ئابدۇشۈكۈر قاسىم
ئانا بولۇپ قەدرىڭىزگە يەتتىم ئانىجان
(ئانا بولغان بىر قىز تىلىدىن)
غەمسىز ئىدىم،كەپسىز ئىدىم،ياشلىق چېغىمدا،
ئانا بولۇپ قەدرىڭىزگە يەتتىم ئانىجان.
سىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن دەيتىم ئېڭىمدا،
ئانا بولۇپ قەدرىڭىزگە يەتتىم ئانىجان.
كېچە-كۈندۈز دائىم مېنىڭ غېمىم يەيتىڭىز،
مەن بارىمدا يايراڭ بالام، كۈلۈڭ دەيتىڭىز،
ئويناپ،كۈلۈپ يۈرۈپتىمەن جاپا چەكسىڭىز،
ئانا بولۇپ قەدرىڭىزگە يەتتىم ئانىجان.
ئانا بولدۇم مانا مەنمۇ ھەش-پەش دېگۈچە،
كۇر مىڭ جاپا تارتتىم بالام بىرگە كىرگۈچە،
يەنە قانداق كۈن كۆرەرمەن ئۇ يېتىلگۈچە،
ئانا بولۇپ قەدرىڭىزگە يەتتىم ئانىجان.
ئانا سىزنىڭ قەدرىڭىزنى ئەمدى چۈشەندىم،
دانالارنىڭ سۆزلىرىگە يەتتىم، ئىشەندىم،
قەدىرلەشكە سىزنى مەڭگۈ تاشتى ئىشەنجىم،
ئانا بولۇپ قەدرىڭىزگە يەتتىم ئانىجان.
ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.قاسىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 09:34 AM