خوتەندە
قارا قۇرۇم تىلسىماتى كانى خوتەندە،
شەھىدلەرنىڭ شەۋكىتى-شانى خوتەندە.
زىمىستاندا پورەكلىگەن چىچەك خوتەندە،
نامى ئەلگە تارالغان يىپەك خوتەندە.
ئانا دەريا يۇرۇڭقاش سۈيى خوتەندە،
مىللىتىمنىڭ نام-نىشانى كۈيى خوتەندە.
ھاتەم سۈپەت سېخىيلارنىڭ يۇرتى خوتەندە،
تەكلىماكان جەننىتى ، ئۇتى خوتەندە.
قۇملۇق بىلەن ئېلىشقان دېھقان خوتەندە،
چۆلنى بوستان ئەيلىگەن ئىشچان خوتەندە.
تەۋپىق روھى ئۆلمىدى ھايات خوتەندە،
ئىلىم -ھىكمەت ئادەمگە قانات خوتەندە.
نەسىھەت
تەغدىر -قىسمەت ئالدىدا،تىك ياشىغىن يىقىلما،
دەردىڭ بولسا تۆكىۋەت ، ئەلەم يۇتۇپ سىقىلما.
بىر كىلىسەن دۇنياغا ، قونغىن ئېگىز قىياغا،
ۋىجدان بىلەن ياشىغىن،نا مەرتلەرگە ئېسىلما.
تىز پۈكمىگىن ئۆلسەڭمۇ،مۈشكۇل جاپا ئالدىدا،
بولغاندىمۇ مىڭ جېنىڭ،خەلقىڭگە قىلغىن پىدا.
ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە ، پاتماي ئېغىر گۇناغا،
قول كۆتۈرۈپ دۇئادا ، قىلىپ تۇرغىن ئىلتىجا.
ھەممىمىز بىر ئائىلە ،قوشناڭ بىلەن چېقىشما،
نەسىھەت قىل ئازغاندا ،كەينىدىن گەپ ئېتىشما.
پەس دىمىگىن ھەممىنى، چىقىپ ئېگىز مۇناغا،
بۇ دەۋرىمىز بەيگىدە ،تۇرغىن ئۇخلاپ يېتىشما.
يۇرتۇڭ نامرات بولسىمۇ،يۈز ئۆرىمە تاشلىما،
سەندىن ئۈمۈت كۈتكەننىڭ،جۈپ كۆزىنى ياشلىما.
ئالتۇن تاپساڭ كۆمۈشنى ،سۇنۇپ تۇرغىن ئۇلارغا،
چوڭلار قىلسا نەسىھەت ،ماقۇل دېگىن ئېتىشما.
نىمە بولدى خەلقىمگە زادى
نىمە بولدى خەلقىمگە زادى،
پاراغەتتە قالدى ئەس-يادى.
ئىلىم-ھىكمەت يۇلىنى تاشلاپ،
پەقەت پۇلدا نالە-پەريادى.
ناخشا -سازغا بىرىلىپ ھەممە،
كىچە كۈلسە كۈندۈزى غەمدە،
توننى تاشلاپ كىيىشىپ جەندە،
يامان يولدا ئۇيغۇر ئەۋلادى.
بىرنى-ئىككى ئىتەي دىمەيدۇ،
ھازىر دۇنيا قانداق بىلمەيدۇ،
ئەتە ئۈچۈن غەملەر يىمەيدۇ،
ئىسىدە يوق بەلكىم ئەجدادى.
2
ھەممە ئىشقا قاتىدۇ يالغان،
كۈندە بەزمە دېپىنى چالغان،
چىقماس بولدى ئالىم ئاتالغان،
نىمە بولدى خەلقىمگە زادى.
يامان ئىشنىڭ ھەممىسىدە بىز،
يىڭىلىق دەپ يېپىشىمىز تىز،
مەس يۈرىيدۇ مەكتەپتىكى قىز،
نىمە بولدى خەلقىمگە زادى.
كىتاپخانا چاڭ باستى بۈگۈن،
ھەممە قاتراپ تاماششا ئۈچۈن،
بىر ئاي بولدى ئېچىلمىدى كۈن،
نىمە بولدى خەلقىمگە زادى.
قىمارخانا تولدى بىز بىلەن،
كىشى يوقمۇ ؟ قىلغىلى ئىرەن،
ئۆزلەر كۆككە سېلىۋاتسا ئەن،
نىمە بولدى خەلقىمگە زادى.
ئوي-خىيالى،ئەيشى-ئىشرەتتە،
ئىشرەت ئۈچۈن تۇردى ئۆچرەتتە،
شائىر يىغلار ھەسرەتتە-دەرتتە،
نىمە بولدى خەلقىمگە زادى.
خۇشاللىق يېشى
كۆزۈڭ قارا ،تىنىقلىرىڭ ئوت،
قەلبىم گۈلخان ئوتلۇق نەپەستىن.
بۈگۈن سىنى كۆرۈپ باغچىدا،
تۇتقۇن يۈرەك چىقتى قەپەستىن.
خىجىل قىلدى ،تىلىم گاللىشىپ،
گەپ ئەگىتتىم راستىن دىمەستىن.
بەكمۇ تەسكەن تۇنجى كۆرۈشۈش،
تۇردۇم باشنى كۆتۈرمەي پەستىن.
كۆزلىرىڭگە قارايمەن پات - پات،
تۇرۇپ - تۇرۇپ ئازىمەن ئەستىن.
ئاشىق دىگەن شۇنداقمىكىن تاڭ،
يىغلىغۇم بار ھازىر كۈلمەستىن.
ھەيران قالما خۇشاللىق يېشى،
ئاقمايدىكەن يارنى كۆرمەستىن.
سۈيۈلگەندەك بولدى بۇ يۈرەك،
كەلگىنىڭنى كۆرۈپ سۆيمەستىن.
مەن ساراڭ
مەن ساراڭ كەتكەننى كۈتەلەيدىغان،
ساراڭ مەن ھەسرەتنى يۈتەلەيدىغان.
كەتسىمۇ كىچەلمەي سېغىنىپ كۈندە،
ساراڭ مەن بىتاقەت ئۆتەلەيدىغان.
كۈتىمەن كۆزۈمدىن ياشلار ئاقسىمۇ،
ئازمايمەن ئۆزگىلەر كۈلۈپ باقسىمۇ.
ياتلارنىڭ بېغىغا كىرمەيمەن ئەسلا،
سېنىڭدىن ياخشىراق پۇراق چاچسىمۇ.
دەردىڭدە قىينىلىپ ئاتالدىم ساراڭ،
تىكەنلىك يولدىمۇ ماڭىمەن يالاڭ.
كەتكەننىڭ كەينىدىن ھەسرەتلەر چېكىپ،
سېغىنىپ ئۇيقۇسىز ئاتقۇزىمەن تاڭ.
يۈرۈگۈم سەزمەكتە كىلىسەن گۈلۈم،
سېنىلا سېغىنىپ ئۆتمەكتە كۈنۈم.
ئۈمۈتۋار ياشايمەن كەلسەڭ-كەلمىسەڭ،
رىشتىمنى ئۈزىدۇ پەقەتلا ئۆلۈم.
بۈگۈن كىچە
كەچ كۈزدىكى ئاينىڭ شولىسى،
دېرىزەمنى چىكىدۇ يىنىك.
بىزگە مەنسۇپ ئايدىڭ كىچىلەر،
سەن ئوۋچىغا ئۇچرىغان كىيىك.
ئىككى بەدەن قۇشۇلار بولدى،
بەلكىم سۇغا ئىرىشتى بىلىق.
گۈل بېغىمدا سايرايدۇ بۇلبۇل،
بىر بولغاچقا ھەرنەپەس تىنىق.
ئايرىلمايدۇ تۇتاش قەلىبلەر،
تەڭ يىگەچكە توينىڭ ئېشىنى.
تەنھا تۈنلەر قالدى مۇڭسىراپ،
پىنھانلاردا تۆكۈپ يېشىنى.
سىلكىنىدۇ نازۇك يۇپۇرماق،
گۈل مەڭزىگە سۆيگەندە بۇلبۇل.
ئاشىق يۈرەك ئاتقاندا ئوقيا،
مەشۇقىغا تەككەندەك ئۇدۇل.
بۈگۈن كىچە شاتلىق كىچىسى،
قوش يۈرەكلەر تېپىشقان كىچە.
ۋىسال پەيزى ناۋاتتىن شىرىن،
تاتلىق بولسۇن تاكى ئۆلگۈچە.
مەنبە-ئابلىكىم قاراقاش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablikim.karkax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-5 02:58 AM