ئابدۇشۈكۈر قاسىم
قويمىچى
(ساتىرا)
شۇنچە كەڭرى جاھاندىن مېنى تاپقان قويمىچى،
ئابرۇيىنى،ۋىجداننى پۇلغا ساتقان قويمىچى،
چوڭ گەپ قىلىپ ئويالماي لاپنى ئاتقان قويمىچى،
بىر چىن سۆزگە مىڭ يالغان سۆزنى قاتقان قويمىچى،
خۇيى-پەيلى شەيتاننى ئۆزىگە تارتقان قويمىچى.
ھەل قىلماستىن ئىشىمنى ماڭدۇرساڭمۇ بىر يىل ساق،
تەلىپىڭگە خوپ دىدىم نېمە دېسەڭ دېمەي ياق،
نەگە ماڭساڭ تەل قىلدىم ساڭا قاتناش مەن ياياق،
نەزىرىڭدە سېنىڭكى بولدۇم دائىم مەن ئاخماق،
مېنى شۇنداق كۆزىگە خوپ قاراتقان قويمىچى.
شۇنداقتىمۇ سەن مېنىڭ ھەل قىلماستىن ئىشىمنى،
ھەر قېتىمدا پۇتۇمغا قويىۋەردىڭ قىشىڭنى،
مەنچۇ ساڭا پۇل بېرىپ كۆتۈرەلمىدىم بېشىمنى،
سەنچۇ مەغرۇر غادىيىپ قىلىۋەردىڭ ئىشىڭنى،
يۈز-كۆزىگە تېرىنى قات-قات قاتقان قويمىچى.
بىلەلمىدىم ئىشىمغا يەنە بىر يىل كېتەرمۇ،
يالغان-ياۋداق سۆزلىرىڭ يەنە يىلغا يېتەرمۇ،
مەنغۇ سېنى تونۇدۇم(خەقمۇ پەرق ئېتەرمۇ)،
(ساڭا ئاخماق بولغانلار نەچچە يۈزگە يېتەرغۇ)،
مېنى كۆرسە چاشقاندەك بەدەر قاچقان قويمىچى.
بولدى قىلاي ئىشىمنى سەنمۇ مەندىن قاچمىغىن،
غورۇرىڭنى،ۋىجداننى يەنە پۇلغا ساتمىغىن،
ۋاپا قىلىپ ۋەدەڭگە چىن ئىنساندەك ياشىغىن،
تىرىك تۇرۇپ جاھاندا گۆر ئازابى تارتمىغىن،
ئۆزگىلەرنى،ئۆزىنى زار قاقشاتقان قويمىچى.
ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.قاسىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-26 11:08 AM