مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 16832|ئىنكاس: 65

(bilgejan) ئامېرىكا راستىنلا ئەركىن دۆلەتمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19732
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2079 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 07:05:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (3) - ئامېرىكا راستىنلا «ئەركىن» دۆلەتمۇ؟


ئاپتور: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە


مانا، ئامېرىكىدا ياشىغىلىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە 5 يىل بولۇپ قاپتۇ. ئامېرىكا توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى ۋە كەچۈرمىشلىرىمنى ئۆز نەزىرىم بويىچە قەلەمگە ئىلىپ باقاي دەپ باشلىغان «ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر» ناملىق ھېكايەمنىڭ بىرىنچى قىسمىدا سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئالىملىرىمىز بىلەن بولغان ئامېرىكىدىكى ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىشىمىز ۋە شۇ ھېكايىلەرگە يانداش ئامېرىكىدىكى تەبئىي پەن ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ قانداق يۈرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەزىبىر مۇھاكىمىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسام، ئىككىنچى قىسمى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلىپى بىلەن مېنىڭ ۋە ئىككى ئۇيغۇر دوستۇمنىڭ ئامېرىكىغا دوكتورلۇق ئوقۇشقا قانداق كەلگەنلىكى ھەققىدىكى سەرگۈزەشتىلەر ئۈستىگە مەركەزلەشكەن بولدى. ئەمدى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىم ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر قىسىم يېزىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان ئويلىرىم سىلەرنىڭ داۋاملىق دېققىتىڭلارنى بېرىشىڭلار بىلەن بىر-بىرلەپ قەلەمگە ئىلىنغۇسى. ئامېرىكىنىڭ پارىڭى بولسا بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ھوللىۋود كېنولىرىدىكىدەك زامانىۋى شەھەرلەر، ئېگىز بىنالار ۋە قورال كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان كىشىلەر توپى ياكى دېڭىز بويلىرىدىكى يالىڭاچ كىشىلەرنىڭ سىماسىغا يانداش ھەممە ئىشتا ئەركىنلىك تەشەببۇس قىلىنىدىغان جىنسىي بۇزۇقچىلىق ئەۋج ئالغان، كونتىروللۇقىنى يوقاتقان كىشىلەر توپىدىن تەشكىل تاپقان ئەخلاقسىز بىر جەمئىيەت ۋە ياكى خەۋەرلەردە كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىدىغان ئامېرىكا قىلىۋاتقان ئۇرۇشلار ۋە شۇ ئۇرۇشلارنى ئىجرا قىلىۋاتقان رەھىمسىز كىشىلەر توپى... دېگەندەكلەر كېلىشى مۇمكىن. بەزى تونۇشلىرىمنىڭ كۆز ئالدىغا ھەممە يېرى قاتتىق زامانىۋىلىشىپ كەتكەن تەبىئەتنىڭ ئەسلى-ۋەسلى قالمىغىلى تۇرغان،  ھەتتا ماشىنا ئادەملەر كوچىلىرىدا يۈرىدىغان شەھەرلەرمۇ كەلگۈدەكمىش...  ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ئوخشىمغان ساھە-قاتلاملىرىغا تەۋە بولغانلار ئىچىدە ئامېرىكىغا بولغان چۈشەنچىلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەمەلىيەتتىكى ئامېرىكا رىئاللىقىغا يېقىنلىشىشى ۋە ياكى چەتنەپ كېتىشىنىڭ دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدىغانلىقى تەبئىي. قانداقلا بولمىسۇن، ئامېرىكا پەقەت ئۇيغۇرلار نەزىرىدە ئەمەس، ئامېرىكىغا سېمىۋول قېلىنغان «ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلى» نىڭ كۆلەڭگىسىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىر «ئەركىن» دۆلەت بولۇپ تونۇلغانلىقىدا شەك يوق. ھېس قىلىشىمچە، يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئامېرىكىغا ساياھەت، قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلىنىش ۋە ياكى ياشاش ئۈچۈن كىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، دىيارىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان چۈشىنىشى بەكلا يۈزەكى ۋە كۆپىنچىسى ھوللىۋود كېنولىرى، رادىئو، گېزىت-تېلىۋىزىيە خەۋەرلىرى ۋە كوچا پاراڭلىرىدىن كەلگەن بولسا كېرەك. مېنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشتىن ئاۋۋالقى چۈشەنچىلىرىم بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ناھايىتى ئەركىن-ئازدىچىلىك ئىچىدە، بېسىم، تاپشۇرۇق ۋە ئىمتىھاندەك «بىمەنە» نەرسىلەردىن خالىي، بەكمۇ زامانىۋى تېخنىكىلار بىلەن تەربىيلەش-تەربىيەلىنىش ئىلىپ بېرىلىدىغان، ھەممە ئىشنى قول سېلىپ ئىشلەپ بېقىش ئارقىلىق ناھايىتى ئاسان ئۆگەنگىلى بولىدىغان، ئىلم-پەندە دۇنيانى يېتەكلەپ ماڭىدىغان ئەركىن بىر دۆلەت دەپ ئويلاشنىڭ نېرىسىغا ئانچە ئۆتۈپ كەتمەيتتى. گەرچە ئىلگىرى دوست بولۇپ ئۆتكەن ئامېرىكىلىق دوستلىرىم ۋە ئوقۇغان كىتابلارنىڭ ياردىمىدە ئامېرىكىغا كىلىشتىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال ئامېرىكا جەمئىيتى ۋە ئامېرىكىلقلار توغۇرلۇق بەزىبىر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغان بولساممۇ، ئەمما ئامېرىكىغا كىلىپ بىر نەچچە ياشاپ باققاندىن كىيىن ئاندىن ئامېرىكا جەمئىيتى ۋە ئامېرىكىلىقلارنى ئانچە-مۇنچە چۈشىنىشكە باشلىدىم. مەن ھېكايەمنىڭ بۇ قىسمىدا مەلۇم ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىلىرىنى سەل ئەركىن ئۇسلۇبتا مەخسۇس ئامېرىكىدىكى «ئەركىنلىك» ۋە «چەكلىملىكلەر»گە ئورتاق نەزەر تاشلاپ يېزىپ چىقماقىمەن. شۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ئىلگىرى ئامېرىكا توغرىسىدا يېزىلغان باشقا ماقالە، ھېكايىلەرگە ئوخشىمايدىغان بىر نۇقتىدا تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ ھازىرغىچە بولغان چۈشەنچىلىرىنى ئاددىي بىر خۇلاسىلەپ بەرمەكچىمەن. شۇنى ئالدىنئالا ئېنىق دەپ قويايكى، ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىلىقلار دېگەندە ناھايىتى كۆپ خىل مىللەت، مەدەنىيەتتىن تەشكىل تاپقان بىر توپ كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولغاچقا، مېنىڭ بۇ يەردە ئېيىقانلىرىم ھەرگىزمۇ ھەممىگە باپ كىلىدىغان قاراشلار بولماستىن، پەقەت مەندەك بىر تۆت يىللىق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى مەكتەپتە ۋە بىر يىللىق خىزمەت ھاياتىنى بىر ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەپ ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ئاددىي كۆزىتىشلىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇن ۋەقەلىكلەر ئامېرىكا مائارىپ ساھەسىگە ۋە بىر قەدەر ئوقۇمۇشلۇق ئامېرىكىلىقلار ئۈستىدە بولىدۇ. مەن بۇ ماقالەمدە ئىمكانقەدەر پەردازسىز ھالدا چىنلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە تىرىشىمەن ھەمدە ئۆزۈم كۆرمىگەن، ئىشەنچلىك دوستلىرىمدىن ئاڭلىمىغان ۋە ياكى بېشىمدىن ئۆتكۈزمىگەن ھەرقانداق ۋەقەنى يازمايمەن. يەنە بىرى، مېنىڭ بىلىدىغانلىرىممۇ ناھايىتى چەكلىك بولغاچقا، يۈرگۈزگەن مۇھاكىملىرىمدە پەقەت خاتالىق يوق دەپ ئېيتالمايمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىدىكى چۈشەنچىلەر ۋە بۇرۇن ئاڭلىغان بىلگەنلىرى بىلەن مېنىڭ يازغانلىرىم ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاب بولۇپ قالسا، بۇ بىر تەبئىي ئەھۋال بولۇپ ھەر كىشىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە ھايات كەچۈرمىشلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇشىنى ۋە بۇ ماقالەمدىن ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىگە نىسبەتەن بىر چىن تونۇشقا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

10324_1238466315597_3701348_n.jpg

بۇ مەن 5 يىل ئىلگىرى ئامېرىكىغا كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي (2009-يىلى 10-ئايدا) ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مەشھۇر بەلگىلىرىنىڭ بىرى بولغان جەنۇبىي داكوتا شىتاتى راشمور تېغىدا چۈشكەن سۈرەت. تاغدىكى باش ھەيكەللەر تۆت مەشھۇر ئامېرىكا پرىزدېنتىنىڭ قاتۇرۇلغان ھەيكىلى بولۇپ سولدىن ئوڭغا: جورج ۋاشىڭگىتون، توماس جېففىرسون، تىئادور روزېۋىلىت ۋە ئابراھام لىنكولىن.


چۇخەي كېيىدىغان خىزمەتدىشىم


ئامېرىكىنى قانچە ياخشى چۈشىنىمەن دەپ ئويلىغانلارمۇ ئامېرىكىغا كىلىپ بىر نەچچە يىل ياشىغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى چۈشەنچىسىنىڭ يۈزەكى ئىكەنلىكىنى ھېس قېلىپ قالىدۇ. مەنمۇ ئامېرىكىغا كىلىشتىن بۇرۇن دەل شۇنداق ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغانلارنىڭ بىرى ئىدىم، ئەمما ئامېرىكىغا كىلىپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلغىنىمدا ئۇلارنى شۇ قەدەر ئەركىن ھېس قىلدۇرغان شۇ ئىشەنچكە ھەۋەس قىلىپمۇ قالدىم ۋە قانداق ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆگىنپمۇ قالدىم. ئىلگىرى توفىل ئېمتىھانى سېنىپلىرىغا ئېنگىلىز تىلى دەرىسى بەرگۈدەك راۋان ئېنگىلىزچەم، ئەزەلدىن ئۇستازلىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىم تەرىپىدىن مەيلى دەرسلەردە بولسۇن ۋە ياكى باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە بولسۇن ياخشىنىڭ ياخشىسى دەپ ماختىلىپ كەلگەن ئاتالمىش ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئەينى ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنى بىر خىل قالتىس چاغلاپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ بار ئىدى. ھازىرغا كەلگەندە شۇنداق قالتىس ھېس قىلىدىغان تۇيغۇلارنى ئىزدەپمۇ ھېچيەردىن تاپالمايمەن. نېمىشقا دەمسىز؟ مەندىكى ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىش مۇئەييەن مەنىدىن ئەتراپىمدىكىلەردىن ئۆزۈمنى مەلۇم جەھەتتە ياخشىراق دەپ ئويلىغان ھاماقەتلىكىمدىن كەلگەن بولسا، ئامېرىكىلىقلاردىكى ئۆزىگە ئىشىنىش ئۆزىنى باشقىلارغا ئەمەس بەلكى كۆپىنچە ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرۇپ ئېرىشكەن ئىشەنچ بولۇپ بۇنى باشقىچە ئۆزىگە ئىشىنىش دەپ ئاتىماقتىن باشقا ئامالىم يوق. بۇ يەردە ئەركىنلىك دېسە قانداقتۇر چوڭ سىياسەتلەر ۋە تۈزۈلمىلەر ئۈستىدە پاراڭ قىلغۇم يوق، بەلكى ئادەتتىكى مەن كۆرۈپ تۇرىدىغان ئامېرىكا كىشىلىرىدىكى ئەركىنلىكنىڭ زادى قانداق ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈلىسەم دەيمەن.

بۈگۈن ئەتىگەن تەجىربىخانىمىزدىكى تېخنىك خىزمەتدىشىم تالىيا بىلەن 5-10 مېنۇت پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ تەجىرىبخانىغا ماڭىدىغان بولغاچقا، ئىشكىنى ئوچۇق قويۇشقا ئادەتلەنگەن تالىيا بۈگۈنمۇ ھەر كۈندىكىدەك مېنى كۆرۈپ قولىنى پۇلاڭشىتىپ «ھاي تۇرسۇن!» دەپ ئىللىق سالام قىلدى. ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ بۈگۈن ئادەتتىكىدەك سالامدىن كىيىن قولىدىكى ئىشى بىلەن بەنت بولۇشنىڭ ئورنىغا مەندىن قىزغىنراق ئەھۋال سورىدى ۋە ئايىغىمنىڭ ياراشقانلىقىنى ماختىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئاياغ ۋە كېيىم-كېچەك توغۇرلۇق پاراڭغا چۈشتۇق:

-تۇرسۇن، سىزمۇ راھەت ئاياغلارنى ياخشى كۆرەمسىز؟ قاراڭ، بۈگۈن مەن تۈنۈگۈن تېخى سېتىۋالغان كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك راھەت بىر جۈپ ئايىغىمنى كېيىۋالدىم، دەپ- ئولتۇرغان پېتى پۇتىنى سوزۇپ ئۆزىنىڭ رەڭگارەڭ بوغۇچلۇق، يۇلغۇن چېچىكى بىلەن يېشىلدىن باشقا ئاساسەن ھەممە رەڭلەر تېپىلىدىغان ، بىر قاراشقا ئەرلەرنىڭ ئايىغىغىمۇ ئوخشاپ قالىدىغان تەنھەرىكەت ئايىغىنى كۆرسەتتى.

-راست، قارىماققا ھەقىقەتەن راھەتتەك كۆرۈنىدىكەن، دېدىم - مەنمۇ ئەدەب يۈزسىدىن.

-مەن ئەزەلدىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيمەيمەن. مېنى نازاكەتلىك ئايال دېسە دوستلىرىممۇ كۈلۈپ تېلىقىپ قېلىشى ئېنىق، دېمىسىمۇ شۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ماڭا ياراشمايدۇ، پەقەت مۇشۇنداق راھەت ئاياغلارنىلا كىيىمەن. مەن ئەزەلدىن ئىككى جۈپلا ئاياغ ساقلايتتىم، ھاۋا ئالمىشىپ تۇرۇشى ئۈچۈن چوقۇم كۈندە بىردىن ئالماشتۇرۇپ كىيىش كېرەك ئەمەسمۇ... ئەمما ئىككى جۈپ ئايىغىمنىڭ بىرىنىڭ ياراشقۇچىلىكى قالماپتىكەن، بۇ يېڭى بىر جۈپنى سېتىۋلدىم. ئۈچ جۈپ ئايىغىم بولۇپ باقمىغىلى نەچچە يىللار بوپكەتتىكىن تاڭ، ئىشقىلىپ مەن بۇ ئاياغنى توردىن شۇنداق ئەرزان ئېلىۋالغىنىمغا خوش.

ئويلاپ قالدىم، ئەگەر بۇ پاراڭ ئۈرۈمچىدە بولغان بولسا ئايال خىزمەتدىشىم ئۆزىنىڭ پەقەت ئىككى جۈپ ئايىغى بارلىقىنى ئېچىلىپ-يېيىلىپ سۆزلەپ بېرەرمىدى؟ بۇ ئاددىي دىئالوگ كۆپ قىسىم ئادەتتىكى ئامېرىكا كىشىلىرىدىكى كىيىم-كېچەككە بولغان كۆز قاراشنى يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار كىيىم-كېچەكنىڭ چىرايلىق بولۇشىدىن بەكرەك راھەت ۋە ئەرزان بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشىدۇ. راھەت بولسىلا ياراشسۇن-ياراشمىسۇن كىيىۋىرىدۇ ۋە ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسە باشقىلارغا ناھايىتى سەت بىلىنىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قاتتىق پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدۇ. ئۇلار سىزگە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىىڭ كىيىم-كېچەكتە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بەلكىم بىز دېيىشنى خالىمايدىغان گەپلەرنىمۇ ھېچ پەرۋايىغا ئالماي سۆزلەپ كېتىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئەركىن-ئازادىلىكىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچتىن كىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز.


مۇنچاق ساتىدىغان پروفىسورۇم


ئامېرىكىدا مەن ھازىرغىچە تونۇشقان كىشىلەر ئىچىدە دوكتور يېتەكچىم پرافىسور سىتىۋىن فورد ماڭا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن كىشى بولسا كېرەك. ئىلگىرى ئۇنىڭ ماڭا كەسپىي بىلىملەرنى قانچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەتكەنلىكىنى ۋە ئۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپ پروفىسورى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم. ئۇنىڭ چوڭقۇر بىلىملىرى ۋە چەكسىز ئەستائىدىللىقى مېنى قانچىلىك ھەيرانلىقتا قالدۇرسا ئۇنىڭ بەزى تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىمۇ مېنى شۇنچىلىك ھەيران قالدۇرىدۇ. ئامېرىكىدا پروفىسورلار بىرەر ئىلمىي يېغىن ياكى تەكلىپلىك دوكلات سۆزلەشكە كەتمىگەن ۋاقىتلىرىدا پۈتۈن ۋاقتىنى مەكتەپتە ئۆتكۈزىدۇ ۋە مېنىڭ نۇرغۇن ئۇستازلىرىم شەنبە كۈنلىرىمۇ ئوخشاشلا خىزمەت قىلاتتى. دوكتور فوردقا ئوخشاش «ئىلىم-پەن بارلىقىم» دەپ ئويلايدىغان، قىلغان تەتقىقاتلىرىدىن زور خۇشاللىق تاپىدىغان ۋە ھاياجانلىنىدىغان پروفىسورلار ئۈچۈن ھەر بىر كۈنلۈك خىزمەت ئىنتايىن مۇھىم، ئەلۋەتتە. ئۇلار ئاساسەن كەچلىرىمۇ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، كۈندۈزلىرى خىزمەت ۋاقتىدا قىلىپ بولالمىغان بەزى خالىس خىزمەتلەر، مەسىلەن: ژورناللارنىڭ ماقالە باھالاش خىزمىتى ياكى قايسىبىر ئىلمىي ئورگانلارنىڭ تەتقىقات مەبلىغى ئىلتىماسلىرىنى كۆرۈپ چىقىپ باھالاپ بېكىتىش دېگەندەك كۆپ ۋاقىت ئالىدىغان ئىشلارنى كەچلىرى قىلىشى ناھايىتى ئومۇملاشقان بىر ئەھۋال. ئۇلار ئادەتتە سورۇنغا بارمايدۇ، توي-تۆكۈن، ئولتۇرۇشلاردىن ئاساسەن يېراق بولۇپ كۆپىنچە پروفىسورلار ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە قىلچە ئاكتىپ ئەمەس،دېيىشكە بولىدۇ. دوكتور فورد بىر «سەھەر قۇشى» بولۇپ قىشمۇ-ياز ئەتىگەن سائەت 6:30 دە ئىشقا كىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرغىنىغا 30 يىلدىن ئاشقانكەن. ئۇ شەنبە كۈنلىرىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ئىشقا كىلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە شەنبە كۈنلىرىنى تەجىرىبخانىدا ئۆتكۈزىدىغان مېنى تەجىرىبخانىدا يوقلاپ بىرەر يېرىم دەم پاراڭ سېلىشنى ئۇنتۇمايتتى ۋە چۈشتىن كېيىنلىرى 3:00 لەردە قايتاتتى. ئۇ ئىزچىل مۇشۇنداق ۋاقىت تەرتىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەچكە، مەن ئۇنىڭ قايسى ۋاقىتتا كىلىپ-كېتىدىغانلىقىنى مەكتەپكە كەلمەي تۇرۇپمۇ پەرەز قىلالايتتىم ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان قىزىل رەڭلىك ماشىنىسىنىڭ بىنانىڭ ئالدىدا بار يوقلۇقىغا قاراپ بىنانىڭ ئىچىگە كىرمەي تۇرۇپ پەرىزىمنىڭ ھەر قاچان توغرا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيتتىم. شۇنداق ئالدىراش ئۆتۈۋاتقان 2012-يىلى دېكابىر كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مېنىڭ پەرىزىم خاتا بولۇپ چىقتى. ئەزەلدىن مەن ئېلخەت يازسام بىر سائەت ئىچىدە، ھېچبولمىغاندا شۇ كۈندىن قالدۇرماي جاۋاب قايتۇرىدىغان بۇ كىشى بىر قېتىم پەيشەنبە كېچە سائەت 2:30 لەردە ئەۋەتكەن بىر ئېلخىتىمگە ئەتىسى چۈشتىن كىيىن بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى. بۇ خېتىمدە مەن ئۇنىڭدىن دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيەمنىڭ بىر پاراگرافىنى كۆرۈپ بېقىشىنى ۋە تۈزىتىش بېرىشىنى ئۆتۈنگەن ئىدىم.  بۇ ئىش مېنى ناھايىتى ھەيران قالدۇردى چۈنكى يېغىنغا كەتمىگەن بىر جۈمە كۈنى ئۇنىڭ مېنى جاۋاپسىز قالدۇرىشى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئۇ ھېچبولمىغاندا قاچان كۆرۈپ بېرىدىغانلىقىنى بولسىمۇ بىلدۈرۈپ قوياتتى. مېنى كۈندە ئىشخانىسىغا ئاز دېگەندە بىر قېتىم چاقىرىۋالىدىغان بۇ «سۆيۈملۈملۈك قېرى» بۇ كۈنى مېنى چاقىرمىدى، ئىشخانىسىمۇ تاقاق تۇراتتى. ئىشقىلىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدىم.

شۈ كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 5:00 لەردە ئۆيگە قايتىپ ئايالىم ۋە قىزىمنى ئىلىپ مەكتەپ پائالىيەت مەركىزىگە كەلدۇق. بۇ يەردە بىر قاينام-تاشقىنلىققا تولغان يەرمەنكە ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرىنى بايراملىق ساتىدىغان بولۇپ، بۇنداق يەرمەنكىلەر يىلدا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى ۋە قولدا توقۇلغان شارپا ۋە پەلەي دېگەندەك ناھايىتى ياخشى سۈپەتلىك، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان بۇ جايدا جانغا ئەسقاتىدىغان نەرسىلەرنى تاپقىلى بولاتتى. يەرمەنكە زالى ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدىغان قاينام تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، بايرام تۈسىگە كىرگەن پائالىيەت مەركىزىدىكى بېزەكلەرگە خۇشال ۋە ئازادە يۈرۈشۋاتقان ئىللىق چىراي كىشىلەر قوشۇلۇپ ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرەتتى. بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان پەشتاقتىن چىقىشتىكى تۇنجى يەرمەنكە زالىغا كىرىپلا ھاڭ-تاڭ قالدىم چۈنكى ئەتىگەندىن بىرى مەن ئىزدەپ يۈرگەن كىشى بۇ يەردە مۇنچاق سېتىۋىتىپتۇ!

توۋا دەپ قالدىم، ھەيرانلىقىمنى يوشۇرۇشقا تىرىشاتتىم، ئەمما مارشا (دوكتور فوردنىڭ ئايالى) نىڭ ئىللىق سالاملىرى ۋە قىزغىنى قارشى ئىلىشلىرىدىن كېيىنلا مەن دوكتور فوردنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولۇپ، گەپ تەشتىم:

-مەن تېخى سىزنى ئىزدەۋاتقان ئىدىم، ئەتىگەندىن بىرى سىزنى تاپالماي يۈرسەم ئەسلى بۇ يەردىكەنسىزدە؟

-ساڭا دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. مارشا نەچچە ئايدىن بىرى ئۆيدە ياسىغان زىننەت بۇيۇملىرىنى بۈگۈنكى بايراملىق يەرمەنكىدە ساتماقچى بولغانتى. مەن ئەتىگەندىن بىرى نەرسىلەرنى تىزىشقا ياردەملەشتىم ۋە ئۇنى يالغۇز قويماي دېدىم-دەپ چۈشەندۈردى فورد.

-ياخشى بوپتۇ، مارشا بەك چىرايلىق زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپتۇ. ئۇمۇ زېرىكىپ قالمىغۇدەك.

-قانداق نېمە ئىشقا ئىزىدىگەن ئىدىڭ، تۇرسۇن؟

-شۇ بىر پاراگرافنى تۈنۈگۈن كېچە پۈتتۈرۈپ ئەۋەتكەن ئىدىم، كۆرۈپ بېرەمدىكىن دېگەن. مەن تېخى سىزنى بەك ئالدىراش بوپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

-مەن ئەتە ئىشخانامغا بارغاندا كۆرۈپ بېرەي. مەن ئۈچۈن «ئائىلەمدىنمۇ بەكرەك مۇھىم ئىش يوق»، مارشانىڭ ئىشى چىقىپ قالسا ھەممىنى تاشلىشىمغا توغرا كىلىدۇ. ياخشى يېرى بۇنداق پائالىيەتلەر يىلدا ئاران بىرەر قېتىم بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ۋاقىت چىقىرىشىم كېرەكتە؟

-بەك ياخشى بوپتۇ. مارشا ھەقىقەتەن چىرايلىق نەرسىلەرنى ياسايدۇ-دەپ گەپنى ماختاش بىلەن تۈگەتكەن بولدۇم.

بىز پارىڭىمىزنى تۈگەتكىچە مارشا ئايالىمغا بىر كىتاب ئارىغۇچ (نەقىشلەنگەن مارجانلىق كىتابنىڭ ئوقۇپ بولغان يېرىگە قىستۇرۇپ قويىدىغان زىننەت بۇيۇمى) سېتىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. مارشا بۇرۇنمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمىزدا ئايالىمغا مۇنچاق، بىلەيزۈك دېگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىپ تۇراتتى، ھەم ئۇ يىغىپ كەلگەن، سېتىۋالغان تاشلارمۇ بەك چىرايلىق بولغاچقا ئۇنىڭ زىننەت بۇيۇملىرى بەكمۇ نەپىس ئىشلەنگەن ئىدى. بىز قىزغىن پاراڭلاردىن كىيىن ئاستا زالنڭ ئۇ تەرىپىگە يۆتكەلدۇق ھەم پروفىسورۇم دوكتور فورد خۇشال كۈلكىسى بىلەن مۇنچاقلارنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇشنى داۋام ئەتتى…

بىر پروفىسورنىڭ ئۆزى تونۇيدىغان كىشىلەر بار يەردە ئايالى بىلەن زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىشى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىش بولغاچقا، بۇ ئىش خاتىرەمدە بەكمۇ ئېنىق قالغان ئىدى ۋە ئۇنىڭ بۇ روھى بەكمۇ تەسىر قىلدى. توي قىلغىلى 40 يىلدىن ئاشقان بۇ خۇشال بىر جۈپلەرنىڭ بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇپ شۇنچە ئۇزۇن يىلدىن كېيىنمۇ بىر-بىرىگە بولغان كۆيۈنۈشى ۋە ھۆرمىتى، شۇنداقلا 3 قىزىنى ۋە نەۋرىلىرىنى ھەر ۋاقىت يوقلاپ تۇرۇشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايتتى. ئامېرىكىلىقلار ئۆزى مۇھىم دەپ ئويلىغان ئىشنى قىلىشتا ھەرگىز باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ ۋە ئۆزى خۇشال بولىدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ھەر قانداق جايدا پەخىىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئېلىشىدۇ. ئامېرىكىدا كىشىلەرنىڭ ئەركىن بولۇشىدە دۆلەت قانۇن-تۈزۈملىرى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغاندىن باشقا، يەنە كىشىلەرنىڭ ئىددىيىسى ۋە كۆز قاراشلىرى ئۇلارنىڭ خىيالى، ئەركىن تۇرمۇش ئۇسۇلىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرسا كېرەك.

ئامېرىكىدا سەمىمىيەت


كىچىكىمدە سېنىپ مۇدىرىم بولغان ئانامغا يالغان ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن مەكتەپتە ئۇنىڭدىن ئەدەپ يېگەنلىكىم ھېلىھەم ئېسىمدە. «جېنىڭ چىقىپ كەتسىمۇ راست گەپ قىل!» دېگەن ئىدى، ئانام. ئانامنىڭ بۇ نەسىھىتى قۇلىقىمدىن تا ھازىرغىچە كەتمەيدۇ. شۇغىنىسى يۇرتىمىزدا گەرچە كىچىكىمىزدىن سەمىمىيىلىك-ئېسىل پەزىلەت دەپ ئۆگىنىپ كەلگەن بولساقمۇ، ئەمما جەمئىيتىمىزنىڭ ھەممە قاتلاملىرىدا سەمىمىيەتسىزلىك ئەۋج ئالغانلىقتىن كىشى راستچىل بولۇشقىمۇ ئامالسىز قالىدۇ. ھەتتا يالغانچىلىق شۇ قەدەر ئەۋجىگە چىققانلىقتىن، ھازىر بىراۋنىڭ راست گەپ قىلغانلىقى ياكى مەلۇم نەرسىنى تېپىۋىلىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى ناھايىتى چوڭ ئىش بىلىنىپ خەۋەرلەردە ئېلان قىلىنىدىغان بولدى. بۇ كىىشگە سەمىمىي بولۇشنىڭ ئادەتتىكى نورمال ئىش ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان ئىشتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. نېمە ئۈچۈن كىچىكىمىزدە ھەممىمىزگە سەمىمىىيەتنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى توغرىسىدا تەربىيە بېرىلسىمۇ چوڭ بولغاندا بىز سەمىمىي كىشىلەردىن بولالمايمىز؟ بۇ جاۋاب بېرىش تەس مەسىلە بولسىمۇ، مېنىڭچە ھەر بىر كىچىك سەممىيەتنىڭ مۇكاپاتلانماسلىقى ياكى كىچىك سەمىمىيەتسىزلىكلەرنىڭ جازالانماسلىقى ھازىرقىدەك ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان. بۈگۈن تاللا بازىردا يۈز بەرگەن بىر ئىش بۇ توغرىدا دەرھال قەلەم تەۋرىتىشىمگە سەۋەب بولدى.

ئامېرىكىدا ئاساسەن چۈشلۈك دەمئىلىش دېگەن ئۇقۇم يوق بولۇپ، بەزى ئورۇنلاردا كىشىلەر بىر سائەت چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن دەم ئالىدۇ، ئەمما ھەرگىز بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. مەن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كىشىلەرنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى خىزمەت ئورنىغا ئىلىپ كىلىپ ئىشخانىسىدا ياكى ئىش ئورۇنلىرىدىكى تاماقلنىش ئۆيىدە ئولتۇرۇپ يېگەنلىكىنى ئۇچرىتىمەن. بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە ئۆيگە كىلىپ كېتىش ئۈچۈن بىر مۇنچە ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر خىزمەت ئورنىدا تاماق يېيىشكە ئادەتلەنگەن. تەلىيىمگە يارىشا، مەن بۇرۇن ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ياشىغان شەھەر ناھايىتى كىچىك شەھەر بولغاچقا ئىشخانامدىن پىيادە 5-6 مېنۇت ماڭسام ئۆيگە باراتتىم ۋە كۈندە چۈشتە بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئايالىم ئىسسىق تەييارلىغان چۈشلۈك تاماققا ئېغىز تەگكەچ قىزىم بىلەن بىردەم ئويناپ ئادەتلەنگەن ئىدىم. ھازىر مەن ياشايدىغان شەھەر ئامېرىكا بويىچە 7-چوڭ شەھەر بولۇپ، ئاران 1 يېرىم مىليون ئادەم بار دېگەن بىلەن پاكار ئۆيلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ شەھەرنى پايانسىز بىر ماكان دييىشكە تامامەن بولاتتى. ياخشى يېرى، بۇ شەھەردىمۇ بىز تۇرىدىغان مەھەللە خىزمەت ئورنۇمغا ئاران 2 كىلومېتىر كىلىدىغان بولغاچقا چۈشلىرى ئۆيگە كىلىپ-كېتىش بەكمۇ قولاي.

بۈگۈن چۈشتە ئادىتىم بويىچە ئۆيگە مېڭىشتىن ئاۋۋال تېلېفۇن قىلىۋىدىم، ئەمدىلا تىلى چىقىشقا باشلىغان قىزىم تېلېفۇندا توختىماي «ئامما..ئامما….. ئاممامما…….» دەپ بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى. ئۇ مېۋە دېگەننى ئادەتتە ئامما دەپ ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۇ مېۋە يېيىشكە شۇنچىلىك ئامراق، بەلكىم خىيالىدا تاماق يېيىشنىڭ ئورنىغا مېۋىلا يېيىش ئۇنىڭغا بەك خوشياقىدۇ. ئايالىمدىن سورىسام، ئۇ ئەتىگەندىن بىرى شاپتۇلنىڭ ھەممىنى يەپ بولۇپ، يەنە يەيمەن دەپ غەلۋە قىلىپ تۇرۋاپتۇ. ئالما بەرسە يېمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قايتاشىمدا ئالدىدىن ئۆتىدىغان چوڭ تاللا بازىرىغا كىرىپ 5 مېنۇتتا بىر مۇنچە مېۋىلەرنى ئالغاچ يەنە قىزىم ياخشى كۆرىدىغان تورتتىن بىرنى 14 دوللارغا سېتىۋالدىم ۋە ئۇنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋەتمەكچى بولدۇم. چۈش ۋاقىتلىرى تاللا بازىرىمۇ ئانچە ئالدىراش ئەمەسكەنتۇق، ئالدىراپ ھېسابات قىلدىم، دە-دەرھال ئۆيگە ئالدىرىدىم. چاتاق يېرى، قىزىمغا مېۋىلەرنى كۆرسىتىپ بولۇپ قارىسام ئۇنى خوش قىلىۋەتمەكچى بولغان تورت ھېچ يەردە كۆرۈنمىدى. پەسكە چۈشۈپ ماشىنىغا قارىسام ئۇ يەردىمۇ يوق. ئاپلا دېدىم ۋە چوقۇم تاللا بازىرىدا خالتىلارنى تولۇق ئالمايلا مېڭىپتىمەن دەپ ئويلىدىم ۋە ھېچ ئىككىلەنمەي 1 مېنۇتتا ماشىنا بىلەن بارغىلى بولىدىغان تاللا بازىرىغا قايتىپ بېرىپ مەن پۇل تۆلىگەن يەردىكى ھېساباتچى ئايالدىن سورۈشتە قىلدىم. ھازىرغىچە ئامېرىكىدا مەن ياشىغان شەھەرلەردە بىرەرسىنىڭ باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئىلىۋالغىنىنى ئۇچرىتىپ باقمىغاچقا خاتىرجەم ھالدا قايتۇرۇپ كىلەلەيمەنغۇ دەپ بارسام، ئويلىمىغان يەردىن تورت ئۇ يەردە يوقكەن ھەم ھېساباتچى تورتنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا دېرىكتور بىلەن سۆزلىشىش ئويۇم بارلىقىنى ئېيتسام، ئۇ قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ دېرىكتورنى چاقىرىپ قويدى ۋە ئۆز ئىشىغا مەشغۇل بولدى. مەن ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كىيىن، دېرىكتور مەندىن تالوننى ئالغاچ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىمنى سۈرۈشتۇردى. مەن ئۇنىڭغا تالوننى سۇنسام، ئۇ قولۇمدىكىنى ئالمايلا:

-كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىق ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن. سىز ئوخشاش تورتتىن يەنە بىرنى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ. بىزنىڭ دۇكىنىمىزدا سودا قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت، دەپ كۈلۈمسىرىدى.

شۇنداق قىلىپ، 15 مېنۇت ئىچىدە قىزىم رەھمەت دېگەچ مېنى سۆيۈپ قويۇپ، ئىشتىھا بىلەن شاكىلات تورتنى ئېغىز-بۇرۇنلىرىغا يېيىشكە باشلىدى. ئويلاپ قالدىم: ئەگەر بۇ ئىش تېكساستا ئەمەس، ئۈرۈمچىدە بولغان بولسا قانداق بولار ئىدى؟

ئامېرىكىلىقلاردىكى بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچ كىشىنى تېخىمۇ سەمىمىي بولۇشقا ئۈندەيدۇ. دەل شۇ ئىشەنچ بولغاچقا، ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئەنسىرەشتىن مۇستەسنا ۋە ئەركىن-ئازادە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.



كۆچۈرمىكەشلەرنى ئەركىن ياشىغىلى قويمايدىغان ئامېرىكا


سەمىمىيلىكنىڭ گېپىنى قىلىپ تۇرسام ئۈرۈمچىدە ماگىسترلىقتا ئوقۇۋاتقان بىر سېڭلىمىز مەندىن مۇنداق سوئال سوراپتۇ:

بىلگەجان ئاكا، سوراپ باقسام ئامرىكىدىمۇ ئۇنۋىرىستىتلاردا مەۋسۇملۇق ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا كىتاپقا دائىرە سىزدۇرۇپ قويامدىكەن؟ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى تەنتەربىيەدىن ئۆلچەمگە يىتىشكە باغلاپ قويامدىكەن؟تەتقىقات ئىشلىرىدىمۇ مۇناسۋەتكە تاينىپ قىلدىغان ئىش بارمىكەن؟ماقالە ئىلان قىلغانلار ئىشلەتكەن ئۇسۇل ،ئاماللىرىنى ،يۇمشاق دىتاللىرىنى تەپسىلى يازامدىكەن؟ئەڭ مۇھىمى روژدىستوۋا بايرىمى كەلسە بەزى نۇقتۇلۇق ژۇرناللارنىڭ تەھرىرلىرىگە سوۋغات ئەۋەتىدىغان ئىش بارمىكەن؟تەتقىقاتچىلار تەتقىقات بىلەنلا شۇغۇللىنامدىكەن ياكى قوشۇمچە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسنىمۇ ئۆتەمدىكەن؟ماتىرياللاردىن كۆرۈشۈمچە ئىمتىھاندا كۆچۈرۈش قانۇنسىزلىق دەپتۇ ،مۇشۇ گەپ راستمىكەن؟
==================================
بۇ مەن ئۇزۇندىن بىرى يېزىشنى ئويلاپ كەلگەن كۆچۈرمىكەشلىك ئۈستىدە بىر تېما يېزىش پىلانىمغا تازا ماس كىلىدىغان سوئاللار بولغاچقا، بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن تەرىقىدە ئامېرىكا ئىلىم ساھەسىدىكى كۆچۈرمىكەشلىك ۋە سەمىمىيەتكە چېتىلىدىغان كۆرگەن-بىلگەنلىرىمدىن ئىككى شېڭگىل يازاي دەپ قالدىم. مۇشۇ باھانىدا ئوقۇرمەنلەرنى يەن شۇ 2009-يىلىغا، مەن ئامېرىكىغا قەدەم باسقان شۇ كۈنلەرگە باشلاپ بارىمەن ۋە ھېكايە شۇ يەردىن داۋام ئېتىدۇ.

ئالدىنقى قىسىملىرىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-118727-1-1.html
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-120767-1-1.html

داۋامى بار....



ئەسكەرتىش: بۇ يازمىنى ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ. ئاپتور بۇ يازمىنى پەقەت ئىزدىنىش تورى ۋە مىسرانىم تورىدا ئېلان قىلدى. ئىزدىنىش تورىدىكى ئادېرىسى: (bilgejan) ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-22 07:15 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zumrettash + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
uyol + 200
Xaparang + 101 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
پەرى + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 601   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19732
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2079 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 07:18:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلار سەمىگە: بۇ تېما سىياسىنى ئاساس قىلىپ يېزىلمىغان، پەقەت ئاپتورغا نىسبەتەن ئاددىي ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى، مائارىپ، جەمئىيەتتىكى ئۆزگىچە تۇيۇلغان ئىشلار يېزىلغان. شۇڭا ئىنكاس يازغاندا بەك كەسكىنلىشىپ كەتمەي، پەقەت تېما مەزمۇنىغا قارىتا ئىنكاس يېزىشىڭلارنى سورايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 878
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 07:35:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت جاپا چىكىپسىز،ئامرىكا ھەققىدە خىلى كۆپ چۈشەنچىگە ۋە ئادىمىلىك مىزانلىرنى ئۈگەتتىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70678
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3374
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2011-12-17
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 07:39:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىگجان ئاكىمىز سالامەت بولسۇن،داۋامىنى تىزراق ئۇقۇساق بۇلاتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105021
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 402
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 07:42:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە. ئامېرىكا ھەققىدە چۈشەنچەم تېخىمۇ تۇلۇق بولدى

ئۈزەڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106090
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 07:45:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز بىزدىكى ئابرۇيپەرەزلىك قاچەنمۇ تۈگەر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 07:47:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت دوستۇم مۇشۇنداق ياخشى يازمىللىرىڭىزنى ئۈزۈلدۈرمەستىن بىز بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرۈپ تۇرغايسىز.......

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105991
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 987
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 460 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 07:50:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  مۇشۇ   ئامىرىكىلىقلارنىڭ    ئۆزىگە   ئىشىنىدىغان    خاراكتىرىگە    بەكمۇ  قايىل      بۇ يازمىنى بەك   ياخشى   يوللاپسىز     رەھمەت  سىزگە     داۋامىغا  تەشنامەن   

گۈلنىڭ  ئۆمرى  قىسقا  ھەممىگە يارىغاچ، تىكەننىڭ ئۆمرى ئۇزۇن ھەممىگە  سانجىلغاچ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32621
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5049
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6322 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 10:35:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئامېرىكا ھېلىقى چۇخەي كېيگەن قىزدەك ئەركىن-ئازادىلىك ،ئۆز پىكرىنى باشقىلارنىڭ پىكىر توسالغۇلىرىدىن خالى بايان قىلالىشىدۇر.مانا بۇ مەن ئەڭ ھەۋەس قىلىدىغان تەرىپى .بۇ يازمىدىكى ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغىنى ھېلىقى ئايالىغا ياردەملىشىپ مونچاق ساتقان پىرافىسسور بولدى ،بىزنىڭ يۇرتتا مۇمكىن بولمايدىغان ئشلار..........،بىز نۇرغۇن ئەنسىرەشلەر ئسكەنجىسىدە ياشايمىز .

كەلمەك قولدا بولسا كەلمەستىم بىردەم، كەتمەك قولدا بولسا كەتمەس ئىدىم ھەم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 10:38:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىركىلقلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئادىتىنى بەك ياختۇرىمەن .

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش