مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2650|ئىنكاس: 19

يىقىنقى ئىشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8374
تۆھپە نۇمۇرى: 1139
توردا: 1842 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 05:13:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىزلەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 t, P: P1 U0 X9 S4 U  p  ھازىرغىچە بىشىمدىن ئۆتكەن كەچمىشلەر، دوستلىرىمنىڭ ئىشلىرى، كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىم، يەنە ئوي- خىياللىرىمىنى رەتلەپ، تەسەۋۇرۇمنى قوشۇپ يېزىپ چىققان بۇ يازمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. بۇ ھېكايىدە يىزىلغان مەزمۇنلاردىن ئوقۇرمەنلەر ئازىراق ئويغا كەلسە، ياكى بەزى ۋەقەلەرگە قارىتا ئۆز كۆز- قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويسا مەن ئۆزۈمنىڭ كىچىككىنە ئەجىرىدىن خۇشال بولغان بولاتتىم. ئامال بار تولۇق ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى، شۇنداقلا ھېكايىدىكى ئىشلار ھەققىدە پىكىرىڭلارنى يوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاتايىن ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئوقۇدىڭىز، ئىنكاس يازماي چىقىپ كەتمەڭ.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* Q; }) A6 E2 G: E
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  x, l- V( |. K7 ^" e

يىقىنقى ئىشلاربۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 C4 R6 H; h) v! u  \# d3 l+ w7 k
ھېكايەبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; b, A- S1 }5 t8 \3 t5 O
ئاپتۇرى: Haci


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 @6 C! N, X# rبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 i/ i9 Q- c( Q/ p$ }) W
  تۆۋە دەيمەن، يىقىندىن بىرى يۈرىكىم ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى. ئانچە- مۇنچە ئېغىپ كىتىدۇ. كېچىلىرىمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايمەن. چۈشلىرىم بۇزۇلۇپ، ھەر قىسما نەرسىلەرنى كۆرۈپ، قارا بېسىپ، چىلىق- چىلىق سوغۇق تەر ئىچىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ كىتىمەن.كۈندۈزلىرى تېخى، قولۇمدىكى قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدىن ئېزىپ كىتىمەن. بەزى كۈملىرى ئىزچىل مىڭىۋاتقىلى ئالتە يىل بولغان، ئاشخانادىن ياتاققىچە بولغان يولنى تاپالماي نەلەرگىدۇ كىتىپ قالىمەن. مېڭىپ مېڭىپ بىرەر نەرسىگە پۇتلىشىپ كەتمىسەم توختىمايمەن. تەلىيىمگە يارىشا، چوڭ شەھەر بولغاچقىمۇ، نەچچە كىېومېتىر ماڭمايلا يول چىرىقى، رىشاتكا، شەھەر ئۇچۇر بوتكىسى دىگەندەك قەدەمدە ئۇچىراپ تۇرىدىغان نەرسىلەرگە تاقىشىپ توختايمەن. زادى نېمە بولغاندىمەن؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 t+ N% j! A, M) U$ w  خىيالىم بەكلا چىچىلاڭغۇ، ئاڭلىغان- كۆرگەن ئىشلار، خەۋەرلەر، دەرس مەزمۇنلرى، يەنە تېخى ئايرىلىپ كەتكىلى نەچچە يىل بولغان قىز دوستۇمنىڭ بىر زامانلاردا ماڭا دىگەن گەپلىرى، ھەر تەتىلدە دادام- ئاپامنىڭ ماڭا ئاتاپ قىلغان ئۇزۇتۇش دۇئالىرى، تۇرۇپ- تۇرۇپ جۈمە نامىزىدا تۇڭگان ئمام سۆزلىگەن تەبلىغلەر ئىسىمگە كىلىۋالىدۇ. ئۇلار پىرقىراپ، پىرقىراپ يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ، مەسچىتنىڭ گۈمبىزىدەك ئىگىزلىككە چىقىپ يەرگە شۇنداق سەت چۈشىدىكى، يەرگە چۈشۈش بىلەنلا بۇلار  ھەممىسى ئارىلىشىپ كاللام ئۇماچ بولۇپ كىتىدۇ. بۇنداق چاغلاردا تونۇش- بىلىشلەرگە تېلىفۇن ئۇرۇپ ئەھۋاللاشىمەن، ئاتا- ئانام بىلەن كۆرۈشۈپ، پۈتۈن ئۇرۇق- تۇغقان، قۇلۇم- قوشنىلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ چىقىمەن. اللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكىرى، ئۇلار ھەممىسى تىنىچ- ئامان بولۇپ چىقىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 _4 U& Y+ u* y' y' i: v7 q: l  - ئىمام بىلەن پاتىمەنىڭ ئىشىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟- دىدى ئۈرۈمچىدە ئوقىۋاتقان دوستۇم ئەلى،- ئۇ توي قىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان كۆرۈشۈپ باقماپتىكەنمەن. تۈنۈگۈن مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى قاۋاققا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، يۈگۈرۈپ بىرىپ توسىۋىلىپ تونۇشلۇق بەرسەم، مېنى تەستە ئىسىگە ئالدى. بىچارە، توي قىلىپ ئازىراق قەرز بولۇپ قاپتىكەن. شۇلارنى بالدۇراق تۈگىتەي دەپ كەچلىرى ئادىل قاسماقنىڭ تاكسىسىنى ھەيدەپ قوشۇمچە كېرىم قىپتۇ. دەسلەپكى كۈنلىرى ئالتىدىن ئونلارغىچە ھەيدەپ ئاز دىگەندە 50~60 يۈەن، كۆپرەك بولغاندا 100 يۈەن ئەتىراپىدا كېرىم قىپتۇ. كىيىنچە ئون بىر ئون ئىككىلەردە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى سەھەر سائەت تۆتلەرگىچە كىرا قىپتۇ. كىيىن قانداق بولغان، تاكسىسىغا چىققان بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. ئايالىنىڭ تۇغۇتى يىقىنلاپ قىلىپ، ئانىسىنىڭ ئۆيىگە تۇغۇشقا كەتكەن كۈنلىرىدە ئىمام ئۇ قىز بىلەن بىر نەچچە قىتىم كۆرۈشۈپ، تاماق يەپ يۈرۈپتۇ.- «ھۇ كۆڭلى پەس لامزەللە، تۆت يىل يۈرۈپ ئالغان ئايالىڭ ئىككى ھەپتە يوقالسا چىدىماپسەندە» دىدىم ئىچىمدە.-  بۇ گەپلەر قانداق بولۇپ پاتىمەنىڭ قۇلىقغا يەتتى، تۇغۇتتىن كىيىن، پاتىمەنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇزاققىچە يۆتكىگىلى كەلگەنلەرنى قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. ئىمام تولا يالۋۇرۇپ، نەچچە قىتىم ئادەم كىرگۈزۈپ ئاران قايتۇرۇپ كەپتۇ. لىكىن پاتىمە خىزمەتكە چۈشۈپ 15 كۈندىن كىيىن، ئىمامنىڭ كىيىمىدىن چىققان بىر تال چاچنى باھانە قىلىپ يەنە يامانلاپ كىتىپتۇ. ئىمامنىڭ دىيىشىچە، ئۇ قىز بىلەن ھىچقانداق ناتوغرا ئىش قىلماپتىكەن. بىر ئاي ئۆتۈپ كەتسىمۇ پاتىمە يۇمشىماپتۇ. ئانىسىنىڭ گىپى بىلەن ئىمام ئايالىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى ئۈچىنجى قىتىم بىرىپتۇ. ئىمام پاتىمەنىڭ ئىشتىن چۈشىشىگە ئۈلگۈرۈپ دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپتىكەن. كىم بىلسۇن دەيسەن، پاتىمە ئىشىكتىن چىققانچە، ئۇددۇل قارا ئاۋدىدىن بىرىگە چىقىپ يۈرۈپ  كىتىپتۇ. ئىمام بۇ خەق نەگە بارىدىغاندۇ؟ دەپ ئارقىسىغا چۈشسە، ئۇلار تۇڭگانلار ئاچقان بىر قازان شورپىخانىسىنىڭ كىرىپتۇ. ئىمام كىرەيمۇ كىرمەيمۇ دەپ ئىككىلىنىپ، يىرىم سائەتلەردىن كىيىن كىرسە ئۇلار چوڭ زالدا يوقمىش. مۇلازىمەتچىدىن سوراپ، ئۇلار ئولتۇرغان ئايرىم خانىگە كىرسە ئىككىسى مۇڭدىشىپ ئولتۇرغىدەك، ئىمام ئاچچىقىدا نىرى- بىرىنى سۈرۈشتە قىلماي ئۇ ئەر كىشىنى قاتتىق ئۇرىۋىتىپتۇ، پاتىمەنىمۇ ئۇرۇپ بىر قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرىۋىتىپتۇ. ئەر كىشىنىڭمۇ ئىككى تال چىشى سۇنۇپ، قاڭشىرى ئىچىگە كىرىپ كىتىپتىكەن، داۋالاش پۇلى ئۈچۈن 5000 يۈەندىن ئارتۇق تۆلەپتۇ. پاتىمە «بالىنى ماڭا بىرىپ، خىتىمنى بەرسە باشقا تەلىپىم يوق» دەپتىكەن، ئىمام «بۇنداق خوتۇن بىلەن يەنە ئۆي تۇتامتىم» دەپ لايىقىدا مۈلۈك بىرىپ ئاجىرىشىپتۇ. بالىسىغا 18 ياشقا كىرگىچە، ھەر ئايدا مۇۋاپىق بىقىش راسخوتى بىرىدىكەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* k* C1 P6 f9 C$ u5 n
  - شۇ ئىشلارغا چىدىماي زابوي بولۇپ كىتىپتىما؟- پايتىمىدەك ھېكايە مىڭەمنى تىخىمۇ قوچۇپ، پەقەتلا چىدىماي ئۇنىڭ گىپىنى بۆلدۈم.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ C. S6 W5 N; F' h3 P
  ـ توختىمامسەن. كىيىن ئىمام يەنە ئىشتىن چۈشۈپ تاكسىسىنى ھەيدەپ يۈرۈپتۇ. لىكىن ئەمدى بويتاق بولغاندىكىن ھىلىقى قىز بالا بىلەن باردى- كەلدىسى قويۇقلىشىپ كىتىپتۇ. ئۇ ئەسلىدە شەھەر سىرتىدا كىچىك ئاشخانا ئاچىدىغان چوكان ئىكەن. قىمارۋاز ئىرىنىڭ دەردىگە چىدىماي ئاجىرىشىپ كىتىپتىكەن، كىيىن شۇ ئاشخانىنى ئىچىپ ئۆزىنى ئۆزى بىقىپ يۈرۈپتۇ. ئەمما ئۇ چوكان يالغۇزلۇقتا ھاراق- تاماكىغا ئۈگىنىپ قاپتىكەن ئەمەسمۇ. ئىمامنىڭ دەردى ئىچىگە پاتماي يۈرگەن چاغلاردا بۇ ئۈلپەت موك خۇش يىقىپتۇ. بارا- بارا ئىمام ئۆيىگىمۇ قايىتمايدىغان، ئىشقىمۇ كۈنلەپ- كۈنلەپ چىقمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇ چوكاننىڭ ئۆيىدە يىتىپ قوپۇپ، خوش ياققاندا ئادىلنىڭ تاكسىسىنى ھەيدەپ، ئانچە- مۇنچە پۇل كۆتۈرۈپ ئاتا- ئانىسىنى يوقلاپ قويۇپتۇ. بولمىسا شۇ چوكاننىڭ ئاشخانىسىغا قارىشىپ بىرىپ كۈننى كەچ قىپتۇ. ھە راسىت، ئىمام توك ئىدارىسىدە توختاملىق ئىشلەۋاتقان ئەمەسمىتى، ئىشقا چىقىپ- چىقماي يۈرگەندىكىن، باشلىقلىرى باشتا ئىمامنىڭ دادىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئۈچ ئاي كەڭچىلىك قىلىپتۇ، لىكىن ئۈچ ئايدىن كىيىن «كەشلىرىنى توغۇرلىسا غوجام» دەپتۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' C1 l% _: F! B, H2 k' r# z  ]9 R1 x  - ئاداش كىيۇ كىيۇغا چىقامسەن.- دىدىم ياتاققا قايتىپ كىرىپ،- باياتىندىن بىرى سىرىتتا تۇرۇپ سۆزلەشكەنتىم، قولۇممۇ توڭلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن يوللۇق تېلىفۇن ھەققىمۇ يۇقىرى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" c+ D" U6 G4 W  - ئەمسە كەچتىرەك چىقاي. ئاسپىرانىتلىق ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق كۇرسىغا قاتناشقانتىم، ھازىر ماڭسام، تۆت سائەت دەرسنى تۈگىتىپ، كەچتە 7~8 لەردە بىكار بولىمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 C" s5 m7 _" I6 U4 H! }- ^0 D/ ^
  - مەيلى، مەنمۇ سىرتقا چىقمايمەن. يازىدىغان ماقالەم بار. كەچتە كۆرىشەيلى ئەمسە.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  {( l. c; _& a# F
  ئادىتىم بويىچە كومپىيوتۇرىمنى قوزغىتىپ كىيۇ كىيۇنى ئاچتىم. «يۇرتتىكى دوستلار» دىگەن گورۇپپىدىكى خىلى جىق دوسىتلىرىم توردا بار ئىدى. ئۆتكەن يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يىزىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشقان مۆمىن دىگەن ئاغىنەممۇ توردا بار ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشىشنى ئويلاپ ئاۋازلىق پاراڭلىشىش بەلگىسىنى باستىم.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) W0 i! D; R# H/ x) L
  - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئادىشىم. قانداق ئەھۋالىڭ؟- بۇ مۆمىننىڭ ئاۋازى ئىدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. b4 W, q" F  i' K
  - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، شۈكىرى. قارىم ئۆزەڭلىچۇ؟ سالامەت تۇردىڭلىمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 W% o: C9 v/ y  U' o  - تەنە گەپ قىلمىغىنە، قارىملىقىمىز بىر بۇلۇڭدا قالدى. ھە، ياخشى كۆرەشتۇق ئادىشىم. سەن خەت يازمىساڭ، مەن تېلىفۇن ئۇراي دەپ تۇرغانتىم. توي قىلماقچى بولىۋاتىمەن. كىلەلەمسەن؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. M, `4 o8 A  W5 f5 b, e2 Z1 O
  - نىمە؟ توي؟ ۋوي كىم بىلەن؟ قاچانراق؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 t0 Y) W1 `7 I7 y9 u* w  - كىملىكىنى دىسەممۇ تونىمايسەن. مەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدۇ، ئۆيى تاغامنىڭ يىزىسىدا. ئۆيدىكىلەر بىلەن مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى يا بولمىسا كىلەر ئاينىڭ باشلىرى قىلايلىمىكىن دىيىشتۇق. ئاڭغىچە ساڭىمۇ تەتىل بولار؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- j2 l( K5 G& a  x
  - قىنى قاراپ باقاي. كىتەلىگۈدەك بولسىلا ئۈلگۈرۈپ بارىمەن. ئاۋال توينىڭ ۋاقتىنى بىكىتىڭلار.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& U4 W' p/ Y9 Q: u  - ماقۇل ئادىشىم. كەلسەڭ چىلاشقۇدەك، تۈزۈكچە بىر چاي بىرەي ساڭا ھە. ئەمسە، مەن سىرىتقا چىقىپ كىرەي يەنە كۆرىشەيلى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 |" c7 m: a! ~7 |, P- o# K; ]
  - ماقۇل ئەمسە،ئاللاھقا ئامانەت.- گىپىمنىڭ ئاخىرى چۈشۈپ بولغىچە ئىكىراندا «قارشى تەرەپ ئاۋازلىق كۆرۈشمىنى ئىتىۋەتتى» دىگەن ئەسكەرتىش كۆرۈندى. تۆۋە، ئىسمى جىسمىغا لايىق مۆمىن بالا ئىدى بۇ. نىمە بولغاندۇ؟ ئاجايىپ گەپلەرنى قىلىدىغۇ بۇ بالا. مۆمىن بەش يىللىق ئالىي مەكتەپنى تۆت يىلدا تاماملاپ، ئۆز ئارزۇسى بىلەن ئوقۇتقۇچى بولغان ئىدى. ئەمما شەھەرگە 150 كىلومىتىر كىلىدىغان چەترەك بىر يىزا بازىرىدا ئىشلەيتى. كىرىپ چىقىش قۇلايسىز بولغاچقا ھەپتىدە بىر قىتىم ئۆيگە قايتاتىتى. قىز بالىلارنى كۆرسە قىزىرىپ كىتەتتى، لىكىن نىمە دەپ ھەممىدىن بۇرۇنلا تويغا تەييارلىق قىلدىكىنە؟ بايا گەپ قىلىشقاندا تاماكا چىكىۋاتقاندەك بىر ئاھاڭدا گەپ قىلدى، تاماكىغىمۇ ئۈگىنىپ قالدىمۇ نىمە. ھەي بولدىلا، ئۆز ئىشىمنى قىلاي. كىيىنچە قايتا ئەھۋاللىشارمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: G( G" ^; y9 u
  شۇ خىيالدا ئۈچ- تۆت سائەت ئولتۇرۇپتىمەن. قولۇمدا كىتاپ، كۆزلىرىم كومپىيوتۇر ئىكرانىدا. مۇنبەرلەرنى ئارىلاۋاتمەن. «ناماز ...» دىگەن تىمىنى ئوقىدۇم، كۆڭلۈم كۆتۈرىلىپ قالدى. بۇ ئەزاغا كۆڭلۈمدە رەھمەت ئىيتىپ، ئەسەرنى كومپىيوتۇردا ساقلىۋالدىم. «ئىسلام» دىگەن ھۆججەت خالتىسىدا مەن كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن نۇرغۇن كىتاب، ماقالىلەر غىرىپسىنىپ تۇراتتى. نامىنى «ئۇيغۇر» دەپ قويغان ھۆججەت خالتىسىغا بىر نەچچە ئېلكىتاپ چۈشۈردۈم، بەزى كىتابلارنى قايتا- قايتا چۈشىرىۋاپتىمەن. دىمەك، بۇ يەردىكى ئېلكىتابلارنىمۇ تولۇق ئوقۇپ بولالمىغانتىم. مۇنبەرلەردىن يەنىلا  بۇرۇنقىدەك كۆڭۈلسىز ھالدا ينىپ چقتىم. كىمدۇر بىرى «قىز دوسىتنى قانداق كەلتۈرۈش ھەققىدە» دەپ يازما يوللاپتۇ. تۆۋە، بۇ بىر- بىرىگە تەقلىد قىلىدىغان ئىشمۇ؟ باشقا ئىشى يوقمۇ بۇنى يازغانلارنىڭ؟ كۆز ياقتۇرغاننى ئەمەس، اللاھ كۆڭلىگە سالغاننى تاللىسا، بۇنداق چارىلەرنى ئىشلىتىش كەتمەيدىغۇ... «ئوغۇللار دەس تۇرۇڭلار» دەپ ۋارقىراپتۇ، تاڭسىڭنى باش سۈرىتى قىلىۋالغان بىر تورداش. ئۇ يازمىنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاسلاردا جىدەل باشلىنىپتۇ، بولدى ئاستا چىكىتەي بۇ تىمىدىن. تىمىنى ئۆچۈرگىچە «ئوچۇق» ناملىق بىر ئەزانىڭ ئىنكاسىغا كۆزۈم چۈشتى. « ئۇندا بۇندا دىگەن بىكار. ئەڭ ياخشىسى *ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي*. تۆگە كۆردىڭمۇ ياق، ياق، ياق...». ماۋۇ يەردە بىر شېئىر بار ئىكەن. «ئەر غىتمەك، ئايال گاڭگۇڭ» دەيدۇ ماۋزۇسىنى، خۇدايىم تۆۋە، «ئۇيغۇر قازى» دەپ ئىسمى بار بىرسى، « بۇ ئادەتتىكى ئىشلارغۇ... » دەپ چۈشەندۈرۈپ كىتىپتۇ. نەردە ياشايدىغاندۇ مۇشۇنىڭدا تىلغا ئىلىنغان ئادەملەر. بۇنداق ئەھۋاللارنى مەن نىمىشقا بىلمەي قالدىم. بۇلار نۇمۇس، ئەخلاقنى نەلەرگە كۆمىۋەتكەندۇ؟ بۇ يازمىلارنى ئوقۇغانسىرى بىشىم تىخىمۇ ئاغرىپ كەتتى. ئۇف، بىردەم خەۋەر كۆرەيچۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; q* b2 ^) h4 G$ }  «ساختا ئوغۇت زىرائەتلەرنى ئۆلتۈرۈپ قويدى» ما ئىشنى، يەنە شۇ بىچارە دىھقانغا ئۇۋالچىلىق؛ ئەستا، بۇ رەسىمدىكى ئۆتكەن يىلى «مۇنەۋەر كادىر» مۇكاپاتى ئالغان رەھبەر ئەمەسمۇ، « قۇتقۇزۇش پۇلدىن 100 مىڭ يۈەننى خىيانەت قىلىپ مۇددەتلىك كىسىلدى » . ھەممىسى مۇشۇنداق خاپىلىقلار، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ۋىللىدە قىلغۇدەك بىر نەرسىمۇ يوق. قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلدىم. بىر چۈشتىن كىيىن سىرىتقا چىقماپتىمەن. تاماق يىگەچ ئايلىنىپ كىرىشكە ماڭدىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 b) y3 w5 q# S# J7 o) k' Y6 b  دۈگدىيىپ ئولتۇرغان كاۋاپچى مىنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ، كۆزىنى ئالدى تەرەپتىكى قازان شورپىخانىسىدىن توڭلاتقۇغا يۆتكىدى. ئالدىمغا چاي ئەكىلپ قويۇپ، كاۋاپداننىڭ ئوتىنى ئۇلغايىتقاچ مەندىن سورىدى:- ھە ئۇكام، كاۋاپتىن نەچچىنى قوياي؟ يىڭى بۆرەك با جىما.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 t/ n$ n% U! H4 d: @
  - خوش ئاكا، بۆرەك يىمەي. گۆش كاۋاپتىن بەشنى، جىگەردىن ئىككىنى، قانات بولسا...، قاناتتىن بىرنى قويسا.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 X+ G! F* @& X8 x8 i/ T9 Q
  - قانات با ئۇكام. پەيچۇ؟ كالىنىڭ پىيى باتى. ئىككىنى قويايما؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 W8 v5 F6 I" x2 {5 k+ N/ K# F- Q  - بولدى. ناندىن بىرنى قىزىتىپ بەرسىلە. كاۋاپلارغا زىرە سالسىرىلا بولىدۇ...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ S* K$ P2 u0 c- w  L  g  g" c
  - ماقۇل ئۇكام ماقۇل، كونا پەدە دىسىلىرى بولىدۇ. مەن ئەمەس، بىزنىڭ خوتۇنمۇ بىلىپ بولاپتا سىلىنىڭ قانداق تەمدە يەيدىغانلىقلىرىنى. ھاھا...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* e  ]& e2 q- V' ?& |  كاۋاپچى ئۇستام ئالدىدىكى « خوگوخانا » ئىچىلىپ ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كاۋاپنى ئاز يەيدىغان بولىۋالغانلىقىنى؛ «خوگو» غا ئىشلەتكەن قوي- كالا گۆشىنىڭ ھالال بولغىنى بىلەن، باشقا ماتىرىياللارغا  بىر نىمە دىمەكنىڭ تەسلىكىنى؛ ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ بۇ كاۋاپخانىدا راڭپىزا يوقكەن دەپ، سىرىتتىن ئەكىرىپ يەۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭمۇ راڭپىزا چىقارماقچى بولغانلىقىنى؛ ئايالىنىڭ بالىسىنى ئىلىپ، تۇغقان يوقلىغىلى يۇرتقا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بىرىپ ئۈلگۈردى. مەن كاۋاپ يەپ بولغۇچە، بىر بوتۇلكا پىۋا ئىچىۋەتتى. مەن ھىساپنى ئۆتەپ، كاۋاپخانىدىن چوڭ يول بويىغا بارغۇچە، ئۇدۇلدىكى « قازان شورپىخانىسى» دىن بىر بىرىنى يۆلەپ چىقىۋاتقان، بىر جۈپ قىز- يىگىتنىڭ پارىڭى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ }, u3 }; ?; j$ w0 w
  - ساڭا «ياغلىق ئارتىڭ» دىگەن لاۋزىنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋىتىمەن. بىرىپ ئاچىسىنى باشقۇرسۇن ئۇ بەڭگە گۇي- دەۋاتاتتى ئوغۇل بالا. گېپىنىڭ ئاھاڭىدىن مەس بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! ~6 _1 t( \" U# P  - ۋاي تولا قالايمىقان گەپ قىلمىغىنە. ئۇ نەشە چىكىۋالسىلا شۇنداق سۆزلەيدىكەن. ئامىنەنىڭ دىيىشىچە، ئۇ بالا قىز دوستىدىن ئايرىلىپ كىتىپ، نەشىگە كۆنۈپ قاپتىكەن. ئوغۇل بالا دىگەن شۇنداق بولسا ھە، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ھىچكىم بىلەن يۈرمەپتۇ. ئامىنە ئۇنىڭغا يۈرەيلى دەپتىكەن... قىزنىڭ چۈشەندۈرىشى تۈگىمەي تۇرۇپ يولىمىز بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇلارنى نورۇزدا بايرىمىدا كۆرگەن ئىدىم. بۇلار ئىككىسى بۇ يەردىن يىراق بولمىغان يەنە بىر مەكتەپنىڭ ئۇسۇل كەسپىدە ئوقۇيتى...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 z" |7 U0 e: n- d# M% b  كومپىيۇتۇرۇمنى قوزغۇتۇپ تۇرىشىمغا ئۆيدىن تېلفۇن كەلدى. تېلفۇننى بىسىۋىتىپ مەن قايتۇردۇم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 P+ T; `0 r0 C( j  - نەچچە كۈن بولۇپ قاپتۇ بالام، تۈزۈكرەك پاراڭلاشمىدۇق.- دىدى ئاپام قىسقا تىنىچلىق سوراشقاندن كىيىن،- بۈگۈن مەھەللىمىزدىكى توينى تۈگىتىپلا تېلىفۇن قىلىشىم. ئوقۇشىڭلار ئوبدانمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ g0 d: F. J# V' {; A7 o0 r6 z  - قەدىر ئەھۋال ئاپا. ھەممە جايىدا. دادام، سىلى ھەممىڭلار ئوبدان تۇرغانسىلەر؟ ھە، مەھەللىدە كىمنىڭ تويى بولدى؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! k1 E+ r. `6 S% d) j( F
  شۇ تەرىقىدە ئەھۋاللىشىپ ئاپام بىلەن ئۇزاق پاراڭلاشتۇق. تېلىفۇن كۆرىشىۋاتقاندا ئەلىدىن نەچچە قىتىم ئاۋازلىق كۆرۈشۈش ئىلتماسى كەلدى. مەن ئاپام بىلەن كۆرىشىۋاتقىنىمنى، ساقلاپ تۇرۇشنى ئىيىتىپ خەت قايتۇردۇم. ئاپامنىڭ دىيىشىچە، مەھەللىمىزدىكى تىرىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان غوجىمۇھەممەت ئاتلىق قوشنىمىزنڭ ئۇغلى غۇجىئابدۇللانىڭ تويىنى قىپتۇ. ئۇ بالا مەندىن ساق تۆت ياش كىچىك، بۇيىل ئەمدى 20 دىن ئاشقان ئىدى. غوجىئابدۇللا تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن چىقىۋالغان، كىيىنچە غوجىمۇھەممەت ئاكام ئۇنى ماشىنا رىمىنۇتچىلىققا شاگىرىتلىققا بىرىپ، بىر يىل ئالدىدا دۇككان ئايرىپ بەرگەنتى. غوجىئابدۇللا قاندىغىنى قانداق قىلدى. بىر ئەرگە تىگىپ چىققان، ياش بىر چوكان بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. ھەم ئالىدىغان تىگىدىغان بولۇشۇپ، ئاتا- ئانىسىنى زورلاپ قايىل قىلىپ، بۈگۈن تويىنى قىپتۇ. ئۇ ياش چوكان غوجىئابدۇللادىن بىر ياش كىچىك ئىكەن تېخى. ئاپام يەنە بۇ ئۆيدە ئولتۇرىدىغان چوكانغىمۇ 15 مىڭ يۈەن تويلۇق بىرىلگەنلىكى، ئالتۇن- جابدۇقلارنى ئايرىم ئالغانلىقى، تويدا بولغان بىھۇدە ھەشەمەتچىلىك، رىستۇراننىڭ ئۈستەللىرىنىڭ بارغانسىرى قىممەتلەپ، قورۇمىلارنىڭ تەمى قالمىغانلىقى، مېنىڭ ئىشىمنى ئويلاشقىچە يەنە قانداق ئىشلار بولار دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئۈلگۈرگەنلىكى ھەققىدە پاراڭ قىلىپ بەردى. كىيىن دادامنىڭ ئۇكىلنى ئۇرۇپ قويماقچى بولغانلىقىنى ئىيتىپ، مەن بىلەن خوشلاشتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 t4 a* S/ p' x6 J  دادام بلەن ئاپامغا قاراپ ھەيران قالىمەن، ياق قول قويىمەن. بىر دادام ئىشلەپ پۇل تېپىپ، اللاھ ئاز بەرگەندە ئۈمىدنى ئۈزمەي، جىق بەرگەندە بۇزۇپ- چاچماي، ئاپام بلەن بىرلىكتە بىر ئائىلىنى تۇتتى. كىچىك ئاكام ئوقۇشتىن چىقىۋالغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا قالغان تۆت بالا ھەممىمىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇق. ئاتا- ئانىلىرىمىز نىمىدىگەن تىرىشچان ھە. ھازىر بەزى ياش ئەرـ خوتۇنلار بىر بالىنىمۇ ئوڭلاپ باقالماي، ئۆيىدىن جىدەل- ماجىرا قۇرىمايدۇ. ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ مۇھەببەت تارىخىمۇ يوق. ئۇلار توي سۈرىتىگە چۈشكەندە بىر قىتىم كۆرۈشسە، توي كۈنى بىراقلا كۆرىشىدۇ. شۇنداق تۇرۇپمۇ نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك، «سەن، پەن» دىيىشمەي ئۆتكۈزۈپ، نەچچە بالىنى بىقىپ قاتارغا قوشالايدۇ. مانا بىزلەردىن 10 يىل ئارىلىشىپ، 10 ئايمۇ ئۆي تۇتالماي ئاجىرىشىپ كىتىۋاتقانلار ئاز ئەمەس...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  I6 {$ B/ U6 i  خىيالىمدىن بىكار بولۇپ، ئەلىگە ئاۋازلىق كۆرۈشمە ئىلتىماسىنى يوللىدىم. ئەلى قوبۇل قىلمىدى. قارىسام ئۇ ماڭا خەت قالدۇرۇپ قويۇپ، كىيۇ كىيۇ ھالىتىنى « ئايرىلىش» ھالىتىگە تەڭشەپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ خىتى مۇنداق باشلانغان ئىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 x  o2 C0 H1 u8 w# E* W6 J  « ئاداش، مەن پەسكە بىر چۈشۈپ چىقاي. ئىنىستۇتتىنىڭ ئىشخانىسىدىن چاقىرتىپتىكەن. بىر پىراكتىكا سانىنى ئىلتىماس قىلغانتىم، شۇ ئىش ئوخشايدۇ. مەن كىرگۈچە چۈشتىكى ئىمام ھېكايسىنىڭ داۋامىنى ئوقۇپ تۇرغىن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 a0 @! c  s# k  ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ A* ~/ a4 i  }: O  شۇنداق قىلىپ ئىمام ئىشتىن ھەيدىلىپتۇ. ئادىل قاسماقنىڭ تاكسىسىنى كىرا قىلىپ، ئانچە- مۇنچە ئىقتىساد توپلاپتۇ. لىكىن بۇ ئىشمۇ ئۇزۇنغا بارماپتۇ. ئىمام ئىككى قىتىم چالا مەست كىرا قىلىپ، ماشىنىنى تام تورمۇز قىلىپ توختۇتۇپتۇ. تەلىيىگە ماشىنىدىكى خىرىدارلار ھىچنىمە بولماپتۇ، ھەم « ئۇكام، بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلسا، مەسلىك- پەسلىك دىگەن گەپ بار...» دەپ بىر نەچچە ئىغىز نەسىھەت قىلىپ قويۇپ يولغا راۋان بوپتۇ. ئادىل « ھىلىمۇ ئىككى قىتىم سوقتۇڭلا. ھەر نېمە بولسا ھازىرغىچە چوڭ ئىش بولمىدى، لىكىن كىيىن چوڭراق چاتاق تىرىساڭ يىغىشتۇرالمايمەن. بولدى، ماشىنىنى ئۆزۈم ھەيدەي» دەپ تاكسىنى تارتىۋاپتۇ. ئۆزەڭمۇ بىلىسەن، ئىمام پۇل تاپمىسا ئىچى تىتىلدايدۇ. كىيىن بىر مەھەللىلىك ئاكا ئاغىنىسى ئاچقان يۈك توشۇش ئورنىدا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئىشلەپ بىرىپتۇ. ئاغىنە بولغاندىكىن، ئۇ ئادەم  خاتىرجەم ھالدا ئىمامغا بىۋاستە پۇل تۇتىدىغان ئىشنى تاپشۇرۇپتۇ. ھەي، لىكىن ھىلىقى ئاشخانا ئاچىدىغان چوكاننىڭ ئۆيىدە بولغان بىر قىتىملىق قىماردا، ئىمام دۇككاننىڭ 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئۇتتىرىۋىتىپتۇ. قىمار ئويناشنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان مەزگىللىرىدە ئۈگىنىپتىكەن، لىكىن ئۆي، خىزمەت دەپ ئوينىماپتىكەنتۇق. شۇڭا بىزمۇ بىلمەيدىكەنمىز. ئىمامنىڭ ئۇ ئاكا ئاغىنىسى يىرىم يىل مۆھلەت بىرەي. ئۆزۈڭ باشقا بىر ئىش قىلىپ، پۇللارنى قايتۇرۇپ بەر » دەپ بىر ئايلىق مائاشنى قولىغا تۇتقۇزۇپ ئشىتىن بوشىتىپتۇ. ئىمام يۇرتتا بىر ئىش قىلىشقا كۆزى يەتمەي ئازىراق پۇل توپلاپ ئۈرۈمچىگە كەپتۇ. « كەلگىلى بىر ئايدىن ئاشتى. ھازىر بىر مىھمانخانىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلەتىمەن. توكچىلىق ھۈنىرىمنى قىلغۇم بار ئىدى، بۈگۈن دەم ئىلىش كۈنى بولغاندىكىن بىر نەچچە ئىشقا تونۇشتۇرۇش مەركىزى بىلەن كۆرۈشۈپ كەلدىم. ئازىراق پىغانىم ئۆرلەپ قاپتىكەن، شۇڭا ئىككىنى ئىچەي دەپ بۇ قاۋاققا كەلگەنتىم» دىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 v, E; x, p7 v9 [* d/ ]  كىيىن ئىككىمىز سىرتتا بىر ئاشپۇزۇلدا تاماق يەپ، مەكتەپ قورۇسىدا ئۇزاق پاراڭلاشتۇق. ئاشخانىچى چوكاننىڭ ئىمامغا تىگىش ئويى بار ئىكەنتۇق. لىكىن ئىمام ئۈرۈمچىگە يىنىپ چىققاندىن كىيىن بۇرۇنقى ئىرى بىلەن يارىشىۋاپتۇ. « ئىككى ھەپتە بولدى، ئىرى ئاشخانىنىڭ بىشىغا ئۆتۈپتۇ. قىمارنىمۇ تاشلاپتۇ.ئۇ  ماڭا « ئەمدى سەنمۇ ساياق يولدىن يان، بالدۇراق بىشىڭنى ئوڭشىۋال» دەيدۇ. شور پىشانە غەيرەتلىك ئىدى» دەپ ئۇھسىنىپ كەتتى. پاتىمەننىڭ ئىشىمۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىيدىكەن. ھىلىقى چاغدا ئىمام ئۇرىۋەتكەن بالاڭزا بارغۇ، باشقا يۇرتلۇق بىر سودىگەرنىڭ ئوغلىكەن. بىزنىڭ يۇرتقا بىر ئىش بىلەن كىلىپ ئاغرىپ قاپتۇ. ھەم پاتىمە ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىدا داۋالىنىپتۇ. شۇ جەرياندا ئۇ ئاداشنىڭ پاتىمەگە كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. كىيىن پاتىمەنى تولا ئىزدەپ ئاۋارە قىپتۇ. لىكن پاتىمە « مېنىڭ ئائىلەم بار، ئۆزىڭىزنى بىلىۋىلىڭ» دەپ تۇتۇق بەرمەپتىكەن. ئىمامنىڭ كىيىمىدىن چاچ چىقىپ يامانلاپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۇ ئاداش تولا ئىزدەپ كىلىۋاپتۇ. ئاخىرى بولماي پاتىمەمۇ كۆرۈشۈپ بېقىشقا ماقۇل بولغان ئىكەن. كىيىنكى ئىشلار ساڭىمۇ ئايان. پاتىمە ئاجىرىشىپ كىتىپ ئەينى چاغدا يەڭگىللىك قىلغانلىقىغا كۆپ پۇشايمان قىپتۇ. ھىلىقى سودىگەر ئاداش بىلەنمۇ كۆرۈشمەپتۇ. پاتىمە ئۆزى ئىمامغا تېلىفۇن قىلىپ بۇ ئەھۋاللارنى ئىيتىپ بىرىپتۇ، « مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلمىدىم. سىز بۇنڭدىن بۇرۇن نېمە ئىش قىلغان بولسىڭىز مەيلى، ئەگەر خالىسىڭىز بالىمىزنى تەڭ قاتارغا قوشايلى. بۇنىڭدىن كىيىن ماڭا سادىق بولسىڭىزلا بولىدۇ» دەپ يىغلاپ كىتىپتۇ. توينىڭ قەرىزى، جىدەل تىرىغاندا باشقلاردىن ئالغان پۇل، قىماردا يوقاتقان پۇل، بۇ قىتىم ئۈرۈمچىگە چىققاندا ئاغان قەرىزلەر قوشۇلۇپ، ئىمامنىڭ 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرىزى باركەن. ئاتا- ئانىسىمۇ تولا يىغلاپ كىسەلچان بولۇپ قاپتۇ. پاتىمە ئايدا بىر- ئىككى قىتىم كىلىپ، چوڭلارغا نەۋرىسىنى كۆرسەتكەچ، ئىش- كۈشلەر بولسا قارىشىپ بىرىپ كىتىدىكەن. ئىمام «قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن. ئەگەر پاتىمە ساقلىيالىسىلا، ھىچ بولمىغاندا قەرزىمنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى قايتۇرۇپ بولۇپ، ئاندىن قايتا ئۆي تۇتىمەن» دىدى. مەنمۇ ئۆزۈمگە لايىق تەربىيە قىلىپ قويدۇم. ھاراق ئىچمە، دىگەندەك گەپلەرنى قىلدىم. بىچارە ئىمام يىگىلەپ كەتكەندەك بولۇپ قاپتۇ. قارىساڭ 30 ياشتىن ئاشقاندەك كۆرىنىدۇ. ئىچىم ئاغىرىپ قالدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: T+ m) x+ x) N0 \. |1 B' n
  ئەلىنىڭ خىتى مۇشۇ يەردە تۈگەپتۇ. ئىماملار جەمئىي ئىككى بالا ئىدى. ئاچىسى تولۇق كۇرۇسنى غۇلجىدا ئوقۇپ، غۇلجىدىن خىزمەت تاپتى. كىيىن غۇلجىلىق بىر بالىغا تىگىپ، شۇ يەرلىك بولۇپ قالغىلى 10 يىللار بولدى. بىر- ئىككى يىلدا بىرەر قىتىم كەلسە كەلدى، بولمىسا تىلفۇندا ئەھۋاللىشىپ تۇرىدۇ. ئىمام يالغۇز ئوغۇل شۇڭا ئەركە چوڭ بولغان. ئۇ مەندىن ئىككى ياش چوڭ، ئۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا بىر ئوتتۇرا تىخنىكۇم مەكتىپىدە ئوقۇدى. پاتىمە بىلەنمۇ شۇ مەكتەپتە تونۇشۇپ ئارىلاشتى. بىز ئالىي مەكتەپنىڭ بىرنجى يىللىقىغا چىققاندا، ئىمام بىلەن پاتىمە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدى. پاتىمە بىر دوختۇرخانىغا سىستىرا بولدى، ئىمام توك ئىدارىسىدىن خىزمەت تاپتى. خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلدىن كىيىنلا تويىنى قىلىۋالدى. ئۇنىڭدىن كىيىنكى تەپسىلاتلار ئەلى سۆزلەپ بەرگەندەك. ئىمام كىچىگىدىن ناھايتى تىرىشچان، پۇل تىپىشقا خىلى ئىپى بار. ئوتتۇرا تىخنىكۇمدا ئوقۇغان چاغلىرىدا ئۇ يەر بۇ يەردە ئىشلەپ پاتىمە بىلەن ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى تاپتى. لىكىن ھەممىمىز ئاڭلىغاندەك ئويۇنغىمۇ ئامىراق. ھەر تەتىلدە كەلسە يىغىپ قويغان پۇللىرىنى چىقىرىپ، بىزنى رىستۇرانلارغا چاقىرىپ مىھمان قىلاتتى. ئانچە- مۇنچە يىزىلارغا سەيلىگە ئىلىپ چىقاتتى. ئاتا- ئانىسىمۇ « ئىمام ئىش ئۇقىدۇ» دەپ ئۇنىڭدىن خاتىرجەم ئىدى. ئىمامنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنىمۇ توسمايتى... ھەي، تەقدىر دىگەن ئاجايىپ ھە...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" s8 Z! x0 f3 W2 xيەنە نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىپ ئولتۇرسام ئەلىدىن خەت كەلدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, k! t9 @$ h9 P: s  - ھە قانداق؟ ئوقۇپ بولدىڭمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  [$ r# R1 Y" n& H; A% N) r# H  - ئوقۇپ بولدۇم. ئاۋازلىق پاراڭلىشايلى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" i( o! N" B9 \4 w
  - ماقۇل. مەن يوللاي ئەمسە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  e' Z7 y( |+ Q2 }5 p  - ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& H2 ^: |5 B+ _7 c9 N  ئەلى بىلەن كېچە سائەت بىرگىچە پاراڭلىشىپتىمەن. ئۇنىڭ مۆمىن تۇغۇرلۇق قىلغان پاراڭلىرى كىشىنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# o' u6 H: t+ ?9 Y4 E7 a+ u( H  باشتا سۆزلىگىنىمدەك مۆمىن ئىسمى جىسمىغا لايىق مۆمىن بالا ئىدى. ئەمما ھازىرقى مۆمىن بىز تونۇيدىغان مۆمىن ئەمەس ئىكەن. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان يىزىدا ئالەمنىڭ باشقا يىرىدە يوق قائىدە- تۈزۈملەر بار ئىكەن. ئۇلار كىشى ئاڭلاپ باقمىغان مىزانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىكەن. ئاۋال مۆمىننىڭ تاشقى قىياپىتىدىن كىلەيلى. ئۇ ئائىلە مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن باش كىيىمىدىن ئايرىلماي چوڭ بولغان، قىش- ياز بىشىدا ئۆزىگە يارىشىملىق دوپپىسى بار. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتلاردىمۇ دوپپىسىنى تاشلىمىدى. ئۇنىڭ ياراشتۇرۇپ قويغان بۇرۇتى بىلەن بىشىدىكى دوپپىسى، ئاددى- ساددا كىيىملىرى قوشۇلۇپ بىزگە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى رەھبەرلىرىمىزنىڭ تۇرقىنى ئەسلىتىدۇ. شۇ سەۋەپتىنمىكى نۇرغۇن قىزلار ئۇنىڭغا يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن، بەزىلىرى ھەتتا يۈرۈش تەلىپىنمۇ قويغان. لىكىن مۆمىننىڭ ئۆتكۈر  گەپ- سۆزلىرى ھەممە قىزنى قايىل قىلىپ، قىزلار نىيىتىدىن يېنىشقا مەجبۇر بولاتتى... ئەمما ئۇ ئىشلىگەن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار باش كىيىمى كەيسە بولمايدىكەن. بولۇپمۇ دوپپا، ياغلىق قاتارلىقلارنى كىيىپ مەكتەپ قورۇسىغا كىرىشكە يول قويۇلمايدىكەن. بۇ باش كىيىملىرى دىنىي تۈس ئالغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتىزىمچىلارنى تەربىيلەشكە پايدىسىزمىش. يەنە بىر قائىدە بولسا ئەر ئوقۇتقۇچىلار كادىر سۈپەت يۈرىشى كىرەكمىش. يەنى چوقۇم بۇرۇت- ساقىلىنى ئىلىۋىتىشى كېرەك ئىكەن. بۇنداق بولمىغاندا تالىبانلارغا، تىرورچىلارغا ئوخشاپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا زىيان كەلتۈرەرمىش. ئەلى بۇ گەپلەرنى دىگەندە نەچچە قىتىم ياقا چىشلەپ. تۆۋە دىگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. قىسقىسى، مۆمىننىڭ ئۆزگىرىشى شۇنداق باشلىنىپتۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# R! Q9 `2 S* \
  مۆمىنگە ئوخشاش شۇ يەردە ياتاقتا يىتىپ ئىشلەيدىغانلاردىن ئالتە قىز، بەش ئوغۇل جەمئىي 11 كىشى بار ئىكەن. ھەپتە ئارىلىقىدا پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى زىرىكتۈرمەسلىك ئۈچۈن پات- پات سورۇن قۇرۇپ بىرىدىكەن. بۇ خىل سورۇنلاردا ھاراقمۇ ئىچىلىدىكەن ئەلۋەتتە. مۆمىن ۋە يەنە بىر بالا باشتا بىللە ئولتۇرۇشۇپ بىرىپتۇ. كىيىنچە « بىز ئىچمىگەندىكىن چىقمايلى» دەپ باھانە كۆرسىتىپ چىقماپتۇ. بارا- بارا چوڭلار ئۇلارنى كۆرگەنلا يەردە شاڭخو قىلىدىغان بوپتۇ، ئاستا- ئاستا ئوچۇقتىن ئوچۇقلا رەنجىپ، ھىچ ئىشتىن ھىچ ئىش يوقلا ئۇلاردىن خاپا بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئامالسىز يەنە سورۇنغا چىقىپتۇ. دەسلەپتە تاماكا چىكىپ ئولتۇرىدىكەنتۇق، كىيىنچە ئۇ بىر ئىغىز، بۇ بىر ئىغىز زورلاپ يۈرۈپ، ھاراققىمۇ كۆندۈرۈپتۇ. مانا ھازىر مۆمىن، سورۇن دىسە چۈشۈپ قالغان دوپپىسىنىمۇ ئالماي يۈگۈرەيدىغان ھالەتكە كەپتۇ. شۇنداق سورۇنلاردىن يانغاندا، بولىدىغان خاپىلىق قىز خىزمەتداشلارغا بولىدىكەن. ئوغۇللار ئالا- تاغىل توۋلاپ، كوچىنى بىشىغا كىيىپ ماڭغاندا، قىزلار ئۇلارنى يۆلەپ ھەر قايسىسىنى ياتىقىغا سولىۋىتىپ، ئاندىن ئۆز ياتىقىغا چىقىپ كىتىدىكەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) Y1 `8 g; N! o. `; d  مۆمىن خىلى ياخشى ئۆتىدىغان، دىلنار ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتدىشى بار ئىكەنتۇق.بىر يىرىم ئاي ئىلگىرى بولسا كېرەك، ئۇ مۆمىننى يۆلەپ ياتىقىغا ئەكىرىپ قويغاندا، مۆمىن مەسىتلىكتە ئۇ قىزغا پوخۇرلۇق قىپتۇ. كىيىن ئۇ قىزدىكى ئۆزگىرىشلەردىن قورقۇپ، مۆمىن بىللە بېرىپ  دوختۇرخانىدا  تەكشۈرتسە بويىدا بارلىقى مەلۇم بولۇپتۇ. مۆمىن بولغان ئىشلارنى كىچىك ئاكىسى موللامغا دەپتكەن، موللامجان ئاكام قولىدىكى رەخ ئۆلچەيدىغان ياغاچ مېتىر بىلەن مۆمىننى تازا ساپتۇ. ئاندىن « بولىدىغان ئىش بوپتۇ. ئالدۇرىۋەتسك گۇناھ بولىدۇ. نىكاھ قىلىپ تويۇڭنى قىلىۋىتەيلى» دەپ ئاتا- ئانىسىغا مەسلىھەت كۆرسىتىپتىكەن ئۇلارمۇ قوشۇلۇپتۇ. شۇڭا ئىككى ئائىلە كىلىشىپ، ئوقۇتقۇچىلار تەتىلگە چىقىشىغىلا توينى قىلماقچى بوپتۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& R, N5 ^5 c3 I, P
  بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا نېمە دىگۈلۈك ئەمدى؟ بۇ ئىشلارنى مۆمىن ئىشلەيدىغان يىزا قاراشلىق بىر ناھىيەدە، ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان قەيسەر ئىسىملىك دوستىمىز ئەلىگە سۆزلەپ بىرىپتۇ. ئەلىنىڭ دىيىشىچە، قەيسەر « بۇ ئورگاننىڭ ئىچىدە ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان ئىش بەك جىق ئىكەن. بەزىدە چىدىماي يىغا تۇتۇپ كىتىدۇ.  ئۈچ يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش توختامى تۈزۈشكەن ئىدۇق. ۋاقىت توشسىلا باشقا كەسىپكە ئالمىشىپ كىتىمەن» دەپ قاقشاپ بىرىپتۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ |" Y2 H( q7 d! I2 E5 O
  ھەممىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار. ھەممىگە كۈلۈپ تۇرۇپ گەپ قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان ئەلىنىمۇ يۈرىكى يارا. ئەلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئاز قالغاندا ئاغرىپ قىلىپ، ئىمىتىھاننىمۇ ياخشى بىرەلمىدى. گەرچە چاقىرىق قەغىزى كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزى ئارزۇ قىلىغان مەكتەپكە قوبۇل قىلىنمىدى. شۇڭا بىر يىل قايتا ئوقۇپ، مەندىن بىر يىل كىيىن ئالىي مەكتەپكە كەلدى. «ئاداش، سىنىپقا كىرىپ- چىققۇچە، بالىلار مېنى «قالدۇق» دەۋەتقاندەك كۆرىنىدۇ. شۇڭا سىرتقىمۇ تولا چىقمايمەن» دىگەنتى ئەلى قايتا ئوقىۋاتقان كۈنلەردە. مەن ئىچكىردە ئىككى يىل تەييارلىق ئوقۇدۇم. ئەلى بىر يىل كىيىن ئالىي مەكتەپكە كەلدى. شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز تەڭ ئوقۇش پۈتتۈرىمىز. ئەلى قايتا ئوقۇغان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئۈچ يىل ئارىلاشقان قىز دوستى پەرىزات ئۆز قارارىدا ئالىي مەكتەپكە بىرىپ بولدى ۋە ئەلىنى ساقلاپ بولالماي، مەكتىپىدە باشقا بىر ئوغۇل دوست تۇتىۋالدى. ئەلىنىڭ باشقا قىز ساۋاقداشلىرىدىن ئاڭلىشىچە، پەرىزات ھازىر شۇنداق ئويۇنچى بولۇپ كىتىپتۇ. كېچە- كېچە ياتاققا قايىتمايدىكەن. ئالدىنقى يىلى قىشلىق تەتىلدە، ئوغۇل دوستى بىلەن سىرىتتىن ئۆي كىرالاپ تۇرۇپتۇ. « پەرىزات بەك ئۇماق ئىدى، ھازىرمۇ تۇرۇپ- تۇرۇپ چۈشەپ قالىمەن» دەپ قويىدۇ ئەلى ئۇ قىزنىڭ گىپى چىققاندا. ئەلى ئالىي مەكتەپتە بەك ياخشى ئوقۇدى. ئىككى يىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولدى. ھە راست، ئۇنىڭ پىراكتىكا ئىلتىماسى تەستىقلىنپتۇ. بۇ يىل قىشلىق تەتىلدىن باشلاپ، كىلەر يىلى بەشىنچى ئايغىچە ئىچكىردىكى چوڭ بىر ھەربىي دوختۇرخانىدا مائاشلىق پىراكتىكا قىلىدىكەن. ئەلى بۇ دوختۇرخانىغا پىراكتىكىغا چۈشىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بىردىنبىر ئۇيغۇر ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن بىر تۇڭگان بالا بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرىلىپتۇ. ياتاقتا تاماق ئەتكىلى بولىدىكەن. پىراكتىكا جەريانىدا ئەگەر ئىپادىسى ياخشى بولسا، ھەربىي دوختۇرخانا قاراشلىق تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتقا ئىمتىھانسىزلا ئاسپىرانىتلىق ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدىكەن. ئەلى چوقۇم تاللىنىدۇ. تىخى دوكتۇرلۇقنىمۇ ئوقۇپ كىلىشى مۇمكىن... شۇنداق خىياللار بىلەن سەھەرگە يىقىن ئۇخلاپ قاپتىمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ W3 ^" f* ?6 o; `8 g
  ئەلى بىلەن كۆرۈشكىلى بىر دەمدە ھەپتىدىن ئىشىپتۇ. كۈنلەر يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆتىۋاتىدۇ. يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك چۈشلىرىم بۇزۇلۇپ، ئىشلىرىمىدىن ئىزىپ يۈرۈيمەن. مۇنبەرلەردە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان يازمىلار، خەۋەرلەردە ئۇرۇش- توپىلاڭ، پالانىستاندا بومبا پارتىلاپ مانچە كىشى قازا قىلدى. پىستانىيەدە نامايىش بولدى... يەر شارى شوخلىشىپ كىتىپ بارامدۇ، ھىچ ئارامچىلىق يوق. يۇرتىمىز تېخى يەر تەۋرەپ پاراكەندىچىلىك ئىچىدە... خۇشاللىق ئىش بولدى دىيىلسە، بۈگۈننى قوشقاندا ئارىلىقتا ئىكى جۈمە ئۆتتى. بۈگۈنكى جۈمە نامىزىدا تۇڭگان ئىمام كەڭ قورساق بولۇش، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ھەققىدە ئۇزاق سۆزلىدى. نامازدىن يانغاندا سىرىتتىكى سوغۇق شامالدىن قىچىپ ئاپتۇۋۇزغا ئالدىرىغان بالىلار قىستىلىشىپ بىر- بىرنى دەسسىۋەتكىلى تاس قالدى.  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# B: O' _. e1 F% w9 w% M1 Y9 G  - ما ماڭقا ھەجەپ دەسسىدى پۇتۇمغا،- دەپ ئايىقىنى تۈكۈرىكى بىلەن سۈرتىۋاتاتتى بىرسى، ئالدىدا تۇرغان بىرىگە ئالىيىپ قاراپ قويۇپ،- ئادەمگە ئاياق ئېلىشىپ بەرگەندەك.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* {: _" ~& n& e+ o6 A
  يەنە بىر خۇشاللىق ئىش بار ئىكەن. تۈنۈگۈن ئالىم ماڭا تېلىفۇن قىلىپ، بۈگۈن كەچتە جەمىيەتشۇناسلىقتا دوكتۇرلۇقتا ئوقىۋاتقان سىدىقجان ئاكىمىزنىڭ يۇرتداش بالىلارنى يىغىپ مىھمان قىلماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. يانچۇق دۆڭلىشىپ تۇراتتى. بۇ زىياپەت شۇنداق خوش ياقتى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 X/ {, V$ l4 Q0 B3 E
-    نىمىشقا مىھمان قىلىدىكەن؟ ئۆتكەن ئايدا تېخى قۇربان ھىيىتلىق مىھمان قىلغانتىغۇ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  |7 p6 u! ?% q. H
-    تۆۋە ما بالىنى، مىھمان قىلاي دىسىمۇ نىمىشقا دەپ سورامسەن؟ پۇلىىنى خەجلەيدىغان يەر تاپالماپتۇ.- ئالىمنىڭ سىسىق گەپلىرى زاپاس، ئاغزىنى ئاچسىلا تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 O4 A& i% @( W. R-    ھې ھې ئاداش. ماندالا سوراپ باقتىم. بىلسەڭ دەپ بەرمەمسەن، گەپنى كۆلدىن سۈزمىگەندىكىن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 M. d: P( R4 k' V# M* K
-    سىدىقكام بىر تەتقىقات تۈرى بىلەن شىنجاڭغا قايتىدىكەن. كىلەر يىلىمۇ كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ، شۇڭا سىلەر ئوقۇش پۈتتۈرسەڭلار كۆرۈشمىكىمز تەس. بىردەم ھال- مۇڭلىشايلى دەيدۇ. كەۋسەرگە تېلىفۇن قىلسام ئالمىدى. ئۇنىڭغا سەن خەۋەر قىلىپ، ئەتە كەچتە بىللە چىقىڭلار.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 R5 T& G0 Z0 e3 F, f
-    ماقۇل. ئەمسە ئەتە كۆرىشەيلى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 X* M# a8 `& C6 R- s- g
بۇ تۈنۈگۈن ئالىم بىلەن بولغان پاراڭ ئىدى. توغرا، كەۋسەرگە خەۋەر قىلماپتىمەن ئەمەسمۇ. كەۋسەرنىڭ ياتىقىغا چۈشتۈم. ياتاق ئىشىكىدىن كىرىشىمگە بۇرنۇمغا ئاچچىق ھاراقنىڭ پۇرىقى ئۇرۇلدى. پۈف، ياتاقنىڭ ئىچى بەك قالايمىقان، بىرمۇ ئادەم يوق. قارىماققا بۇلار كېچىچە ئولتۇرغان ئوخشايدۇ. يەرگە چىچىلىپ كەتكەن ئەخلەتلەر، ھەر خىل ھاراق بوتۇلكىلىرى، پارغا يۆلەپ قويۇلغان گىتتار، داستىكى كىر كىيىملەر، ئۈستەلدىكى تىشىپ كىتەي دەپ قالغان كۈلدان، كارىۋاتتىكى رەتسىز ئورۇن- كۆرپىلەر قوشۇلۇپ بۇ كونا ياتاقنى تىخىمۇ ئىسكەتسىز كۆرسىتەتتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' c& \( ^# y, J' ^" F# i0 X6 {$ vكەۋسەر ئىچىكىرى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇغان. گىتتار، دۇتتار، داپ، ئىشلىقىلىپ ساز ئىتى بار نەرسىنى چالالايدۇ. شۇڭا سورۇندىن بىكار بولالمايدۇ. ھارق- شاراپنى سۇ ئىچكەندەكلا ئىچىدۇ. قاراپ تۆۋە دەپ قالىمەن. بۇلارنىڭ ئىچكەن ھارىقىنى كۆرگەن ئادەممۇ قورقۇپ قالىدۇ. لىكىن ھاراقتىن باشقا قەتئىي قالايمىقان ئىشى يوق. ھاراقنى ئىچىپ مەس بولغاندا گىتتارنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ كەتسە، سورۇندىكىلەر كارۋىتىغا چىقىرىپ قويمىغىچە ئولتۇرىۋىرىدۇ... شۇ خىيالدا ئولتۇرسام كەۋسەرمۇ كىردى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* G1 ?; T5 Z7 A" N8 F' r  - ۋوي، سەن كىرگەنمىتىڭ؟ ئەسسالامۇئەلەيكۇم!- كەۋسەر قولىدىكى سوپۇن، لۆڭگىلەرنى قويغاچ سالام قىلدى. ئاۋازىمۇ پۈتۈپ كىتىپتۇ. قارىغاندا خىلى جىق ئىچكەن چېغىۋا.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 I1 A3 _! B6 G
  - ۋەلەيكۇم ئەسسالام، ھە ئاخشام مايمۇن بوپسىلەردە؟ ياتاقتىكى باشقا يولداشلارچۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. B" d6 [; H) o' |" d" w2 {. @  - ئۇنىڭ گىپىنى قىلما. 15 كۈن بولدى، كۈندە ئىچىۋاتىمەن. ما ياتاقتىكى يولداشلىمۇ بەنزوۋلا (يۆتكىلىپ چىكەتتى). بېندىيدلىق (مۇشۇ يەرلىك) ئىككىسى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتىدۇ. يەنە بىرسى گېن نۈ پىڭيوۋ يىچى زۇلى فاڭزى (قىز دوستى بىلەن سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئالدى).بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 l+ K% m( G! E0 K
  - ئو شىما (ھە شۇنداقمۇ) ؟ نىمىگە بۇنچىۋالا ئىچىسەن دەيمە؟- قەستەن خەنچە گەپ قىلىپ، كەۋسەر بىلەن چېقىشىپ قويدۇم.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ]4 M  ]4 w7 s8 x! ^
  - مۇشۇنداق گەپ قىلىپ كۈنۈپ قاپتىمەن. توغرا چۈشىنە. ما مېنىڭ دوستلىرىمنى بىلىسەن ئاداش. ئۇلار بىزگە ئوخشىمايدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى دەرسى يوقكەن. شۇڭا زىرىكىپ كۈندە ھاراق ئىچىۋاتىدۇ. ئىككى ھەپتدىن بۇيان «مۇزىكا يوق زىرىكىپ قالىدىكەنمىز» دەپ، مېنىڭ ياتىقىمدىلا ئىچىدىغان بولدى. باشلىرىم يىرىلىپ كىتەي دەۋاتىدۇ. تىخى بايا كەتكەن ئۇلارمۇ. كەچتە كەلمەڭلار، ئىشىم بار دەپ قويدۇم. نەچچە كۈن ئارام ئىلىۋالاي.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 E' X5 c# _; c$ r) ^2 A
  - ئۆلۈپ قالماڭلار، ئازىراق ئىچىڭلار. ھە... مۇنداق گەپ، كەچتە سىدىقجان ئاكام تاماققا چاقىرىپتۇ. شۇنى دەپ قوياي دىگەنتىم. ۋاقتىڭ باردۇ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 d* h' d2 G, m  q) I8 M, n( y
  - پۇل قالماي تۇرىتى. بىر كۈن بولسىمۇ بىكارغا يەيدىغان بولدۇم. ۋاقتىم بار، بىللە چىقايلى. ھە راسىت ئاداش، كارتاڭنى بىرىپتۇرە، مەن دۇككاندىن ئازىراق ئىچىملىك ئالاي. كۆڭلۈم ئىلىشىۋاتىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 v5 m7 ~$ s% A5 P' q) k
  ئۇنىڭغا كارتامنى بەردىم. كەۋسەر كارتىنى ئىلىپ دۇككانغا چىقىپ كەتتى. ما خەنزۇۋان تازنى سەيمەن، بىر چاغلاردا جۈمە نامىزىغا بىرىپ، كىتابلارنى ئوقۇپ خىلى تۈزىلىپ قالغان. يەنە كونا پەدىسىگە دەسسەپتۇ دە. كەۋسەرنىڭ كومپىيۇتۇرىنى ئويناپ ئولتۇرسام ئاچامدىن تىلىفۇن كەلدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! A& u. F( a/ B% [$ l9 f  - ئۇكام تىچلىقمۇ؟ ئوقۇشۇڭلار ياخشىمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; j- l+ ^# a* r  - يامان ئەمەس. ئۆزلىرىچۇ؟ مۇراتكام؟ بالىلار تىچلىقمۇ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 j6 y8 R+ \1 O+ W% R) Z
  - شۈكىرى، ھەممە جايىدا. ئەتىگەن چۈشۈمگە كىرىپ قاپتىكەنسىلە، شۇڭا تېلفۇن قىلىشىم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 Y0 N; ]) O( _( b7 Y  شۇنداق ئەھۋاللىشىپ كەۋسەر كىرىپ ياتاقنى تازىلاپ بولغۇچە تېلىفۇندا پاراڭلىشىپتىمەن. ئاچامنىڭ دىيىشىچە يولدىشى مۇراتكام خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپتۇ. بۇنىڭدىن كىيىن تاغىسى بىلەن بىرلىكتە ماشىنا سودىسى قىلىدىكەن. يىڭى ئالماشقان خوجايىنى بەك ھاراقكەش، تەمەخور ئادەم ئىكەن. شۇڭا مۇراتكامنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ قولىدا ئىشلىگۈسى كەلمەپتۇ. ئاچام يەنە چوڭ ئوغلىنىڭ خەنچىلا گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۆيدىمۇ ئاكامنىڭ ئون ياشلىق ئوغلى بىلەن خەنچە سۆزلىشىپ، ئۇيغۇرچە گەپلەرنى ئۇنۇتۇپ قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئاچام يولدىشى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۆيدە ئۇيغۇرچىلا گەپ قىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئوغلىغا ئۇيغۇرچە تېلىۋۇزۇر پىروگىراممىسى كۆرۈش، رادىئو ئاڭلاش تاپشۇرۇقى بەرگەنلىكىنى، بالىسىنىڭ باشتا كۆنەلمەي، ھازىر خىلى ئاڭلىق بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئوقۇش، خىزمەت تىپىش ئىشلىرىمغا يول كۆرسەتتى. ئاخرىدا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىشىپ خوشلاشتۇق.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( Y. G; C2 h4 f' V1 P5 ]3 ?5 H  كەچلىك ئولتۇرۇش ۋاقتى بولغۇچە قەيسەر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئۇ مۇشۇنداق تەمى يوق تۇرمۇشتىن زىرىكىپ، پىراكتىكا ئورۇنلىرىنى ئىزدەپ نەچچە يەرنىڭ ئىمتىھانىغا بىرىپتۇ. لىكىن ئۇلار ئۇنداق، مۇنداق باھانە- سەۋەپ كۆرسىتىپ كەۋسەرنى قوبۇل قلماپتۇ. شۇڭا ئۆزىنىڭ كۆڭلى پاراكەندە تۇرغاندا، ئۇ دوسىتلىرىنىڭ سورۇنىمۇ موك خۇش يىقىپتۇ. «...لىكىن بەك سەت زېركتىم بۇنداق تەمى يوق تۇرمۇشتىن » دىدى....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  s" A4 J. i% Z
  ئايرىمخانا شۇنداق چىرايلىق بىزەلگەن ئىدى. تامدىكى سۈرەتلەر، تورۇستىكى نەقىشلەردىن ئۇيغۇر رېستۇرانى ئىكەنلىكى بىلىنپ تۇراتتى. تاماقلار بىر قاتار يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن سىدىقجان ئاكام ھەممەيلەننىڭ ئەھۋالىنى بىر قۇردىن سۈرۈشتۈردى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# m. @( |3 x( D# i, ~. M  ئەكبەر، ئايگۈل، گۈلچىھرە ئۈچى ئۆز كەسپىدىن ئاسپىرانىتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋىتىپتۇ. مەمەتجان ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسىگە ئىمتىھانسىز ئاسپىرانىتلىققا قوبۇل قىلىنىپتۇ. ئالىم جىمجىت يۈرۈيتى، ئۇمۇ فىرانسىيەگە ئوقۇشقا چىقماقچى ئىكەن. مەن، كەۋسەر، ئادىلە، رىزۋانگۈل، گۈزەلنۇر ۋە دىلارە ئالتەيلەن يۇرتقا قايتىپ، مەمۇرلۇق ئىمتىھانى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانى، ساقچى تولۇقلاش ئىمتىھانى دىگەندەك ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىدىكەنمىز.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( x- T" @5 O9 B$ M1 {7 O  شۇنداق قىزغىن كەيپىياتتا ئولتۇردۇق. سىدىقجان ئاكىمىز ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى، خىزمەت ئىشلىرى، ھازىرقى تەتقىقاتى ھەققىدە نۇرغۇن قىزىقارلىق ھەم مەنىلىك ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. بەزىدە ئولتۇرۇپ ئويغا چۈمۈپ كەتسەك، بەزىدە كۈلۈپ كۆزلىرىمىزدىن ياش چىقىپ كىتەتتى. كەۋسەر سىدىقجان ئاكىمىز بىلەن ماسلىشىپ خەلق ئاھاڭلىرىدىن بىر نەچچىنى ئوقۇپ بەردى. دۇتتار، تەمبۇر كۈيلىرى سورۇندىكىلەرنى گاھى جىمجىت ئىتىزغا، دىھقان بازارلىرىغا، ئاتا- ئانىمىز بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرغان مەشنىڭ يىنىغا ئىلىپ كەتسە؛ گاھىدا بالىلق چاغلىرىمىزنى، خۇپىيانە ئۇچىرىشىشلارنى ئەسلىتەتتى. كۆز ئالدىمدىن سوغۇقتا تىتىرەپ تۇرۇپ ئىشىك ئالدىدا قاراۋۇللۇقتا تۇرىۋاتقان ئىمام، بالىسىنى كۆتۈرۈپ، قىيىنئانىىسىنڭ ئۆيىدىن چىقىۋاتقان پاتىمە؛ ھاراقنى سۇدەك ئىچىپ، دادىسى دىمەتلىك ئادەمدىن سىرىق يۇمۇر ئاڭلاۋاتقان مۆمىن؛ يىغلاپ دۇئا قىلىۋاتقان موللامجان ئاكام؛ كېچىلىرى ئۇخلىماي كوچا چارلاۋاتقان ساقچى قەيسەر؛ سىرىق چىشلىرى ئارىسىدىن كۆكۈش ئىسلارنى پۈۋلەپ، دىسكوخانا ئالدىدا كىرا ساقلاۋاتقان ئادىل قاسماق؛ ئاپام ئەتكەن سۈيقاشنى ئىچىپ بولۇپ، تاھارەت ئالغىلى ماڭغان دادام؛ بالىلارنىڭ ئشلىرىنى خىيال قىلىپ كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىۋاتقان ئاپام؛ ئوغلىغا ئېلىپبە ئۈگىتىۋاتقان ئاچام؛ كۈتۈپخانىدا مۈكچىيىپ كىتاب كۆرىۋاتقان ئەلى؛ خوگوخانىغا دومسىيىپ ئولتۇرۇپ پىۋا ئىچىۋاتقان كاۋاپچى؛ يەنە پويىزدا تونۇشۇپ قالغان ھىجاپلىق قىز...  قاتارلىق نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سىماسى ئۆتتى. كەۋسەر مېنى نوقۇپ قويمىغان بولسا يەنە نىمىلەرنى كۆرەتتىمكىن تاڭ. ئېسىمنى يىغسام سىدىقجان ئاكام سۆز قىلىۋىتىپتۇ:- ئۇكىلىرىم، ھەممىڭلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمىيەتكە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرۇپسىلەر. جەمىيەت يەنە بىر مەكتەپ. ئۇنىڭدا دەرس يوق، ھەممىسىنى ئۆزۈڭلار ئۈگىنىسىلەر. دۇرۇس، خالىس نىيەت بولساڭلار ھەممە ئىشڭلار ئۆز يولىدا ماڭىدۇ. ئەكسىچە بولسا ئازىراق پايدا ئالساڭلارمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ئەلنىڭ نەزىرىدىن قالىسىلەر. شۇڭا ئىمان- ئىتىقادىڭلارنى پاكىز تۇتۇڭلار....بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 w" ?: l: @7 t) B8 n
  - تۆت كۈندىن كىيىن سىلەرنىڭمۇ ئۆز ئائىلەڭلار بولىدۇ.- دىدى ئۇ ئالدىدىكى چايدىن بىر ئوتلاپ قويۇپ،- ئائىلە ئىشىغا سەل قارىماڭلار. ئالدىراپ توي قىلماڭلار، شۇنداقلا ئالدىراپ ئاجىرىشىدىغان ئىش قىلماڭلار. بالىلىرىڭلارنىڭ ئۇۋالىغا قالىسىلەر.... سىدىقجان ئاكام شۇ تەرىقىدە ئائىلە، جەمىيەت ھەققىدە ئۇزاق سۆزلىدى. ئاخىرىدا سۆزىنى يىغىنچاقلاپ:- ئەمدى، ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن يوق. ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپتۇ. ئاستا دۇئا قىلىپ قايتايلى.- دەپ دۇئاغا قول كۆتۈردى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 Q3 @# o/ x: g$ ]( L4 Z! H  ]  - جانابى اللاھ تائالا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇقۇۋاتقان مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇش، تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئاسان قىلغايلا. بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تىنىنى سالامەت قىلغايلا. ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغايلا، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەر، قان- قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغايلا، ھەر قايسى ساھالەردە ئۇتۇق قازىنىشكا نىسىپ قىلغايلا، كۆڭلىمزگە ئىمان- ئىنساپ ئاتا قىلغايلا، تەۋبىلىرىمىزنى قوبۇل قىلغايلا، گۇناھىمىزنى مەغفىرەت قىلغايلا، ئاتا- ئانىمىزنىڭ تىنىنى سالامەت، ئۆمىرىنى ئۇزۇن قىلغايلا، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ، ئىنى- سىڭىللىرىمىزنىڭ ئىسلام ئىچىدە چوڭ بولۇپ، ئىسلامىي تۇرمۇشتا ياشىشىغا نىسىپ قىلغايلا، ئوغۇل- قىزلىرىمىزغا تەۋپىق- ھدايەت، شەرمى- ھايا ئاتا قىلغايلا، ياشلىرىمىزنىڭ بىلىپ بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىن كەچۈرگەيلا. يامان يولدا مىڭىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنى ھەق يولغا دالالەت قىلغايلا.... ئامىن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" I; Y* h4 _& @9 M
  ...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 E7 k1 U" z  I! G0 n5 D8 o  @+ O& C; z
  بۈگۈن چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە سىدىقجان ئاكام يەنە شۇنداق تەسىرلىك دۇئا قىلىپ يىغلاۋاتقۇدەك، مەنمۇ قوشۇلۇپ يىغلاپ كىتىپتىمەن... نەلەردىن كەلدى ئوڭ يىنىمدا مۆمىن، سول يىنىمدا كەۋسەر ئىككىسى سەجدە قىلىۋاتىدۇ...  تۇيۇقسىز مەينەتچىلىككە تولغان كوچىلارغا كىرىپ قالدىم. كوچىنىڭ يەنە بىر ئىغىزىدىن شۇنداق چىرايلىق نۇر پارلاۋاتىدۇ. نەدىندۇر قولۇمغا چىقىپ قالغان ئىنچىكە يىپنى بويلاپ كىتىپ بارىمەن. كۆڭلۈمدە « مۇشۇ يىپنى تۇتۇپ ماڭساملا نۇر بار يەرگە چىقالايمەن» دەپ ئويلايتىم. ئارقامدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئەگىشىپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇلار كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى بەزى دۇككانلاردىن چىققان ئاۋازلارغا، دۇككان سىرتىغا يىزىپ قويغان ئىلانلارغا مەھلىيا بولۇپ يىپنى قويۇپ بىرىۋاتىدۇ. بەزىلەر دۇككاندىن ئۆمىلەپ چىقىپ يىپقا ئىسىلىۋاتىدۇ. يىپ بارا- بارا توملاپ ئارغامچىغا ئايلاندى. ئەگىشىۋاتقان ئادەملەرمۇ نۇرغۇن، چۈشۈپ قىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. بايا دىققەت قىلماپتىمەن، مېنىڭ ئالدىمدىمۇ نۇرغۇن ئادەم كىتىپ بارىدۇ، بەزىلىرى خۇشال، بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرى ياش يۇقى. ئالدىمدىكى كىشلىلەرمۇ ئارقامدىكىلەرگە ئوخشاش ھىلى كۆپىيىپ، ھىلى ئازلاپ تۇرىدۇ. ئىچىمىگە « ئاخىرىغىچە بارالارمەنمۇ؟» دىگەن ئەندىشە چۈشىۋالدى. كوچىنىڭ ئىچى شۇنداق ۋاراڭ- چۇرۇڭغا تولۇپ كەتتى. بىشىم چىڭقىلىپ، ھازىرلا يىرىلىپ كىتىدىغاندەك ئاغرىپ كەتتى. « نىمە بولسا بولسۇ، يىپنى قويىۋەتمەيمەن» بۇ بىر جۈمىلە سۆز كاللامدا توختىماي پىرقىراۋاتاتتى. «ئۆيدىن تىلفۇن كەپتۇ» دىدىم يېنىمدا كىتىپ بارغان بىرىگە، «سەن قولۇمدىن يىتىلەپ ماڭغىن، مەن تېلىفۇن سۆزلىشىۋالاي». دادام ئارتۇق گەپ قىلمىدى، يىپنى قويىۋەتمەسلىكىمنى، باشقىلارنىمۇ قوشۇۋىلىشىمنى ئىيىتتى. ئاپام يولدا يىقىلىپ قالغان قىزلارنى يۆلىۋىلىشىمنى، تىنىمنى ئاسىرىشىمنى تاپىلدى. تېلىفۇننى قويۇپ يىپنى تۇتۇپ ماڭدىم. كوچا يەنە شۇنداق ئىلىشمانچىلىق، ئىچىمدە « ئاخىرىغىچە بارالارمەنمۇ؟» دىگەن ئەندىشە، كۆزلىرىم « يىقىلىپ چۈشكەنلەر بارمۇ؟ » دەپ ئىزدەيدۇ؛ بۇ ئارغامچا ھىلى توملايدۇ، ھىلى ئىنچىكىلەيدۇ... ئۆمىلىگەندەك سۈرەتتە كىتىپ بارىمەن. ئىچىمدە « ئاخىرىغىچە بارالارمەنمۇ؟» دىگەن ئەندىشە، كۆزلىرىم كىملەرنىدۇر دەپ ئىزدەيدۇ... بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 H5 Y% G! n$ d8 C

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 B8 f) @$ w' z7 z& b/ N

تۈگىدى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 J4 S/ j3 ]- c: @, p

يازمىلىرىم


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
musilina + 200 ئەمىلىيەتچانلىقى كۈچلۈك چىقىپتۇ....
nim-japa + 108 ئەبجەش خىياللار ........
APANDIM0903 + 83 بۇ يازمىلارنى ياختۇرۇپ قالدىم..داۋام

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 391   باھا خاتىرىسى

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8726
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23139
تۆھپە نۇمۇرى: 2108
توردا: 6714 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 08:22:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاقلىۋىلىپ كىيىن ئوقاي...مىنىڭچە چوقۇم ياخشى چىققانغۇ دەيمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 08:30:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  akax520 كە 2011-12-15 08:22 PMئەۋەتىلدى  :بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' X( o  Y" {& }" n' S
ھاقلىۋىلىپ كىيىن ئوقاي...مىنىڭچە چوقۇم ياخشى چىققانغۇ دەيمەن....
ھاقلىۋالماي ساقلىۋىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2181
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8212
تۆھپە نۇمۇرى: 749
توردا: 8244 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 08:57:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەل تاققۇ-تۇققۇدەك تۇرىدۇ.ساقلىۋېلىپ كىيىن ئىنكاس تەسىراتىمنى يازاي

ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ساپ ئىمان - ئېتىقاد ، كۈچ-قۇۋۋەت ، ئەقىل-پاراسەت تېلەيمەن . . .  !!!

ئاللادىن قورقىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35032
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8660
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 3601 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 09:02:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8374
تۆھپە نۇمۇرى: 1139
توردا: 1842 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 09:52:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايىنى مۇنبەرگە چاپلاپ، قايتا- قايتا تەھرىرلىسەممۇ، يەنىلا بەزى ئىملا خاتالىقلىرىدىن ساقلىنالمىدىم. تۈزىتىپ ئوقۇپ كىتىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  D& \; |9 k3 V# d2 G5 [" k& o4 G                              

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7381
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4886 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 10:17:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھھھھھھھھھھھھ!ئاخىر ئوقۇپ بولدۇم، راس گەپنى قىلسام ئوقۇپ بولغۇچە مەنمۇ چارچاپ كەتتىم، نىمە دىگەن جىق ئىشلار ھە! كۆڭۈللۈك ئىشلاردىن كۆڭۈلسىز ئىشلار جىق ئىكەن بۇ جاھاندا! راستىنلا ئىلىشىپ قالماي ياشاۋاتقىنىمىزغا بەزىدە مەنمۇ ھەيران قالىمەن، بىراق سىز بەك جىق ئىشلارغا باش قاتۇرماي، ئۆزىڭىزنى كۆڭلى خوش بولغۇدەك ئىشلارنى قىلىپ ۋە ئويلىسىڭىز ياخشى بولۇپ قالسىز.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. U  h2 T4 R- C( k
مەنمۇ مۇشۇ ئەتىراپىمدىكى دوستلىرىمىنىڭ تۇرمۇشىنى ئويلىساملا بېشىم ئاغىرىيدۇ. ئىنشائاللاھ مىنىڭ تۇرمۇشۇم ھەر ھالدا خاتىرجەم، شۇڭا سىزگە ئوخشاش تەگىسز خىياللارنى قىلىپ تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ چىقىشتەك ئىشلاردىن خالىيمەن، سىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، ئەمما ياخشى يېزىپسىز.

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70085
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3972
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2011-12-13
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 10:38:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7387
تۆھپە نۇمۇرى: 470
توردا: 2645 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 10:39:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ،،،،،،،  نېمىنى دەي ؟  ئادەمنىڭ كاللىسىدىكى ساراڭ قىلىپ قويىدىغان گادىرماچ شۇ خىياللارنى شۇنداق ياخشى بايان قىپسىز . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 l  w5 \' m9 b5 h5 A
مەنلا ئويلايدىغان ئوخشايمەن دېسەم بۇنداق خىياللارنى ، ئويلايدىغانلار خېلى باركەن ھە ؟  ئۆزەمدىن ئەنسىرمىسەممۇ بولغىدەك .............

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12633
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8811
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3478 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 11:13:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ئىشلار بولىدىكەن مانا....

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملگەر خار بولمىغان !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش