ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 21قەۋەت chogh كە 2011-08-27 11:13 AMئەۋەتىلدى :
قۇندۇز ئاي دىگەن خوتۇن سىز بۇ يەردە ئارتۇقچە گەپ قىلىپ پۇراق توغىرلىق گەپ ساتماڭ . ناخشىدىكى مىللى پۇراق دىگەن قانداق بولىدۇ ؟ پەرھاتنىڭ ئاۋازىدىكى بوغۇقلۇق ، ناخشىنىڭ ئەۋجىدىكى كۈچەشلەر سىزگە دولان ئاھاڭىنى ئەسلەتمىدىما ؟ باشقىسىنى قۇيۇپ تۇرساقمۇ دولان مۇقامىنىڭ ئېيتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا مىللى پۇراقتۇر . مانا مۇشۇنى مىللىي پۇراق دەيمىز . بۇرنىڭىزغا پۇرىمىسا مىللى پۇراق چىقمىغاندەك تۇيۇلىدىغان ئوخشىمامدۇ ؟ ئۆزىمىز چۈشەنمەيدىغان ساھە توغىرلىق گەپ قىلغاندا بەك بىلەرمەنلىك قىلىپ كەتمىسەك قانداق ؟
ئاخىردا يازغان ئىنكاسىڭىزدىمۇ گەپ ئوينىتىپ كېتىپسىز . سىزگە دەپ قوياي ئىنكاس قايتۇرماقچى بولسىڭىز نەق جاۋاپ قايتۇرۇڭ گەپنى ئېلىپ قېچىپ قايدۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ .
چوغ ئەپەندىم....گەپنى سىلىق ئېيتىڭ، نىمە ئۇ خوتۇن دىگەن!!! بۇ ئىنكاسىڭىزنى جاڭگالدا كالا بېقىۋاتقان يېرىڭىزدىلا يازدىڭىزمۇ يا؟!
دولان مۇقامىنىڭ ئۆزىنى ئېيتقىنى بىر مىللى پۇراق دەپسىز. بۇ گىپىڭىز بەكلا يۈزەكى بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟ گەرچە سەنئەتنى سىزدەك چۈشۈنۈپ كەتمىسەممۇ، بىراق مىللى پۇراقنىڭ نىمىلىكىنى خېلى بىلىمەن. پەرھاتنىڭ ئاۋازى ئەلۋەتتە دولان مۇقامنى ئەسلەتكەچكە ، مەن ئاڭلاپلا شۇڭا، ئىنكاسىمدىىمۇ بۇنى دولان ناخشىسىغۇ دەيمەن؟ دىگەننى ئىسىمگە ئالدىم. (ئەسلى دولان مۇقامى دەيدىكەنمەن، سەنئەتخۇمار بولمىغاچ بىلمەي قاپتىمەن. مۇشۇنىڭدىنمۇ قۇسۇر چىقارغانلار ئۈچۈن ) لىكىن قارسام ، سىز مىللى پۇراقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغاندەك تۇرىسىز. دوپپا كىيىپ، چەتئەلنىڭ يېرىم ئوچۇق كىيىملىرىنى كىيۋالغان بىر قىزغا قاراپ، سىز ئۇ قىزنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىسى تۇرىدۇ، ئۇ ئۇيغۇر قىزىكەن دىيەلەمسىز؟ چۇقۇم دىمەيسىز. ھەم سىزگە ئۇ ھەقىقى ئۇيغۇر قىزىنىڭ تەسىرىنى بەرمەيدۇ. بۇ ناخشىمۇ ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش...بۇنى ئاڭلىغان كىشى، ناخشىچىنىڭ ئاۋازى ۋە ئاھاڭىغا قاراپ دولان ناخشىسى دىگەن ئۇقۇم تەبىئىلا شەكىللىنىدۇ. بىراق مۇزىكىدا بىر نەرسە كەم، مۇزىكىلار يەنى سازلار ئارسىغا مىللى چالغۇمىزدىن يەنە بىر نەچچىنى قوشقان بولسا، ياكى داپتىن باشقا مۇقام سازلىرىنىڭ ئاساسلىقىدىن بىر قانچىنى ھىچ بولمىغاندا بىرنى ئۇشۇق قوشىۋەتكەن بولسا، ناخشىنى ئاڭلىغاندا ئاڭلىنىدىغان ئاۋۇ بىر توپ ئىسكىروپكىنىڭ ئورنىغا ، تېخىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىپ، بۇ ناخشا تېخىمۇ ئىسىل چىققۇدەك دىگەننى ئويلىدىم.شۇڭا ناخشىغا بىرلەشتۈرۈلگەن مۇزىكا، ماڭا دولان مۇقامىنىڭ تەسىرىنى بەرمىدى. ماڭا تەسىر بەرمىدى!!!!بۇ مىنىڭ ھوقۇقۇم، سىز ماڭا ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى ھەرگىز تاڭالمايسىز. مەنمۇ سىزگە ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى تاڭغىنىم يوق. ھەم بىلەرمەنلىك قىلىپ، سىزدەك گەپ ساتقىنىممۇ يوق.
نۇرغۇنلىغان ناخشىچىلار بار، قىلىدىغانغا ئىشى يوقتەك، مىللى سەنئەتتىن پايدىلىنىپ، چەتئەلگە چىقىۋېلىپلا، غەرىپنىڭكى بىلەن بىرلەشتۈردۈم دەپ ، نەدىكى ئوخشىمايدىغان بىر نىمىلەرنى ئېيتىپ يۈرىۋاتقان ۋە ئۆزنىڭ يۈزىنى ئۆزى چۈشۈرۈۋاتقان. بۇ ناخشىچى ئۇنىڭدىن مۇستەسنا بۇنى چۈشىنىمەن....مەن ھەرگىز بىر ناخشىچىغا باھا بەرمىدىم. ھەم مەندە ئۇنچىلىكمۇ ھوقۇق يوق ھەم كارىممۇ يوق. بىراق مىنىڭ شۇ ناخشىغا باھا بىرىش ھوقۇقۇم بار دەپ ئويلايمەن.
شۇڭا قاينىماي، ھەقىقى مۇنازىرە قىلماقچى بولسىڭىز خۇددى ئۆچ ئېلىپ ، قىلىدىغانغا گەپ تاپالمىغاندەك مىنى خوتۇن دەپ چۈشمەي چىرايلىق ئىنكاس يېزىڭ . بولمىسا بىر كىشى سىزنى زورلىمىدى. ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغىنىنى يېزىپ چىقىپ كىتىڭ!
تامام!