مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3309|ئىنكاس: 51
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىز «ياخشى» غا لايىقمۇ ؟! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113005
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2015-1-13
ئاخىرقى: 2015-5-17
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 11:12:53 PM |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

بىز «ياخشى» غا لايىقمۇ؟!


ئۈمىدۋار




   نىكاھ--ئىنسانىيەت ھاياتىدىكى مۇقەددەس بىر تىما. ئۇ ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان ئەڭ كاتتا نىئمەتلەرنىڭ بىرى.  ئۇ ھارام بولغان مۇناسىۋەتنى ھالال قىلغۇچى رىشتە. شۇنداقلا يەنە،جەمىئەتنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاستىلەرنىڭ بىرى . كۆپىنچە ھاللاردا نىكاھ تۇرمۇشى قانائەتلىنەرلىك بولالمىغان كىشىلەردىن زور مۇۋەپىقىيەتلەرنىڭ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بەك ئاز . چۈنكى ئائىلە-- ئىنساننىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ، نىكاھ دەل بۇ تۈۋرۈكنىڭ ئاساسى ئۇلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر تۇرمۇش قۇرۇش ئىشىغا كەلگەندە، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن بىللە شۈبھىلىك ئەندىشىلەرگە چۈشۈشكە مەجبۇر.


مەيلى توي قىلىش يېشىغا يەتكەن يىگىتلىرمىز بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى بولسۇن كۆڭلىگە شۇنداق بىر ئارزۇنى پۈكىدۇ . ئۇ بولسىمۇ «ياخشى قىز » بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش .بۇ ناھايىتى توغرا ھەم گۈزەل بىر ئارزۇ . چۈنكى ، ئىنسان يارىلىشىدىن تارتىپ ياخشىغا ئىنتىلىش،يۇقىرىغا يامىشىش،ھەرنەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئىرىشىشنى ئىستەيدۇ،بۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتى. ھەممە ئادەم ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەمدەمدە بولالايدىغان، تۇرمۇشنىڭ ئىقسسىق - سوغۇقلىردا يېنىدا تۇرالايدىغان، ئۆز ئارزۇسى، تەسەۋۋۇرىدىكىدەك بىر تۇرمۇش ئورتاقى بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.ھېچكىممۇ كەچكىچە خوتۇن ئېلىپ قويۇۋېتىشنى ئۆزىگە «كەسىپ» قىلىۋېلىشنى ئويلىمايدۇ .بۇ ئەمەلىيەتتەەناھايىتى  قوللاشقا ئەرزىيدىغان،ئەقىلغا مۇۋاپىق،گۈزەل بىر خىيال.

ئەمما ، بۇ تەرەققى قىلغان زاماندا ئەقىدە-ئەخلاقلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن سەل قارىلىشى نەتىجىسىدە ، بۇ گۈزەل خىيالغا يەنە بىر مەسىلە ئەگىشىپ كەلدى. بۇ مەسىلە دەل-- ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ياخشىغا ئىنتىلىشتۇر .

  ئەتراپىمىزدا تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرنى دائىم ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق : «ئويۇننىمۇ يەتكۈچە ئويناپتىمەن ئەمدى ياخشى قىزدىن بىرنى تېپىپ ئۆيلەنسەم، تىنىچ تۇرمۇش كەچۈرسەم بولاتتى»،«بالام يېقىندىن بىرى پەقەت گەپ ئاڭلىمايدىغان، ئۆيگە قايتمايدىغان بولىۋالدى، ياخشى قىزدىن بىرنى تېپىپ تويىنى قىلىپ قويساق ئوڭشىلىپ قالار»،«پالانىنىڭ قىزى بەك ئىسىل،ئەخلاقلىق قىز بولدى، ئوغلىڭىز بىلەن تويىنى قىلىپ قويساق بەلكىم شۇقىز ئوغلىڭىزنى توغرا يولغا باشلاپ قالار»......بۇنداق سۆزلەنى ھەممىمىز ئاڭلىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. مۇشۇ مۇبارەك سۆزلەرنىڭ ئىگىسى بولغان، شۇ ياخشى قىزغا ئۆيلىنىشنى ئويلايدىغان غوجامغا قاراپ باقساق، كۆپىنچىسى ئاق پىچاق - كۆك پىچاق ھەممىنى ئوينىغان، نەدە ئويۇن-تاماشا بولسا ئىزدەپ سوراپ ئەمەس، پۇراپ يۈرۈپ تاپىدىغان ، ئاتا-ئانىسى گەپكە كىرگۈزەلمەي ، يا ئۆيدىن چىقىرۋېتەلمەي يۈرىدىغان «نوچى»لار.

مۇشۇنداق گەپلەنى قىلغان ئاتا-ئانىلاردىن شۇنى سورىغىم كىلىدۇ:«سىز ئۆز پەرزەنتىڭىزنى لاياقەتلىك تەربىيلىيەلمەيسىزيۇ،باشقىلار ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيلەپ بەرگەن قىزلىرىنى سىزگەكىلىن قىلىپ بىرىپ،سىز قىلالمىغان مەجبۇرىيتىڭىزنى ئادا قىلىپ بەرسۇنمۇ؟!! سىزنىڭ شۇ ئەركە ئوغلىڭىز مىڭ بىرجاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلىماي، سىزنى كۆزگە ئىلمىغان يەردە،شۇ بىر قىزچاقنىڭ گىپىنى ئاڭلارمۇ ؟! بۇ پەقەت خاتالىقىدىن قېچىش خالاس!

شۇ «نوچى» يىگىتلىرمىزدىن شۇنى سوراپ باققۇم كىلىدۇ :« سىز ئۆزىڭىز ئاتا-ئانىسىمۇ باشقۇرالمايدىغان دەرىجىدە ئەسكى تۇرۇپ، شۇنچە ياخشى بىر قىزغا ئۆيلىنىشنى ئويلامسىز؟!

سىز نۇرغۇن قىزلار بىلەن ئارلىشىپ،ھەتتا نەچچىسىنى ئۆز نەپسىڭىزنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرغان تۇرۇقلۇق، كەلگۈسى جۈپتىڭىزنىڭ ئەركەك چىۋىنمۇ قونمىغان بىر پاك قىز بۇلىشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟! سىز جەمىئەتتە نامىڭىز چىققان ، قىلغان ئىشلىرىڭىزنى بىرەرسى بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرىدىغان تۇرۇپ، ئەخلاقلىق ، ھايالىق بىر قىزغا ئۆيلىنىشنى ئارزۇلاپ كەتتىڭىزمۇ؟!

سىزدە بالا تەربىيلىگۈدەك بىلىم-ساپا يوق تۇرۇپ، بالامنى ياخشى تەربىيلەيدۇ دىگەن شۇ «گۈزەل »باھەنىىڭىز بىلەن بىلىملىك ، ساپالىق بىر قىزنى ئەمرىڭىزگە ئېلىشنىڭ خىيالىدا يۈرەمسىز ؟!

مىنىڭ نەزىرىمدە بۇ ئىنساپسىزلىق، زۇلۇم دىن ئۆزگە نەرسە ئەمەس !

مۇشۇنداق تەڭسىزلىك ئاساسىدا قۇرۇلغان نۇرغۇن نىكاھلارنى كۆرىۋاتىمىز، كۆپىنچىسى ئاجرىشىش تىن ئىبارەت پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىپ ، نۇرغۇن بىلىملىك ، ئەخلاقلىق ، ھايالىق قىزلىرىمىز ياشلىق باھارىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرىدا، دوستلىرى بەخىتلىك تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئېلىپ يۈرىۋاتقان ۋاقىتلاردا بىر - ئىككىدىن بالىنى كۆتۈرۈپ « تۇل» لۇق كوچىسىدا يۈرمەكتە.ئۇ «نوچى » غوجاملىرىمىز، تېخىمۇ ياخشى قىز ئىزلەپ ھەريان قاتراپ يۈرمەكتە.

يىگىتلىرىمىز! ئىنسابىمىز بىلەن، ۋىجدانىمىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ ، دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا ئېلىپ قويۇپ ئولتۇرۇپ ئويلاپ باقايلى ، شۇ ياخشى قىزلاغا بىز زادى لايقىمۇ ؟! بىزنىڭ ياخشىغا ئىنتىلىدىغان ھەققىمىز بولسا، شۇ ياخشى قىزلانىڭمۇ ياخشى يىگىتلەنى تاللايدىغان ھەققى يوقمۇ؟! بىز ئۆزىمىز ياخشى بولالمايمىزيۇ،ياخشى ئىرشىشنى شۇنچە ئويلايمىز . بىزدەك بىر بىلىم قەدرىگە يەتمەيدىغان ، ئىلىم ئۆگۈنۈشنىڭ قانچىلىق جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان قارا قورساقنىڭ ، بىلىملىك قىزنى ئالىمەن دەيدىغانغا ھەققىمىز بارمۇ ؟! ھەممىمىز ياخشىغا، پاك، ھايالىق قىزلارغا ئىنتىلسەك،بىز بۇزىۋەتكەن، ئۆز نەپسىمىز ئۈچۈن يولدىن چىقىرۋەتكەن شۇ قىزلار بىزنىڭ قۇربانىمىز بولۇپ بىر ئۆمۈر يالغۇز ئۆتسۇنمۇ ؟!

ئىنسابىمىز بىلەن ئويلىنىپ باقايلى . بىزنى بىكارغا ئىككى قېتىم مۇبارەكلىمىگەن ، بىكارغا قويدىن ئىككىنى سويۇپ ئەل-جامائەتكە زىياپەت بەرمىگەن ،بىز بىكارغا ئەلنىڭ تۈۋرۈكى دەپ ئاتالمىغان.

بۇنىڭ ھەمىسى زورئۈمىدنىڭ،يۈكسەك ئەرلىك مەسئۇلىيەتنىڭ سىمولى.

ئەگەر ياخشى قىزغا ئىرىشمەكچى بولساق بىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولايلى، قىزلار بىزنى ئەمەس بىز قىزلارنى ھەق يولغا باشلايلى، ئۈلگە بولايلى ، ئۇلار بىزدىن ھېيىقسۇن، تارتىنىپ يۈرسۇن. پاك قىزلاغا ئىرىشمەكچى بولساق ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى ، قىزلانى يولدىن چىقامايلى،مەقسىتىمىزگە يىتىپلا پىشىمىزنى قېقىپ كىتىدىغان نامەرتلىكنى قىلمايلى.ھەربىر ئۇيغۇر قىزىنى ئۆز ھەدە سىڭلىمىز كەبى قوغدايلى ، ئاسرايلى ئۇلانى بەخىتسىز قىلمايلى. بىلىملىك قىزلانى ئىستىسەك ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىز تىرىشىپ بىلىم ئالايلى، ئىلىم ئەھلىنىڭ قەدرىگە يىتىشنى بىلەيلى. كەلگۈسىدە بالىلىرمىزنى ئانىسىغىلا تاشلاپ قويماي،ئۆز گۈزەل ئەخلاقىمىز،ئەرلىك جاسارىتىمىز بىلەن تەربىيلەيلى . بالىلىرمىز مەن شۇنداق بىر ياخشى دادىنىڭ بالىسى،دادام ماڭا شۇنداق ئۆگەتكەن دەپ پەخىرلىنىپ يۈرسۇنكى،ھەرگىز دادا تىمىىسى چىققان يەردىن قاچىدىغان، دادىنى ئويلىسا دېمى ئىچىگە چۈشۈپ ئۇھسىنىدىغان، نەپرەتلىنىدىغان بولۇپ قالمىسۇن. ئۆزىمىز ياخشى بولۇپ بولغاندىن كىيىن ، ئاندىن ياخشىىنى ئىزدەشكە يۈگرەيلى. بولمىسا « ئەسكى تۇماققا سېسىق كاللا خېرىدار » دىگەنگە قانائەت قىلايلى . ياخشىلار ياخشىلارغا لايىق ، ئۇلار ھەرگىز يامانلارغا خار بولۇپ قالمىسۇن .

ئاخىردا يىگىتلىرمىزگە دەيدىغىنىم: بىز جەمىئەتنىڭ يۈرىكى ، ئاياللارنىڭ قالقىنى ، يۆلەنچۈكى .يۈرىكى زەئىپلەشكەن ئادەم تۈگەشكەنگە ئوخشاش ، يىگىتلىرى زەئىپلەشكەن مىللەتنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى مۇقەررەر . شۇڭا، ھەر ۋاقىت ئەرلىك سۈپىتىمىز بويىچە ياخشىلىقتا ئۈلگە بولۇپ ياشايلى . ئاتا-ئانىلىرمىز بىزدىن پەخىرلەنسۇن . ئەل-ئاۋام بىزدىن رازى بولسۇن ، ئۆزىمىز ھەقىقى ياخشى بولغاندىلا ياخشى قىزلاغا لايىق بولىمىز ، بولمىسا ئىنسابسىز خىياللارنى قىلماي، ئۆزىمىزنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئۆز قىممىتىمىزنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشايلى.

ياخشىنى تاللاش ئالدىدا ئۆزىمىز دىن چوقۇم شۇنى سوراپ باقايلى:


«بىز ياخشى غا لايىقمۇ؟!»


2015-يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى




ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر1 ساقلاشساقلاش2 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0
زۇلمەتتىن مىڭ يىل قاقشىغىنىڭدىن،بىرتال شام ياققىنىڭ ئەۋزەل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5782
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-5-2
2#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 11:50:16 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز... ‹ ئۆزۈڭ ياخشى قوشناڭ ياخشى › دەيدىغان كونىلار...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78763
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4584
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2015-5-18
3#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-14 11:53:08 PM |ئايرىم كۆرۈش |
ياخشى  ئايال تېپىشتىن بۇرۇن ياخشى ئەر بول

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78763
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4584
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2015-5-18
4#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:00:23 AM |ئايرىم كۆرۈش |
مەنمۇ ئانا بۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ  بەخىتتكە  نائىل بولدۇم    نۇرغۇن  ئارزۇ ئۈمۈتلەر بىلەن  مەن  پەخىرلەنگۈدەك   ئادەم بولسۇن دەپ   جان ئوغۇلۇمنىڭ  ئىسمىنى   پەخرى  قويدۇم   ،  ئوغۇلۇمنىڭ  ياخشى  بىر  يىگىت  بۇلۇشى ئۈچۈن  ئانىلىق  بۇرچۇمنى  ئادا   قىلىمەن .مانا  بۇ  مىنىڭ  ھاياتىمدىكى  ئەڭ  چوڭ  غېمىم

ۋېلى زىرەككەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 891
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3708
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 835 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-25
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:09:33 AM |ئايرىم كۆرۈش |
مەن ئۆزۈم ياخشى ئەمدى ياخشىدىن بىرنى ئۇچراتسام بولاتتى كۆڭلۈمدىكىدەك .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
KURAX.JAN + 20 ئېلانما بۇ ھا ھا ھا

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113005
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2015-1-13
ئاخىرقى: 2015-5-17
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:23:12 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ilmi يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 12:00 AM
مەنمۇ ئانا بۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ  بەخىتتكە  نائىل بولدۇم  ...

ياخشى ئويلاپسىز. لېكىن ئەڭ چوڭ غېمىڭىز بۇ بولۇپ قالمىسۇن . ئۆز  ئارزۇلىرىڭىزنى ئوغلىڭىزغا تاڭماڭ . ئۆزىڭىزمۇ ھەم قىممىتىڭىزنى يارتىش ئۈچۈن تىرىشىڭ

زۇلمەتتىن مىڭ يىل قاقشىغىنىڭدىن،بىرتال شام ياققىنىڭ ئەۋزەل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113005
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2015-1-13
ئاخىرقى: 2015-5-17
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:23:41 AM |ئايرىم كۆرۈش |
كاشكارى يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 12:09 AM
مەن ئۆزۈم ياخشى ئەمدى ياخشىدىن بىرنى ئۇچراتسام بولاتت ...

خۇدايىم بىرە

زۇلمەتتىن مىڭ يىل قاقشىغىنىڭدىن،بىرتال شام ياققىنىڭ ئەۋزەل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113558
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 642
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2015-1-25
ئاخىرقى: 2015-5-26
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:43:31 AM |ئايرىم كۆرۈش |
     بەكمۇ ئورۇنلۇق سۆزلەرنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ئىكەن . بۇ تېما مېنى خېلىلا چوڭقۇر ئويغا سالدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113005
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2015-1-13
ئاخىرقى: 2015-5-17
9#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 12:54:30 AM |ئايرىم كۆرۈش |
borkut- يوللىغان ۋاقتى  2015-2-15 12:43 AM
بەكمۇ ئورۇنلۇق سۆزلەرنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ئىكەن . بۇ تېم ...

ئويغا سالالىغان بولسا مەن سۆيۈندىم

زۇلمەتتىن مىڭ يىل قاقشىغىنىڭدىن،بىرتال شام ياققىنىڭ ئەۋزەل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2390
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 560 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-25
10#
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 01:33:05 AM |ئايرىم كۆرۈش |
راست دەيسىز ، ئىچەرمەن- چىكەرمەنگە  يۆزى ئىچىلمىغان مۇخلىسە  قىز نى  ئىپ بىردىكەن  ، بىر قانچە ئاي بۇلار-بولماي  ماڭا ماسلاشمىدىڭ  دەپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغان  ئىشلارنى  كۆپ كۆرۋاتىمىز ھازىر  .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش