قەلىپ ھېسلىرىم،ئىزتىراپلارنى بېسىش ئۈچۈن ھەردەم مىسرالار ئارا ئۆزىنى گول قىلماقتا
قۇياش پېتىپ تۈمەن يۇلتۇز قارا تۈندە چېچىلغانتى،
ۋۇجۇدۇم نۇرلۇنۇپ چۆچۈپ ھىجران ئويغىنىپ كەتتى.
يېنىك شامال دەرىزەمدىن تەنگە ھوزۇر سۇنۇپتى،
بېسىقتىن بوشۇنۇپ خىيال ئۆتمۈشنى دەۋەيلەتتى.
بۇلۇتلار يامرىدى بىردىن ئاي ئەمدى ئېسىلىپتى،
پىغانىم كۆكلىدى قايتا يىلتىز ھىچ كېسىلمىدى.
تومۇز ئىسسسىق دىمىق نەپەس يامغۇرنى تىلەتكەنتى،
ئازاپ كەلكۈن بولۇپ جانسىز يۈرەگىمنى داۋالغۇتتى.
يىراقلاردىن ۋۇجۇتقا خوپ نىدا كۈيلەر يېقىنلاپتى،
مانا تېنچ چالا مۈگدەك ھېسلار ئويغىنىپ كەتتى.
مەلئۇن دىۋە چۆچەكلەردە جېنىنى كۈپتە ساقلايتى،
ئازغۇن يۈرەك دەۋەڭ كۆڭۈل چېقىلىپ ئاڭنى سەكرەتتى.
چىلىق چىلىق پىشانەمدىن چىكەمگە تەر كۆمۈلىپتى،
قۇرۇق ئىچىم ئېچىرقاپ پاژ قىلىپ يەنە يېنىپ كەتتى.
مەيلى دىسەم ئۆلگىن كۆيۈپ تۈتەپلا تىز ئۆچۈۋاپتى،
كۈلۈڭمۇ بىل قوقاس كەبى ھەردەم سەكرىتىپ ئەزدى.
ئۇنۇتماق يوق ئىكەن ئەسلى ئەقىل ئىرادە تىكلەپتى،
كۆزى كور بۇ كۆڭۈل يېڭىپ يەنە دەرتنى باغاشلاتتى.