مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11992|ئىنكاس: 134

بىزئۇيغۇرلارمۇشۇنداق مىللەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10788
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 01:53:09 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




بىز ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق مىللەت

)بۇ ئەسەرنى توردىن چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغان. كۆرمىگەنلەر كۆرۈپ باقسۇن دىدىم.


بۈگۈن تور دۇنياسىدا كۆرگەن بىر تېما ئۇيغۇرنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن يەنە بىر قېتىم ۋۇجۇدۇمدىن پەخىرلىنىشىمگە سەۋەپ بولدى . بۇ تېمىدا پەيزىۋات ناھيەسىدىكى 2014-4-23-كۈنى يۈز بەرگەن بىر ۋەقە بايان قىلىنغان ئىدى . مىللىتىمىزگە قارىتا ھەرخىل كۆزقاراشلار ئوتتۇرغا چىقىۋاتقان مۇشۇ سائەتلەردە ، بۇ تېما ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلام دۇنيادىكى ئەڭ ئاقكۆڭۈل ، قەلبى پاك ، ئىنساپلىق ، ئەڭ ئىسىل مىللەتلەردىن ئىكەنلىكىنى يۇرۇتۇپ بېرىپتۇ . ھەر بىرىڭلارنىمۇ خەۋەردار قىلغىم كەلدى .

(
شىنجاڭ ئاخبارات لېنيىسى خەۋىرى

4-ئاينىڭ 23-كۈنى پەيزىۋات ناھيەسىدە بوران چىقۋاتاتتى . بىر يىگىتنىڭ قولىدىكى بىرتۇتام پۇل بوراندا ئۇچۇپ كەتتى . يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر پۇل تېرىشكە باشلىدى . خەلىق ساقچىسى چاجىخەيمۇ يېقىن ئەتراپتا بارئىدى .
شۇ كۈنى سائەت 12 دىن 20 مىلەر ئەتراپىدا بانكىدىن چىققان 20 نەچچە ياشلاردىكى ئۇيغۇر يىگىت قولىدا 100 سوملۇق ، 50 سوملۇق بىرتۇتام پۇل بوراندا ئۇچۇپ كەتتى .
پۇللار يولنىڭ ھەممە يېرىگە چېچىلىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇ يىگىت پۇللارنى تېرىش ئۈچۈن يۈگرەيتى.
شۇ چاغدا ئەتراپتا ئادەم كۆپ ئىدى ، بەزىلەر موتىسكىلىتتىن چۈشۈپ پۇللارنى تېرىشكە باشلىدى .
چاجىخەينىڭ دېيىشىچە ، شۇ چاغدا ئەتراپ ناھايىتى قالايمىقان بولۇپ ، ناھايىتى كۆپ ئادەم پۇل تېرىۋاتقان بولۇپ ، بەزىلەر پۇلنى ئەكەتمەيدۇ دېگىلى بولمايتى .
بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ساقچى چاجىخەي كىشلەرنىڭ تېرىۋالغان پۇللارنى يىگىتكە قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى . ئاخىردا بىر كىشى: ‹‹چۆپلۈكنىڭ ئىچىدە يەنە پۇل بارلىقى ›› نى ئېيتتى . يىگىت بېرىپ بىرنەچچە ۋاراق پۇلنى تېرىۋالدى.
ساقچى چاجىخەينىڭ ئىگەللىشىچە يىگىتنىڭ قولىدىكى پۇل ئەسلى 50 مىڭ سوم بولۇپ ، كىشلەر ئۇنىڭغا تېرىشىپ بەرگەن پۇلمۇ دەل 50 مىڭ سوم بولۇپ بىر ۋاراقمۇ كەم ئەمەس ئىكەن .
بۇ خەۋەر پەيزىۋات ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مىكرو بىلوگىغىمۇ ئېلان قىلىنغانكەن.
بىز تور دۇنياسىدا كۆپ خەۋەرلەرنى كۆرىمىز . 2007- يىلى 5-ئاينىڭ 21 كۈنى شۈنيى رايونى ماشنا ۋەقەسىدىن كېيىن چېچىلىپ كەتكەن تۇخۇملارنى ئەتراپتىكىلەر تېرىپ  بۇلاپ كەتكەن .
2013-يىلى 2- ئاينىڭ 7- كۈنى خۇنەن چىياڭ ناھيىسى بابوۋ بازىردىكى بىر ياغاچ زاۋۇتىغا ئوت كەتكەن ، نەچچە ئون كۈپ ياغاچ كۆيۈپ كەتكەن ياكى ئەتراپتىكى خەلىق بۇلاپ كەتكەن .
2013-يىلى 3- ئاينىڭ 27-كۈنى تۇمان سەۋەبىدىن بېيجىڭ-ئاۋمىن تاشيولى چاڭئەن بۆلىكىدە 20 نەچچە ماشىنا ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . بىر قىسىم كەنىت ئاھالىللىرى ماشىنىلاردىكى ئەپلىسىن ۋە بەرەڭگىلەرنى بۇلىغان .
2006 - يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى شيەنشى ۋۇگۇڭ ناھيىسى چىگرىسى ئىچىدە بىر يۈك ماشنىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ماشىندىكى ئەپلىسىننى تېرىپ ئئەكەتكەن .
2010- يىلى 8-ئاينىڭ 25 - كۈنى بېيجىڭ - جۇجياڭ تاشيولى شىجياجۇاڭ لۇەن چېڭ ئەتراپىدا ماشنا ۋەقەسى يۈز بەرگەن ، ئەتراپتىكى ئامما چىلانلارنى بۇلىغان .
يەنە دىسەك تولا 2008-1-25 دىكى پىۋا باسقان ماشىنا ئۆرۈلۈش ۋەقەسى .2013-5-6 -كۈنىدىكى ئىچكى مۇڭغۇل ئۇلانساباتۇر  ئەتراپىدا كىشىلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەن ماشىنىدىن سەلەركە بۇلاش . 2013-3-7- كۈنى ئەنخۇي ۋۇۋېيدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن ماشىندىكى بېلىقنى بۇلاش.
2005-11-7- كۈنى خەنكو يىچاڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولىدا چاقى ئېتىلىپ كەتكەن ماشىندىكى يېسىۋىلەكلەرنى بۇلاش. بۇنداق مىساللار بەك كۆپ.
قېرىندىشىم يۇقارقىلارنى كۆرۈپ مىللىتىڭىزدىن سىزمۇ پەخىرلەندىڭىزمۇ ؟ چوقۇم پەخىرلەندىڭىز .

ئۇيغۇر مانا مۇشۇنداق مەدىنيەتلىك،ئەخلاقلىق،ئەقىل-پاراسەتلىك قالتىس بىر مىللەت.بۇنداق ئىسىل خىسلەت باشقا مىللەتتە دورىلىققىمۇ تىپىلمايدۇ.


        ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بىلىمگە ھېرىسمەن،تىرىشچان،مېھماندوس ،باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان تەرەققىيپەرۋەر مىللەت. دۇنياغا داڭلىق تور Wikipedia(维基百科)دا كۆرسىتىلىشىچە ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا يەنە قازاقىستان،قىرغىزىستان،ئۆزبىگىستان،تۈركىيە، ئاۋىستىرالىيە،ئەنگىلىيە،كانادا،گوللاندىيە،ئىراق،گېرمانيە،پاكىستان ،بىرازىلىيە، مىسىر،ئەزەربەيجان،بېلگىيە .ھىندونوزىيە،ھىندىستان،مالايسىيە،مالدىۋى،تۈكىمەنسىتان،سەئۇدى ئەربىىستان،قاتار،ئافخانىستان،روسسىيە،ئىران،ئامرىكا،فىرانسىيە،ياپونىيە قاتارلىق ئاسىيا،ياۋرۇپا،شىمالى ۋە جەنۇبى ئامرىكا ،ئافرىقا ،ئوكيانىيە قاتارلىق دۇنيادىكى ھەممە قىتئەگە تارقالغان.ئاساسلىقى دۆلىتىمىزدە.بۇ توردا كۆرسىتىلىشچە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئۇمۇمىي نۇپۇسى بولسا 36مىلىيۇن 340مىڭ ئىكەن.لىكىن بەزى سىتاستىكىلاردا كۆرسىتىلىشچە 20مىلىيۇن ئەتراپىدا دىيىلگەن،
لىكىن ھۆكۈمەت سىتاستىكىدا،
2011-يىلى مەملىكەتنىڭ 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى ، بۇنىڭدىكى  
ئالدىنقى 5 مىللەت :
1.خەنزۇ 1220844520|
2.جۇاڭزۇ 16926381
3.خۇيزۇ 10586087
4.مانجۇ 10387958
5.ئۇيغۇر 10069346

خۇيزۇ بىلەن مانجۇنىڭ ئانا تىلى خەنزۇ تىلى ، جۇاڭزۇ ئاساسەن ئاسسىلماتسىيە بوپ بولدى ، بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلارنى جۇڭگودىكى خەنزۇلاردىن قالسا 2.چوڭ مىللەت دەپ قاراشقا بولىدۇ .
.قايسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىرنىمە دىمەك تەس. لىكىن ئاساسلىق ئۇيغۇرلار دۆلتىمىز دە ياشايدۇ. بۇ يەردە مەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇس ئەھۋالىنى سۆزلىمەكچى ئەمەس.نۇپۇسنىڭ قانداق بۇلۇشى مۇھىم ئەمەس.مىنىڭ سۆزلىمەكچى بولغىنىم تورلاردا مۇنبەرلەرگە كىرىۋىلىپ دائىم باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە ئۆز ئارا مۇنازىرلىشىپ جەڭگە جىدەل قىلىشىدىغان ،بىردەم ئۆز ئارا ھۆرمەتلەشمەي ئۇرۇشۇپ تىللىشىپ تۇرىدىغان تورداشلارغا ئۈلگە بولسۇن ئۈچۈن بۇ تېمىنى يازدىم.باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغا تەرىپىنى ئۆگىنىمىز،ئۇلار يۇلۇققان ئۇڭۇشسىزلىقلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ھېسسىداشلىق قىلىمىز.لىكىن بۇ ئىشلار ئۈچۈن ئۆز ئىچىمىزدىن گۇرۇھلارغا بۈلۈنۈپ سۇقۇشساق بۇ تولىمۇ نادانلىق بولىدۇ.باشقىلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز.بۇ ھەقىقەتەن توغرا .چۈشەنگەندە ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى كۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك.لىكىن ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى كۆرگەندە ئۆزىمىزنىڭ كەمچىللىكلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆزىمىزنى كەمسىتسەك بولمايدۇ.توردا دائىم كەمچىللىك كۈرۈپ ئارتۇقچىلىق كۆرمەيدىغان تورداشلار خېلى باركەن. نەدىكى تاينى يوق ئىشلارغا مۇنازىرلىشىپ كېتىدىكەن.ئەمىلىيەتتە مىللىتىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئىللىتىدىن كۆپ.
           مەملىكىتمىزدە ئۇيغۇلار تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىپ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ساھەلەردە ياخشى نەتىجلەرنى ياراتتى.نۇرغۇن  يېڭى ساھەلەرنى ئاچتى. بۇ نەتىجىلىرى بىلەن خەنزۇلاردىن قالسىدا ھەرقايسى ساھەدە ھەممىدىن ئۈستۈن مىللەت بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ. ئارمان ،ئامىنە قاتارلىق دۇنياغا يۈزلەنگەن مىللىي كارخانىلار مىللىتمىزنىڭ پەرخىرى بولماقتا. ئېرپان ئىلىكتىرۇنىمۇ مەملىكىتىمىزدىكى 300كۈچلۈك ئىلىكتىرۇن كارخانىسىنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى.بۇمۇ ئاسان قولغا كېلىدىغان نەتىجە ئەمەس. مەيلى مائارىپ،مەيلى كىنوچىلىق ،مەيلى بىناكارلىق،مەيلى قول ھۈنەرۋەنچىلىك،مەيلى دېھقانچىلىق،مەيلى مەبلەغ سېلىش ،مەيلى تەتقىقات بولسۇن ھەممىسىدە ئۇيغۇرنىڭ ۋە ئۇيغۇر كارخانىسىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.نۇرغۇن بىلىمگە ھېرىسمەن ياشلىرىمى تىرىشىم ئۇقۇپ مەملىكتىمىز دىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئالى مەكتەپلەردە ماگىستىرلىق دوكتۇرلۇق دوكتۇر ئاشتىلىق ئۇنۋانلىرىنى ئېلىپ مىللىتىمىزگە دۆلىتىمىزگە شان شەرەپ كەلتۈرىۋاتىدۇ.بۇنداقلار كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ.مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن نەزىرىڭىزنى يىغىپ دىققەت قىلسىڭىز نۇرغۇن ساپالىق كىشىللىرمىز يىتىشىپ چىقتى.نۇرغۇن كىشىللىىرىمىز نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقماقتا.ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈزگەنلەر بۇرۇنقىدەك نۇقۇل تۈمۈر تاۋق ساقلاپ تۇرماي ئۆزلىرى كارخانا ئۇرۇنلارغا كىرىپ ئىشلەپ ياكى ئۆزلىرى شېركەت قۇرۇپ جەمىيئەتكە بىر كىشلىك ھەسسىنى قۇشىۋاتىدۇ. دۇنيادا قايسى يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتى چىقسا بىز ئالدى بىلەن قۇبۇل قىلىۋاتىمىز .قۇبۇل قىلغاندىمۇ باشقا مىللەتتەك ئۆز ئەينىچە قۇبۇل قىلماي بەلكى شەكلىنى ،يېزىقىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قۇبۇل قىلىۋاتىمىز. تەبەسسۇم ،مەشرەپ ،مۇئەللىم ،ئېرپان قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.كىيىم كېچەك ،يىمەك ئىچمەك ،كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىمۇ شۇنداق بۇلىۋاتىدۇ. ئۈزلىكىدىن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارمۇ چىقىۋاتىدۇ. تەنتەربىيە ساھەسىدىمۇ دۆلەت چىمپىيۇنلىرى ئولىمىپىك ئەزىمەتلىرى يىتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.بۇلار نىڭ نەتىجىسىنىڭ  يىلسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .چۈنكى تەجرىبە توپلىنىشتىن كېلىدۇ. جۈرئەت ئۇبۇلقاسىم ،ئادىل ھۇشۇردەك تەۋەككۇلچى تەنھەركەتچىلەرمۇ يىتىشىپ چىقتى .پۇتبۇل ساھەسىدىمۇ بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ياشلىرىمى چىقىۋاتىدۇ.مىنىڭمۇ ئاغىنلىرىم ئىچىدە كوماندا قۇرۇپ تەشكىللىك مەشىق قىلىدىغانلىرى بار. جاپانىڭ تىگى راھەت دەپ مۇشۇنداق ياشلىرىمز ئۈزۈلمەي چىقىم تۇرسا بۇ ساھەدىمۇ ئۈمۈد چوڭ. چۈنكى ئۇيغۇر ئۆسمۈر كوماندىمىز مەملىكەتلىك چىمپىيۇن بۇلۇپلا قالماي دۇنيا ئۆسمۈرلەر چىمپىيۇنى بولدى .ئۇيغۇرلار بىلسىڭىز مۇشۇنداق ئىرادىلىك ئىجتىھاتلىق مىللەت. ئەمدى چەت ئەللەردىن مىسال قىلساق ،چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغا ئۇيغۇرلار ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن شۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۈكۈمەت،بانكا ،كارخاناقاتارلىق ئۇرۇنلىرىدا ئىشلەپ ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىۋاتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىنى مىسال قىلساق ئۇيەرگە كۈچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بۇلۇپ )دۆلتمىز ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىن كىيىن سەئۇى ئەرەبىستانى ئۇيغۇرلارنى نۇپسقا ئالمىغان ياكى ناھايتى تەستە ئالغان،ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلا پاسپورت بىلەن تۇرىدۇ(بۇلۇپ سەئۇدىدىكى ۋە ئامرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىدە ئالى مائارىپ تەربىيسىنى قۇبۇل قىلىپ تىرىشىپ ئۆگنىپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھۈكۈمەت،مائارىپ،سەھىيە،ئۆي مۈلۈك،كۆچمە ئالاقە،ئاۋىئايسىيە،قاتناش قاتارلىق جايلىرىدا ئىشلەپ ئۇيغۇرغا شەرەپ كەلتۈرىۋاتىدۇ.ئۇندىن باشقا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بىرقانچە داڭلىق يازغۇچى، ئالى مەكتەپ مۇدىرى،تەھرىر،بانكا باشلىقى ...قاتارلىقلار چىققان. قازاقىستان جۇمھىرىيدە 231مىڭ ئۇيغۇر بۇلۇپ بۇلاردىن 42دوكتۇر،4ئاكادىمىك،200دىن كۆپ كاندىدات پىراففىسور ،5قازاقىستان خەلىق سەنئەتكارى،20دىن كۆپ« قازاقىستان تۆھپىكار خىزمەتچى»مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى ،393نەپەر ھۈكۈمەت ۋەكىلى بار. قازاقىستان جۇمھۇرىيتىدەك بىر چوڭ دۆلەتتە نۇپۇسى ئاران 200مىڭ ئۇيغۇرغا نىسپەتەن بۇ ناھايتىمۇ چوڭ نەتىجە. ئامرىكىدىمۇ شۆھرەت مۇتەللىپتەك ،تاشپولات رۇزىدەك ئەركىن سىدىقتەك دۇنياۋى ئالىم ئۇيغۇرلىرىمىز بار. مىسال ئۈچۈن مۇشۇلارنىلا دەي.يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئالى مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىپ ئۆزىنىڭ شۇ دۆلەتتىكى بىركىشلىك ئورنىنى ئابرويىنى تىكلەپ ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ. بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە  دۆلىتىمىزدە ياكى چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار نادان،ئوغرىلىق يانچۇقچىلىق قىلپلا يۈرۈيدىغان مىللەت.ئۇلار پەقەت يامان تەرەپنى كۆرىدىغان كىشىلەر.بۇنداق چۈپرەندە ئادەملەر دۇنيادىىكى ھەممە مىللەتتە بار. لىكىن كۆپۈنچە ئۇيغۇرلىرىمىز ئاشۇ بىلىم سۆيەرلكى بىلەن دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە يۇلتۇزدەك چاقناپ كىلىۋاتىدۇ.مەملىكىتىمىزدىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئالىم،دوكتۇر،كارخانچىلار بار.كاللىنى ئىشلىتىپ تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ جەمىيەتتىن قاقشىماي ئۆز نىشانى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن بىلىپ ئېلىپ تىرىشىپ مەقسىتىگە يىتىپ ئىنساندەك ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نۇرغۇن.بىر قىسىم تورداشلار نىمشىقا ئاشۇلارنى دورىماي نەدىكى تاينى يوق ئىشلار بىلەن قالىدىكەن. بىردەم ئۇيغۇر ئەرەپلەر بىرگەۋدە ئەمەس دەمدۇ قاملاشمىغان سۇئاللارنى مۇنازىرە قىلىش بىلەن ئاۋرە ئىكەن.يەنە بەزەنلەر ئۇيغۇر نىمىشقا مۇشۇنداق دەپ سۇئال قۇيۇپ ئاتالمىش ئويغىنىش يوللىرىنى يەھۇدى دەمدۇ باشقا مىلەتتىن ئىزدەپ ئاۋارە ئىكەن. باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىمىز بۇ ناھايتىمۇ توغرا ئىش. لىكىن ئۆزلۈكنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۈرۈپ ئۆزىنى كەمسىتمەسلىك كېرەك.باشقىلارغا ئۆزىنى تاقاپ باغلاپ ياكى دۈشمەنلىشىپ مۇنازىرلەشسەكمۇ بۇنى پەقەت سىزلا بىلىسز.باشقىلاربۇ دۇنيادائۆزلىرى ھەققىدە بۇنداق مۇنازىرە بۇلىۋاتقىنىىنى ئەسلا بىلمەيدۇ.بۇ سىزگە نىسپەتەن ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا ھىچنىمە ئەمەس.يەنە بەزىلەر مۆجىزە دىگەن نىمە دەپ سۇئال قۇيۇپ مۇنازىرلىشىپ دۈشمەلىشىپ كېتىدىكەن.شۇڭا بۇ ھەقتە مەن »مۆجىزە ۋە نادانلىق « دەپ تېما يوللىغان ئىدىم.مۆجىزىنىڭ نىمىلىكىنى بىلسىڭىز نىمە بۇپتۇ؟بىز تېخى بىلىمغا تۇيۇنۇپ ئاشۇنداق ئىشلارنى تەپەككۇر قلىدىغان باسقۇچقا بارمىدۇق.مۇشۇنى تەپەككۇر قىلغاننىڭ ئورنىغا ئائىلە تەربىيسى ،مائارىپ تەربىيسى ھەققىدە ئويلانساق نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە.ئۇيغۇرلار  ئويغىنىش يۇلىنى ئالىبۇرۇن بىلىپ بولغان .ئۇ بولسىمۇ بىلىم ئېلىش.نۇرغۇن ياشلار مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ.تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ.دۆلەتكە مىللەتكە ھەسسە قۇشىۋاتىدۇ.لىكن بىر قسىم نادان كىشىلەر يەنە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە.شۇ زېھنىنى بىلىم ئېگەللەشكە قاراتسا،بۈگۈنگىدەك ئۇچۇرلاشقان دەرۋردە ئۆگىنەي دىسە بىلم دىگەن تۇلۇپ تېشىپ تۇرغان بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرسا بالدۇر بۇ نادانلىقتىن قۇتۇلغان بولاتتى. بالىلىرىمىزنى ئالى مەكتەپلەرگىچە ئۇقۇتساق ،يېشىمىز چوڭۇيۇپ كەتكەنلەر ۋاقتىمىزنى غەيۋەتتە ئەمەس بەلكى كىتاپ كۈرۈ ش بىلەن ئۆتكۈزسەك ،ئالى مەكتەپتە ئۇقۇيالمىساق ھۈنەر ئۆگەنسەك ئىشقىلپ ئۆگەنگىدەك بىلىم بولسىلا ئۆگەنسەك ھىچ بولمىسا كۇرسكا قاتنىشىپ خەنزۇتىلى ئۆگەنسىڭىزمۇ بىر ئىش .تۇرمۇشىڭىزدىكى نۇرغۇن مەسىللەرنى ھەل قىلالايسىز.شۇندىلا قانۇن ئارقىلىق ئۆزنى قوغداشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ.شۇڭا تورداشلارغا دەيدىغىنىم ئاشۇ يات ئەللەردە سەرگەردان بۇلۇپ يۈرۈپمۇ بىلىم ئېلىشنى تاشلاپ قويمىغان قېرىنداشلىىمىزدىن ئۆگىنەيلى.پۈتۈن ياشلىق باھارىنى بىلىم ئېگەللەشكە قارىتىپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ دوكتۇر ۋە دوكتۇر ئاشتى بۇلۇپ يىېتىشىپ چىقىۋاتقان دىيارىمىزدىكى ئوغلان قىزلىرىمىزدىن ئۆگىنەيلى. خىيالى تەپەككۇر ئەمەس ئەقلىي تەپەككۇر قىلايلى..



بىزنىڭ ئوت يۈرەك زىيالىرىمىزدىن ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام، ئالىم ئەھەت،  ئۆتكۈر ئەركىن..............قاتارلىق ئانا تىل ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان شەخىسلىرىمىزنىڭ ئەجرى مىھنىتى،   ئىرپان، بىلكان، قارلۇق، قۇتلان، مۇئەللىم ...........قاتارلىق شىركەتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل تەرەققىياتى شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنىڭ كومپىيوتېر، تېلفون.......قاتارلىقلاردا تونۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇجەھەتتە يەنى كومپىيوتېر، تېلفون قاتارلىقلارغا تونۇتۇلۇشتا، بولۇپمۇ. wndwos 8 ئۇيغۇرچە تىل بۇلۇقىنىڭ ئېچىلىشى جەھەتلەردە "جۇڭگۇدا خەنزۇتىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، تۈرىك تىللىرى جەھەتتە تۈركىيە تىلىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، ئەرەپ يېزىقىغا مەنسۇپ يېزىقلارغا نىسبەتەنمۇ بۇ جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.!
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىغا قارىغاندا ئۆزىنى ياخشى قوغدىغان. مەسىلەن : يېقىنقى بىر ھۆكۈمەت سىتاستىكىسىدا ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ  ئەھۋالى مۇنداق. :
(1) مۇڭغۇللارنىڭ 30٪مۇڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 40٪مۇڭغۇلچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 70٪مۇڭغۇل مۇڭغۇليېزىقىنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(2) 95٪مانجۇ، مانجۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، مانجۇچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(3)25٪تىبەت تىبەتچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 70٪تىبەتچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(4)65٪جۇاڭزۇ، جۇاڭزۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 85٪جۇاڭزۇچە خەتنى ئوقىيالمايدىكەن.
(5)10٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 20٪ئۇيغۇرچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 30٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇشتا ساۋاتسىز ئىكەن.
بىرمىللەتنى ئاسىمىلاتسىيە بولۇپ كىتىشتىن ساقلاپ تۇرىدىغان ئۈچ نەرسە بار.(1)تىل يېزىق.(2) دىنى ئىتىقاد.(3) مىللى ئۆرۈپ ئادەت ۋە مىللى مەدەنىيەت.
..
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمى ئۇلۇغ خانلىقلارنى قۇرغان، قەدىمى مەدەنىيەتلىك ئىنىرگىيەسىگە ئىگە ئۇلۇغ مىللەت. ئېنگېلىز تارىخچىسى جەيمز چېچۋودنىڭ 50 يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مىۋىسى بولغان ) مۇ قۇرۇقلۇقى( ھەققىدىكى بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 20 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئەڭ قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇنى بىلگەن جاللات سىتالىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كىلىشىدىن قورقۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قىرىپ يوقىتىۋەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى غەربى تۇركىستاندا خېلى كۆپ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەكلەردەك ئاپتونومىيە بەرمىگەن. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە سىڭىپ كىتىشىگە تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان. ھەمدە غەربى تۇركىستاننى سوراشتا،"  قازاق، قىرغىز قاتارلىقلار ياشلىرىنى تەربىيلەپ شۇلاردىن پايدىلانغان. ئۇيغۇرلارنى ئاساسەن ھاكىمىيىتىگە ئىشلەتمىگەن. ئامال بار زىيالىرىنى قىرىپ تۈگەتكەن! ئۇيغۇرلار بەختىنى باش كۆتۈرگەن ھامان تۇنجۇقتۇرۇپ ماڭغان.
دىمەك سىتالىن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق ئىچكى ئىنىرگىيەگە ئىگە ئۇلۇغ مىللەت ئىكەنلىكىدىن قورۇققان.



پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن

     ‏ئەبۇ غازى

‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن ،
‏پاك ۋىجدان سەمىمىي غەيۇرلىقىڭدىن .
‏تارىخلار بېتىدە ئۆچمەس سەھىپەڭ،
‏جاسارەت بابىدا جەسۇرلىقىڭدىن.

‏ئەقىل ھەم ئىدراك مۇجەسسەم سەندە ،
‏ئەرلىرىڭ باھادىر باش ئەگمەس جەڭدە.
‏شەھىدلەر ھاياتتۇر ھەريەر ھەر يەردە،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئىزناسى ئۆچمىگەن ئالىملىرىڭدىن،
‏تەكلىماكان تەڭرىتاغ تارىملىرىڭدىن.
‏تارىختا زەپ قۇچقان خاندانلىقىڭدىن،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئۇيغۇردا بىرلىك يوق كىم دېدى ساڭا،
‏پەرۋامۇ قىلمىغىن قىلچىلىك ئاڭا .
‏ئۇيغۇرۇم قۇرام تاش ئىشەنگىن ماڭا،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئىمان بار ئىنساپ يوق دەركەن نائەھلى،
‏ئۇيغۇرۇم ئىنساپسىز ئەمەستۇر ئەسلى.
‏تۆھمەتكە قارشىدۇر ئۇنىڭ جان جەھلى،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئۇيغۇردۇر ئۇيۇشقاق ئاتالغان مىللەت،
‏مىللەتلا  بولاركەن تېپىلار ئىللەت.
‏ئىللەتنى تۈزىسەك چاقنايدۇ خىسلەت،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .


‏ئاپتور:ئەبۇ غازى
‏2014.4.20


مەنبە
.مىسرانىم تورى .باھا دىر يىگىت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 01:55 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 100 بەك تەسىرلەندىم.
ablimitt + 108 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 208   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 11:05:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغار سۆزىنى كىم ئىزاھلاپ بىرىدۇ؟

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 11:14:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەخىرلەن  ئۇيغۇرۇم  ئۇيغۇرلىقىڭدىن  !!!

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4985
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 11:26:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         ھەقىقەتەن كۈچ بەرگەن تېما .
  ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى تارىخى ئۈچۈن ئەزىزلەنمەسلىكى بەلكى ھازىرقىدەك كۈچلۈك -ئاجىز پەرق ئىنىق ئىپادىلىنىۋاتقان ئىجدىمائى شارائىتتا مېللى غۇرۇر،مېللى ساپا ،مېللى تىخنىكا،مېللى ئۆرۈپ-ئادىتى ئارقىلىق ئىتراپ قىلىنىشى ،ئەزىزلىنىشى پەرخىرلىنىشى كىرەك .ئۇيغۇرلار تارىختا ھىچنىمىدىن قورقمىغان ،لىكىن ئۇيغۇرلارنى بىدئەتلىك ،ئاشقۇنلۇق قاتارلىق دىنىي رادىكاللىق خارابلىشىشقا ،زەئىبلىشىشكە .. ئەكىلىپ قويغان بىز بۇنىڭدىن ساۋاق ئىلىشىمىز دىقىتىمىزنى ھازىرقى دۇنياغا ،پەن-تىخنىكا ،مائارىپ ،مەدىنىيەت قاتارلىقلارغا قارىتىشىمىز كىرەك .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 11:32:34 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرپان شىركىتى تۇغىرسىدا ئىنىقراق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدىغان قىرىنداشلار بارمىدۇ؟ ئىرپان شىركىتى ھازىرغىچە خىلى كۇپ مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالدى، كۇمىيۇتىر، يانفۇن، ئىلىكترۇن لۇغەت، قاتارلىق يۇقىر تىخىنكا مەھسۇللاتلىرىنى،
ئەمدى دۇلىتىمىزدە مۇشۇنچىلىك ئۇتۇققا ئىرىشمەكمۇ ئاسان ئەمەس.
ئىرپان شىركىتى مۇشۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىشتا ئۇزنىڭ ئايرىم كارخانىلىرى بارمۇ، ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ياسىتامدۇ؟! مۇشۇ ھەقتە بىلگىنىڭلارنى دەپ بىقىڭلار

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 12:38:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۇيغۇرلار  ئەقىللىق، ئۆم ،تىرىشچان  مىللەت ،لىكىن خەقلەر بىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىمىزنى ئىش ئۇقمايدۇ دەپ ،باشقىلارغا ياردەم بىرىشىمىزنى ئەخمەقلىق دەپ قاراپ،يول قويۇشىمىزنى يۇۋاشلىق كۆرۈپ سەل بوزەك قىلىۋاتىدۇ،بۇنىڭغا ماسلىشىپ مۇناپىق ساتقىنلار ئۆز شەخسى ھارام نەپسى ئۈچۈن مىللەتنى سىتىپ يەۋاتىدۇ،مىللەتنى يولدىن چىقىرىش ئۈچۈن لالما ئىتتەك كۈچەۋاتىدۇ،
بۇ ئىشلار چوقۇم تۈزۈلىدۇ،ئۇيغۇر چوقۇم ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشى كىرەك،ئەلۋەتتە ئۆزگىرىش بىر قىسىم چىقىملارنى ئىلىپ كىلىدۇ،لىكىن بۇ چىقىملار ھەرگىز بىكا كەتمەيدۇ،مانا تارىخقا قارىساقمۇ بىر قىسىم ساتقىن مۇناپىقلارغا تارىخ ئاللىبۇرۇن لەنەت تامغىسىنى بىسىپ بولدى!
بىر قىسىم كىشىلەر خەلق تەرىپىدىن مەڭگۈ يادلىنىدۇ،ھۆرمەتلىنىدۇ،

ئۇيغۇرلاردىن چىققان ساتقىن مۇناپىقلارنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى شۇكى-يا ئۇيغۇر مىللىتىگە ياكى ئۇيغۇر مۇسۇلمان تەۋەلىكىگە كىرمەيدۇ!ئىككىلىسىگە تەۋە بولمايدىغانلار ياكى تەۋە بولۇشنى خالىمىغانلار  تىپىك خائىن ساتقىن مۇناپىق،پەقەت بىرسىگە تەۋە بولىمەن دەپ قويۇپ يەنە بىرسىگە قارشى تۇردىغانلار ئەمەلىيەتتە خائىن ساتقىن ياكى مۇناپىق!

بۇ ئۆلچەمنى ئەستە تۇتايلى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوقۇغىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 12:45 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 12:47:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   ھەممە مۇنبەرگە يوللىغۇدەك ئىسىل تىمىكەن .

ئۆلۈم ئۇ بىر يىڭى ھاياتلىقنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103796
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 01:01:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل تىما بوپتۇ....ئۇيغۇرلىقىمىزدىن ھەرۋاقىت پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز...

كىتاپ ئوقۇمىساڭ ،ھەرقانچە يول يۈرگىنىڭ بىلەنمۇ سەن بىر پوشتالىيۇن...
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108576
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-7-19
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 01:15:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98045
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 01:31:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 01:15 PM
ھەقىقەتەن ئېسىل تىما بوپتۇ ، ئەگەر كىمكى مەندىن سەن نى ...

راستلا، راستلا،...ئەگەشتىم؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش