ئىرادەم،
بولدى بەربات ۋىجدانىم ئاچچىق،
يوقاتماق تەس ئىكەنغۇ قالتىس...
چىلاشقىدەك ئىچتىم پىغانىم،
مەس ئەلەسمۇ قىلالماي سۆيگۈ،
سوقتى يۈرەك بىۋاقىت ھالسىز.....
روھ ئېچىتتى بولۇپ كۆنەلگۈ؟
ئاھ دەيمەن گەرچە....
تويماس ھاياتلىق،
ئۆتمۈش..
مۈمكىنسىزكەن ئېچىلدى كۆمۈش،
نامەرتلىك ئىكەن بولمىسا،
.......
ئۆلۈش
بىر تەلۋە ئىنسان،
ئۇنىڭ ئىدى مەندىكى جاھان،
كۈل بولغان شۇنداق،
ئارمانلار لىق يىغىلغان خامان،
شۇنچە زىدە يېغىر ئەسلىمەم،
ئەت قونمىدى توپا باسالماي،
قىچىشىدۇ ئاجايىپ تاتلىق،
سىلىساملا تۆكۈلۈپ زەھەر،
قىينىۋېتەر پۈتكۈل ۋۇجۇتنى،
سىلىۋەتمەي چىداپ تۇرالماي،
يوقاتماققا ھەتتىڭەي قاتتىق،
تاپالمىدىم چىقارماس پىنھان...
تەتۈرىگە سالامدا زامان،
ئازاپ قاناتلىق،
زاۋال پۇرار ھىجايغان سەھەر......
ئۇنۇتالماي ھايات مىڭ پارە،
ئېغىر ئىكەن ،
مۇدھىش پۇراركەن،
ھىجران دىگەن ئاچچىق ئىمتىھان!
چاغلىماي ئۆزۈم،
ئۆزۈمنى بىلماي،
نەپرەت بىلەن كۆمەي سېنى دەپ،
يۇلۇپ تاشلايمەن!
ئۇرۇغىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ،
يولاتمايمەن ئەسنى قامچىلاپ،
تېپىپ بەخت شۇنچە تېز چاققان،
.......
دەپ؟!
ئاجىز ئىكەن سارغايدى رەڭگى،
تۆكۈلدىڭغۇ مانا ئىرادە،
ئەسلىيەلمەي مۇدھىشلىغىنى،
ئازاپلاپ بەك سالغان قىياننى،
ئوڭدا قويۇپ نەشتەر كۈلكىدە،
«ئەخمەق»شاھى دىگەنلىرىنى،
كۆز ئاستىڭدا قېرىشىپ شۇنچە،
ئايرىلالماي چاندۇرغىنىنى،
يۈزدىن-يۈزگە قولتۇقلىشىنى،
ئازدىن كېيىن ئېزىپتىمەن دەپ،
يۈرەك ئىچى تېشى يۇلغىننى،
كەلگۈسۈمگە لازىم ئىدى دەپ...
بەرىبىرغۇ بىر سېنىڭ مەن دەپ،
قاچانغىچە چىدايسەنكى دەپ،
تەتۈر،
تەتۈرلىكى سالسىمۇ قىيان،
نەدە ئىدىڭ مەندىكى ئەقىل،
كېچىكىپلا باشلاپ ئىرادە،
ئۇنۇتماققا قىلدۇرۇپ ئەھدى،
ئىرادەملا يەر بولماي،
ئەمدى ئۇمۇ.....
تېنى نىمجان روھلىرى سەرسان،
قانداق قىلىمەن،
مەندە يەنە پەقەت ۋە پەقەت،
ئۆتمۈشىمىز سىرلىق ئەسلىمە،
ئاڭغا تاڭغان مەۋھۇم داۋامى.......
خىيالىمدىن يالغۇز مەدەتكار،
بىر ياشاشلا قالغان...
ئىرادەم!
نامەششامنىڭ سالقىنىدا ئارام ئالاي،كۆزلەرنىڭ خىرەلىشىدىن تېنىچلىق تاپاي.............