مەن ئالدىراش بىر ئش بىلەن تۇردىن ئايرىلدىم.ئاۋال ماۋۇلارنى ياخشى تەھلىل قىلىپ تورغايسىزلەر:
مۇتلەق ھەجىم
ھەر قانداق فىزىكىلىق شەكىلنىڭ ھەجىمگە يىغىنچاقلىندىغانلىقى ۋە فىزىكىدىكى زىچلىق ئۇقۇمى مەۋقەسىدە تۇرۇپ، ئوخشىمىغان جىسىم ۋە سېستىمىلارنىڭ زىچلىقىنىڭ پەرىقلىندىغانلىقى شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرغىچە ھەجىمگە ئىگە بولمىغان ماددىنى بايقىمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئېنىرگىيە مۇتلەق تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
ئېنىقلىما:
مۇتلەق ھەجىم- ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئېنىرگىيەنىڭ كىرىتىك زىچلىققا يەتكەن تۇراقلىق گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى.
«مۇتلەق ھەجىم» ئۇقۇمىغا ئىگە بولمىغان ئەنئەنىۋىي (كىلاسسىك) فىزىكىدا؛
تىئورىما:
ماددىنىڭ (ماسسا- ئېنىرگىينىڭ) زىچلىقى بىلەن ماكاننىڭ گىئومىتىرىيلىك مىقدارى تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ.
يۇقارقى پەرەز مۇقەررەر ھالدا «كىرىتىك زىچلىق» ۋە «مۇتلەق ھەجىم» ئىدىيىسىگە ئېلىپ كېلىدۇ.بۇ ھالدا؛
تىئورما:
ماددىنىڭ (ماسسا-ئېنىرگىيىنىڭ) مۇتلەق ھەجىمى بىلەن شۇ ماددا ئىگەللىگەن ماكاننىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى باپ-باراۋەر بولىدۇ.
ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلېمىنتار زەررىچە
ئېنىقلىما:
ھەقىقىي مەنىدىكى ئېلېمىنتارزەررىچىلەر- پۈتكۈل ماددى ئالەمنى تۈزىدىغان، ئۆزى تۈزۈلۈشكە ئىگە بولمىغان ئەڭكىچىك ماددى نۇقتا.
خۇسۇسىيەتلىرى:
1.شار شەكىللىك بولىدۇ،
2.ساقلىنىش قانۇنلىرىدىكى بارلىق مىقدارلار ئۇلارغاتەقسىملەنگەن بولىدۇ.
3.مۇسبەت، مەنپىي، نېيتىرالدىن ئىبارەت ئۈچ خىل خۇسۇسىيەتكەئىگە بولىدۇ.
4.مۇتلەق قاتتىق بولۇپ، سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە ئەمەس.
5.ھەجىمى مۇتلەق تۇراقلىق بولىدۇ.
ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئېنىرگىيىنىڭمۇتلەق ھەجىمى ئالەمدىكى بارلىق ئېلېمىنتار زەررىچىلەر ھەجىمىنىڭ يىغىندىسدىن ئىبارەت.
ئېلېمىنتار زەررىچىلەرنىڭ شەكلىنى ئالەمدىكى بارلىق شەكىللەرنى تۈزىدىغان ئېلېمىنتار شەكىل دېيىشكە بولىدۇ.
«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»نىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنىلىشى»دىن تەرمىلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-12 04:09 PM