|
|
|
|
باھار پەسلىدە
ﮪﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﻰ , ﺋﻪﮔﺮﻯ ﺗﻮﻗﺎﻳﻠﯩﻖ,
ﻧﺎﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﯩﺮﯨﺪﯗ ﺑﯩﺪﻩ.
ﻗﯩﻨﯩﻐﺎ ﭘﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ ,ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﻰ ﺋﺎﺯﻏﯘﻥ,
ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﻩ.
ﺗﯜﻟﻜﯩﻠﻪﺭ , ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﮪﻪﯞﻩﺱ,
ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﻩﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ.
ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﮪﯩﺠﯩﻴﯩﭗ ﺋﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻝ,
ﺧﻮﺭﻩﻛﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻛﯩﭽﯩﺪﻩ.
ﺩﯗﻧﻴﺎﻣﯘ ﺋﻮﯕﺸﯩﻼﺭ ,ﺋﻮﯕﺸﺎﻟﻐﯘﭼﻪ ﻛﯜﺕ,
ﻳﯩﻘﯩﻠﻤﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻛﯜﻳﯩﺪﻩ.
ﺋﯚﺯﮔﯩﮕﻪ ﻗﯘﺷﯘﻟﯘﭖ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﯩﻦ ﻳﻪﯕﻨﻰ,
ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﺪﯗﺭ ﮪﻪﺭﻛﯩﻢ ﺋﯜﻳﯩﺪﻩ.
ﻣﯩﺴﺎﻟﻐﺎ ﺗﺎﻟﻠﯩﻤﺎ , ﻛﯚﻛﺘﻪ ﺋﯜﺯﮔﻪﻧﻨﻰ,
ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺯﯨﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ.
ﺯﯨﻤﯩﺴﺘﺎﻥ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ﻣﻪﻳﯩﻦ ﺷﺎﻣﺎﻟﻨﻰ,
ﮔﯜﻟﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯧﭽﯩﻼﺭ ﺑﺎﮪﺎﺭ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ.
ئىلىمگە ئاشىنا بولساڭ
ئىلىمگە ئاشىنا بولساڭ،ھامان بەختىڭنى تاپقايسەن،
تىغ تەڭلەپ جاھالەتكە ، سىر-ھىكمەتنى ئاچقايسەن.
كۆزۈڭدىن ئاقسىمۇ قان-قان،ئىزىڭدىن ئۈنىدۇ گۈلخان،
بىرىلمەي ساختا شۆھرەتكە،ھالال مېھنەتكە چاپقايسەن.
ئىلىمنى تاشلىما كۈندە ، زىرىكمەي ياتلىغىن تۈندە،
ئاقىللارغا ئۈلپەت بول ، كۈيۈڭگە - كۈينى قاتقايسەن.
يىقىلما يولدا تالساڭمۇ ، ئېزىپ چۆللەردە قالساڭمۇ،
سوراپ ئايدىن قارايىڭنى،ئۈزۈپ يۇلتۇزنى ئاسقايسەن.
ئىلىمنىڭ شەۋكىتى چەكسىز،دىلىڭنى يورىتار شەكسىز،
قورال قىلساڭ ئېزىققاندا،ئۇلۇغ ئوكياندا ئاققايسەن.
كۆرەر بولسا ئەقىل كۆزۈڭ،ئىلىمنى تاپىسەن ئۆزۈڭ،
ئاقىللارنى دوس ئەيلەپ،ناداننى كۆرسەڭ قاچقايسەن.
سۇلتان بولسىمۇ باخشى ، ئىلىملىك ئاجىزە ياخشى،
مەرىپەت ئىزدىگەن دىلنى،دىلىڭغا مەھكەم چاتقايسەن.
بالا ئىدۇق
بالا ئىدۇق ، دادا ئاتالدۇق،
دىمەك مۈشكۈل يولغا ئاتلاندۇق.
شۇ ئاتىلار ئىزىدىن ماڭماي،
نەچچە ئېزىپ يىقىلىپ ماڭدۇق.
بالا ئىدۇق ، بولدى بالىمىز،
كۆپ تۇرسىمۇ ئەيىپ - چالىمىز.
پۇرسەت كەلسە بىلىم ئالمىدۇق،
ئەمدى قانداق كۈنگە قالىمىز.
بالا ئىدۇق ، ئاتالدۇق دادا،
ئالماي ئەدەپ-ئەخلاقنى يادا.
ياشلىق ئۆتكەچ ئۇيۇن تۈگىمەي،
شۇڭا چۆلدە باقىمىز پادا.
بالا ئىدۇق ، بالىمىز بولدى،
گۈدەك باشلار غەملەرگە تولدى.
تىرىكچىلىك غېمى ئازدۇرۇپ،
كۈتمىگەن دەرت-ئەلەمدە قويدى.
يىغلاپ كەلدىم ئۆيگىچە
مىنى سۆيسەڭ ياخشىدى،باشقا يارنى سۆيگىچە،
كۆڭۈل بەرمىسەڭ مەيلى،ئەسلەپ تۇرغىن ئۆلگىچە.
يۈرەككە سىغمىدى ئەلەم،ئالدىم قۇلۇمغا قەلەم،
ئۆلسەم ياخشىكەن ئەسلى،يار تۇيۇڭنى كۆرگىچە.
بەك قىينالدى جانلىرىم ،كۆزدىن ئاقتى قانلىرىم،
تالاي يىغلاپ پەسلىدىم،بۇ قىسمەتكە كۆنگىچە.
تەتۈر ئىكەن پىشانەم،يوقتۇر مەنزىل - نىشانەم،
تەنھا يۈرسەم بوپتىكەن ،باغرى تاشقا كۆيگىچە.
خازان قىلدىڭ گۈلۈمنى،بەك ئاغرىتتىڭ دىلىمنى،
مەھەللەڭدە قايغۇرۇپ،يىغلاپ كەلدىم ئۆيگىچە.
ئاشۇ كۈنلەر كىلەرمۇ؟
سىنى ئەجەپ سېغىندىم،
يارىم كۆڭلۈڭ بىلەرمۇ؟
باغلار ئارا ئوينىغان،
ئاشۇ كۈنلەر كىلەرمۇ؟
قىشتا قارلار ئېتىشقان،
قار ئۈستىدە يېتىشقان،
دىل رىشتىنى چېتىشقان،
ئاشۇ كۈنلەر كىلەرمۇ؟
ئوت ياناتتى كۆزۈڭدىن،
بال تاماتتى سۆزۈڭدىن،
ھەيران ئىدىم ئۆزۈڭدىن،
ئاشۇ كۈنلەر كىلەرمۇ؟
قول تۇتۇشۇپ كۈلۈشۈپ،
چىن يۈرەكتىن سۈيۈشۈپ،
قالغان ئىدۇق كۆنۈشۈپ،
ئاشۇ كۈنلەر كىلەرمۇ؟
كۈندە كىلىپ ئۈيۈمگە،
جۆر بۇلاتتىڭ كۈيۈمگە،
ئاشىق ئىدىم ئۆزۈڭگە،
ئاشۇ كۈنلەر كىلەرمۇ؟
سېغىنىپ كۆز ياشلىغان،
خەتلەر يېزىپ تاشلىغان،
چىن سۆيگۈنى باشلىغان،
ئاشۇ كۈنلەر كىلەرمۇ؟
پەرىدە
يۈرەكتىكى بايانىم،يۈرەگىڭدە ئاڭلىغىن،
كىملەر ساڭا مىنىڭدەك يازالايدۇ قەسىدە.
سۆزلۈرۈمگە ئىشەنسەڭ،كەل بىلىڭنى باغلىغىن،
مۇھاببەتتە ئىككىمىز باغلايلى چىڭ ئەقىدە.
ئۇنتۇپ كونا پىراقنى،يېقىن قىلىپ يىراقنى،
يىڭى داستان يازايلى،ئاشىق-مەشۇق ھەققىدە.
قۇلۇڭنى بەر نىگارىم،تارتماي ئەمدى ئازابنى،
چىن مۇھاببەت پىشاركەن ئايرىلىشتا ئەسلىدە.
قۇبۇل قىلغىن گۈلۈمنى،ياكى مۇنۇ كۈيۈمنى،
كەلمىسەڭمۇ ئەسلىگىن مىنى باھار پەسلىدە.
خالىساڭلا نىگارىم،قۇربان قىلاي ئۆزۈمنى،
كىلەرسەنمۇ قەبرەمگە دىل خۇمارىم پەرىدە.
مەنبە-ئابلىكىم قاراقاش
|
|
|
|
|
|