مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: turalp

يالغۇز قېلىشتىن شۇنچىلىك قورقىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-24 04:50:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2477
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9386
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-24 05:46:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8(turalp)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ۋاقىت پەقەتلا ئۆتكەن ئىشلارنى ۋاقىتلىقلا ئۇنتۇلدۇردۇ،،لىكىن مەڭگۈلۇك يۈتۈرۋېتەلمەيدۇ.  شۇ سەۋەپتىن كىشىلەرنى نۇرغۇن ئازاپلارغا ، دەتلەرگە قۇيىدۇ.   ئەمما ئۈمۈتۋارلىق ۋە تىرىشچانلىق، قىزىقىش ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش بۇ ئازاپلارنى، دەتلەرنى چۈرىۋېتېشتىكى ئەڭ ياخشى ئامال،،،
ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ.    يەنە قانچىلىك دەتلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ بەلكىم ئىچىڭىز بوشاپ قالا ...مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق بولغان،،  يىڭى دوسلار بىلەن كۆپرەك تۇنۇشۇڭ ،،، پىكىر ئالماشتۇرۇڭ  ،،يەنە ئۈمۈتۋاربۇلۇڭ...
بۇئازاپلار  چۇقۇم ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ.

ۋاقىت پەقەت ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. لىكىن يۈتۈرۋېتەلمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 2050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10635
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-24 05:46:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم يالغۇز كىلدۇ يالغۇز كىتىدۇ ،سىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ۋىسالىغا يەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇ سىز بولالمايدۇ ،سىزمۇ ئۇ بولالمايسىز ،مانا مۇشۇنداق  
ھاياتتا نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئايرىلسىز ،ئۇنىڭدىن ئايرىلىشىڭىز ،ھەممدىن ئايرىلغانلىق ئەمەستە ،ئۇنىڭدىنمۇ زۆزۈر نەرسىلەر ئالدىڭىزدا بولشى مۆمكىن شۇنداق ئەمەسمۇ تىما ئىگىسى ،ئالدىغا قاراڭ ...............ئۈمۈدسىز ياشماڭ ھەممىدىن مۇھىمى  [s:33]  [s:33]  [s:33]

..... ئىنكاس شاھى ..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3619
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9650
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-24 06:24:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەربىر  بەتنى ئوقۇپ چىقتىم .........................

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-24 06:35:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇگۇن باللانىڭ ئىلھاملىرى زىيادە جۇمۇ! [s:50]

مەن نىمىشقىكىن يالغۇزلۇققا بەك ئامراق.تىپ-تىنىچ مۇھىتتايالغۇز ياشىسام دەيمەن.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

گۈلۈم ، كەتمە يېنىمدىن ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1744
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14104
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1409 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-24 08:30:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي مۇھاببەت ``چىن ئېدىقادلا ئادەمنى بەخىتكە ئېرىشتۈرىدۇ ```
  نادىر ئەسەرلىرىڭىزگە قايىلمەن ```

نە ئۈچۈن ياراتتىڭ ئەي ئۇلۇغ خۇدا ،
سۆيگەننى سۆيدۈرپ سۆيمىگەنلەرنى.
قىلساڭ بولماسمىدى جېنىدىن جۇدا ،
كۆيگەننى كۆيدۈرۈپ كۆيمىگەنلەرنى...

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 58606
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-24 08:31:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 2050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10635
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-24 09:06:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا كۆز ئوينىتىپ خۇمالىق قارغانلارغا ئەمەس ،مەن قارغاندا ۋىللىدە قىزارغانلارغا ئۆزۇمنى ئاتاپ قويمەن، ھەم شۇلار ئۇچۇن ياشايمەن.
........................................................................................
شۇنداقمۇ ؟

مەن ماڭىمەن پاتس

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4338
يازما سانى: 1103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18423
تۆھپە نۇمۇرى: 701
توردا: 1812 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-24 09:48:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن سېنىڭ....
         سېنىڭ تىلىڭ بويىچە ئېيىتقاندا ،تۇنجى قېتىم ماڭا ئۆز قەلبىڭدىن جانلىق شەپە بەرگەن كۈنىڭ....كېيىنكى رىئاللىقچۇ؟رىئاللىق مەۋجۈتمۇ زادى؟سەرسان كوچىدىن بېشىمنى ئەمدى چىقىرىپ تېنىچ ماكانغا نەزەر سېلىشقا باشلىدىم،گەرچە مەجبۇرى،ئامالسىز ئەھۋالدا بۇ يولغا ماڭغان بولساممۇ،بىراق ئەمدىلىكتە ئارقامغا قاراپ ئەندىكىپ كەتتىم،ئۆزۈمنىڭ ئەقلى شۇ چاغلاردا گەجگەمگە ئۆتۈپ قالغان بولغىيمىدى ؟ياكى سەن يۆتكەپ باققانمۇ؟
        شۇنداق يۆتكەپ باققان ئېدىڭ،مەن مەقسەتلىك بويسۇنۇپ باققان،مىليوندا بىر ئۈمىت يوق ئىشىمىز ئۈچۈن،سېنىڭ زادىلا سەمىمىيەت كۆرۈنمىگەن ھەركىتىڭدىنمۇ زورلاپ ئەگىپ بويسۇنغان،چۈنكى ئەمەلگە ئاشسىلا ئەڭ ئۇلۇق ئىنسانلارنىڭ بىرىگە ئايلىنالايمەن دىگەن ۋەسۋەسە ئەقلىمنى گەجگەمگە ئەمەس كۆتۈمگە قويسىمۇ مەيلى...دىگەن ئەھۋالغا ئېلىپ كەلگەن ئېدى،بۇنى سەن بىلەتتىڭ.....شۇنچە يامان نىيىتىڭنى كېيىن گەرچە باشتىلا تۇيغان بولساممۇ بىراق يىگىتلىك يېڭىلىشكە تەن بەرمەسلىكىم سەۋەپلىك ،ھېسسىيات بۇ گەجگەمدىكى ئەقلىمدىن كۈچلۈك كېلىپ تۇردى،كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەنلىكىم...........
       بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭ.بۈگۈن سېنىڭ قايسى ھېسسىياتتا ،نىمىلەر بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقانلىغىڭ ماڭا بەكلا ئايان،بۇلتۇر دەل مۇشۇ كۈندە ئەڭ ئاخىرقى كۆرىشىشىمىز بولغان.....مانا تىزلا بىر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ،ھاياتىمىز ئەڭ زور بۇرۇلۇشقا ماڭغان شۇ كۈندىن بېرى،ھەر ئىككىمىز ئۆز مىۋىلىرىمىزغا ئىگە بولدۇق.....شۇ كۈنى ھەم ئىككىمىزنىڭ تۇنجى ئۇچراشقىنىنىڭ 2 يىللىغى ئىدى،نىمىشقىمۇ توي قىلىشقا باشقىلار بىلەن پۈتۈشۈپ بولغان تۇرۇقلۇق،يېرىم كېچىدە ماڭا:
      ئىككىمىزنىڭ مۇھاببىتىنى شۇنچە چۇڭقۇر دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئۆزۈمنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا بۇنچە قەدىرسىز ئىكەنلىگىمنى  بىلىۋاتىمەن دەپ تىلفىۇن قىلغىنىڭنى،ۋە يېنىڭگە بارغىنىمدا مەندىن رەنجىپ يىغلىغىنىڭنى چۈشىنەلمىدىم،چۈنكى شۇندىن سەللا ئاۋال ئۆزۆڭ مېنى ئالدىغانلىغىڭنى ئاشكارىلاپ بولغان،ھەمدە ئىككىنچى ئالاقە قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن،مېنىڭ ئۆزۈڭنىڭ توي قىلىۋىلىشىڭغا يول قويۇشۇمنى يالۋۇرۇپ يېلىنغان ئىدىڭ...قەلبىمدە ئۆزۈمگە،يۇرت مەھەللە،ئەل جامائەت،دوست دۈشمەن ئالدىدا لەت بولىدىغانلىغىمنى كۆرۈپ جاندىنمۇ ئۈمىت ئۈزگەن كۈنلەر ئېدى.لېكىن،يەنە شۇ لېكىن تۇغۇلغان كۈنىڭدە بىر مېنى شۇنداق كۆرگۈڭ كەپتىمىش،ئىلگىرىكى ئىككى يىلدا قىلىپمۇ باقمىغان قىلىقلارنى قىلىپ كەتتىڭ،ماڭا:
ھېچكىم مەن ساڭا قىلغاندەك قىلمايدۇ.......دىگەنلىرىڭنى ۋە بىر ئايغا قالمايلا توي قىلىپ كەتكەنلىگىڭ......
      نىمىلەرنى دەي ھەممىسى ئۆتمۈش،ھەرگىزمۇ سېنىڭ بۇ تېمىنى كۆرمەيدىغانلىغىڭنى بىلىمەن،شۇنداقلا كۆرۈشۈڭنىمۇ خالىمايمەن،شۇ بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنىڭنى ئېسىمگە ئېلىپ ئۆزۈمگە بىلجىرلاۋاتىمەن.....
      نىمە ئۈچۈن مېنى ياشلىغىڭنى،ھېسسىياتىڭنى ،گۈلدەك يۈرۈكىڭنى دەسمى قىلىپ ئالدىغان ئىدىڭ؟سەن نىمىگە ئېرىشتىڭ؟
      دوستۇڭدىن،ھەقىقەتەن گولكەن،تازا ئوينىۋالدىم ياشىۋالدىم،ئوڭدا قويدۇم،يامانمىكەنمەن دەپ گەپ يوللاپ بېرىشىڭ نىمىلىكتىن؟
      ئىشىنىمەن شۇنداق دىگەنلىكىڭگە،چۈنكى شۇ كۈنى مەن قايتارىمدا يۈزۈمدىن يۈزۈمگە:
      ياخشى ئوينىۋالدۇق،كېيىپتىمەن،يەپتىمەن،ھەممىگە قېنىپتىمەن،ئارمانىم يوق ....ئەمدى مەندە باشقا ئارزۇ يوق،ئاتا ئانام ئۈچۈن ياشايمەن،سەن بەك گول ئىكەنسەن......بۇندىن كېيىن دىققەت قىل......ۋە باشقا ئىچ-ئىچىمنى ئۆرتىۋەتكەن،سېنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشىڭنى ئانچە خالىمايمەن...دىگەنلىرىڭنى قانداق چۈشىنىش كىرەك؟
      بىر يىل بولدى،كۆرۈشمىدىم،تىلىفۇنمۇ قىلمىدىم،سەنمۇ شۇنداق!ئۆلۈپ قالمىدىم.......
      تۇغۇلۇش ئۆلۈش ئارىلىغى ناھايىتى قىسقا،خاتىرلەشكە تېگىشلىكى بۇنداق ئاغرىنىش بولماسلىغى كىرەك ئىدى،ئەمدى بولسا سېنىڭ يەنە باشقىلارغا 2 تۇغۇلغان كۈنىڭ بارلىغىنى سۇنماسلىقىڭنى تىلەيمەن،چۈنكى سەن دەسلەپتە مېنى تۇغۇلغان كۈنىمىز بىر كۈنلا پەرق قىلىدۇ دەپ يېقىنلاشقان،بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن بۈگۈننى تۇغۇلغان كۈنىم دىگەن،ۋە مېنىڭ قەلبىمنى ئۇتۇش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگەنلىگىڭنى ئېيىتقان ئېدىڭ،يالغانچىغا ئەڭ ئۆچ بولساممۇ ئۇ چاغدا ساڭا بويسۇنۇشتىن باشقا يولۇم قالمىغان........
      بۈگۈنكى كۈندە......سەن تۇغۇلمىغان بولساڭ،ئۇچراشمىغان،ئەسلەشمىگەن بولساق بولۇپتىكەن،شۇندا ھاياتىم ئەڭ يارقىن مىنۇتلىرىدىن،ئەڭ ئېسىل ئۇتۇقلىرىدىن سەن سەۋەپلىك ئايرىلىپ قالمىغان بولاتتى......
     خەپ؟خەپ دەيمەن ئۆزۈمگە،بىراق ئەمدى يەنە باشقىلارنى خەپلەتمە!

تورداشلارنىڭ سۇنغان تەسەللى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشلىرىدىن سۆيۈنىۋاتىمەن،رەھمەت قېرىنداشلار

تۇرئالپ

مەن ماڭىمەن پاتس

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4338
يازما سانى: 1103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18423
تۆھپە نۇمۇرى: 701
توردا: 1812 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-7-24 10:02:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆككە ئۇچۇپ ئېغىرلىشىپ كەتكۆن يامغۇر تۆكۈلگىلى تۇردى،تومۇزنىڭ تىنجىق ھاۋاسى سۆرۈنلىشەيمۇ دىمىدى تېخى،چۈنكى بەك قىزىپ كەتكەنتى ھاۋا......
ئۇندىنمۇ ئارتۇق قىزىپ كېتىپتىكەنمەن،ئادەم كۆڭۈلدىن قىزىسا نىمىنڭ سوۋۇتىدىغانلىغىنى مەن تاپالمىدىم،شۇنچىلىك ئۆچ ۋە قارشى بولساممۇ بىراق ئانامنىڭ دوستلىرىمنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن  داخان ،مولولاملارنىڭ ئىشىگىدىلا قاتراپ يۈردۈم،سوۋۇتقىلار پەقەت ھەسرەتلىرىمنى تېخىمۇ يۈكلىدى،چۈنكى ئىنساننىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن ئىكەن ھەر قانداق ئىش بوغۇزغا قاپلىشىپ تۆۋەنگە يا يۇقۇرىغا ماڭمايدىكەن........ئەزەلدىن پالغا قارشى ،بىشارەتلەردىن ئەكسى ھەرىكەت قىلىپلا يۈرەتتىم..
ئازراقلا يېغىپ توختىۋالدى بۇ يامغۇر،چاقچاق قىلغانمىكىنە؟......
شۇنداق قىسقىلا يىرگەندىم ۋە خىيالىمدىن سېنى ھەيدىيەلىدىم،بىراق...نىمە دىگەن تۈگۈمەس بىراقلاردۇر بۇ مەندىكى سېنىڭ ئەسلىمەڭ ئۈچۈن.......
ئۆز بېشىمدىن ئۆتكىنىدىلا ئاندىن كىتاپلاردىكى ئاشىق مەشۇقلارنىڭ قىلىقلىرىنى،ئۇنى تەسۋىرلىگەن يازغۇچىلارنى زاڭلىق قىلمايدىغان بولدۇم......
كۆيۈكنى پەقەت كۆيگەنلەرلا چۈشىنىدىكەن،خەلق ناخشىلىرىدىكى مۇبالىغە تۇيۇلىدىغان ئىبارىلەرنىڭ شۇنچە ئۆزۈمگە چۈشكىنىگە قاراپ:
بىراۋ؛ئالدىرىمىساڭ تارتىپ قالۇرسەن دەپ سالغانمىدىن دەيمەن.........

تۇرئالپ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش