ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت aptap104 كە 2011-08-26 11:48 PMئەۋەتىلدى :
خېنىم تەرەققى قىلمامدۇق . مۇزىكا دىگەن شەرىئەتتە بولمايدۇ .؟ لىكىن بىزنىڭ مۇزىكا بىلەن تونۇلىۋاتقانلارنىڭ تىپىك مىسالى بىز . كىينچە يارىمىسىمۇ مەيلى .
خېنىم تەرەققى قىلمامدۇق؟
غوجام مەن سىزنى تەرەققى قىلماڭ دىگەن گەپنى قىلمىدىم. ئەلۋەتتە تەرەققى قىلىش كىرەك. سىز تەرەققى قىلسىڭىز ، مەن تەرەققى قىلسام ئەلۋەتتە مىللىتىمىزمۇ تەرەققى قىلىدۇ. ھەم ئىنكاسىمدا ئۇنداق مەنامۇ چىقمايتى. گىپىڭىزدىن قارىغاندا مۇزىكا ئارقىلىق تەرەققى قىلىدىكەنمىز دە؟ دۇنيادا ناخشا _ مۇزىكا بىلەن تەرەققى قىلىپ، نام چىقىرىۋەتكەن مىللەتنى تارىختىن بېرى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ناخشا مۇزىكا بىر مىللەتنى قانچىلىك تەرەققى قىلدۇرماقچى؟ توغىرا ناخشا _ مۇزىكىللىرىمىز ئارقىلىق ، تۇنۇلماي كۆمۈلۈپ قېلىۋاتقان بىر ئـــۇيــــغـــۇر مىللىتىمىز پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇلدۇق. يەنى ناخشىچى ، ئۇسۇلچى مىللەت دەپ تۇنۇلدۇق. ئەلۋەتتە تۇنۇلماي غەپلەتتە ياتقاندىن ياخشى....كۆز يۇممايمەن،دۇنياغا مەشھۇر 12 مۇقاملىرىمىز بار....بىراق بىر مىللەت ناخشا بىلەن تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن، ئۇ چاغدا ئۇمىللەت چۇقۇم زاۋاللىققا يۈزلەنمەي قالمايدۇ.
ئىنكاسىمنى ئوقۇپ خاتا چۈشۈنۈپ نەقىل قىلىشنى ئويلاۋاتقانلار. ئىنكاسىمنى مەن تىمىدىكى ناخشىنى ئاڭلاپ بېقىپ، ئاڭلاۋاتقان ۋاقىتتا ھىس قىلغان تۇيغۇمنى يازدىم. ھەرگىز ئۇخلاپ قوپۇپلا ئاغزىمغا كەلگەننى جۆيلۈپ قويغىنىم يوق. شۇنداق بۇ ناخشىچىنىڭ ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى بىر خىل ئۆزگىچە ، مەنمۇ ئۇنىڭ تارىم دىگەن ناخشىسىنى ياقتۇرىمەن دەپ ئېيتتىم. ھەرگىز بۇ ناخشىچىنى ئىنكار قىلغىنىم يوق.
ناخشىدا مىللى چالغۇلار چېلىنمىغاچقا، بىر خىل مىللى پۇراق كەمدەك ھىس قىلدىم دىدىم. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاڭ سېستىمىسىنىڭ سىرىتقى دۇنيادىن ئالغان تەسىراتى ئوخشىمايدۇ. دولان ناخشىسىنى بۇنداق يېڭىچە ئۇسلۇپتا ئاڭلاپ باقمىغاچقا، مەندەك سەرالىققا باشقچە ئاڭلىنىپ كەتكەن ئوخشايدۇ . بۇ يىگىتنىڭ بۇنىڭدىن كىينكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. بۇ يېڭى نوتىمىز، سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ قوللىشىمىزدا كۆكلەپ، باراقسان بۇلۇپ مەڭگۈ يىقىلماس، يىقىلسىمۇ چىرىماس توغىراقتەك بۇلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى!!! قۇسۇر تاپاي دىسە بىردەملىك. ناخشىچىنى ئۇنى بۇنى دىدى دىگۈچىلەر، بەك سەزگۈلۈكىڭلار ئېشىپ كەتكەن چىراي.
ھەددىدىن زىيادە ماختاش، كۆپتۈرۈش غەپلەتتە قالدۇرىدۇ. كەمچىلىكىنى، يىتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بىرەلىگەن كىشى سىزگە ئەڭ يېقىندۇر. بىراق بۇنداق كىشى بەلكى ھايات مۇساپىڭىزدە سىزگە ئۇچىرىماسلىقىمۇ مۇمكىن. چۈنكى بۇ دۇنيادا سىزگە نۇرغۇن نۇرغۇن‹‹ شىكەر يالىتىلغان زەمبىرەكلەر›› توغىرلاقلىق، سىز بۇنىڭ ئارسىدا ھوشىڭىزنى يىغىپ بولغۇچە، ئۆزىڭىزنى ئاللىقاچان بۇ زەمبىرەك ئوقى تەرپىدىن كۇكۇم تالقان قىلىۋىتلىگىنىڭىزنى سىزىىسىز.