مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1632|ئىنكاس: 19

قاسىم سىدىق: مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 10:53:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە

قاسىم سىدىق


  كىلاسسىك فىزىكا ۋە بۈگۈنكى دەۋىردىكى بارلىق فىزىكا نەزەرىيىلىرى ئىچىدە مىنىڭ بىلىشىمچە «ماددا (ماسسا ئېنىرگىيە) مۇتلەق تۇراقلىق ھەجىمگە ئىگە » دەيدىغان بۇنداق ئىدىيە ۋە ئۈقۈم يوق. مەن «فىزىكىلىق شەكىل»نى يادىرۇ قىلغان تەپەككۇر جەريانىدىن مۇقەررەرھالدا يۇقارقىچە ئىدىيىگە ئىرىشتىم. مەندىن باشقا كىملا بولمىسۇن مىنىڭ مىتۇدىمنى قوللانسا ئوخشاش نەتىجىگە ئىرىشەتتى دەپ قارايمەن. مىنىڭ بۇخىل ئىدىينى تەشەببۇس قىلىشىم ۋە ئۇنىڭغا ئىرىشىشىمگە، ئاساسىي جەھەتتىن فىزىكىدىكى «زىچلىق» ئۈقۈمى بىلەن«ھەقىقى مەندىكى ئېلمنتار زەررىچىلەر مەۋجۇت» دەيدىغان ئىدىيىۋى ئىقىم سەۋەپ بولغان.


تەپەككۇر جەريانىم تۆۋەندىكىچە:


1-  فىزىكىدىكى «زىچىلىق» ئۇقۇمىدىن مەن بىرخىل «كىرتىك زىچلىق» پەرىزىگە ئىرىشتىم.  نۆۋەتتە ئىنسانىيەت تەجىرىبەئارقىلىق ئىرىشكەن ئەڭ يۇقىرى زىچلىق- ئاتوم يادروىسىنىڭ زىچىلىقى بولۇپ،ياپۇنيىلىكلەر بۇنىڭدىن 10 ھەسسە يۇقىرى زىچلىققا تەجىرىبە ئارقىلىق ئىرىشكەنلىگىنى خەۋەر قىلىشتى①.ئارخىمىد «لەيلىتىش كۈچى قانۇنى»نى بايقىغاندىن تارتىپ ياپۇنيىلىكلەرنىڭ يادرو زىچلىغىدىن 10 ھەسسە چوڭ زىچلىققا ئىرىشكەنلىگىدىن ئىبارەت ئۇزۇن تارىخى جەرياننى بىر يۆنۇلۇش كۆرسەتكۇچى دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنىڭ ئۇچى ھامان بىر «كرىتىك زىچلىق»قا ئىنتىلىپ كەلمەكتە.

«قارا ئۆڭكۈرنىڭ كىرىتىك زىچلىقى»، «غەيرى نوقتا» قاتارلىقلار گەرچە نوقۇل نەزەرىيىۋى مەسىلە دىيىلگەن تەغدىردىمۇ،  ئوخشاشلا «كرىتىك زىچلىق» پەرىزىگە ئىلىپ كىلىدۇ. بۇ يەردىكى تەپەككۈر جەريانىدا ھامان ساقلىنىش قانۇنلىرى بولۇپمۇ،ماسسا-ئېنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنى مەركىزى ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنى، شەكىل نەزەرىيسىنىڭ بارلىق پەرەزلىرى، بارلىق تەپەككۈر يۆنىلىشلىرى «ساقلىنىش قانۇنلىرى ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق» دېگەن بۇ پىرىنسىپال نوقتىنى مەركەز قىلىدۇ.

2-  «ھەقىقى مەندىكى ئېلمنتار زەررىچىلەرمەۋجۇت»دېگەن بۇ مەۋقەنىڭ تارىخى يېلتىزىمۇ قەدىمكى يونان پەيلاسۇپلىرىدىن لئوكېپپوس ۋە دىموكىرتلارنىڭ تەلىماتلىرىغا بىرىپ چىتىلىدۇ. نۆۋەتتە ھىككىس زەررىچىسى (پەرۋەردىگار زەررىچىسى)نى ئىزلەش قىزغىنلىقى ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقى مەندىكى ئېلمنتار زەررىچىلەرنى تىپىش تارىخىدىكى كۈچ ئۇلاپ يۇگرەش مۇساپىسىنىڭ دەۋرىمىزدىكى مەنتىقى راۋاجىدىن ئىبارەت. مۇبادا ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتارزەررىچىلەر مەۋجۇت دەپ پەرەز قىلىنمىسا «فىزىكىلىق ئالەم»②نى تولۇق ئىپادىلىگىنى بولمايدۇ-دە. فىزىكا «ماددا چەكسىز پارچىلىنىدۇ»دەيدىغان بۇنداق ماتېماتىكا ئويۇنىنىڭ دەخلى-تەرەزىسى سەۋەبلىك چوڭ ئاساسىدىن ئايرىلىپ، مەڭگۇ تاماملانمايدۇ. دېمەك، «ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچىلەر مەۋجۇت» دەپ قاراش شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئۇزۇل –كېسىل شۇنداقلا پىرىنسىپال مەۋقەسى.

«مۇتلەق ھەجىم» زادى قانداق رىئاللىق، «مۇتلەق ھەجىم» ماھىيەتتە «فىزىكىلىق ئالەم»نى شەكىللەندۇرگەن، ھەقىقى مەندىكى ئېلمنتار زەررىچە - «ئىيىن»لارنىڭ گىئومىتىرىيىلىك ھەجىمىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. «ئىيىن»لارنىڭ ئىچكى تۈزۈلۇشىگە ئىگە بولمىغان،مۇتلەق قاتتىق، ئەڭ كىچىك زەررىچە ئىكەنلىگى ھەققىدە مەن ئالاقىدار ماقاللىرىمداتوختولۇپ ئۆتكەن③. بۇ يەردىكى«قاتتىق» دېگەن سۆزنى كىلاسسىك مەنىدە «كۈچ» ئۇقۇمىغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشقائەسلا بولمايدۇ. «قاتتىق»نىڭ شەكىل نەزەرىيەسى خاراكتېرىلىك مەناسى شۇكى، بۇ دېگەنلىك، ئۇنى ھەرگىز پارچىلىغىلا بولمايلا قالماي، ئۆزىمۇ ئەسلا پارچىلانمايدۇ، شۇنداقلائۇنىڭغا يەنە بىر زەررىچىنى سىغداپ كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇ يەردە«ئىيىن» ئوبېكتىپ چىنلىق سۇپىتىدە مەۋجۇت دەپ قاراش نوقۇل ھالدا شۇنداق بىر«فىزىكىلىق ئالەم»نىڭ «كىسىكى» بولغان «ئەڭ كىچىك» زەررىچىنىڭ مەۋجۇتلىگى ھەققىدىكى تەشەببۇس مەسىلىسىلا ئەمەس بەلكى ئۇ يەنە تەتقىقات ۋە تەپەككۈر مىتودى مەسىلىسىدۇر. باشقىچە ئېيتقاندا «ئىيىن» مېكرۇدىن ماكرۇغا قاراپ يۈزلەنگەن تەپەككۈر ۋە تەتقىقاتنىڭ چىقىش نوقتىسى ۋە ئۇل ئاساسىدىن ئىبارەت.

«مۇتلەق ھەجىم» ۋە ياكى «ئېلمنتار زەررىچە» مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭغاكىلاسسىك مەنىدىكى «زىچلىق» ئۇقۇمىنى تەدبىقلاشقا بولمايدۇ. سەۋەپ «مۇتلەق ھەجىم»دېگەن بۇ ئىدىيە پەقەت ئۆز ھەجىمى بىلەن باپ-بارەۋەر بولغان ماكاننى پۇتۇنلەي تولۇق قاپلىغان ماددا (ماسسا ئېنىرگىيە) بولغاچقا بۇ يەردە «زىچلىق» ئۈقۈمى ئەھمىيەتسىز. يەنى «مۇتلەق ھەجىم»نوقتىسىدىن قارىغاندا ئاللىقانداقتۇر «ماددا-سانىنىڭ ئاز كۆپلىكى» مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، مەن بۇ ھەقتە ئىلگىركى بىر ماقالەمدە توختولۇپ ئۆتكەن④.

بۇيەردە قىستۇرۇپ ئۆتۇشكە تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، «ئىنىرگىيە» كىلاسسىك مەنىدىكى ئۆلچەم -پارامىتېر بولماي ، ئېنيىشتېيننىڭ مەشھۇر فۇرمۇلىسىدا كۆرسىتىلگەندەك، ماددىنىڭ (ماسسىا-ئېنىرگىيەنىڭ)يەنە بىرخىل شەكلى ھىسابلانسا، ئۇ ھالدا،«ئېنرگىيە»ئوخشاشلا «مۇتلەق ھەجىم»گە يىغىنچاقلىنىدۇ. يەنى «ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمنتار زەررىچە ئىيىن» بىلەن «ئېنىرگىيە»نىڭ ئەڭ كىچىك كۋانتى (بۇ بىر پەرەز) بىرخىل رىئاللىقنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى بولۇپ قالىدۇ. «ئېنىرگىيە»، «غۇۋا ئېنىرگىيە»، «غۇۋا ماددا»،«ئانتى ماددا» قاتارلىقلارنىڭ تارىخى تەقدىرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر شەكىل نەزەرىيىسىگە پىرىنسىپال قىيىنىچلىق كەلتۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. پەقەت «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ رادىئۇسىدىلا ئۆزگىرىش يۈز بىرىدۇ، خالاس!

  ئالاھىدە تەكىتلەشكە تىگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى؛«مۇتلەق ھەجىم» ئىدىيىسى، نۆۋەتتىكى پەلسەپە ۋە نەزەرىيىۋى فىزىكىغا نىسبەتەن «قارىشى ئىلىنمايدىغان مىھمان»دىن ئىبارەت. ئېنيىشتېيىن سەۋەبىدىن نوپۇزلۇق ئورۇنغا چىققان«ماكان- ماددىنىڭ كىڭىيىشچانلىقى» دېگەن بۇ ئىدىيە نۆۋەتتە فىزىكا بۇياقتا تۇرسۇن،يېڭى ئىدىيەلەرگە بەكمۇ پاسسىپ، مەلۇم مەنىدە كونسىرۋاتىپ، تەرەققىيات قەدىمى تولىمۇ ئاستا ھىسابلىنىدىغان پەلسەپەدىمۇ ھۆكۈمران ئىدىيەگە ئايلاندى. دەل مۇشۇ ھۆكۈمران ئىدىيە ئاتالمىش «ئوبېكتىپ زامان» بىلەن بىرلىكتە، بۈگۈنكى دەۋىر پەلسەپەسى،نەزەرىيىۋى فىزىكىسى، ئالەمشۇناسلىقنىڭ ئىچكى زىدىيەتلىرى ۋە ئۆز-ئارا زىدىيەتلىرىنى شەكىللەندۇرۇپ، خىلمۇ –خىل قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.بۈگۈنكى دەۋىر تەبىئىي پەنلىرى  مەلۇم مەنىدە يۇقۇرقى ھۆكۈمران ئىدىيەنىڭ (ئاتالمىش «ئوبېكىتپ زامان» مۇشۇنىڭ ئىچىدە)ئىمپىرىيەسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

  شۇنچە ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك ئىمپىرىيە ئالدىدا شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ «مۇتلەق ھەجىم» ئىدىيىسى شۇنچە يىگانە، شۇنچە «بىچارە».كۆرۈنۇشى مۇمكىن.

لىكىن ئۇ شۇنچە يىڭى ۋە ھاياتى كۈچكە شۇنچە باي،دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى تۆۋەندىكىدەك ناھايتى ئاددى سوئال –جاۋاپلاردىن ئۇزۇق ۋە ئىلھام ئالغان:

__ ھەجىمگە ئىگە بولمىغان ماددا (ماسسا –ئېنىرگىيە)مەۋجۇتمۇ؟

__ياق، مەۋجۇت ئەمەس.

__سىز كۆرۇۋاتقان جىسىملارنىڭ ھەجىمى پۇتۇنلەي ماددىنىڭ ھەجىمىمۇ؟

__ياق، ئۇنداق ئەمەس.

__ئۇنداقتا، كۆرۇۋاتقانلىرىڭىز نىمە؟

__ماددا بىلەن ماكان (نىيۇتۇنچە ھەقىقىي بوشلۇق -«يوقلۇق»)نىڭ ئارلاشما گەۋدىسى.

«مۇتلەق ھەجىم» ئىدىيىسى پەقەت «ھەجىمى بولمىغان ماددا (ماسسا –ئېنىرگىيە)» ۋە «ھەجىمى بولمىغان ھەركەت سوبېكتى» قاتارلىقلار «كەشىپ» قىلىنغاندىلا ئاندىن نۆۋەتتىكى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ماكان-زامان ئىدىيىسىنىڭ بۇ كاتتا ئىمپىرىيىسى ئالدىدا ئاق بايراق چىقىرىش مۇمكىن. ئۇنداق بولمىغىنىدا، بۇ ئىدىيە تەدىرىجى ھالدا بىر تەۋەككۇلچى شۇنداقلا «ئاسى» قوشۇننى شەكىللەندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېڭى ئىمپىرىيىسىنى يارتىدۇ.

ئەمدى يۇقارقى ئۈزۈلۈپ قالغان دىئالۇگنىڭ داۋامى تۆۋەندىكىچە يىزىلىدۇ:

__ئۇنداقتا، سىز كۆرۇۋاتقان بۇ «ھەجىم»نى نىمە دەپ ئاتايمىز؟

__«كۆرۇنمە ھەجىم».

__«كۆرۇنمە ھەجىم» بىلەن «مۇتلەق ھەجىم» نىڭ رادىئوسى ئوخشاش بولامدۇ؟

__ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، مۇتلەق ھەجىمنىڭ رادىئوسى ھەر قاچان كۆرۇنمە ھەجىمنىڭ رادىئوسدىن كىچىك بولىدۇ.

__ئارتۇق ھەجىم نەدىن كىلىپ قالدى؟

__«كۆرۇنمە ھەجىم» بولسا «مۇتلەق ھەجىم»نىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدىكى تىزلىكى ۋە ھەركەت شەكلى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

__تەپسىلىرەك سۆزلەپ باقامسىز؟

__مەن بۇ نوقتىدا «كۆرۇنمە ھەجىم ۋە قاپلاش»دېگەن تېمىدا پات پۇرسەتتە ئايرىم توختىلىمەن.

-----------------------

قاسىم سىدىق: «كۆرۇنمە ھەجىم»،  «قاپلاش» ۋە مەسىلىلەر

2010-يىلى 12-ئاينىڭ19-كۈنى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-13 11:44 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 12:23:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 01:32:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆگۇن خەۋەر تىپىشىمچە ئاخشام ئۇزىنىڭ نامىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشى قاسىم مۇئەللىم بىلەن  qqدا قىسقىچە سۇزلىشىپتۇ.ئۇ كىشى ئىنىرىتسىيە قانۇنىنى تولۇقلاپ بايان قىلىش ئارقىلىق 29-تىئۇرمىنى نىيوتۇن مىخانىكىسىدىن پايدىلىنىپ چۆشەندۇرگىلى بولىدۇ دەپ قارايدىكەن. ئۇ كىشى يەنە «مەن ھىساپلاپ كۇرۇپ تۇۋەندىكىچە بىر يەكۆنگە ئىرىشتىم»دەپتۇ.قاسىم مۇئەللىم بۆگۆن بۇ گەپلەرنى ماڭا دەپ بەرگەندە  بىر ئاز ھاياجانلانغاندەك قىلاتتى.مۇئەللىم «بىزدە ئىقتىدارلىق كەسىپ ئىگىلىرى ئاز ئەمەس،بەزىلەركەچكىچە قۇرۇق گەپ،قۇرۇق تالاش تارتىشلا قىلماي قول سىلىپ ئەمىلى ئىش قىلسا قانداقلا بولمىسۇن بىر نەتىجىگە ئىرىشەتتى.بۇ قۇرۇق گەپتىن مىڭ ھەسسە ئەلا ئىش ئەمەسمۇ»دەيدۇ.تۇۋەندە شۇ ناتۇنۇش كىشى قالدۇرغان ئۇچۇرنى ئاشكارىلىۋەتمەكچىمەن.مۇئەللىمگە جاۋابىنى ئۇزەم بىرىمەن.بۇ ئۇچۇر توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن شۇ ناتۇنۇش كىشىگە تەئەللۇق ئىلمى ئەمگەك.ۋاقتى كەلگەندە گۇۋاھ بولساق بۇلىدۇ:

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ ئۇچۇرى:
cos A=G/F  bolup kalde
2012.3.13


ئەمدى بۇ تېمىدا مۇنازىرە قىلىۋاتقان كەسىپ ئىگىلىرى بۇ ناتۇنۇش كىشىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىگىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقسا!.


cos A=G/F
2012.3.14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-14 01:35 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71877
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3206
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 10:25:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىلىمى قىممىتى بار ئىزدىنىشلەرنىڭ قەدرىنى قىلغۇدەك جاي يوقمىدۇ؟قاسىم مۇئەللىمنىڭ كائىنات مۇنبىرىگە كىرىدىغان ئادەملەرمۇ يوق دىيەرلىك ئىكەن،ئەپسۇسلىنىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3562
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 11:17:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كائىنات ئىچىلمىغىنى خىلى بولدى.نىمە دەرد كەلدىكىن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 11:20:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«كائىنات »يېقىندا ئىچىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25090
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8018
تۆھپە نۇمۇرى: 1117
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 05:17:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ھەممەيلەنگە مەلۇمكى تور دۇنياسىدا قىززىق نۇقتىلارنىڭ بېرى بولۇپ كىلىۋاتقان ئاتالمىش >>شەكىل نەزىرىيىسى << نىڭ داۋراڭلىرى ئاز بولمىدى ، ھېلىھەم شۇ داۋراڭلار پەسكويغا چۈشكىنىمۇ يوق .فىزىكىنىڭ نىمىلىكىنى دەپ بېرلمەيدىغان ھەم ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان ، تىپىك ئىجتىمائى پەن ساھەسىگە تەۋە ئەدىبتىن بىرسى چىقىپ قاتتۇرۇپ ماقالىدىن بىرنى يېزىۋېدى ، ھەممەيلەن ھاياجان ئىلكىدە ئۇ نەزىريىنىڭ قانداق نەزىرىيە ئىكەنلىكىنىمۇ سۈرۈشتۈرمەيلا ھاياجانلىنىشقا باشلىدۇق . ئۇيغۇرغا كېلىدىغان نوبىل مۇكاپاتىنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىدۇق . كەم دىگەندىمۇ 4~5 يىل ھاياجان ئىچىدە ساقلىدۇق . ئەمما بۇ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ دىيارىمىزغا كەلمىكى بەكمۇ قىيىن بولدى . نەچچە مىڭلىغان ئادەمنى تەلمۈرتكەن نوبىل مۇكاپاتى بىزلەرگە ئۇچۇق چىراي ئاچمىدى . ئەمدى بىلدۇقكى ، نوبىل مۇكاپاتى دىگەن قۇرۇق ھاياجان ، خام خىيال قىلغانغا بېرىلمەيدىكەن ئەمەسمۇ . ئۇنداقتا شەكىل نەزىرىيىسى قانداق بارلىققا كەلگەن ؟ مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئۆزىنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىتىپ تۇرۇپمۇ نومۇس قىلماي ، ئەتراپىغا شايكا توپلاپ ھەقىقىي بىلىم ئەھلىلىرىنى ھاقارەت قىلىۋاتقان مەزكۇر جاناپ كىم ؟ تۆۋەندە بۇ توغىرلىق ئازراق پاراڭ قىلماقچىمىز . بۇ ماقالىدا بەزىلەرنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيۇشۇم مۇمكىن ئەمما شۇ گەپلەرنى دىيىش تولىمۇ زۆرۈر ھىسابلىدىم .
«شەكىل نەزىريىسى» دىگەن بۇ نەزىرىيە غۇلجا شەھەرلىك دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ پىنسىيونىرى بولمىش قاسىم سىدىقنىڭ تەۋەللۇتى بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچقان ئاتالمىش «نەزىرىيە»دۇر . ئۇنداقتا نەزىرىيە دىگەن نىمە ؟ نەزىرىيە دېگىنىمىز ، قايتا – قايتا تەجىربە ۋە ئانالىزلاردىن كىيىن چىقىرىلغان يەكۈندۇر . ئۇنداقتا مەزكۇر شەكىل نەزىريىسى تەجىربە ۋە ئانالىزلاردىن كىيىن ئوتتۇرغا چىققانمۇ ؟ قاسىم سىدىق قانداق تەجرىبە ئىشلىگەن ؟ «ئېغىش ھادىسىسى» تەجرىبىسى قانداق تەجىربە ؟
ئەمەلىيەتتە بۇ «ئېغىش ھادىسىسى» تەجرىبىسى دىگەن تەجىربە قاسىم سىدىقنىڭ شەكىل نەزىريىسىنى ئىسپاتلاپ چىققىنى يوق ، بەلكى شەكىل نەزىريىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر تەجىربىدۇر . شۇنداقلا بۇ تەجىربىنىڭمۇ نەتىجىسى كەسكىن ھەم ئېنىق ئەمەس . تەجىربىدە يەنىلا خاتالىق ۋە خاتالىق پەرقى ساقلانغان بولۇپ ، تەجىربە ئېلىپ بېرىش باسقۇچلىرى ۋە تەجىربە ئېلىپ بېرىش شارائىتى ساۋاتسىزلارچە پىلانلانغان بىر مېيىپ تەجىربىدۇر . شۇنى تولۇق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى ، قاسىم سىدىقنىڭ بۇ ئاتالمىش نەزىرىيىسى ھىچقانداق تەجىربە ئاستىدا بارلىققا كەلمىگەن ، پەقەت قاسىم سىدىقنىڭ ئەدەبىي ئەسەلەر ئۈچۈن تولىمۇ ماس كېلىدىغان تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق ئوتتۇرغا چىققان . دېمەك بۇ ئاتالمىش «شەكىل نەزىرىيە» سىنى ، نەزىرىيە بولۇپ پۇت تىرەپ تورۇش شەرتىنى ھازىرلىيالمىغان ئەھۋال ئاستىدا «شەكىل سەپسەتە» سى دەپ ئاتاشقا مەجبۇرمىز ھەم شۇنداق ئاتاش ئەقىلگە ئەڭ مۇۋاپىقتۇر شۇنداقلا تۆۋەندە شۇنداق ئاتايمىز .
«شەكىل سەپسەتە»سىنىڭ مۇشۇنداق غۇلغۇلا قوزغىيالىشى ھەتتا نوپوزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدە تەشۋىق قىلىنىشىدىكى سەۋەپ زادى قەيەردە ؟
بىرىنچىدىن ، ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى مۇشۇ تەشۋىقاتنى ئۇرۇنلاشتۇرغان خادىملاردىن تارتىپ ، قاسىم سىدىقنىڭ شەكىل سەپسەتىسى توغىرلىق ئوچرىك يازغان تالانتلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرمۇ ، فىزىكىدىن خەۋەرسىز كىشلەردۇر ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ياخشى ھىكايىلىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن ، بىز ئەلۋەتتە قايىل . مۇساپىرلار قاۋىقى ، بۇرۇت ماجىراسى ، ساراڭ …. قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ھەقىقىي بىر يازغۇچى بولۇشقا لايىق ئەدىپتۇر . بىراق شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كىرەككى، مەمتىمىن ھوشۇر فىزىكىچى ئەمەس . فىزىكا قانداقتۇر تەسەۋۋۇرلار ئاستىدا روياپقا چىقىدىغان ئەدەبىي ئەسەرمۇ ئەمەس . فىزىكا دىگىنىمىز يۇرتقا تۇغقان يوقلاپ بارغاندا باراڭ ئاستىدا دۇتتار چالغاچ خاتىرىگە قوندۇرۋالدىغان سۆھبەت خاتىرسىمۇ ئەمەس . فىزىكا بولسا بىر ئەمەلىي پەن . فىزىكىدىكى بارلىق نەزىرىيىلەر قايتا – قايتا قىلىنغان تەجىربىلەردىن كىيىن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان . بىراق بۇ سەپسەتە مەمتىمىن ھوشۇردەك تالانتلىق يازغۇچىلار تەرىپىدىن ژۇرناللاردا تەشۋىق قىلىنغاندىن كىيىن جەمىيەتتە غۇلغۇلا بولۇپ كەتتى ، ھەممەيلەننىڭ بىردەك ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن يازغۇچىنىڭ بۇ ئوچرىكى نۇرغۇن كىشلەرنى ئىشەندۈردى . ھەتتا ئۈرۈمچى تېلېۋېزىيە ئىستانىسىدەك نوپوزلۇق تېلېۋېزىيە ئىستانىسى بىر تۈركۈم ئىجتىمائى پەنچىلەرنى يىغىپ فىزىكا ۋە شەكىل سەپسەتىسى توغرىسىدا قاسىم سىدىق ۋە ئۇنى گۇپپاڭچىلىرىنى زىيارەت قىلدى .( ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدىغىنى شۇكى فىزىكا توغىرلىق ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ۋە قاسىم سىدىقنىڭ شەكىل سەپسەتىسىنى ياقلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي پەنچىلەردۇر.) دىيارىمىزدا تېلۋېزىيە پىروگىراممىلىرىنىڭ نوپوزىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇشى سەۋەپلىك كىشلەر ئارىسىدا يەنە بىر قېتىملىق ھاياجان دولقۇنى يېتىپ كەلدى .
ئىككىنچىدىن ، قاسىم سىدىق ئەتراپىغا يىغىۋالغان شاگىرتلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى تەسەۋۋۇرغا باي كاللىىسى بىلەن ، قارىماققا ناھايتى ئورۇنلۇق گەپلەر بىلەن ساددا كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئۇلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن خېلىلا كۈچىدى . بەس بەس بىلەن قاسىم سىدىقنى ۋە ئۇنىڭ شەكىل سەپسەتىسىنى مەدىھلەيدىغان ماقالىلارنى يېزىشىپ ، قاسىم سىدىقنى ھەتتا نىسبىيلىك نەزىريىسىنى پۇتلاپ يىقىتۋېتىدۇ دىيىشتىنمۇ يانماي ، ھارغۇچە نومۇسسىزلىق قىلىشتى . قاسىم سىدىققا ئوخشاش خەنزۇ ئەلپەنچى(يالاڭئاياق تەتقىقاتچى)لەرنىڭ تۇتامى يوق ماقالىلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ كىشلەر چۈشەنمەيدىغان گەپلەر بىلەن باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇشقا باشلىدى . قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ شەكىل سەپسەتىسى توغرىسىدا پىكىر بەرگەن ئىلىم ئەھلىلىرىنى بولسا كۆرەلمەس ، ئىچى قوتۇر ، ساختا ئىلىمدار دىگەن تۆھمەتلىرى بىلەن ئۇچىرغانلا يەردە ئازار قىلدى ھەتتا ئۇچراپ قالسا پاچىقىنى چاقىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈشتى . قارىغاندا ئۇلار ئۆزىنىڭ نەزىريىسىنى زورلاپ ئىتىراپ قىلغۇزسا كېرەك .
ئۈچىنچىدىن ، قايسى بىر تور بەتتە قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ شەكىل سەپسەتىسى توغىرلىق گەپ بولۇپ ، پىكىر بېرىلگەن ھامان ئاللىقاياقلاردىندۇر قاسىم سىدىقنىڭ بىر توپ ئەگەشكۈچىلىرى نەسلى ئىسىل ئاپشاركىدەك پۇراپ تېپىپ كېلىدۇ دە ، تەشكىللىك ھۇجۇمنى باشلايدۇ . ئەيھانناس ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغان تاكتىكىسىغا قارسىڭىز غەزەپلەنمەي تۇرالمايسىز . ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللاش ، ئۇششۇقلۇق قىلىپ يىغلاش ، خۇمسىلىق قىلىپ تېنىۋېلىش ، پەسكەشلىك قىلىپ يېنىۋېلىش ، ئەبگالىق بىلەن چىشىغا تىگىش ، چاپلىشۋېلىپ يېنىغا كېلىش …. قاتارلىق خىلمۇ – خىل ئىپلاس تاكتىكىلىرىنى ئىشلىتىپ كۆز بوياشقا شۇنچىلىك ماھىركى ساددا كىشلەرنى ئاسانلار قاپقانغا چۈشۈرەلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشۋالىدۇ . مەسلەن : بىلىكيار ، ئۆركەش ، ھەۋەسكار … قاتارلىق بىر قانچەيلەننىڭ ئادەمنىڭ غىدىقى كەلگۈدەك دەرىجىدە خوشامەتچىلىك قىلىپ دوست تارتىشىپ كېتىشى ۋە ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىلىرىگە نۇمۇسسىزلارچە ھۇجۇم قىلىشى كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ .
مانا مۇشۇ جەرياندا مەزكۇر شەكىل سەپسەتىسى تەتقىقاتى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۈلگۈردى . ئەمما ھازىرغا قەدەر نەتىجە چىققىنى يوق . بىز يەنە قاچانغىچە ساقلايمىز ؟ باشقىلارنىڭ مىللى ھىسىياتىدىن پايدىلىنىپ ئادەم ئالداپ يۈرگەن ساختا ئىلىمدارلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە تەخىر قىلىپ تۇرامدۇق ؟
بولدى بەس !!! قاسىم سىدىق . سەپسەتىڭىزنى بازارغا سېلىپ كىشلەرنى قايمۇقتۇرۇشتىن توختاپ قىلىڭ . ئىززىتىڭىزنى قىلغاننى بىلىڭ . مۇشۇ يەرگىچە بولسا يىتەر . ئۇيغۇرغا قىلغان ساختىلىقىڭىز ھامان ئاشكارا بولىدۇ . نەتىجە چىقمايدىغانلىقىغا كۆزىڭىز يىتىپ ۋاقىتنى سوزۇپ جاھىللىق قىلىپ ، سەپسەتەمنى كۆتۈرۈپ كېتىپ قالساملا ھەممە ئىش تۈگەيدۇ دەپ ئويلامسىز ؟



گۇمان ئىماننى قا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3901
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9676
تۆھپە نۇمۇرى: 718
توردا: 3285 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 06:33:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ مۇشۇ قاسىم قىزىقنىڭ ماقالىسىنىڭ بىر يەرلىرى ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدۇ ، ئەڭ ياخشىسى ئەدەبى يېزىقچىلىقىنى قىلسا بوپتىكەن .

گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ ، ئۇماچ مېھماننى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1781
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10030
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 5382 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 06:47:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kadihan يوللىغان ۋاقتى  2012-3-16 06:33 PM
ئىشقىلىپ مۇشۇ قاسىم قىزىقنىڭ ماقالىسىنىڭ بىر يەرلىرى  ...

قوسىغىنىڭ تويغىنىنى سىلاپ بىلىدىغان قادىخان ، غىدىقلىرى كەسە ئۆزلىرىنىڭ بارماقلىرىدىن كۆرمەي قاسىمكامدىن كۆرەمدىلا..

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2804
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2393 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 07:46:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ilim-pen يوللىغان ۋاقتى  2012-3-16 05:17 PM
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى تور دۇنياسىدا قىززىق نۇقتىلارنى ...

ئىلىم پەن ئەپەندىم ، سىزدىن بىر سوئال سوراي ھە؟
   س.رونالدونى بىلەرسىز ئۇ ئىختىيارىي توپنى بەك ياخشى تېپىدۇ ، چۈنكى ئۇ توپنى ھەر خېل يۆنىلىشتە قايدۇرالايدۇ ،  توپ نىمە ئۈچۈن بوشلۇقتا قايىدۇ ، چۈنكى بىر سەۋەب: ئۇ  توپنىڭ يان تەرېپىگىرەك پۇتىنىڭ يان تەرىپىبىلەن تەپسە توپنىڭ ھەركەت يۆنىلىشىدە ئېغىش بولىدۇ، يەنە بىر سەۋەب : ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچى  بولغانلىقنىڭ سەۋەبىدۇر ، ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىنى يوق قېلىۋەتسەك ، س.رونالدۇ شۇ توپنىڭ يان تەرېپىگە  بۇتىنىڭ يان  تەرىپى بىلەن كۈچەپ توپنى پىرقىرىتىپ تەپسە  توپنى ئاغمايدۇ ، نىيوتۇن قانۇنلىرى بويىچە تۈز سېزىقلىق ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارامسىز.....؟ ئەگەر  ئۇ راستىنلا ئېغىپ قالسا  بۇ نىيۇتوننىڭ ئىنىرتسىيە قانۇنىغا ناھايىتتى بىر مۇھىم تولۇقلاش بولار؟

قاسىمكامنىڭ گەرچە باشقا تېئورمىلىرىنىڭ توغرا خاتالىقى گەرچە  ئېنىق  بولمىسىمۇ ،29-تېئورمىسى ئادەمنى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ ....   يەنە بىر گەپ سىز مۇسۇلمان بولغاندىكى خەقكە بۆھتان چاپلىماڭ ، نىمە قىلىسىز مەيلى توغرا بولسۇن خاتا بولسۇن شۇنچېلىك ئېزدەنگەن ئادەمگە بۆھتان چاپلاپ ...
  قاچانغىچە ساقلايمىز دەپسىز ؟ ئەگەر شىنجاڭ باشقا مەملىكەتلەردېكىدەك شارائىت ياخشى بولغان بولسا ،  بىزدە شۇ ئادەمنىڭ نەزەرىيسىنى قايىل قىلارلىق  بىلەن كەلگەن يېرىگە تېقىۋېتەلەيدىغان ئادەم بولغان بولسا  بۇنچېلىكمۇ كۆپ ساقلاپ كەتمەيتتۇق....

  راس ماۋۇ   توقماق دېگەن تورداشمۇ گەرچە قاسېمكامغا ياخشىلىق قىلىمەن دېيىش نېيىتى بولسېمۇ ، بەك جىق  سۆزلەپ  قويۇپ قاسېمكامنىىڭ تەسېرىنى بىر خىل قىلىپ  قويۇۋاتېدۇ....  شۇڭا  سىزنىڭ باشقىلارغا  رەدىيە بەرگەندە ئىلمىيراق بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش