مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1126|ئىنكاس: 22
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سەنسىزلىك كوچىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1893
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-7-4
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
                  
                        سەنسىزلىك  كوچىسىدا
                               (   چاتما   نەسىر )

                           QQ图片20090207060026.jpg                ئاپتۇرى  :   مىرادىل  مەغرۇر  (مەغرۇرجان )
                  مەدىنە نۇرمۇھەممەت  (جىلۋە)

   
                     QQ图片20090207060017.jpg
جىنىم بىلەمدىغانسەن؟ شۇ تاپ ئاسىي قەلبىمنىڭ غېرىپ خانىسىنى قانداقتۇر تىگىگە يەتكۈسىز
ئەمما ساڭىلا مەنسۈپ سېغىنىش ھىسلىرى ئىگىلەپ،ۋۇجۇدۇممۇ خۇددى سىرتتا لەپىلدەپ
يىغىۋاتقان تۇنجى قارنىڭ سوغۇق شاماللىرىغا ئوخشاش قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ،سىنى ئىزدەپ
تىپىش ئارقىلىق ، مانا مۇشۇ نۇرسىز كۆزۈمگە ئارانلا زاھىر بولۇپ تۇرۋاتقان، توغرىسى ئۆزۈممۇ
سالامەت ئۆتىۋىلىشقا ھېچ ئىشەنىچ قىلالمىغان،جۇت قەھرىتاندىن قايتا نىجاتلىق تېپىش ئۈچۈن
تىپىرلاۋاتىدۇ..



                    ھا ھا ھا  ...  كۈلۈۋاتىمەن ! ..

      
              
        
مانا مۇشۇ دەمدە سېغىنىشلىق نىدايىم ساڭا ئاڭلاندىمۇ ؟ئەيتاۋۇر كۆكتە بىر خىللا رىتىمدا توختىماستىن زىمىن باغرىغا چۈشۈۋاتقان قار دانچىلىرىدىن بىرى تۇيۇقسىز سەنسىزلىكنىڭ كوچىسىدا ھالسىزلىنىپ،يۈرىكى سەك پارە بولغان مەندەك ئۆتمۈشۈڭدىكى بىر يايرىڭنىڭ شۇنچە
ئەقىلسىزلىق،نادانلىق پۇراپ تۇرىدىغان يالغۇز كۈلبىسىنىڭ دىرىزە تەكچىسى ئۈستىگە شەبنەم بولۇپ دىرىزەمنى چەكتى يۇ ، تۇتۇۋىلىشىمنى كۈتمەيلا گويا غايىپتىن كەلگەن بىردەملىك خۇشاللىق كەبىي غايىپ بولدى...


                            
                بىلىمەن ، بۇ سىنىڭ  شەپەڭ جىنىم !..
            
         

چۈنكى بىز قول تۇتۇشۇپ ۋىسال تامان ماڭغان چاغلاردا سەن ھەممىدىن قارغا ئامراق ئىدىڭ.
ھەر يىلى تۇنجى قار ياغسا سەن مىنى ئالداپ ئەكىلپ ئۈستى -بىشىمنى قارغا كۆمۈۋىتەتتىڭ دە،
چىھرىڭدىكى ئۇماق كۈلكەڭنى يوقاتماي : ‹‹قەلبىڭ مۇشۇ قاردەك ئاپئاق بولسۇن ئەزىزىم››.
دەيتىڭ دە ،ئۈستى-بىشىمنى قېقىشتۇرۇپ تۆت ئەتراپىمنى چۆرگىلەپ شەيتانلىقىڭنى قىلاتتىڭ.
ئىسىڭدە بولسا مەن ساڭا قويغان‹‹قار گۈلى ››ناملىق لەقەممۇ يۇق ئەمەس !...


                     
ئۇف ،شەيتنىم جانسىزمەن،پەقەت سىنى ئەسلەش بىلەنلا ئاۋارىمەن !..
بىر بوتۇلكا ھاراق ئىسسىنىش ئۈچۈن ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. ئىچىدىكى بىلسەڭ ھاراق ئەمەس ئازاپ
مەلھىمى ،سەنسىزلىك كوچىسىنىڭ ھىكايىسىدۇر !..


گۈلۈم   يىغلاپسەنغۇ ؟يىشىڭنى سۈرت، مەن ساڭا دەي! بولدى ئازاپلار مەن بىلەنلا كەتسۇن! .


           
                     شۇ سوغۇق كۈلبەمدە يالغۇز ئولتۇرۇپ
                     تۇنجى قار ياغماقتا سېغىندىم سىنى
                     ئاق تۇمان قولۇمدا ،ھەر نەپەس شوراپ
                     ھەسرەتتە قالدىم يار ، كەچۈرگىن مىنى



               
شۇنداق،مەن سىنى سېغنماقتىمەن ھاياتىم.قولۇمدىكى كىچىككىنە قەغەزگە ئورالغان مۇشۇ ئاق
تۇماننى ھەسرەت بىلەن ھاپ قىلىپلا يالماپ يۈتۈپ ئۆكۈنىش ،ئازاپلار قاپلاپ كەتكەن يۈرەك
قەسىرىمدە ئىسمىڭنى سەنسىزلىك كوچىسىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ -پۇشقاقلىرىغىچە يىزىشقا تەرەددۈتلەندىم. بۇ ھاياتىم شامنىڭ سەنسىزلىكىگە قاچانغىچە بەرداشلىق بىرىپ ئۇچىدىغانلىقى
ماڭا ئەسلا قاراڭغۇ دە ...

ئەجەبا ، شۇنداق ئەمەسمىدى؟ مەن ئاخىرى شۇنداق قارارغا كەلدىم.كەلگىن جىنىم!، يۈرىكىمنىڭ
ساڭا ئاتىغان ئاجىز ساداسىنى بىر ئاڭلاپ قوي! .



                 
      

     نىمە ؟ ‹‹كەلمەيمەن ، ھەممىنى قىلغان شۇ كەيپىڭ ،شۇ تۇمان›› دەمسەن؟
توغرا دەل شۇ تۇمان ئارىمىزدىكى مۇھاببەت بەرگىلىرىنىڭ ھەممىنى ئۈشۈكتە قالدۇرۇپ، سىنىڭ
كۆزۈڭنى ياشلىغان پىتى مىنىمۇ ھاياتىمنىڭ مۇشۇ قاراڭغۇ ھاڭلىرىغا تاشلاپ ئۈلگۈردى.ئەمما
سەنسىز كۈنلەرگە چىدىمىدىم ،مىھىرسىز قالغان بىچارە بايقۇشتەك شۇ نىجىسنىڭ ئازابىدا
تىپىرلاپ ھالسىزلاندىم. كەچۈر ، ئويلاپ باقسام مۇشۇ ھاڭغا كىرگەندىن بىرى ساڭا كۆپ ئازار
بىرىپتىمەن.ھەتتا تۇرمۇشۇڭنى ھالسىزلاندۇرۇپ،تەنلىرىڭنى ساقسىزلاندۇرۇپتىمەن...


               
دەرۋەقە سىنىڭ مەن ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭ قەلبىم خاتىرىسىگە مانا مەن دەپلا ساقلىنىپ
كەلدى.ئەمما مەن بۇ ھاڭدىن چىقىشقا ئاجىز كەلدىم.ئاخىرى سەنمۇ ھېرىپ-چارچاپ مەندىن
ئۈمۈدسىزلىك ئىلكىدە يىراقلاشتىڭ. مەن ئاخىرى ئامالسىز شۇ نىجىسنىڭ تورىدا چىرمىلىپ
قېينالغىنىمچە سەنسىزلىك كوچىسىدا مانا مۇشۇ رەھمەتلىك ئاپام-داداملارنىڭ بىردىنبىر تەۋەرۈك
ئۆيىدە قارىغۇچىسىز ياتماقتىمەن.قەدىردانلىرىم ۋە يېرىم ھاياتىم ،پارەم بولغان سىنىڭ
رەسمىڭلارنى خۇددى سىلەر نىمە ئۈچۈندۇر رازىلىق ئېلىشقا تەلمۈرۋاتقاندەك، ياشقا تولغان
كۆزلىرىمنى سىلەرگە تىكىمەن...



         
ۋۇجۇدۇم سەنسىزلىك كوچىسىدا پارىدۇر گۈلۈم...قارىغىنە يۈرەك تومۇرلىرىم ساڭا بولغان سىغىنىشلىرىمدىن يىرىلىپ قانغا تولدى، نەپەسلىرىم ئاستىلاپ ئېغىزلىرىم سىنىڭ ئىسمىڭنىلا
زىكىر قىلىشقا نائىل بولدى...بولدى سۆزلىمەي ،پەقەت سىنى كۈتۈش ئۈچۈن ئاللاھىمنىڭ يەنە
ماڭا ئازراق رىسىق ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن !..

            
مانا ،يۈرۈگۈم ساڭا ئاتىغان،ئەڭ ئاخىرقى ھېجران ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان سىغىنىشنامىسىنى
يوللاپ پۈتتۈرۈپ شاماللاردىن ساڭا يوللىدى.ئۈمۈدۈم شۇكى تۇنجى قارنىڭ ئىزگۈ شاماللىرىدىن
مىنىڭ خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالالىساڭ، ماڭا جاۋابىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى سەنسىزلىك كوچىسىغا بىللە
ئېلىپ كىلەرسەن.سىنى ئاخىرقى نەپەسلىرىمگىچە پەقەت بىر رەت كۆرۈۋالاي !..
سىنىڭ ئاشۇ باغرىڭدا كۈلۈپ تۇرۇپ قەدىردانلىرىم بىلەن جەننەتتە ئۇچۇرىشىش ئۈچۈن يىراقلارغا
سەپەر قىلاي ...


           

ئۈتۈنەي جىنىم !، سەنسىزلىكنىڭ كوچىسىغا مۇشۇ بىر قېتىم بولسىمۇ ۋاپاسىز ، ناتىۋان يايرىڭنى
يوقلاپ كىلىپ قويغىن!. سىنى سۆيىمەن جىنىم ، خوش قالغىن ،مەن سىنى ساقلايمەن.مۇشۇ
غېرىبانە كۈلبەمدە شاماللاردىن ھېدلىرىڭنى سېزىپ كۆزلىرىمنى ئىشىك بوسۇغىسىدىن ئۈزمىگىچە
بىر سىنى ساقلايمەن !....




                  ‹‹  دەرتمەن ئاشىقىڭدىن ››


                        
                     QQ图片20090207060021.jpg
      
سىغىنىشلىق تەلپۈنۈۋاتقان قەلبىمنىڭ نىداسىدىن يۈرىكىمنى چىڭڭىدە قاماللىغىنىمچە دىرىزە
ئەينىكىنى ئىچىۋەتتىم .ئايدىڭ كىچە ئاسمىنىدا چاقناپ تۇرغان سانسىز يولتۇزلارغا قارىغىنىمچە
قەلبىم يەنە بىر قېتىم تىتىرگەندەك بولدى.. دېرىزە ئەينەكلىرىدىن كىرىۋاتقان غۇر-غۇر شامال
قەلىپ قەسىرىمنى چىكىپ ئۆتمەكتە .. شامالدا يەڭگىل پۇلاڭلاۋاتقان چاچلىرىم كۆزلىرىمنى
توسۇشقا ئۇرۇنماقتا..كىچە ئاسمىنىدىكى سانسىز يولتۇزلار قەلىپ قەسىرىمگە  ساقلانغان، ئۆتمۈشۈمدىكى گۈزەل ئايدىڭ كىچىلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتۈۋاتاتتى ..


         
                         ئىسىڭدىمۇ  جىنىم ؟
        
بىر قىتىم سەندىن مىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى سورىغىنىمدا كىچە ئاسمىنىغا قاراپ
چۇڭقۇر بىر نەپەس ئالغاندىن كىيىن كۆزلىرىمگە تىكىلىپ تۇرۇپ :‹‹ئاسماندىكى يولتۇزلارنىڭ
سانىچىلىك›› دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىڭ ..

     
بىلەمسەن جىنىم ؟ ھەر كۈنى ئاخشىمى ئاسماندىكى يولتۇزلارغا قارىغىنىمچە سىنى ئەسلەش،
ھەر بىر تال يولتۇزنى ساناش،مىنىڭ ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئىشلىرىمنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
مەن پەقەت مۇشۇ ئارقىلىقلا ئۆزۈمگە تەسەللى تاپالايتىم.ھەر بىر قېتىم سىنى سېغىنغىنىمدا
ئاسمانغا قارىغىنىمچە يولتۇزلارغا پىچىرلايمەن. ئۇلارغا ساڭا بولغان سېغىنىشلىرىمنى سۆزلەپ
بىرىمەن.تولۇن ئايلاردىن ھەر ۋاقىت ساڭا سالامىمنى يوللايمەن. ئۇلار ساڭا قەلىپ تىۋىشلىرىمنى
يەتكۈزدىمۇ  جىنىم ؟ ...



                    
                  شامال كەلسە ئايدىڭ كىچە مەن تەرەپكە .
                  ئېلىپ كىلەر ئىللىققىنا جىنىمغا شىكەر
                 سالام يوللاپ قالارمەن سەن تەرەپكە
                پەرۋاز قىلىپ ئۇچقىنىدا بىشىمدىن كەپتەر
   
سىغىنىشنىڭ ھىجران چۆللىرىدە سەرسان بولغىنمچە ئەلەملىك كۆزلىرىم بىلەن سىنى ئىزلىدىم.
كۆزلىرىمدىن ئىقىۋاتقىنى ياش ئەمەس بەلكى قان ئىدى.ھەر بىر قىتىم تامچىۋاتقان ياشلىرىمنى
يۇمران بارماقلىرىم بىلەن توسۇۋالاتتىم .ئاۋازىمنى قويۇپ بىرىپ يىغلىۋالغۇم،سىنى قانغۇچە
تىللىۋالغۇم كىلىۋاتاتتى.ياشاڭغۇراپ تۇرغان كۆزلىرىم شۇ قەدەر خىرە ئىدىكى،كۆز ئالدىمدا
زاھىر بولۇۋاتقىنى دەل سىنىڭ سىمايىڭ ئىدى...


قەدەملىرىم شۇ قەدەر ئاستا ئىدىكى ئۆزۈمنىڭ قانداق بولۇپ بىز ئىككىمىز تۇنجى ئۇچراشقان
مەھەللە دوقمۇشىغا كىلىپ قالغانلىقىمنى سەزمەيلا قالدىم.سەنمۇ ئولتۇرغان ئىدىڭ.قوللىرىڭدا
تاماكىنى چىڭڭىدە سىقىمداپ نىمىلەرنىدۇر ئويلىغىنىڭچە خىياللارغا غەرىق بولغان ئىدىڭ..

   
سىنى كۆردۈم يۇ ، ئارقىمغا بۇرۇلدۇم.سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورققىنىم ئۈچۈن ئەمەس
بەلكى سىنىڭ ئەلەملىك كۆزلىرىڭدىكى غۇۋا قېتىپ قالغان ياش تامچىلىرىنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن
ئىدى. چۈنكى سىنىڭ كۆز يىشىڭ مىنىڭ قەلبىمنى پۇچىلايتى . تىتىرەپ ئارانلا تۇرغان يۈرىكىمگە يەنە بىر قىتىملىق جاراھەتلەپ مىنى
ھالسىزلاندۇراتتى ....
   
شۇنى بىلەمسەن جىنىم ؟ سەن ئۆز ھاياتىڭغا ، مىنىڭ ساڭا بەرگەن بارلىق ئەقىدىلىرىمگە ،ساداقىتىمگە شۇنداقلا مۇھاببىتىمگە يۈز كىلەلمەيسەن.چۈنكى سەل خاتا بولغان بىر يولنى
تاللىدىڭ.ئۆزۈڭ تاللىغان بۇ يولنى ئىككىمىزنىڭ نەچچە يىللىق مۇھابىتىمىزنى ، بىرىشكەن
ۋەدە-قەسەملىرىمىزنى چىن سۆيگۈ رىشتىمىزنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تاللىدىڭ!..

      
مەن سىنىڭ مەن ئۈچۈن ئەقىدە بىرىشىڭنى تەلەپ قىلمىساممۇ ئۆزۈڭگە بولسىمۇ يۈز كىلەلىشڭنى
ئۈمۈد قىلاتتىم..

      
تولىمۇ ئەپسۇس مەن گۈزەل كىلەچىكىمىزنى كۆزلەپ، سانسىزلىغان گۈزىل خىيال ھەم ئارزۇ -ئارمانلار ئىسكەنجىسىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئاشۇ دەقىقىلەردە سەن كەيىپ-ساپا
كوچىسىنىڭ ئىشىكلىرىنى چىكىپ ،ئۆزۈڭنىڭ ياشلىقىنى ،ھاياتىڭنى نابۇت قىلىش بىلەن ئاۋارە
ئىكەنسەن ئەمەسمۇ !..

      
شۇ كۈنى قولۇڭدا چىڭڭىدە سىقىملىۋالغان شۇ نىجىسنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىمنىڭ قانچىلىك
تىپىرلاپ كەتكىننى،دۇنيانىڭ كۆزۈمگە نەقەدەر قاراڭغۇ كۆرۈنگەنلىكىنى،بىر ئۆمۈر تەسەۋۇر
قىلىپ بولالمايسەن ئاشىقىم .
         
مەن يىغلىدىم.ياش كۆزلىرىمدىنلا ئەمەس يۈرەكلىرىمدىن ئىقىۋاتقاندەك بىلىندى.يۈرەكلىرىم
ھىلىلا چىقىپ كىتىدىغاندەك ئەنسىز تىپىرلاپ مۇجۇلۇپ ئاغرىۋاتاتتى. شۇ دەقىقىلەردە پۈتكۈل
بەدىنىم ھالسىزلانغان ، قەلبىلىرىم سىنىڭ ئىسىمىڭنى زىكىر قىلسا ، ئەقىلىم : ‹‹نىمىشقا ؟››
دىگەن مۇشۇ بىرلا سوئالنى مەندىن قايتا -قايتىلاپ سورايتى ..

  
بىراق ھەممىسى ئۆتمۈش بولدى ئەزىزىم.مەن گۈزەل كىلەچىكىمىز ئۈچۈن تۈزگەن پىلانلىرىمنىڭ
ھەر بىر ۋاراقلىرىنى يىرتىپ تاشلاۋاتقان ئاشۇ دەملەردە، سەن كەيىپ-ساپا كوچىسىدا ئۆزۈڭنىڭ
بارلىق-ئارزۇ ئارمانلىرىڭنى تەۋەككۈل خالتىسىغا سېلىپ ئەخلەتلەر ئارىسىغا تاشلىۋەتتىڭ. ھەم
پەرۋاسىزلارچە كىتىپ قالدىڭ!..

         
ئەمەليەتتە مەن ساڭا پۇرسەت بىرىشنى خالايتىم.سىنى يالغۇز تاشلاپ كەيىپ-ساپا كوچىسىنىڭ
قاراڭغۇ ، ئايىقى چىقمايدىغان كوچىلىرىغا تاشلاشنى خالىمايتىم.لىكىن سىنىڭ پەرۋاسىزلارچە
كۆزلىرىڭنى مەندىن قاچۇرۇپ تۇرۇپ: ‹‹كەچۈر گۈلۈم،ساڭا كەچۈر دىيىشتىن باشقىنى مەن
قىلالمايمەن ››دىگەن  ئاشۇ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمنى مۇجۇپ ئۆتۈپ كەتتى !..


   
           يىغلاپسەنغۇ ؟ دەمسەن ئەزىزىم ؟يەنە قانداق قىلاي ؟


سەن دىلىمغا سالغان بارلىق ئازاپلارنى ئۇنتۇپ كىتىشىم مۇمكىن.لىكىن ساڭا بولغان پاك -
غۇبارسىز سۆيگۈمنى قانداق ئۇنتاي؟دەردىڭدە ئەلەملىك تولغىنىۋاتقان قەلبىمنى يەنە نىمە
دەپ بەزلەي؟ ئىسمىڭنى زىكىر قىلىپ ئارام بەرمەيدىغان بۇ كەپسىز مۇشتۇمدەك يۈرىكىمنى
يەنە نىمە دەپ ئالداي ؟


سەن مۇشۇنداقلا كەتتىڭ ئاشىقىم.بىر جۈپ قارا كۆزلەرنى قان-قان يىغلىتىش،مۇھاببەتلىك
ئاشىق يۈرەكلەرنى پارە قىلىش بەدىلىگە يۈرۈكۈمنى ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ سۇغۇرۇپ كەتتىڭ!..


      
               قايتىپ كەل دەمسەن ئاشىقىم ؟
   
كەچۈر بارالمايمەن،سىنى ئەمدى سۆيمەيدىغان بولۇپ قالغىنىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قەلبىمنىڭ
چارچىغانلىقى ئۈچۈن بارالمايمەن. بۇنىڭدىن كىيىنمۇ سىنىڭ مەۋجۈلۇقۇڭ بىلەنلا تەسەللى تاپاي.
چۈنكى مەن ھەر بىر نەرسىدىن بىزار بولغان پەيىتلەردە سىنىڭ مەۋجۈدلۇقۇڭ ماڭا كۈچ ھەم
جاسارەت ئاتا قىلالايدۇ ..

     
ھىس قىلدىڭمۇ ؟ گەرچە ئىككىمىزنىڭ تاللىغان ھايات يولىمىز ئىككى خىل بولسىمۇ، قەلىپ
دۇنيارىمىز بىركەن. ئوتتۇرىمىزدىكى بىزنى بىردىنبىر تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان رىشتىمىز بار.
ئۇ دەل سۆيگۈ رىشتىمىزدۇر !..

مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزۈڭنى ئاسرا ئەزىزىم.گەرچە پارچىلانغان مۇھاببەتنىڭ پارچىلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلمىسەكمۇ مەۋجۈدلىقىمىز ئارقىلىق بىر-بىرىمىزگە تەسەللى بولايلى !..

                        
                      ‹‹قار گۈلى ››دىن .


         
             ئاپتۇرى : مىرادىل مەغرۇر (مەغرۇرجان)
                    مەدىنە نۇرمۇھەممەت (جىلۋە)


                  
                  2015-6-27  -كۈنى  شەنبە   
   




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-27 08:13 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YALPUZ + 100 لىرىك
musilina + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر3 ساقلاشساقلاش2 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0
شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120910
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2015-6-9
ئاخىرقى: 2015-7-4
2#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ۋاھ نىمىنداق پەيزە  بەك رومانتىك ئىكەنسىز  ، ماڭمۇ مۇشۇنداق  يوللاشنى ئۇگۇتۇپ قويىڭە.بەك پەيزە چىقىپتۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jelwa + 10 چاتاق يوق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10578
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-6-27
3#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
كۆز تەگمىسۇن

شاھزاد

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12919
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31747
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4752 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-7-4
4#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ھەر بىر قۇرلىرىدىن چوڭقۇر مۇڭ،ئېزگۈ ھېسيات تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇ لېرىكىنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم....

ئىككىڭلارغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن.....


بەك ئېسىل ،ھېسياتلىق چىقىپتۇ.....

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
magrurjan + 50 رەھمەت ھەدە
jelwa + 20 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 70   باھا خاتىرىسى

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 990
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10490
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2398 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-7-2
5#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
ئەڭ ئالدى بىلەن مەدىنە دوستۇم بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋۇجۇدقا چىقارغان بۇ ئەمگىكىمىزنىڭ مۇنبەرداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىدىن خوش بولدۇم !.
ياقتۇرۇپ كۆرگەيسىلەر !...

ئەقىلسىز دوستۇڭ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3630
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32541
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3810 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-7-4
6#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
    ئوتلۇق ھىسلار تۆكۈلۈپ تۇردىغان لىرىكىلار ، بۇنىڭغا كىرىشتۈرۈلگەن مۇڭلۇق مۇزىكا ، قۇر ئارلىقىغا قىستۇرۇلغان رەسىم ھەم بىزەكلەر بىرلىشىپ ئادەمنى خىيالى بىر دۇنياغا باشلاپ قويدىكەن ، قەلىمىڭىز توختىمىسۇن ، ھىسلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jelwa + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 583
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-7-3
7#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىلەر.....

قەلىمىڭلار ھارمىغاي....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jelwa + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....
13399037520 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
8#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 121837
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-6-23
ئاخىرقى: 2015-7-4
9#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم  ياخشى  ئەسەردەك  قىلدۇ  كىيىن  ئوقۇي.ھازىر  ۋاقىت  يەتمىگدەك.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jelwa + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 121379
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-6-24
ئاخىرقى: 2015-7-3
10#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
بىرەر ئەسەرنى ساقلىماقچى بولسا قانداق قىلسا ساقلىنىدۇ دەپ بەرگەن بولساڭلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش