ئابدۇشۈكۈر قاسىم
ھەۋەس قىلىپ مەنسەپنڭ كوچىسغا كىرمەڭلار
(ساتىرا)
يۈرسە خەقلەر خوش-خوش دەپ ئەمەلدارلار كەينىدە،
ھەۋەس قىلىپ مەنسەپنڭ كوچىسغا كىرمەڭلار.
بىللە بولۇپ بىرەر كۈن ئۇلار بىلەن سەيلىدە،
ھەۋەس قىلىپ مەنسەپنڭ كوچىسغا كىرمەڭلار.
ئەمەلدارلار ئەسلىدە ھەق يولىنى تۇتقانلار،
توغرا يولدا ماڭىدۇ مەنىسىنى ئۇققانلار،
بۇلاردىمۇ يوق ئەمەس «پۇل كىسىلى» يۇققانلار،
ھەۋەس قىلىپ مەنسەپنڭ كوچىسغا كىرمەڭلار.
مەنسەپ تۇتۇپ شۇنداقلار ئۆز يېننى توملايدۇ،
تېپىۋالسا ئەخمەقنى ھەر ئاماللاپ كوملايدۇ.
يىسەم دەيدۇ ھەرقاچان نەپسى پەقەت تويمايدۇ
ھەۋەس قىلىپ مەنسەپنڭ كوچىسغا كىرمەڭلار.
خەقنىڭ رىسقى ئەزەلدىن ھېچكىشىگە سىڭمايدۇ،
قارا كۆڭۈل ئىنسانلا خەق رىسقىدىن قورقمايدۇ،
ئۇنداقلارنى ئاقىۋەت قانۇنمۇ بوش قويمايدۇ،
ھەۋەس قىلىپ مەنسەپنڭ كوچىسغا كىرمەڭلار.
ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۆتتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-26 12:18 AM