مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3364|ئىنكاس: 74

سەييىد قۇتۇبنىڭ ئەسلىيەتچىلىك ئىدىيىسىنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5405
تۆھپە نۇمۇرى: 1110
توردا: 3788 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 11:52:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



سەييىد قۇتۇبنىڭ ئەسلىيەتچىلىك ئىدىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى

  سەييىد قۇتۇب(1906-1966)مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئاسسىيوت ئۆلكىسىدە دىنىي كەيپىياتى قويۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ياخشى، ئاتا-ئانىسى تەقۋادار مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ قاھىرە تىل دارىلمۇئەللىمىنىنى پۈتتۈردى. 1948-يىلى8-ئايدىن1950-يىلى8-ئايغىچە ئامېرىكىدا ئوقۇپ، پېداگوگىكىنى تەتقىق قىلدى، ھەمدە غەربنىڭ ماددىي مەدەنىيلىكى، مەدەنىيەت ئىدىيىسى، ئەخلاقى، قىممەت قارشى قاتارلىقلارنى  بىۋاسىتە بېشىدىن كەچۈردى ھەم ئۇلار بىلەن ئۇچىرىشىپ، ئۇلارنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولدى. 1951-يىلى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ، ئۇيۇشما گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. 1954-يىلى قولغا ئېلىنىپ، 15يىللىق ھۆكۈم كېسىلدى. كۆپ خىل ئاستا خاراكتىرلىك كىسەللەرگە گىرىپتار بولغانلىقتىن، كۆپ ۋاقتىنى تۈرمىدىكى دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ نۇرغۇن ئىلمىي ماقالە ۋە ئەسەرلەرنى يېزىپ، تۇغقانلىرى ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىپ تۇردى. تۈرمىدە 10 يىل يېتىپ 1964-يىلى قۇيۇپ بېرىلدى. 1965-يىلى 8-ئايدا يەنە قولغا ئېلىنىپ، 1966-يىلى 8-ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، يەتتە كۈندىن كېيىن دارغا ئېسىلدى. سەييىد قۇتۇب ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كىشىلەر ئۇنى غايە يولىدا ئۆزىنى بېغىشلىغان «شېھىت»دەپ ئاتىدى.ئەسەرلىرى ۋە ئىدىيىسى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كەڭ تارقالدى.نۇرغۇن ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم نەشىر قىلىندى. «يول بەلگىسى»، «ئىسلام تەتقىقاتى»، «ئىسلامىيەت ۋە مەدەنىيلىك»، «ئىسلامىيەت بىلەن كاپىتالىزىمنىڭ كۈرىشى»، «ئىسلامىيەتنىڭ كەلگۈسى»، «ئىسلامىيەت ۋە دۇنيا تىنىچلىقى»، «يەھۇدىيلار بىلەن كۈرەش»، «ئىسلام جەمئىيىتىدىكى ھەققانىيەت» قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سەييىد قۇتۇبنىڭ ئىجتىمائىي ئىدىيىسى بىلەن دىنىي قاراشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئادەم توغىرسىدا بايان قىلغانلىرى پەرقلىنىدۇ، ئۇ ئىجتىمائىي ئەسەرلەرنى  نوقۇل ئەخلاق نۇقتىسىدىن بايان قىلمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى پۇقرالاردىكى كۆيۈمچانلىق، مېھرىبانلىققا تايىنىشلا  ئەمەس، پۇقرالار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق تۇيغۇسىغا تايىنىش بىلەنلا ئەمەس، پۇقرالارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسىغا تايىنىش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە تايىنىش، ئىگە بولغۇچىلار بىلەن ئىگە بولمىغانلار ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ساقلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ مۇنداق دېگەن:«ئىسلام دىنى شۇنىڭغا سەل قارىغانكى، ئەگەر ئادەم زۆرۈر تۇرمۇش كاپالىتىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇ ھالدا ھەممە قانۇنىيەتلەر ۋە كاپالەتلەر مەۋجۇت بولمايدۇ. ئەگەر ئادەم تۇرمۇش كاپالىتىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇ ھالدا مەنىۋى ئىنتىزارلىق ۋە كاللىدىكى يۇرۇقلۇقمۇ مەۋجۇت بولماي قالمايدۇ. شۇڭا ئىسلامىيەت يوليورۇق تۈزگەندە ھەممىدىن ئاۋۋال تولۇق تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئاندىن جەمئىيەتنىڭ مۇتلەق تەڭپۇڭلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:«مىسىردا ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ مۇقەددەسلىكى توغىرسىدا مۇھاكىمىلەر بىرخىل شۆھرەتپەرەسلىك ھېسابلىنىدۇ ياكى ئىجتىمائىي رېئاللىقتا ئەسلا مەۋجۇت بولمايدىغان خام خىيال دېيىلىدۇ. مىسىردىكى نەچچە مىليون ئادەم بۇنداق مۇقەددەسلىكىنى ھەقىقەتەن قوبۇل قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاچارچىلىق ۋە مەھرۇم قىلىنىشنى ھېس قىلىش بىلەن بەند.»



سەييىد قۇتۇب ناچار ئىجتىمائىي فورماتسىيە دائىرىسى ئىچىدە ئىجتىمائىي باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:« بۇنداق ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە پۇرسەتنىڭ باراۋەر بۇلۇشى پۈتۈنلەي جۆيلۈگەنلىك بولىدۇ. ئۇ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەن جۆيلۈشتىن قىلچە قېلىشمايدۇ. ئوخشىمىغان گۇرۇھتىكى كىشىلەر نەدىكى باراۋەرلىكتىن ئېغىز ئاچالىسۇن؟ كەپىدە تۇغۇلغان قىزچاقنى يەر ياكى يەردىكى ئەڭ پاسكىنا تاشلار كۈتۈۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى مىكروب ۋە كېسەللىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى ئاچارچىلىق ۋە جاپا-مۇشەققەت بولىدۇ. بۇ قىز ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى مەھرۇم قىلىش ۋە كەمسىتىش كۈتۈپ تۇرىدۇ. يەنە بىر قىزچاققا دوختۇرلار تۇغۇت ئانىسى بولىدۇ، ئۇنى سېستىرالار ئاسىرايدۇ، ئۇ چەكسىز كۆيۈنۈش ۋە غەمخورلۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. كېيىن يەسلىگە كىرىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئاندىن كېيىن يۇقىرى خىزمەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ياكى باي شىركەت، مەمۇرىي ئورگانلاردا ئىشلەيدۇ. بۇ ئىككى قىز قانداق باراۋەر بولالىسۇن؟» سەييىد قۇتۇب ئۇنى ئوخشاش بولمىغان ئىككى گۇرۇھ ياكى تەبىقىنىڭ باراۋەرسىزلىكنى مۇشۇ ئىككى قىزنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىتىدۇ.

  سەييىد قۇتۇب ھۆكۈمەتتىن دۆلەتتىكى ھەربىر ئادەمنى يېتەرلىك تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دۆلەتتىن ھەربىر بالىنى داۋالاش-ساقلىقىنى ساقلاش بىلەن تەمىن ئېتىشنى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئىمكانقەدەر ساغلام قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، پۇقرانىڭ باراۋەرلىكى تۇغۇلغاندىن كېيىن باشلانماي، بەلكى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى مەۋجۇت بۇلۇشى كېرەك.

  مۇشۇنداق ناچار ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە پۇرسەتنىڭ باراۋەر بۇلۇشى قۇرۇق گەپ بۇلۇپلا قالماستىن، تىرىشچانلىق بىلەن ھەق ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىكمۇ ئەپسانە بولۇپ قالىدۇ. ئۇ قاراشلىرىنى ئۆزى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ئىجتىمائىي رېئاللىقلار بىلەن ئىسپاتلايدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ:«مۇشۇنداق دۆلەتتە كىم ئىشلىسە شۇ ئاچ قالىدۇ. مەن ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك، پارىخورلۇق قىلغان، ھوقوقنى قالايمىقان ئىشلەتكەن،ئاق تەنلىك قۇل سودىسى قىلغانلارنى ۋە چەتئەللىكلەرنى ئەمەس، قانۇنلۇق خىزمىتى بار ئادەملەرنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن. چۈنكى، بۇ قانۇنسىز ھەرىكەتلەر مىسىردىكى ئەرلەر ياكى ئاياللارنى بىر كېچىدە باي قىلىۋېتىشى مۇمكىن.»

  ئۇ مىليونلىغان نامراتنى ئىشلىمەيدىغان، تىرىشمايدىغان ھۇرۇنلار دىيىشكە مۇتلەق قۇشۇلمايدۇ، بىر ياكى ئون، يۈز، مىڭ ياكى ئون مىڭ ئادەمنى ھۇرۇن دېسە بولىدۇ. مىليونلىغان ئادەمنى ھۇرۇن دېيىش پۈتۈنلىگەن جۆيلۈگەنلىك، ئۇنداق بۇلۇشى مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس دەيدۇ. سەييىد قۇتۇب جەمئىيەت مەسىلىلىرىگە ئىنتايىن سەزگۈر. ئۇ «قۇرئان كەرىم» دىكى «... ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق» دېگەن ئايەت ئۈستىدە توختالغاندا، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغىنى ئىسلامىيەتنىڭ سىنىپ تۈزۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئەمەس، بىر سىنىپنىڭ يەنە بىر سىنىپتىن ئۆتۈپ كېتىشىنى ئەمەس، شەخىسلەرنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ، شەخسىي ئۆتۈپ كېتىشتە ئۆزى مەنسۇپ بولغان سىنىپقا ئەمەس، ئۆزىنىڭ تالانتىغا تايىنىدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە شەخىسنىڭ قابىلىيىتى ئۇنى قابىلىيىتىگە يارىشا ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. شەخس مەنسۇپ بولغان سىنىپ ئادەمنى ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا ئىگە قىلالمايدۇ.

  سەييىد قۇتۇب پۇقرالارنىڭ سىياسى ھوقوقى، بۇلۇپمۇ سايلام ھوقوقى توغرىسىدا توختالغاندا، ئىسلامىيەت مىللەتنىڭ پىكىرىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغان ھەرخىل شەرتلەرنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، سايلىغۇچىلار رىئاللىقتىكىدەك خوجايىننىڭ ياكى ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ كونترول قىلىشىغا ئۇچىرىماسلىقى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ سىياسى ھوقوقى بىلەن ئىقتىسادى ھوقوقىنى ئايرىۋىتىشكە بولمايدۇ.

  مۇشۇ ئاساستا، سەييىد قۇتۇب كاپىتالىزم «دېموكراتىيىسى»نىڭ ساختىلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇنى پارلامېنتنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىتى دىگىلى بولامدۇ؟ دۆلەتنىڭ ھەممە ئورگانلىرى بۇرژۇئازىيە ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. لېكىن نەچچە مىليون ئاچ-يالىڭاچ قالغانلار، ئاغرىقلار ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىنغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ قوغدىغۇچىسى يوق، قوللىغۇچىسىمۇ يوق دەيدۇ.

  ناھيىتى روشەنكى، سەييىد قۇتۇبنىڭ قارىشىچە، نامراتلار بىلەن بايلار ئوخشاش بولغاندىلا جەمئىيەت مۇقىم بولىدۇ ۋە خەۋىپسىزلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىندۇ.

  سەييىد قۇتۇب مۇستەملىكىچىلىككە ۋە كاپىتالىزمغا كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىدۇ. جەمئىيەتتىكى چىرىكلىككە شۇلار جاۋابكار بۇلۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇ مۇستەملىكىچىلىك، كاپىتالىزم پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي فورماتسىيە ۋە چىرىكلىك، ۋىجدانسىزلىق، پۇقرالاردىكى ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ يوقىلىشى، پۇرسەت باراۋەرلىكىنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقى بىلەن ئادەمنى ئەسەبىيلىككە ماڭغۇزىدىغان ھەركەتلەرنى بىر-بىرىگە چاتىدۇ.

  كىشىلەرنى خوجايىن ۋە قۇلغا ئايرىۋەتكەن دۆلەتتە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئادىللىققا بولغان تەلىپى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىپىدىن ئېشىپ كىتىدۇ. پەقەت ئىسلامىيەت قارشىلىشىشقا، توقۇنۇشقا، ۋە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە قارشى تۇرغانلىقتىن، ئجتىمائىي ئادىللىق بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەڭ ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

  سەييىد قۇتۇب تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: كوممۇنىزم بىلەن ئىسلامىيەتنىڭ ئالەم، كىشىلىك ھايات توغرىسىدىكى ئاساسىي قاراشلىرى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت بولسىمۇ، لېكىن ئقتىسادىي جەھەتتە كوممۇنىزم بىلەن ئىسلامىيەت ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئورتاقلىقلار مەۋجۇت. سوتسىيالىزم ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ قارىشىچە، سوتسىيالىزم  ماتېرىيالىزمنى ئاساس قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ئارزۇسىنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن چەكلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ. پەقەت ئىسلامىيەتلا ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: ئىسلامىيەت ھۆكۈمرانلىق قىلىشى لازىم. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىجادىيلىققا ئىگە بىردىنبىر دىن. ئىسلامىيەت خرىستىئان دىنى ۋە كوممۇنىزمنى قوبۇل قىلىپ ئومۇميۈزلۈك بىرلىشىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، تەكشىلىك، ماسلىشىش ۋە توغرىلىقنى ئاشۇرىدۇ.

  لېكىن رېئال ئىسلام دۇنياسى ئىسلامىيەتنىڭ جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالمىدى، بەلكى جاھىلىيەت دەۋرىدە تۇرۇپ قالدى.

  ئۇنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقىغا ئوخشاش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەتەر جاھىلىيەت دەۋرىدە تۇرۇپتۇ. ئەتراپتىكى ھەممىنى جاھىلىيەت قاپلىغان: كىشلەرنىڭ قاراشلىرى، ئىتقادىي، ئۆرپ-ئادەتلىرى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، قانۇنى ۋە قانۇن چىقىرىشى جاھىلىيەت ۋە ياۋايىلىق بىلەن تولغان. ئىسلام مەدەنىيىتى، ئىسلام مەنبەسى ياكى ئىسلام پەلسەپىسى ۋە ئىدىيىسى دەپ قارالغان نەرسىلەرمۇ مۇشۇنداق جاھىلىيەتنىڭ تەركىبى قىسىمى بولدى. شۇڭا ئۇ ھەقىقىي ئىسلام تەرتىپىنى قايتىدىن قۇرۇشنى، ئاللانىڭ ھوقوقى ۋە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقنى تۇرغۇزۇشنى، ئاللانىڭ تەنھالىقىدىن ئىبارەت سۈپىتىنى جاكارلاشنى، ئادەم ھۆكۈمرانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلىگە، تۈرىگە ۋە ئۇسۇلىغا قارشى تۇرۇشنى، يەر شارىدا ئادەم پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، ئاللانىڭ پادىشاھلىقىنى تىكلەشنى، ھوقوقنى ھوقۇق تارتىۋالغۇچىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، بىر ئاللاغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى، ئادەمنىڭ قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىردىنبىر، تەڭداشسىز ئاللانىڭ قانۇنىنى بەرپا قىلىشىنى تەكىتلىدى.

  سەييىد قۇتۇب مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەقىقى ئىسلامىيەتنىڭ سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدا مۇتلەق ئازادلىق، ئىنساننىڭ ئومۇميۈزلۈك باراۋەرلىكى، مۇكەممەل ئىجتىمائىي كاپالەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي بولىدۇ. بىرىنچى، ئاساس ئىنساننىڭ بىۋاسىتە ئازادلىقى بولۇپ، ئىنسان يالغۇز ئاللاغا ئىبادەت قىلىدۇ، باشقىلارغا ئىبادەت قىلمايدۇ دەيدۇ. ئىنسان بىلەن ئاللا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بىۋاستىلىقىنى، ئوتتۇرىدا ھەرقانداق بىرىنىڭ يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ؛ شۇنداقلا ئىنساننىڭ پىسخىكا ئازادلىقى بولۇپ، ئىنساننى بايلىق، يۈز-خاتىرە ۋە شان-شۆھرەت تۈرىدىكى قىممەت قاراشلىرىغا بويسۇندۇرمايدۇ، ئىنساننى ئارزۇ ۋە ھەۋەسلەرنىڭ كونترول قىلىشىغا ئۇچىراتمايدۇ.

  ئىككىنچى ئاساس ھەممە كىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالدىدا باراۋەر ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ھەممە ئىنسان ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇشتى، ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا لايدىن يارىتىلغان. بۇ ئاساس ئىنسان ئىرقلىرىنىڭ بىر مەنبەدىن ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭمۇ باراۋەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

  ئۈچىنچى ئاساس ئادەم ئۆزىگە كاپالەتلىك قىلىش ئارزۇسىنى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنى پاك تۇتۇشى، ئائىلىسىدە مىراس تەقسىماتىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىپ، ئائىلە مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن جەمئىيەتكە كېڭەيسە، باشقىلارنىڭ مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى بەلگىلەيدۇ.

  سەييىد قۇتۇبنىڭ قارىشىچە، ئىسلام رېئال سوتسىيالىزمى شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈكىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ. لېكىن شەخىسلەر ئىگىدارچىلىقىنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە ئىگىدارچىلىق ھوقوقىنى قوغداشنىڭ مۇنداق ئۈچ شەرتى بولىدۇ: بىرىنچىدىن، شەخىسلەر مال-مۈلۈكىنىڭ كېلىشى  قانۇنلۇق بولۇش لازىم؛ ئىككىنچىدىن، مال-مۈلۈكنى كۆپەيتىش ئۇسۇلى قانۇنلۇق بولۇش لازىم؛ ئۈچىنچىدىن، بۇ مال-مۈلۈكلەر مۇۋاپىق تەرەپلەرگە ئىشلىتىلىشى، ئىسراپ قىلىنماسلىقى، قالايمىقان ئىشىلتىلمەسلىكى لازىم. ئەگەر جەمئىيەتتە تەكشىسىزلىك كۆرۈلسە ياكى ئاپەت پەيدا بولسا، دۆلەت بۇ مال-مۈلۈكلەرنى ئىشلىتىشنىڭ مۇتلەق ھوقوقىغا ئىگە بولىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، دۆلەت جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈكىنى سېتىۋېلىپ ئىشىلىتىش ھوقوقىغا ئىگە بولىدۇ. سەييىد قۇتۇبنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى ئىككى نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ. بىرىنچىدىن، «بارچە ھۆكۈم پەقەت ئاللاغىلا مەنسۇپ» دېگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممە شەكىلدىكى مىللەتچىلىكىگە، دېموكراتىزمغا ۋە سوتسىيالىزىمغا قارشى تۇرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ سىياسىي پىرىنسىپلار دىندىن تاشقىرى بۇلۇپ، «بارچە ھۆكۈم پەقەت ئاللاغىلا مەنسۇپ» بۇلۇشتەك نوپۇزغا دەخلى-تەرز قىلغانلىق، ئادەم ئادەمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش، ئادەم ئادەمنى ئېزىش، ئادەم ئادەمنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشتەك ئىسلام ئەقىدىسىگە خىلاپ كېلىدىغان ئادالەتسىز جەمئىيەتنىڭ ماھىيىتىگە ۋە ھادىسلىرىگە دەرۋازىنى ئېچىپ بەرگەنلىك بولىدۇ. بۇ سىياسى پىرىنسىپلارنى قوللىغان ۋە ماقۇللىغانكى ئادەم «قۇرئان كەرىم»گە ۋە ھەدىسكە ئاسىيلىق قىلغان بولۇپ، مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ. بۇ سىياسى پىرىنسىپلارنى ئىجرا قىلغان دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەرمۇ ئىسلام دۆلىتى ۋە ئىسلام جەمئىيىتى ھېسابلانمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ھازىرقى ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرى جاھىلىيەتتۇر. يەنى ئۇلار ئىسلام دىنىغا «ئېتىقاد قىلمايدۇ» ۋە دىندىن «يۈز ئۆرۈپ»، زامانىمىزدىكى ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ خاراكتىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «جاھىلىيەت» ۋاقىت چۈشەنچىسى ئەمەس، جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ مۇئەييەن ئالاھىدە تارىخى دەۋرىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بەلكى ئىسلامىيەتنىڭ خاراكتىرى كېسىشكەن جەمئىيەتنىڭ خاراكتىرىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئىسلام جەمئىيىتى ۋە جاھىلىيەت جەمئىيىتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.» «ئىسلام جەمئىيىتى ئېتىقاد، دىن، قانۇن، تۈزۈم، ئەخلاق ھەرىكەت... قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلام ئەقىدىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان جەمئىيەتتۇر. جاھىلىيەت جەمئىيىتى ئىسلام ئىتقادىي، كۆز قارشى، قىممىتى، ئۆلچىمى، تۈزۈمى، قانۇنى، ئەخلاقى، ھەركىتىدە بولمىغان جەمئىيەتتۇر.» «ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئىسلام يولىدىن ئېزىپ كەتسە، جاھىلىيەتكە تېيىلىپ كىتىدۇ، ئۇ تەكرار پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. بۇرۇن شۇنداق بولغان، ھازىرمۇ كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ.» «بۈگۈنكى دۇنيا جاھىلىيەت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. بۇ سۆز ئۇنىڭ تۇرمۇش ئاساسى ۋە تۈزۈمنىڭ ماھىيىتى تەرىپىدىن ئېيتىلغان. غايەت زور ماددىي مۇۋەپپىقىيەتلەر ۋە مەشھۇر ماددىي ئىجادىيەتلەر بۇنداق جاھىلىيەتنىڭ خاراكتىرىنى قىلچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ.» ئۈچىنچىدىن، مۇشۇنداق «ئېغىر» «ئوبىكتىپ رېئاللىق» ئالدىدا، سەييىد قۇتۇب «ئىسلام دىننى گۈللەندۈرۈش»نى ئاۋۋال «مۇسۇلمانلار گۇرۇپپىلىرى» قۇرۇشتىن باشلاشنى، «يىلتىز تارتىپ ئالاقە باغلاش»نى ئاۋۋال بىر ئادەمدىن باشلاشنى، ئالاقە باغلاش ۋە بىرلىشىشنىڭ يادروسى ئېتىقاد بولۇش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. «بىر ئادەم مۇشۇنداق ئېتىقادقا ئىگە بولغاندا، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىسلام جەمئىيىتى باشلانغان بولىدۇ... مۇشۇنداق ئېتىقادقا ئىگە ئادەم بىر نەچچىگە يەتكەندە ... ئىسلام جەمئىيىتى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولغان بولىدۇ... ئۈچ ئادەم 100گە، 100ئادەم 1000غا، 1000ئادەم 12000غا ئۆزگىرىدۇ... ئىسلام جەمئىيىتى بارلىققا كېلىدۇ، مۇستەھكەملىنىدۇ.» سەييىد قۇتۇب بۇ باسقۇچنى «ئېتىقادنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى» ياكى «شەكىللىنىش غولغۇلا قىلىش باسقۇچى» دەپ ئاتاپ، ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان نازىل بولغان «مەككە باسقۇچى»غا ئوخشىتىدۇ. بۇ باسقۇچتا «قۇرئان كەرىم» ئېتىقاد شەكىللىنىشنىڭ بىردىنبىر ئاساسىي بولىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچى ئېتىقادنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش باسقۇچىدۇر. بۇ باسقۇچنى سەييىد قۇتۇب «ئېتىقادنىڭ ھەرىكەت باسقۇچى» ياكى «ھەرىكەتتىكى ئېتىقاد باسقۇچى» دەپ ئاتايدۇ، ھەمدە «ئېتىقادنىڭ ئاۋانگارت ئەتىرىتى»نى تەشكىللەيدۇ. ئۇنى ئىسلام دىننىڭ دەسلەپكى «مەدىنە باسقۇچى»غا ئوخشىتىدۇ. «ئاۋانگارت ئەتىرىتى»نىڭ «ھەركىتى»بىلەن تەشكىللەنگەن. «ئىسلام ئېتىقادىغا ئىگە جەمئىيەت ئېتىقاد مۇناسىۋىتى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. مىللەت، زېمىن، تېرە رەڭگى، تىل، جۇغراپىيىلىك ئورۇن ۋە كۈلكىلىك چېگرا سىزىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ.» «بۇنداق مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى-ئىسلام دۆلىتىدۇر. ئۇنىڭ ۋەتىنى زېمىن ئەمەس، ئېتىقادتۇر.»

سەييىد قۇتۇبنىڭ تەسىرى

  مەۋدۇدنىڭ ئەسلىيەتچىلىك ئىدىيىسىنى سەييىد قۇتۇب «ھەممىنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن چاغلايدىغان» ئېكىسترىمىزملىق ئىدىيىگە تەرەققى قىلدۇردى، ھەمدە مۇكەممەل بىر يۈرۈش نەزەرىيە شەكىللەندۈرۈپ، رېئال جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىنكار قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت بىلەن قاتتىق قارشىلىشىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلام رادىكال تەشكىلاتلىرىنى ۋە تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنى نەزەرىيىۋى ئاساس ۋە ھەرىكەت پروگراممىسى بىلەن تەمىنلىدى. سەييىد قۇتۇب بىلەن مەۋدۇدنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ دەرىسلىكى قىلىندى. مىسىردىكى تېرورچى بىر تەشكىلات ئەزاسى مەسىلە تاپشۇرغاندا مۇنداق دېگەن:« ئېسىمدە قېلىشىچە، مەۋدۇدنىڭ‹تۆت ئاتالغۇ ھەققىدە ئىزاھات›ناملىق ئەسىرىنى ھەممە كىتابلاردىن بۇرۇن ئوقۇدۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن، سەييىد قۇتۇبنىڭ‹يول بەلگىسى›ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇدۇم. شۇنىڭ بىلەن ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى تۈزۈملەر ئىسلام دىندىن چەتنەپ كېتىپتۇ، ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇنداق تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش كېرەك ئىكەن دېگەن يەكۈنگە كەلدىم.»

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققى قىلىش سۈرئىتى كىشىلەرنىڭ مۆلچىرىدىكىدىن ئېشىپ كەتتى، ئۇنىڭ تەرەققىياتى كۈچەيسە كۈچەيدىكى، ئاجىزلىمىدى. ئۇ ئەرەب دۆلەتلىرى، ئىسلام دۆلەتلىرى سىياسى، ئىدىيە، ئىجتىمائىي ساھەلىرىگە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدىكى تەسىرىمۇ بارغانسېرى روشەن بولدى ۋە كۈچىيىپ كەتتى. ئەسلىيەتچىلىك تەرەققى قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە  ئېكىستىرىمزملىق خاھىشقا ئىگە پىكىر ئېقىمغا تايىنىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشقا ناھايىتى چوڭ بۇزغۇنچىلىق قىلدى. سىياسى ۋە ئىقتىسادى نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇنداق پىكىر ئېقىمىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن تارىخىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ پەيدا بۇلىشى مۇقەررەر ھادىسە بولۇپ، بۇ پىكىر ئېقىمى خېلى ئۇزۇنغىچە مەۋجۇت بولۇپ ۋە تەسىر كۆرسىتىپ، بىر خىل «تارىخى مۇقەررەرلىك» بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل پىكىر ئېقىمى پەيدا بۇلىدىغان ئىجتىمائىي، ئىدىيىۋى، دەۋر ۋە ئىقتىسادى مەنبەلەرنى تۈگەتمىگەندە، ئۇ«تارىخ سەھنىسىدىن ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ» كەتمەيدۇ.



شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئىسلام پەلەسپە تارىخىدىن بايان» ناملىق كىتاپتىن كىرگۈزۈلدى.

مەنبە http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=11648

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
huxqiray + 15 نادېر تىما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 15   باھا خاتىرىسى

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ

شان-شەرەپ مال-دۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13003
تۆھپە نۇمۇرى: 1437
توردا: 3649 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 01:06:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز بولسا مۇشۇنداق كىشىلەرنى تۇنۇشتۇرىدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى شەرھىلەيدىغان ماقالىلەر بولسا كۆپرەك يۇللاپ بىرىڭ .

شان-شەرەپ مال-دۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13003
تۆھپە نۇمۇرى: 1437
توردا: 3649 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 01:13:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەھەتتە كوممۇنىزم بىلەن ئىسلامىيەت ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئورتاقلىقلار مەۋجۇت. سوتسىيالىزم ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ قارىشىچە، سوتسىيالىزم  ماتېرىيالىزمنى ئاساس قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ئارزۇسىنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن چەكلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ. پەقەت ئىسلامىيەتلا ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: ئىسلامىيەت ھۆكۈمرانلىق قىلىشى لازىم. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىجادىيلىققا ئىگە بىردىنبىر دىن. ئىسلامىيەت خرىستىئان دىنى ۋە كوممۇنىزمنى قوبۇل قىلىپ ئومۇميۈزلۈك بىرلىشىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، تەكشىلىك، ماسلىشىش ۋە توغرىلىقنى ئاشۇرىدۇ.

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 659
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11825
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 3649 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 01:13:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئادەمنىڭ دۇنياقارىشىنىڭ توغرا-خاتالىغىغا ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىشقا ئاجىزمەن،ئەمما ئۇنىڭ نۇرغۇن كۆزقاراشلىرى،پىكرى،مەنتىقىسىنى ئوبدان تەتقىق قىلىشقا،تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىپ،شاكىلىنى چىقىرۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش يولىنى تۇتساق بولىدىكەن.سەييىد قۇتۇپنى نىمىشقا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولغىيتتى.بۇ ئادەم بىر ئۆمۈر جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ياشاپتۇ،ئەمما ئۇ قالدۇرغان ئىلمى تەتقىقات مېۋىسى كېيىنكىلەرنىڭ يول ئېچىشىغا ماياك بولىشى مۈمكىن.تېما ئىگىسىگە رەخمەت!

ھازىر تۆۋبە قىلسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز!

مەن ساڭا ساراڭ ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8142
تۆھپە نۇمۇرى: 522
توردا: 2045 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 01:16:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  ماقالىنى  تەنقىدى پوزىتسىيەدە  ھەزىم قىلىش  كېرەككەن  ، بەلكىم يازغانلار  ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغانلاردۇر،،،،ئەسلىيەتچىلىك  ئىدىيىسىنى  .پۈتۈنلەي  خاتاغا  چىقارغادەكلا.  نەچچە مىليون  ئادەم  توغرا  دەپ ئەگشىىۋاتقان بايراققا  كاللىسغا  سىڭىپ كەتكەن خاتا قاراش بىلەنلا  ھۆكۆم چىقىرۋەتسە  قانداق  بولىدۇ ،،.. سەيپىد  قۇتۇپنىڭ  كىتاپلىرىنى   ئوقۇغانلا  نېمىنىڭ توغرا  ياكى خاتالىقىنى  چوقۇم  بىلەلەيدۇ ....تېما  ئىگسىگە  رەھمەت  .پايدىلىنىش قىممىتى  زور  يازما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردىڭىز

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

بىرسى دىدى تۇخۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1550
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3800
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 01:23:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SAYYID  KUTUB  NING  KOZ KARAXIRINI QUXANGAN  VAKTIMIZ   KULLUKTIN  KUTULUXKA  HARKAT  KILIDIGAN  VAHTIMIZDUR.

مۇنارلار نەيزە،قۇببىلەر قالقان، مەسجىدلەر گازارما،مۇئمىنلەر ئەسكەر، بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار، ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!! بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!

ئالدىراشلىق .....

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 275
تۆھپە نۇمۇرى: 158
توردا: 3976 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 01:42:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشىنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد قۇتۇپمۇ ئاكىسىنىڭ ئىزىدا ماڭغان ،ئاكىسغا ئىزباسار بولغان ،سەيىد قۇتۇپنىڭ ئىنىسغا بەرگەن باھاسى :
                          ئىنىم سەن سۆز كەبى ھەرپلەر ئارا،
                         ھېسلاردىن چاقنايدۇ سىرلىق مۇئەمما .
                         مۇزىكا تىمسالىدۇر ئاۋزى ئۇنىڭ ،
                        چاڭقاق دىل قانار مۇڭلۇق كۈيى بار.
                         شۇ ئۇلۇغ ئارزۇ ئارمانلىرىمنىڭ ،
                         سۈرىتى سەن ئىدىڭ قەلبىم قېتىدا ،
                      سەپىرىم بەك ئۇزۇن داۋاملىرىم كۆپ ،
                    غېمىم يوق چۈنكى سەن غايەم يېنىمدا
                   ھاياتىم قىسقا دەپ ئۈزۈمىدىم ئۈمىد،
                    چۈنكى سەن كېلىسەن مېڭىل ئىزىمدا،
               ئوغلۇم سەن دوستۇم سەن ئۈزۈلمەس رىشتە،
                     ياشىسام قەلبىڭدە مىھرىڭ بېتىدا..
...تېمىغا كەلسەم ئسلام ئەسلىيەتچىلىرىگە باھا بەرگۈم يوق...

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 4985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53362
تۆھپە نۇمۇرى: 3673
توردا: 6396 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 02:02:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەيىىد قۇتۇپنى ھەقىقىي چۈشەنمەكچى بولغانلار مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ۋە ھەسەن ئەلبەننانى چۈشىنى كېرەكلىكىنى بىلىۋىلىشى كېرەك.
يەنە سەيىىد قۇتۇپنى قۇرئان سايىسىدا ناملىق تەفسىر كىتابىنى قايتا-قايتا ئوقۇغاندا ئاندىن ئۇنىڭ كۆز-قاراشلىرى ھەزىم قىلغىلى بولىدۇ.
سەيىىد قۇتۇپنى دارغا ئاسقانلارمۇ سەيىىد قۇتۇپنىڭ جەمىيەتتىكى ئورىنىدىن قورقۇپ، ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرىۋىتىش خەۋىپىنى ئالدىن ئېلىش ئۈچۈن دارغا ئاسقان، ئۇنى دارغا ئىسىشقا بۇيرىغان مىسىر جۇمھۇر رەئىسى بولغان جامال ئابدۇناسىر ئۇنىڭدىن ئۆز پىكىرلىرىدىن ۋاز كېچىپ سوتسىيالىزىمنى (يەنى سەۋىت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىزىمىنى) ياقىلاشقا ئۈندىگەندە سەيىىد قۇتۇپ قەتئىي قارشى چىققان ۋە شەھىتلىك يولىنى ئۆزى تاللىغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20647
تۆھپە نۇمۇرى: 2998
توردا: 3327 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 02:26:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام ئەسلىيەتچىللىرى دىگەن نىمدىگەن گەپ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21745
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3297
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2010-12-10
ئاخىرقى: 2012-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 02:32:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىختا ھەق تە تۇرغانلارىڭ قانچىسى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن؟

ئۆرلە مۇسۇلمان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش