شادلىنامدۇق،قايغۇرامدۇق؟!
«تۇغۇلغان كۈن» دىن تۇغۇلغان ئويلار
ئەنقەر ئەنۋەر (ئۈمىدۋار)
تەرەققى قىلغان بۇ زاماندا ، ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرنىڭ ئۈزلۈكسىز يىڭىلىنىشى، تۇرمۇشىمىزغا زور دەرىجىدە قولايلىق ۋە يىڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. شۇنداقلا ، ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىغىمۇ ئاز بولمىغان ئىجابى ۋە سەلبى تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. بۈگۈن مەن، شۇ مەدەنىيەت ئالمىشىش ھادىسىلىرى جەريانىدا بىزگە سىڭىپ كىرگەن «تۇغۇلغان كۈن» ئۇقۇمى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلىش مەقسىتىدە ئىكران ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن .
دۇنيادا ياراتقۇچىدىن ئۆزگە ئەبەدى بولغان ھېچبىر مەۋجۇدات يوق . كائىناتتىكى ھەربىر مەۋجۇداتنىڭ ، ياراتقۇچى ئۆز ھىكمىتى بىلەن بەلگىلەپ بەرگەن باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نوقتىسى بولىدۇ . ئىنسانمۇ ھەم شۇ مەخلۇقاتلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، تۇغۇلۇش - ئۆلۈش ئارىسىدىكى ماھىيىتى ئوخشاش ئەمما مۇددىتى پەرىقلىق بولغان بىر دەۋىر ئىچىدە ئۆزىگە تەقسىملەنگەن ھاياتنى ياشاپ ئۆتىدۇ. ياشاش تىن ئىبارەت بۇ قانۇنىيەت ھەممىمىزگە ئورتاق.ئەمما، قانداق ياشاش ئىنسانلارنى ئۆز-ئارا پەرىقلىق قىلىدۇ. ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان بۇ ھايات شۇنچىىلىك قىممەتلىك ، شۇنچىلىك ئۆزگىچە . ئۇ ئىتائەتتىن چىقمايدىغان پەرىشتىلەرنىڭ ھاياتىغا ئوخشىمايدۇ، ئاسىيلىقتىن ئۆزگىنى بىلمىگەن شەيتانلارنىڭ ھاياتىغا ھەم ئوخشىمايدۇ . ياراتقۇچى ئىنساننى دۇنيا ھاياتىدا ئىمتاھان قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياخشى ياماننى ئايرىيالايدىغان ئەقىل ۋە تەپەككۇرنى ئاتا قىلدى. بۇ ئىككى نىئمەت ئىنساندىن ئۆزگە ھېچ بىر مەخلۇقاتقا بىرىلگەن ئەمەس . ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن ئۈستۈن قىلغان، پەرىشتىلەرنىڭ ئىنسانغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئامىلمۇ ھەم ئەقىل،تەپەككۇرۋە بىلىمدۇر. بۇلارنى سۆزلىشىمدىكى مەقسەت ، «تۇغۇلغان كۈن » دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى، دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشتىن ئىبارەت.
تۇغۇلغان كۈن ھەربىر ئىنساندا تېپىلىدىغان بىر سۆز . كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئىسىدە ساقلايدۇ . ئەمما، يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ ئەستە ساقلاش ئاستا-ئاستا تەبرىكلەش ، سوۋغات بىرىش،زىياپەتلەرنى ئۆتكۈزۈشلەرگە تەرەققى قىلدى. ھەتتا،بىر تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر رىستۇراننى كۆتۈرە ئېلىپ زىياپەت بىرىدىغان ئىشلارنى پات-پاتلا ئۇچرىتىپ تۇرىۋاتىمىز.
ئەجىبا، تۇغۇلغان كۈننى راستىنلا مۇشۇنداق تەنتەنە قىلىپ تەبرىكلەش كىرەكمۇ؟!
ئەمەلىيەتتە،ھەريىلدىكى «تۇغۇلغان كۈنۈم» دىگەن بۇ سۆز ، سىزنىڭ ھايات كالېندارىڭىزدىن بىرۋاراق ئۆرۈلگەنلىكىنى، دۇنيادا ياشاش مۇددىتىڭىزنىڭ بىريىل قىسقارغانلىقىنى،ئۆلۈم پەرىشتىسى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقتىڭىزنىڭ باغانسىرى يېقىنلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. مەن، ھەرقانچە ئاددى نەرسىسى بولسىمۇ،يوقۇتۇپ قويغان كىشىنىڭ خۇشال بولۇپ تەنتەنە قىلغىنىنى كۆرمىدىم. كەلمەسكە كەتكەن قىممەتلىك نەرسىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن ئۇزاتقان كىشنى كۆرمىدىم. ئەمما ، بىز دەل شۇنداق قىلىۋاتىمىز. بىز يىتتۈرۈپ قويىۋاتقان ، خۇشاللىق بىلەن ئۇزىتىۋاتقان بۇ كەلمەسكە كەتكەن نەرسىمىز دەل بىزنىڭ ۋاقتىمىز،بىزنىڭ ئۆمرىمىز.
ۋاقىت-- ئىنسانغا بىرىلگەن نىئمەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ كاتتا نىئمەتلەرنىڭ بىرى. بىزدە «ۋاقىت - ئالتۇندىن قىممەت » دەيدىغان ماقال بار . مىنىڭچە بۇ ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلەشكە يىتەرلىك ئەمەس. چۈنكى، ئالتۇن ھەرقانچە قىممەت بولسىمۇ ، ئۇنى سېتىۋالالايدىغان ئادەملەر چىقتى. ئەمما ، ۋاقىتنى سېتىۋېلىش مۇمكىن بولسىدى ، تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن بايلار بۈگۈنگىچە ياشىغان بولاتتى.ئەرەبلەردە « ۋاقىت دىمەك - ھايات دىمەك» دەيدىغان ھىكمەت بار. دەرھەقىقەت،ۋاقىت ئۆتتى دىمەك ھاياتىڭىز ئازايدى، ئۆمرىڭىز قىسقاردى دىمەكتۇر.
ئۇنداقتا،بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى :تەنتەنە قىلىپ ، زىياپەت بەرگۈدەك بىز ئۆتكەن شۇ ئۆمرىمىزدە زادى نىمە ئش قىلدۇق؟! ھاياتىمىزدىن بىريىل تۈگىگىنىگە خۇشال بۇلۇپ تورت يىگۈدەك، بىز ئۇ دۇنياغا بېرىشقا شۇنچە ئالدىرامدۇق؟! ھىساپ دۇنياسىدىكى سوراقلاغا بەرگۈدەك جاۋاپلار بىزدە تەييارمۇ؟! ئۆتكەن شۇ ئۆمرىمىزدە بىز ئۆزىمىز رازى بولغۇدەك نىمە ئىشلارنى قىلالىدۇق؟! بىزنىڭ شۇ ئۆتكەن كۈنلىرىمىز،شادلىققا لايىقمۇ ، قايغۇغىمۇ ؟!
تارىختا ، ئىنسانلارغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشۇپ،ھەقىقى مەنىلىك ياشاپ ئۆتكەن نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆز ھاياتىنىڭ خاتىمىلىرىدە «بۇ ھاياتىمدا ھېچ ئىش قىلالمىدىم» دەپ كەتكەن ئىكەن. ئەجىبا، بىز ئۇلاردىنمۇ زور مۇۋەپىقىيەت،خىزمەتلەرنى قىلىپ كەتتۇقمۇ ؟! شۇڭلاشقا شۇنچە تەنتەنە قىلامدۇق ؟!
تارىختا ئادىللىقى بىلەن جاھانغا تونۇلغان خەلىپە،كاتتا ساھابە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دىگەن :«سىلەر ھىساپقا تاتىلىدىغان شۇ كۈن كىلىشتىن بۇرۇن ، ئۆزۈڭلاردىن ھىساپ ئېلىڭلار!». بىز تۇغۇلغان كۈنىمىزنى تەبرىكلەشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزدىن ھىساپ ئېلىپ باقايلى ، تۇنجى تۇغۇلغان كۈنىمىزدىن بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈنىمىزگىچە بولغان شۇ ھايات مۇساپىمىز،زادى شادلىققا لايىقمۇ،قايغۇغىمۇ؟! تەبرىكلەشكە لايىقمۇ ياكى ئېچىنىشقىمۇ؟!
شۇڭا قېرىنداشلىرىم ، تۇغۇلغان كۈنىمىز بىزنىڭ ئويۇن-تاماشا ، يەپ - ئىچىش كۈنىمىز بولماستىن،جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۆزىمىزدىن ھىساپ ئېلىش كۈنىمىز بولسۇن. خاتالىقلىرىمىزغا ئۆكۈنۈش،كەلگۈسىمىز ئۈچۈن پىلان تۈزۈش، ئۆتكەن مەنىسىز ھاياتىمىزغا قاراپ ئىبرەت ئېلىش كۈنىمىز بولسۇن. ئانىمىزغا رەھمەت ئېيتىشتىن بۇرۇن، ياراتقۇچىغا ھەمدۇ-سانالار ئوقۇيلى، ياراتقۇچى رازى بولغۇدەك ياشاشنى ئۆزىمىزگە نىشان قىلايلى . دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز، ئۆز قىممىتىمىزنى تېپىپ، مەۋجۇتلۇقىمىزنى ھىس قىلدۇرۇپ، چەكلىك بولغان بۇ ھاياتتا چەكسىز يشاش ئۈچۈن تىرىشايلى . بىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمىزنى ئۆزىمىزلا ئەمەس ، بىزدىن كىيىنكىلەرمۇ ئىسىدە مەھكەم ساقلىغۇدەك دەرىجىدە ياشاشقا تىرىشايلى ، خۇددى بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭكىنى ئىسىمىزدە ساقلىغىنىمىزدەك. «تۇغۇلغان كۈن » بىز ئۈچۈن، «ئويلىنىدىغان كۈن» بولۇپ قالسۇن!
ئاتاقلىق يازغۇچىمىز ئابدۇرېھىم تىلەشۈف ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆز ھاياتىدىن يەكۈن چىقارغاندا بىزگە شۇنداق مىسرالارنى قالدۇرۇپ كەتكەن :
خىيالىم دېڭىزى تىنماي،تېشىپ مىڭ چايقىلىپ قايناق،
كېچەلەر ئازيۇمۇپ كۆزنى، ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق.
چىقادىم بىر يەكۈن ئاخىر ئۆمۈر مەنزىلىدىن شۇنداق،
ئۆمۈردۇر بىر كۆرەش ھەرگىز ئەمەس ئۇبىزگە ئاۋۇنچاق.
يولاتما ئەي كۆڭۈل ئەمدى،ئۆزۈڭگە زەررە غەفلەتنى.
خۇددى شائىر ئېيتقىنىدەك،ئۆمۈر ھېچكىمگە باقى ئەمەس ، پەيغەمبىرىمىزدەك كاتتا زات كەتكەن دۇنيادىن بىزمۇ ھەم ئەلۋەتتە كىتىىمىز. شۇڭا،خۇددى نىكولاي ئوۋىستىروۋىسكى ئۆز ئەسىرىدە :«ئىنسان ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۈزىشى كىرەككى، ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىدە،ئۆمۈر بىھۇدە ئۆتۈپ كىتىپتۇ دەپ ئۆكۈنمەيدىغان بولسۇن.......»دەپ ئۆتكىنىدەك ، ھاياتىىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشايلى .
ئاخىرىدا،ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن :
ئۆمۈر گويا ئىرۇر بىر شام،تۈگەر ئەلۋەتتە كۆيگەنچە،
ئاشار قەدرى لېكىن شۇنچە ئېرىپ جىسمى تۈگىگەنچە،
كۆرۈڭكى ئاشىقى پەرۋان كۆيۈپ ئىشقىدا مىڭ-مىڭچە،
تەسەددۇق ئەيلىدى جاننى،كېچە شام نۇرىغا شۇنچە،
ئۆمۈر مەنزىلىدە كاشكى،كىشى تاپسا شۇ قىسمەتنى......
2015-يىل2-ئاينىڭ17-كۈنى