مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1315|ئىنكاس: 20
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئېيتىلمىغان ناخشىلار9 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61204
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11650
تۆھپە نۇمۇرى: 1990
توردا: 461 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2015-4-26
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 04:27:02 AM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
                  كىتاب ئەقىل بۇلىقى



ئادەم زاتى يارىلىپ ، ياشاپ ئۆتكەن دۇنيادا،
گاھى قىلسا ياخشىلىق ،پاتتى گاھى گۇناغا،
ھەممە بىرلە ئېسىلدى ، ھايات ناملىق مۇناغا،
كىتاب يازدى دانىشمەن،ئىچى ئاغرىپ ئۇلارغا.

كىتاب بىلەن تاپىدۇ ، ئىنسان بەخىت يۇلىنى،
تەڭ قىلمايدۇ ئاقىللار ، ئىلىمگە شاھ پۇلىنى،
لوقمان تاپقان بىلىمدىن،چوڭ كېسەلگە دورىنى،
شۇڭا ئەجدات بۇرۇنلا ،قۇيغان ئىلىم ئۇلىنى.

چىڭ ئېسىلغىن دوسلۇرۇم ، مەرىپەتنىڭ يۇلىغا،
قاراپ قالما ھەرگىزمۇ ، بېخىل باينىڭ قۇلىغا،
ئىجاتكارنى قوللاپ قوي،ھۆرمەت قىلغىن ئۇيىغا،
بىزدىن كىيىن ئەۋلاتلار، چۆمسۇن ئەقىل نۇرىغا.

كىتاب ئەقىل دۇنياسى،كۆپتۇر مەجنۇن-لەيلاسى،
ھەر كەسىپنىڭ ئۆزىگە ،باردۇر ئاشىق،شەيداسى،
ئاقىللارنىڭ ئەزەلدىن ،كەمتەرلىك نۇر-زىياسى،
بىلىمسىزنىڭ بىلسىڭىز ،كۆپتۇر جېدەل-غەۋغاسى.

شۇڭا دوستۇم ئىلىمگە،قىلماڭ قاتتىق بۇيۇنلۇق،
نەپ بەرمەيدۇ ئادەمگە،ئۇزۇن ئۇخلاش ھۇرۇنلۇق،
ھەممىمىز بىر ئائىلە،خوتەن،قەشقەر - قۇمۇللۇق،
زېھنى ئۇچۇق ئادەمگە ،سۆزۈم بەلكىم ئۇرۇنلۇق.

كىتاب يېزىپ بوۋىلار ، بىزگە  ئەقىل  ئۈگەتتى،
ئىلىم بىلەن بىزدىكى ، شۇم نىيەتنى تۈگەتتى،
ھەممىمىز تەڭ ئۆگەنسەك،دۇنيا بىزگە كۈلەتتى،
بىزدىن كېيىن ئەۋلاتلار،بەخىت پەيزى سۈرەتتى.

يوللار كەڭرى ئېچىلدى،چۈشەيلى بىز بەيگىگە،
ئاشىق بۇلۇپ يۈرمەستىن،ئۇيۇن ئاتلىق لەيلىگە،
پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىساق،تاشلاپ كېتەر كەينىگە،
ئەي كۆڭۈلنىڭ ئىگىسى ، قويما ئۇنى مەيلىگە.

(گۈلنىڭمۇ بار نەشتەرى)ئېيتقان ئۇنى قەشقەرى،
نادان ئەلنىڭ ئەزەلدىن،ئەدەپ كېتەر پەسلەرى،
ئىلىمدە باي كىشىگە ، ئاقماس داخان قەسلەرى،
(كىتاب ئەقىل بۇلىقى)يۇلتۇزى ھەم مەشئەلى.






سۆيگۈ ئىزدەپ



كۆزۈم ياشتا،پۇتلۇرۇم كالاڭ،
ياش تۇرۇپلا قېرىدىم قاراڭ.
بىلىپ قۇيۇڭ دەردىمنى تۆكسەم،
كۆپلەر مىنى ئويلىدى ساراڭ.

ھەممە كىشى يۈرىشەر ئوقتەك،
كۈلۈپ يۈرەر دەرتلىرى يوقتەك.
بۇ دۇنيادا مەنلا دەرتمەنمۇ؟
قايغۇ-ئەلەم ماڭىلا خوپتەك.

يىغلاپ يۈرۈپ تۈگىدى يېشىم،
يېشىم تۈگەپ ئاغرىدى بېشىم.
ئىچىم لەختە قانغا تۇلۇپمۇ،
توۋۋا قانداق كۈلدىكىن تېشىم.

قالسام مەيلى يامان ئاتاققا،
سۇنى ئالاي يوغان قاپاققا.
سۆيگۈ ئىزدەپ چىقتى قاراقاش،
مەيلى يوقتۇر كۈلكە-چاقچاققا.





دوسلار ئەلۋىدا




جاننى  ئەلگە  قىلالماي  پىدا،
ئۆمرۈمگە چەك قويدىغۇ خۇدا،
  ياتار  بولدۇم  قارا  تۇپىدا،
مىنى سۆيگەن دوسلار ئەلۋىدا.

كىتىپ قالسام ماتەم تۇتۇڭلار،
ئەلەم بىلەن ھەسرەت يۇتۇڭلار،
مۇسىبەتكە تولسۇن يۇرتۇڭلار،
مىنى سۆيگەن دوسلار ئەلۋىدا.

ئۆمرۈم قىسقا بولمىدى ئۇزۇن،
ئەل قەلبىدىن ئالمىدىم ئۇرۇن،
تاغ قەددىمنى ئەگدى شۇم قۇيۇن،
مىنى سۆيگەن دوسلار ئەلۋىدا.

تاشلاپ كەتسەم دوس-قېرىنداشنى،
ئىشىنىمەن  تۆكەر كۆز - ياشنى،
ئەسلەر بەلكىم مەن قارا قاشنى،
مىنى سۆيگەن دوسلار ئەلۋىدا.




ئىشەنمەيمەن سۆزۈڭگە



قارا قاشىڭ قاقمىغىن،كۆيۈپ قالماي كۆزۈڭگە،
گەپ ئوينۇتۇپ مەھلىيا ، قىلماقچىمۇ ئۆزۈڭگە.
كۆرۈپ قالدىم باشقىغا،سۇنغان سۆيگۈ گۈلۈڭنى،
قانچە قىلىغىن ئالدامچى،ئىشەنمەيمەن سۆزۈڭگە.

بىر كۆڭۈلگە ئىككىسى ، سىغالمايدۇ ئەزەلدىن،
يار تۇتمايمەن سېنىڭدەك،تىلى قايماق ھەسەلدىن،
تاپاي مەنمۇ ئۆزۈمدەك،سۆيگەنلىرى يوق يەردىن،
كەلگىن كۈندە قېشىمغا ، سۆيەلمەيمەن يۈزۈڭگە.

خۇمالىققا  تۇتقان  يار ، يانلىرىڭدا  ياتقايمۇ؟
سۆيگۈ بەرسەڭ ئىككىگە،كۆڭلۈڭ ئارام تاپقايمۇ؟
تەشتەكتىكى گۈللىرىڭ،سىرىتقا پۇراق چاچقايمۇ؟
ئوتلۇرۇڭدا كۆيسەممۇ ،ھاي بىرىمەن ئۆزۈمگە.



كۈلۈپ قارا ئۆلۈمگە



سالام يازدىم گۈلۈمگە،
ئىشەنگەي دەپ سۆزۈمگە.
يارغا ياقسا سۆزلۈرۈم،
ياش ئالۇرمەن كۆزۈمگە.

ياش ئالۇرمەن كۆزۈمگە،
ئىشەنمەي ھېچ ئۆزۈمگە.
كەلگىن يارىم قېشىمغا،
سۆيۈپ ئالاي يۈزۈڭگە.

سۆيۈپ ئالاي يۈزۈڭگە،
قۇل بولمايلى تۈزۈمگە.
باغرىڭنى ئاچ نىگارىم،
كەل قۇشۇلغىن كۈيۈمگە.

كەل قۇشۇلغىن كۈيۈمگە،
باشلاي سىنى ئۈيۈمگە.
سۆيگۈ ئۈچۈن نىگارىم،
كۈلۈپ قارا ئۆلۈمگە.




ئارزۇ


سۆيگەنلىرىم بار بولسا،
يوللۇرۇمغا زار بولسا.
دوسلار كۈلۈپ يېنىمدا،
دۈشمەنلىرىم خار بولسا.

يوللار ماڭا ئېچىلسا،
كۈيۈمگە - كۈي قېتىلسا.
سۆيگۈ ئىزدەپ يۈرمىسەم،
ئۆز يېنىمدىن تېپىلسا.

كۈندە كۆرسەم يارىمنى،
يارغا بەرسەم بارىمنى.
ئاشىق بىقارا قىلسام،
قارا قاش نىگارىمنى.




مەنبە-ئابلىكىم قاراقاش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablikim.karkax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 04:32 AM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش1 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-26
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 11:51:17 AM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
يەنە  بىر  يازمىڭىزنى  كۆرگىنىمدىن  خۇشالمەن  …


ئەلۋىدا   دەپ  نەگە   باراتتىڭىز   …   ھا  ھا   ھا   

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1921
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 698 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-4-26
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 12:57:40 PM |ئايرىم كۆرۈش |
شېئىرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ياخشى چىقىپتۇ،ئوقۇپ كۆڭلۈم سۈيۈندى.ئىشلىرىڭىزغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن.ھارمىغايسىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 01:31:17 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز... قەلىمىڭىز ھارمىغاي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110307
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2014-10-1
ئاخىرقى: 2015-4-23
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 02:51:05 PM |ئايرىم كۆرۈش |
  ياخشى  چىقىپتۇ

شۇنداق بىر جاھان كەلسە .....مەن سۆيگگەننى ھېچ كىم سۆيمىسە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109295
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5038
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-4-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 05:20:12 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ياختۇردۇم  ئېتىلمىغان ناخشىلانى

http://user.qzone.qq.com/2091389224/main

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110634
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1521
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 426 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-4-26
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 06:41:56 PM |ئايرىم كۆرۈش |
مەنمۇ ياقتۇردۇم كۆپرەك يوللاڭ دەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108534
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 558
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2014-7-17
ئاخىرقى: 2015-4-26
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 11:12:58 PM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
ئېيتىلمىغان  ناخشىلار   نىڭ   داۋاملىق   يوللىنىپ  تۇرشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 698
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-4-20
9#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 12:49:16 AM |ئايرىم كۆرۈش |
كىتاب بىباھا گۈھەر دىگەن ئەسەرنە بەك ياقتۇردۇم تىما ئگىسىگە رەھمەت قەلىمىڭىز تالمىغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73178
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3198
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2015-2-25
10#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 02:56:25 PM |ئايرىم كۆرۈش |
mamatkurban يوللىغان ۋاقتى  2015-2-21 12:49 AM
كىتاب بىباھا گۈھەر دىگەن ئەسەرنە بەك ياقتۇردۇم تىما ئگ ...

ياخشى يىزىپسىز      سۆيگۈ  ئىزدەپ  دىگەن  شېرىڭىزنى  ناخشا  قىلىپ  ئىتىۋالدىم گىتتار بىلەن خاپا  بولماسسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش