مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qoqas

سەييىد قۇتۇبنىڭ ئەسلىيەتچىلىك ئىدىيىسىنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابلەت قاراقاش د

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64902
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3502
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2011-11-13
ئاخىرقى: 2014-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 03:09:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن ،‹‹‹تۇرداشلار داۋاملىق مۇشۇنداق مىللەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى يۇللىسا؟››››

ئابلەت قاراقاش دۆلەتسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7755
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 03:19:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ توغرا-خاتالىغىغا ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ
شۇنداقتىمۇ ئۇ قەھرىمان ئىكەن

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3467
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12197
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 03:48:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  بۇ  ئادەمگە  ھۆكۈم قىلىشقا  بىز  ئاجىزلىق قىلمىز....

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر ئارىسىدا مەن گۇناھسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35357
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7899
تۆھپە نۇمۇرى: 619
توردا: 2777 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 05:12:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەييد قۇتۇب توغۇرلوق سۇز ئېچىش توغرا كەلسە ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ ئەرەپچە ماتېريالىنى كۇرۇپ ئاندىن بىرنەرسە دىسەك توغرا بۇلىدۇ ،

بولمىسا بۇنداق گۇمان بىلەن گەپ قىلساق قىيامەت كۈنىسى بىزگە ھۆججەت بولۇپ قىلىشى مۇمكىن .

نىتىڭىز خالىس ئەمىلىڭىز سالىھ بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18302
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15497
تۆھپە نۇمۇرى: 904
توردا: 523 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 05:40:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دىنىنىڭ شەھىد ئارسلانى سەييىد قۇتۇب (اللە ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن!) مۇسۇلمان ئۈممەتلىرى ئىچىدىكى ئۆز جىسمىنى مەشئەل ئورنىدا كۆيدۈرۈپ، زۇلمەتلىك دەۋرلەرگە چىراغ ياققان، ئىسلامنىڭ ئاڭ، ئىددىيە، قانۇن ـ تۈزۈم،  نەزەرىيە گۈلىستانىنى ئۆز قانلىرى بىلەن سۇغارغان، ئۇلۇغۋار ئالىم، ئەزىمەتلەر قاتارىدا سانىلىدۇ.

ئۇ، 1906 ـ يىلى مىسىرنىڭ ئەسيۇت ئۆلكىسىدىكى موشا يېزىسىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن كىچىكىدىلا قۇرئاننى تولۇق يادا ئېلىپ بولىدۇ. اللەنىڭ خاسىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى  بىلەن قاھىرەنىڭ خۇلۋان دېگەن يېرىگە پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، كۆڭۈلدىكىدەك ئوقۇش پۇرسىتىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. 1929 ـ يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، قاھىرەدىكى «دارۇلئۇلۇم» (ھازىرقى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى)غا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1932 ـ يىلى، دارۇلئۇلۇمنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مائارىپ مېنىستىرلىكىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ، مائارىپ مېنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىپ، ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، 1945 ـ يىلى مىسىردىكى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار پارتىيىسى» گە ئەزا بولىدۇ. 1945 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، پارتىيىنىڭ تەشۋىقات ئورنى ئۇنى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار پارتىيىسى گېزىتى»گە باش مۇھەررىر قىلىپ تەيىنلەيدۇ.

1954 ـ يىلى، مىسىرنىڭ باش رەئىسى جامال ئابدۇنناسىر «مۇسۇلمان قېرىنداشلار پارتىيىسى»نى قانۇنسىز پارتىيە دەپ ئېلان قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشقا باشلايدۇ. بىر نەچچە ھەپتىلىك تۇتقۇن جەريانىدا قولغا ئېلىنغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىنغان ئەزىمەتلەر ئىچىدە ئىسلام دىنىنىڭ شەھىد ئارسلانى سەييىد قۇتۇبمۇ بار بولۇپ، ئۇنى ئۆيدىن كېسەل ھالەتتە پىيادە ماڭغۇزۇپ ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ، يول بويى پارتىيە شۇئارى: «اللە ئەكبەر! ۋەلىللا ھىلھەمد!»نى توختىماي توۋلاپ ماڭىدۇ. ساقچىلار ئۇنى تۈرمىگە ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، قاتتىق قىيىن ـ قىستاققا ئېلىپ، ئىتلارغا تالىتىش، رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇپ، ئۇياق ـ بۇياققا سۆرەش، بېشىدىن ھېلى ئىسسىق، ھېلى سوغۇق سۇ قۇيۇش، كۈنىگە يەتتە ـ سەككىز سائەتكىچە ئۈزۈلدۈرمەي سوراق قىلىشتىن سىرت، ھەرخىل ئەخلاقسىز قىلىقلار، ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن مەنىۋىي زەربە بېرىش قاتارلىق رەزىل، ۋەھشىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدۇ. ئۇ گەرچە جىسمانىي جەھەتتە بۇ ئازابلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بىر نەچچە رەت ھوشىدىن كەتكەن بولسىمۇ، ھوشىغا كەلگەن ھامانلا: «اللە ئەكبەر! ۋەلىللا ھىلھەمد!»نى يەنىلا ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. 1955 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، مىسىر خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىدۇ.

1956 ـ يىلى، مىسىرنىڭ باش رەئىسى جامال ئابدۇنناسىر تۈرمىگە ئادەم كىرگۈزۈپ، ئەگەر سەييىد قۇتۇب گېزىتتە ئېلان قىلغۇدەك ئىككى قۇر كەچۈرۈمنامە يېزىپ بەرسە، ئۇنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مۆئمىنلەرنىڭ ئۈلگىسى بولغان سەييىد قۇتۇب بۇنىڭغا قىلچە ئىككىلەنمەستىن: «بىر زۇلۇم قىلىنغۇچىغا: زالىمدىن كەچۈرۈم سورىغىن! ـ دەۋاتقانلارغا بەكمۇ ئەجەبلەنگۈم كېلىدۇ. اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئېغىزىمدىن چىققان بىر نەچچە جۈملە سۆز مېنى دار ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئالالىغان تەقدىردىمۇ، زالىمدىن ھەرگىز كەچۈرۈم سورىمايمەن. مەن اللەنىڭ ئالدىغا اللەمۇ مەندىن رازى ۋە مەنمۇ اللەدىن رازى بولغان ھالدا بېرىشنى خالايمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كەچۈرۈمنامە يېزىپ بېرىش قانچە ـ قانچە قېتىم تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ ھەر قېتىمدا: «ئەگەر مېنىڭ قاماققا ئېلىنىشىم ھەق بولغان بولسا، ئۇنداقتا مەن ھەققانىيەتنىڭ ھۆكمىگە پۈتۈنلەي رازى. ئەگەر ناھەق بولىدىكەن، مەن زالىملاردىن رەھىم ـ شەپقەت تىلەشتەك پەسكەشلىكنى قەتئى قىلمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ھۆكۈمەت ھەر قانداق قىلىپمۇ كەچۈرۈمنامە يازدۇرالمىغاندىن كېيىن، جامال ئابدۇنناسىر ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ، كەچۈرۈمنامە يېزىپ بەرسە، دۆلەتنىڭ مائارىپ مېنىستىرلىك ھوقۇقىنى بېرىدىغانلىقىنى پەش قىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا قەتئىيلىك بىلەن: «مىسىرنىڭ مائارىپ تۈزۈمىنى ئىسلام قانۇنىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقى بولمىغان ئۇنداق قورچاق مېنىستىرلىكنىڭ كېرىكى يوق» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ.

1954 ـ يىلىدىن 1964 ـ يىلىغىچە بولغان ئون يىلنى چىدىغۇسىز ئازاب ئىچىدە تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن سەييىد قۇتۇب، 1964 ـ يىلى ئىراقنىڭ رەئىسى مەرھۇم ئابدۇسالامنىڭ قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشى بىلەن ئامالسىز قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ چاغدا، سەييىد قۇتۇبنىڭ مۆئمىنلەر قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، رەقىبلەر قەلبىگە نەشتەردەك سانجىلىدىغان ماقالىلىرى پۈتۈن دۇنيا ياشلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە قول ـ قولغا تەگمەي ئوقۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇنى كۆرگەن غەرب كاپىتالىزمچىلىرى بىلەن شەرق كوممۇنىزمچىلىرى ئۆزلىرىنى قويغۇدەك يەر تاپالماي قالىدۇ.

1965 ـ يىلى ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق زومىگەرلەرنىڭ سۈيىقەست پىلانلاپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنى كۈشكۈرتىشى نەتىجىسىدە، سەييىد قۇتۇب قايتىدىن قولغا ئېلىنىدۇ ۋە  تۈرمىدىكى قىيىن ـ قىستاق دەستىدىن قاتتىق كېسەل تارتىپ يېتىپ قالغانلىقىغا قارىماي، 1966 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ۋە بارلىق ئىقتىدارىنى ھەتتا ئىسسىق قېنىغا قەدەر اللەقا ئاتاپ، كۇپۇرلۇق، جۈملىدىن جاھالەتكە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، شۇنداقلا، يېڭىلمەس، تىز پۈكمەس، پىداكار روھى تا بۈگۈنگە قەدەر پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەلمەكتە.

شەھىد سەييىد قۇتۇبنىڭ ھاياتى مۇنداق ئىككى دەۋرگە بۆلىنىدۇ:

1 – ئۆزىنى ئەدەبىياتقا ئاتىۋەتكەن دەۋرلەر بولۇپ، گەرچە ئۇ: «ئەرەب ئەدەبىياتى ۋە ئوبزورچىلىق ئۇسۇللىرى»؛ «مەدەنىيەتنىڭ كەلگۈسىگە تەنقىدىي نەزەر»؛ «مەن كۆرگەن ئامېرىكا» (ئەدەبىي ئوبزور)؛ «سەھرا بالىسى»؛ «تىكەن»؛ «سېھىرلەنگەن شەھەر»؛ «قۇللار كارۋىنى» (شېئىرلار توپلىمى)؛ «نامەلۇم ساھىل» (شېئىرلار توپلىمى)... قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئەرەب ئەدەبىياتىغا ئاجايىپ قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشقان بولسىمۇ، يەنىلا  بۇ دەۋرلەرنى ئەسلىگەنلىرىدە، «جاھىلىيەتتە ئۆتكەن دەۋرلىرىم » دەپ ئېچىنىپ تىلغا ئالىدۇ.

2 - «مۇسۇلمان قېرىنداشلار پارتىيىسى»گە ئەزا بولغاندىن كېيىنكى  ھىدايەتنىڭ نۇرىغا چۆمۈلگەن دەۋرلىرى بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ ئىسلامنى ئاساسلىق تېمىسى قىلىپ: «قۇرئاننىڭ سايىسىدا» (ئالتە توملۇق تەپسىر)؛ «پەيغەمبەرلەر ھەققىدە قىسسە»؛ «شائىرلارنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى»؛ «ئىسلامدىكى ئىجتىمائىي ئادالەت»؛ «قۇرئاندىكى قىيامەت مەنزىرىسى»؛ «قۇرئاننىڭ تەسۋىرلەش سەنئىتى»؛ «ئىسلام ۋە كاپىتالىزم ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش»؛ «دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىسلام دىنى»؛ «ئىسلام دىنىدىكى جەمئىيەت ئەھۋالى»؛ «ئىسلامىي ماقالىلار»؛ «يول بۇ يەردە»؛ «ئىسلامنىڭ پارلاق ئىستىقبالى».... قاتارلىق قىممەتلىك ئەسەرلەرنى ياراتقان. ئۇنىڭ مۆئمىنلەرگە لەززەت، زوق ۋە ئىشەنچ بېغىشلايدىغان؛ رەقىبلەرگە بولسا، ھەر بىر ھەرپلىرى چىدىغۇسىز ئەلەم ۋە ساقايماس جاراھەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان، دوستلارغا ھەسەلدىن شېرىن، دۈشمەنلەرگە شەمشەردىن ئۆتكۈر بۇ ئۆلمەس ئەسەرلىرى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا ھېلىھەممۇ قولدىن ـ قولغا ئۆتۈپ، ئاجايىپ ئەتىۋارلىنىپ كەلمەكتە.

قولىڭىزدىكى ئالتە توملۇق بۇ تەپسىر ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئارىسىدا ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە، ھەجىمى ئەڭ كاتتا نادىر ئەسىرى بولۇپ،  شەھىد سەييىد قۇتۇب ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۈچ تومىنى ئون نەچچە يىل داۋام قىلغان قىيىن – قىستاقلارغا ۋە چىدىغۇسىز زۇلۇم – سېتەملەرگە پەرۋا قىلماستىن، تۈرمە  ئىچىدە يېزىپ پۈتكۈزگەن.

قىسقىسى، بارلىق ئەسەرلىرىدە: «ئىسلامنى قوبۇل قىلساڭ، پۈتۈنى بىلەن قوبۇل قىل، ياكى بولمايدۇ، پۈتۈنلەي رەت قىل» دېگەن مەردانە قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە شۇ تېمىدا نۇرغۇن ماقالىلارنى يازغان بۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ «ئىسلامىي ماقالىلار» ناملىق كىتابىدىن قەلەم ۋە پىكىر ئىگىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «شەكسىزكى قەلەمكەشلەر ئاجايىپ كاتتا ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.  بىراق بۇنىڭ شەرتى شۇكى، ئۆز پىكرىنى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىش يولىدا بارلىقىنى قۇربان قىلىشى...  ئاققۇزغان قېنى ۋە جېنى ئارقىلىقلا ئۆز پىكرىگە چىن مەنە بېرىشى... ”ھەق“ بىلگەن پىكرىنىڭ ”ھەق“ ئىكەنلىكىنى قىلچە ئەيمىنىپ يۈرمەستىن، مەردانىلەرچە ئوتتۇرىغا قويۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا، شۇنىڭ ئۈچۈن بوينىنى قىلىچقا تۇتۇپ بېرىشتىن قەتئىي يانماسلىقى لازىم» دېگەن مەڭگۈلۈك سۆزلىرىنى كۆرىۋالالايمىز.

ئىسلامنىڭ شەھىد ئارسلانى، پروفېسسور سەييىد قۇتۇب دەل مانا بۇ سۆزىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلام ئىدېئولوگىيەسىنى قوغداش يولىدا خۇشاللىق بىلەن جاننى قۇربان قىلدى.

اللەتىن ئۇنىڭغا چەكسىز پەزىل – رەھمەت ۋە بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە خۇددى شەھىد سەييىد قۇتۇبقا بەرگەندەك تىز پۈكمەس ئىرادە، يېڭىلمەس روھ ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. اللە ھەممىمىزنى ئۇنىڭدەك پىداكار مۇجاھىد ئەزىمەتلەردىن قىلغاي ـ ئامىن!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
islamogli1566 + 59 ئىسلام ئارسىلانى، شەھ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18302
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15497
تۆھپە نۇمۇرى: 904
توردا: 523 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 05:50:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەد قۇتۇپنىڭ تەرجىمالى

مۇھەممەد قۇتۇب 1919-يىلى مىسىرنىڭ ئاسيۇت شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى ھاجى ئىبراھىم قۇتۇب ئاسيۇتقا قاراشلىق كالىئا يېزىسىدا ۋەتەن پارتىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.
  مۇھەممەد قۇتۇب شەھىد سەييىد قۇتۇبنىڭ ئەڭ كىچىك قېرىندىشى بولۇپ باشقا قېرىنداشلىرى بولسا نەفىسە ، ئەمىنە ، ھامىدە قۇتۇبىلاردۇر.
  مۇھەممەد قۇتۇب تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، قاھىرە ئونىۋېرسىتىتى ، ئىنگىلىز فىلولوگىيىسى فاكۇلتىتىنى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. ئونىۋېرسىتىتىدىكى ۋاقتلاردا بىر تەرەپتىن پىسخولوگىيە ئىلمى ھەققىدە تەربىيە ئالغان ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلامنى ئۆگەنگەن ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان.
  كېيىن  مەككىدە ئۈممۇل قۇرا ئۇنىۋېرسىتىتدا فىروپىسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.بۇنىڭدىن باشقا ئاكادىمىك خىزمىتىنى قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلغان.
  مۇھەممەد قۇتۇب ئەسەرلىرىدە  ئۆزگىچە خاسلىق بىلەن «ئىلىم» ئىسمى ئالدىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىلىشى ئىستەلگەن ئاتېئىزىم ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دەۋىرداش فىكىر ئادەملىرى بىلەن ھىسابلىشىشقا تىرىشتى، مۇسۇلمانلارنى بۇنداق جاھىلى چۈشەنچىلەرگە قارشى ئويغاق بولۇشقا ، ھەق يولدا مۇستەھكەم بولۇپ مېڭىشقا چاقىردى.
  مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ 20 دىن ئارتۇق ئەسىرى بار بولۇپ ۋە بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇرۇكچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇ تۇركىيىدە تونۇلغان بىر ئىسلام مۇتەپپەكۈرىدۇر...
  مۇھەممەد قۇتۇب ئاكىسىنىڭ  ئۆزىگە تەپەككۇر قىلىش ۋە يېزىقچىلىق قىلىشىدا يېتەكچىلىك  قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن « مەرھۇم سەييىدنىڭ سايىسىدا ئىسلامنى يېزىقچىلىق ئارقىلىق باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى بىر مۇقەددەس ۋەزىپە قىلدىم . »

مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ تۈرمە ھاياتى
ئۇستاز مۇھەممەد قۇتۇب 7 يىلغا يېقىن تۈرمىدە ياتقان ۋە ئاكىسىنىڭ مۇجادەلىسىگە ئورتاق بولغان . مىسىر جۇمھۇرىيەت باشلىقى جامال ئابدۇ ناسىر  رەھبەرلىكىگە قارشى بەرگەن مۇجادەلە سەۋەبلىك 1954يىلى تۇرمىگە كىرگەن  ۋە 1955يىلى قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما 1965-يىلى تەكرار تۇتۇلغان.
  ئۇستازنىڭ تۇتۇلىشىنى زەينەپ غەززالى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىدۇ :«5-ئاۋغۇست كۈنى سەييىد قۇتۇبنىڭ تۇتۇلغىنىنى بىلدىم . مۇھەممەد قۇتۇب ئەسلىدە بىرقانچە كۈن بالدۇر تۇتۇلغان ئىدى.»
  زەينەب غەززالى زىنداندىكى ۋاقتىدا ئۇنىڭدىن «مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ تەشكىلاتى نېمە؟» دەپ سورىغان.
  زەينەب غەززالى «بۇرۇنمۇ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى بەرگەن ئىدىم. مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ تەشكىلاتى يوقلىقىنى ، پەقەت ئىسلام تېمىسىدا يازىدىغان بىر تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشى ئىنسانلارغا توغرا يول كۆرسەتمەكدۇر. مۇسۇلمانلارغا ئىسلام چۈشەنچىسىنى بىلدۇرمەك ۋە ئاڭلاتماقدۇر. ئىنسانلار بۇلارنى بىلگەندىن كېيىن ئىشەنگەنلىرى ۋە تەرجىھ ئەتكەنلىرى شەكىلدە زورىيىدۇ  . » دەپ جاۋاب بەرگەن.
  مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ تۈرمە ھاياتى 1971-يىلىغا قەدەر داۋام قىلغان.
  مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ «20-ئەسىر جاھالىيتى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى ۋە بۇ توغرىسىدا بەزى ياشلارنىڭ بۇ تېمىدا سۇئال سۇرىماق ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىغا بارغانلىقى ئۇنىڭ «جامال ئابدۇناسىرنى قەستلەشنى پىلانلاۋاتىدۇ» دىگەن قالپاق بىلەن تۈرمىگە كىرىشكە سەۋەب بولغان.   
  شەھىد سەييىد قۇتۇب قېرىندىشىنىڭ تۈرمىگە كىرىشىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان :«29-ئىيۇل قېرىندىشىم مۇھەممەد قۇتۇب تۇتۇلدى. مەن 2-ياكى 3- ئاۋغۇستدا قاھىرەگە كەلدىم. مۇھەممەدنى ئىزدەۋاتقان ساقچىلار 2كۈن بۇرۇن ئۆينىڭ ھەر تەرىپىنى پايلاپ يۈرگەن ئىكەن .
  قاھىرەگە بېرىپ كېتىپ تۇرىدىغان يېقىنلىرىمىدىن ئەزىم بەكىر ۋە رىفات بەكىر دىن يۈز بېشى ئەھمەد رىساھ غا خەت ئەۋەتىپ مۇھەممەد ئەھۋالىنى سورىدىم. خەتدە مۇھەممەدنىڭ قانۇنسىز تۇتۇلغانلىقىنى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىمىزنى ، مۇھەممەدنىڭ تۇتۇلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ كېسەللىكىمگە قارشى ماڭا قىلغان مۇئامىلىسىنى شىكايەت قىلدىم چۈنكى ئىككى كۈن ئاۋال كېچە ئامانلىقىنى قوغدۇغۇچىلار دېرىزىدىن ئۆيگە كىرىپ ئۆينى قالايمىقان ئاختۇرغان ۋە ماڭا ھايۋانلارچە مۇئامىلە قىلغان ئىدى...
  ئەۋەتكەن شىكايەت خېتىدە ، بېرتراند رۇسسەل ھۈكۈمىتى تەنقىد قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىلگىرى تۇتۇلغاندا كۆرگەن مۇئامىلە بىلەن مۇھەممەدنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ ئالدى كەينىدە ئۇچرىغان مۇئامىلە ئوتتۇرىسىدا ئاسمان زىمىن پەرىق بارلىقىنى ، مۇھەممەدنىڭ بىر يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ، ھىچ بولمىسا مۇھەممەدنىڭ قەيەردە تۇتۇلغانلىقىنى بىلىشنى تولىمۇ خالايدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم.
بۇ خەتتىن 5 كۈن كېيىن 9 -ئاۋغۇست كۈنى مەن تۇتۇلدۇم ...»
  شۇنداق مۇھەممەد قۇتۇب ئامانلىق ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ئالىم بولغىنىدەك ئۇ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان. ئەمما ئۇنىڭ تۇتۇلىشىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ بېشىغا چوڭ بىر ئېغىرچىلىق ئەكەلگەنلىكى بىر قاراشدىنلا بىلىنىپ تۇراتتى.
  شۇنداق قىلىپ مۇھەممەد قۇتۇب ، ھىچ مەھكىمە تەرىپىدىن چىقىرىلمىغان قارلاش بىلەن ئۆمرىنىڭ 7 يىلىنى تۈرمىدە تۈرلۈك ئىشكاللار ۋە قىيىن قىستاقلار بىلەن مەھرۇملۇق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. كېيىن مىسىرنى تەرك ئېتىپ سەئۇدى- ئەرەبستانىغا ماكانلاشقان.
  ئۇستاز مۇھەممەد قۇتۇب شۇئان ياشاپ بەرسە بۇ بىز ئۈچۈن چوڭ بەخىت ، ئۇستاز 86 يېشىدا

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 05:51:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8قەۋەتتىكى(Kiyok) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

توغرا ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرىگە باھا بەرگۈدەك بىلىمىم يوق ،شۇڭا« باھا» بەرگۈم يوق كىيۇك،....ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى توغرىسدا  پەقەت  بېن لادىن، «بازا »،«تالىبان »،«مۇسۇلمان ياشلار ئۇيۇشمىسى » قاتارلىق رېئاللىقلار ،قولۇمدا بار  ئۈچ  پارچە  كىتابچىدىكى نەزىرىيەلەر،  ئەلكۈيىدىكى ئازراق مۇنازىرە -جامائەت پىكىرى ئارقىلىق ھاسل قىلغان تونۇشىملا بار خالاس، بۇلار ئارقىلىق ھۆكۈم كېسەلمەيمەن ..شۇنداقتىمۇ  ئىنكاسىنى  قانداق يازغۇم كەلسە شۇنداق يازىمەن ،بەزىلەرنىڭ ئەخلەت ،قونچاق ئىنكاسلار بىلەن چاتىقىڭلار يوق ،ئازراق بىر پۇتاق چىقارغۇدەك يەر بولسىلا دىكتاتۇرا تۈزۈمىگە كۆنۈك مىجەزىڭلارنى ئىشلەتكۈڭلار كېلىپ قالىدىكەن ھە ، ئادەم مۇنبەردىمۇ دەككە -دۈككە ،ئويلىغانلىرىنى ياكى يازالمىغان...بولسا ئاستىدىكى ئىمزايىڭىزغا لايىق ئىش قىلىڭ ،خاتالاشمىسام ئۇ ئىمزانىمۇ نۇرغۇن مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ ،ئۇچۇر جېڭى قىلغاندىن كېيىن قاتتىق ئويلىنىپ چىقارغان يەكۈنگە ئاساسەن ئىشلەتكەنغۇ دەيمەن سىز..ئىمزايىڭىز «بەس مۇنازىرە كۆپىنچە ھاللاردا كىشىلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرېۋىتىدۇ» بىلەن يازغان ئىنكاسىڭىزدىكى «... ئاندىن سىز گۇمان قىلغان مۇنبەردىكى ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى بىر-بىرلەپ ئۆزىنى ئاشكارلىسا مۇنازىرە قىزىيدۇ...» مەزمۇننى باغلاپ قانداق خۇلاسە چىقارغىلى بولىدىكەن بايقىدىڭىزمۇ ؟!!!بىر ياخشى تېمدا باشقىلارنى كۆپتۈرۈپ جېدەلگە باشلاپ قويۇپ تازا بىر مەيدان بېلەتسىز ئويۇن كۆرەي دېگەنمىتىڭىز يا؟

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 640
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9306
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 06:02:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردىشىمىز سايىدنىڭ يازمىسىدىن سەييىد قۇتۇبنى يەنىمۇ ئىچكىرى چۈشەنگەندەك بولدۇم . ئۇنىڭغا شۇ مىسىر دۆلىتىدىكى توغرا يولدىكىلەرگە قارىتا  خاس ھېكمەت بېرىلىپتىكەن . شۇنداق بولغاندا ئۇ يۇقىرى پەللىلىك پەلسەپە ئىگىسى ئىكەن . ئۇنىڭ چاقىرىقى مەريەم ئوغلى ئىسانىڭ كېلىشى ۋە ئۇنى قۇبۇل قىلىپ كۈتىۋېلىشلارغا قارىتا ھازىرلىق ئىستەش ۋە باشقىلارنى شۇنىڭغا چاقىرىق ئىكەن . ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقۇچى قۇشۇنلارنى چوقۇمكى بىزدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق زىلزىلىدە كۆرۈپ قالغۇدەكمىز .

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4770
تۆھپە نۇمۇرى: 238
توردا: 3635 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 06:39:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىيەتچى دېگەن گەپنىڭ مەنىسى نىمە؟ ئاڭلىمىغان گەپكەن .‹‹ئەكسىيەتچى›› دەپ ئاڭلىغان . بۇ ماقالىدا مەشھۇر ئىسلا م ئالىمى، شەھىد سەيىد قۇتۇپ رەھمەتۇللا  ئەلەيھىنىڭ بىر قىسىم پىكىر- ئىدىيسى خېلىلا ئوبدان تەتقىق قىلىنىپتۇ ، ئاخىرىدا يەنە‹‹بۇ خىل پىكىر ئېقىمى پەيدا بۇلىدىغان ئىجتىمائىي، ئىدىيىۋى، دەۋر ۋە ئىقتىسادى مەنبەلەرنى تۈگەتمىگەندە، ئۇ تارىخ سەھنىسىدىن ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ›› دەپ تەكىتلەپتۇ   .    بولدىلا بۇ تېمىدا مۇنازىرە قىلىشمىغان ياخشى. مۇنبەرنىڭ تېنىچلىقى ئەۋزەل!

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

ئې ئاشىقىم ئاللاھ سەن ماڭا مەڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66698
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3296
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2011-11-24
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 06:54:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرادىدىڭىز سەيپۇللاھ دىمىسىمۇ شۇ

ئى ئاللاھ بىزگە سالىھە،تەقۋا،ئالىمە،فازىلە.. بۇرۇنقى قەھرىمانلارنىڭ،ياخشىلارنىڭ...ئىش ئىزلىرنى سوزلەپ بىرىدىغان ئانىلارنى بەرگىن بىز شۇنداق ئانىلارغا مۇھتاج
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش