مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2554|ئىنكاس: 32

تىترەۋاتقان مىنىڭ يۈرۈكۈم (جىلۋە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1819
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4898
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 929 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 08:43:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىلدىرلىسا ، ياپراقلار ئۈنسىز .
شامالدىنغۇ ئويلارسەن بەلكىم
تەۋرەنمەيدۇ ئەقىدەم مەڭگۈ
تىترەۋاتقان مىنىڭ يۈرىكىم



تۆكۈلگەندە  سارغۇچ يوپۇرماق
پەرۋا قىلماي ئۆتەرسەن بەلكىم
سۇغا تەشنا تۇرغان بىلىقتەك
ساقلاۋاتقان مىنىڭ يۈرىكىم



چىكىلگەندە خىلۋەت دىرىزەڭ
خىيالىمغۇ ئويلايسەن بەلكىم
يىراق يەردە ، ئۈمۈتكە تولۇپ
كۈتۈۋاتقان مىنىڭ يۈرىكىم



شامال سۆيۈپ يۈزۈڭنى ئۆتسە
يامغۇرلارنى ئويلارسەن بەلكىم
يامغۇر كەبى ئەگىپ يىنىڭدىن
ئىزدەۋاتقان مىنىڭ يۈرىكىم



قاراڭغۇغا تولغان  كىچىدە
شام بولسىچۇ ئويلارسەن بەلكىم
يىراق جايدا مەشئەلدەك چاقناپ
كۆيۈۋاتقان مىنىڭ يۈرىكىم



دەرەخلەرگە ئوت كەتتى دىسە
ھەيرانلىقتا بولما پەرىشان
شۇ بىچارە قاخشال دەرەختەك
كۈيۈۋاتقان مىنىڭ يۈرىكىم




تارتقىنىڭدا ھىجران ئازابى
ھەمرا بولسۇن ساڭا تەسەللى
يىراق جايدا ئىغىر قەدەمدە
كىلىۋاتقان مىنىڭ يۈرىكىم



ھايات ئۆتۈپ ئەجىلىم كەلسە
تومۇرۇمدا توختىسا قىنىم
ئىلاھ سۈپەت بىلىپ سىنىلا
سۆيۈۋاتقان مىنىڭ يۈرىكىم



كۆزلىرىمگە تولغاندا ياشلار
تىلەپ قالاي ساڭا بەخىتنى
بىراق ئازراق ساختا بولسىمۇ
كۈلۈۋاتقان مىنىڭ يۈرىكىم




مەنبەسى : مەدىنە
ئۆزۈم ....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-17 09:07 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 09:46:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز ئۇماق قىز ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن . مانا  تۇنجى بولۇپ ئوقىۋاپتىمەن .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

بۇ بەخىت شۇ قەدەر سۆيۈملۈك !!!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5886
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2849 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 09:50:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شېئىرىڭىز بەك  يېقىشلىق  چىقىپتۇ ئوماق قىز ، سىزگە چەكسىز بەخىت تىلەيمەن .

192709mmmdwdm7z7mmk77j.gif


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-18 01:49 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102263
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2014-1-14
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 09:50:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف  ئاخىرى ئەزا بۇلۇپ كىرىۋالدىم   

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:03:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ھىكايىلا ﻳﺎﺯﻣﺎﻱ ﻣﯘﻧﺪﺍ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺳﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻐﯘ . ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ .

ھە راس ، سىز ئەدەبىياتچىما ؟ ياكى غەيۋەتچىمۇ ؟!

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4012
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:07:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەيدىغىنىم جاھاننىڭ مۇرادى ئۇزاق، مەكتەپ پۈتتۈگۈچە چىدىغىلى بوممايدۇ؟،، ئەگەر ئىلھام كەلگەندە ئېتىلغان بۇلاق بولسا،، مەن ئەمەلگە ئاشمىغان ھىسياتنى داغ دەپ قارايمەن، شۇنداق داغ،   مۇددا ھەم گۈزەل بولسۇ ن           ( ھى  ھى چاخچاق) "  ياخشى يېزىپ سىز تىرشىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102263
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2014-1-14
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:14:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىنكاس يازسام نېمىشقا يوللانمايدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99858
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 903
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:37:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى چىقىپتۇ    ھارمىغايسىز

ئەي مۇئەللىم ،ئا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 723
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12396
تۆھپە نۇمۇرى: 416
توردا: 2077 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 10:43:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل ئادەمگە زوق بىرىدىغان   شىئېركەن  ...........

تۇرمۇش بىر ئېغىر ھارۋا سەنكى  ئىشەك كەبى ، سۆرەيمەن سىنى مىڭبىر مۇشەقەتتە . يەلكەمنى باسساڭمۇ گەر يېغىر قىلىپ ، باقىمەن ساڭا يەنە مۇھەببەتتە .............. ئېھ مىسرانىم !  مىنىڭ  ساڭا بولغان مۇھەببىتىم  جۇڭگۇلۇقلاردەك كۆپ ...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32142
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 11:05:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس،
  ئاۋاز چىقمىسا خەخلەر تىڭشىماس.
  مۇھەببەت ئوتى تۇتاشقان چاغدا،
  تىترىگەن يۈرەك ھەرگىز توختىماس.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش