مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئەرتۇرا

بىزئۇيغۇرلارمۇشۇنداق مىللەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 12:20:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



  خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن

ئىسراپخورلۇق مەنبەسى ئىكەن,
خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن.
ھەشەمەتكە مىجەزىم تىكەن,
خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن.


ئاددى ساددا ياشاش نىشانىم,
ھەشەمەتتىن خالىي خىيالىم.
ھەشەمەتتە سۇسلار ئىمانىم,
خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن.


ئاۋۇپ كەتتى قۇرۇق رەسمىيەت,
ئاڭلىمايدۇ قىلساق تەربىيەت.
بىزدە كۆپتۇر بۇنداق ئەمىليەت,
خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن.


ھەشەمەتكە ئاچچىغىم كىلەر،
ئىسراپچىلىق يۈرەكنى ئىزەر.
خەلقىم قاچان ئۇنى بىر تىپەر،
خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن.

ھەشەمەتنىڭ دەردى بار ئاخىر،
بولساڭ پۇللۇق ھەتتا چوڭ كادىر.
خەلقىم ئەمەس ھەشەمگە قادىر،
خوشۇم يوق شۇ ھەشەمەت بىلەن.


2014-8-2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13306
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 656 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 01:13:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 09:29 PM
لو
         بىز  ئۇيغۇرلار قانداق خەلق؟

  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى توغرىسىدا ئەزەلدىن تالاش-تارتىش مەۋجۇت.مەنمۇ تارىختىن ياخشى خەۋىرىم بولمىسىمۇ لېكىن بۇ سىرنى بىر ئېنىقلىۋالغىم بار ئىدى.ئەپسۇسكى نوپۇزلۇق مەنبە تاپالمىغان ئىدىم.سىزنىڭ يازمىڭىزنى كۆرۈۋېتىپ،تۇيۇقسىز شۇنداق تۇيغۇ شەكىللەندىكى،ئۇيغۇرلار نوقۇل ھالدا مەلۇم بىر مىللەت ياكى قەبىلىگىلا مەنسۇپ بولماستىن،بەلكى شىمالىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا سەلتەنەت يۈرگۈزگەن نۇرغۇن قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن شەكىللەنگەن دېيىشكە بولىدىكەن.ئۇيغۇر دېگەن نام مۇشۇنىڭدىن كەلگەن بولسا كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99341
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2013-11-7
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 03:02:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ مىللىتىمنى ھەرخىل يامانلىقلاردىن ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 09:56:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ


ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتالىپ (شوئۇكھرات مىتالىپوۋ) قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1995-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كەلگەن. ئۇ 1987-يىلى رۇسىيىنىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى تىمىرىئاسەۋ ئاكادېمىيىسىدە (تىمىرىئاسەۋ ئاادەمي) كۆپىيىش بىئولوگىيىسى پېنىدىن ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1994-يىلى يەنە رۇسىيە تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ (رۇسسىئان ئاادەمي ئوف مەدىال سىئەنەس) تېببىي گېنېتىكا تەتقىقات مەركىزىدە يېتىلىش گېنېتىكىسى (دەۋەلوپمەنتال گەنەتىس) ۋە غول ھۈجەيرە (ستەم ەلل) بىئولوگىيىسى پېنىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. كېيىن ئۇ گېرمانىيىنىڭ مۇەنستەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ غول ھۈجەيرە ۋە گېن تەرەققىياتى بىئولوگىيە ئۈستىدە دوكتور ئاشتى باسقۇچىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.

دوكتور شوئۇكھرات مىتالىپوۋ 1995-يىلى ئامېرىكىدىكى ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەن ۋە 1998-يىلى ئورېگون شىتاتىغا يۆتكىلىپ، ھازىرغىچە ئورەگون شىتاتىدىكى دۆلەتلىك مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانات تەتقىقات مەركىزىدىكى كۆپەيتىش تېخنولوگىيىسى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى مەركىزى تەجرىبىخانىسى ۋە ئورەگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورېگون ھۈجەيرە مەركىزىدە ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى، تۆرەلمە غول ھۈجەيرە (ئەس ەلل) قاتارلىق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. غول ھۈجەيرە: توقۇلما ۋە ئىچكى ئورگانلارغا تەرەققىي قىلىش ئالدىدىكى دەسلەپكى ھۈجەيرىدۇر. يەنى بىر تال ھۈجەيرە نۇرغۇن ھۈجەيرىگە كۆپىيىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەي ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىدىن ئىبارەت. تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى: ھەرقانداق توقۇلمىغىمۇ تەرەققىي قىلالايدىغان، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇرۇق قوبۇل قىلغان تۇخۇمدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەس ھۈجەيرە ھەر خىل ھۈجەيرىگە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىچكى ئەزالار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىلىپ، تەتقىقاتلار ئىشلەنمەكتە. لېكىن كلىنىكىدا رەسمى ئىشلىتىشكە تېخى ۋاقىت كېتىشى مۈمكىن.

ئۇنىڭ تەھرىردىن ئۆتكەن )خەلقئارادا ياكى ئامېرىكىدىكى يىغىنلاردا ئوقۇغان ماقالىسىدىن سىرت( ماقالىسى 26 پارچە، 4 پارچە كىتاب يازغان. بىر پاتېنتى بار. ھازىر 6 تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 3 تەتقىقاتقا ئىلتىماس قىلىپ قويۇقلۇق. بىر تەتقىقاتنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن. دوكتور شوئۇكھرات مىتالىپوۋ ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.
ئۇنىڭ ئايالى گۈلنۇر ناسىروۋامۇ ئالمۇتىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىندا ۋە نەرگىز ئىسىملىك ئىككى قىزى ۋە پائۇل ئىسىملىك بىر ئوغلى بار.   
بىز ئالىمىمىز شوئۇكھرات مىتالىپوۋنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئالغان تەتقىقات تۈرلىرى، يازغان ماقالىلىرى، پاتېنت، ھازىر ئىشلەۋاتقان تەتقىقات تۈرلىرى ھەم يازغان كىتاپلىرى كۆپ.

مەنبە:ئۇيغۇرئاكادېمىيسى تورى




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 10:02:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن 102پارچە رومان

ئابدۇرىھىم ئۈتكۈر
1.ئىز
2.ئويغانغان زىمىن

ئابدۇللا تالىپ
3.قاينام ئۆركىشى
4.چالا تەگكەن ئوق
5.لالە -قۇربان

ئابدۇللا ساۋۇت
6.چاقماق
7.پۇتمەس سەترىلەر
8.ھاياتلىق زەنجىرى
9.يۇلتۇز ئەپسانىسى

ئابدۇراخمان قاھار
10.ئىلى دۇلقۇنلىرى
11.ھايات سەپىرى
12.ئاۋات شەھەرنىڭ يىڭى پۇقراسى
13.كۈڭۈل

ئابلا ئەخمىدى
14.يىللار
15.تۈشۈك مۇنچاق

ئابدۇۋەلىي ئىلى
16.بەدۆلەت
17.مەخدوم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى
18.ئاپئاق خوجا
19.تۇرغاق خوجىلار

ئابباس مۇنىياز
20.ئاخىرقى ئۇۋ

ئابدۇساتتار ھامىدىن
21.ئاشۇ كۇنلەردە

ئابلىكىم سابىر
22.ئۈمىد يۇلتۇزلىرى

ئابلىز ھەسەن
23.يۈتكىلىپ ئاقىدىغان دەريا

ئارسلان تالىپ
24.كىرورەن ھەققىدە يىڭى رىۋايەت

ئالىمجان ئىسمايىل
25.تۇمانلىق ئۇپۇق

ئاماننۇرى ئابدۇرۇسۇل
26.تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار

ئايشەم ئەخمەت
27.ئۈچمەس ئىزلار
28.مۇھەممەت بىشىر ۋاڭ

ئەبەيدۇللا ئىبراھىم
29.تۈندىكى چاقماق
30.داغ

ئەختەم ئۆمەر
31.يىگانە ئارال
32.باياۋاننىڭ سىرى

ئەخەد تۇردى
33.ئۇنتۇلغان كىشىلەر
34.ھايات شۇنداق
35.ئاي يامغۇرى
36.يىراقتا قالغان مۇھەببەت
37.سەرسان روھ
38.بەخىتسىز سەئىدىيە

ئەركىن سابىر
39.قارا ئىقىن

باتۇر روزى
40.پىلسىراتتىن ئۈتكەنلەر

پەرھات جىلان
41.مەھمۇد قەشقىرى
42.ئۇرخۇن شەجەرىسى

پەرھات تۇرسۇن
43.ئۈلىۋىلىش سەنئىتى

پەخىردىن موسا
44.باشئەگىم
45.باشئەگىمدىكى رىۋايەت
46.ھالاكەت گىردابىدا

پاتەم ناسىر
47.ئۆگەن يىشى

توختى ئايوپ
48.تەڭرىنىڭ ھۆكمى
49.بۆرە ئانا

تۇختى سابىر
50.دۇقمۇش پاراڭلىرى

تۇردى سامساق
51.ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر

تۇرسۇنبەگ ئىبرايىم
52. تەقدىر

تۇرسۇن روزى
53.كۆزى ئىچىلغان بولاق
54.قۇرۇماس دەرەخ

تۇرسۇن لىتىپ
55.ئەجدادلار ئىزىدىن
56.سەپەر
57.رىھىمشاھ پالۋان

تۇرسۇن ياسىن
58.سادىر پالۋان

تۇرسۇن يۇنۇس
59.مەلىكە ئاماننىساخىنىم

جالالىدىن بەھرام
60.مىھرىگىياھ
61.لىيىغان بولاق

خىۋىر تۈمۈر
62.موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە
63.ئابدۇقادىر دامۇللا ھەققىدە قىسسە
64.بالدۇر ئويغانغان ئادەم

زوردۇن سابىر
65.ئاۋرال شاماللىرى
66.ئىزدىنىش
67.ئاتا
68.ئانا يۇرت

سەيپىدىن ئەزىزى
69.سۇتۇق بوغراخان

سەمەت دوگايلى
70.نۇرلۇق قەلبلەر
71.گۈلئايىم
72.ھايات شاماللىرى

سۇلايمان ئابدۇرىھىم
73.گۆر ئاغزىدىن يانغانلار
74.كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە

غەيرەت ئابدۇللا
75.ئۆز تەقدىرىنىڭ خۇجايىنلىرى

غەيرەت ئاسىم
76.يىغلىما ئىنسان
77.ئاخىرقى ئاقسۈڭەك
78.يات كۈلەڭگىلەر

قاھار جىلىل
79. قىساس

قەييۇم تۇردى
80.قىزىلتاغ باتۇرلىرى
81.كۈرەشچان يىللار
82.سۈزۈك ئاسمان
83.جىمجىت جوڭغارىيە

مالىك كىۋىر
84.كۈن شەرقتىن چىقىدۇ

مەمتىمىن توختايوپ
85.قانلىق يەر

مەمتىمىن ھۇشۇر
86.قۇم باسقان شەھەر

مەمتىمىن شىپە
87.ھەسرەتلىك مۇھەببەت

ماخمۇتجان ئىسلام
88.ھايات قايناملىرىدا

مەخمۇت مۇھەممەت
89.ھاياتتا مۇشۇنداق كۈنلەرمۇ ئۈتكەن

مۇھەممەتجان سادىق
90.زۇلپىقار
91.بوز ئەر

مەمەت لىتىپ
92.مىھىر شەپقەتلىك دۇنيا ) ئانا نەسىھىتى(

مەمتىلى ھىلىم
93.قانغا بۇيالغان سايرام

مۆمىن مۇھەممىدى
94.شاۋقۇن

مىرزاھىد كىرىمى
95.جۇدالىق
96.سەئىدخان
97.سۇلتان ئابدۇرىشىتخان
98. يۈسۈپ خاس ھاجىپ

ھۈسەنجان ئابدۇۋىلى
99.كۆزگە ئايلانغان كۈڭۈل

ياسىنجان سادىق
100.داۋان
101. جاللات خېنىم
102.باھادىرنامە



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76301
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4202
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 01:09:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىرنى دەي بىر كۇنى مەن ئانام بىلەن پەيزىۋات 3-يېزىغا تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىدىكى نەزىرگە باردۇق . يېزا بازىرىدىن تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە ( تەخمىنەن 10 كىلومىتىر) تاكسى كىرا قىلدۇق ، مەنزىلگە يەتكەندىن كېيىن ئۆيگە كىرىپ دۇئا -سالامدىن كېيىن ئانام ئاللا بالام تىلپىنىم يوقتۇرىدۇ، نەگە چۇشۇپ قالغاندۇ دىدى، تاكسىغا چۇشۇپ قالغاندىمۇ دەپ ئۇنى دەپ بۇنى دەپ بوپتىلا دەپ ئولتۇردۇق ، ئىككى سائەتلەردىن كېيىن بىرسى تىلپۇننى ئەكىرىپتۇ، تاكسىچى بالا ئەكەپتۇ دەپ، تاكسىچى بالا ئانامنىڭ تىلىپۇنىغا تۇققانلا تىلپۇن قىلىغاندا تىلپۇننىڭ بىزنىڭ چۇشۇرۇپ قويغىنىمىزنى بىلىپتۇ- دە ئاشۇ يىراق يولدىن يەنە تىلىپۇننى ئەكەپ بىرىش ئۈچۈن بىرمۇنچە يول يۈرۈپتۇ.  
دىمەك ئارىمىزدا نۇرغۇن ياخشى ئادەملەر بار .
مەن قەشقەر كىرەمباغ دوختۇرخانىسىدا ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا رامىزان ئېيىدا داۋالىنىپ بالنىستا يېتىپ قالدىم ،شۇ چاغدا  دوختۇرخانا ئاشخانىسىدا تاماق يەۋاتاتتۇق ئوتتۇرا بويلۇق ئاددى- ساددا كېيىنگەن بىر كىشى ئاشخانا خۇجايىنىغا خاشۇ خالتىدا بىر بولاق پۇلنى تەڭلەپ مۇشۇ پۇل بايلىقمنىڭ پىتتىرسى كىسەلمەن ۋە مۇساپىر بولۇپ كىسەل بېقىۋاتقانلارغا ھەر كۇنى ئىپتار ۋە زۇلۇق قىلىپ يىگىزىۋەتسىلە بوپتىكەن ،دەپ قىرىق مىڭ يۇەن تۆت بولاق پۇلنى تەڭلىدى، مەن ئىنتايىن ھەيران قالدىم. ماندا ئادەملەرنى مەن ئۆزكۆزەم بىلەن كۆردىم .ئاشخانا خۇجايىنى بولسا، بولىدۇ ھاجىم ئاكا بىزمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمىز ، بىز ئىسلە دىگەندەك گۆش شورپا ۋە گۆش پولو قىلىپ تۇلۇق ئىپتار تامىقى قىلىپ تارقىتىمىز دەپ يولغا سالدى. راس دىگەندەك ئەتىسى مىنىڭمۇ گوش پولوغا ئاغزىم تەگدى. بۇ نىمە دىگەن ساخاۋەتچىلىك.
كىسەللەرنىڭ بېشىنى سىلايدىغان مۇنداقمۇ ساخاۋەتچى كىشىلللىرىمىز بار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بارخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-12 01:11 AM  


ئىنسان يىغلاپ تۇغۇلۇپ،باشلارنى يىغلىتىپ كىتدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 09:07:47 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارخان يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 01:09 AM
مەن بىرنى دەي بىر كۇنى مەن ئانام بىلەن پەيزىۋات 3-يېزىغ ...

مەنمۇ بۇيىل رامىزاندا ئۈرۈمچى ئۆسمە كىسەللىكى دوختۇرخاسىغا بېرىپ قالدىم. ھەركۈنلۈكى ئىپتار ۋاختىدا ئازدىگەندە بەش ئالتە كىشى پولۇ سۈيۈق ئاش ......قاتارلىق تۈرلۈك تاماقلارنى ئېلىپ كىلىپ تارقىتاتتى. بۇ تاماقلارنى ئەكەلگەن ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەر تاماقلارنى خەنزۇ بىمارلارغىمۇ بىرىۋاتاتتى......مەنمۇ شۇچاغدا ئۆزۈمنىڭ بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولغانلىقىمدىن ئىچ ئىچىمگە پاتماي پەخىرلەنگەن ئىدىم.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 09:13:44 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشقىن1 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-11 01:13 PM
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى توغرىسىدا ئەزەلدىن تالاش-ت ...

شۇنداق بىز ئۇيغۇرلار ساك، ھون، ئارىيان، ئوغۇز، تۈرك.........قاتارلىق قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئەۋلادى. ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86463
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 890
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 12:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ قۇرلارنى ئۇقۇۋاتقىنىمدا كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى ،ئاللاھنىڭ مىنى بىر ئويغۇر قىلىپ ياراتقىنىدىن مىڭ مىڭ لارچە ھەمدۇسانا ئىيتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 04:16:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ay301 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-12 12:46 PM
مەن مۇشۇ قۇرلارنى ئۇقۇۋاتقىنىمدا كۆزلىرىمدىن ياش چىقى ...

سىزدەك ئۇيغۇرلىرىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش