<< ئەتلەس لىنتا>>دىن مېھىرتاراتقان107.4
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى 107.4قاتناش سەنئەت رادىئو قانىلىنڭ پىروگىراممىلىرىنى ئاڭلاۋاتقىنى خىلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى ،لېكىن يېقىندىن بۇيان كۆپرەك ئاڭلاشقا ۋاقتىم چىققاچقىمۇ ،بۇقانىلنىڭ پىروگىراممىلىرىنى قەۋەتلا ياقتۇرۇپ قالدىم ،بولۇپمۇ ھەرقايسى پىروگىراممىلارنىڭ ئاممىغا يىقىنلىقى ،كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق قاتنىشىپ پىكىرقىلىشى ،پىروگىراممىلارنىڭ قىزىقارلىق يۇمۇرىستىكلىكى ،پىروگىرامما گورۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئېسىل روھى ،قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە پۈتكۈل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى تەۋەسىدە ھەممىگە تونۇشلۇق رادىئو قانىلىغا ئايلاندى دىيىشكە بولىدۇ .
ئادىلجان ،ھوشۇرجان ئاكىلارنىڭ ،زۆھرە كېرەم ،قۇندۇزئاي تۇردى قاتارلىق ھەدىلەرنىڭ يۇمۇرىستىك قىزغىن پىروگىرامما باشقۇرىشى ،مەۋلۇتكامنىڭ ئىغىر-بىسىقلىق ،ئالدىن كۆرەرلىك ،ئەتراپلىق ،ئورۇنلۇق
،مەسلىھەتلەرنى بېرىشلىرى مېنى ھەر كۈنلىكى بۇقانالنى يۆتكىمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى ،رەڭدار پىروگىراممىلاردىن شەھەر ئاۋازى ،ئەتىرگۈل مۇزىكا قانىلى ،شاتلىق مىنۇتلىرى ،يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ،تۈن تىۋىشلىرى.....قاتارلىق پىروگىراممىلىرى مېنى ئۆزىگە جەلىب قىلىۋالاتتى .
مەن ھەرقىتىم پىروگىراممىلار تۈگىگەندە باش نازارەتچى ھەجەرگۈل قاسىم دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىغىنىمدا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەپتىكەنمەن .لېكىن ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئەتلەس لىنتا››ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئارقىلىق بۇ ھەدىمىزنى قايتا تونۇغاندەك بولدۇم .
ئۈرۈمچىدە ئۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ،يېڭى يىلنىڭ باشلىرىدا ‹‹ئەتلەس لىنتا ››پائالىيىتىنىڭ قەشقەرگە يېتىپ كېلىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن .مۇشۇ ئاينىڭ بەشىنجى كۈنى ھەجەرگۈل ھەدەمنىڭ قەشقەرگە كېلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بەكلا ھاياجانلاندىم ،ۋە ئىلىپ بىرىۋاتقان قەدەملىرىگە باشتىن ئاخىر دىققەت قىلىپ تۇردۇم .
ھەجەرگۈل ھەدەم باشلىق بارلىق پىدائىيلارنىڭ 5-چىسلاكەچ سائەت ئالتە ئەتراپىدا ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەكتەپكە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن كتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم ،بۈگۈن ئاڭلىغان خەۋىرىمدە ئۇلار كەچ سائەت 11لەردە قەشقەرگە يىتىپ كىلىپ تاڭ سەھەر تۆتلەردە تازىلىق ئىشچىلىرىنى يوقلاپ چىقىپتۇ .مەۋلۇتكام رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ،‹‹شەھەر ئاۋازى ››پىروگىراممىسىدا ھەجەرگۈل ھەدىمىزنىڭ ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسىدىكى بىر ئاغرىپ يىتىپ قالغان تازىلىق ئىشچىسى قۇرباننىسا ھەدىمىزنى يوقلىغانلىقى سائەت ئونلاردا ‹‹ئەتلەس لىنتا›› پائالىيىتىنى قەسىر مېھمانخانىسى ئالدىدا باشلايدىغانلىقىدىن خەۋەر تىپىپ ،بۇ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ باشچىسى ھەجەرگۈل ھەدەمنىڭ دىدارىنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن قەسىر مېھمانخانىسى ئالدىغا ماڭدىم .
قەسىر مېھمانخانىسى ئالدى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى مېھمانخانا ئالدىدا رەت –رەت قەشقەرنىڭ كىرا ماشىنىلىرى تۇراتتى .بىردەم تۇرغاندىن كيىن پائالىيەت ئورنىنىڭ كىرا ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئورنىغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ شۇياققا ماڭدىم ،يول بويى خۇددى بايرام تەنتەنىسىگە چۆمگەندەك قىززىپ كەتكەنىدى ،مەن چىققان ماشىنىغا ئىككى تازىلىق ئىشچىسى ھەدىمىزمۇ چىققان بولۇپ ئۇلار ھەجەرگۈل ھەدىمىزنىڭ تاڭ سەھەردىلا ھال سوراش بويۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، ئۇلارا چەكسىز رەھمەت ئىيتىدىعانلىقى شۇڭا ھازىر ئىشتىن چۈشۈپ ،پائالىيەت نەقمەيدانىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى ئىيتىشتى ،مەن ئۉندىدارىمنى ئىچىپ ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى قاتناش-سەنئەت رادىئوسىنىڭ ئۈندىدار سالونىغا يوللىدىم .
ئەسلى مەن قەشقەردە قاتناش سەنئەت رادىئوسىنىڭ ئاڭلارمەنلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس ،ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ بۇ پائالىيەتكە كىلىشى ناتايىن دەپ ئويلىغانىدىم ،دەل ئەكسىچە قەشقەر ئاممىسىنىڭ قىزغىنلىقى ئىنتايىن يوقىرى ئىدى، يالغۇز تاكسى شوپۇرلىرىلا ئەمەس ،ئادەتتىكى ئاۋام ئىنتايىن كۆپ ئىدى ،مەن بۇنداق قىزغىنلىقىن ھېيىت –بايراملاردىلا كۆرەتتىم ،بۈگۈن خۇددە بايرامدەك ھېس قىلماقتا ئىدىم .كىرا ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى ماشىنىلار بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ مەن ئامالسىز نەچچە يۈز مىتىر يىراقلىقتىن ماشىنىدىن چۈشۈپ پائالىيەت نەقمەيدانى تەرەپكە ماڭدىم ،پائالىيەت نەقمەيدانى بولغان زالمۇ ئادەملەرگە لىق تولۇپ كەتكەن بولۇپ ئىچىگە كىرىشكە ئىمكان بولمىدى ،ئاۋازىدىن قارىغاندا ھوشۇرجان ئاكىمىز رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى ،پىدائىيلىرىمىزدىن ئابدۇللا تاكسى ،ئەنجەنباي،قارىۋاي،چاقماق ،سىرلىق تۇمان قاتارلىق پىدايى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسىملىرى ئىيتىپ ئۆتۈلدى .مەن ھەركۈنى رادىئودىن ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ،قىزىقارلىق چاقچاق يۇمۇرلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغاچقا دىدارىنى كۆرۈش ئۈچۈن بويۇن سوزغان بولساممۇ لېكىن ئۆرۈلگەن تىرە تۇماقتىن بۆلەك ھىچنىمە كۆرمىدىم ،ئەنجانباي بىردەم چاقچاق يۇمۇرلارنى سۆزلەپ ھەممەيلەننى كۈلدۈردى ،ئارقىدىن ھەجەرگۈل ھەدەم بىر نەچچە ئىغىز سۆزقىلدى ،سۆزلەرتۈگەپ پەسكە چۈشۈپ ئەتلەس لىنتا تارقىتىدىغانلىقىنى ئىيتقاندىمۇ كىشىلەر ھەجەرگۈل ھەدەمنى ئورىۋىلىپ ناھايىتى تەستە پەسكە چۈشتى .
تۆۋەنگە چۈشكەندىن كيىن مەندىكى ھاياجان تىخىمۇ ئۆرلىدى بۇ پائالىيەت نوقۇل ھالدىكى ئەتلەس لىنتا تارقىتىلىپ تازىلىق ئىشچىلىرى ،قىرى ئاجىز ،مىيىپ ،ھەربىيلەرنى ھەقسىز ئاپىرىپ قويۇشىدەك سىموۋوللۇق رولىدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ ،توپلانغان ئامما ھەجەرگۈل ھەدەمنى ،ھوشۇرجان ،ئابدۇللا تاكسىلارنى ئورىۋىلىپ ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشاتتى ،بىللە رەسىمگە چۈشەتتى ،رادىئۇ پىروگىراممىلىرى توغرۇلۇق پاراڭلىشاتتى ،ئۇلارنىڭ گەرچە تۇنجى قىتىم ئۇچرىشىشى بولسىمۇ خۇددى يىقىن تۇققانلاردەك شۇنداق قىزغىن سەمىمى ئىدى .نەچچە قىتىم قاتناش-سەنئەت رادىئو قانىلىغا تىلىفۇن قىلىنىپ نەقمەيدان خەۋىرى بىرىلدى بىر نەچچەيلەننى زىيارەت قىلدى .يىنىمىزدىلا رادىئودىن مەۋلۇتكامنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى ،ئىشنىقىلىپ ھەممەيلەن شۇنداق ھاياجاندا كۆزلىرىمىز نەملەشكەنىدى .بىزنى مۇشۇنداق ھاياجانغا سالغان ،‹‹ئەتلەس لىنتا ››ئارقىلىق قەلبىمىزنى باغلىغان كىم ئىدى؟ ئەلۋەتتە بۇ 107.4قاتناش سەنئەت رادىئوسى ئىدى ،خەلقىمىزنىڭ چاڭقىغان يىرىگە بارالىغان ،قەلبىنى ئىللىتالىغان بىر توپ پىداكارلار ئىدى .بىزنىڭ بۇنداق ھاياجانلانعانلىقىمىزنى كۆرۈپ ينىمىزدىكى دۇككان غوجايىنلىرى (حەنزۇلار)بۇلار كىم بولىدۇ ؟بۇلارنى نىمانداق ئورىۋالىسىلە ؟دىدى.
راست بۇلاركىم ؟بۇلار ناھايىتى ئاددى ئىنسانلار ،ئۇلۇغلۇق مۇقەددىمىسى ئاددىلىقتىن باشلىنىدۇ دەپ شۇنداق ئاددى ياشاشنى تاللىۋالغانلار .شەخسەن ئابدۇللا تاكسىنى ئىلىپ ئىيتساق ،ھەركۈنى رادىئونى پاخال قىلىپ ،قوپال ئاۋازى بىلەن كاكىراپ يول خەۋىرى بىرىدىعان تاكسى شوپۇرى .
لېكىن بۇلاردىكى مېھىر –مۇھەببەت سەمىمى ساداقەت ئۅز خەلقىگە ،ئۆز كەسپىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق بۇلارنى ئاددىلىقتىن ھالقىتىۋەتكەن ،ئۇلارنىڭ چىگىپ قويغىنى ئاددىلا بىر ئەتلەس ئەمەس ،ئىنسانلار جامائەتىنىڭ شەخسىيەتسىز ،عەرەزسىز ،مىننەتسىز ،مىللەت ،رايون ئايرىماي بىر بىرىمىزگە مېھرى-مۇھەببەت باغلىشى ،جەمىيەتتە ئاددى ،ئەمما شەرەپلىك خىزمەت قىلىۋاتقان ئاشۇ دىلى سۇنۇق خەلقىمىزگە ئىسسىققىنە بىر پىيالە چاي كەبى ئىللىقلىق ئاتا قىلىۋاتقان مىللى روھىمىزنىڭ قايتا نامايان بولىشى .
خەلقىمىز ھەقىقى چولپانلارنى تونۇيدۇ ،ئۇلارگەرچە ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا ئاللىقانداق ناملارنى قويۇۋالمىسىمۇ خەلقىمىز ئۇلارنى كۆڭلىدە چولپان بىلىدۇ ،مانا بۈگۈننىڭ چولپىنى ئابدۇللا تاكسى ياكى ھوشۇرجان ،ھەجەرگۈل ھەدەم .
ئۇلار بىزگە ئاللىقانداق لىكسىيە سۆزلىمىدى ،ياكى شېئىر، ناخشا ئوقۇپ بەرمىدى ،لېكىن ئۇلار بىزگە شۇنداق ھەقىقەتنى ،مېھرى-مۇھەببەت بىلەن دۇنيانىڭ گۈزەل بولىدىغانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى بىلدۈرۈپ قويدى .
ئۇلارنىڭ دىدارىنى بىر كۆرۈش ئۈچۈنن تەلمۈرگەن كۆزلەر ،كۆرىشىۋىلىش ئۈچۈن سۇنۇلغان قوللار مانا بۇ
خەلقمىزنىڭ يۈرىكىدىن ئۇرغۇۋاتقان ھىسلىرىنىڭ جىسمىدا نامايان بولىشى ،خەلقىمىز ئۅزىگە قول سۇنغاننى بىشىغا ئىلىپ كۆتۈرىدىغان خەلق .
جەمىيىتىمىزدە جاپالىق خىزمەت قىلىدىغان ،تازىلىق ئىشچىلىرىنى ھۆرمەتلەش ،ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قوللاش ،ئۇلارغا ئازغىنە بولسىمۇ مېھىرلىك قوللىرىنى سۇنۇشنى ،ھەم بۇنىڭ جەمىيتىمىزنىڭ ئورتاق نىداسىغا ئايلىنىشىدىن ئىبارەت بىر خەيرلىك ئىشنى ئۈگەتتى .
بۇ پائالىيەتكە قەشقەردىكى بەزى خۇسۇسى شىركەتلەرمۇ قاتنىشىپ ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈردى ،ئەلۋەتتە مەن قەشقەردىكى شۇ ساخاۋەتچىلەردىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم ،ھەرقىتىم قەشقەر كۆپىنچە ئىشلاردا ئۈچىنجى بىكەت بولۇپ قالاتتى ،بۇ قىتىم قەسىر مېھمانخانا غوجايىنىڭ كۈچ چىقىرىشىدا ھەرھالدا ياخشى يۈزلىنىش ،بىز شۇبايلىرىمىزغا پۇل تىپىشىپ بەرمىگەن شۇڭا ئۇلارغا ئۇنداق –مۇنداق دىيىش سالاھىيىتىمىز يوق .لېكىن شۇ نەرسە ئىنىق بولسۇنكى سىز پۇلنى نمە ئۈچۈن تاپىسىز ؟بۈگۈنكى پائالىيەتكە يىقىندىن ياردەمدە بولغان شۇ ساخاۋەتچىلەرگە چىن يۈرىكىمدىن مىننەتتارلىقىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ،بۇ پائالىيەتتىن خەۋەر تاپالمىغان ،خەۋەر تاپقان بولسىمۇ قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان بايلىرىمىزغا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇكى ئەي ئەزىز قىرىنداشلار
<<كۆپ تۈكۈرسە ،كۆل بولۇر››دېگەندەك سىلەرمۇ شۇ قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىدا كېچىنى كېچە دىمەي خىزمەت قىلىۋاتقان ،سوغۇقتىن تىترەپ تۇرىۋاتقان ،بىزگە پاكىز مۇھىت يارىتىپ بىرىۋاتقان شۇ قىرىنداشلىرىمىزغا ،جەمىيەتتىكى بارلىق موھتاج قىرىنداشلىرىمىزغا ئۆز ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر .
ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ يىرىم ئىقتىسادى قەشقەردە دەپ ئاڭلىغانىدىم ئۇنىڭغا قارىغاندا قەشقەردىكى بايلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى بەك ،بەك ئاز شۇڭا قەشقەردە بۇنداق پائالىيەتلەتنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئاخىرىدا مېھرى-مۇھەببەت ئەلچىلىرى بولغان ھەجەرگۈل ھەدەم قاتارلىق بارلىق پىدائىيلارنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق ،يوللىرى ئوچۇق ،باسقان قەدىمىڭلارنىڭ بەرىكەتلىك بولىشىنى تىلەيمەن ،مۇھەببەتلىك قەدىمىڭلاردىن گۈل ئۈنگەي.