مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5614|ئىنكاس: 82

تاغدىكى سىرلىق دىلو [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48136
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 475
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 245 سائەت
تىزىم: 2011-7-17
ئاخىرقى: 2011-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-18 09:37:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىنى بىر دوستۇمنىڭ دوستى  يىزىپتىكەن. ئۇنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مىسرانىمغا يوللاندى.  ئالدىدا ئىزدىنىشقا يوللانغان.

تاغدىكى سىرلىق دېلو

(رازۋېتكا ھېكايىسى)

1



مەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ ، ئۆي تەرەپكە بۇرۇلدۇم . شەپەق قىزىرىپ قالغان ئىدى .  << ھەجەپ كەچ بولۇپ كېتىپتۇ ، توپ ئويناپ سەزمەپتىمەن . >> دەپ ئويلىدىم . دەل شۇ چاغدا ، بىرسىنىڭ كەينىمدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان تېۋىشىنى سەزدىم . كەينىمگە قاراپ بولغۇچە بىرسى مۈرەمگە شاپىلاقلىدى . قارىسام ، بىر سىنىپتىكى يېقىن دوستۇم  ئابدۇقەييۇم ئىكەن .  ئۇنىڭ بوي تۇرقى، ئورۇق - سېمىزلىكى مەن بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيتتى . ئەمما  ماڭا ئوخشىمايدىغان يېرى ئىنتايىن ئوچۇق مىجەز ۋە شوخ ئىدى .
- ھەجەپ بىر پاڭ قۇلاق نېمىكەنسەن ، - دېدى ئۇ ھاسىراپ ۋە ماڭا ياندىشىپ ماڭدى ،- باياتىننىڭياقى شۇنداق توۋلىسام پەقەت ئاڭلىمىدىڭ .
- خاپا بولمىغىن ، ئاڭلىماپتىمەن . سەنمۇ كۈچەپرەك توۋلىساڭ بولمامتى ، - دېدىم مەن كۈلۈپ .
- ھېلىمۇ توۋلاپ كانىيىم يىرتىلىپ كېتەي دېدى ، يولدىكى ھەممە ئادەم ماڭا قارىشىپ كەتتى ، سەنلا ئاڭلىمىدىڭ ،- دېدى ئۇ  ۋە تۇرقۇمغا بىر قارىۋېتىپ ، - يەنە توپ ئويناپ ئۆيگە ۋاخ قاپسەن ، دە .
- قانداق بىلدىڭ ؟
- كىيىمىڭگە قاراپچۇ ، يەنە چاچلىرىڭ تەردىن ھۆل بولۇپ بىر –بىرىگە چاپلىشىپ كېتىپتۇ . ئۇنىڭدىنمۇ ئېنىق بىر پاكىت بار ، قارا ، كېيىمىڭدە توپ تېگىپ كەتكەن ئىز تۇرمامدۇ . ھۆل توپ تەگكەن ئوخشايدۇ ، ئىزى قۇرۇپ لاي بولۇپ قېتىپ قاپتۇ.
- كۈزىتىش ئىقتىدارىڭ خېلى ئۆسۈپ قاپتۇ . ھە ؟ ! - دېدىم مەن كۈلۈپ .
- شۇنداق بولماي ئەمىسە ، مېنى دۆت چاغلاپ قالغانمىتىڭ ، - دېدى ئۇ ۋە كۆرەڭلەپ ياقىسىنى تۈزەشتۈرگەن ھەرىكەتنى قىلىپ قويدى ،- سەنزە، ئۆزەڭنىلا مۇشۇنداق كۈزىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قاپسەندە .
- كۈزىتىشىڭ توغرا بولغان بىلەن ، ھۆكۈمىڭنىڭ بىر نەچچە يېرى خاتا .
- ھە ؟!  دەپ باقە قېنى .
- كېيىمىمگە قاراپلا توپ ئويناپسەن دەپ ھۆكۈم چىقارماسلىقىڭ كېرەك ئىدى . چۈنكى سەنمۇ بىلىسەن ، مەن ئازادە دەپ ، ئادەتتىمۇ تەنتەربىيە كېيىنى كېيىۋالىمەن . شۇڭا بۇنى ئاساس قىلساڭ بولمايدۇ .  يەنە مەن بايا ئىسسىپ كېتىپ ، بېشىمنى سوغۇق سۇدا بىر چايقىۋەتكەن ، شۇڭا مۇشۇنداق ھۆل . ھەرقانچە تەرلىسەممۇ ، مۇنچىۋالا ھۆل بولماس.  توپ ئىزىغا كەلسەك ، سەن ئېنىق قارىماپسەن ، بۇ پۇتبولنىڭ ئىزى، مەن ئادەتتە ۋاسكىتبول ئوينايمەن. بايا قايتىۋاتقۇچە مەيداندا پۇتبۇل ئويناۋاتقانلارنىڭ توپى تېگىپ كەتكەن. ئەمما توپ راستلا سۇغا چۈشۈپ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىكەن . مۇشۇ بىر نۇقتىنىلا توغرا دېدىڭ .
- لېكىن ، توپ ئوينىغانلىقىڭنى توغرا تاپقاندىمەن ،- دېدى ئۇ گېپىمگە قارشى چىقىپ .
- سەن تاپمىدىڭ ، ئەمەلىيەتتە ئويناۋاتقانلىقىمنى كۆردۈڭ .
- سەن بۇنى قانداق بىلىۋالدىڭ ؟ - دېدى ئۇ ھەيران بولۇپ ،- ئۇ چاغدا مەن ......
- سىنىپ مۇدىرىمىز ساۋۇت مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىدا ئىدىڭ ، شۇنداقمۇ ؟
- توغرا ، ئەمما سەن بۇنى قانداق بىلدىڭ ؟ ھەتتا كىمنىڭ  ئىشخانىسىدا ئىكەنلىكىمنىمۇ ...  ،  سەن مېنىڭ ئىشخانىغا چىقىپ كېتىۋاتقىنىمنى كۆرۈپتىكەنسەندە ؟
- ياق ، سېنىڭ ئۇ يەرگە چىققىنىڭنى ھازىر بىلدىم .
- قانداق قىلىپ ؟ تىزراق دېسەڭچۇ ؟
- قولۇڭغا قاراپ بىلدىم . ئوڭ قولۇڭنىڭ بارماقلىرىغا قىزىل رەڭ يۇقۇپ قاپتۇ . ئۇزاق خەت يازغانلىقتىن ، ئوڭ قولۇڭنىڭ بارمىقى قەلەم تۇتۇپ بېسىلىپ ئىز قاپتۇ .  قارا ، تېخى ئەسلىگە كەلمەپتۇ . خېلى جىق خەت يېزىپسەن . ئادەتتە تاپشۇرۇق ئىشلەشكىمۇ ئىرىنىدىغان ئادەم قانداقسىگە بۇنداق جىق خەت يازغانسەن ؟  ، يەنە كېلىپ قىزىل رەڭدە . دېمەك ، سەن ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ، مۇئەللىمنىڭ قېشىغا  تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشۈپ ، نومۇر خاتىرلىگىلى چىققان .
- ساۋۇت مۇئەللىمنىڭكىگە چىققىنىمنى قانداق بىلدىڭ ؟
- پەقەت ساۋۇت مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىنىڭ دېرىزىسىدىن ۋاسكىتبول مەيدانى كۆرىنىدۇ . سەن دەل شۇ يەردىن مېنى كۆرگەن. شۇڭا ئىنتايىن ئىشەنچىلىك ھالدا مېنى توپ ئويناپسەن دېيەلىدىڭ .
- توپتوغرا ، دائىم مۇشۇنداق خۇددى كۆرۈپ تۇرغاندەكلا توغرا  تاپىسەن جۇمۇ سەن ، - دېدى ئۇ خۇرسىنىپ قويۇپ ،- قانداق قىلسام سەندەك توغرا ھۆكۈم چىقىرالايدىغان بولارمەن ؟
- بۇنىڭغا كۆپ مەشق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ...  ھەراست ،  تەكشۈرگىنىڭ ئۈلۈشكۈن ئالغان سىناق ئىنتىھان قەغىزىمىكەن ؟
- ھەئە ، سېنىڭ نۇمۇرۇڭ يەنىلا مەندىن قالسا ئەڭ يۇقىرى .
- مەنمۇ قاچان ماتىماتىكىدا سەندىن ئۆتۈپ كېتەرمەن ؟ - دەپ قويدۇم مەنمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىگە يارىشا. ئۇ بۇنى ئاڭلاپ مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈۋەتتى .
- بۇنىڭغا كۆپ مەشق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ، - دېدى ئۇ گېپىمنى قايتۇرۇپ بېرىپ .
ئىككىلىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق .  بىز توختاپ يولنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈۋالدۇق ، چىملىقتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ پىيادە يولىغا چىقىۋالغاندىن كېيىن ، ئابدۇقەييۇم :
- پەرھات ، ساڭا بىر خوش خەۋەر ئېيتاي ، - دېدى.
- نېمە خوش خەۋەر ئۇ ؟
- ئالدىمىزدىكى 1- ماي بايرىمىدا مۇئەللىم بىزنى بىرشەھەر سىرتىغا ئوينىغىلى ئەپچىقىدىكەن .
- ئوقۇش پۈتتۈرگەندە چىقىمىز دەۋاتاتتىغۇ ؟
- ئۇنىڭدىن ئاڭلىسام ، مۇشۇ بايرامدا شۇنداق بىر پۇرسەت بولۇپ قاپتۇدەك .
- ئەمىسە ئۆگۈنلۈككە ئىكەنغۇ ؟ قانچە پۇل يىغىشارمىز يەنە ؟ - دېدىم غەم قىلىپ . چۈنكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى بولغاچ ، چىقىم بەك كۆپ بولىۋاتاتتى .
- مۇئەللىم سىنىپتىكى ھەممەيلەننى ئېلىپ چىقمايدىكەن . مەن سىنىپ باشلىقى بولغاچقا ، پەقەت ماڭا دېدى . پۇل يىغىشنىڭ گېپىنى قىلمىدى، يا ئەتە دەرمىكىن.
- مۇنداق دە ، بۇ ئوغرى يەنە ئوساللىقىنى قىپتۇدە، باشقىلارنى ئايرىپ قويسا قانداق بولىدۇ؟ چىقىدىغانلار ئارىسىدا چوقۇم مەن يوق . ئۇنىڭ بىلەن كىلىشەلمەيدىغانلىقىمنى سەنمۇ بىلىسەن .
- ئۇ ماڭا  چىقىدىغانلارنى سەن بەلگىلە ، 10 ئادەمدىن ئېشىپ كەتمىسۇن دېدى . ماڭىمۇ بەلگىلەش تەس بولىۋاتىدۇ .
- ئەمىسە،  مەن چىقمايمىكىن .
- نېمىشقا ؟
- تازا چىققۇم كەلمەيۋاتىدۇ . بايرامنى ئۆيدە كىتاب ئوقۇپ ،  تېلېۋىزور كۆرۈپ  ئۆتكۈزەيمىكىن .
- ۋاي ، كىتابتىن نېمە چىقاتتى ؟  چىقىپ مۇنداق بىر ئويناپ ، كاللاڭنى دەم ئالدۇرۇپ  كەلمەمسەن .
- چىقاي دېسەم ، ئاشۇ ئوغرىمۇ باركەن...  باشقا ئادەم بولغان بولسا ئويلىنىپ باقاتتىم .
- ئۇ بولسا بولىۋەرمەمدۇ ؟ كارىڭ نېمە ؟ بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى قىلساق بولمىدىمۇ ؟
- يەنىلا چىقمىغىنىم ياخشىكەن .
- بىرەيلەننىڭ چىقىدىغىننى دېسەم چىقماي قالمايسەن .
- كىم ئۇ ؟ ھەجەپ كېسىپ ئېيتىۋەتتىڭغۇ ؟
- رەنا ، - دېدى ئۇ  ھەييارلىق بىلەن كۈلۈپ  ،- ئەمدىغۇ جان دەپ چىقارسەن ؟
-  بۇ نېمە دېگىنىڭ ؟-  تۇيۇقسىز قىزىرىپ كەتتىم ،- ئۇ چىقسا مەن بىلەن  نېمە ئالاقىسى بار ؟  قىززىق گەپ قىلىدىكەنسەن .
- بولدى ، بولدى ،- دېدى ئۇ مۈرەمگە شاپىلاقلاپ ، - خېجىل بولمىساڭمۇ بولىدۇ . بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇت جۇمۇ !
-چىك ،  ئا ...! ؟ - دېدىم مەن تە بولۇپ ،- بولدى قىلە ! دائىم ئادەمنى مۇشۇنداق تىرىكتۈرىدىكەنسەن .
- ماقۇل ، ئەمىسە ، قالغان گەپنى ئەتە دېيىشەيلى ،- دېدى ئابدۇقەييۇم قەدىمىنى توختىتىپ ،- مەن مۇشۇ يەردىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قايتاي . سەنمۇ ئۆيۈڭگە كېلىپ قالدىڭ .
- ئۆيگە كىرىپ قايتمامسەن ؟
- بولدى ، بەك كەچ بولۇپ كەتتى . باشقا كۈنى كىرەي .
ئاڭغىچە ئاپتۇبۇس كەلدى. ئۇ ئاپتۇبوسقا بىر سەكرەپلا چىقىۋالدى ، ۋە ماڭا قاراپ :
- ئىشقىلىپ سەن يەنە ئوبدانراق ئويلىنىپ باققىن ، خوش .
- خوش .
ئاپتۇبوس مېڭىپ كەتتى . مەن ئاستا ئۆيگە ماڭدىم . كاللامدا بايامقى سۆھبەت . بۇ قېتىمقى ساياھەت تەسەۋۋۇرۇمدا كىنودەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى . << ئەنە گۈل –گىياھ ، دەل – دەرەخلەر . يەنە تىنىچ دەريا بويى ، - ئۆزۈم كۆرۈپ باققان مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ، بىز چىقماقچى بولغان يەرنى قىياس قىلاتتىم ، - رەنا بىلەن بىللە  ئېگىزدە تۇرۇپ ،  پەستىكى گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلىنىش نېمىدېگەن ياخشى ئىش ھە ! >>
- ۋايجان ، ۋاي، ۋاي ، ۋاي...- بىريەرگە قاتتىق ئۈسسۈپ سالغانلىقتىن بېشىم ئاغرىپ كەتتى . تەسەۋۋۇرۇمدىكى كىنو ، رىئاللىقتىكى كۆرۈنۈشلەرنى توسۇۋالغاچقا ، بىنا كارىدورىنىڭ ئىشىكىنىڭ يېپىلىپ قالغان بىر قانىتىغا ئۈسسىۋاپتىمەن . ئاچچىقىمدا ئىشىكنى بىر مۇش قويۇۋېدىم ، قولۇممۇ بەك ئاغرىپ كەتتى .
- ۋاي ..ۋاي ،- مەن ۋايۋايلاپ كەتتىم . بىرەرسى كۆرۈپ قالمىغاندۇ دەپ ئەتراپقا قارىدىم . ھېلىمۇ ياخشى ھىچىكىم يوقكەن . مەن ئىشىككە بىر ئالىيىپ  قارىۋېتىپ كىرىپ كەتتىم.

تاغدىكى سىرلىق دېلو

(رازۋېتكا ھېكايىسى)

                                                                                                              2
بۈگۈن 1 –ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى . پۈتۈن خىزمەتچىلار يەتتە كۈن دەم ئېلىش قويۇپ بېرىلدى. بىز ئالىي مەكتەپ ئىنتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقاچقا ئۈچ كۈنلا قويۇپ بەردى . بۈگۈن ھېلىقى دېيىشىپ قويغان بويىچە يولغا چىقىدىغان كۈن ئىدى . مەن سومكامغا يولدا يەيدىغان نەرسىلەردىن باشقا ، يەنە بىر نەچچە پەننىي كىتاب ، بىر پارچە رازۋېتكا ھېكايىلەر توپلىمى ، ئەۋرىشكە يىغىدىغان قۇتا، بىر نەچچە سۇلياۋ خالتا ، لوپا ئەينەك ، قولچىراق ، كېچىك قىسقۇچ دېگەندەك ئېسىمگە كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋالدىم . چۈنكى مەن بىئولوگىيەگىمۇ بەك قىزىقاتتىم . مۇشۇ ۋاقىتقىچە خېلى كۆپ ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى يىغقان ئىدىم . سائەتكە قارىسام 9 غا 15 مېنۇت قاپتۇ . مەن سومكامنى ئېسىۋالدىم .
- دادا، ئاپا . ئەمىسە مەن ماڭدىم ، - دېدىم مەن .
- قاچان قايتىپ كېلىسەن ؟- سورىدى دادام .
- ئېنىق ئەمەس ، بىر – ئىككى قونۇشىمىز مۇمكىن. بىز بارىدىغان يەرنى بەك يىراق بىر چەت جاي دەيدۇ . ئادەممۇ تۈزۈك يوقمىش . ئىشقىلىپ قەيەر بولسۇن 3 كۈن ئىچىدە قايتىپ كەپ بولىمىز . خاتىرجەم بولۇڭ دادا، بىزنى مۇئەللىم بىللە ئاپىرىدۇ .
- ھە ،بوپتۇ ،- دېدى دادام ۋە يانچۇقىدىن پۇل ئالدى - مە ، بۇنى يېنىڭغا سېلىۋال ، لازىم بولۇپ قالىدۇ.
مەن پۇلنى ئېلىپ يانچۇقۇمغا سالدىم .
- خوش، خۇداغا ئامانەت- دېدىم ئىشىكتىن چىقىپ كېتىپ بېرىپ .
- خۇداغا ئامانەت .
سائەت 9 دا مەكتەپ ئالدىدا يىغىلماقچى بولغان ئىدۇق . مەن دەل ۋاقتىدا يېتىپ باردىم . قارىسام مۇئەللىم بىر نەچچە كىشى بىلەن بىر ئارابۇس يېنىدا پاراڭلىشىپ تۇرۇپتۇ . بېرىپ ھەممەيلەن بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشتۈم . مۇئەللىم ماڭا ئابتۇبۇسقا چىقىشىمنى ئېيتتى . ئاپتوبۇسقا چىقىپ قارىسام ، ھەممە ساۋاقداشلىرىم كېلىپ بوپتۇ ، ئۇلار دەرس دېسە ۋاقتىدا كەلمىگىنى بىلەن ، ئويۇن دېسە ھەممىسى مۇشۇنداق بالدۇر كېلىدىكەن . ئوغۇللاردىن ئابدۇقەييۇم ، جۈرئەت ، ئلىيار قاتارلىقلار بار ئىدى . قىزلاردىن رەنا ، گۈلمىرە، زۇلپىيەۋە تۇرسۇنئايلار بارئىدى . ئوغۇللار بىلەن بىر- بىرلەپ كۆرۈشىۋېتىپ ، ناتونۇش بىر بالىنى كۆرۈپ قالدىم . ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ قول تەڭلىۋىدىم ، ئۇ قولىنى ماڭا بەرمىدى . ئۇ دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ، خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى . مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ ، ئابدۇقەييۇمىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئولتۇردۇم.
- ئۇ كىم ؟ - دەپ سورىدىم مەن سومكامنى جايلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن .
- بىلمەيمەن ،- دېدى ئابدۇقەييۇم ،- ئۇ ئاۋۇ مۇئەللىمنىڭ تونۇشلىرى بىلەن بىللە كەلگەن. بايىدىن بېرى مۇشۇنداق گەپ قىلماي ، ئۆزىدىن باشقا ھىچكىم يوقتەك ئولتۇردى . غەلىتە بىر ئاداشكەن .
- ئەمىسە ئاۋۇ پەستە تۇرغانلار كىملەركەن ؟- دەپ سورىدىم مەن ماشىنا يېنىدا پاراڭلىشىپ تۇرغانلارنى كۆرسىتىپ .
ئابدۇقەييۇم ئېغىز ئاچقۇچە ، ئالدىمىزدىكى رەتتە ئولتۇرغان جۈرئەت گەپكە قوشۇق سالدى :
- مۇئەللىمىنىڭ دوستلىرى ئىكەن ، بۇ قېتىمقى ساياھەتنى ئاشۇلار ئۇيۇشتۇرغان ئوخشايدۇ .
- تېخى ياخشى ئەمەسمۇ ،- دېدى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىليار ،- شۇلار ئۇيۇشتۇرغاندىكىن شۇلار پۇل چىقىرىدۇ دېگەن گەپ .
- بەلكىم شۇنداقتۇ ، - دېدى جۈرئەت ،- بىزدىن يا پۇل يىغمىدى،مۇئەللىمدىن سورىساقمۇ ئېنىق بىر نېمە دېمىدى. ياكى سىنىپنىڭ پۇلىنى ئىشلىتەمدۇ تېخى.
- سىنىپنىڭ پۇلى ھېچنىمىگە يەتمەيدۇ ،- دېدى رەنا ، ئۇ گېپىمىزنى ئاڭلاپ ، قېشىمىزغا كەلگەن ئىدى، - بۇ مەۋسۈمدە بەك جىق چىقىم بولۇپ كەتتى .
سىنىپنىڭ << مالىيە >> سىنى رەنا باشقۇراتتى . ئۇ بۇنداق ئىشلارغا چىۋەر ، چاققان ئىدى .
- چىقىم دېدىڭىزما ؟ - دېدى ئابدۇقەييۇم چاقچاقنى باشلاپ ، - شەخسي چىقىم ئەمەستۇ ؟
- ھە ،راست ، ماۋۇ ئايىقىڭىزنى شۇ پۇلغا ئالمىغانسىز ؟ - دېدى جۈرئەتمۇ چاقچاق قىلىپ .
- ئۇنداق دېمەڭلار ،- دېدىم مەن ئۆزۈمنى باسالماي ،- رەنا ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ .
- ۋوي ، ۋوي ! - ھەر ئىككىسى توۋلىشىپ كەتتى ،- گەپ مۇنداقمۇ يە ؟ - ئىككىسىنىڭ ماسلىشىپ تۇرۇپ مېنى تېرىكتۈرىشى يەنە باشلاندى ،- ئىككىڭلاردا بىر گەپ بارمۇ نېمە ؟
- نېمە گەپ باركەن ؟ - دېدىم مەن قىزىرىپ. مەن چاقچاقلىقىنى بىلمەي بۇ گەپكە ئارىلىشىپ قالغىنىمغا پۇشايمان قىلغان ئىدىم . ئەمدى بۇلار خېلىغىچە مېنى تىرىكتۈرەتتى .
- ئىككىڭلار شېرىك ئوخشىمامسىلەر؟- دېدى ئابدۇقەييۇم.
- پەرھاتنىڭ ماۋۇ چاپىنىنى ھەجەپ بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن ، يېڭى ئالدىڭما ؟- دېدى جۈرئەت ،- سىنىپنىڭ پۇلىنى مۇشۇ ئىككىڭلار خەجلەپ بوپسىلەردە .
- بولدى قىلە ،- دېدىم مەن تىرىكىپ .
- ھەئە ، بىز تازا خەجلىدۇق . قانداق ؟ - دېدى رەنا ، - ئىچىڭلار قايناپ كەتتىمۇ ؟
- ياقەي ، ئىككى ئادەم خەجلىگەن بولسا ، بۇ يەنىلا ئومۇمنىڭ چىقىمى بولىدۇ دە ھە ! پەرھات ! - دېدى ئابدۇقەييۇم .
ئاپتۇبۇستىكى ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى . ئۇلار كۈلگەچ مېنى نوقۇپ قوياتتى . مەن خىجىل بولۇپ قىزىرىپ كەتتىم . بۇلار دائىم مۇشۇنداق رەنا ئىككىمىزنى بىر بىرىمىزگە چاپلاپ چاقچاق قىلاتتى . مەن بولسام مۇنداق چاقچاق ئالدىدا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالاتتىم . ئەمما رەنا مىجەزى ئوچۇق ،خۇشچاقچاق قىز بولغاچ مۇنداق چاقچاقلارغا پەرۋا قىلمايتتى . مەن نېمە دېيىشىمنى بىلمەي باشقا تەرەپكە قارىۋالدىم، بۇ چاغدا بايىقى ماڭا قولىنى بەرمىگەن ئاداشقا كۆزۈم چۈشتى. ئۇ خۇددى ھىچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ، ئۈنسىز ئولتۇراتتى . << راستلا غەيرى ئاداشكەن بۇ >> دېدىم ئىچىمدە.
- ھەجەپ كۈلۈپ كەتتىڭلارغۇ ؟- 27 - 28 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئاچا دىمەتلىك بىر ياش قىز ئاپتۇبۇسقا چىقتى ،- يۇمۇر ئېيتىشىۋاتامسىلەر ؟ مەنمۇ ئاڭلايچۇ ، مەنمۇ يۇمۇرغا بەك ئامراق .
ئۇ بېرىپ ھېلىقى غەلىتە ئاداشنىڭ قېشىدا بىز تەرەپكە بۇرۇلۇپ قاراپ ئولتۇردى. ئۇ چىققاندىن كېيىن ، ھەممىمىز جىمىپ قالدۇق .
- ياق ، يۇمۇر ئېيتمىدۇق ، - دېدى ئابدۇقەييۇم ،- سىز مۇئەللىمنىڭ دوستى بولامسىز ؟
- ياق ، ئۇنىڭ دوستىنىڭ دوستى بولىمەن ،- دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ .
قارىغاندا ئۇ بەك ئوچۇق مىجەزلىك قىز ئىدى. باشقا چوڭلارمۇ بىر –بىرلەپ چىقىشقا باشلىدى . ئۇلار شوپۇرنى قوشقاندا ئالتە ئەر ، ئۈچ ئايال ، جەمئىي توققۇز ئادەم چىقتى . ماۋۇ ئوچۇق مىجەزلىك قىزنى قوشقاندا ، چوڭلار دەل ئون كىشى ئىدى . شوپۇر ئەڭ ئاخىرىدا چىقىپ ماشىنىنى قوزغىدى .
- ئاچا ، سىزنى نېمە دەپ چاقىرساق بولىدۇ ؟- دەپ سورىدىم مەن .
- ئىسمىم دىلنار،- دېدى ئۇ كۈلۈپ ،- سىزنىڭچۇ ؟
- پەرھات ،- دېدىم مەن ئۇنىڭغا ،- يېنىڭىزدا ئولتۇرغىنى سىزنىڭ ئىنىڭىزمۇ ؟
- ياق ، ئۇ ئاۋۇ شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان ئادەمنىڭ ئىنىسى ،- ئۇ بېشىنى ئالدىغىراق قىلىپ ، ئاۋازىنى پەسلەتتى . ئاڭلاپ تۇرغانلىرىمىزمۇ بېشىمىز يېقىن ئەكەلدۇق .
-، مەن بىر پىسخولوگىيە دوختۇرى ،- دېدى ئۇ گېپىنى داۋام قىلىپ ،- بۇ بالا مېنىڭ بىمارىم . بۇ قېتىمقى ساياھەتنى مۇشۇ بالىنىڭ ئاكىسى ئورۇنلاشتۇرغان . تەڭتۇش بالىلار بولسا ، ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا پايدىلىق ، شۇڭا سىلەرنىمۇ بىللە ئېلىۋىلىشنى مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.
- مۇنداق دەڭ ، - دېدى ئابدۇقەييۇم ،- << بۇغداينىڭ بانىسىدا قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ >> دېگەندەك ئىش بوپتۇدە بىزگە . بۇ ساياھەت ئەسلى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىكەندە.
- ئەمىسە ئۇنىڭ ئائىلىسى بەك باي ئوخشىمامدۇ ؟- دەپ سورىدىم مەن .
- شۇنداق ، ئۇنىڭ ئاكىسى چوڭ سودىگەر ،- دېدى دىلنار ھەدە ،- ئۇ بۇ ئىنىسىگە بەك ئامراقكەن . ئۇنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىدى .
- بۇ بالا زادى نېمە بوپتۇ ؟- دەپ سورىدىم مەن .
- ئۇ جىمغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان .
- جىمغۇرلۇق كېسىلى ؟ - دېدى جۈرئەت چۈشەنمەي .
- بۇ بىر پىسخىكىلىق كېسەل ، - دېدىم مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ - بۇنداق كېسەل بولغانلار ، باشقىلار بىلەن ئەركىن پاراڭلىشالمايدۇ ، ئىجتىمائىي ئالاقىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ . تۇرۇپ ئانچە - مۇنچە گەپمۇ قىلىپ قالىدۇ . لېكىن كۆپىنچە ھالدا ھىچكىم يوقتەك ئۆز دۇنياسىدا ياشايدۇ .
- ھە ، ئاجايىپ كېسەلكەن،- دېدى رەنا ئويلانغان ھالدا.
- بۇ ئىنىم ھەجەپ ئېنىق بىلىدىكەنغۇ ،- دېدى دىلنار ھەدە ،- بۇ كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى دەل سىز دېگەندەك بولىدۇ . كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىلەلىسەك داۋالاشقا چوڭ ياردىمى بولاتتى . .
- سىز بىلدىڭىزمۇ ؟- دېدىم مەن .
- ياق ، بىلگەن بولسام بۇ قېتىمقى ساياھەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھاجەتسىز ئىدى . .
- ئەمىسە ئاۋۇ دوختۇر نېمىگە كەلدى ؟ - دېدىم مەن ئالدى تەرەپتە ئولتۇرغان كىشىنى كۆرسىتىپ ،- ئۇمۇ بۇ بالىنى داۋالاشقا مەسئۇلمۇ ؟
-، ياق، ئۇ مۇشۇ بالىنىڭ ئاكىسىنىڭ يېقىن دوستى ، سىز ئۇنى تونۇمسىز ؟- دەپ سورىدى دىلنار ھەدە .
- ياق ، تونۇمايمەن ،- دېدىم مەن جاۋابەن .
- ئەمىسە ئۇنىڭ دوختۇرلىقىنى نەدىن بىلدىڭىز ؟ - دېدى ئۇ ھەيران بولۇپ .
- ئۇنىڭ قولىغا قاراپچۇ ، بايا مەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ قولىغا دىققەت قىلغان ئىدىم ،- دېدىم مەن ئۇنىڭ ھەيران قالغانلىقىدىن مەمنۇن بولۇپ ،- ئۇ دوختۇر بولغاچقا دائىم ئوپىراتسىيەگە قاتنىشىپ تۇرىدۇ. ئوپراتسىيە يىپى ئىنتايىن ئىنچىكە ھەم پۇختا يىپ بولۇپ ، تىككەن چاغدا قولنىڭ ئىككى بېگىز بارمىقىنىڭ ئۇچىدا ئاسانلا ئىز قېپقالىدۇ . ئەمما بۇ توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ قولىدىكىدەك ئېنىق بولمايدۇ . قارىسام، ئۇ تېخى كېچىچىلا بىر ئوپراتسىيەگە قاتنىشىپتۇ . بىر كېچە ئۇخلىمىغانلىقى چىرايىدىن چىقىپ تۇرىدۇ ، قاراڭلار ، ھازىر ئۇخلاپ قاپتۇ .
- ۋۇي ، بۇ ئىنىم بەك يامانكەنغۇ ،- دېدى دىلنار ھەدە ھەيران قىلىپ .
- ئۇ دېگەن بىر رازۋېتكا مەستانىسى ، - دېدى ئابدۇقەييۇم چۈشەندۈرۈپ ، - سىز شېرلوك ھولمېسنى بىلمەمسىز ؟ ئۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ، بۇنچىلىك ئىش ئۇنىڭغا ھىچ گەپ ئەمەس .
- بەك ئاشۇرىۋەتتىڭ ،- دېدىم مەن ،- مېنى شېرلوك ھولمىس بىلەن سىلىشتۇرۇش خۇددى جىن چىراقنى ئاي بىلەن سىلىشتۇرغاندەك ئىش بولدى. ئۇ دېگەن دۇنيادىكى ئەڭ قابىل رازۋېتچىك .
- لېكىن سىزمۇ راستلا بەك ئاقىللىق ، - دېدى رەنامۇ . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا بولغان قايىللىق چىقىپ تۇراتتى . بۇنى كۆرۈپ چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولۇپ كەتتىم .
- باشقىلارنىڭمۇ نېمە ئىش قىلىدىغىنىنى دەپ بېقىڭە ،- دېدى دىلنار ھەدە .
ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ ھەممىسى سۆھبىتىمىزگە قىزىقىپ قالغان ئىدى . ھەممىسىنىڭ دىققىتى ماڭا بۇرالدى .
- ئاۋۇ ئالدىدا ئولتۇرغان ، كۆزەينەك تاقىۋالغان ئاكىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ، تېپىپ بېقىڭا ،- دېدى دىلنار ھەدە . ئۇ ماڭا بەكلا قىزىقىپ قالغاندەك تۇراتتى . ئەمما مەن شۇ تاپتا خىجىللىقتا قالغان ئىدىم . ھەممىسى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى . ئۇ كۆزەينەكلىك ئادەممۇ قىزىقىپ قاراپ تۇراتتى .
- ئۇ بىر كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن ،- دېدىم مەن .
- قانداق بىلىۋالدىڭ ؟ - دەپ سورىدى ئۇ كۆزەينەكلىك ئادەم ھەيران قېلىپ ،- تېخى سېنى پو ئېتىۋاتىدۇ دەپتىمەن .
- يەنىلا شۇ قولىڭىزدىن ، قاراڭ ، ئوڭ قولىڭىزنىڭ بىغىشىنىڭ ئىچ ئوڭ تەرىپىدە بىر قاپارتقۇ تۇرىدۇ . بۇ ئۇزۇن مەزگىل كومپيۇتېر مائۇسى ئىشلەتكەنلەردە بولىدىغان قاپارتقۇ. بۇنىڭدىن سىزنىڭ كومپيۇتېر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىڭىزنى بىلدىم .
- ئەمىسە ئوقۇتقۇچىلىقىمنىچۇ ؟
- بۇ ئازراق دادىللىق بىلەن قىلىنغان پەرەز ، - دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ . لېكىن دېسەم بولارمۇ ، بولماسمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم .
- قانداق پەرەز قىلدىڭ ؟ - دېدى ئۇ كۆزەينەكلىك ئادەم .
- تىزراق دېسەڭچۇ ؟- دېدى ئابدۇقەييۇممۇ . ھەممىسى قىزىقسىنىپ قاراپ تۇراتتى .
- بايا مەن سىز بىلەن كۆرۈشكەندە ، سىزدە ئوقۇتقۇچىلارغا خاس بىر خىل كۆرەڭلىك ۋە ئوقۇغۇچىنى مەنسىتمەسلىك ئىپادىلىرىنى سەزگەن ئىدىم ،- دېدىم مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ .
- نېمە ؟ - دېدى ئۇ كۆزىنى چىمچىقلىتىپ ،- مەن نەدە ئۇنداق ؟
- دەل تاپتىڭ ، - دېدى بايىدىن بىرى ئاڭلاپ تۇرغان ساۋۇت مۇئەللىم ۋە قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتى . باشقا چوڭلارمۇ كۈلۈپ كەتتى .
- دەل تاپتى ، بۇ ئۇكىمىز پالچىلارغا ئوخشايدىكەن، - دېدى شوپۇر ئۇستام .
مۇشۇ تەرىقىدە ئۇلار مېنى بىردەم ئۇلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى تاپقۇزدى . ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نېمە قىلىدىغىنى دەپ بەردىم ، پەقەت ، كېيىنرەك ئاپتۇبۇسقا چىققان ھەدىمىز ، دوختۇر ئاكىمىزنىڭ سىڭلىسى ئىكەن ،پەقەت شۇنى تاپالمىدىم . شۇ ئارىدا چوڭلار بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق . دىلنار ھەدە چەتئەلدە مەخسۇس پىسخولوگىيەدە ئوقۇپ كەلگەن ئىكەن . ھازىر ئۇ شەھەرلىك پىسخولوگىيەدىن مەسلىھەت بېرىش ئورنىدا ئىشلەيدىكەن . ساياھەتنى ئورۇنلاشتۇرغان سودىگەرنىڭ ئىسمى ئەسقەر ئىكەن. بۇرۇن تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىپتىكەن . ھازىر نېمە سودا ئاقسا شۇنى قىلىۋىتىپتۇ. ھېلىقى كېسەل ئىنىسىنىڭ ئىسمى غېنى ئىكەن . شۇ ئىنىسى ئۈچۈن بۇ قېتىملىق ساياھەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ . لېكىن ئۇ ئىنىسىنىڭ قاچان ئۇنداق بولۇپ قالغىنىنى دېمىدى . ئۇ ساۋۇت مۇئەللىمنىڭ ساۋاقدېشى ئىكەن . ھېلىقى دوختۇرنىڭ ئىسمى نادىر ئىكەن . خېلى داڭقى بار ۋىراچ ئىكەن . ئۇ ئەسقەر ئاكىنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ ، سىڭلىسىنىمۇ كۆڭلى ئېچىلىپ قالسۇن دەپ ئېلىۋاپتۇ . سىڭلىسىنىڭ ئىسمى نۇربىيە بولۇپ ، سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن . مەن ئۇنىڭ ئەسقەر ئاكىغا باشقىچە قارايدىغانلىقىنى سېزىپ قالدىم . ئەمما ئەسقەر ئاكا بولسا دىلنار ھەدىگە بەكرەك قارايتتى، ئۇنىڭغا كۆپرەك گەپ قىلاتتى ، ئۇنىڭ گەپلىرىنى بېرىلىپ تۇرۇپ ئاڭلايتتى . شۇڭا نۇربىيە ھەدە دىلنار ھەدىگە ھەسەت بىلەن بىرنەچچە قېتىم قاراپ قويدى. بۇنى دىققەت قىلغان ئادەمنىڭ ھەممىسى سېزىۋالالايتتى . قالغان ئىككى ھەدىمىزنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى نۇسرەت ، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى خۇرشىدە ئىكەن . ئۇلارمۇ ئەسقەر ئاكىنىڭ ئالي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى بولۇپ ، ئىككىسىلا چىرايلىق ھەم مۇلايىم ئىكەن . ھېلىقى كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىسمى ئەخمەتجان ئىكەن . ئۇنى ھەممىسى ئاشۇنداق <<جان>> نى قوشۇپ چاقىرىدىكەن . ئۇ ئانچە گەپكە ئارىلاشماي ئولتۇردى. شوپۇر ئۇستامنىڭ ئىسمى ئۆمەر ئىكەن . يەنە بىر ئادەم تېخىمۇ غەلىتە ئىكەن . ئۇ پەقەت ئىسمىنىڭ مۇرات ئىكەنلىنىلا ئېيتىپ باشقا گەپ قىلمىدى. چىرايىنىمۇ ئاچمىدى . « بۇ ماشىنىغا ساپلا غەلىتە ئادەملەر چىقتىمۇ نېمە ؟ » دەپ ئويلىدىم ئېچىمدە .
كېيىن ئۇلار بىردەم تېپىشماق تېپىش ئوينايلى ، دېيىشتى. تېپىشماق تېپىشتا مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتۈدىغىنى يوق ئىدى. مەن ئېيتقان تېپىشماقنى بولسا ھىچكىم تاپالمىدى . شۇنداق پاراڭ - چاقچاقلار بىلەن خېلى ئۇزۇن ماڭدۇق ،چۈش ۋاقتىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھەممىسى ھېرىپ مۈگىدەپ قېلىشقا باشلىدى . مەن ھېلىقى بالىغا قارىدىم . ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي سىرتقا قاراپ ئولتۇراتتى . ھەتتا ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ يەردە ھىچكىم يوقتەك قىلاتتى.

3


ئاپتۇبۇس ئۇزاق مېڭىپ ، شەھەر ۋە يېزىلارنى بىر- بىرلەپ ئارقىدا قالدۇرۇپ ، بىر جاڭگالغا چىقىپ قالدى.
- بىزنى نەگە ئەكىتىپ بارىدىغاندۇ ؟- دېدىم مەن سائېتىمگە قاراپ ،- بىز ماڭغىلى تۆت سائەت بولاي دەپتۇ ، ھازىر شەھەردىن كەم دېگەندە 200 كىلومېتىر يىراقلاپ كەتتۇق .
- بىز تاغدىكى بىر تاشلاندۇق تاش كانىغا كېتىپ بارىمىز . ئۇ يەر بەك چەت ، ئەمما ھاۋاسى ساپ ، - دېدى دىلنارھەدە ،- ئۇ كاننى ئەسقەر خېلى بۇرۇن ھۆددە ئاپتىكەن. ھازىر قېزىشتىن توختاپتۇ. ئۇ بۇرۇن شۇ يەرگە بىر يۈرۈش ئۆي سالدۇرۇپتىكەن . بىز شۇ يەرگە بارىمىز.
- ھە، ئەمىسە ئۇ يەردە ھازىر ئادەم يوقكەندە ؟ - دېدىم مەن.
- ھەئە ، ئادەم يوق . ئەڭ يېقىن مەھەللە ئۇ يەرگە 50 كىلومېتىر كېلىدۇ ،- دېدى دىلنار ھەدە.
- سىز بۇرۇن ئۇ يەرگە چىقىپ باققانمۇ ؟
- بۇرۇن بىر قېتىم چىققان . ئۇ چاغدا تېخى كان قېزىلىۋاتاتتى .
ئاپتۇبوس داۋان يولىدا ئاستا كېتىۋاتاتتى. خۇددى چۈمۈلىدەك ئاستا - ئاستا يۇقىرى ئۆرلەيتتى . قارىغاندا بۇ يەرنىڭ ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن خېلى بەك ئېگىز بولسا كېرەك . بارغانسىرى نەپەس ئېلىش قېيىنلىشىۋاتاتتى . ئاپتۇبوس تاشيولدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ بىر تار توپا يولغا كىردى . ئالاھەزەل 20 مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن ، سائەت ئىككىگە ئاز قالغاندا بىز مەنزىلگە يېتىپ كەلدۇق . شوپۇر ئۇستام ماشىنىنى بىر كەڭرەك جايغا توختاتتى . ھەممەيلەن ئۇيقۇلىرىنى ئاچتى . ماشىنىدىن بىر – بىرلەپ چۈشۈشكە باشلىدۇق. بالىلار ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئۇياق - بۇياققا قاراپ ، ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي :<< ھەجەپ پەيزى جايكەن >> دېيىشىپ كەتتى . ماشىنىدىن چۈشكىچە دىلنار ھەدىنىڭ سومكىسى يەرگە چۈشۈپ كېتىپ ، ئاغزى ئېچىلىپ كەتتى . ئۇنىڭ قېشىدا رەنا بار ئىدى .
- ھەجەپ چىرايلىق سومكىكەن بۇ ،- دېدى ئۇ ئېڭىشىپ دىلنار ھەدىنىڭ چېچىلىپ كەتكەن نەرسىلىرىنى سومكىسىغا سېلىشىپ بەرگەچ .
- بۇ كىم ؟- دېدى رەنا ، ئۇنىڭ قولىدا بىر پارچە رەسىم تۇراتتى . دىلنار ھەدە ئۇ رەسىمنى قولىغا ئالغۇچە مەن كۆرۈپ ئۈلگۈردۈم . ئۇ دىلنار ھەدە بىلەن بىر كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ رەسىمى ئىكەن .
- بۇ مېنىڭ ئىنىم ،- دېدى دىلنار ھەدە رەسىمنى سومكىسىغا سېلىۋىتىپ .
- ئالغاچ كەلسىڭىز بولمامدۇ ؟ بىللە ئويناپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالاتتى ،- دېدى رەنا تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن .
- ئۇ باشقا يەرگە كەتتى . بولمىسا بۇ يەرگە چوقۇم كېلەتتى .
« رەنا بەك ساددا جۇمۇ ، بۇ يا بىر خەير - خاھلىق پائالىيتى بولمىسا ، ھېلىمۇ بىزنى ئەكىلىپ ، ئەسقەر ئاكا جىق چىقىم تارتتى .» دەپ ئويلىدىم مەن .
- قاراپ تۇرماي ، ماشىنىدىكى نەرسىلەرنى ئۆيگە ئەكىرىشىپ بېرىڭلار ،- دېدى ساۋۇت مۇئەللىم بىزگە قاراپ . ئالدى تەرەپتە بىر چوڭراق ئۆي ، ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ئېغىزلىقلا بىر كىچىك ئۆي تۇراتتى . بىز نەرسىلەرنى قولمۇ قول كۆتۈرۈپ ، چوڭراق ئۆيگە ئەكىردۇق . ئۈچ ئېغىزلا ئۆي ئىكەن ، كىرىپلا بىر چوڭ ئايۋان ، سول تەرەپتە چوڭ بىر ئېغىز ئۆي ، ئوڭ تەرەپتە بولسا ئۇنىڭدىن كىچىكرەك بىر ئېغىز ئۆي بولۇپ ، ھەممىسىگە سۇپا قىلىنغان ئىدى . ئېلىۋالغان يىمەكلىكلەر كۆپ ئىدى . بىر نەچچە بوخچا يوتقان - كۆرپىمۇ تۇراتتى . يەنە ئىككى يەشىك پىۋا بار ئىدى . نەرسىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، پالاس، گاز ئوچاق ۋە قازانلارنى كۆتۈرۈپ ئۆينىڭ غەرب تەرىپىدىكى بىر شالاڭ چىم ئۆسكەن تۆپىلىككە چىقتۇق. بۇيەردىن پەس ئېنىق كۆرىنەتتى ، ھەم تازا ئاپتاپ چۈشەتتى . تاغنىڭ ھاۋاسى سوغۇق بولغاچ ، كىشىگە ئاپتاپ خۇشيېقىۋاتاتتى . بىز پالاسنى چىم قويۇقراق ئۆسكەن يەرگە سالدۇق ، ئوتتۇرىغا يەل - يېمىش ۋە ئىچىملىكلەرنى قويدۇق . گاز ئوچاقنى قۇراشتۇرۇپ ، قازاننى ئېسىپ ، گۆشنى سالدۇق . قارىسام چوڭلارنىڭ پىۋا ئىچكۈسى باردەك تۇراتتى . شۇڭا ئۇلارغا دەخلى قىلمايلى دەپ ئويلاپ ، بالىلارغا مەن گۆش پىشقۇچە ئەتراپنى ئايلىنىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدىم . ھەممىسى بىر ئېغىزدىن قوللاشتى .
- بوپتۇ ، ئايلىنىپ كېلىڭلار، بەك يىراققا كەتمەڭلار ، بولمىسا ئېزىپ قالىسىلەر ، - دېدى ساۋۇت مۇئەللىم .
- بىللە بارايلى ،- دېدىم مەن غېنىنىڭ قېشىغا كېلىپ . ئۇ جاۋاب بەرمەي باشقا يەرگە قاراپ تۇرىۋالدى . ئۇ بايىدىن بېرى توپقا قوشۇلماي بىر تەرەپتە يالغۇز ئولتۇراتتى . مەن ئەسقەر ئاكىغا قارىدىم ، ئۇ مېنىڭ ئوڭايسىزلىنىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ، « بولدى، مېڭىۋىرىڭلار» دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى.
مەن تۆپىلىكنىڭ غەرب تەرىپىدە بىر ئېقىن كۆرگەن ئىدىم . شۇ ئېقىننى بويلاپ ، تۆۋەنگە چۈشۈپ باققۇم كەلدى. ھەممىسى ماڭا ئەگىشىپ كېتىۋاتاتتى . قارىسام غېنىمۇ گەپ- سۆز قىلماي ئەڭ كەينىدە كېلىۋىتىپتۇ . بۇنى كۆرۈپ خېلى خوش بولدۇم . « قارىغاندا بۇ ساياھەتنىڭ ئۇنىڭغا ئۈنۈمى بولىدىغان ئوخشايدۇ » دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . بىز ئېقىن بويىغا كەلدۇق . سۇدىن بىر ئوچۇم ئېلىپ ئىچىپ بېقىۋىدىم ، سۇ شۇنداق مۇزدەك ھەم تاتلىق ئىكەن . قولۇم ئازراق توڭدى .
- بۇ يەردە قاشتېشى بارمىدۇ ؟- دېدى جۈرئەت ، - ئىزدەپ باقايلى .
- بۇ يەردە تاش بەك جىق ئىكەن ، - دېدى ئىليار ، - قاشتېشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
- ماۋۇ تاش بەك چىرايلىقكەن ،- دېدى تۇرسۇنئاي .
شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن تاش تەرگىلى تۇردۇق . بۇ يەردە ھەرخىل تاشلار بار ئىكەن . لېكىن بىرمۇ قاشتېشى ئۇچرىمىدى . بىز ئېقىننى بويلاپ تۆۋەنگە ماڭدۇق . بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ، ئېقىن بىر تار ئارلىققا كىرىپ كەتتى .
- كىرىپ باقامدۇق ؟ - دېدىم ئۇلاردىن .
- كىرىپ باقايلى ، - دېدى رەنا .
ئېقىننى بويلاپ ، مېڭىۋەردۇق . مېڭىۋېرىپ بىر كەڭ جايغا چىقىپ قالدۇق . بۇ يەردە سۈيىنىڭ قايغان يېرى بار ئىدى . بىر تەرەپتىكى تاغنىڭ ئويۇلۇپ چۈشكەن ، تۈپتۈز تامدەك بىر يېرى بار ئىكەن . سۇ شۇيەرگە ئۇرۇلۇپ ، قېيىپ ئاقىدىكەن .
- بۇ يەر بەك چىرايلىق ئىكەن ،- دېدى رەنا ۋە ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئايىقىنى سېلىۋىتىپ ، ئىشتىنىنى تۈرىۋىتىپ سۇغا چۈشتى. سۇ ئوشۇقتىن سەل ئېشىپ تۇراتتى .
- ۋاھ ، ۋاھ ... ھەجەپ سوغۇقكەن ،- دېدى ئۇ سەكرەپ، ۋە سۇدىن چىقىپ تۇرغان تاشقا دەسسىۋالدى. ھەممىمىز ئايىقىمىزنى سېلىپ سۇغا كىردۇق. راستلا بەك سوغۇق ئىكەن ، سوغۇق مىڭەمگە چىقىپ كەتتى . ئابدۇقەييۇملار سۇدا يۈگۈرۈشۈپ يۈرەتتى . غېنى قىرغاقتا قاراپ تۇراتتى .
- قاراڭلار ،- دېدى ئابدۇقەييۇم تۆۋەننى كۆرسىتىپ ،- ئۇيەردە شاقىراتما بار ئىكەن .
ھەممىسى قىزىقىپ يۈگۈرۈشۈپ ، ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە كەتتى . مەنمۇ بېرىپ قارىسام ، كىچىك بىر شاقىراتما ئىكەن، ئېگىزلىكى بەش مېتىرمۇ كەلمەيدىكەن . لېكىن بۇ بىزگە ناھايىتى پەيزى كۆرۈندى .
- پەسكە چۈشۈپ ، تۆۋەندىن كۆرۈپ باقايلى ،- دېدى ئىليار .
بالىلار ئايلىنىپ ، پەسكە چۈشۈشكە باشلىدى . مېنىڭ پۇتۇم بەك توڭلاپ كەتكەچكە ، ئايىقىمنى كېيىۋالاي دەپ ئارقامغا ياندىم . بايىقى يەرگە بارسام ، رەنا ھېلىقى ئويۇلۇپ چۈشكەن تامغا بىر نەرسە سىزىۋىتىپتۇ .
- نېمە قىلىۋاتىسىز ؟- دەپ سورىدىم مەن.
ئۇ مېنى كۆرۈپ ، سەكرەپ تۇرۇپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ مېنى چاقىردى .
- تىز كېلىڭ ، تىز . تىزراق بولۇڭ .
- نېمە بولدى ؟ - دەپ سورىدىم مەن يۈگۈرۈپ كېلىپ .
- بۇ يەرگە ئىسمىمنى يېزىپ قويدۇم ، - سىزمۇ يېزىپ قويۇڭە.
قارىسام ، تاش بىلەن سىجىپ رەنا دەپ يېزىپ قويۇپتۇ . مەنمۇ قولۇمغا تاش ئېلىپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىككە پەرھات دەپ يازدىم . بۇ تاغ توپا تاغ بولغان بىلەن خېلىلا قاتتىق ئىكەن .
- نېمە قىلىۋاتىسىلەر ؟- دېدى گۈلمىرە كەينىمىزدىن كېلىپ .
- ئىسمىمىزنى يېزىپ قويىۋاتىمىز ،- دېدى رەنا .
- مەنمۇ يېزىپ قويايچۇ ،- دېدى گۈلمىرە قولىغا تاش ئېلىپ .
- مېنى شاقىراتمىغا ئاپىرىڭە ،- دېدى رەنا ،- مەنمۇ كۆرۈپ باقاي.
مەن ئۇنى باشلاپ ، شاقىراتما تەرەپكە ئاپاردىم . بالىلار پەستە رەسىمگە چۈشكىلى تۇرۇپتۇ . بىزمۇ پەسكە چۈشۈپ ، رەسىمگە چۈشتۇق . ئاندىن ھەممىمىز ئايىغىمىزنى كېيىۋالغىلى ئارقىمىزغا ياندۇق . شۇ ۋاقىتتا ، بايا يازغان خەتنى بىر كۆرۈپ باقاي دەپ ئاتايىتەن ئۇ يەرگە باردىم . قارىسام گۈلمىرە ئىككى ئىسىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىستاپ ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويۇپتۇ. پاتمىغان قىسمى رەنانىڭ ئىسمىنى بۇزىۋىتىپتۇ . كۆڭلۈم بىر ئىشنى سەزگەندەك بولدى . << ھەي ، قىز بالا دېگەنزە...>> دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
غېنى يول بويى يا گەپ قىلمىدى ، يا ئوينىمىدى. پەقەت بىزگە ئەگىشىپ يۈردى . بىز تاماققا ئۈلگۈرۈپ قايتىپ باردۇق. بىز كەلگەندە سائەت 5 بولغان ئىدى . قايتىپ كەلسەك ، چوڭلار ئوبدانلا تەڭشىلىپ قاپتۇ . ئەسقەر ئاكا بىلەن ھېلىقى كومپيۇتېر مۇئەللىمى ئەخمەتجان سەل قىزىرىشىپ قالغاندەك تۇراتتى. بىز قايتىپ ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغۇدەك يەرگە كەلگەندە :
- باشقا ئادەمنى قويساڭ ئۇ باشقا گەپ ، ئاغىنەڭنىمۇ قويامسەن ؟- دەۋاتاتتى ئەخمەتجان مۇئەللىم .
- سەن بۇنداق ئويلىساڭ بولمايدۇ ، ئاداش ،- دېدى ئەسقەر ئاكا ،- ھازىر مەندىمۇ ئامال يوق .
- ئۇنىڭ 20 ئادەمنى ئوينىغىلى ئەپچىقىشقا ئامالى بار ، ئەمما بىزنىڭ پۇلىمىزنى بېرىشكە ئامالى يوق ، - دېدى مۇرات ئاكا .
بۇ مېنىڭ ئۇنىڭ گەپ قىلغىنىنى ئەمدى ئاڭلىشىم ئىدى . « بۇ يەردە خېلى مەسىلە باردەك قىلىدۇ » دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئەسقەر ئاكا ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلمىغاندەك تۇراتتى . ئۇ ھەتتا مۇرات ئاكىغا قاراپمۇ قويمىدى . مېنىڭ قارىشىمچە ، ئابتۇبوسقا چىقىپ تا مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە ، ئەسقەر ئاكىنىڭ نەزىرىدە ئۇ مەۋجۈت ئەمەستەكلا ئىدى. قىززىق ، ئۇنىڭ مۇرات ئاكا بىلەن مۇناسىۋىتى مۇشۇنداق ناچار تۇرۇپ ، نېمىشقا ئۇنى بىللە ئېلىپ چىقتىكىنە؟
ئۇلار بىزنىڭ قايتىپ كەلگىنىمىزنى كۆرۈپ ، ئۇلار تاكاللىشىشنى توختاتتى . شۇنداقتىمۇ ئەخمەتجان مۇئەللىم ئۇنىغا تەتۈر قارىۋالدى. نۇسرەت ھەدە ۋە خۇرشىدە ھەدە قازان بېشىدا پايپىتەك بولۇپ يۈرەتتى . بىز كېلىپ پالاسنىڭ بىر چېتىدە ئولتۇردۇق . شورپىنىڭ تەييار بولۇشىغا ئۈلگۈرۈپ كەلگەن ئىدۇق . شورپا كەلتۈرۈلدى. نۇسرەت ھەدە شورپىنى ئۇسسىدى ، گۈلمىرە بىلەن تۇرسۇنئاي توشۇدى. رەنا بىلەن ئۇدۇل ئولتۇرۇپ قالغان ئىدىم ، ئۇنىڭ كۆزۈم ئۇچرىشىپ قېلىپ ، ئىككىمىز بىردەم بېقىشىپ قالدۇق .
- رەنا ، بۇ سېنىڭ ئاداش ،- گۈلمىرە شورپىنى ئۇزاتتى . رەنا ئالاي دەپ تۇرۇشىغا ، شورپا قاچىسى بىلەنلا رەنانىڭ قۇچىقىغا چۈشتى . رەنا ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى .
- پا .... ھەجەپ كۆيۈپ كەتتى ،- دەپ ئىشتىنىنىڭ شورپا تۆكۈلگەن يېرىنى سىقىشقا باشلىدى.
- ۋاي ، خاپا بولما ئاداش ، قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى ،- دېدى گۈلمىرە ئەپۇ سوراپ . ئەمما ئاۋازى ئانچە سەمىمىي ئەمەس ئىدى ، چىرايىدىن <<ئوبدان بولدى>> دېگەندەك ئالامەتلەر چىقىپ تۇراتتى . رەنا ئاۋازىنى چىقارمىغىنى بىلەن ، كۆزلىرىدىن ياش ئېقىۋاتاتتى .
- ئاۋۇ تەرەپكە بېرىپ سوغۇق سۇدا يۇيىۋىتەيلى ،- دېدى زۇلپىيە ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ . ئۇلار كەتتى .
- سەن ئولتۇرمامسەن ، نېمىگە تۇرىۋالدىڭ ؟- دېدى ئابدۇقەييۇم ماڭا قاراپ . بايا مەن ئىختىيارسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىپتىمەن . مەن ئاستا ئولتۇردۇم . كۆزۈمنىڭ قىرىدا گۈلمىرەگە قاراپ قويدۇم. ئۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئولتۇراتتى . << ئۇ قەستەن قىلدى ،- دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە ،- ھەجەپ ئىچى زەھەر قىزكەن بۇ .>> بىردەمدىن كېيىن رەنالار قايتىپ كەلدى. ئۇ خېلى يىغلىغان ئوخشايدۇ . كۆزلىرى قىزىرىپ قالغان ئىدى.
- خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟- دەپ سورىدىم مەن . ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى . لېكىن كۆيۈپ قالغان يەرنىڭ ئۇزۇنغىچە ئېچىشىدىغانلىقىنى بىلەتتىم .
بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق . بىز قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۇلار پىۋا ئىچمىدى. بىزدىن تارتىنغان بولسا كېرەك . ئەسقەر ئاكا شوپۇر ئۇستامنى گىتتار چېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى . ئۇ گىتتارنى شۇنداق ياخشى چالىدىكەن . يېقىملىق ناخشا ئاۋازى بىلەن ساپ تاغ ھاۋاسى قوشۇلۇپ ، كىشىنى مەستخۇش قىلىۋەتتى .
- ھوي ،ھوي ، - دەپ توۋلىدى نادىر دوختۇر بىر چاغدا ، - بۇ كىمنىڭ چاپىنى ؟
ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ ، بىر چاپاننىڭ ئۈستىدىن بىر تاماكا قالدۇقىنى ئېلىۋەتتى . ئارقىدىن دىلنار ھەدە يۈگۈرۈپ بېرىپ چاپاننى قولىغا ئالدى .
- ئۇۋ .... ،- دەپ ئېچىگە تارتتى دىلنار ھەدە ، - قاراپراق تاشلىسىڭىز بولمامدۇ ؟
- كەچۈرۈڭ ، - دېدى نادىر دوختۇر ، - قارىمايلا تاشلاپتىمەن . ھېلىمۇ ياخشى كۆيمەپتۇ .
- كۆيمەپتۇ دېگىنىنى ، - دېدى دىلنار ھەدە ، - قاراڭ ، رەختى كۆيمىگىنى بىلەن ، ئاپئاق تۈگمىسى سارغىيىپ قاپتۇ .
- كەچۈرۈڭ ، - دېدى نادىر دوختۇر خېجىل بولۇپ .
- بولدى ، بولدى ، - دېدى دىلنار ھەدە ، - ھىچقىسى يوق.
ساۋۇت مۇئەللىم ئۆزىنىڭ رەقەملىك سىن ئېلىش ئاپپاراتىنى ئېلىۋاپتىكەن . ھەممىمىزنى سىنغا ئېلىپ قويدى . كەچ سائەت 6 دىن ئاشقاندا بىز نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ قايتتۇق . پىلان بويىچە ئەتە كانغا بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدۇق . ئەسقەر ئاكا ياتىدىغان يەرنى ئورۇنلاشتۇردى . سول تەرەپتىكى چوڭ ئۆيدە ئاياللار ۋە قىزلار ياتىدىغان بولدى . ئوڭ تەرەپتىكى كىچىكرەك ئۆيدە چوڭ ئەرلەر ، ئايۋاندا بىز ئوغۇللار ياتىدىغان بولدۇق . ئەسقەر ئاكا سىرتتا ئايرىم سېلىنغان بىر ئېغىز ئۆي بار ئىكەن ، شۇنىڭدا يالغۇز ياتماقچى بولدى. چۈنكى ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بەك قاتتىق خورەك تارتىدىكەن.
سائەت يەتتىلەردە ، بايا پالاس سېلىپ ئولتۇرغان تۆپىلىككە باردىم . ئۇ يەردىن كۈننىڭ پېتىشىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى . مەن ئېگىزرەك بىر تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇردۇم . كۈن پاتاي دەپ قالغان ئىدى . شەھەردە مۇنداق مەنزىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى .
- بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىز ؟
بۇرۇلۇپ قارىسام ، ئارقامدا رەنا كۈلۈپ تۇرۇپتۇ .
- كۈننىڭ پاتقىنىنى كۆرۈپ ئولتۇردۇم ،- دېدىم مەن .
- قولۇمدىن تارتىۋىتىڭە ، مەنمۇ كۆرەي ،- دېدى رەنا . ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ تاشنىڭ ئۈستىگە چىقاردىم . ئىككىمىز بىللە ئولتۇرۇپ ، كۈن پېتىش مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدۇق . بۇ مېنىڭ ساياھەتكە چىقىشتىن ئىلگىرى خىيال قىلغىنىمدەكلا بولدى . شۇ تاپتا كۆڭلۈم شادلىققا تولغان ئىدى. خېلى ئۇزاقتىن كېيىن ئېغىز ئاچتىم ؛
- كۆيگەن يېرىڭىز قانداقراق ؟
- سەل ئېچىشىۋاتىدۇ. ئەمما كېرەك يوق .
بىز جىمىپ قالدۇق . سەل ئۆتكەندىن كېيىن رەنا :
- سىز ئالىي مەكتەپتە قايسى كەسىپتە ئوقۇشنى ئويلىشىۋاتىسىز ؟ - دەپ سورىدى .
- تېخى ئويلاشمىدىم .
- بىرەر قىزىقىشىڭىز باردۇ ؟
- بولۇشىغۇ بار ، ئەمما قىزىقىشىم بەك كۆپ بولغاچقا قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەۋاتىمەن ،- دېدىم مەن.
ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى .
- سىزچۇ ؟ قايسى كەسىپتە ئۇقۇشنى ئويلاشتىڭىزمۇ ؟ - دېدىم مەن .
- مەنما ؟ - دېدى ئۇ ئويلىنىپ ،- مەن ئەدەبىياتتا ئوقۇيمىكىن دەۋاتىمەن .
- ياخشى ئويلاپسىز ،- دېدىم مەن ،- سىزنىڭ يېزىقچىلىقتا قابىلىيىتىڭىز بار .
- مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن ،- دېدى ئۇ ۋە ئارقىدىن ئىتتىك ماڭا قاراپ ،- قارىغاندا سىز مېنى خېلى چۈشىنىدىكەنسىز ھە ؟!
- ھە ... ھەر .. ھالدا خېلى چۈشىنىمەن ،- دېدىم مەن دۇدۇقلاپ ، ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن خىجىل بولۇپ تەمتىرەپ قالغان ئىدىم . ئۇ مېنىڭ بۇ ھالىتىمىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى . مەنمۇ كۈلدۈم . بىز شۇنداق بىردەم پاراڭلشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ، قاراڭغۇ بولۇپ كەتتى . بىز قايتتۇق . ئۆيگە قايتىدىغان يولدا بىر نەچچە قورام تاش بار ئىدى . شۇ تاشنىڭ كەينىدىن ئىككى ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
- سىز نىمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسز ؟- دېدى ئايال كىشى . بۇ نۇربىيە ھەدىنىڭ ئاۋازى ئىدى.
- مەن سىزگە دېدىمغۇ ، بىزنىڭ ئىشىمىز ئاللىبۇرۇنلا تۈگىگەن ، ئەمدى تولا ماڭا يېپىشىۋالماڭ ،- دېدى ئەر . بۇ ئەسقەر ئاكىنىڭ ئاۋازى ئىدى . بىز تىز مېڭىپ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كەتتۇق .
كۆپچىلىك ئايۋاندا شام يورۇقىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى . بىزمۇ ئولتۇرۇپ بىردەم قىززىق پاراڭ سىلىشتۇق . بىر دەمدىن كېيىن ئەسقەر ئاكا ئايۋانغا كىردى. ئۇ يالغۇز ئىدى . مەن ئۇنىڭغا دىققەت قىلدىم . ئۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك كېلىپ ئولتۇرۇپ ، پاراڭغا قېتىلدى...
ھەممىمىزنى ئۇيقۇ بېسىشقا باشلىدى. بۈگۈنكى تۆت سائەت ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇش ۋە بىزنىڭ چۈشتىن كېيىنكى ئېقىننى بويلاپ باسقان يولىمىز بىزنى ئوبدانلا چارچاتقان ئىدى. كۆپچىلىك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئەسنەشكە باشلىدى . بۇ چاغدا نۇربىيە ھەدە سىرتتىن قايتىپ كىردى . كۆزلىرىدىن ئۇزاق يىغلىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . ئۇ گەپ قىلماي بىر چەتكە بېرىپ ئولتۇردى . يەنە بىر چەتتە بايىدىن بىرى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان غېنى ئولتۇراتتى . سائەتكە قارىسام ، 9 غا چارەك سائەت قاپتۇ .
- ئەمدى ئۇخلايلى ،- دېدى ئەسقەر ئاكا ،- دىلنار ، سىز ماۋۇ سىڭللىرىم بىلەن بىللە جاي راسلىسىڭىز بوپتىكەن .
- ماقۇل ، - دېدى دىلنار ھەدە.
بۇ يەردە بۇرۇن ئىشلەتكەن كۆپىلەر بار ئىكەن . بىز ئوغۇللارغا شۇ كۆپىلەرگە كىرلىك سېلىپلا ئورۇن راسلاپ بەردى . قىزلارغا ماشىنىدا ئەپكەلگەن يېڭى كۆپىلەردە ئورۇن راسلاندى.
- خاپا بولماڭلار، - دېدى ئەسقەر ئاكا ، - ئادەم كۆپ بولغاچ كۆرپە يېتىشمىدى. ئوغۇلبالا بولغاندىكىن، مۇنچىلىك جاپاغا چىدايسىلەرغۇ ؟
- ئەلۋەتتە ، ھىچقىسى يوق ،- دىيىشتۇق بىز.
قىزلار ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى. سوغۇق بولغاچقا كىيىمنى سالماي پۈتۈن يېتىشقا توغرا كەلدى . مېنىڭ ھاجەتكە چىققۇم كېلىپ سىرتقا چىقتىم . قايتىپ كىرىۋاتسام ، ئىككى ئادەم ئۆيدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تۇرۇپتۇ . مەن قاراڭغۇدا ئۇلارنىڭ نادىر دوختۇر بىلەن ئەسقەر ئاكا ئىكەنلىكىنى ئاران ئىلغا قىلدىم.
-بوپتۇ ، سېنىڭ سىڭلىمغا قىلغانلىرىڭنىڭ ھېسابىنى كېيىن قىلاي ، - دېدى نادىر دوختۇر ، - ساڭا قىلغان ياخشىلىقىمغا مۇشۇنداق جاۋاپ قايتۇرامسەن ؟
- سەن ئۇ ئىشنى تولا پەش قىلۋەرمىگىن ، - دېدى ئەسقەر ئاكا ، - ئۇ ئىشتا سەنمۇ ئاز پايدا ئالمىدىڭ .
ئۇلار مېنى كۆرۈپ پارىڭىنى توختاتتى . مەن ئىتتىك مېڭىپ، ئۆيگە كىرىپ كەتتىم . « ئەسقەر ئاكىنىڭ ئىشلىرى نىمانداق كۆپ ؟ » دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە .
كىرسەم ، ھەممە ئوغۇللار ئۇخلىشىپ قاپتۇ . مەنمۇ ئورنۇمغا كىرىپ ياتتىم .


4
كېچىدە قىزلارنىڭ ئۆيىدىن چىققان ۋاراڭ - چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كەتتىم ، تازا قۇلاق سالسام ، رەناغا بىر ئىش بولغاندەك تۇراتتى .سائەتكە قارىسام 2 دىن 15 مېنۇت ئۆتۈپتۇ . مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ شامنى ياندۇردۇم . ئاندىن چاپىنىمنى كېيىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم :
- نېمە بولدى ؟- دەپ سورىدىم ئۇلاردىن .
- توختاپ تۇرۇڭ ، مەن ئىشىكنى ئاچاي ،- دېدى دىلنار ھەدە .
كىرىپ قارىسام ، ھەممە قىزلار ئويغىنىپ ئولتۇرۇپتۇ ، رەنانىڭ چىرايىدا بولسا قان قالماپتۇ .
- ئۇنى قارا بېسىپ قاپتۇ ،- دېدى دىلنار ھەدە.
- ياق ، مېنى قارا باسمىدى، بىرسى ياستۇق بىلەن بېشىمنى چۈمكەپ ، مېنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويغىلى تاس قالدى ،- دېدى رەنا بىر قولىدا يۈرىكىنى تۇتۇپ ھاسىراپ تۇرۇپ .
- نېمە ؟ - دېدىم مەن چۆچۈپ ،- كىم شۇنداق قىلدى ؟
- بىلمەيمەن ،- دېدى رەنا .
- ئۇنىڭ تىپىرلىشىدىن ئويغىنىپ كەتتىم ، - دېدى زۇلپىيە ، - « رەنا، نېمە بولدى ؟ » دەپ ئۇنى تۈرتىۋېدىم ، ئۇ دەرھال قوپۇپ ئولتۇرۇپ ھاسىراپ كەتتى . كېيىن ھەممەيلەن ئويغىنىپ كەتتۇق .
- سىز بىرەرسىنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟-دەپ سورىدىم زۇلپىيەدىن.
- ياق .
- ئۇنىڭ يېنىدا كىملەر ياتقان ؟
- ئوڭ تەرىپىدە مەن ، سول تەرىپىدە گۈلمىرە ياتقان ،- دېدى زۇلپىيە.
- كىم مۇنداق چاقچاق قىلغاندۇ ؟- دېدى ئارقىمدىن كىرگەن ئابدۇقەييۇم .
- چاقچاق ؟- دېدىم مەن ئويلانغان ھالدا ،- بۇنى چاقچاق دېگىلى بولمايدۇ .
كاللامغا كۈندۈزدە يۈزبەرگەن ئىش كەلدى . كۆزۈمنىڭ قىرىدا گۈلمىرەگە قارىدىم . « ھەرقانچە بولسىمۇ ، ئۇ ئۇنداق ئىش قىلماس » دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
- مېنىڭچە ئۇنى قارا بېسىپ قالغان ،- دېدى دىلنار ھەدە چۈشەندۈرۈپ ،- بۇ يەردە كىم ئۇنداق ئىشنى قىلار ؟ بەزىدە ئادەم ئۇخلىمىغان ، كاللىسى سەگەك تۇرۇپمۇ ، مىدىرلىيالمايدىغان ، ئاۋازى چىقمايدىغان ئەھۋال بولىدۇ . بۇنى بەزىلەر « جىن بېسىۋالدى » دەپ قويىدۇ.
- راست ، شۇنداق ئىش بار ، - دېدى خۇرشىدە ھەدە ،- مەنمۇ بەزىدە ئاشۇنداق بولۇپ قالىمەن ، نەپەس ئالالماي قىينىلىپ ئويغىنىپ كېتىمەن .
- ئۇ تاغنىڭ ھاۋاسىغا سەل كۆنەلمەي شۇنداق بولغان ئوخشايدۇ ،- دېدى نۇسرەت ھەدىمۇ ،- بۇ يەردە كىم ئۇنى ياستۇق بىلەن تۇنجۇقتۇرسۇن ؟
- بەلكىم شۇنداقتۇ ، ھەرھالدا زۇلپىيە ، سىز ئۇنىڭ بىلەن ئالمىشىپ يېتىڭ ، - كۆڭلۈمدە: « ئۇنى گۈلمىرەدىن ئايرىۋەتسەم ياخشىراق بولىدۇ » دەپ ئويلىدىم ،- قارا بېسىپ قالغاندا ئورۇننى يەڭگۈشلىۋەتسە يەنە قارا باسمايدۇ .
- ماقۇل .
رەنانىڭ نەپىسى ئەسلىگە كەلگەن ئىدى .
- بىز چىقىپ كېتەيلى، ئەمدى ئۇخلاڭ ھە،- دېدىم ئۇنىڭغا.
- ماقۇل . رەھمەت سىزگە ،- دېدى رەنا .
ئابدۇقەييۇم ئىككىمىز چىقىپ كەتتۇق .
- راستىنلا قارا باسقاندىمۇ ؟- دېدى ئابدۇقەييۇم ئورنىمىزغا كېلىپ يېتىپ بولغاندىن كېيىن .
- مەنمۇ ئېنىق بىلەلمىدىم ،- دېدىم مەن ئويلىنىپ، - ئەگەر قارا باسمىغان بولسا ، بۇ ئىشنى قىلغان ئادەم بەك ئاشۇرىۋەتكەن بولىدۇ . بولدى ئۇخلايلى . كۆڭلۈمدە : «بۇ ئىش راستىنلا بىر قارا بېسىش بولسىكەن.» دەپ ئويلىدىم .
ئەتتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرغاندا سائەت 7 بولغان ئىدى . ئورنىدىن تۇرۇپ بولغانلار يۈز- كۆزىنى يۇيىۋاتاتتى . ئەتتىگەنلىك ھاۋا شۇنداق ساپ ئىدى ، ئەمما سوغۇق ئىدى . مەن ھاۋا يىگەچ ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ يۈز - كۆزلىرىمنى يۇيدۇم . ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ئوغۇللار ياتقان ئايۋاندا قىلدۇق .
- ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ ؟- دەپ سورىدىم رەنادىن .
- ھەئە ، ئاخشام ھەممىڭلارنى پاراكەندە قىلىۋەتتىم ، ئەمدى ئويلىسام ، راستلا قارا بېسىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
- ئۇنداق دېمەڭ ، - دېدىم ئۇنىڭغا .
مەن داستىخاندىلەرگە بىر قۇر قاراپ چىقتىم . ئەسقەر ئاكا بىلەن ئەخمەتجان ئاكا كۆرۈنمەيتتى .
- ئەسقەر تېخى ئويغانمىغان ئوخشىمامدۇ ؟- دەپ سورىدى نادىر دوختۇر.
- بىلمىدىم ، - دېدى شوپۇر ئۇستام ، - ئەخمەتجانمۇ كۆرۈنمەيدۇ ، ماشىنىمۇ يوق . ئىككىسى بىز ئويغانغۇچە بىللە بىر يەرگە بېرىپ كېلەيلى دەپ ماشىنا بىلەن كەتتىمۇ يا .
- ماشىنا يوق تۇرامدۇ ؟ - دېدىم مەن ھەيران بولۇپ .
- ھەئە .
- ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى سىزدە ئەمەسمىتى ؟
- ئەسقەردىمۇ بىرسى بار ئىدى . ئۇ دېگەن خوجايىن ئەمەسمۇ .
- ئەستا ، ئۇ نەگە كەتكەندۇ ؟- دېدى مۇرات ئاكا .
- ھە .
باشقا ئارتۇق گەپ – سۆز بولۇنمىدى . ھەممىمىز ئۇ ئىككەيلەننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردۇق . سائەت 9 بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇلار تېخىچە كەلمىگەن ئىدى . نادىر دوختۇر ئۆينىڭ ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى . بىردىنلا ئۇ قاتتىق توۋلاپ كەتتى .
- ئەسقەر ! ئەسقەر !
بۇنى ئاڭلاپ ھەممىز نېمە بولغاندۇ ؟ دەپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق .
- ھەممىڭلار بۇياققا كېلىڭلار ! ئەسقەر ! ...
يۈگۈرۈپ سىرتقا چىقىپ قارىسام ، نادىر دوختۇر ئەسقەر ئاكا ئاخشام ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكىنى مۇشلاۋېتىپتۇ .
- نېمە بولدى ؟
- ئەسقەر ئۆينىڭ ئىچىدە يەردە ئولتۇرىدۇ ،- دېدى نادىر دوختۇر دېرىزىنى كۆرسىتىپ .
- نېمە ؟- مەن ئەڭ ئاۋۋال دېرىزە قېشىغا يۈگۈردۈم . قارىسام ، ئەسقەر ئاكا كارىۋاتقا يۆلىنىپ يەردە ئولتۇرۇپتۇ. بېشى سىڭايان بولۇپ قاپتۇ . ئۆينىڭ ئىچى قاراڭغۇراق بولغاچقا باشقا يەرلەر ئېنىق كۆرۈنمىدى.
- ئىشىكنى بۇزۇپ كىرەيلى ! - دېدىم .
نادىر دوختۇر ئىشىكنى كۈچەپ ئىككىنى تېپىۋىدى ، ئىشىك ئېچىلىپ كەتتى . كىرىپ قارىساق ، يەر قانغا بويۇلۇپ كېتىپتۇ . ئەسقەر ئاكا بىر قولىدا پىچاق ، بىر قولىنىڭ بېغىشىدىن تومۇرى كېسىلگەن ھالدا كارىۋاتقا يۆلىنىپ يەردە ئولتۇراتتى .
- ئەسقەر ! - دەپ ئېتىلىپ باردى نادىر دوختۇر . ئۇ ئەسقەرنىڭ بويۇن تومۇرىنى تۇتۇپ باقتى .
- ئۆلۈپتۇ ! .- دېدى ئۇ .
- يېنىپ كېلىڭ ! – دېدىم مەن ئۇنىڭغا ، - باشقىلار كىرمەڭلار ، ھىچنىمىگە تەگمەڭلار . نەق مەيداننى بۇزۇپ قويمايلى.
نادىر دوختۇر گېپىمنى ئاڭلاپ ، قايتىپ كەلدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلىۋاتاتتى . غېنى ئىچىگە كىرمەكچى بولىۋىدى ، ساۋۇت مۇئەللىم توسۇۋالدى . بىز ئىشكنى ئېتىپ قايتىپ چىقتۇق .
- ساقچىغا مەلۇم قىلايلى ! - دېدىم مەن ،- كىمدە تېلېفون بار ؟
- مەندە بار ، - دېدى نۇربىيە ھەدە ،- لېكىن بۇيەردە سىگنال يوقكەن .
- مېنىڭ تېلېفونۇمدىمۇ سىگنال يوق ،- دېدى دىلنار ھەدە.
- باشقىلاردا يوقمۇ ؟
ھەممەيلەن بىر بىرىگە قاراشتى . قارىغاندا شۇ ئىككىسىدىلا يانفون بار ئىدى .
- ئۇ ئۆلۈۋالغان ئوخشايدۇ ،- دېدى ساۋۇت مۇئەللىم ، - ئىشىك ئىچىدىن ئېتىككەن. دېرىزىمۇ ئېتىككەن .
ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى . مەنمۇ ئىشىك - دېرىزىگە دىققەت قىلغان ئىدىم.
- ئۆلۈۋالغان بولسىمۇ ، ساقچىلار نەق مەيداننى تەكشۈرىدۇ ،- دېدىم مەن ،- مەن بۇ تەرتىپلەرنى ئوبدان بىلىمەن.
- تېلفون ئىشلىمىسە ئۆزىمىز بېرىپ مەلۇم قىلايلى ! - دېدى نۇربىيە ھەدە .
- نېمە بىلەن بارىمىز ؟ -دېدى شوپۇر ئۇستام ،- ماشىنا يوق تۇرسا !
- ئەسقەر قازا قىپتۇ ، دېمەك ماشىنىنى ئەخمەتجان ئېلىپ كەتكەن گەپ ،- دېدى ساۋۇت مۇئەللىم .
- ئۇ نەگە كەتكەندۇ ؟- دېدى دىلنار ھەدە .
- ئەگەر ئەسقەر ئاكىنى ئۇ ئۆلتۈرگەن بولسا ....- دەپ گېپىنى توختىتىۋالدى ئابدۇقەييۇم .
- راست شۇ ئۆلتۈرگەندىمۇ ؟- دېدى نۇربىيە ھەدە .
- بۇ مۇمكىن ئەمەس ، - دېدى دوختۇر نادىر ،- ئىشىك - دېرىزىلەر ئىچىدىن تاقاقلىق . ئۇ ئۆزى ئۆلىۋالغان . لېكىن نىمىشقا ئۆلىۋالىدىغاندۇ ؟
-چۈنكى ئۇنىڭ گۇناھى بار ئىدى ، - دېدى غېنى غەلىتە بىر ئاھاڭدا،- ئۇ ئۆز گۇناھىغا تۆۋە قىلىپ بولالماي ئۆلۈۋالغان . ئۇنىڭ چىرايىدا ھىچقانداق بىر ئىپادە يوق ئىدى . بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئېغىز ئېچىشى ئىدى .
- نېمە گۇناھى بار ئىدى ؟- دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن . ئۇ قايتا گەپ قىلماي قويدى. بىزگە پەرۋامۇ قىلماستىن ئۆستەڭ بويىغا كەتتى .
- ئاۋۋال ھەممىنى قويۇپ ، ساقچىغا قانداق مەلۇم قىلىشنى ئويلىشايلى ،- دېدى ساۋۇت مۇئەللىم .
- ھەممىمىز بىراقلا ماڭىمىز دېسەك ، بەك ئادەم كۆپ ، تىز ماڭغىلى بولمايدۇ . شۇڭا بىرەرسىمىز تاغدىن چۈشۈپ ، ساقچىغا مەلۇم قىلسۇن ھەم ماشىنا تېپىپ كەلسۇن ،- دېدى نادىر دوختۇر .
- ئەڭ يېقىن مەھەللىگە ئاز دېگەندە 50 كىلومېتر كېلىدۇ . بۇنداق يىراق يولنى پىيادە بېسىپ بولغۇچە كەچ كىرىپ كېتىدۇ ،- دېدى ساۋۇت مۇئەللىم ،- شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ھەم ئاياللار بارسا بولمايدۇ . ئۇزاق يول مېڭىشقا چىدايدىغان بىرسى بېرىشى كېرەك.
- مەن باراي ،- دېدى شوپۇر ئۇستام ،- مەن بۇ ئەتراپنى خېلى پىششىق بىلىمەن . ھەم مەن ئۇزاق يول مېڭىشقا كۆنۈك .
- شۇنداق بولسۇن ، - دېدى نادىر دوختۇر ،- سىز بېرىڭ .
شۇنداق قىلىپ شوپۇر ئۇستام ساقچىغا مەلۇق قىلىش ئۈچۈن ، تاغدىن چۈشىدىغان بولدى . ئۇ يەيدىغان - ئىچىدىغان نەرسىلەرنى يىتەرلىك ئېلىۋالغاندىن كېيىن بىز بىلەن خوشلىشىپ مېڭىپ كەتتى .
بىز ئايۋانغا قايتىپ كىردۇق . ھەممىمىز جىمجىت ئولتۇردۇق ، ئەسقەر ئاكىنىڭ ئۆلۈمى بىزگە ئەمدى تەسىر قىلىشقا باشلىغان ئىدى . ئىككى ئايال مىشىلداپ يىغلاۋاتاتتى. قالغانلىرىمىز يەرگە قاراپ جىم ئولتۇردۇق . مەن توختىماي ئويلايتتىم :« ئەخمەتجان مۇئەللىم نېمىشقا ماشىنىنى ئېلىپ كېتىدۇ ؟ ئۇ ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى نەدىن ئالغاندۇ ؟ ئەسقەر ئاكىدىن ئالغان بولسا ، بۇ دېلودا ئۇ ئەڭ گۇمانلىق ئادەم بولۇپ قالىدۇ . تۈنۈگۈن داستىخان ئۈستىدە ئۇنىڭ ئەسقەر ئاكا بىلەن تاكاللىشىپ قالغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ . دېمەك ، ئۇنىڭ قاتىللىق قىلىش مۇددىئاسى بار دېگەن سۆز . ئەگەر ئۇ قاتىل بولسا ئىشىك- دېرىزىلەرنى ئىچىدىن قانداق ئېتىپ قويغاندۇ ؟ ھە راست ، دېرىزىنىڭ لوكىسىغا بىر نەرسە قىستۇرۇپ ، چىڭ ياپسا ، دېرىزىنىڭ لوكىسى ئۆزلىكىدىن ئېتىلىپ قالىدۇ . بۇنداق بولغاندا بۇ بىر < يېپىق ئۆي> بولىدۇ . » كۆڭلۈم يورۇپ كەتكەندەك بولدى . « توختا ، ئەگەر ئۇ شۇنداق قىلغان بولسا نېمىشقا قاچىدۇ ؟ قاچىدىغان ئادەم ئاۋارە بولۇپ ، <يېپىق ئۆي> ياساپ يۈرەمدۇ؟ » ئويلىغانسىرى قايمۇقۇپ قېلىۋاتاتتىم . يىپ ئۇچى بەك ئاز ئىدى .
- قانداق ، بىلەلىدىڭمۇ ؟- دەپ سورىدى ئابدۇقەييۇم مەندىن .
- نېمىنى دەيسەن ؟
- بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ، بۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىشمۇ ياكى باشقىلار ئۆلتۈرگەنمۇ ؟
- بىلەلمىدىم .
- ئادەتتە سەن بەك تاپقۇر ئىدىڭغۇ ؟ ئەمدى راست دېلو يۈز بەرگەندە كارغا كەلمىگىنىڭ نېمسى ،- دېدى ئابدۇقەييۇم .
بۇ گەپ ماڭا تەسىر قىلدى . يىپ ئۇچى يوق ئەھۋالدا ، قالايمىقان ئويلاپ ئولتۇرۇشتىن ھىچبىر نەتىجە چىقمايتتى .قانداقلا بولسۇن، بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئويلىدىم .
- تۇرسۇنئاي ، رەقەملىك رەسىم ئاپپاراتىڭىزنى بېرىپ تۇرۇڭا ، - دېدىم تۇرسۇنئاينىڭ ئالدىغا بېرىپ .
- مانا ، - دېدى ئۇ سومكىسىدىن چىقىرىپ . مەن ئاپپاراتنى ۋە سومكامنى ئېلىپ جەسەت بار ئۆيگە ماڭدىم .
- سەن نېمە ئىش قىلماقچى ؟- دەپ توۋلىدى ساۋۇت مۇئەللىم .
- نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىپ قوياي ،- دېدىم مەن كېتىۋىتىپ ، - ساقچىلار كەلگەندە ياردىمى بولىدۇ .
- ساقچىلار كەلگەندە ئۆزلىرى رەسىمگە تارتىدۇ ،- دەپ مېنى توسۇۋالدى ساۋۇت مۇئەللىم ،- سەن بۇ ئىشلارغا ئارىلاشما ، سەن تېخى كىچىك .
- ساقچىلار كەلگۈچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ ،- دېدىم مەن چۈشەندۈرۈپ ،- بالدۇرراق تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرىراق بولىدۇ. خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن دېلو تەكشۈرۈش تەرتىپلىرىنى ئوبدان بىلىمەن.
ساۋۇت مۇئەللىم ماڭا تازا بىر قارىۋىتىپ :
- سۈرەتكە تارتىپ بولۇپلا قايتىپ چىقىسەن ، مەن قاراپ تۇرىمەن، - دېدى .
- ئەلۋەتتە.
- قالغانلار مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار ،- دېدى ساۋۇت مۇئەللىم بالىلارغا .
نادىر دوختۇرمۇ ئەگىشىپ كەلدى. مەن ئۆيگە كىردىم . سومكامدىن پەلەينى ئېلىپ كېيىۋالدىم .
- بىر يەرلەرنى قالايمىغان تۇتماڭلار،- دېدىم ئۇلارغا ،- بولمىسا بارماق ئىزىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋىتىسىلەر . بۇچاغدا باشقا ھەممەيلەن كېلىپ ، باشلىرىنى ئىشىكتىن سوزۇپ قارىشىپ تۇراتتى . ساۋۇت مۇئەللىم ئىشىكتە ئۇلارنى توسۇپ تۇردى .
مەن تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم . يەردىكى قانلار قېتىپ كەتكەن ئىدى . مەن ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تۇرۇپ جەسەتنى ، قان ئىزلىرىنى ، ئاياغ ئىزلىرىنى ، ئۆيدىكى باشقا بۇلۇڭ – پۇچقاقلارنى 50 نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتتىم . بارماق ئىزىنى تەكشۈرۈشكە ئامالسىز ئىدىم . ئاياق ئىزى بولسا ، بايا جەسەتنى بايقىغاندا ئۆيگە بىر نەچچەيلەن كىرگەچكە قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ، سۈرەتكە تارتقاچ ، جەسەتنى تۇتۇپ ئۇنىڭ قېتىشىش ئەھۋالىدىن ئۇنىڭ ئۆلگەن ۋاقتىغا ھۆكۈم قىلماقچى بولدۇم .
- تۇتما ، سەن پەقەت سۈرەتكە تارتماقچى ئىدىڭغۇ ؟- دېدى ساۋۇت مۇئەللىم .
- مەن ئۇنىڭ ئۆلگەن ۋاقتىنى بىلىپ باقاي دېدىم ،- دېدىم مەن جاۋابەن .
- سەن بىلەلەمسەن ؟- دەپ سورىدى دوختۇر نادىر ھەيران بولۇپ.
- ئۇنىڭ ئۆلگىنىگە تەخمىنەن 8 سائەت بولۇپتۇ ،- دېدىم مەن سائەتكە قاراپ ،- دېمەك ، ئۇ كېچە سائەت 2 لەر ئەتراپىدا ئۆلگەن .
كاللامغا يالت قىلىپ كېچىدىكى ۋەقە كەلدى . « بۇ تاساددىپىيلىقمىدۇ ؟» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە .
- قانداق بىلدىڭ ؟- دەپ سورىدى ساۋۇت مۇئەللىم .
- جەسەتنىڭ قېتىشىش جەريانى مۇنداق بولىدۇ : ئۆلۈپ 2~3 سائەتتىن كېيىن ئېڭەك قىسمى قاتىدۇ ، 7~8 سائەت دىن كېيىن بەدىنىدىكى ھەرقايسى بوغۇملار قاتىدۇ . 10~ 12 سائەتتىن كېيىن قولىنىڭ ۋە پۇتىنىڭ بارماقلىرى قاتىدۇ . 12~ 24 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن پۈتۈن بەدىنى قېتىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ . 24~ 30 سائەتتىن كېيىن قايتا يۇمشاشقا باشلايدۇ . شۇڭا مەن جەسەتنىڭ قېتىشىش ئەھۋالىغا قاراپ شۇنداق ھۆكۈم قىلدىم.
- ئۇ توپتوغرا دېدى ،- دېدى نادىر دوختۇر ،- بىلىدىغىنىڭ ئاز ئەمەسكەن ئۇكام ، قېنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ كۆرگىن .
ساۋۇت مۇئەللىم ھەيرانلىقتا قاراپ تۇراتتى . مەن جەسەتنىڭ بېشىنى تەكشۈردۈم . ئۇنىڭ بېشىدا بىر نېپىز ئاق شاپاق دوپپا بار ئىدى . ئۇنى ئېلىۋىتىپ قارىدىم . بېشىنىڭ ئارقا تەرەپ چوققىسىدا بىر دورىلىق پىلاستىر چاپلاقلىق تۇراتتى .
- بۇ پىلاستىرنى قاچان چاپلىغان بولغىيتتى ،- دېدىم مەن .
- تۈنۈگۈن ياتىدىغان ۋاقىتتا خوشلاشقاندا ئۇنىڭ بېشى ساق ئىدى ،- دېدى نادىر دوختۇر .
- ئەمىسە ئۇ بۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ، بېشى يارىلىنىپتۇدە ،- دېدىم مەن ،- بىرەر يەرگە تېگىپ كەتكەن بولسا كېرەك .
مەن پىلاستىرنى سويۇپ ئېلىۋىتىپ قاراپ باقتىم . قارىسام بېشى يېرىلىپ كەتكەن ئىكەن .
- ياق ، بۇ بىر نەرسە بىلەن ئۇرغاندا قالغان يارا ئىكەن ،- دېدىم مەن يارىنى كۆرگەندىن كېيىن ،- بىرسى ئارقا تەرەپتىن ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپتۇ .
- ئەمىسە ئۇنى بىرسى ئۇرۇپ ئايلاندۇرىۋىتىپ ، ئاندىن پىچاقتا بىلىكىنى كېسىپ قويۇپتۇدە ،- دېدى نادىر دوختۇر .
- ئەمىسە پىلاستىرنى قاتىل ئۇنىڭ يارىسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ چاپلاپ قويۇپتۇدە ،- دېدىم مەن .
- توغرا ، توغرا ، ئىشىك - دېرىزە تاقاقلىق ، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ ،- دېدى نادىر دوختۇر گېپىنى قايتۇرېۋىلىپ .
- ئەمىسە بېشىدىكى يارىچۇ ؟- دېدى ساۋۇت مۇئەللىم.
- ئۇ ياتاققا كىرىپ بىر يەرگە ئۈسسىۋالغان ، ئاندىن بېشىغا پىلاستىر چاپلىۋالغان ، ئاندىن كېيىن ئۆلۈۋالغان،- دېدى نادىر دوختۇر ،- مۇشۇنداق دېسەك ئەقىلگە مۇۋاپىق.
- ئۆلۈۋالماقچى بولغان ئادەم بېشىدىكى يارىغا پلاستىر چاپلىۋالارمۇ ؟ - دېدىم مەن .
- راست ... ، بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ؟- دېدى نادىر دوختۇر چۈشىنەلمەي .
مەن ئۇنىڭ يانلىرىنى ئاختۇرۇپ باقتىم . پورتمال ، تاماكا ۋە قولياغلىق چىقتى . پورتمالدىكى پۇلمۇ جايىدا ئىكەن . ئەمما ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى يوق ئىدى .
- ئاچقۇچ يوق ، بىرسى ئەكەتكەن ياكى چۈشۈپ قالغان ،- دېدىم مەن .
- ئەخمەتجان ئېلىپ كەتكەن گەپ ،- دېدى نادىر دوختۇر ،- بولمىسا ماشىنىنى ئۇ قانداق ھەيدەپ كېتىدۇ .
- ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىشكە تېخى بالدۇر ،- دېدىم مەن .
مەن سومكامدىن لوپا ئەينەكنى ئېلىپ ، ئۆينىڭ ئىچىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدىم . ئۆي بىرلا ئېغىز ئىدى . بىرلا كارىۋات ۋە بىر ئۈستەل ، بىر ئورۇندۇق بارئىدى . بىر بۇلۇڭدا سايمان ساندۇقى تۇراتتى . ئىچىدە ئامبۇر ، كۇلۇچ ، ئاتۋىركا ، سىم ۋە مىخ دېگەندەك نەرسىلەر بار ئىدى . مەن كارىۋاتنىڭ تېگىگە قولچىراق تۇتۇپ قاراپ باقتىم ، تېگىدىمۇ بىر توقام قالايمىغان نەرسىلەر تۇراتتى . لىكىن لەپتىلا بىر چوڭ – كىچىكلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان يوغان كۇلۇچ تۇراتتى . ئۇنىڭ باش تەرىپىدە ئازراق قان ئىزى بارئىدى . مەن ئۇنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم .
- ئۇنىڭ بېشىغا تەگكەن نەرسە مانا ،- دېدىم مەن كۇلۇچنى ئېلىپ .
نادىر دوختۇر قولياغلىقىنى چىقىرىپ ، كۇلۇچنى مەندىن ئالدى ۋە كۆرۈپ باققاندىن كېيىن :
- شۇنداقكەن ، قان ئىزى يېڭىكەن ،- دېدى .
مەن ئىشىك بىلەن دېرىزە يېنىغا كەلدىم ، ئىشىككە لوكىدان بىكىتىكلىك ئىكەن . تېخى يېڭىلا مايلاپ قويۇلغاندەك قىلاتتى . بۇ ئىشىكنى پەقەت ئىچىدىنلا ئەتكىلى بولاتتى . دېرىزىگە قاراپ ، باشتىكى پەرىزىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدىم . چۈنكى بۇ دېرىزە ئۇزۇندىن بېرى ئېچىلمىغاچقا لوكىدان داتلىشىپ ئېچىلماس بولۇپ كېتىپتۇ . ئۇنى سىرتىدىن تۇرماق ئىچىدە تۇرۇپمۇ ئېتىش تەس ئىدى .
- بولدى ،- دېدىم مەن ،- تەكشۈرۈپ بولدۇم . ئەمدى چىقىپ كېتەيلى .
نادىر دوختۇر بىر ئەدىيالنى ئەكىرىپ جەسەتنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويدى .
بىز ئىشىكنى يىپىپ قويۇپ چىقىپ كەتتۇق . ھەممىمىز ئايۋانغا كىرىپ ئولتۇردۇق . مەن ئويلىنىپ ئولتۇراتتىم .
- ئويلىغىنىڭنى دەپ باقە ،- دېدى نادىر دوختۇر .
- مەنمۇ ئېنىق بىر نېمە دىيەلمەيمەن ،- دېدىم مەن ،- مېنىڭچە بۇ قاتىللق دېلوسى . بۇ تاغدا بىزدىن باشقا ھىچكىم يوق . دېمەك قاتىل بىزنىڭ ئارىمىزدا.
بۇنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن بىر – بىرىگە قارىشىپ قويدى .
- ھازىر ئارىمىزدا يوقلارنىڭ، مەسىلەن، ئەخمەتجان بىلەن شوپۇرنىڭ قاتىل بولۇشى مۇمكىنمۇ ،- دەپ سورىدى ساۋۇت مۇئەللىم .
- مۇمكىن .
- ئەگەر شوپۇر قاتىل بولسا، ساقچىلارنىڭ كېلىشىدىن ئۈمىد يوقكەن ، - دېدى ئابدۇقەييۇم .
- ئەمىسە قانداق قىلارمىز ؟- دېدى رەنا .
- ھازىر تېخى جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدۇ ،- دېدىم مەن ئۇلارنى پەسكويغا چۈشۈرۈپ ،- قاتىللىق قىلىش مۇددىئاسىنى كۆزدە تۇتقاندا ، مېنىڭ بىلىشىمچە ، بۇ يەردىكى كۆپىنچە ئادەمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاز- تولا ئاداۋىتى بار . مەسىلەن ، ھازىر يوقاپ كەتكەن ئەخمەتجان مۇئەللىم . ئۇنىڭ تۈنۈگۈن داستىخان ئۈستىدە ، ئەسقەر ئاكا بىلەن تاكاللىشىپ قالغانلىقىنى نەزەرگە ئالساق ئۇ ئەڭ گۇمانلىق ئادەم بولۇپ قالىدۇ . بولمىسا ئۇ نەگە كەتتى ؟ يەنە نادىر دوختۇرمۇ بار ، - مەن دوختۇرغا قاراپ قويدۇم ،- ئۇنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئەسقەر ئاكا بىلەن گەپ تالىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم . ئۇلارنىڭ گېپىدىن قارىغاندا نادىر دوختۇر ئەسقەر ئاكىدىن قاتتىق نارازى ئىكەن ،- مەن نۇربىيە ھەدىگە قارىدىم ،- يەنە ئەڭ گۇمانلىق بىرەيلەن بار . ئۇنىڭمۇ ئەسقەر ئاكىنى قەستلەش مۇمكىنچىلىكى بار ، ئۇ دەل ئەسقەر ئاكا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن نۇربىيە ھەدە.
- كىچىككىنە تۇرۇپ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاشقا ئامراق ئىكەنسىز ھە ئۇكام ،- دېدى نۇربىيە ھەدە غەلىتە ئاھاڭدا .
- مەن ... مەن شۇ تاساددىپى ئاڭلاپ قالغان ،- دېدى مەن خېجىل بولۇپ .
- ئەگەر مۇشۇنىڭ بىلەنلا مېنى گۇمانلىق دەيدىغان ئىش بولسا ،- دېدى نۇربىيە ھەدە ۋە بىردە توختىۋېلىپ ،- مۇراتمۇ گۇمانلىق ، ئۇ ئەسقەردىكى پۇلىنى ئالالماي ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي، نەگە بارسا بىللە بېرىپ ، بىللە يېتىپ بىللە قوپۇپ يۈرگىلى بىر ئايدىن ئاشتى . يەنە ماۋۇ خۇرشىدەمۇ بار، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئەسقەر بىلەن 3 يىل يۈرگەن ، ئاخىردا ئەسقەر ئۇنى تاشلىۋەتكەن . ئۇنىڭ ئەسقەرگە بولغان ئۆچمەنلىكى مېنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ . نۇسرەتنىڭمۇ يىگىتى ئەسقەر بىلەن شىرىك سودا قىلاتتى . ئۇنىمۇ ئەسقەر ئالداپ ۋەيران قىلىۋەتكەن ، ھازىر ئۇنىڭ يىگىتى قەرزگە بوغۇلۇپ ئۆيگە قايتالماي يۈرىدۇ ، ،- ئۇ گېپىنى توختىتىپ ماڭا قارىدى ،- قانداق ئۇكام ، پەقەت مەنلا گۇمانلقمىكەنمەن ؟
مەن گەپ قىلماي ، ئويغا پاتتىم . « ئۇنىڭ بىلەن ئۆچەكىشىپ قالغانلار كۆپ ئىكەن ، ھەممەيلەننىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئېھتىماللىقىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ .» دەپ ئويلىدىم.
-بۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرېۋىلىش ئەمەس بەلكى قاتىللىق دېسەك ، ئۇنداق بولسا قاتىل ئىشىكنى قانداق ئىچىدىن ئېتىپ قويغاندۇ ؟ - دەپ سورىدى نادىر دوختۇر.
- مەنمۇ مۇشۇ مەسىلىنى ئويلاۋاتىمەن ،- دېدىم مەن .
مەن رەقەملىك ئاپپارات بىلەن سومكامنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدىم .
- نەگە بارىسەن ؟ - دەپ سورىدى مۇئەللىم .
- ئەتراپنى ئايلىنىپ كېلەي.
- توختا ، مەنمۇ بىللە باراي ،- دېدى ئابدۇقەييۇم ئورنىدىن تۇرۇپ .
- خاپا بولمىغىن ، مەن يالغۇز ئايلىنىپ كېلەي ، بۇ مېنىڭ ئويلىنىشىمغا پايدىلىق ،- دېدىم ئۇنىڭغا.
ئابدۇقەييۇم بېشىنى لىڭشىتىپ ، جايىدا ئولتۇردى.
مەن چىقىپ كەتتىم .

داۋامى بار.......

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 ئېسىل ئەسەر.
shakira + 100 بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.داۋامىنى تېز...

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

شاكىرە شەبنەم

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2820
يازما سانى: 793
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21256
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 3898 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 02:11:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.لېكىن نېمىشقا دائىم تېمىنى يېرىم يوللايسىلەر؟
لەغمەننىڭ چۆپىنى چۈشتىن بۇرۇن،قورۇمىسىنى چۈشتىن كېيىن بەرگەندەكلا.

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىغان ھەر قانداق كىشى،ھەرگىز شەخسىي تالاش-تارتىشقا ۋاقىت سەرپ قىلمايدۇ.    ـــ لىنكولىن

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5518
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 1416 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 02:16:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    داۋامىنى ئوقوپ بۇلۇپ ئىنكاس يازاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10226
تۆھپە نۇمۇرى: 3211
توردا: 1704 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 10:45:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنجى قەدەمدىلا ھېكايىدىن باشلاپسىز، كىينكىسىنى روماندىن باشلايدىكەنسىزدە ئەمدى.ھارماڭ.........

ھەممە ئىشلار كۆڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 1839
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19636
تۆھپە نۇمۇرى: 763
توردا: 7305 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 11:01:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتتى ياخشى يىزىلغان رازۋىتكا ھىكايىسى ئىكەن. تولىمۇ قىزىقىپ قالدىم،داۋامىنى كىچىكتۈرمەي يوللىغان بولسىڭىز.

ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1031
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1743 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 01:31:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەمدە ئىچىگە كىرىپ ئوقۇۋاتاتتىم داۋامى قىنى ! مەن ئادەتتە رازۋىتكا ئەسەرلىرنى بولۇپمۇ مىسىرلىق يازغۇچى نەجەپ مەھبۇسقۇ دەيمەن شۇنىڭكىنى قىزقىپ ئوقاتتىم ، مۇمكىن بولسا داۋامىنى بۈگۈن يوللىغان بولسىڭىز !

ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1031
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1743 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 01:39:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قاتىلنى ئازراق پەرەز قىلدىم، كىين داۋامىنى كۆرۈپ باقاي مىنىڭ پەرەز قىلغىنىم بىلەن ئوخشاش ئاخىرلىشارمدۇ ياكى ...

ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55056
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 895
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 2034 سائەت
تىزىم: 2011-9-6
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 02:37:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز!

شۇكرى اللا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69164
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 399 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 03:11:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان يازارسىز تەققەزا قىلپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1086 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 03:21:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى مۇرەككەپكەن،بۇ دىلو.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش