ئادەملەرگە نىمە بولدى ؟
ئۈمىدۋار
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق تورداشلار. يېقىندا بولۇپ ئۆتكەن بىر ۋەقەنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش بىلەن بىرگە،بەزى بىر پىكىر-كۆز قاراشلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان بىر دوستۇم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى.جەريانى مۇنداق : ئۇلارنىڭ بۈلۈمىگە ئۆپكىسىگە سۇ چۈشۈپ قېلىش سەۋەبلىك بىر 15 ياشلىق بالا كەپتۇ.دوختۇرلار بالىنىڭ دەرھال ئوپراتسىيە قىلنىشى كىرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ . بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالا كىچىك ۋاقتىدىلا ئاجرىشىپ كەتكەن بۇلۇپ دادىسىنىڭ بالا بىلەن ئەسلا كارى يوقكەن. بالىنىڭ ئانىسىمۇ بالىنى مومىسىغا تاشلاپ قۇيۇپ يىڭى توي قىلغان يولدىشى بىلەن تۇرمۇشىنى باشلاپ كىتىپتۇ . بىچارە موماي بۇ بالىنى 15 يىل يالغۇز بېقىپ كەپتۇ. بۇ ئەھۋالدا بالىنى داۋالاتقۇدەك پۇل بۇ يالغۇز مومايدا نىمىش قىلسۇن ؟ بالىنىڭ ئۆز ئاتا ئانىسى يەنىلا بۇ ئىشقا قۇلاپ يۇپۇرۇپ ئۆتىۋىرىپتۇ . موماينىڭ بىر ئوغلى (يەنى بالىنىڭ تاغىسى) بۇلۇپ خېلى قول ئىلكىدە بار كىشىكەن . موماي ئوغلىغا بالىنى قۇتقۇزىۋېلىشنى ئېيتىپتۇ ئەمما بۇ تاغا :جىم ئولتۇرۇڭ ئانا ، ناۋادا ئوپراتسىيەدىن ساق چىقماي قالسا،15 يىلدىن بىرى ئىزدىمىگەن ئاتا-ئانىسى ئىگە بۇلۋېلىپ بىز بالادا قالىمىز.مەن پۇل بەمەيمە.دوپ قەتئى ئۇنىماپتۇ.موماي بەكرەك يالۋۇرغانىكەن ھەتتا ئۆز ئانىسىنى قولىغا تاياق ئېلىپ قوغلاپتۇ.بىچارە موماي ئاخىرى كىلىپ دوختۇرغا دەت تۆكۈپ يىغلاپتۇ ۋە بالىغا : تۇرە بالام ،ئۆمرۈڭ بولسا كىيىن ئۆزۈڭ پۇل تېپىپ داۋالىناسە،بوممىسا پىشانەڭدىكىنى كۆرەسەن.دەپ بالىنى ئېلىپ چىقىپ كىتىپتۇ.
بۇ تېخى مۇشۇ ھەپتىدە مەلۇم بىر ناھىينىڭ خەلىق دوختۇرخانىسىدا بولغان ئىش.
خووووووش، ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، بۇ بالىنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەپچىسى زادى نىمە ؟ بۇ بالىنىڭ تەقدىرىگە كىم مەسئۇل؟ئۆزى پۇل تېپىپ داۋالىنىپ بولغۇچە كىسەللىك ئەھۋالى شۇ پېتى قاراپ تۇرامۇ ؟شۇ ۋاقىتقىچە بولغان كىسەل ئازابىنى بالىغا كىم تارتىشىپ بىرەر؟
چىگىش خىياللار مىنى ئەسىر قىلۋالدى. دۇنيا ئاجايىپ -ھە! ئەتراپىمىزدا ھەرخىل - ھەر تۈرلۈك ئىشلار يۈز بىرىپ تۇردۇ. بىريەردە مۇھتاجلىق ،بىريەردە ئىسراپچىلىق. بىريەردە يىغا-زار،بىريەردە تاماشا. بىرلىرى كىسەل ئازابىدىن قۇتۇلاي دىسە پۇلى يوق ، ئەمما بىرلىرى شۇ پۇللانى نەلەدە بۇزۇپ چېچىشنىڭ پىلانى بىلەن ئاۋارە. بۇ تەقدىرنىڭ ئادالەتسىزلىكى ، دۇنيانىڭ رەھىمسىزلىكىمۇ ؟! ياق ! ياق ! جىمىى ھەمدۇ-سانالارغا لايىق بولغان،مۇكەممەللىك ئىگىسى،ھىكمەت ساھىبى بولغان زات دۇنيانى ناھايىتى ھىكمەت بىلەن ياراتقان. ئۇنداقتا سەۋەپ نەدە ؟!
سەۋەپ ــ دەل بىزدە ! ئادەم دىن ئىبارەت بۇ پاكلىق ۋە نىجىسلىق ئارلىشىپ كەتكەن مەخلۇقتا،نىئمەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان بۇ مەخلۇقتا. مىھرى - مۇھەببەتتىن ، ئەدلى - ئادالەتتىن كۈنسىرى يىراقلىشىۋاتقان بۇ مەخلۇقتا .
مەن نىمىشقا بۇنداق دەيمەن ؟!
مەن، ئۆز يۇرتۇمدا 11- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى بۇلۇپ قالسىمۇ ، ئۆيگە كۈمۈر ئالغۇدەك مادارى يوق ، شۇ نارەسىدە بالىلىرنىڭ دەردىدە باشقىلارغا دەت تۆكۈپ يىغلىغان ئەرلەنى كۆدۈم . ۋە يەنە ، بىر قىشتا ئۆيدە ئىشلىتىش ئۈچۈن 10 توننا كۈمۈرنى بىر ئۆي ئۈچۈن سېتىۋالغان كىشىلەرنىمۇ كۆدۈم . بالىلىق بولامماسلىق سەۋەبىدىن تۇرمۇشى خۇشاللىقتىن يىراقلاشقان،بالا دەردىدە كۆز ياشلىرى قۇرىغان ئاتا-ئانىلارنى كۆردۈم . ۋە يەنە ، ياراتقۇچى نىئمەت قىلىپ بەگەن ، شۇنچە كىشىلەر ئۆزىدە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان بالىلارنى تاشلىۋەتكەن ، ئىگە بوممىغان ، ھەتتا بالىسى تۇغۇلۇپ بۇيىغا يەتكىچە،ئۆزى تاپقان بالىنى بىر قېتم كۆرەي دىمىگەن كىشىلەنىمۇ ھەم كۆردۈم. كۆردۈم ، كۆرىۋاتىمەن ، ئاڭلاۋاتىمەن ، ھەيران بۇلىۋاتىمەن ...
تېخى يېقىندا مەلۇم بىريەدە 17 ياشلىق بىر قىزنىڭ ھامىلدار بۇلۇپ ، بالىسىنى يۇشۇرۇن تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن 3-قەۋەتتىن تاشلىۋېتىپ ، كەچتە يەنە ئۇغۇل دوستى بىلەن سىرتلادا ئويناپ يۈرگەنلىكىنى خەۋەر تورلىرىدىن كۆرۈپ ‹توۋا ! بۇمۇ ئادەممۇ ؟!› دەپ ياقا چىشلىگەن ئىدىم . ئەمدى مانا تۈنۈگۈن يەنە مەلۇم بىريەدە يەر ئاستى تۇغۇت ئۆيىنىڭ بارلىقىنى،شۇ يەردىكى ئاياللارنىڭ بالىنى بىر ياقتىن تۇغۇپلا ، بىر ياقتىن نەخ پۇلغا سېتىۋېتىپ ، ھېچ ئىش بوممىغاندەك چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى خەۋەردىن كۆرۈپ ئايلىنىپ كەتمىدىم ، ئۇنىڭ بېرىسى بولدۇم. توۋا... بۇ قانداق جاھان بوپ كەتتى ؟! بۇ ئادەملەرگە زادى نىمە بولدى ؟!
بەلكىم بەزىلەر ئىتىقاتسىز ئادەملەر ھەر ئىشنى قىلىشتىن يانمايدۇ دىيشى مۇمكىن. توغرا! لېكىن مەن ئويلايمەن ، ياراتقۇچى ئىنسىان دۇنياغا كىلىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا پاك بوغان مىھىر-مۇھەببەتنى ئاتا قىلىدۇ . ھەربىر ئىنسان تۇغۇلىشىدا ساغلام تەبىئەتتە تۇغۇلىدۇ (بۇنى ئىسپاتلاش كەتمەيدىغۇ ؟) . ھە بۇپتۇ ، يىراقنى قويۇپ ئۆز دىيارىمىزغا ، ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قاراپ باقايلى !
ئۈندىدار ئارىمىزدا ئۇمۇملاشقاندىن كىيىن بىز كۈندە دىگۈدەك ھەرخىل ئادەم ئىزدەش ئىلانلىرىنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز. بۇنىڭ كۆپىنچىسى نارەسىدە بالىلار . ئۇنداقتا بۇ بالىلار نەگە كەتتى ؟!
ئادەم بىدىكلىرى ھادىسىسى دىيارىمىزغا كىرگىلى مىنىڭ بىلىشىمچە 20 يىللار بوپ قالدى،بەلكىم ئۇنىڭدىن ۇزۇندۇر. تاكى ھازىرغىچە بۇخىل ئىشلا توختاپ باققىنى يوق . پسكەشلەنڭ ۋاستىسى ھەرخىللىشىپ باردى لېكىن ئۇلا شۇ بىچارە،بالا دەردىدە ئۆزىنى يۇقۇتۇپ قۇيۋاتقان،پەقەت ئەجەل كەممىگەنلىكى سەۋەپلىك ھاياتتەك يۈرۋاتقان ئاتا-ئانىلانىڭ نالىلىرگە قۇلاق سېلىپ باقمىدى . كوچىلاردا بالىلىرنى بىللە يىتىلەپ كىتىۋاتقان ، باغچىلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگەنىدە، بۇلۇڭلارغا كىرىپ ياش تۆكىدىغان،ئانىسىنىڭ يېنىدا يات ‹دادا› ، دادىسىنىڭ يېنىدا يات ‹ئانا › نى كۆرىدىغان سەبى بالىلار كۆپەيسە كۆپەيدىكى،‹بىزنىڭ بالىلىرمىز شۇ كۈنگە قالمىسۇن،ئاچچىقنى بېسىۋالاي،نەپسىمنىڭ كەينىگە كىرمەي،مەسئۇلىيتىمنى تۇناي › دەيدىغان ئاتا - ئانىلا كۆپەيمىدى . ئەكسىچە ، ئاجرىشىش بىزگە ‹مودا › بۇلۇپ قالدى.
ھەممىمىز جەمىيەت بۇزۇلدى دىيىشنى بىلىمىز . جەمىيەت نىمىشقا بۇزۇلدى؟ مۇشۇ بۇزۇلغان پېتى كىتىۋەرسۇنمۇ ياكى بۇنى تۈزەيلىمۇ ؟ دەيدىغانلائاز ساندا . مىنىڭچە ئادەم بۇزۇلسا -ئائىلە بۇزۇلىدۇ -ئائىلە قەدىر - قىممىتىنى يوقاتسا - جەمىيەت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. چۈنكى ، ئائىلە - مىھىر مۇھەببەت مەنبەسى ، ئائىلە - ئىناقلىقنىڭ بۇلىقى ،ئائىلە - پەرزەنت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەكتەپ .
دۆلەت سىتاستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستاستىكا قىلىشىچە، 2013-يىلى يالغۇز خوتەن ۋىلايىتىنىڭلا تۇنجى نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى 72 پىرسەنىت بولغان . دىمەك كەلگۈسىدە نۇرغۇن ياراملىق بالىلارنى ، ئالىملارنى يىتىشتۈرۈپ چىقالايدىغان نۇرغۇن ئائىلە ۋەيران بولدى دىگەن گەپ .
شۇڭا،قېرىنداشلىرىم ، ئاكا-ھەدىلىرىم . گەرچە مەن تېخى توي قىمىغان بىر بالا بولساممۇ سىلەدىن سەمىمى ھالدا ئۆتىنىدىغىنىم : تويدىن ئاۋال ياخشى ئويلىشىڭلا ، توي ھەرگىزمۇ بۇيىغا يەتكەنلىك سەۋەپلىك ، ياكى ماددى ئىھتىياج سەۋەپلىك قىلىدىغان ئىش ئەمەس ، نىكاھنىڭ يولغا قۇيلىشىدا نۇرغۇن مەقسەتلەر ، ئىلاھى ھىكمەتلەر يۇشۇرۇنغان . شۇڭا بالىلىرمىزنى ئىللىق ماكاندا ئۈسۈپ يىتىلىشتىن مەھرۇم قويمايلى ، ئۇلارنى ئاتا-ئانا تەڭ تەربىيلىسۇن،بىللە قاتارغا قوشسۇن ، چۈنكى بالا يالغۇز بىرسىنىڭلا ئەمەس .
ئۈمىدىم، ئادىمىيلىكىمىزنى ، ئەقىدە-ئىتىقادىمىزنى ، ئەجداد مىراس ئەخلاقلىرمىزنى ئۇنۇتماستىن ئۆز ئائىلىمىزگە ئگە بۇلايلى!!!!!!
‹بالام قانداق ئادەم بولسۇن دىسەڭ ، سەن شۇنداق ئادەم بول!›دەيدىعان گەپ بار.شۇڭا،كەلگۉسى ئەۋلاتلارعا ياحشى ئىزىمىز قالسۇن.بالىلارعا كۅڭۉل بۅلەيلى ، ئۇلا كەلگۉسىدە بىز قىلاممىعان ئىشلانى قىلىدۇ.
ئۇيعۇر جەمىيتى ئەمدى ‹ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار،يىتىم بولمىسۇن سەبى بالىلار !› دەپ نالە قىلمىسۇن!ئەمدى يىتەر!
ئاحىردا ئۅزۉمنىڭ بىر سۅزىنى سىلەگە سۇناي:
‹قىزلار تۇعۇشتىن بۇرۇن ئانا بۇلىشى كىرەك !ئوعۇللار بالىلىرى تۇعۇلۇشتىن ئاۋال دادا بۇلىشى كىرەك!›
تۇنجى يازمام بولعانلىقى ئۉچۉن تەكلىپ پىكىرلەنى ئايىماي بىرشىڭلانى ئۉمىد قىلىمەن !