جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان باھار بايرىمى شاتلىقىغا چۆمۈلىۋاتقان،15-قىتىملىق خەلقئارالىق ئاناتىل كۈنى قۇتلۇقلىنىۋاتقان مۇشۇنداق خەيرلىك دەملەردە دىيارىمىز قەشقەردە يەنە بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى .
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتە دىيارىمىزدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى يېنىدا ،قەشقەردىكى ئوت يۈرەك ياش مىرادىل ئەپەندىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن قەشقەردىكى تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان پۇقراۋى ھەقسىز كۈتۈپخانىسى بولغان‹‹مېھران كۈتۈپخانىسى››غا ھەقسىز كىتاب سوۋغا قىلىش،ئاناتىل كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بېرىلدى .
پائالىيەتكە قەشقەردىكى ھەرساھە كىشىلىرىدىن بولۇپ يۈزنەچچىگە يىقىن كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ قەشقەردە روياپقا چىقىرىلغان ،تۇنجى ھەقسىز كۇتۇپخانىنىڭ قۇرۇلغىنىنى قۇتلۇقلاشتى ،يېڭى يىلدا ،يېڭىچە كەيپىيات بىلەن باشلانغان ،بۇ ئىشنىڭ خەيرلىك داۋام ئىتىشىنى تىلەشتى ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېتىپ كەلگەن 15-قىتىملىق خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنىنى مۇبارەكلەشتى ،قىسقىغىنە بىر نەچچە سائەت ئىچىدە قەشقەردىكى ئىلىمخۇمار ،كىتابخۇمار كىشىلىرىمىز 2015-يىلى كىتاب ئوقۇش يىلى تەشەببۇسىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ ‹‹مېھران كۈتۈپخانىسى››غا بەش يۈزگە يېقىن ھەرخىل تۈردىكى كىتابلارنى ھەدىيە قىلدى ،كىتاب ئىلىپ كېلەلمىگەنلەر نەق پۇل ئارقىلىق ئۆزكۆڭلىنى بىلدۈردى ،ھەم بۇندىن كېيىن كۈتۈپخانىنى داۋاملىق ھەقسىز كىتابلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
پائالىيەت داڭلىق خەتتات ،شائىر غولامجان قادىر قۇتبىلىگ ئاكىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ناھايىتى قىزغىن داۋاملاشتى .
ئالدى بىلەن پېشقەدەم يازغۇچى ،شائىر قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىنىڭ پىنسىيونىرى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكا سۆز قىلىپ ئالدى بىلەن يېتىپ كەلگەن ئاناتىل كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى،ئاناتىل كۈنىنىڭ ئەھمىيىتى ،كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بولغان رولى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك يۈرەك سۆزلىرىنى ئىيتىپ ئۆتتى.‹‹مېھران كۈتۈپخانىسى››نىڭ قۇرۇلغىنىنىڭ ئىنتايىن بىر ياخشى باشلىنىش بولغانلىقىنى قەشقەردىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ،ئۆزىنىڭ ‹‹مېھران كۈتۈپخانىسى››غا يىقىندىن نەشىردىن چىققان بىر يۈرۈش كىتابلىرىنى ھەدىيە قىلىدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئۆتتى .
ئارقىدىن ساخاۋەتچى سودىگەر ،قەشقەر ئىسكەندەر قايماقلىق ماروژنىخانىسىنىڭ خوجايىنى تۇرسۇنجان ئەپەندى سۆز قىلىپ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ،كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيلەشتىكى رولى توغرىسىدا ئىنتايىن مەنىلىك ،پەندى-نەسىھەتلەرنى قىلدى ،تۇرسۇنجان ئەپەندى سۆزىدە ئەگەر بىر ئائىلىدە كىتاب بولسا شۇ ئائىلە كىشىلىرىنى تەربىيلەشتە رولى چوڭ ئىكەنلىكىنى ،ئەگەر شۇ كىتاب كۈتۈپخانىدا بولسا جەمىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەربىيلەشتە رولى بولىدىغانلىقىنى ،شۇڭا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۈتۈپخانا ئىچىشنىڭ مۇھىملىقىنى ،بولۇپمۇ قەشقەردەك ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان يۇرتتا كۈتۈپخانا ئىچىشنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى ،بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر باشلىنىش بولۇپ قەشقەر جەمئىيىتىگە يېڭىچە بىر تۈس قوشقانلىقىنى ئېيىتىپ ئۆتتى ،تۇرسۇنجان ئەپەندى شۇمۇناسىۋەت بىلەن ئۆزى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ ساقلىغان بەش مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كىتابىنى ‹‹مېھران كۈتۈپخانىسى››غا ھەدىيە قىلدى .
ئۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك ئارتىس مەمتىمىن ئەمەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن سورۇننى لەرزىگە كەلتۈرۈپ پائالىيەت قىزغىنلىقىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرىغا كۆتۈردى .
ئارقىدىن قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىدىن ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت سۆزگە چىقىپ ئۆزىنىڭ بۇ سورۇنغا تەييارلىقسىزلا كېلىپ قالغانلىقىنى ،لېكىن باياتىنقى پاراڭلاردىن مەمتىمىن ئەمەت ئەپەندىنىڭ ناخشىلىرىدىن ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە ئۆزىنىڭ بىر نەچچە ئىغىز سۆز قىلىپ قويغۇسى بارلىقىنى ،ئۆزىنىڭ مۇشۇ كۈتۈپخانا بىزىلىشىدىن تارتىپ ،تا كىتاب سىتىۋىلىشقىچە مىرادىل ئەپەندى بىلەن ھەمدەمدە بولغانلىقىنى بۇ جەرياندا مىرادىل ئەپەندىنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ،ئاناتىل –يىزىقىمىزدىكى مۇشۇنداق سورۇننىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولغانلىقىنى ئىيتىپ ئاخىرىدا مىرادىل ئەپەندىگە ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆز نامىدىن ھەرخىل ژانىردىكى 50پارچە كىتاب ھەدىيە قىلدى .
ئارقىدىن غولامجان قادىر قۇتبىلىگ ئەپەندى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ سابىق باشلىقى ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى .
ئابلىز ئۆمەر ئەپەندى سۆزىدە مىرئادىل ئەپەندىنىڭ ئالى مەكتەپنى يېڭىلا پۈتتۈرۈپ سودا ساھەسىگە ئەمدىلا قەدەم قويغان بولسىمۇ ،لېكىن يۈرىكىدە ئىلىمگە ،مەرىپەتكە،كىتاپقا بولغان ئوتتەك تەلپۈنىشى كۈچلۈك بولغاچقا ،قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىنىڭ يېنىغا بۇ ئىلىم تارقىتىدىغان بەرىكەتلىك ئورۇننى قۇرغانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈنگەنلىكىنى ،مىرئادىل ئەپەندىنىڭ دەسلەپكى ئاددى باشلىنىشتىن مۇرەككەپلىككىچە بولغان جەريانلاردا زور ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى ،قەشقەردە نۇرغۇن بايلار ،ھەتتا كىلولاپ ئالتۇن ساقلايدىغان زەردارلارنىڭمۇ قىلالمىغان ئىشنى بۇ ئوت يۈرەك ئوغلاننىڭ روياپقا چىقارغانلىقىنى ،قەشقەردىكى ئىلىم سۆيەرلەرنىڭ ،كەڭ كىتابخۇمارلارنىڭ بۇ كۈتۈپخانىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ قويۇشىنى ،ئۆزى ،ھەم بالىلىرى كىرىپ كىتاب كۆرۈپ كېتىشىنى ،ئارتۇق ئوقۇپ بولغان كىتابلارنى بۇ كۈتۈپخانىغا ھەدىيە قىلىپ 2015-يىلى كىتاب ئوقۇش يىلىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇپ مۇشۇ يېڭى يۈزلىنىشنىڭ توختاپ قالماي يەنىمۇ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ بىر كىشلىك كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئاخىرىدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىنىڭمۇ كۇتۇپخانىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ئاخىرىدا ‹‹مېھران كۈتۈپخانىسى››نىڭ قۇرغۇچىسى ئوت يۈرەك ياش مىرادىل ئەپەندى سۆز قىلىپ ،‹‹مېھران كۈتۈپخانىسى ››قۇرۇشقا دەسلەپكى قەدەمدە يۈزمىڭ يۈەن مەبلەغ سىلىپ 65كىۋادىرات مېتىر كۆلەمگە ئىگە 1500پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى كىتابلارنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغانلىقى بۇندىن كېيىن خەلقنىڭ قوللىشى ،مەدىتى بىلەن تېخىمۇ چوڭ ،تېخىمۇ مۇكەممەل كۈتۈپخانا قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ قوللىشىنىڭ ئىتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى مۇشۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ كۈتۈپخانىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ،مۇشۇ كۈتۈپخانا قۇرۇش مۇساپىسىدە ئۆزىنى ھەرجەھەتتىن قوللىغان پارتىيە –ھۆكۈمەتكە ،جۈملىدىن قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىغا ئالاھىدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئاخىرىدا بۈگۈنكى كىتاب سوۋغا قىلىش ،ئاناتىل كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيتىگە قاتناشقان بارلىق ئەزىزلەرگە چىن دىلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،مىرادىل ئەپەندىنىڭ سۆزىنىڭ تۈگىشىگە مىسرانىم مۇنبىرى ئەزاسى، يىتىلىۋاتقان ياش ئەدەبىيات ھەۋەسكارى شائىرىمىز ئابدۇخېلىل قۇتتىكىن ئۆزىنىڭ يازغان شېئرىنى ‹‹مېھران كۈتۈپخانىسى››غا ھەدىيە قىلدى .
شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ شىئىرىنى جانلىق دىكلاماتسىيە قىلىشى بىلەن بۇ خاسىيەتلىك پائالىيىتىمىز ئاخىرلاشتى.