hokumran يوللىغان ۋاقتى 2014-6-7 02:13 AM
ئۆچۈرەي دېسەم، ئاپتورنىڭ ئەمگىكى ۋە ئەسەردىكى ئىمت ...
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ،مۇنبەر باشقۇرغۇچى ھۆكۈمران ،سىزنىڭ ئەندىشە قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ،مەن قىلغان خاتالىقىغا باھانا تاپىدىغان كىشلەردىن ئەمەس ،ئالدىڭىزدا شۇنداقلا كەڭ تورداشلارنىڭ ئالدىدا خىجلمەن .
سىزنىڭ مىنىڭ ئەجرىمگە ھۆرمەت قىلىپ بۇ تىمامنى تەستىقلىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت .مەن بۇ تىمىنى يىزىپ بولغاندا قايتا تەكشۈرۈشنى پەقەتلا ئۇنتۇپ قاپتىمەن .ئەگەر سىز بۇنداق كۆرسىتىپ بەرمىسىڭىز ئانا تىل يىزىقىمىزدا سادىر قىلغان بۇ خاتالىقلىرىمنى مەن تونۇپ يىتەلمەسلىكىم مۇمكىن ،سىز بۇ خاتالىقلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كىيىن ئۆزۈمنىڭ ئانا تىل يىزىقىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بۇ كەمچىلىكلىرىمنىڭ ناھايتىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .
ئانا تىل يىزىقىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ كەمچىلىكلەرنىڭ ساقلىنىشنى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ ،مەسلەن ئۆزۈمنى ئىلىپ ئىيسام تولۇقسىزدىن باشلاپ ئىچكىرگە ئوقۇشقا كەلگەنمەن ،بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن ئانا تىلدا سۆزلەش مۇھىتىدىن تۈپتىن ئايرىلدىم ،ئانا تىل يىزىقى بىلەن مۇشۇ تور دۇنياسى ئارقىلىق ئۇچۇرشۇپ تۇرىمەن ،راستىنى ئىيتسام مەن تۇرۇۋاتقان بۇ يەردە ئۇيغۇرچە سۆزلەش پۇرسىتى ئاساسەن يوق دىيەرلىك ،مەن ئوقۇۋاتقان بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ناھايتىمۇ ئاز بولغاچقا ئۇلار بىلەن ئۆز ئانا تىلىمىزدا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ناھايتىمۇ ئاز بولماقتا ،ئەلۋەتتە مۇھىتنىڭ تەسىرىمۇ بىر مەسىلە ،ئەڭ مۇھىم مەسىلىنى ئىلىپ ئىيتسام بۇ ئانا تىل يىزىقىدىكى ساقلىنىۋاتقان بۇ خاتالىقلارنىڭ ئاساسى سەۋەبىنى ئۆزۈمنىڭ يىتەرلىك تىرىشماسلىقى ،كۆڭۈل بۆلمەسلىكى دەپ قارىساممۇ ئىشىپ كەتمەيدىكەن ،چۈنكى مەن ھەر دائىم تاش پولات ئاكىمىزغا ئوخشاش ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلغان كىشلىرىمىزنىڭ يازغان ئەسەرلىنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرىمەن ،ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى مىنى بەكلا قايىل قىلىدۇ ،ئۇلارغا تولىمۇ ھەۋەس قىلىمەن ،ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل يىزىقى بىلەن ئۇچۇرشىش پۇرسىتى مەندىن تىخمۇ بەك ئازدۇر ،ئۇلار شۇنداق تۇرۇغلۇق يىزىۋاتقان ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى قوغداپ كىلىۋاتقان بۇ تەرىپى ھەممىمىزنى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ ،ئەلۋەتتە .مەن ئۆزۈمنىڭ تىرىشماسلىقنى ئەيىپلىسەم ئىشىپ كەتمىگۈدەك .
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى ھۆكۈمران شۇنداقلا ئەزىز ئوقۇرمەنلەر مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بەكمۇ خىجلمەن ،مەن بۇ ئۆزۈمنىڭ بۇ خاتالىقمنى بايقىغان ئىكەنمەن ،چوقۇم تۈزىتىشكە تىرىشىمەن ،ئىملا قائىدىسى ،ئىپادىلەش قائىدىسى جەھەتلەردە ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن .
ئۇيغۇر ئانا تىل يىزىقىمىز ئالدىدا سادىر قىلغان بۇ خاتالىقلىرىمنى بىر قىتىم ئەپۇ قىلغايسىلەر .
رەھمەت ھۆكۈمران ،سىزگە ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن ،ئەگەر سىز بۇ خاتالىقلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرمىگەن بولسىڭىز يەنىلا شۇ خاتالىقنى ئىككىنجى قىتىم سادىر قىلىپ قويىشىم ،ئۆزۈمنىڭ كەمچىلىكنى تونۇپ يىتەلمەسلىكىم مۇمكىن .
ئەڭ ئاخىردا كەڭ تورداشلارنىڭ تەنقىدى پىكىر بىرىشىنى ئانا تىل يىزىق جەھەتتە كۆپرەك تەلىم بىرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .
--كەمىنە مۇنبەر ئەزاسى مەتنىيازدىن