|
|
|
|
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى راستىنلا شۇنداق مۇھىممۇ؟ ناملىق تېمىغا ئوبزور
تۈنۈگۈن ئەتتىگەندە بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بىر قىسما بوپ قالدى. بۈگۈن مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگىلى ساق بەش يىل بوپتۇ. ھېلىھەم يادىمدا، ئاشۇ كۈنى ئەتتىگەندە مۇنچىغا چۈشۈپ، ئەڭ يارىشىملىق كىيىمىم بىلەن ياسىنىپ، چېچىمنى رەتلىك تاراپ ئىمتىھان مەيدانىغا قاراپ يولغا چىققان ئېدىم. ئاشۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلگەن ئىدىم. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ مېنىڭ بىرنەچچە ئىنى- سىڭىللىرىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەلەكچىلىكىدە سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ تېخىمۇ ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈشكە تېرىشماقتا. بۈگۈن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئىككىنچى كۈنى. ئاپتونۇم رايۇن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بەلكىم ئىمتىھاننى بېرىپ بولۇپ ئۆيىگە قايتىۋاتقاندۇ، ياكى خۇشاللىقىدا قايسى بىر دېسكوخانىلاردا ئۈچ يىلدىن بېرى تېشىغا چىقىرالمىغان شوخلۇقلىرىنى نامايەندە قىلىۋاتقاندۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئىمتىھان نەتىجىسى چىقىشتىن بۇرۇن شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى خاتېرجەم تۇتۇپ، سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلغان ئاساستا خۇشال خۇرام ئوينىشىغا تىلەكداشمەن.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىنى مەن دېسەم ھېساب ئەمەس. يەنىلا تۆۋەندىكى بىر نەچچە ھەقىقىي خەۋەردىن كۆرۈڭ.
ھەر يىلى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كېچىكىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەسلى تېمىدا ئېيتىلغاندەك ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانى باشقۇرغۇچىلىرىغا تىزلىنىپ تۇرۇپ يالۋۇرىدىغان ئىشلارمۇ كۆرۈلۈپ قالىدۇ.
ھەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن تۆۋەن نۇمۇر ئالغان بەزى ئوقۇغۇچىلار ئاتا- ئانىسى ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ تاپا- تەنىسىگە چىدىماي، ئۆزىنىڭ ياش ھاياتىنى نابۇت قىلىدىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى شۇنچىۋالا مۇھىممۇ؟
مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نۇمۇر ئېلىپ، شاڭخەيدىكى مەلۇم تېببىي ئۇنۋېرسىتىتتا ئوقۇۋاتىمەن. ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان، ئىمتىھان نەتىجىسى تازا ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماي، ئاتا-ئانىسىدىن ئازراق مەبلەغ ئېلىپ، سودا- سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى.
ھالا بۈگۈنكى كۈندە مەن ئەمدى دوختۇرخانىدا پىراكتىكا قىلىۋاتىمەن، ئايدا 100 يۈەن تاماق تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، مۇئاشىم يوق. ئۆزۈم ئازدۇر كۆپتۇر ئىشلەپ پۇل تاپقاننىڭ سىرتىدا يەنە ئۆيدىكىلەردىن پۇل سوراشتىن باشقا ئامالىم يوق. ئاۋۇ ساۋاقدېشىم بولسا ھازىر موسكىۋا، قازاقىستانلاردا سودا قىلىۋاتىدۇ. 250مىڭ يۈەنلىك ماشىنىسى بار، ئالدىنقى يىلى ئۆز يۇرتىدا 7 مېلىيۇن يۈەن خەجلەپ ھەشەمەتلىك ئۆيدىن بىرنى سالدى. يەنە نۇرغۇن خەيرى- ساخاۋەت ئىشلىرىنىمۇ قىلدى.
مانا بۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بىلەن ئوقۇمىغاننىڭ 5 يىلدىكى پەرقى.
يەنە بىر خەۋەردە، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كەچۈرمىشى سۆزلەنگەن. ئۇ ئوقۇغۇچى يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، تۆت يىل ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدىگەن. ناھايىتى تەستە بىر شېركەتكە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، بىر ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۇ شېركەتنىڭ باش لىدىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدېشى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ئۇ باش لىدىر ئەينى ۋاقىتتا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي، ئۆزى سودا قىلىپ شۇ شېركەتنى ئاچقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان ئىكەن.
يۇقارقى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ بەلكىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مۇھىم ئەمەسكەن دەپ ئويلايسىز. سەل تەخىر قىلىڭ.
شۇ كارخانىچىلارغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار شۇنچە ھەۋەس قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ شۇلاردەك پۇل تاپالمىغانلىقىغا ئۆكۈنىدۇ. لېكىن شۇ كارخانىچىلارمۇ ئالىي مەكتەپلەرگە شۇنچە ھەۋەس قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ شۇلاردە بېلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېگە بولالمىغانلىقىدىن ئۆكۈنىدۇ.
ھەر يىلى نۇرغۇن داڭلىق كارخانىچىلار داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە زور مىقداردا پۇل ئىئانە قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇتۇش بىناسى سېلىپ بېرىدۇ. ھەم شۇ بىنالارنى ئۆز شېركىتى نامىدا ئاتاشنى تەلەپ قىلىدۇ.
شۇ كارخانىچىلار يەنە ھەر يىلى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىپ، شۇ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا رەسىمگە چۈشىدۇ، ۋە شۇ رەسىملەرنى خاتېرە قىلىپ ساقلايدۇ.
ۋاسكىتبول تەنھەرىكەتچىسى ياۋمىڭ مۇشۇ ياشقا كەلگەندىمۇ يەنىلا شاڭخەي قاتناش ئۇنۋېرسىتىتىدا بىلىم ئېلىۋاتىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكىسى ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەپتىمىش.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەقىقەتەن مۇھىم.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئادىل بولغان تاللاش ئىمتىھانلىرىنىڭ بىرى. ئاز ساندىكى پۇل خەجلەپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شۇ ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى سىزنىڭ قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. ھەتتا مەلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدا مۇنداق بىر ۋېۋىسكا ئېسىلغان.
?如果没有高考,你能斗得过官 二代和富二代吗
" ئەگەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بولمىسا، سىز باشلىقنىڭ بالىلىرى ۋە باينىڭ بالىلىرىنى يېڭەلەمسىز؟"
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مۇھىملىقى بەلكىم بەزى ئىشلار سەۋەبىدىن ئادەمنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. لېكىن شۇ ئىمتىھان بولمىسا، جەمىيەت يەنە شۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋاقتىغا قايتىپ قالىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى مۇھىم ئەمەس دېيىش، بەلكىم بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلەرگە تەسەللىي بولۇشى مۈمكىن، لېكىن بۇ كېلەر يىلى ۋە شۇنىڭدىن كىيىن ئىمتىھان بېرىدىغانلارغا تولىمۇ زىيانلىق.
ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ مائارىپ تەربىيەلەش سۈپىتى ھازىرقى "مۇقىملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش" قاتارلىق سىياسىي ۋەزىپە تۈپەيلى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بۈگۈنكى كۈندە ( قاملاشمىغان مەكتەپ مۇدىرىنىڭ . . . ناملىق تېمىغا قاراڭ.) ھەرگىزمۇ ئەسلىي تېمىدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىدىغان بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلار ئارقىلىق كىيىنكى قاراردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ئىستىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش، ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان زور بۇزغۇنچىلىق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Yarmohammed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-8 07:45 PM
|
|
|
|
|
|