بۇ ناخشىنىڭ ئورۇنلاش سەۋىيىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولغان....دولان مۇقامىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ياۋا ئاۋازلىرى بىلەن ھازىرقى زامان روك مۇزىكىسىنىڭ ئۇسلۇبى ئىنتايىن ياخشى ماسلاشتۇرۇلغان........
مەن دولان يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدە ساقاللىق بوۋايلارنىڭ گۈرەن تۇمۇرلىرىنى كۆپتۇرۇپ ، چىڭقىلىپ تۇرۇپ ئېيتقان دولان مۇقام سادالىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم......مانا ھازىرمۇ دەل مۇشۇ دولان مۇقام مەشرەپلىرى تەتقىقاتى بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرىۋاتىمەن....
بۇ گېرمانىيە دە ئۆتكۇزۇلگەن شەرق خەلق مۇزىكىلىرى فىستىۋالىدا ئۇرۇنلانغان، قىزغىن ئالقشقا ئىرىشكەن نۇمۇرنىڭ بىرى. ياۋرۇپادىكى پىشقەدەم مۇزىكا پشۋالىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئىرىشكەن شۇنداقلا گېرمانىيە تاماشىبىنلىرنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن قايتا-قايتا ئۇرۇنلانغان. ناخشا ئاخىرلاشقاندىن كىيىنمۇ تاماشىبىنلار ئۆزىنىڭ قانداقتۇر بىر خىيالىي دۇنياغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇسىدىن ئويغىنالمىغانلىقىنى بىلدۇرۇشكەن...بۇ مىساللار گېرمانىيەدە چىقىدىغان ھەپتىلىك خەۋەرلەر گېزىتىدە ناھايتى ئېنىق...
ناھايتى ئېنىقكى ، ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ بۇ ناخشىنى بۇخىل ئۇسلۇپتا، بۇخىل پۇراق بىلەن بۇنچىلىك ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئۇرۇنلىشى ناھايتى تەس...سازەندە مەسلىسىدە، ھەتتا بۇ ناخشىچىنىڭ ئەڭ ياخشى ماسلىشىدىغان ئايال ناخشىچى پەزىلەتمۇ ۋېزا قاتارلىق مەسلىلەر تۈپەيلىدىن گېرمانىيەگە چىقالمىغان....ياۋرۇپا مۇزىكانتلىرىنىڭ شۇنچىلىك ماسلىشىپ مۇزىكا ئورۇنلىشىدىن رازىمەنلىك تۇيغۇسى تەبىيلا شەكىللىنىدۇ.....
ھەرخىل كەسىپتىكىلەر ھەرخىل كەسىپكە نىسبەتەن ھەرخىل كۆز قارىشى ۋە تۇنىشى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سەل مۇجمەل بۇلۇپ قالغان كۆز قاراشلارنى ئامال بار ئوتتۇرغا قويمىغان ئەۋزەل...چۈنكى ئۇ خىل كۆز قاراش ھامان مۇكەممەللىكتىن يىراق بولۇپ قالىدۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا يەنىلا مۆتىدىل ھالدا كۆز قارشىمىزنى ئوتتۇرغا قويساق ، ئاسانلا پىكىر ئىختىلابى پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ......