ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 54قەۋەت saraghutun كە 2011-12-23 10:39 AMئەۋەتىلدى 47قەۋەتتىكى(koznak) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
سىز دەۋاتقان ھەقىقەت نېمىنى كۆرسىتىدۇ ؟
ئاللاھ 2 يىل دەپ پۈتۈپ بەرگەن ۋاقىت قايسى ۋاقىت ؟ مۇشۇنىڭغا جاۋاپ بېرىۋەتكەن بولسىڭىز
سىزنىڭ ساراڭ خوتۇن ئەمەسلىكىڭىزنى قايسى كۈنلەردىكى ئىنكاسلىرىڭىزدىن بىلگەنتىم .
سىز مېنى خېلى چۈشىنىدىكەنسىز . مەنمۇ سىزنى بىراز چۈشىنىپ قالدىم . سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز ئىتتىك ، ھازىر جاۋاب قابىلىيىتىڭىز كۈچلۈك ، مەيدانىڭىز موقۇم ، ئېتىقادىڭىز كۈچلۈك ، ئىجتىھاتىڭىز ياخشى ، ئىلىمگە بولغان ئىشتىھاتىڭىز خېلى چوڭ ئايال .
سىز مېنى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىلا نىدا ئىسلامدىلا تونۇيسىزكەن ۋە ماڭا ئالاھىدە دىققەت قىپسىزكەن . شۇ ۋاقىتلاردا مەن بەزى ئالدىن مەلۇماتلارنى بەرگەن . شۇنىڭدىن كىيىن شۇ خىل رەۋىشتە نۇرغۇنلىغان دولقۇنلارنى كۆردىڭىز ۋە تېتىدىڭىز . مېنىڭ شۇ ئىككى يىل دەپ كەسكىن ھۆكمىمنىڭ ھەق بولىشىنى كۈتتىڭىز . ئەمما ئەھۋال بۇنىڭدەك بولماي قالدى . مېنىڭ بۇ ئىككى يىلنى كەسكىن كېسىۋېتىشىم ، قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدۇ - دېگەنكى ئاللاھنىڭ بۇ خىل ھۆكمىگە تېخى ئىمان ئېيتمىغانلىقىمنى ۋە بۇ خىل قانۇنىنى تېخى چوڭقۇر تونۇپ يەتمىگەنلىكىمنى كۆرسىتىدۇ . بۇ ھەم ئىلگىركى ۋاقىت جەدىۋىلى ئىلمىسىدە بەزى مەسىلىلەرنى خاتا يولى بويىچە ھېسابلاشتىن چىقىپ قالدى . ئەمدى بۇنىڭ نېسىغان ئاللاھ خالىسا قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ھەرگىزمۇ بىلمەيمەن . بىلىشنىمۇ خالىمايمەن . بەلكى ئۇنىڭ قايسى ۋاقىتتىن كىيىن قايسى ۋاقىت كېلىدىغانلىقىنىلا ئىزدىنىش قىلىمەن .
شۇ ۋاقىتتا شەيتان مېنىڭ شۇ خىل رەۋىشتە قىرائىتىمگە شۈبھى سالغان . بۇ بۇرۇندىن كېلىۋاتقان ، بوتىلاقلار يېتىلىپ تۆگە بولغۇچە بەزى قاملاشمىغان ئىشلارنى قولاشتۇرالمىغاندەك ۋە تەنتەكلىك قىلىپ قويغاندەك ئىش . مەن شۇنىڭدىن كىيىن شۇنىڭدەك ئالدىراقسانلىقىمغا قاتتىق تەۋبە قىلدىم .
بەزى ۋاقىتلاردا سىزگە ئوخشاش ساراڭ بولىۋېلىشمۇ ، ئاتىلىنىۋېلىشمۇ بىر ھېسابتا ياخشى ئىكەن . ئەمما مەن باشقا بىر مەن بولغان بولسام ، سىزدەك قىلاتتىم . شۇنداقتا ، قۇلاق نېمىدىگەم تېنچ بولغان بولاتتى ھە !