|
|
|
|
كوچىدا كىشىلەر كۆپ ئىدى،لىكىن شۇ كىشىلەر ئارىسىدىن ئادەمنى ھەقىقى مۇكەممەل
ئادەمنى تاپماق شۇ قەدەر قېيىن ئىدى. ھاياتىم ئۈستىگە قويۇلغان نۇرغۇن سوئاللارغا
جاۋاپ بىرىشنى خالىمايتىم. ياق ، جاۋاپ بىرىشلا ئەمەس بەلكى ئۆزۈممۇ جاۋاپسىز ئىدىم .
قەلىپ قەسىرىمگە يۇشۇرۇلغان ئىزتىراپ ۋە ئاچچىق ھىسلىرىمنى يۇشۇرۇشقا ۋە ھاياتقا
كۈلۈپ بېقىشقا مەجبۇر ئىدىم .چۈنكى كۆيمەيدىغان ئوتنى پۈۋلەۋەرسە ئىسى كۆزىدىن ياش
چىقىراتتى،شۇنىڭدەك ئۆتمۈش بىزگە ھېچنىمنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلمەيتى، پەقەت قەلبىمدە
ئاچچىق بىر ھىس تۇيغۇ ھەم ئاچچىق بىر ئۆتمۈش مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى ...
مەن يەنىلا يىغلىمىدىم، مىلتىق بىرىپ ئۈگەتكەنلىرىم مەرگەن بولۇپ مىنى ئاتقىنىدا
يىغلىمىدىم..پەقەت لىۋىمنى چىڭڭىدە چىشلىگىنىمچە يۈرىكىمنى ئەلەم بىلەن قاماللىدىم ..
بۇ بىشىمغا چۈشكەن كۈننى ھىچكىم بىلمەيدۇ .
توۋا دەيمەن ،دەرت تارتقانغا كىشى ئۆلمەيدۇ
قاراپ مىنىڭ بۇ ھالىمغا شاد -خۇرام دىمەڭ
كۆزۈم كۈلۈپ تۇرسىمۇ قەلبىم كۈلمەيدۇ .
دىلىمدىكى بارلىق سىرلىرىمنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ھەم ئەڭ يىقىن بولغان
دوسىتلىرىمغا ئېيتىشنى خالايتىم..دوسىتلىرىمنىڭ قىيىن كۈنلەردە ياردەمدە بولۇۋاتقىنىغا ،
پاراكەندە كۆڭلۈمگە تەسەللى بىرىۋاتقىنىغا،قاراپ ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ ھاياتىم دەپ بىلىپ
كەلدىم.ھەتتاكى ئۇلار ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بارلىقىمنى بېغىشلىدىم ...بىراق دوستۇمنىڭ
مىنىڭ سىرلىرىمنى باشقىلارنىڭ كۈلكىسى ئۈچۈن ئەرمەك قىلىپ بەرگىنىنى بىلگىنىمدە
كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كەلدى،بىراق يەنە يىغلىمىدىم ئۇلارغا تاتلىققىنە كۈلۈمسىرىدىم.
چۈنكى ئۆز ئىچىمگە پاتمىغان گەپنىڭ باشقىلارنىڭ ئىچىگە تېخىمۇ پاتمايدىغانلىقىنى تولىمۇ كېچىكىپ ھىس قىلغان ئىدىم ! ..
ھەقىقى دوست دەپ سۇنساڭ قولۇڭنى
مەنمۇ سۇناتتىم قولۇمنى ساڭا
دوسىتلۇق گۈللەر ئىچىلار ئىدى
يالغان سۆزلەر قىلمىساڭ ماڭا
دىلىمدىكى دەرتلەر تىلىمدا يوق ،لەۋلىرىمدىكى كۈلكىلەر دىلىمدىمۇ يوق ئىدى .شۇ قەدەر
تىنىچ ياشىغۇم بار ئىدى، ئۆزگىنىدىنمۇ رەنجىمەي ئۆزگىنىمۇ رەنجىتمەي ياشاشنى خالايتىم.
لىكىن ھاياتتا ھەر بىر ئىشنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولمايدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى .ئۆزۈمنىڭ فۇرمىلاسىدا ئۆزگىلەرنى يىشىشنى خالىمايتىم، بەزى ئىشلارنى بىلىپ تۇرساممۇ ھىچقانداق
بىرىنىڭ يۈزىگە سالمىدىم،چۈنكى بەزى بىر كىشىلىرىمىزدا سالغۇدەك يۈزمۇ يوق ئىدى.
قەلبىمنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىدىن ئاچچىق بىر ھىسلار جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى.لىكىن مەن
يەنىلا يىغلىمىدىم چۈنكى مەن ئۆز ۋىجدانىمغا يۈز كىلىپ ياشاۋاتاتتىم .....
يۈرىمەن يەنىلا تاپالماي جاۋاپ
قويىمەن ئۆزۈمگە كۆپلىگەن سوئال
نە ئۈچۈن باشقىلار ۋىجدان بابىغا
بارالماي بىر ئۆمۈر ئۆتەرمۇ زاۋال
كىچە ئاسمىنى ئايغا خىتاپ قىلاتتىم، ھەر بىر چاقنىغان يولتۇزلارغا قارىغىنىمدا تاتلىق
ھىس تۇيغۇلارغا چۈمەتتىم،جىق ئويلىماي بەك كىرىشىۋالماي شۇنداق بىر ئازادە
ياشاشنى ئۈمۈد قىلاتتىم..ئاي نۇرىنىڭ نۇرلۇق سايىسىگە قاراپ كۆزلىرىمدىن چىقىپ
كىتەيلا دىگەن ياش تامچىلىرىنى يۇمران بارماقلىرىم بىلەن سۈرتىۋىتەتتىم،چۈنكى
بۇ بىر تامچە ياشنىڭ مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىشىنى خالىمايتىم، مىنى كىملا يىغلاتقان بولسۇن
ئاي ھەم قوياشنىمۇ ئۆزى بىلەن تەڭ ئېلىپ كىتەلمەيتى ! .
مەن يىغلىمىدىم ، چۈنكى مەن دۇنيادىكى ھەممىلا نەرسىلەردىن پۈتۈنلەي مەھرۇم
بولمىغان ئىدىم ! ..
ئاي نۇرى توختىدى دىرىزە تۈۋىگە
گەپ قىلدىم بىپەرۋا شۇنچە ئازاپسىز
ئاي نۇرى دىدى ھەم ماڭا بىر بېقىپ
ۋىجدانلىق ياشاۋەر ، يىغلىما ھەرگىز
باھارنىڭ سىم -سىم يامغۇرلىرىدا قوللىرىمنى ئاچقىنىمچە ئەتراپقا بۆلەكچە زوقمەنلىك بىلەن
قارايتىم. باھارنىڭ سىم -سىم يامغۇرلىرى بارماقلىرىم ئارىسىدىن سىرغىپ چۈشۈۋاتاتتى .
مەرۋايىتتەك يامغۇر تامچىلىرىغا قارىغىنىمچە بۆلەكچىلا زوقلىناتتىم،باشقىلارنىڭ : ھەي ،
قىز ، سوغۇقتا بۇنداق يۈرگىنىڭىز نىمىسى ،كىلىڭ بۇ كۈنلۈككە كىرىۋىلىڭ ›› دىگەن
سۆزلىرىگىمۇ ئانچە پەرۋا قېلىپ كەتمىدىم..چۈنكى ۋاقىتلىق كۈنلۈكتە پاناھلىنىشنى
خالىمايتىم، ۋاقىتلىق نەرسە ھامان ھەممىنى چاندۇرۇپ قوياتتى.ئەتراپتىكى ئادەملەر
مەن توغۇرلۇق نىمىلەرنىدۇر دىيىشىۋاتاتتى.بىراق ئۇلارنىڭ ھىچ بىر گىپى قۇلىقىمغا كىرمىدى.
پەقەت قەدەملىرىمنى ئاستا ئالغىنىمچە داۋاملىق ئالدىمغا قاراپ ماڭماقتا ئىدىم .
مەن پەقەت يىغلىمىدىم ! ، باشقىلار كەينىمدىن نىمىلەرنى دىمىگەن بولمىسۇن مەن يەنىلا
يىغلىمىدىم ، چۈنكى مەن ئۆزۈمگە يۈز كىلەلىگۈدەك ھالدا مەيدەمنى كىرىپ ياشاۋاتاتتىم ...
يىغلاۋەرسەم ئۆتمۈشۈم ئۈچۈن
قىزىل گۈللەر ئىچىلارمۇ يار
شىئىر يازسام بەلكىم ئۆلگىچە
كىرپىكىمدە ئىچىلار باھار
كۆڭلۈم شۇ قەدەر يېرىم ئىدى، ئەتراپىمغا زەن سېلىپ قارىدىم . سىرتتىن قارىسام ھەممىلا
ئەتراپ شۇنداق تىنىچ ھەم خاتىرجەمدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ھەر بىر دېرىزە ئىچىدە بىردىن
ھېكايە بار ئىدى ، كۆز ئالدىمدىكى ئىككى ئەتراپى بۈككىدە باراقسانلىققا تولغان
چىغىر يولغا قاراپ قەدىمىمنى ئالدىم ، دەرەختىكى چۈشۈۋاتقان ھەر بىر غازاڭ يوپۇرماقلىرىنىڭ
ئاۋازى خۇددى مىنىڭ قەلبىمنىڭ تىۋىشلىرىگىلا ئوخشايتى . ھەر بىر غازاڭ يوپۇرماقلىرىنى
كۈچەپ دەسسەپ ئۆتۈۋاتاتتىم ، مىنىڭ قەلبىممۇ دەل مۇشۇ غازاڭ يوپۇرماقلىرىنىڭ نالىسىدەك
ئېچىنىشلىق ئىدى ! . قەدەملىرىمنى تىزلا توختاتتىم . يەر ھامان بىر كۈنى بىزنى يەيدۇ ،
شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭ ئىسمى يەر ، گەرچە بۈگۈن مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تۇرساممۇ
ئۇ مىنىڭ ئەمەس ، بەلكى مەن ئۇنىڭ ، شۇنداق ، بۇ بىر ئۆتنە ئالەم ئىدى ، دۇنيادىكى
ھىچقانداق بىر ئىش جاۋاپسىز ھەم سوراقسىز قالمايتى ..
مەن يىغلىمىدىم ، چۈنكى ھىچقانداق بىر ئىش مىنىڭ بۇ قەدەر ئاجىزلىشىپ كىتىشىمگە
سەۋەپچى بولالمايتى ..
ياشلىق گۈلنى ئاسىرىغىن سۇندۇرمىغىن
غۇرۇرۇڭنى پاك تۇتقىن ، بولغىمىغىن
باشقىلارغا ئالدىراپلا ئازار بىرىپ
ئاقىۋەت پەرياد چىكىپ قايغۇرمىغىن
ھاياتلىقنى، شىرىن ئۇيقۇ باغرىغا باسقان جىمجىت كىچىلەردىمۇ ، مەن يەنىلا ئۇلار ئۈچۈن ئويغاق
ئىدىم . مىھىر بىلەن قول ئۇزاتقىنىمدا مەسخىرە ئارىلاش كۈلگەن دۇنيادىن نەپرەتلىنەتتىم .
نازۇك بارماقلىرىمنى يۈرىكىمگە قويدۇم ، يۈرەكلىرىم سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەكلا، خۇددى
ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزگەندەكلا، ئاچچىق بىر تۇيغۇ ئىچ-ئىچىمنى چىرمىۋالدى .
كەينى -كەينىدىن ئازار يىگەن يۈرەكلەرنىڭ ئەمدى بۇرۇنقىدەك سوقمايدىغانلىقىنى ھىس
قىلىۋاتاتتىم،.ھىچكىمگە كۆزۈم كۆرگىنىدىنمۇ ئارتۇق ئىشەنمەسلىكنى بارا-بارا چۈشەندىم.
چۈنكى ئاق گۈلنىڭ سايىسىمۇ قارا رەڭدە بولاتتى ...
مەن يىغلىمىدىم ، چۈنكى ئۇلار ماڭا كۆز ياشلىرىمنىڭ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى
بىلدۈرگەن ھەم قەلبىمگە ئۆچمەس داغلارنى قالدۇرغانلار ئىدى !..
دەرتلەرنى ئىچىمدە يۈتۈپ يۈرىمەن
تۈگىمەس غەملەردە خىيال سۈرىمەن
ھەقىقى دەردىمنى ئۆزۈم بىلىمەن
چاندۇرماي يەنىلا كۈلۈپ يۈرىمەن
گۈلنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتىم . گۈلنىڭ ھەر بىر تال ياپراقلىرى ماڭا ئۆتۈۋاتقان
كۈنلىرىمدىن دىرەك بىرەتتى.دەرۋەقە ئىنسان ھاياتى دەل شۇ گۈلگە ئوخشايتى. تىكەن
گۈلگە ھىچقانداق ئىنسان ئاسانلىقچە قىززىقمايتى ، ئەتىرگۈل ھەم رەڭدار ئېچىلغان گۈللەرگە
بولسا ھەرقانداق ئىنسان قىززىقاتتى،ئۇنى ئۈزۈۋىلىشقا ئالدىرايتى، ئەتىرگۈلنىڭ قەدىرىنى
بىلىدىغان ئىنسان ئۇنى تەشتەككە سېلىپ سۇ قۇيۇپ پەرۋىش قىلسا قەدىرىنى بىلمەيدىغان
نادان ئىنسان ئۇنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلاتتى . دىمەك ھاياتتىكى ئەڭ موھىم نەرسە دەل
تاللاش ئىدى.ھەر بىر قېتىم ھاياتتىن ئۈمۈدسىزلەنگىنىمدە ئەتىرگۈلنى قولۇمغا ئېلىپ
مىھىرىم بىلەن پۇرايتىم ، كىپىنەكلەرمۇ دىرىزە تەكچىسىدىكى گۈل تەشتىكى يېنىغا كىلىپ
گۈلگە قونغىنىچە ھاياتقا بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇراتتى. ھەسەل ھەرىلىرى بولسا گۈلنىڭ
شىرىنىسىنى يىغىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىزارلىق تۇيغۇسىنى كەلتۈرەتتى. ھاياتىمدىكى
بەزى ئىنسانلارنى دەل ھەرىگە ئوخشىتىشقا بولاتتى ، ئۇلار نۇرغۇن رەززىللىكلەر ئارقىلىق
ئەتىرگۈللەرنىڭ ياپرىقى بەدىلىگە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيىنى ماڭا تەڭلەيتى ..
بىراق مەن باشقىلارغا ئازار بىرىپ قويۇشنى خالىمايتىم ، لىكىن دائىم ئالدىناتتىم ، گەرچە
يالغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ بىرەرى راسىت چىقىپ قالار دىگەن ئۈمۈد بىلەن داۋاملىق
ئالدىنىپ كەلگەن ئىدىم ..
مەن يىغلىمىدىم ، چۈنكى ھەرە مەيلى قانچىلىك چاقسۇن ،ئۇ ھامان بىر كۈنى قاسساپنىڭ
پىچىقىنىڭ بىسىدا ئۆلەتتى ...
دوستۇم ئاۋايلا ، پۇتلىشىپ كەتمە
بوپتۇ كەچۈردۈم ، ھەسرەتلەر چەكمە
دۈشمەنگە ئالدىنىپ دوستۇڭدىن كەچمە
بۇ سۆزۈم ساڭىلا بولسۇن ئەسلىمە
باھارنىڭ سالقىن ھەم ئىللىق ھاۋاسىدىن ھوزۇرلىىۋاتاتتىم ، قەلبىمنىڭ قانداقتۇر بىر
يەرلىرى يەنىلا ئاچچىق ئېيتىشىۋاتاتتى ، توغرا مەن ئىلگىرى ئاچچىق يىيىشنى ياخشى
كۆرەتتىم لىكىن مەن ئىشەنىچ قىلغان ئەقىدە قىلغان ئادەملىرىمنىڭ ، مىنى ئاچچىقنى
ياخشى كۆرىدۇ دەپلا قەلبىمنى بۇ قەدەر ئاچچىقلىققا تولدۇرىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم .
قەدەملىرىم يەنە تۇيۇقىسىزلا بوشىشىپ قالدى ، ئۆزۈمنىڭ سىرداس دوستۇم بولغان
كۈچۈكۈمنى ئەركىلەتكىنىچە دائىم كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا كىلىدىغان كونا جايغا
كەلدىم .
دەرۋەقە بىر جۈپ ئىلەڭگۈچ بوش تۇراتتى ،قوللىرىم تىتىرىگەن پۇتلىرىم بوشاشقان
ھالدا ئىلەڭگۈچكە كىلىپ ئولتۇردۇم . ئىلەڭگۈچ يەڭگىل تەۋرەۋاتاتتى ، ئىلەڭگۈچنىڭ
تەۋرىشىگە ئەگىشىپ ئۆتمۈش كۆز ئالدىمدىن بىرمۇ -بىر ۋاراقلىنىۋاتاتتى . خۇددى كەينىمدە
بىرى قاراپ تۇرغاندەكلا ئىلەڭگۈچنى تىزلا توختىتىپ ئەتراپىمغا بۇرۇلۇپ قارىدىم .
ياق ، ياق ، بۇ خىلۋەت باغچىدا مەن ۋە باشقىلار بار ئىدى . ئىلگىرى بىز دائىم
كىلىپ ئولتۇرىدىغان شۇ ئورۇندۇق ئەمدى باشقىلارنىڭ بولغان ئىدى . كۆز چاناقلىرىمغا
يەنە بىر قېتىم ياش كەلدى ، كۈچۈكۈم قۇيرۇقلىرىنى شىپاڭشىتقىنىچە پۇتلىرىمغا سۈركۈلۈپ
قايغۇمغا ئورتاق بولۇۋاتاتتى ، مۇشۇ دەقىقىلەردە ماڭا مۇشۇ قەدەر كۆڭۈل ئاغرىقىنى
ئاتا قىلغان شۇ ئىنسانلارنى مۇشۇ ئۇماق كۈچۈكۈم بىلەن سېلىشتۇرماقتا ئىدىم . ئەسلى
بەزى ئىنسانلىرىمىز دەل مۇشۇ كۈچۈكلەردىن ساداقەتنىڭ نىمىلىكىنى ئۈگىنىشى
كىرەكلىكىنى ئويلاۋاتاتتىم .......
مەن يەنە يىغلىمىدىم ، چۈنكى بۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتكەن كۈنلەرگە ئوخشاشلا ئۆتۈپ
كىتىدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى ! ..
كۆڭلۈمنى قاپلىدى چەكسىز خىياللار
نىمىشقا سۆيگۈ دەپ چىكىمىز ئازاپ
بارمىدى ھەقىقى سۆيگۈ-مۇھاببەت
يۈرىمەن يەنىلا تاپالماي جاۋاپ
بىرىنىڭ كەينىمدىن پىچاق سېلىشىدىن قورقمايتىم ئەڭ قورقىدىغىنىم ، كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىغاندا ماڭا پىچاق سالماقچى بولغان كىشىنىڭ مەن ئەقىدە قىلغان بارلىقىمنى ئاتا قىلغان كىشى بولۇپ قىلىشى ئىدى ، مىنىڭچە كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەدىرلەش ۋە ئاسراشنى ھەقىقى مىھىر -مۇھاببەتنى ، ئىنسانى قەدىر -قىممەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن ۋاقىتتا نۇرغۇن
كىشىلەر نۇرغۇن نەرسىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ،چۈنكى سەبىرنىڭ چىكى پەقەت
غۇرۇر كۆتۈرگىچىلا بولىدۇ ..
مەن يەنە يىغلىمىدىم ، چۈنكى ھايات ماڭا ھەر بىر ئىشلارغا كۈلۈپ قاراشنى ھەقىقى
قەدىر -قىممىتىم ھەم ۋىجدانىم بىلەن ياشاشنى ئۈگەتتى...
ئويلىنىپ باقتىڭمۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى
كىملەردۇر سەن ئۈچۈن تۈنگەن تۈنلەرنى
بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ياشايمەن دىمە
كۆرمەيسەن بىر ئۆمۈر شىرىن چۈشلەرنى
ئەتراپىم جىمجىت ، گويا ھاياتىمد ئۆزۈم يالغۇزلا قالغاندەك مەيىن چىقىۋاتقان شامال ماڭا
تەسەللى بىرىۋاتقاندەك قۇشلار يىقىملىق سايرىشىپ ماڭا ئۈمۈد ئىشەنىچ بېغىشلىغاندەك
بىلىنىۋاتاتتى . خاتىرەمنى بەتلىرىنى ئاستا ياپقىنىمچە دىرىزە تۈۋىگە كەلدىم.. يەنە
يىڭى بىر كۈن باشلانغان ئىدى . ھايات مەنزىلىمدە قانداق ئىشلار مىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ بۇنى
بىلمەيتىم ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايتىم . پەقەت بىلىدىغىنىم ھايات قايغۇ ھەم ئازاپتىنلا
دىرەك بەرمەيدۇ . ھاياتتا دۇرۇس قەدەم بىلەنلا ياشايدىكەنمىز ئاتلىغىنى بولمايدىغان
تاغ ، كەزگىلى بولمايدىغان دەريا يوق ھەممىسى پەقەت جاسارەتكىلا باغلىق .
مەن يىغلىمىدىم ھەم يىغلىمايمەن ، چۈنكى ھامان بىر كۈنى كەينى -كەينىلەپ تەبرىك
كارتىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋالدىغان ، ئۆتمۈشۈمنىڭ ۋاراقلىرىنى ھەر بىر ۋاراقلىغىنىمدا
مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەيدىغان كۈنلىرىم كىلىدۇ ! ..
راسىت دەۋاتىمەن ، مەن راستىنلا يىغلىمىدىم .....
يۈرۈكۈم ئۆركەشلەپ ئاققان بىر دەريا
تۇرىمەن قىرغاقتا موڭلىنىپ تەنھا
ئىستىقبال كۆرىكىم پۈتمەي تۇرۇپلا
خالىماس بۇ كۆڭلۈم ئارتۇقچە ھەمراھ
‹‹ خاتىرەمدىن ››
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-17 04:01 PM
|
|
|
|
|
|