مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئەرتۇرا

بىزئۇيغۇرلارمۇشۇنداق مىللەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 08:00:57 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى يېڭى بايقاش

     دەرۋەقە بىزنىڭ مىللىتىمىز يۈزەكى چۈشەنچىلەر سەۋەپلىك «ئازسانلىق»  ھېساپلانسىمۇ، ئەمىلىيەتتە دۇنيا بۇيىچە نۇپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت.
تارىخ بۇنىڭغا شاھىتكى،ئىنگىلىز تارىخشۇناسى، ئارخېئولوگ جەيمز چېچۋود  (  James Churchward )   ( بەزىلەر خاتا ھالدا ‹ جېيمس چېچۋارد › ، ‹ جامېس چۇچۋارد › دەپ يېزىشىۋاتىدۇ . بۇ توغرۇلۇق ئايرىم توختىلىمەن )نىڭ بايانى نۆۋەتتىكى پىكىر – چۈشەنچىلىرىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك ، ئەلبەتتە .  
جەيمز چېچۋود 50 يىللىق  تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە يېزىپ چىققان ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە كىتاۋى « مۇ قۇرۇغلۇقى » دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ، ئىنسانىيەت ناھايىتى بۇرۇنلا « مۇ قۇرۇغلۇقى » دا پەيدا بولغان .
ئاپتور كىتاۋىدا ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى دەلىللىگەن ......!!!
ئاپتور بۇ كىتاۋىدا يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن بولۇپ ، كىتاپنىڭ ھەر ــ بىر بابىدىن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا دائىر بايانلارنى ئۇچرىتالايمىز.
ئاپتور ، « مۇ  قۇرۇغلۇقى » مەۋجۇت دەۋردە ، بۇ كونا قۇرۇغلۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولىشىغا مۇستەھكەم ئاساسلارنى سالغان يادرولۇق مىللەت ئىكەنلىگىنى ، دېمەك پارلاق ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمقى ئۇستازى دەل ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ، ئۇيغۇرلار «بۇيۇك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى «نى قۇرۇپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە ئىلىم –پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تېرىتۇرىيىسى ، قۇدرىتى ، تەسىرى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆپلىگەن تارىخىي ھەمدە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ ، ئاسترونومىيە ، مېتاللورگىيە ، توقۇمىچىلىق سانائىتى ، بىناكارلىق ، ماتېماتىكا ، زىرائەت يېتىشتۈرۈش ، مائارىپ ، دوختۇرلۇق ــ تىبابەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىلىملىك خەلق ئىدى ، يىپەك ، تاختا ۋە مېتال ئۈستىگە خىلمۇ - خىل گۈل –نەقشلەرنى چىقىرىشنىڭ ئۇستىلىرى ئىدى . ئالتۇن ، كۈمۈش ، برونزا ( تۇچ ) ۋە سېغىز توپىلاردىن ھەيكەل ياسىيالايتتى . بۇ ، مىسىر تارىخىنىڭ باشلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللار ئىدى »دەپ كۆرسىتىدۇ .
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەردىن مەلۇمكى ، ئۇيغۇرلار مانا شۇنداق قۇدرەتلىك ئېمپىرىيە ھالىتىدە دۇنيانى باشقۇرغان ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ، پۈتكۈل دۇنياغا مائارىپ ، ئىلىم –پەن ، مەدەنىيەت –سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئەتۋا ئۇستاز بولۇپ تۇنۇلغان .
ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مەنبىئى بولغان بىر مىللەتئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ شۇ كىتاۋىدا يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : « ھېچ قانداق شۈبھىلەنمەي ئېيتىش كېرەككى ، شەرىقى ياۋرۇپا مىللەتلىرى تاغلارنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر ...سىلاۋيانلار ، تېۋتونلار ، كېلىتلار ، ئىرلاندىيىلىكلەر ، برېتونلار ۋە باسىكلار ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دېگەن يىلتىزدىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنلەر .برېتونلار ، باسىكلار ۋە ھەقىقىي ئىرلاندىيىلىكلەر ياۋرۇپاغا كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماگېنتلىق ئاپەت ۋە تاغلارنىڭ ھاسىل بولۇشىدىن ئامان قالغانلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . »
ئاپتور كىتاۋىدا يەنە زامانىمىزدىكى ھىندىستانلىقلار ۋە پارسلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى مۇنداق شەرھىلىگەن :«ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي - جەنۇبىدا تاغلار ھاسىل بولغاندىن كېيىن ، ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرى ، ئېمپىرىيە ھالاك بولۇپ 8 ــ 10 مىڭ يىلدىن كېيىن تەنتەنىلىك رەۋىشتە قايتا تارىخىي سەھنىگە چىقتى . ئۇلار داۋانلار ئارقېلىق تۈزلەڭلىكلەرگە يول ئېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ تاغلاردىكى ماكانلىرىنى تۆت تۈركۈم بولۇپ تاشلاپ كېتىشتى . ... تاغلاردىن بىرىنچى تۈركۈمدە ھىندىقۇش تاغلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار چۈشكەن . ،... بۇلار كېيىن ھىندۇ ــ ئارىيانلار سۈپىتىدە مەلۇم بولدى . .... بۇ كۆچۈش مىلادىدىدن ئىلگىرىكى 2000 - 1800 - يىللىرى باشلىنىپ ، مىلادىدن 1500 - يىلى ئاياقلاشقان . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان بۇ ھىندۇ – ئارىيانلار نەچچە يۈز يىل داۋامىدا ، ئاۋغانىستان ۋە كەشمىر ئارقىلىق ، ھىندىستان ۋادىلىرى يۆنىلىشىدە ئالغا ئىلگىرلەپ ، ئاخىرى ئۇ يەرلەرنىڭ ھەقىقىي تۇرغۇنلىرى بولغان ناگا – مايالارنى سىقىپ چىقىرىپ ، پۈتكۈل شىمالىي ھىندىستاننى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ....بۇ ، ھىندىستاندا ھەممىلا يەرگە تارقالغان ھازىرقى ئىنسان تىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئېلىپ كەلدى . تەخمىنەن شۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالىدىراق ياشىغانلىرى ، پەس داۋانلار ئارقىلىق ئىران دالاسى بىلەن پارىس قولتۇغىنىڭ شەرىقى - شىمال قىرغىقىدىكى رايۇنلارغا چۈشكەن .بۇ ئۇيغۇرلار كېيىنرەك پارسلار دەپ ئاتالدى .ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قىسمى ئوڭاي ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ ، كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىغا ، ئەرمەنىستان ۋە زاگروس تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى مىدىيە دەپ ئاتىلىدىغان يەرلەرگە ئورۇنلاشتى .بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار بولسا مىدىيانلار نامىنى ئالدى . مىدىيانلارمۇ ، پارسلارمۇ « مۇ قۇرۇغلۇقى » دا ياشىغان « ئاخ رايا » قەبىلىلىرىدىن ئۇيغۇرلار ئارقىلىق پەيدا بولغان ئارىيانلاردۇر .ئۇلار يانىلا تىنچ ئوكياندىن ئۆتۈپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپادا ئۆز قۇدرىتىنى نامايان قىلغان بۇيۇك ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .بۇ خەلقلەرنىڭ ئىرقى تەئەللۇقلىغى ، تىلى ۋە دىنى بىر - بىرىگە ناھايىتى ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ . ئۇلار ئەزەلدىنلا بىر خەلق تۇرسا ، باشقىچە بولىشى مۇمكىنمىدى ؟ »
ئەلبەتتەكى ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ھىندى ، پارس مىللەتلىرىنىڭ تىلى ، ئۆرپ –ئادەتلىرى ، تۇرمۇش ئۇسۇلى ، چىراي شەكلى ، بەدەن تۈزۈلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلار بىزنى ئاپتور «قېدىمقى قۇرۇقلۇق مۇ » ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلارغا قارىتا سالماق مۇئامىلىدە بولۇشقا ئىندەيدۇ .... !
ئاپتور بۇ كىتاۋىدا « ئىنسانلارنىڭ ئەسلىدىكى ۋەتىنى (« مۇ قۇرۇغلۇقى » ) بارلىق قېدىمقى يېزىقلارنىڭ ئاچقۇچى » دەپ يېزىپ ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پاكىت - دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « سېھىرلىك يېزىق » توغرۇلۇق توختالغىنىدا ئۇيغۇرلارنى دەرھاللا تىلغا ئېلىپ ، «ئۇيغۇرلار بولسا ئادەتتە سانلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تىك ياكى تۈز سىزىقلاردىن پايدىلانغان،...»دەپ كۆرسىتىدۇ .
ئاپتور « مۇنىڭ قۇتسال سىمۋوللىرى » ناملىق كىتابىدا بولسا : « پۈتكۈل مۇ مەدەنىيىتى دەۋرىدىكى ئىنسانلار ئۇيغۇرلارنىڭكىنى ئاساسلىق ھالدا تاللىغان . ....... ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقات ، بىلىم ، ئىجتىمائىي ھايات ، ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ، ئىنسان بىلەن كائىنات ئارىسىدىكى قۇرۇلمىلار جەھەتتىن قالدۇرۇپ كەتكەن ئاساسلار ناھايىتى توغرىدۇر . » دەپ يازىدۇ .
مەلۇمكى ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ۋە تۇنجى ماكانى توغرۇلۇق ياۋرۇپا تارىخچىلىرى قېدىمقى مىسىر ، ۋاۋىلون ، گرىتسىيە ۋە رىم ئېمپىرىيىسى ، ئاندىن قالسا جۇڭگۇ ۋە ھىندىستاننى تىلغا ئېلىشىدۇ .  
ئەمما جەيمز چېچۋود 50 يىللىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ سەمەرىلىك مېۋىسى بولغان « ئۇلۇق ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى » ناملىق كىتاۋىدا بۇنى رەت قىلىپ ، مۇنداق دەيدۇ :« ئۇيغۇرلار مۇندىن 20000 يىل بۇرۇنلا مەدەنىيەتنىڭ يۇقېرى پەللىسىگە يەتكەن . ئۇلار ئاسترونومىيە ، كانچىلىق توقۇمىچىلىق ، ئارخېولوگىيە ، ماتېماتىكا ، يېزا ئېگىلىگى ، يېزىق ، تىبابەتچىلىك ۋە باشقا پەنلەرنى بىلەتتى .ئۇلار يىپەك ، مېتال ۋە ياغاچتىن ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى تەييارلاشقا ماھىر ئىدى .ئالتۇن ، كۈمۈش ، برۇنزا ۋە لايدىن ھەيكەللەرنى ياسايتتى .بۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىر مەدەنىيىتى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن .قېدىمىي گرېك ، خالدېي ، ۋاۋىلونلار ، پارسلار ، مىسىرلىقلار ۋە ھىندىلارنىڭ مەدەنىيىتى قېدىمىي «مۇ » دەۋرىدە يارىتىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاساسىدا پەيدا بولغان .» ( ئۇيغۇرچە نەشرى ، 14 – بەت )
ئەمدى، مىللىتىمىزنىڭ مانا شۇنداق تەڭداشسىز دېگۈدەك كۆپ سانلىق مىللەت ئىكەنلىگى ۋە ئىلىم –مەرىپەتتە ئاجايىپ ئىلغار ئىكەنلىگىنى زامانىمىزدىكى مەشھۇر ئالىملارمۇ چۇڭقۇر سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئالىدۇ.
بۇ يەردە قىسقىچە تىلغا ئالىدىغان بولسام، تۈركىيەلىك مەشھۇر ئالىم پروفېسسور دوكتۇر ئوكتاي سىنان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ : « ئوقۇغان ۋە كۆرگەنلىرىمگە ئاساسەن ، بىر دۆلەتنىڭ ، بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بەخت –سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭىنى تارىختا تۇنجى قېتىم نامايان قىلغانلار ئۇيغۇرلاردۇر ......ئوسمانلىق مىڭ يىل بۇرۇن ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينۇتۇپ كېلىپ دۆلەت قۇرغان بولدى . ئات مىنىپ قىلىچ ئوينۇتۇپ كەلگەن بىر مىليون كۆچمەننىڭ ساغلام مۇئەسسەلىرى بىلەن 600 يىل دۆلەت قۇرالىغىنى نەدە بار؟ ئۇ شەكىلدە ، مەسىلەن ئاۋارلاركىلىپ ياۋرۇپانى تۇمانغا ئايلاندۇرىۋەتتى . ئەمما 50 يىلدىن كېيىن ئاتلىرى ۋە باشقا ھىچ نىمىلىرى قالماي تۈگەشتى . .... » ، « بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ ياخشى تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ئىنگىلىزچىنى بىلىدىغان ئەمەس، ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغان مىڭلىغان مۇتەخەسىسـلەرنى يېتىشتۈرۈپ ئون مىڭلىغان ۋەسىقىلەر - نى تەتقىق قىلدۇرۇش لازىم. » ( تەتقىقاتچى يازغۇچى تۇرغاي تۈپەكچى ئوغلى: « پروفېسسور دوكتۇرئوكتاي سىنان ئوغلى ۋە تۈركچە » ، 289 - 290 – بەتلەر ) .« تارىختا بۇيۇك بىر تەجرىبە ۋە مەدەنىيىتىمىز بار .ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن بۇيۇك مەدەنىيەتلىرىمىز بار . بىز ئاسيادىن ئۇنداق ئىككى مىليۇن كۆچمەن سۈپىتىدە كەلمىدۇق . ئۇنداق قۇرۇلغان ئىمپېراتۇرلۇق 600 يىل داۋام قىلالامدۇ ؟ » ، « ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇنيانىڭ ھازىرقى ۋە ئۆتمۈشىدىكى ئەڭ بۇيۇك ، ئەڭ ئىنسانىي مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئىدى . ئىنساننىڭ باياشاتلىقى ، ھۇزۇرى ۋە بەخت –سائادىتىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ھاكىمىيىتى چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يۇرت سورىغانلارمۇ ئۇيغۇرلاردۇر .باشقا تۈرك دۆلەتلىرى ۋە ئاخىرىدا ئوسمانلىقلارمۇ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشنى ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە داۋاملاشتۇرغان . » ( شۇ كىتاپ ، 252 – بەت ) ،  « تۈرك دۇنياسى ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانلار  ئۇيغۇرلارغا كۆپ جەھەتتىن قەرزدار .ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . دۇنيا بۇيىچە ئىنساننىڭ بەخت –سائادەتلىك بولىشىنى ئالدىنىقى رەتتە قويغان دۆلەت باشقۇرۇش ئېڭىنى ۋە تۈزۈلمىسىنى ، نۇرغۇنلىغان سەنئەت ۋە تېخنىكىنى ، ئەڭ ئىلغار تېرىقچىلىق ۋە سۇغۇرۇش ۋە بوستانلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۇلار ئىجات قىلغان.ئوسمانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېيىنكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بۇيۇك مۇۋاپپىقىيەتلىرى مانا شۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ... 20 يىل بۇرۇن ياپۇنىيىدىكى جىددىي ئىزدىنىشلىرىم جەريانىدا ياپۇنلارنىڭ دىققىتى قوزغالدى .ھازىر ئۇلار تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى . بىز ياپۇنلار بىلەن بىرلىشىپ « ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى » نى قۇرىشىمىز لازىم . ئوسمانلىق ئارخىپ بەلگىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر بىلىم قوشۇنى يېنىدا يەنە ئۇيغۇر تىلى ، يېزىغى ۋە تارىخى بۇيىچە كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەرنى  تېزلىكتە  يېتىشتۈرىشىمىز لازىم .» ( شۇ كىتاپ ، 283 – بەت )
ئويغۇرشۇناس ئالىم ئاخمەت جافەر ئوغلى بولسا « تۈرك تىلى تارىخى » ، « قېدىمقى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى » ناملىق كىتاپلىرىدا ئويغۇرلا ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىغى توغرۇلۇق كەڭ سەھىپە ئاجرىتىپ تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن . بۇ يەردە قىسقىچە كۆرىدىغان بولساق ، « تۈرك تىلى تارىخى » ناملىق كىتاۋىدا مونۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ :  « 5 – ئەسىردىن باشلاپ ئىلگىرى ئۆز قەبىلىلىرى بىلەن ، خېلى كىيىن بولسا قوشۇلغان باشقا تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن سىياسى بىرلىكنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسيا تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تارقىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئوينىغان .» ( 150 – بەت ) ، « ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئەڭ باي مەزمۇندىكى تۈرك ئەدەبىياتى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن .» ) شۇ كىتاپ ، 169 – بەت (
يەنە ، شۋېتسىيىلىك مەشھۇر تىلشۇناس گۇننار يارىڭ » ئۇيغۇر تىلى « ناملىق 4 توملۇق كىتاۋىنى يازغان بولسا ، گېرمانىيىلىك پروفېسسور گابائىن خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، دىنىي ئېتىقادى ، تىل - يېزىغى ۋە مەدەنىيەت – سەنئىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلىغانكى ، ئۆمۈرۋايەت تۇرمۇشلۇق بولماي ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك ئىلمىي نەتىجىلەرنى ياراتقان بولۇپ ، ئۇنىڭ  بۇ جەھەتتە يېزىپ قالدۇرغان 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ئەسىرى ، 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ۋە تەقرىزلىرى بار .
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن پاكىت- دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ.
شۇنداق بولغان ئىكەن، بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى خۇنۇك، ئىقتىدارسىز كۆرۈشىمىز
كېرەكمۇ؟
ياق، مىڭ مەرتىبە ياق! ئەگەر  ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇلسا بۇيۇك تارىخىي خاتالىق sسادىر قىلىنغان بولىدۇ!!!s

شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىز قەددىمىزنى رۇسلاپ، تارىخىي ئەنئەنىمىزگە ،
تارىخىي ئورنىمىزغا مۇناسىپ ھالدا ئىلگىرلەشكە جاسارەت بىلەن قەدەم تاشلىشىمىز  لازىم.

مەنبە :
مۇ مەنەدىيىتى "ھەققىدىكى ماتىرياللار. تور دۇنياسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 08:13:33 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
            ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى

  ھازىر ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى 255 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە؛

1.كۆرەش ئىبراھىم ( فىزىكا ، بېلگىيە) ، ھازىر بېيجىڭدا
2. خالمۇرات غوپۇر ( تىببى، روسىيە) ھازىر ئۈرۈمچىدە
3. تاشپولات تېيىپ جۇغراپىيە، ياپونىيە ) ، ھازىر ئۈرۈمچىدە
4. نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ ، روسىيە) ، ھازىر ئامېرىكىدا
5. ھەكىمە ئەرشىدىن مائارىپشۇناسلىق ، ئەنگىلىيە ) ، ھازىر ئۈرۈمچىدە
6. زەپەر ئابلىز ( تىببى ، روسىيە ) ، ھازىر بېيجىڭدا .
7 ئادالەت قاسىم ( تىببى ، روسىيە ) ، ھازىر ئۈرۈمچىدە
8. رەيھانگۇل پەتتار ( مائارىپشۇناسلىق ، ياپونىيە )
9. پەرھاد ئابدۇرېھىم ( تىببى ، ياپونىيە) .
10لىتىپ توختى  تىلشۇناسلىق ، ئامېرىكا ) ھازىر بېيجىڭدا
11. ياسىن ھوشۇر ( تارىخ ، روسىيە ) ھازىر بېيجىڭدا
12 غالىب قۇتلۇق ( فېزىكا ، ياپونىيە)
13 ئېلىيار سابىت ( تەبىئىي پەن ، ياپونىيە)
[14. ئابدۇرەشىد ئابدۇۋەلى ( ماتىماتىكا ، ياپونىيە ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
15. پەرھاد ئەخمەد ( تەبىئىي پەن ، ياپونىيە
16پەرھاد كېرىم تىببى ، فرانسىيە)
17. ئابدۇرەشىد ياقۇب ( تۈركولوگىيە ، جۇڭگو ) ھازىر گېرمانىيەدە
18. مەترېھىم سايىت ( تۈركولوگىيە ، تۈركىيە ، كاندىدات ) بېيجىڭدا
19. پەرھاد ئابدۇقادىر ( گىيولوگىيە ، جۇڭگو)
20. رەنا قاسىم ( تىببى ، ياپونىيە) ، ھازىر ئۈرۈمچىدە
21.راھىلە داۋۇت ( فلوكلور ، جۇڭگو ) ، ھازىر ئۈرۈمچىدە
22. پەرھاد مىجىت ( تەبىئى پەن ، ياپونىيە )
23. ئاسىمە نىياز ( ئاخباراتچىلىق ، بىلوروسىيە) ، ھازىر ئۈرۈمچىدە
24. مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللا ( تىلشۇناسلىق ، جۇڭگو ) ھازىر بېيجىدا
25. ئىسمايىلجان ئەخمەد ( تىببى ، ياپونىيە )
26. پەرھاد ئېلى ( تەبئى پەن ، ياپونىيە )
27. بەختىيار تۇرسۇن ( تارىخ ، قازاقىستان ) ، ھازىر ئۈرۈمچىدە
28. پىدا ئۆمەربەگ ( تىلشۇناسلىق ، ئۆزبەكىستان ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
29. توختى تۇنىياز ( تارىخ ، ياپونىيە .
30. مۇرات كېرىموۋىچ ھەمرايوپ ( فلولوگىيە ، روسىيە ) ، قازا قىلغان
31. قادىر ھەسەنوپ ( فىلولوگىيە )
32. پاتىگۈل سابىتىۋا ( فلولوگىيە ، قازاقىستان )
33. ئەنۋەر ھەسەن ( چارۋىچىلىق ، ياپونىيە )
34. خەمىت ھىمىت ( تەبىئى پەن ، جۇڭگو ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
35. غەيرەت تۇرسۇن ( تەبىئى پەن ، جۇڭگو )
36. ئەسئەت سۇلايمان ( ئەدەبىيات ، جۇڭگو ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
37. مەمتىمىن غېنى ( سانائەت پەنلىرى ، ياپونىيە ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
38. شاۋكەت قادىر ( ماتىماتىكا ، ئۆزبەكىستان)
39. مەدىنە ئابلىكىم ( فېزىكا ، ئەنگىلىيە )
40. كېرەم ئېلى ( باغۋەنچىلىك ، ياپونىيە )
41. ئېلىيار شەيىخىددىن ( تىببى ، ياپونىيە ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
42. چىمەنگۈل ھوشۇر ( تىببى ، ياپونىيە ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
43. ئەنۋەر سەمەد قورغان ( ئەدەبىيات ، جۇڭگو ) ھازىر كانادادا
44. ساھىبجامال دۆلەت ( فېزىكا ، گېرمانىيە )
45. ئابدۇقادىر ئوبۇل ( تەبئى پەن ، جۇڭگو)
46. ئىلھام ئېلى ( تەبىئي پەن ، ياپونىيە )
47. رىشاد ئابباس ( تىببىي ، ئامېرىكا) ھازىر ئامېرىكىدا
48. رەيھانگۈل بەكتۇر ( فېزىكا ، ئامېرىكا) ، ھازىر ئامېرىكىدا
49. قەيسەر مىجىت ( ئىقتىساد ، ئامېرىكا )
50. ئەنۋەر ھامۇد ( پەخرىي دوكتۇر ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
51. رادىل ئابلا ( ئوزۇقلۇق ، پەخرىي دوكتۇر) ھازىر ئۈرۈمچىدە
52. تىلمان كەرىمباي ( سانائەت ، روسىيە ) ھازىر روسىيەدە
53. ئىسمايىل نۇرۇللا ( خېمىيە ، جۇڭگو ) ھازىر شىئەندە
54. ئابلىمىد ئابدۇقادىر ( جۇغراپىيە ، جۇڭگو )
55. مىجىد ( سەئۇدىي ئەرەبىستان، تەكتى ئاتۇشلۇق
56. دولقۇن رەھمىتۇللا ( تىببىي ، ياپونىيە
57. قەيسەر ئابدۇقادىر ( تىببىي ، ياپونىيە ) ھازىر شىۋىتسارىيەدە
58. ئۆمەرجان ئېلى ( فېزىكا ، جۇڭگو ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
59. تاشپولات روزى ( ئېلىكتىر ، ياپونىيە) ، ھازىر ئامېرىكىدا
60. تاشمۇھەممەد روزى ( ئامېرىكا) ، ھازىر ئامېرىكىدا
61. قۇربانجان روزى (فېزىكا ، ئامېرىكا) ، ھازىر ئامېرىكىدا
62. ئېلى ھىسامۇدۇن ( ئاستۇرنومىيە ، جۇڭگو ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
63. ھاجى ئەكبەر ئەيسا ( تىببىيدورىگەرلىك ، جۇڭگو) ھازىر ئۈرۈمچىدە
64. باتۇر باقى ( ئېكىلوگىيە › جۇڭگو ) ھازىر بېيجىڭدا
65. تامارا ئەلىباقىيىۋا ( سەنئەت ، روسىيە )
66. ئادالەت ئېسىيىۋا ( مۇزىكا ، كانادا ) ھازىر كانادادا
67. بىلال ئېلىياس ( ماتىماتىكا ، ياپونىيە )
68. شۆھرەت مۇتەللىپوۋ ( بىئولوگىيە ، روسىيە ) ھازىر ئامېرىكىدا
69. مەھمۇد ئۆمەروپ ( تىببىي ، روسىيە ) قازا قىلغان
70. ئابدۇرېھىم يۈسۈپ ( تىببىي ، روسىيە ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
71. ئايتىللا خالىق ( سەنئەت ، ئۆزبەكىستان ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
72. ئالىم پەتتار ( تىببىي ، ياپونىيە ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
73. ئەركىن سىدىقى ( فېزىكا ، ئامېرىكا ) ھازىر ئامېرىكىدا
74. قاھار بارات ( تۈركلوگىيە ) ھازىر ئامېرىكىدا
75. دولقۇن قەمبىرى ( ئارخىئولوگىيە ) ھازىر ئامېرىكىدا
76. پەيزۇللا زەيدۇن ( مۇھىت ئىلمى ، ياپونىيە ) ھازىر ياپونىيەدە
77. گۈلنىسا زەيدۇن ( تىببىي ، ياپونىيە ) ھازىر ئامېرىكىدا
78. ھۆرنىسا تۇرسۇن ( فېزىكا ، ياپونىيە ) ھازىر ياپونىيەدە
79. ئاسىيە ( ياپونىيە )
80. مۇنىردىن ياسىن ( فېزىكا ، ياپونىيە )
81. ئايسىما مىرسۇلتان ( تۈركلوگىيە ، گېرمانىيە)
82. ئابلەت سەمەد ( تۈركلوگىيە ، گېرمانىيە )
83. مۇختەر ئەنەيتۇللا ( يېزا ئىگىلىگى ، ياپونىيە )
84. مۇھەممەدجان ئابدۇقادىر ( سانائەت ، ياپونىيە )
85. ئابدۇغېنى ئابدۇرېھىم ( تەبىئىي پەن ، ياپونىيە
86. ئابدۇغوپۇر ئابدۇكېرىم ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
87. ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ( تۈركلوگىيە ، تۈركىيە ) ھازىر بېيجىڭدا
88. ئابدۇكېرىم ئابدۇللا ( تەبىىئي پەن ، ياپونىيە )
89. ئابدۇلېتىپ ئابدۇللا ( تەبىئىي پەن ، ياپونىيە )
90. ئۈمىد خالق ( تەبىئىي پەن ، گېرمانىيە )
91. ئابلەھەت ئەبدۇلھىمىد ( تەبىئىي پەن ، ياپونىيە )
92. ئابلىز ھىمىد ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
93. ئالىم ئابدۇراھمان ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
94. ئالىمجان ئىدرىس ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
95. ئەركىن ( تىببىي ، ياپونىيە )
96. ئەركىن ئابلىز ( مال دوختۇرلۇق ، ياپونىيە )
97. ئەركىم ھامۇدۇن (تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
98. ئەركىن ئىباراھىم ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
99. ئاسىيە كېرىم ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
100. مۇختەر ئەھەت ( فېزىكا ، ياپونىيە ) ھازىر ئامېرىكىدا
101. غەيرەت ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
102. غاپپار پەتتار ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
103. دىلشاد ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە ) ، ھازىر ئامېرىكىدا
104. ئابدۇرەشىد ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
105. شۆھرەت دۆلەت ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە ) ھازىر كاندادا
106. ئەخمەتجان ئابلىز ( فېزىكا ، جۇڭگو ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
107. غەيرەت تۇردى ( مۇھىت ئىلمى ، جۇڭگو ) ھازىر بېيجىڭدا
108. دىلارە دۆلەت ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
109. دىلمۇرات بارات ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
110. دىلمۇرات تىلىۋالدى ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
111. دىلنۇر پەيزۇللا ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
112. دىلشاد ئابلا ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
113. دىلشاد ھىمىد ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
114. دىلشاد قەشقىرى ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
115. دولقۇن يۇنۇس ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
116. ئەنۋەر ئابدۇللا ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
117. ئەنۋەر غېنى ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
118. ئەنۋەر ياسىن ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
119. غەيرەت ئابلىكىم ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
120. گۈلمىرە ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
121. گۇلنار قۇربان ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
122. گۈلنىسا كېرەم ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
123. خەمىت سىدىق ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
124. ھەمراگۈل ساۋۇت ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
125. ھۆرنىسا تۇرسۇن ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
126. ئىدرىس ئاۋۇت ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
127. ئىلھام قەشقىرى ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
128. ئېلىيار ساۋۇت( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
129. كامالىددىن نىزامىددىن ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
130. كېرەم ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
131. مەلىكە ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
132. مەھمۇد ئابلا ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
133. مەھمۇد خالىق ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
134. مەھمۇد ياسىن ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
135. ماھىنۇر ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
136. مۇرھت دۆلەت ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
137. مەدەنىيەت نىياز ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
138. مەدەتگۈل جۈمەباي ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
139. مەرھابا غوجەخمەت ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە) ھازىر ئامېرىكىدا
140. مۇنىردىن ياسىن ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە
141. مۇنىرە مىرقاسىم ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
142. مۇختار چوڭ ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
143. مۇختار مەخسۇت ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
144. ناھىرە مەخمۇت ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
145. نىزامىددىن جاپپار ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
146. نۇرمۇھەممەد ئاقنىياز ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
147. پەرھاد ئېلى ( تىببىي پەن ، ياپونىيە )
148. پەرھاد ھۆسەيىن ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
149. پەرىدە ئابلىز ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
150. پەرىدە يامادا ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە ) ھازىر ياپونىيەدە
151. پولات ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
152. پولات تۇرسۇن ( تىببىي پەن ، ياپونىيە ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
153. رېشاد ئابدۇرۇسۇل ( تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
154. ساتتار نىياز ( يېزا ئىگىلىك ، ياپونىيە ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
155. تالىپ ئاتاجان (تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
156. تاھىر ئابدۇقادىر ( تىببىي پەن ، ياپونىيە ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
157. ئۆمەرجان ئابلا (تەبئىي پەن ، ياپونىيە ) ھازىر ئامېرىكىدا
158. ئۆمەرجان ساۋۇت(تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
159. ماھىرە ( تىببىي پەن ، ياپونىيە ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
160. مۇقىيت ( تىببىي پەن ، ياپونىيە ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
161. يالقۇن يۈسۈپ (تەبئىي پەن ، ياپونىيە )
162. قۇربان نىزامىددىن ( ياپونىيە ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
163. لالە ( تىببىي ، ئامېرىكا) ھازىر ئۈرۈمچىدە
164. نۇرمۇھەممەد ئەھەد ( تىببىي )
165. ئەخمەد مۇھەممە ( مالدوختۇرلۇق )
166. ئەخمەت نىياز ( ئىقتىسادشۇناسلىق )
167. ئەركىن ( قانۇنشۇناسلىق )
168. ئابلەت قادىر ( يېزا ئىگىلىك ، ياپونىيە )
169. ئەخمەتجان ( تىببىي ، ياپونىيە )
170. ئابلىكىم ياسىن ( تۈركلوگىيە ، جۇڭگۇ) ھازىر ئۈرۈمچىدە
171. غەيرەت تۇرسۇن ( مۇھىت ئىلمى)
172. گۈلنار ئوبۇل
173. تۇغلۇقجان تالىپوۋ ( تىلشۇناسلىق ، قازاقىستان)
174. ئەركىن شېرىپ ( ئامېرىكا)
175. تۇرسۇنجان ئابلىكىم ( پەلسەپە )
176. مەمتىمىن ئەلا ( پەلسەپە ، بېلگىيە )
177. مەمتىمىن ئەلا ( ئامېرىكا ، ئېنژىنىرلىق )
178. ۋارىسجان ئابدۇكېرىم جانباز ( كومپۇتېر ، فرانسىيە)
179. ئابدۇرېھىم ئايتبايېۋ
180. ئابدۇخېلىل ئابدۇرېىم ( تىلشۇناسلىق ، ياپونىيە )
181. ئابدۇرېھىم راھمان ( تىلشۇناسلىق ، جۇڭگو )
182. قەلبىنۇر مۇھەممەد ( فلوكلور )
183. ئىقبال تۇرسۇن ( ئەدەبىيات ، جۇڭگو )
184. پەيزۇللا زەيدۇن
185. ئابدۇسەمىي ئابدۇراھمان ( سەنئەت ، ياپونىيە )
186. ئۆمەر مۇھەممەد ( تىببىي ، ياپونىيە )
187. مۇھەممەد ئىمىن ( تىببىىي ، ئامېرىكا )
188. كۆرەش مامۇتجان ( ياپونىيە )
189. ئالىم ئابدۇراھمان ( ياپونىيە )
190. ئەخمەتجان تۇرسۇن ( خېمىيە ، فرانسىيە )
191. يۇلتۇز ئابدۇللا ( ئەدەبىيات ، ئامېرىكا) ھازىر مالايشىيادا
192. ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرەشىد
193. ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ( پەلسەپە ، قىرغىزىستان )
194. غوجەخمەت سەدۋىقاسوۋ ( تىلشۇناسلىق ، دوكتۇر ، ئاكادېمىك)
195. ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق ( جەمئىيەتشۇناسلىق ، تۈركىيە ) بېيجىڭدا
196. قىئەن جى ( شاڭخەي توڭجى ئۇنۋېرستېتىدا)
197. شادىيە ئىبراھىم ( جۇڭگو )
198. ئايقىز قادىر ( جۇڭگو)
199. غالىب مۇھەممەد ( ماتىماتىكا ، گېرمانىيە ) كانادادا
200. ئابدۇۋەلى كېرىم ( ئەدەبىيات ، جۇڭگو )
201. ئەلى ( ئارخىئولوگىيە )
202. دىلمۇراد ( ئىقتىساد )
203. ياسىن ئەھمەد ( كومپيوتېر)
204. دېلشاد ھېۋىزۇللا ( كومپيوتېر، ئەنگىلىيە )
205. غېنى غوپۇر ( ماتىماتىكا )
206. ئايگۈل مۇھەممەد ( ماتىماتىكا)
207. ھەسەنجان ئابلىز ( فولوكلور )
208. كۆرەش سىدىەق ( فىزىكا )
209. ھەسەنجان سابىت ( ماتىماتىكا ، ئامېرىكا)
210. ئايجامال ئابدۇراھمان ( ماتىماتىكا ، گېرمانىيە )
211. غەيرەت توختى ( كومپيوتېر، ياپونىيە )
212. ئابدۇقادىر ھوشۇر ( تىببىي ، ياپونىيە )
213. ئاينۇر ئابدۇرازاق ( كومپۇتۇر ، ئامېرىكا)
214. خەمىد زاكىر ( ئالتايشۇناسلىق ، ئامېرىكا)
215. پەرھاد نىيازوف ( فىزىكا ، ئامېرىكا)
216. قەلبىنۇر قۇربان ( ماتىماتىكا ، ئامېرىكا)
217. خەيرىگۈل ( روس ئەدەبىياتى )
218. پەرھاد ھۈسەيىن ( كانادا)
219. نىغمەت رەشىدى ( تىببىي ) ھازىر تۈركىيەدە
220. دولقۇن يۇنۇس
221. پەرھاد تۆمۈر ( تىببيىي ، ياپونىيە )
222. پەرھاد كېرىم ( تىببىي ، فرانسىيە )
223. بارات ئابدۇرېھىم ( تىببىي ، ياپونىيە )
224. مەمتىمىن ھاشىم
225. ئەزىز نارىنبايوپ ( پەلسەپە ) قىرغىزىستان
226. ئوسمان ئىسمايىل تارىم ( فلولوگىيە ، قازاقىستان ) ئۈرۈمچىدە
227. مۇخپۇل ئابلىز ( تىببىي )
228. پەخرىدىن ھىسامىدىن ( ئاخباراتچىلىق ، رۇسىيە )
229. تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم ( ئۇچۇر ئىلمى )
230. بەختىيار تۇرسۇن ( تارىخ ، قازاقىستان)
231. ئابدۇقادىر تاش ( ئاخبارات ، ئامېرىكا ) سەئۇدىدا قازا قىلغان
232. ئابدۇشۈكۈر ئېلىيۇف ( فىزىكا ) ئۆزبەكىستان
233. خېلىل قۇربان ( يېزا ئىگىلىك )
234. ئىسھاقوپ ( تارىخ ، قازاقىستان)
235. مۇھەممدقان ئابدۇقادىر ( تىببىيي ، جۇڭگو )
236. شەمشىنۇر ئابدۇراھمان ( ماتىماتىكا ) ئۈرۈمچىدە
237. ئەخمادجان ئابلىز ( فىزىكا ) ئۈرۈمچىدە
238. ھەدىيە مۇھەممەد ( ئەدەبىيات ، جۇڭگو )
239. ئىمام ھاجى ھەبىبۇللا ئۈرۈمچىدە
240. ئابلەت قادىر (يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتىدا)
241. مۇختەر زاكىر
242. گۈزەلنۇر ئابلىز ( ئۈرۈمچىدە )
243. ئارزۇگۈل غۇلام ( بېيجىڭ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتىدا )
244. ئالىم تۇرسۇن ( مۇھىت ئىلمى ، جۇڭگو ) ، بېيجىڭدا
245. زەبىبۇللا ( جۇغراپىيە ، فرانسىيە )
246. باھارگۈل زىياۋۇددۇن ( فرانسىيە )
247. ئىقبال ( فرانسىيە )
248. مېھراي ( فرانسىيە )
249. تۇرسۇنجان توقاي ( تىببي › فرانسىيە )
250. ئاسىيە ( تىببىي ، فرانسىيە )
251. مەغپىرەت (فرانسىيە)
252. مۇيەسسەر توختى( فىرانسىيە )
253. ھوشۇرئىسلام( كومپىيوتىر ،جۇڭگۇ) ھازىر ئۈرۈمچىدە.
254. ئابدىقادىرجالالىدىن( پەلسەپە ، جوڭگۇ) ھازىر ئۈرۈمچىدە.
255. مۇھەممەدسالىھ داموللاھاجىم.( ئىسلام دىنى ، جوڭگۇ). ھازىر ئۈرۈمچىدە.
256. ئابدىرىھىم تۇرسۇن (تارىخ ۋە پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، بۇيىل 2013-يىل 7-ئىيۇل 40نەچچە يېشىدا ياش تۇرۇپلا ۋاپات بولغان.قىرغىستاندا ئوقۇپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. دوكتۇر نەبىجان تۇسۇننىڭ ئىنىسى).
  257.  ئابدىۋېلى ئايۇپ.)جەمئىيەت شۇناسلىق دوكتۇرى. ئامرىكىدا ئوقىغان( ھازىر قەشقەردە.

يۇقارقى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى ئامال بار، قەيەردە، قانداق پەندە ئوقىغانلىقى، ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى قاتارلىقلار...بىلەن تونۇشتۇرۇلدى. بەزىللىرىنىڭ ئۇچۇرۇى تەپسىلىي بولمىغاچقا ئىسمىلام بىرىلدى...ئەپۇ قىلغايسىلەر.....

.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabinur + 100 پەخىرلەن ئۇيغۇرۇم
babur99 + 15 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 115   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 08:16:14 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۇيغۇرلار ئىللەتلىك مىللەتمۇ ياكى پەزىلەتلىك مىللەتمۇ ؟
      ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئۇيغۇرلار ئىللەتلىك مىللەتمۇ ياكى بىر پەزىلەتلىك مىللەتمۇ تۆۋەندە بىز ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق مۇلاھىزە قىلىمىز. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن پەزىلەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز.


»ئىللەتلىك ئۇيغۇر« ئەپسانىسى ئامېرىكىدا

1. ئامېرىكىدا كىم “ئىللەت“ لىرىنى بوينىغا ئالىدۇ؟

ئۇيغۇردىكى ”ئىللەتلەر“ نى ئوپراتسىيە قىلىش ئەۋج ئالغان چاغلاردا “تەڭرىتاغ“ دا ئېلان قىلىنغان ياپۇنىيە توغرىسىدىكى بىر ساياھەتنامىدىن ”ياپۇنلار تولىمۇ كەمتەركەن. باشقا مىللەت كىشىلىرىنى كۆرگەندە، ‘بىزنىڭ نېمە كەمچىلىكىمىز باركەن’ دەپ سوراپ تۇرىدىكەن“ دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن شۇنچە جىق ياپۇن بىلەن مۇڭداشتىم، لېكىن بىرسىمۇ مىللىتىنىڭ كەمچىلىكىنى مەندىن سورىمىدى. ئاۋام ياپۇنلارلا ئەمەس، ئالى مەكتەپلەردە پروپېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقان ياپۇنىيەلىكلەردىنمۇ “ مىللىتىمنىڭ مۇنداق نۇقسانى بار“ دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدىم. ياپۇن پروپېسسورلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ياپۇنىيەنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ”شەرقى ئاسىيانى تەرەققى قىلدۇرىمىز“ دەپ نىقاپلىنىپ تەيۋەن ۋە شىمالى جۇڭگۇ خەلقىگە قىلغان ئاسمىلاتسىيە، قىرغىنچىلىق ۋە بۇلاڭچىلىقلىرىنى ئاقلاپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارچە ياپۇنلار جوڭگۇغا زامانىۋىيلىق ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەنمىش، ياپۇن تىلىدا مائارىپ يۈرگۈزۈپ خەنزۇلارنىڭ زامانىۋىي تېخنىكا ئۆگىنىشىگە تۈرۈتكە بولغانمىش، پەقەت ئەينى دەۋردە خەنزۇ خەلقى قالاق بولغاچقا بۇ ئىلتىپاتنى چۈشەنمەي، تاجاۋۇزچىلىق، مۇستەملىكىچىك دەپ ئاتاۋالغانمىش.
”بىزدىكى نۇقسانلار“، ”بىزدىكى ئەبگالىق“ دېگەندەك تېمىلاردىكى ئەسەرلەر بازارلىق بولغان يىللاردا ئۇيغۇردىكى ”ئىللەت“ لەرنى تەنقىد قىلغان بىرەيلەن ”ئامېرىكىلىقلار ‘بەدبەشىرە ئامېرىكىلىقلار’ دېگەن كىتابنى ئەسايىدىل ئوقۇيدىكەن، ئەيپلىرىنى تۈزۈتىشكە دائىم تەييار تۇرىدىكەن، ئاپتۇرىنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيدىكەن“ دەپ يازغان ئېدى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن كىتاپخانىلاردىن ئۇنداق بىر كىتاپنى تاپالمىدىم. ”بەدبەشىرە ئامېرىكىلىقلار“ دېگەن كىتابنى ئوقۇپ باققان بىرمۇ ئامېرىكىلىقنى ئۇچراتمىدىم. مەن ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى باھاسى ئىجابى ئېدى. پەقەت بىر ئۇيغۇرشۇناس پروپېسسور ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكىلىق ستۇدېنتلار ھەققىدىكى پاراڭدا تاسادىپى ”سىلەردىن ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئاجىزلارغا ئىچ ئاغرىتقاندەك مۇئامىلە قىلىنىپ، ئىتىبار قىلىنىپ مەجروھ قىلىنىدۇ، بىزدىن جوڭگۇغا بارغانلار چوڭ كۆرۈلۈپ، چوقۇنۇلۇپ ھاكاۋۇر قىلىۋېتىلىدۇ“ دېدى. يەنە بىر مۇئەللىم دەرس ئارىلىقىدا ئامېرىكىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تەبىئى چوڭ بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبكارىنىڭ مائارىپ تىجارەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ھەممە نەرسىنىڭ تىجارەتكە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكىدا سودىگەرلەر پەرزەنت تەربىيىسىگە دائىر نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ، ئىنساننىڭ پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىغا ئورتاق بولغان تەبىئى يېتىلىش جەريانىغا سۈنئىي ئارىلىشىۋالىدىكەن. بىر قېتىملىق دالا تامىقىدا بىر ئامېرىكىلىق دېھقان دوستۇم، “ بىز ئامېرىكىلىقلار ماشىنىللاشتۇرۇمىز دەپ ئىنساننىڭ ئىجاتكار بىر جۈپ قولىنى ناكار قىلدۇق. ھەممە نەرسە زاۋۇتلاشتۇرۇلۇپ تەبئىي مەھسۇلاتلار ئازلاپ كەتتى. ھۆكۈمەت بىزنى قوغۇدايدۇ دەپ ئۆزىمىزنى قوغۇداش ھوقۇقىمزىنى ساقچىغا تارتقۇزۇپ قويدۇق. بالىلىرىمزنى مەكتەپكە، ماشىنىمىزنى رىمنۇتچىغا تاشلاپ بېرىپ ئىجاتچانلىقىمىز، مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز، مۇستەقىللىقىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز. “ دەپ سۆزلەپ كەتتى. باشقىلار بۇ گەپلەرگە ئانچە قىزىقمىدى. كېيىن ئۇقسام بۇ ئادەمنىڭ ئىكىنزارلىقى تۈگەشكەن بولغاچقا ئاشۇنداق گەپلەرنى قېيداپ تولا دەيدىكەن. ئامېرىكىدىكى كۈنلىرىمدە شۇنچە دىققەت قىلىپمۇ، سوراشتۇرۇپمۇ ”بىزدە مۇنداق ئىللەتلەر بار“ دەپ بوينىغا ئالغان بىرمۇ ئامېرىكىلىقنى كۆرمۈدۈم.
ئامېرىكىدا ئوقۇش، ساياھەت قىلىش ۋە يىغىنلارغا قاتنىشىش جەريانىدا نۇرغۇن مىللەتتتىن بولغان كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىمۇ، مەمۇرمۇ، مۇئەللىممۇ ئىشقىلىپ جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تېپىلىدۇ. ھەيران قالغىنىم ھىچ بىر كىشى ”مىللىتىمدە مۇنداق ئىللەت بار“ دېگەن گەپنى دەپ باقمىدى. مەن بىر قىسىم مىللەتلەردىكى ”ئىللەتلەر“ ھەققىدە بەزىلەردىن ئاڭلىۋالغان ياكى ئوقۇغانلىرىمنى شۇ مىللەت كىشىلىرى ئالدىدا تىلغا ئالغىنىمدا، ”بۇنداق ئىش بىزدەك تارىخى ۋە رىيال قىسمەتكە مۇپتىلا ھەرقانداق مىللەتتە بار، بۇنى بىر مىللەتكە خاس كەمچىللىك دېيىشكە بولمايدۇ“ دېگەن جاۋاپقا ئېرىشتىم. بايقىشىمچە مۇستەبىت دۆلەت ئىران، سۈرىيە، سەئۇدى قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردە سىياسىيغا زىيادە سەزگۈلۈك، ئاشقۇن مىللەتچىلىك، تەبىقىچىلىك قاتارلىق ”ئىللەت“ لەر كۆپ ئۇچرايدىكەن. رۇسسىيە ۋە بۇرۇنقى سوۋېىت ئىمپىرىيىسىگە مەنسۇپ دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردە يالغانچىلىق، چېقىمچىلىق، قۇلچىلىق، مۇناپىقلىق، پارىخورلۇق، نەيرەڭۋازلىق، ئېرقچىلىق، چوڭ مىللەتچىلىك قاتارلىق كەيپىياتلار ئومۇمىيكەن. ئامېرىكىدا مەن ئۇچراتقان زىيالىلارنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بۇلارنى شۇ دۆلەتلەردىكى تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ بىر خەلقنىڭ ”ئىللەت“ لىرى ھىساپلانمايدىكەن. غەيۋەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، مەنمەنچىلىك قاتارلىقلار پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق پىسخىك مەسىلىلەر بولۇپ كونكىرىت بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. مەن ئامېرىكىدا ”مىللىتىمىزدە ئۇنداق ئىللەت، بۇنداق نۇقسان بار“ دېگەن سۆزلەنمىلەرنى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىنلا ئاڭلىدىم.
2. ئۇيغۇرلار نېمىشقا ئۆزىنى ئىللەتلىك سانايدۇ؟
مەن ئامېرىكىغا كېلىپ تۇنجى ئۇچراشقان ئۇيغۇرلار ماڭا ئۇيغۇرنىڭ ئىللەتلىرى ھەققىدە دادلاپ بېرىشتى. كېيىن باشقا ئۇيغۇرلاردىن “ ئۇيغۇرلار راستىنلا شۇنداق ئىللەتلىكمىدۇ؟ سىز مىللىتىڭىزدىكى ئىللەتلەر سەۋەبلىك ئامېرىكىدا باشقىلار ئالدىدا قىسىلدىڭىزمۇ؟“ دەپ سوراپ، پاراڭلىشىپ بىلىشىمچە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن چىقىپ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئاق ياقىلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھىچ قايسىسى ئۇيغۇرنىڭ بىرەر“ مىللىي ئىللىتى“ سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىزلىققا چۈشۈپ قالماپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇردا ئىللەتنىڭ كۆپلىكىگە قايىل ئىكەن. ئۇيغۇرلار نېمىشقا ئۆزىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىللەتلىك سانايدۇ؟
ئىللەت سانالغان پەزىلەت
بىر كۈنى تاسادىپى ”2011-يىللىق ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ نورۇزنى قۇتلاش مەرىكىسى“ نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىق خەۋىرىگە كۆزۈم چۈشتى. سەۋەبى جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋاپاتى نورۇزنى قۇتلاش مەرىكىسىگە توغرا كېلىپ قاپتۇ. شۇ سەۋەپتىن نورۇزنى قۇتلاش سەنئەت كېچىلىكى ئورنىغا نەزىر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بۇ خەۋەر چاپلانغان مۇنبەردە بىرەيلەن ھاپلا شاپىلا ”زادى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ئېڭىمىز يوق. ھىسسىياتىمىزىنى ئەقىلنىڭ ئۈستىگە قويىمىز. بىر كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋاپات بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇزىنى نەزىرگە ئۆزگەرتىپ قويسا بولامدۇ؟“ دەپ سۇئال تاشلاپ قاقشاپ كېتىپتۇ. بۇ خەۋەرگە ئىككى كىشى مەسىلىنى ئۇيغۇرلاردىكى ”ئىللەت“ كە تارتىپ مولاھىزە قىغاندىن باشقا ھىچ كىم نارازى بولماپتۇ. مەنچە بۇنىڭدا ئەقىل بىلەن ئويلىسا ئۇيغۇرنىڭ ئىللىتى ئەمەس پەزىلىتى ئەكىس ئېتىدۇ. چۈنكى بايرام كېلىپ بولغىچە سەھنىگە چىقىپ ئۇسۇل ئويناش بوۋا-مومىلىرىمىزدىن قالغان ئۇدۇم ئەمەس. نەچچە مىڭ يىللىق نورۇز ئەنئەنىمىزدە نورۇز سەھنىگە چىقىپ ئۇسسۇل ئويناش بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنمۇ ئەمەس. ھازىر بىزدىكى بايراملارنى سەنئەت كېچىلىكى بىلەن تەبرىكلەش بېيجىڭدا يىلدا بىر تەشكىللىنىدىغان ”چاغاننى تەبىرىكلەش سەنئەت كېچىلىكى“نىڭ ئېڭىمىزغا سىڭىپ كەتكەن شەكلى. ئامېرىكىدا مەيلى مىلاد بايرىمى، مىننەتدارلىق بايرىمى ياكى دۆلەت بايرىمى بولسۇن ھىچ قايسىسى بايرام تېلۋىزورلاردىكى سەنئەت كۆرىكى بىلەن تەبرىكلەنمەيدۇ. بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ نورۇز سەنئەت كېچىلىكى ئورنىغا نەزىر ئالماشسا ئۇيغۇردىكى ”ئىللەت“ تىن قاقاشاپ كېتىشى مىللەتنى قارا قويۇق ئىنكار قىلىش خاھىشىنىڭ كىشىلىرىمزىنىڭ كاللىسىغا نەقەردەر چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەنچە ئامېرىكدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بايرام مۇسۇبەتكە توغرا كېلىپ قالغان ۋاقىتتا بايرام بولسىلا تاراڭشىتىپ داپ چېلىپ ئۇسۇل ئويناشنى قويۇپ قېرىندىشىنىڭ قايغۇسىغا ھەمدەم بولۇشى، شېھىتلەرنى ياد ئېتىشى پەزىلەتنىڭ ئىپادىسى. ھېيىت بايرامدا تۇپراق بېشىنى يوقلاش، شېھىتلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش، قۇرئان خەتمە قىلىپ ھاياتنىڭ چېكى، قىممىتى، ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى سىر ئەسرارلارغا قۇلاق سېلىش ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مۇبارەك ئەنئەنە. ئەمەئىيەتتە سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئورنىغا نەزىرنىڭ ئالمىشىشى ئەسلى ئۇيغۇر كىملىكىگە يېقىنلاشقانلىقتۇر. بۇ مىسالدىن شۇ نەرسە ئايدىڭكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ”ئىللەت“ دەپ قاقشاپ كېتىۋاتقىنى ئەسلى ئۇيغۇردىكى پەزىلەتتۇر. پەزىلەتنىڭ ئىللەت سانىلىشى زىيالىلىرىمىزنىڭ 1993- يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىللەت كۆزەينىكىدە كۆزەتكەنلىكىدىن بولغان. نەتىجىدە كىشىلىرىمىز كۆڭلىدە ئۇيغۇرنى ئىللەتلىك مىللەت دەپ مۇقۇملاشتۇرۇۋالغان.
خۇدۇكسىرەشنىڭ سەۋەبلىرى
ۋاشىڭتوندا تۇرىدىغان بىرسىدىن مۇنداق بىر ھىكايىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ بىر دوستى ۋەتەندىن كەپتۇ. ساھىپخان يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنى جاسۇس دەپ خۇدۇك ئالىدىغان بولغاچقا دوستىنى ھىچكىم بىلەن ئۇچراشتۇرماپتۇ. ھەتتا دوستى كەلگەن كۈنلەردە ئۆيىگە مىھمانمۇ چاقىرماپتۇ. بىر مەھەللىدە بىللە تۇرىدىغان بىر ئۇيغۇر قوشنىسى بار تۇرۇپ، ئۇ ھەقتە بىر ئېغىزمۇ تىنماپتۇ. مەن ئىچكىرىدە تۇرغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇرلار بىر بىرىدىن ئوغرىمىدۇ، ئاقچىمىدۇ…دەپ گۇمان قىلىشتاتتى. مەن ئامېرىكا ۋە تۈركىيەدە ئۇچراشقان ئۇيغۇرلار بىر بىرىدىن ”جاسۇسمىدۇ“ دەپ گۇمان قىلىشىدىكەن. ھەتتا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار جاسۇسلۇقنى مىللەتنىڭ نۇقسانى دەپ تونۇيدىكەن. ئامېرىكىدەك باشقىلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش قانۇنغا خىلاپ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار جاسۇسلۇققا مەشغۇل دەپ گۇمان قىلغان ۋەتەنداشلىرىنى قانۇنغا تايىنىپ بىر تەرەپ قىلماي توختىماي گۇمان قىلىشىدىكەن.
ئامېرىكىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ جاسۇس ئاتىلىپ قېلىشىدىكى پاكىتلار ئاجايىپ ئاددى. بىرسىنىڭ جاسۇس ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ ئۇ كىشىنىڭ رەسىم تارتىشقا ئامراقلىقى، ئەمما تارتقان رەسىملەرنى ئىۋەرتىپ بەرمىگىنى ئىكەن، يەنە بىرسىنىڭ بولسا پات-پات ۋەتەنگە بېرىپ كېلىپ تۇرۇشى ئىكەن. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جاسۇسلۇقنى مىللەتنىڭ ئىللىتى دەپ تونۇشى يېڭىلىق ئەمەس، ئاسماندىن چۈشكەنمۇ ئەمەس. مەن ئون نەچچە يىل بۇرۇن ”قەشقەردە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تارقىلىپ كېتىپتۇ، چۈنكى ھەممە ئادەم بىر بىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئىكەن“ دېگەن گەپنى ئاڭلىغانىدىم. بۇنداق بىر بىرىدىن خۇدۇكسىرەيدىغان قىلىقلار ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سەئۇدىلىقلار، پاكىستانلىقلار، ئىرانلىقلاردىمۇ خېلى يايغىنكەن. بىر كۈنى بىر جۈمەدە خاتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ۋەزىپىلىرى ھەققىدە توختالدى. جۈمەدىن كېيىن بىر پاكىستانلىق خۇتبە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى قۇلۇقۇمغا پىچىرلاپ مېنى تولىمۇ بىئارام قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ۋەھمىە يىگۈدەك ھىچ بىر گەپ بولۇنمىغان ئېدى. ئۇنداقتا بۇ پاكىستانلىق نېمىشقا قورقىدۇ؟ چۈنكى ئۇ پاكىستاندىن يېڭى كەلگەن، ئامېرىكىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە كۆنۈپ بولالمىغان ئېدى. مۇستەبىت تۈزۈمدىكى ئەلدە ياشىغان كىشىلەردە ھۆرلۈكتىن خۇدۇكسىرەش، قورقۇش كېسىلى ئومۇمىيۈزلۈك بولىدىكەن. شۇڭا ئۇلار ئەتراپىدىكى ھەر قانداق ھادىسە ۋە كىشىدىن خۇدۇكسىرىشىدىكەن. يەنە بىر مىسال. 2010-يىلى ئەتىياز ئايلىرىدا مەھەللىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. ئاتا-ئانىلار بۇ ئىشتىن كۆپ ۋايىم يىدۇق. ئاخىرىدا مەھەللىدىكى بىر قانچە كىشى ئاپرىلنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى نارازىلىق نامايىش قىلىش ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلىشىپتۇ. نامايىش ۋاقتى يېقىنلاشقان كۈنلەردە بۇ ئىشىنى باشقا بىر شىتاتتا ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر ھەمشىرىمزىگە دەپ بەردىم. ”نېمە، نامايىشقا قاتنىشىشقا تىزىملاتتىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ نېمە كارىڭىز، خەق نامايىش قىلسا قىلمامدۇ؟ نېمە قىلىسىز ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىپ؟ بىر ئىش چىقىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟“ . بىر مۇنچە ۋەھىمىلىك ئەسكەرتىشلەردىن كېيىن نامايىشقا قاتناشماسلىققا قارار بەردىم. ھاياتىمدا بىر قېتىم بولسىمۇ نامايىشقا قاتنىشىپ بېقىش ئىستىكىمنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياكى خەلقى ئەمەس، ئاللىقاچان ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىم خۇدۇكسىرەش ۋە قورقۇتۇش ئارقىلىق توسۇپ قويدى. نامايىشقا قاتنىشىپ كۆنمىگەن، نامايىش ئىمكانىيتى بولمىغان موھىتتا چوڭ بولغان كىشىلەر نامايىشتىن خۇدۇكسىرەيدۇ. بۇنداق خۇدۇكسىرەشتىن نامايىش مۇتلەق قانۇنلۇق دۆلەتكە كېلىپ ياشاۋېتىپمۇ قۇتۇلالمايدۇ. بۇ بىر دۇنياۋىي ھادىسە بولۇپ ئۇنى بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ مىللىتىدىكى ئىللەت دەپ تونۇش ئىلمىيسىزلىكلا ئەمەس، ئادالەتسىزلىك بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئامېرىكىغا ئەمەس، نەگىلا بارسا ئۆزىنى ئىللەتلىك سانايدۇ. بۇ ”ئىللەت“ لەرنىڭ بەزىلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنىڭ پەزىلىتىدۇر، يەنە بەزىلىرى بەلگىلىك دەۋردىكى بەلگىلىك شارائىت كەلتۈۈرپ چىقارغان ئىجتىمائى كەيپىيات بولۇپ مىللىتىمىزدىكى ”نۇقسان“ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. كۈزىتىشىمچە ئامېرىكىدا چوڭ بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردا بۇنداق ئۇيغۇرنىڭ ”ئىللەت“ لىرىدىن كەمسىنىش ۋە گۇناھكارلىق تۇيغۇسى كۆرۈلمەيدىكەن. بەلكىم بۇ ئۇيغۇرنى ئىللەتلىك ساناشنىڭ ئىجتىمائى سەۋەبىنى چۈشىنىشكە ئۈندەيدىغان ئامىل بولۇشى مۇمكىن.
3. ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ئىللەتلىكمۇ؟
مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى سەھەرچى مىللەت
مەن ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي مارگارىت ئىسىملىك بىر پروپېسسور بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بۇ ئايال مۇسۇلمانلاردىكى تەسەۋۋۇپ (سوپىلىق) تەرىقىتىنى تەتقىق قىلىدىكەن. تەتقىقات جەريانىدا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار توپلۇشۇپ ياشايدىغان شەھەرلەرنى تولۇق ئايلىنىپ چىقىپتۇ. ئانا تۇپراقلىرىمىزنىڭ قەشقەر، خوتەن، كۇچا ۋە ئارتۇچ قاتارلىق بوستانلىقلاردا بىر قانچە ھەپتە ساياھەتتە بولۇپتۇ. پروپېسسورنىڭ خۇلاسىسى شۇ بولۇپتۇكى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە ئارتۇچ ئۇيغۇرلىرىنىڭ پاكىزلىقى، كۇچا ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىلىقلىقى، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى، قەشقەر ئۇيغۇرلىنىڭ ئىشچانلىقى سېلىشتۇرغۇسىز ئىكەن. مەن ۋەتەندە كۆنگەن خىيالىم بويىچە “ ئۇيغۇرلاردا قانداق ئىللەت بار ئىكەن؟ ئۇيغۇرلار قايسى ئىللەتلىرى سەۋەبلىك خاراپ بولۇشى مۇمكىن؟“ دەپ سورۇدۇم. سۇئالىمغا ئۇ تولىمۇ ھەيران قالدى. “ ئىللەت دېگەن شەخستە بولىدۇ، مىللەتتە بولمايدۇ، مىللەتنىڭ خاراپ بولۇشىدىكى بىرىنجى ئامىل ئانا تىلدىن مەھرۇم قېلىش“ دەپ جاۋاپ بەردى. مەكتىپىمىزدىكى بىر قېتىملىق لېكسىيەدە بۇ ئايال غەرپتە ئىستانبولدىن يولغا چىقىپ پۈتۈن مۇسۇلمان شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ دىيارىمىزغىچە كەلگەن كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختالدى. پۈتۈن مۇسۇلمان شەھەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇنى ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش، پەقەت ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىلا تىرىكچىلىك بامدات بىلەن باشلىنىدىكەن. ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە بامداتتىن كېيىن ئاشخانىلاردىن تاماق، دۇككانلاردىن لازىملىقلارنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن. دۇنيادىكى باشقا مۇسۇلمان شەھەرلىرىدە كۈن نەيزە بويى ئۆرلىمىگىچە كوچىدا ئادەم كۆرۈنمەيدىكەن. ئۇ لېكسىيەسىنى خۇلاسىلاپ“ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ سەھەرچى مىللەت. ئۇلار ھاياتنى ئەڭ قىزغىن سۆيىدۇ. شۇڭا دۇنيادا يورۇق تاڭنى ئەڭ تەقەززالىق بىلەن، ئەڭ بالدۇر كۈتىۋالغۇچى مىللەت ئۇيغۇرلاردۇر“ دېدى.
مۈشۈكنىڭ ھەققىگىمۇ چاڭ سالمايدىغان مىللەت
2009 يىلى تومۇزدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەلەر دۇنيانىڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتمىغان ئاخبارات قالمىدى. مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تەقدىرى ھەققىدىكى دۇنياۋىي بەس مۇنازىرە ئەمەس، ئامېرىكىدىكى بىر تېلقانىلى تارقاتقان ”مۈشۈكنىڭ ھەققىگىمۇ چاڭ سالمايدىغان ئۇيغۇرلار“ ناملىق خەۋەر بولدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە ئامېرىكىدىكى بىر شىتاتقا بەش ئۇيغۇر ماكانلاشقانىكەن. ئۇلار بىر كۈنى ئىشىك ئالدىدىكى ئەخلەتداندىن بىر قوتۇر مۈشۈكنى تېپىۋاپتۇ. ئىچى ئاغىرىپ ئۆيىدە بېقىپتۇ. قوتۇرىنى مايلاپ ساقايتىپتۇ. شۇندىن كېيىن بۇ مۈشۈك بىر قورۇدا ياشايدىغان بەش ئۇيغۇرنىڭ ئالتىنجى دوستىغا ئايلىنىپتۇ. ئامېرىكىلىق مۇخبىر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا ئەڭ قىممەت قوي گۆشىگە ئامراقلىقىنى دەپ كېلىپ “ بۇ ئۇيغۇرلار تاماق ئەتسە مۈشۈكنىڭ ھەققىنى قوشۇپ ئالتە كىشىلىك تاماق ئېتىدىكەن، گۆش پۇشۇرسا مۇشۇكنىڭ نىسىۋىسىنى قوشۇپ سالىدىكەن“ دەپ تونۇشتۇردى. غەرپلىك مۇخبىرنىڭ ھەيران قالغىنى بۇ بەش ئۇيغۇرنىڭ مۈشۈكنى ھايۋانات دوختۇرخانىسىغا ئاپارمايلا ئۆزلىرى داۋالاپ ساقايتىۋەتكىنى بولۇپتۇ. مۇخبىر يەنە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوي سويۇش، تاماق ئېتىش، تام قوپۇرۇش، يەر تېرىش قاتارلىق غەرپتە مەخسۇس مەكتەپتە ئۆگىتىلىدىغان ھۈنەرلەردىن خەۋەردارلىقىنى تەئەججۈپ ئىچىدە بايان قىلدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ) ئەركىشىگە72 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلۇر( دىگەن ئەقىدە پەزىلىتىنىڭ خاسىيىتى بولسا كىرەك. خەۋەرنىڭ تۈگەنجىسىدە مۇخبىر كۆرۈرمەنلەرگە مۇنداق خىتاب قىلدى، “ ئامېركىلىقلار قىلىشىنى خالىمايدىغان تۆۋەن كىرىملىك، جاپالىق ئىشنى قىلىپ ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلار سىزنىڭ ئەمەس مۈشۈكنىڭمۇ ھەققىنى يەۋالمايدۇ، ئىنسانغا ئەمەس ھايۋانغىمۇ ئازار بەرمەيدۇ، كىشىلەرگە ئەمەس ھەرقانداق جانلىققا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ، سىزلەرچە ئۇلارنىڭ نىداسىغا دۇنيانىڭ ئۈنسىز قاراپ تۇرۇشى نېمە ئۈچۈن؟“
ئامېرىكىدا تۇرۇش جەريانىدا مەيلى تەتقىقاتچى زىيالىلار بولسۇن ياكى ئاخباراتچى بولسۇن ھىچ كىمدىن ”ئۇيغۇرنىڭ مۇنداق ئىللىتى باركەن“ دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدىم. ئامېركىلىقلاردىنلا ئەمەس جۇڭگۇدىن كەلمىگەن ھىچ بىر مىللەتتىن ئۇيغۇرنىڭ نۇقسانلىرى ھەققىدە باھالارنى ئاڭلاپ باقمىدىم. پەقەت قارىمايدىن كەلگەن بىر قازاق ئايال مەندىن رەنجىپ يېقىن شىتاتتا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلاردىن ئالاقىنى ئۈزدى. بىزنى ئەڭ غەزەپلەندۈرگىنى ”سىلەر ئۇيغۇرلار ناچار خەق بولغاچقا دۆلىتىڭلار يوق!“ دېگىنى بولدى. دېمەك ”ئىللەتلىك ئۇيغۇر“ ئەپسانىسى ئامېرىكىدا ياكى ئامېركىلىقلاردا ئەمەس، پەقەت جۇڭگۇدا ۋە جۇڭگۇدىن كەلگەنلەردىلا بازارلىق ئىكەن.
تۈگەنجە
يۇقارقى ھىكايەتلەردىن مەلۇمكى ئۇيغۇرنىڭ ئىللەتلىك سانىلىشى تاشقى دۇنيادا ھەقىقەت ئەمەس ئەپسانىدۇر. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى ئىللەتلىك سانىشى ئىككى سەۋەبتىن، بىرى ئايرۇپىلانلىقلار بىلەن ھارۋىلىقلارنىڭ رىقابىتىدىكى مۇقەررەر نەتىجە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۇيغۇردىكى مىللىي كەمسىنىش يەنە بىرى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرنى سۆكۈپ يازغان ناباپ ئەسەرلىرى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنى يۇقارقى سەۋەبلەرگە كۆرە ئىللەتلىك سانايدۇ. مۇساپىر ئۇيغۇرنىڭ تېنى يىراق قىرلاردا ياشاۋاتقان بىلەن ھىسسىياتى ۋە تەپەككۇرى يەنىلا چۆچەكچە ۋەيا تۇرپانچە بولىدۇ، يۇرتتىكى كەچۈرمىشلەرنىڭ قەلبىدە قالدۇرغان جاراھەتلىرى چەتئەللەردىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قىلىقىدا ئەكىس ئەتكەن بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەر ھەققىدىكى تونۇشلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا 1993-يىللاردىن كېيىن شەكىللەنگەن ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ مەھسۇلى. ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتى گېزىت ژورناللارنى قاپلاپ، ناخشا بولۇپ سەھنىلەردە ئوقۇلۇپ، ئۈنلىنتىسى قىلىنىپ ئۆي-ئۆيلەرگىچە تارقىتىلغاچقا ئۇيغۇرنىڭ قەدىمى نەگە يەتسە ”ئۇيغۇردا ئىللەت كۆپ“ دېگەن ئەپسانە شۇ يەرلەردە ئېقىپ يۈرمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ”ئىللەت“ دەپ داتلاۋاتقان ھادىسىلەر ئوخشاش سىياسىي ۋە ئىجتىمائى موھىتتا ياشايدىغان مىللەتلەرگە ئورتاق بولۇپ ئۇيغۇرلۇقنىڭ مەخسۇس ماركىسى ئەمەس.




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sardor0908 + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4986
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 10:21:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇرلارتارىختا چوڭ ياشاپ ،چوڭ يەپ ،چوڭ ئىشلار بىلەن ئۆتكەن سەۋەب بىزدىكى ئىستىمال قارىشى، تاماق قارىشى قاتارلىقدىكى تەبىيئىلا قويىدىغان تەلەپلەر ئادەتتە باشقا مېللەتلەرگە نىسبەتەن يۇقىرى بولىدىكەن .مىسالغا ئالساق بىر ئىدارىدىكى ئوخشاش ئىقتىسادى شارائىت ئاستىدىكى خىزمەتداشلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق ۋە باشقا ئىجدىمائى چىقىمغا كىتىدىغان خىراجىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن .مەسىلەن ئادەتتە بىر ئايدا ئۇيغۇرلار 5كىلو گۆش يەيدۇ دىسەك ،خەنلەر گۆش يەيدىغىنى 2كىلو ،بولمىسا 3جىڭ گۆش يەيدۇ .قازاقلار3كىلو ئەتراپىدا ،تۇڭگانلار2-3كىلو يەيدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ئىجدىمائى تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان چىقىملار ئۇيغۇرلار دوسلار يىغىلىپ تاماق يىيىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىر ھەم تەڭ چىقىمنى تەڭ كۆتىرىمەن دەپ تۇرىمەن ئىش بولمايدۇ .يەنە باشقا جەھەتتىن ئىستىمال بويىملارغا نىسبەتەنمۇ ياخشىسىنى ئۆزى قوبۇل قىلالالىغان شارائىت ئاستىدا ياخشىسىنى ئالىدۇ .ئىجدىمائق كىشىلىك تۇرمۇشقا بولغان كۆزقاراش ۋە ئەمىلى تەلەپ ۋە مەسئىلۇىتىدىمۇ يۇقىرى تەلەپ بويىچە مۇئامىلە قىلىشىدۇ .ئەمدى ئاددى ئىشلەمچىلىكنى مىسالغا ئالساق خەنلەر بىر ئاي بەسەي قۇرۇپ ئاق گۈرۈچ يەيدۇ لىكىن ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ بۇنىڭغا ئۇنىمايدۇ .دىمەك ئۇيغۇرلار ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش پىسخىكىسى بار ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم كۆرىنەرلىق بۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش ھاكۇۋۇرلۇق دەرىجىسىدە ،باشقىلارنى بىئارام قىلىش دەرىجىسىدە بولماستىن مەلۇم قائىدە -قانۇنىيەتلىق ھەم ھەمما ئۇيغۇرلىرىمىزدە ئورتاق گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان پىسخىك ئالاھىدىلىك ئەجىبا بۇ پىسخىكىنى بىزگە مەكتەپ ئۈگەتتىمۇ ؟قارىي-موللىلار ئۈگەتتىمۇ؟ ياك بۇنى دەل بىزنىڭ چوڭ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ گىنىدىن قالغان .ئالىملار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئىنسانلار گىنى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدار بار بولۇپ شۇ خىل گىن تەۋە بولغان كىشىلەر ئەبەدىي ساقلىنىپ تۇرىدىكەن .مەسىلەن: سىز بىر كۈنى شۇنداق چۈش كۆردىڭىز لىكىن سىز كۆرگەن چۈشىڭىز سىزدە بۇرۇن ھەقىقىي بولغاندەك لىكىن زاردى قاچان بولغانلىقىنى ئىنىق دەپ بىرەلمىگەن چۈشلەرنى كۆرىدىكەنمىز .بۇ چۈش سىزنىڭ مەلەم بىر ئاتا بوۋىڭىزنىڭ ھەقىقى ئۆتكەن كەچۈرمىس ياكى بىر كۈنى بولىشى مۇمكىن .بۇ ئىشلار پەقەت گىن ئارقىلىق سىزگە كىنودەك قىسقا ھەم تېز ئەتكەن .بۇ مىسالغا ئىلىشىم پەقەت گىننىڭ ئەستە ساقلاش ۋە يەتكۈزۈلۈش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى دىيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنىڭ گىن ئارقىلىق ئەۋلادمۇ -ئەۋلاد داۋاملىشىپ كىلىۋاتقانلىقىنى .بۇخىل چوڭ تۇتۇشنىڭ مەنبەسى دەل ئۇيغۇرلار تارىختا چوڭ ئۆتكەن خەلق  دىگەن ئاساسى ئىدىيەنى يورۇتۇش .بەزىلەرنىڭ رەمماللىق ياكى باشقا خاتا ئالدا چۈش تەدبىرى بەردى دىگەن قىيسىق ئىنكاسى قوبۇل قىلىمايدۇ .رەھمەت!

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ۋەتەننى سۆيۈش ئى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28041
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6790
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1798 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 10:27:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ ئېسىل تېمىغا مېتە ئىنكاستىن تۆتى چۈشۈپتۇ.

دۇئا قلسا ھەرۋاقىت مۆمىن مۇسۇلمان،
تىلەيدۇ دوزاقتىن بولماقنى ئامان.
ۋەلىكىن دوزاقنىڭ ئۆزى ئىتارمىش،
‹‹مەن ئۆزەم قورقىمەن ناداندىن يامان››

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4986
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 10:30:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2014-8-8 08:16 AM
  ئۇيغۇرلار ئىللەتلىك مىللەتمۇ ياكى پەزىلەتلىك مىللە ...

سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىز ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس تەتقىقات ئىكەن .ئەەسلى بىر تېما سۈپپىتىدە يوللىغان بولسىڭىز تەسىرى يەنە باشقىچە بولاتتى مۇمكىن بولسا تىخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا ئايرىم تېما قىلىشىڭىزنى ئىنتايىن كۈتۈش ئىچىدەو ئۈمىد قىلىپ تۇرۇپتىمەن .
     ئىنكاسىڭىزغا نىسبەتەن نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم .لىكىن ،بۇمۇ گەپنى چوقۇم دىيىشىم كىرەك-رەھمەت!

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3607
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 465 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 11:05:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن سۈيۈندۈم.
ئۇيغۇرۇمنىڭ يۈزىگە قارا سۈرتىۋاتقان مۇناپىقلارنى يەر يۇتقاي ئىلاھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66853
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 273 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 01:25:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108116
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2014-6-30
ئاخىرقى: 2014-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 05:24:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     بەك ياخشى يىزىلىپتۇ.     ماۋزۇسىنى ‹بىز ئۇيغۇرلار مانا مۇنداق مىللەت›دەپ ئۆزگەرتسە تىخىمۇ ياخشى بولغۇدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108893
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-8-2
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 05:33:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى ئوقۇپ ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلۋاتىمەن ،،،،چۈنكى تا ھازىرگىچە  ئۇيغۇرلىرمىز نىڭ ئومۇمى سانىنى بىلمەي دىكەن مەن .....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش