىنىشى ،تەق-تۇرىقى ،ئۇقۇتۇشنى تەشكىللىشى ،سۇئال سۇرىشى ،ئىلھاملاندۇرىشى ...قارىماققا بەك ئىدىتلىقتەك تۇيغۇ بىرىدۇ ياكى دەرىس راستىنلا ياخشى ئۈتۈلىدۇ ،ئەمما تېگى –تېگىدىن ،كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرىسى يەنىلا «ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىش »دەرىسى بۇلۇپ قېلىۋىرىدۇ .ئوقۇغۇچىلار كىيىنكى سائەتلىك نورمال ئۈتۈلگەن دەرىستىنلا ئوقۇتقۇچىنىڭ قانچىلىك سۇنئىېلەشكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئۇلگۈرىدۇ.

بۇ تىپتىكى دەرىسخانىنىڭ پايدىلىق تەرىپى:دەرىسخانىدا دەماللىققا يېڭىلىق ،ھاياجان ،چاقناش پەيدا بۇلىدۇ.

بۇ تىپتىكى دەرىسخانىنىڭ ئەكىس تەسىرى:ئاز بىر قىسىم مىننەتسىز ئوقۇتقۇچىلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ،كۆپىنچە ئۇقۇتقۇچىلار ياسالمىلق قىلىدۇ ،ئاشۇ بىر سائەتلىك «ئۇلگىلىك دەرىس »داۋاملىق ئۈلگىلىك دەرىستە بۇلىۋەرمەيدۇ .بۇنداق دەرىسخانا ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇتقۇچىغا ئىشەنمەسلىك خاھىشىنى پەيدا قىلىپ قۇيىدۇ .كۆرۈنۈشتە بىر خىل ،ئەمىلىيەتتە بىر خىل بۇ لۇپ قالىدۇ ،بۇنداق ئۇقۇتۇش بەرىبىر يېڭى دەرىس ئوقۇتۇشىغا زىيانلىق بۇلۇپ ،ھامان سۈنئىېلىكى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ ،ئۇزاققىچە دەۋر سۈرەلمەيدۇ.

9.ئادەم تەربىيەلەش تىپىدىكى دەرىسخانا

بۇ دەرىسخانا-ھەم بىلىم بىرىش ،ھەم ئادەم تەربىيەلەش ئالاھىدىلىكىگەئىگە بۇلىدۇ ،مەسلەن ،ئوقۇتقۇچى ئېدىسۇننىڭ لامپۇچكىنى كەشىپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى بىلىمنى يەتكۇزمەكچى بولسا ،نوقۇللا ئېدىسۇننىڭ داڭلىق كەشپىياتچى ئالىم ئىكەنلىكىنى تۇنۇشتۇرماستىن ،بەلكى قانداق بۇلۇپ شۇنداق داڭلىق كەشپىياتچى ،بولالىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىدۇ ۋە يەنە ئېدىسوننىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتى ھەققىدىمۇ ئوقۇغۇچىلار تەسىرلەنگۈدەك دەرىجىدە مەلۇمات بىرىدۇ ،شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىمۇ ،دۇنياغا داڭلىق كەشپىياتچىلارنىڭ بارلىقىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللى ھىسياتىنى ئۇرغۇتىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن كەشپىياتچى بۇلۇشنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل –پاراسەت تەرەققىياتىدىكى ئاجايىپ مۆجىزىكار سالاھىيەت ئىكەنلىكىنى ئوقۇغۇچىلارغا ھىس قىلدۇرىدۇ ۋە يەنە ئەتراپتىكى ،تۇرمىشىمىزدىكى بەزى كەشىپ قىلنىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئۇچۇرلاردىن ئوقۇغۇچىلارنى خەۋەردار قىلىپ ،ئۇلارنىڭ ئىجاتچانلىق رۇھىغا مەدەت بىرىدۇ ،بۇنداق دەرىسخانا –دەل بىز تەشنا بۇلۇۋاتغان يېڭى دەرىسخانىدا ئوقۇتقۇچى ئۇقۇتۇشىدۇر ،ئادەم تەربىيەلەش تىپىدىكى دەرىسخانا دەرىسخانىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا باراۋەر كۆز بىلەن قارايدۇ ،ئەدناسى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ شۇنچە مۇناسىۋەتسىز سۇئالىغىمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شۇ قەدەر ھۆرمەتلىنىۋاتقانلىقىدىن ،ئۆزلىرىنىڭ دەرىسخانىنىڭ ھەقىقىې غۇجايىنىغا ئايلانغانلىقىدىن ،سۇيۇنۇپ ،ئازادىلىك ئىچىدە ئۆگىنىشىكە كىرىشىدۇ .

10. خاسلاشقان ۋە ئېچىۋىتىلگەن دەرىسخانا

خاسلاشقان دەرىسخانا-يېڭى دەرىسخانا ئۇقۇتۇشىىنڭ تەلەپ ،ئۆلچەملىرىگە ماس ھالدا ،ھەربىر ئوقۇتغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس مۇھىتى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .بۇنداق بولغاندا ،بىرى،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز مىجەز ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدىكى ئاكتىپ مەنىدىكى خاس دەرىسخانا بەرپا بۇلىدۇ ،يەنە بىرى ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن دەرىس بايلىقىنى قېزىش ۋە ئەتراپتىكى دەرىس بايلىقىدىن پايدىلىنىش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ .ئاتا –ئانىللىرىنى ،كەسىپداشلارنى ،تەڭ قاتناشتۇرۇش ،دەرىس ھەققىدە ئورتاق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ۋە تەكلىپ –پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ ،خاسلاشقان دەرىسخانىدا شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس دەرىسخانا ئوقۇتۇش ماھارىتى ۋە پاراستى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار رازى بولغۇدەك دەرىجىدە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرلىدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن،ئېچىۋىتىلگەن دەرىسخانا ئارقىلىق ئۇقۇتقۇچىنىڭ خاسلىقى ،پىشىپ يېتىلىش جەريانى ئەتراپتىكى كەسىپداشلارغا  ،دەرىس ئاڭلىغۇچىلارغا مەلۇم بۇلۇپ تۇرىدۇ ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ  خاسلىقى ،پىشىپ يىتىلىش ،جەريانى ئەتراپتىكى كەسىپداشلارغا ،دەرىس ئاڭلىغۇچىلارغا مەلۇم بۇلۇپ تۇرىدۇ ،بۇ ئارقىلىق دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا مەلۇم چاقناشلارنىڭ ،ئۈلگە بولغۇدەك تەرەپلەرنىڭ دىققەتكە ئېلىنىشىغا تۈرىتكە بۇلىدۇ .

خوش ،دەرىسخانىدىكى ئادەم قانداق ئادەم ئىكەن ،ئوقۇتقۇچى قانداق قىلسا ئاندىن دەرىسخانىدىكى ئادەمنى تاپالايدىكەن ؟...بۇنى كەسىپداشلار ئاللىقاچان ھىس قىلىپ بولدى .

ھاياتنىڭ ھەقىقى پىشىپ يىتىلىش جەريانى –ئىزچىل توغرا بۇلۇش جەريانى ئەمەس ،داڭلىق ئەدىب تاگور ئېيىتقاندەك :«ھەقىقەت دەرياسى خاتالىق جىلغىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ.»خاتالىقنى بارغانچە ئاز ئۆتكۈزۈش –بەلكىم پىشىپ يىتىلىۋاتقانلىقنىڭ مۇھىم ئالامىتى بولسا كىرەك .بىزنىڭ دەرىسخانىمىز ئەنە شۇنداق مۈدۈرۈپ قۇپۇش جەريانىدا دەرىسخانىدىكى ئادەمنىڭ جىسمانىيتىدىن باشقا ،ئۇنىڭدىنمۇ زۆرۈر بولغان ئادەمنىڭ روھيىتىگە تەسىر قىلالىسا ،ئادەمنى ئادەمدەك كۆرسە ،كۆز ئالدىدا ئولتۇرغان سەبىيلەرنىڭ ئامرىكىدىكىگە ئوخشاش ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى ئىجادچان روھقا ئىگە ،لاياقەتلىك ئادەم بۇلالايدىغانلىقىغا ئىشەنسە ،دەرىسخانىمىزدىنئەنسىرەشلىرىمىزنىڭ ،غۇدۇراشلىرىمىزنىڭ ،تەنبىھلىرىمىزنىڭ ...ھاجىتى قالمىغان بۇلاتتى!

مەنبە: "شىنجاڭ مائارىپى" ژورنىلى 2011.يىللىق 7-8 سانى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qartekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 03:15 PM  


تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5634
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4631 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق زور قىزىقىش بىلەن ئوقۇپ چىقتىم، ئەنۋەرجان سادىق ئەپەندىنىڭ مائارىپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ يېزىپ چىققان ئۇشبۇ ماقالىسىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم. ھەممە ئوقۇتقۇچى سىزدەك ئويلىغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولغان، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بولغان بالىلىرىمىزدىن غەم قىلمىغان بولاتتۇق. بىراق ھازىر مائارىپىمىزغا ھەقىقەتەن ھال چۈشىۋاتىدۇ، تۈركۈمگە بۆلۈپ تەربىيەلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا ئۆزگۈرۈش بولىۋاتامدىغاندۇ؟ مەن ئوقۇتقۇچى ئەمەس، بىراق بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى بولسام بوپتىكەن دەپ قالدىم. ياشىنىپ كەيىنىمگە نەزەر تاشلىغان ۋاقىتمدا، مەن مانچە يىلدا مانچىلىك ئوقۇغۇچى تەربىيەلەپ،  مانچىسىنى ئادەم قىلىپ، مانچىسىنى ياراملىق قىلىپتىمەن دەپ ئەسلىمىلىرىمدىن پەخىرلىنىپ، ئۆتكەن كۈنۈمگە پۇشايمان قىلماس ئىكەنمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 04:19 PM  


بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ھەر بىر كشىنى ھۆ

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 1265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5152
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2336 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-5-1
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق قىلدۇ ھازىر نەتىجە ئمتھان مائارىپى تۇرسا ،مىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچۇمىنىڭ بىر سۆزى ئېسىمگە كېلىپ قالدى .ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئوقۇتقۇچى : «ئۆزەڭ چۈشەنگەنىنى ئۈگەن ،بۈلمگەنگە ئېسلۋالما ؟ بولمسا ئىمتھاندا زىيان تارتىسەن .....»   دىگەن ئىدى . دەرسخانا مۇھىتىنى قانداق ھاراتكە ئەپ كېلش بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مىتۇتىغا باغلىق .

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74269
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-1-30
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
،بۇ خۇددى قۇشنىڭ قانىتنى بۇغۇپ قۇيۇپ ،ئۇنىڭغا سۇ بىلەن داننى ۋاختى –ۋاختىدا بەرگەنگە ئوخشاش كۇڭۇل بۈلۈش بولدى
مۇشۇ گىپىڭىز نىڭ ئۆزىلا ناھايتى جانلىق ۋە ئىپادىلەشچانلىقى كۈچلۇك بۇلۇپ  پۇتۇن بىر كىتاپنى ئۇقۇپ چىققاندەك بىلىمگە ئىگە قىلىدىغان گەپ بۇلۇپتۇ.

تىمتاس لېرىكا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 519
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 638
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-4-28 04:25 PM
قانداق قىلدۇ ھازىر نەتىجە ئمتھان مائارىپى تۇرسا ،مىنى ...

توغرا ، بۇ پىكىرنى قوللايمەن

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

ئەقىلسىز دوستۇڭ

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20890
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2795 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مەكتەپتىلا ئەمەس ئائىلىدىمۇ بەزى ئاتا _ ئانىلار پەرزەنىتلىرىنى « نىمە ئۈگەندىڭ ؟» دىگەننىڭ ئورنىغا « ئىمتاھاندا نەچچە ئالدىڭ ؟ » « نىمانداق تۆۋەن ئالدىڭ » ........... دەيدىغان بولۇپ قالدى ، شۇ پەرزەنىتلىرى ئاتا - ئانىسى ئۈچۈن 100 نومۇر ئىلىپلا بەرسە كۇپايە بولىدىغاندەك ،

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئىش ئادەمگە باغلىق!!!

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3371
يازما سانى: 745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8172
تۆھپە نۇمۇرى: 327
توردا: 2824 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەكىلۋازلىققا تولغان جەمئىيەت ، ئائىلە ، مەكتەپنىڭ نەتىجىسى .

ھۇرۇنلۇق ئادەمنى باشلار زاۋاللىققا.......

<<ئانا &am

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9420
تۆھپە نۇمۇرى: 556
توردا: 5395 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2012-4-29
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۇتۇرۇپ ئىسمىنىمۇ تۇزۇك يازالمايدۇ

گۈزەل قەلب، گۈزەل ھاياتلىق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 231
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ،ھەقىقەتەنمۇ ھازىرقى مائارىپىمىز تەربىيلەپ يىتىشتۈرگىنى ئوخشاش قېىلىپقا سالغان ماشىنا ئادەمگە ئوخشاشلا

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ!

گۈزەل قەلب، گۈزەل ھاياتلىق

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 231
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ،ھەقىقەتەنمۇ ھازىرقى مائارىپىمىز تەربىيلەپ يىتىشتۈرگىنى ئوخشاش قېىلىپقا سالغان ماشىنا ئادەمگە ئوخشاشلا

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش