|
|
|
|
مىسرانىم توربېكىتىنىڭ جالالىددىن بەھرام ئاكىمىزدىن ئىگەللىشىچە
جالالىددىن بەھرام ئاكىمىزنىڭ يېڭى ئەسەرلىرى 10 كۈن بۇرۇن ھەرقايسى كىتابخانىلاردا كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
يېڭى نەشىردىن چىققان رومانى
كونا قاپقان
تەپسىلاتى: بۇ روماندا يۈزيىل بۇرۇنقى ئەجنەبىيلەرنىڭ تەكلىماكانغا كىرىپ ئەجدادلارنىڭ مىراسلىرى،يادىكارلىرى،كونا قەۋرىلەرنى چېقىپ تالان -تاراج قىلغان ئىشلىرى ،ئاتا - بوۋىلارنىڭ ئەجداتلارنىڭ ئۇلارنىڭ قوغداش،ساقلاپ كېلىش ئۈچۈن كۈرۈش قىلغان گۈلبادام،مۇزەپپەت،ئىسلام ئاخۇن قاتارلىقلارنىڭ تەسىرلىك ھەم جاپالىق ئىش - پائالىيەتلىرى سۆزلىنىدۇ.
ئەقىللىق قىز
تەپسىلاتى: بۇ بالىلار رومانى بولۇپ ،خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى فولۇكلۇردىن پايدىلىنىپ چۆچەك ئۇسلىبىدا بايان قىلىنغان قىزلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ،دانالىقى،ئاتا- ئانىغا بولغان مېھرى-ۋاپاسى،ئىلىم - بىلىمگە ئىنتىلىشى قاتارلىق ئۇلارنىڭ ئەخلاق پەزىلەتلىرى نامايەن قىلىنغان.
بۇ رومانلار ھەرقايسى شىنخۇا كىتابخانىلارغا تارقىتىلغان بولۇپ ،تور بېكىتىمىزنىڭ بىر قانچە كىتابخانا بىلەن ئالاقىلىشىشىغا قارىغاندا كىتابنىڭ سېتىلىشى ئىنتايىن تېز بولۇپ بىر قىسىم كىتابخانىلاردا بۇ كىتابلار سېتىلىپ بولغان.
_________
نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان رومانلاردىن :
تاغ جۇدۇنلىرى
سەلىمە
نۆۋەتتە بۇ رومانلار نەشىرىيات 1- قەدىمىدىن ئۆتۈپ بولغان،نەشىر قىلىنىش ئالدىدا ،ئاللاھ خالىسا مۇشۇ 2 ئاي ئىچىدە تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدىنىشى :
جالالىددىن بەھرام ئاكىمىز يەنە تۆھمەت ناملىق رومان ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ .بۇ روماندا ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى تىما قىلىنغان ..
جالالىددىن بەھرام مىسرانىمدا
جالالىددىن بەھرامنىڭ ئەزالارغا يازغان خېتى
مىسرانىم مۇنبىرى دوستانە بىلدۈرگۈسى!
2012-01-05
|
|
|
|
|
|