دۇتتار شاھى ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
ئابدۇرىھىم ھىيىت 1962-يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلدە تۇغۇلغان. بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ دۇتتار،راۋاپ چېلىشقا قىزىقىپ 13يېشىدا، مەھەللىسىدە << بالا سازەندە >> دەپ نام ئالغان . مەھەللە ئەھلى ئۇنىڭغا ئامراق بۇلۇپ قالغان ھەمدە ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ،قەشقەر شەھىرىدىكى ساماۋەرخانىلاردا،چوڭ-كىچىك مەشرەپ سورۇنلىرىدا،ھەتتا توي -تۆكۈنلەردە دۇتتار چالغۇزۇپ،'ئۇنىڭغا قۇيۇق سەنئەت مۇھىتى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىش پۇرسىتى يارتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ سەبى قەلبىدە ،مىللى سەنئەتكە نىسبەتەن كۈچلۈك مۇھەببەت ئويغانغان .
ئابدۇرىھىم ھىيىت1977-يىلى 1979-يىلغىچە،قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇلۇقسىز سىنپىنى تاماملاپ ،نەزەرباغ يېزىسىغا قايتا تەربىيگە چۈشكەن. مۇشۇ مەزگىلدە، قەشقەر شەھىرىدىكى بىر قىسىم زىيالىلار، ئۇقۇتقۇچىلار، ھۈنەرۋەن -كاسىپلار ئۇنىڭ دۇتارىنى ئاڭلاش ئۈچۈن نەزەرباغقا چىقىپ تۇرغان . ئۇنىڭ دۇتتار چېلىشتىكى ماھارىتىگە،خەلىق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشتىكى تالانتىغا قايىل بولغان قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپى رەھبەرلىرى ،ئۇنى مەكتەپنىڭ ناخشا كەسپىگە قۇبۇل قىلغان .
1982-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغاندا، جۇڭگو مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بىر نەپەر راۋاپچى قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن . ئابدۇرىھىم ھىيىت ئىمتاھاندىن مۇۋەپپىقيەتلىك ئۆتۈپ،مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىغا قۇبۇل قىلىنغان .
1988-يىلدىن باشلاپ مۇزىكا ئىجادىيىتى يولىغا قەدەم قويغان .
1989-يىلى ئىجاد قىلغان << چىللاڭ خۇرىزىم >> كىيىن،سەنئەت ساھەسىنىڭ دىقىتىنى قوزغىغان ،<< تۇتقۇن >>،<< ئەينەك >>،<< ئۇچراشقاندا >>،<<مەن ئاق بايراق ئەمەس >>،<< ئانا ئەللىيى >> ، << ئۇيغۇر گۈزىلىگە >> ،<< يىپەك >> ،<< ئاھ ئاتىلار >> ،<< سەن يوق >>،<< ئالدىدا >> ... قاتارلىق كۆپلىگەن ئىسىل ئاھاڭلارنى ئىجاد قىلىپ،سەنئەت سۆيەر خەلقىئىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالدى .
1992-يىلى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ، ئىستانبول مۇزىكا ئىنىستىتوتى ، ئەنقەرە غازى ئونىۋېرسىتېتى، تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق مەشھۇر ئىلىم ئۇچاقلىرىدا ئۈچ مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كىچىلكى ئۆتكۈزىدى . كىچىلىكتە ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرى، ئۆزىنىڭ ئىجادىي ناخشىلىردىن باشقا ،تۈركچە ناخشىلارنىمۇ ئەسلى ئۇسلۇبى بىلەن ئورۇنلاپ،تۈركىيە داڭلىق سەنئەتكارلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى . ئۇيۇندىن كىين تۈركىيىدىكى نۇپۇزلۇق ( ت ر ت)تېلېۋىزىيە ئىستانسى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ خەۋەر بەردى .
تۈركىيەدىن قايتىپ كىلىپ ، ئۈرۈمچى ،قەشقەر ، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كىچىلكى ئۆتكۈزدى ھەم كىچىلىكتىن قىلىنغان كىرىمنى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە قىلىپ ، گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۋەتتى .
بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەل سۆيگەن سەنئەتكارىمىز ،بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا يىڭىدىن ئىشلىگەن ئىجادىي ناخشىلىردىن تۈزۈلگەن << ئۈمىد >> ناملىق سىن تەخسىسىنى تارقاتقاندىن كىيىن ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بارلىق ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىنى ، ئەسلى تىكىسىت، ئەسلى ئاھاڭدا ئوقۇپ ئۈنگە ئېلىپ تەييارلاۋاتىپتۇ .
خەلقىمىز بۇ ئۇلۇغ سەنئەتكارىغا سالامەتلىك ۋە ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيدۇ .
مەنبە : شىنجاڭ سەنئىتى ژۇرنىلى 1998-يىللىق 4-سان .
تور مەنزىلى
ناخشا: ئاتىلار
ئابدۇرېھىم ھىيىت ئورۇنلايدۇ