مانا بۇ«ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ»ئەمەس!
قاسىم سىدىق
بىز بەزى كەسىپ ئەھلى ھىساپلىنىدىغان كىشلەرنىڭمۇ بەزى تېمىلارغا يولۇققاندا بۇ تېمىدىكى كۇنكىرىت نۇقسان ياكى ھەل قىلىشقا تىگىشلىلىك مەسىلىلەرنى كۇنكىرىت كۇرسەتمەي،ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئۇستىدە ئىلمى مەسلىھەت بەرمەي ھە دىسىلا «ئۇنداق قىلىش كىرەك»،«مۇنداق قىلماسلىق لازىم»،«پالانى ئالىم مۇنداق گەپ قىلغان» دىگەندەك ئابىستىراكىت،ئاتالمىش «ھەممە باپ»بولغان«ئولۇغ قۇرۇق گەپ»لەرنى قىلىدىغانلىغىنى بىلىمىز.بونداق گەپلەرنىڭ ھەيۋە-نوپۇزى جاھاننى بىر ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى ساۋاتلىق ياكى ساۋاتسىز بىر ئادەم بولسۇن بۇنداق گەپلەردىن نەچچە تاغار يادىلىۋالالايدۇ. بۇنداق گەپلەرنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى چوڭ بولىدىغان بولسا ھازىرقى جاھان بۇ ھالدا تۇرمايتى.تارىخنى ئىلگىرلەتكىنى ھەيۋەتلىك ئۇلۇق قۇرۇق گەپلەرئەمەس،جاپالىق،كۇنكىرىت ئەمىلى ئەمگەكلەردىن ئىبارەت.
مەن شەكىل نەزەريىسىنىڭ پەلسەپە-لوگىكىلىق رامكىسىنى ئاساسى جەھەتتىن تورغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن مۇشۇنداق ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ قىلغۇچىلارنىڭ دەردىنى كۇپ تارتىپ كەتتىم.بۇنداق ئۇلۇغ قۇرۇق گەپلەرنى يادلىۋالغۇچىلار شۇ گىپىنى بىرقىتىم قىلىپ قۇيۇپ تۇختاپ قالسىمۇ بولاتتى ،لىكىن بەزىلىرى شاتۇتىدەك بىرلا گەپنى تەكرارلاۋىرىپ زىرىكمىدى.ئۇلارنىڭ دەيدىغىنى پەقەت ئىككى ئېغىزلا گەپكە يىغىنچاقلىغىنى بولىدۇ:
1.شەكىل نەزەريىسىنىڭ ماتىماتىكىلىق مۇدىلى يوق،ماتىماتىكىلىق مۇدىلىنى تۇرغۇزۇش كىرەك.
2.شەكىل نەزەريسىنىڭ تەجىرىبە ئىسپاتى يوق.تەجىرىبە ئىسپاتىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش لازىم.
مەن ئىزچىل ھالدا كەسىپ ئۇقۇغانلارنىڭ خالىسا بۇتەتقىقاتقا قاتنىشىپ ماتىماتىكىلىق مۇدىللىرىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشنى،تەجىرىبە ئىشلەپ كۇرۇشىنى ، ئۇزى قولغا كەلتۇرگەن نەتىجە ئۇزىگە تەئەللۇق بولىدىغانلىغىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم. مەندە ئۇنچىلىك «دەسمى»نىڭ يوقلىغىنى ئەستايىدىللىق ۋە راسىتچىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدۇم.نەتىجىدە ئالىمجان ئوبولقاسىم ،جۇرئەت ئەنۋەر قاتارلىقلار تەجىرىبە قىلىپ نەتىجىگە ئىرىشتى.ئالىمجان قىلچىلىك «ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ»قىلماي قول سىلىپ ئىشلەپ دەسلەپكى ئۇزى زادىلا كۈتمىگەن نەتىجىگە ئىرشكەندىن كىيىن ئاندىن بۇ تەتقىقاتقا رەسمى كىرىشتى.
ھازىرمۇ ئۆزىنى كەسىپ ئەھلى ھىساپلايدىغان نۇرغۇن ئەپەندىلەر ئىنسان بىنا بولغاندىن تارتىپ قايتا-قايتا سۆزلىنىپ يادا بولۇپ كەتكەن«ئولۇغ قۇرۇق گەپلەر»نى تەكىرارلىماقتا.ھەتتا بۇ «ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ»لەرنى شەكىل نەزەريىسىنى سېسىتىشنىڭ قۇرالى قىلىۋالماقتا.بۇنداقلارغا پەرۋايىم پەلەك. شەكىل نەزەريىسى بۇران-چاپقۇن ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەۋىرىدۇ.دەسلەپكى نەتىجىلىرى چوڭ بۇلسۇن كىچىك بولسۇن،تۇغرا بولسۇن،خاتا بولسۇن «ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ»قىلماي ئەمىلى ئىش قىلىدىغانلار ھامان چىقىدۇ ۋە ئاخىرى «توغرا»نى تاپالايدۇ.«مىسرانىم»دىكى esyankar75
تورداش «ئولۇغ قۇرۇق گەپ قىلماي ،ئەمىلى ئىش قىلىدىغانلارنىڭ بىرىدەك تۇرىدۇ.ئۇنىڭ«قاسىم سىدىق: مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە»دىگەن تېمىنىڭ 11-12-قەۋەتلىرىگە يازغان تۆۋەندىكى ئىنكاسلىرى ھەرگىز«ئولۇغ قۇرۇق گەپ»ئەمەس!.
9 مىنۇت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (30.34 KB)
ئەگەر 29-تېئورمىنى ئېسپاتلاش ئۈچۈن ئىشلەنگەن تەجرىبىدە خاتالىق بولمىسا ، يەنى يۇقىرقى رەسىمدىكىدەك شارچە ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ تۆۋەنگە چۈشىدۇ .
ئەگەر ئېغىش بۇلىڭىنى Aدېسەك شارچىنىڭ تېزلىنىشىنى aدېسەك :
شارچىنىڭ ھەركىتى ئىككى خىل ھەركەتكە ئاجرىشى مۇمكىن يەنە ، ئەركىن چۈشكەن جىسىمنىڭ ھەركىتى ۋە گورزېنتال يۆنىلىشتىكى تۈز سېزىقلىق تەكشى ھەركەت .
بۇ ھالدا شارچېنىڭ تېزلىنىشىنى a=cosA\g
ئەگەر ئېغىش كۈچىنى Fدەپ ئالساق F=ma
بۇ چاغدا ئېغىش كۈچى بىلەن ئىغىش بۇلىڭىنىڭ مۇناسىۋېتى
F=cosA\G بۇلۇشى مۇمكىن ، Gتۇراقلىق مىقدار بولغاچقا بۇ چاغدا ئېغىش كۈچى ئاشسا cosAنىڭ قىممىتى كېچىكلەيدۇ ، بۇلۇڭA ئاشىدۇ ، ئېغىش كۈچى ، ئېغىش بۇلىڭى ئىككىسى ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ .
بۇ پەقەت مۇنداقلا پەرەز يەنى 29-تېئورمىنىڭ تەجرىبىسى خاتالىقسىز ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ.
يەنە نۇرغۇن يوللار بار ، يەنى بۇ يەردە ئېغىش كۈچى دېگەن بۇ كۈچكە تولۇق ئېنىقلىما بېرىش ، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان جىسىمنىڭ بۇلۇڭلىق تېزلىكى بىلەن بۇنىڭ مۇناسېۋىتىنى تېپىپ چېقىش ،
باشتا ئىككىسى ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ دەپ ئويلىساق چوقۇم تەجرىبىدە ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان جىسىمنىڭ تېزلىكىنى ھەر خىل قىلىپ قايتا قايتا ئىشلەپ بېقىپ ، ئاندىن سېتاستېكا قىلىپ ئىسپاتلاپ چېقىش ، بۇ يەردىكى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق بىر ئېغىش كونىفىنستى تۇرغۇزۇپ بېقىش كىرەك .
بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە ،F كۈچنىڭ چامىسىنى ئىنىقلاش بولىدۇ.
بۇ نەزەرىيەلەردىكى 29-تېئورمىنى نۇقىتلىق قىلىپ تەتقىق قىلىپ باقسا بەلكىم ئۈنۈم كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ھەم ئاسانراق باشقىلار، ئويلىمىغان ھادىسە (راسلا ئېغىش ھادىسىسى كۆرۈلسە)، بۇ تولۇق ئېسپاتلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاندىن نوپۇزلۇق ژورناللاردا ئېلان قىلىنسا ، چەتنىڭ ئالىملىرى (شەكىل نەزەرىيىسىگە ) قىززىقاتتى ۋە قاسىمكام ئۈچۈن داغدام يول ئېچىلاتتى.
2012-3-17
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-17 10:01 PM