تەرجىمانلىرىمىزغا ئىككى شىڭگىل
مەن ئادەتتە ئىزدىنىش،مىسرانىم ۋە ئەلكۈيى قاتارلىق ئۈچ مۇنبەرنىڭ دائىملىق كۆرۈرمىنى.توردىكى بىرىنجى تاللىشىم ئىزدىنىش تورى ئاندىن قالسا مىسرانىم .ئادەتتە باشقا تور بەتلەرگە ئىزىپ-تىزىپمۇ چىقىپ قالمايمەن.تور مۇنبەرلىرىدە يۈرگەن مۇشۇ نەچچە يىللاردىن دىققەت قىلمىغان ئىشلارغا مۇشۇ يىقىندىن بۇيان سەل ئىتىۋار بىرىدىغان بولۇپ قالدىم.تۈركىيە كىنولىرى تەسىرىدىن رايونىمىزدا قوزغىلىۋاتقان تۈركچە ئۈگىنىش،تۈركچە تاماق يىيىش،تۈركچە كىيىم كىيىش قاتارلىق ئىشلارغا ئەگىشىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە تۈركچىدىن ماتىرىيال خەۋەر-ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىزگە قىرىنداش مىللەت ھىساپلىنىدىغان تۈركلەرنى چۈشىنىش،بىلىش ئىمكانىيتى يارىتىپ نەزەر دائىرىمىزنى كىڭەيتىشكە كۆپ پايدىسى بولدى دەپ قارايمەن.لىكىن مۇشۇ يىقىندىن بۇيان مۇنبەرلەرگە تۈركچىدىن ماتىرىيال يوللاۋاتقان تورداشلىرىمىزدا كۆرىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىمىزغا تۈركچە ئىبارىلەرنى قوشىدىغان،تۆكمە قىلىدىغان ئىشلار مىنىڭ دىققىتىمنى تارتىپ قىلىۋاتىدۇ.ئالدىنقى بىر قىتىمدا ئىسىمدە قىلىشىچە ئىزدىنىش تورىدىكى كەتمەن باي ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ ئاشۇنداق بىر ئىشىغا مەلۇم بىر تورداشنىڭ دىققەت قىلغان ئىدى.بۈگۈن مۇنبەر كىزىپ يۈرۈپ مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ماۋۇ تېمىنى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-75660-1-1.html
كۆرۈپ كۆپىنچە توراشلىرىمىزغا تونۇشلۇق بولغان تارىمى ئاگېنتلىقى تور بېكىتىنى ئىزدىنىش توردىكى << قورقونۇشلۇق ئامىرىكا>> دىگەن تېمىسى بىلەن تورداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان توردىشىمىز تۇماققا سوۋغا قىلغان تونۇشىمىز تاھىرجان ئىمىن نامىدىكى يۇقارقى يازمىدا كۆرۈلگەن خاتالىقلار مىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.مەقسىتىم تېرناق ئاستىدىن كىر كولاش بولماستىن بۇنداق قىلمشلارغا قارىتا نارازىلىقىمنى ئىپادىلەش ھەم تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە مۇنۇ يازمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
يۇقارقى يازمىدىكى مەن خاتا دەپ قارىغان يازمىلار تۆۋەندىكىچە:
يۇقارقى رەسىمدە قىزىل بويالغان يەردىكى ئۇيغۇرچىغا تاھىر ئىمىن ئاغدۇردى دىگەن گەپنىغۇ ھەرقانداق ئۇيغۇر چۈشىنىدۇ.لىكىن بۇنى تاھىر ئىمىن تەرجىمە قىلدى دەپ ئاتاش كىرەكمۇ ياكى ئاغدۇردى دەمدۇق.مەن مۇشۇ يىشىمغىچە تەرجىمە قىلدى دەپ ئاڭلاپ كەلگەن ھەم ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان ماقالە ئەسەرلەردە تەرجىمە قىلدى،قىلىندى دەپ ئىلىۋاتقان ئىدىم.تاھىرجاننىڭ بۇنداق غەلىتە ئۇسۇلدا مەزمۇن ئىپادىلىشى مىنى باشقىچە تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى.
يۇقارقى مەزمۇندىكى سىياسەتكە چۇڭقۇرلاشنى تاللىغان دىگەن گەپلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا،يازمىلىرىمىزدا مەن ھىچبىرزامان ئۇچرىتىپ باقماپتىكەنمەن.مەنچە بولغاندا بۇ جۈملىگە چۇڭقۇرلاش دىگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەندىن كۆرە ياش چاغلىرىدىن باشلاپلا ئىجتىمائىي ھايات ۋە سىياسىنى كەلگۈسى نىشانى قىلىپ تاللىغان دىسەك بولامدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقارقى مەزمۇندىكى ھەمكارلىق روھىنى ئۆزىگە ئىنتايىن كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپ ئۆگەتكەن...ئاخىرغىچە..
بۇ مەزمۇندا مىنىڭچە ئىپادىلەش جەھەتتە مەسىلە بار دەپ قارايمەن.مەن ئىنتايىن كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپ دىگەن گەپنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم.تەرجىمە ئىپادىلەشتە ئادەمنىڭ يىشىنى سىلىشتۇرۇشتا ئىنتايىن چوڭ دىسە قانداق بولىدىكىن لىكىن بىر ئادەمنىڭ كىچىك ۋاقتىنى ئىنتايىن دىگەن سۆزنى قوشۇپ قويۇش ئارقىلىق زادى قانچە ياش ۋاقتى مۇشۇ جەھەتتە خاتالىق كۆرۈلگەندىن باشقا يۇقارقى رەسىمدىكى مەزمۇندا تەرجىمە ۋە لوگىكىلىق جەھەتتە خاتالىق سادىر قىلغان.
يۇقارقى مەزمۇندىمۇ ئاكتىپ ۋەزىپە ئالغان،ۋەزىپىلەرنى داۋاملاشتۇرغان ئەسكىرى زەربىسى قاتارلىق تىلىمىزدا ھىچبىرزامان ئىشلىتىلىپ باقمىغان ، غەلىتە تەرجىمە ئۇسۇللىرى ۋە ئەبجەش ئىبارىلەر قوللىنىلغان.يۇقارقى جۇملىلەردە ئاكتىپ ۋەزىپە ئالغان،ۋەزىپىنى داۋاملاشتۇرغان،ئەسكىرى زەبەر دىگەن سۆز ھىچقانداق بىر مەتبۇئاتتا ياكى ھىچبىر ئورۇندا ئىشلىتىلگەن ئەمەس.
يۇقارقى مەزمۇندىكى بۈيۈك غەلبە دىگەن سۆزنى ئادەتتە نىمە دەپ قوللىنىمىز،رىفراندۇم دىگەن نىمە ئۇ.
تېمىدا يۇقارقى مەزمۇنلارنى قوللىنىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىمىزدا ئىپادىلەش تامامەن مۇمكىن تۇرسا تاھىرجاندىن ئىبارەت بىلىملىك زىيالىي تورداشلىرىمىز ئىپادىلەشتىن چۈشۈپ قالغان ياكى يىڭىدىن پەيدا بولغان ئەبجەش ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش مەقسىتى زادى نىمە.نىمە ئۈچۈن تەرجىمىنى تۈزۈك قىلماي نەچچە خىل تىلنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتقان تىلىمىزغا نەدىكى بىر نىمىلەرنى قوشۇپ قويىدۇ.
كەمىنە ئۆزۈمنى بەك بىلىملىك چاغلاپ كەتمىسەممۇ لىكىن تىلىمىزغا زورىغا بۇنداق ئەبجەش سۆزلۈك،ئەبجەش ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى قوشۇشقا تامامەن قارشى،بىر ئوبدان تىلىمىز بولغاندىن كېيىن تىلىمىزنى قەدىرلەيلى.تەرجىمە قىلالىساق تۈزۈك قىلايلى.بىر سائەتتە تەرجىمە قىلىدىغاننى ئىككى سائەتتە قىلساقمۇ قىلايلىكى لىكىن تىلىمىزغا نىجاسەت سۈركەپ يۈرمەيلى.
يۇقارقى مەزمۇنلار مىنىڭ شەخسى قارىشىم،ئەگەر مەن جىق ئويلىۋالغان بولسام تورداشلارنىڭ كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەزكۇر يازما ئىزدىنىش ۋە مىسرانىم،ئەلكىن تورىغا بىرلا ۋاقىتتا يوللاندى.