مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 16396|ئىنكاس: 71

(bilgejan) ئۈچ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئامېرىكا چۈشى سەپىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19752
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2087 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:26:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (2) - ئۈچ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئامېرىكا چۈشى سەپىرى
                                                                  ئاپتورى: بىلگەجان

1596707_10202452245761252_388103008_o.jpg



يازمامنىڭ بۇ قىسمىنى شۇ يىللاردا چەتئەلگە چىقىش يولۇمدا ماڭا ياردەمدە بولغان بارچە قەدىردانلار ۋە چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىىشۋاتقان بارلىق ئەزىزلەرگە بىغىشلايمەن.

1. شىئەندە جەم بولغان دوستلار

ئىت قوغلاۋاتىدۇ، توۋا دەيمەن، پىستە دىگەنمۇ شۇنچىلىك يامان بولىدىكەن، ھە؟ بۇ كىچىككىنە ئاق پىستە قاۋىغان پىتى كەينىمدىن قوغلاۋاتىدۇ، مەن قېچىۋاتىمەن. مەخسۇس ئىجارە ئالغۇچىلار ئۈچۈن ياسالغان بىنالار ۋە مەينەت، تار كوچىلار ئارىسىدىكى بۇ قىستاڭ مەھەللىدە قېچىپ يۈرۈپ كوچىىنىڭ ئۇ بېشىغىمۇ چىقىپ قالدىم، ئەمما ھېلىقى ئىت مېنى قوغلاشتىن توختىمدى، ئەكسىچە بارغانسېرى تىز يۈگۈرۈپ كەينىمدىن يىپىشىپلا كىلىۋاتاتتى. كوچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىنانىڭ يان تەرىپىدىن ئۇ تەرەپتىكى كوچىغا ئۆتۈۋىلىش ئۈچۈن بۇرۇلاپلا يۈگۈرسەم بىنانىڭ يىنىغا تاۋۇز ۋە كاۋىلار تېرىلغان بولۇپ، ئەتراپى تىكەندە قاپسىلىپتۇ. ئەمدى كۆرۈڭ، ما خاپىچىلقنى! ئانچە ئىگىزمۇ بولمىغاچقا بىر سەكرەپلا شۇ يۇقىرى تىزلىكىم بىلەن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىميۇ، كەينى پۇتۇم بىر سىلىق نەرسىگە دەسسەپ ئالدىمغا چار پاقىدەك يىقىلدىم. ھېلىمۇ ياخشى دەسسىگىنىم بىر توڭ تاۋۇز ئىكەن. ئورنۇمدىن تۇرغۇچە ھېلىقى ئىت ماڭا قاۋىغان پىتى تۇرىۋىدى، ئۆي ئىگىسى چىقىپ قالمىسۇن دەپ دەرھال تىكىۋەتتىم. ئەپسۇسكى، قۇتۇلۇپ كەتتىم دەپ ئويلاپ يەنە بىر دوقمۇشقا بېرىشىمغا بىر پىستە بەش بولۇپ ياندىكى كوچىدىن ئالدىمغا ئېتىلىپلا چىقتى، شۇ ئەسكى مەھەللىنى نەچچىنى ئايلىنىپ ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتىكى ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ئىتلار ھېرىپ قالغاندىن كىيىن سەل ئارىلىق تاشلىدىم-دە، دەرۋازىسى ئوچۇق بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتىم-يۇ، ئادەم چىقىشىنى ساقلىماي ئىچىگە كىرىپلا ئىشكنى ياپتىم.
-ئۆي ئىگىسى! ئۆي ئىگىسى!
نەچچە رەت توۋلىساممۇ ھىچ سادا كەلمىگەچ بۇ ئالتە قەۋەتلىك ئىككى قاش، ئوتتۇرىسىغا سىم تارتىپ يۇيۇلغان چوڭ-كىچىك، رەڭگارەڭ كىيىملەر ئېسىلغان، شىئەندىكى تىپىك ئەرزانغا ئىجارە بېرىلىدىغان بىنالارغا ئوخشاش سېلىنغان كونا، قاراڭغۇ ۋە بەتبۇي پۇراپ تۇرىدىغان بۇ بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ باقاي دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پىژغىرىم ئىسسىقتا بۇ بىنا سەت بولسىمۇ ئىچى ھەر ھالدا سالقىن ئىدى. ئىشكنىڭ سىرتىدا ھېلىقى بەش پىستە ئىت ھېلىھەم قاۋاۋاتاتتى. ئەمدى ئۈستىگە چىقاي دەپ تەمشىلىپ تۇرسام، بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈن قەۋىتدىن نەچچە ئادەمنىڭ پارىڭى ئاڭلاندى. يەنە بىر توۋلىۋىدىم، ئاخىرى ئۆي ئىگىسى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ زۇۋان كەلدى:
-نېمە ئىشىڭ بار؟
-ئۆي ئىجارە ئالماقچى ئىدىم
-قانچە ئېغىزلىقىنى ئالىسەن؟ دەپ كاكىرىدى بوۋاي-تىپىك شەنشى تەلەپپۇزىدا.
-ئىككى ئېغىزلىقىنى
-ھازىر پەقەت بىر ئېغىزلىق ئۆيلەرلا بار، ئىككى ئېغىزلىقى يوق.

مەن سەل ۋاقىتنى سوزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر ئېغىزلىق ئۆي بولسىمۇ كۆرۈپ باققۇم بارلىقىنى، چوڭراق بولسا ئالىدىغانلىقىمنى ئېيتسام، ئۇ بوۋاي قوشۇلدى. ئۇ ئۈستىدە ئوقۇغۇچى چىراي ئىككى يولداشقا ئۆي كۆرسىتۋاتقان بولۇپ، پەسكە چۈشۈپ مېنىڭ ئاق پىشماق چىرايىمنى كۆرۈپ گەپنى ئۆزگەرتتى:
-مېنىڭ ئۆيلىرىم بەك كىچىك، ساڭا ماس كەلمەسمىكىن؟
-شۇنداق بولسىمۇ بىر كۆرۈپ باقاي، بەك چوڭ بولمىسىمۇ ھەددىدىن زىيادە كىچىك بولمىسىلا بولىدۇ، دەپ مەنمۇ چىڭ تۇردۇم. شۇنداق قىلىپ ئالتىنچى قەۋەتكە چىقىپ كۆرسەتكەن ئۆيىدىن قۇسۇر چىقىرىپ ئالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ كەينمگە ياندىم. بوۋايمۇ مېنىڭ تېزراق ھويلىسىدىن چىقىپ كېتىشىمنى ئۈمىد قىلاتتى.
بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قارىسىلا چىرايىمىزدىن يولداشلاردىن ئەمەسلىكىمىز بىلىنىپ تۇرغاچقا، كۆپىنچە ئۆي ئىگىلىرى گېپىدىن يىنىۋالاتتى. يەنە بەزىلىرى دەسلەپ بىزنى چەتئەللىك دەپ ئويلاپ قالغاچ ماقۇل بولۇپ، كىيىن توختام تۈزىدىغان چاغدا كىملىكىمىزنى كۆرۈپلا ئۆيىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ قالاتتى ياكى ئەسلى ئۆينىڭ يەنە بىر ئايغىچە بوشىمايدىغانلىقى تۇيۇقسىز ئېسىگە كىلەتتى... دوستۇم ئابلەت ئىككىمىز نەچچە كۈندىن بىرى ئۆي ئىزدەپ بولالماي خىلى ھېرىپ قالغان ئىدۇق. بۈگۈن بىز ئىجارە ئۆيلەر بىر قەدەر كۆپ بۇ مەھەللىدىن بىر ئۆي چىقىپ قالار دەپ ئۈمىدتە ئەتىگەندىن بىرى ئۆي كۆرۈۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما ئانچە تەلىيىمىز كەلمەي قويغان ئىدى. كوچىغا چىقىپ ئەمدى ئابلەتنى تىپىۋىلىشىم كىرەك ئىدى. كوچىغا چىقسام ھېلىقى پىستىلەر نەلەرگىدۇر غايىپ بولۇشقان ئىدى، يېقىندىكى كوچىنىڭ تۆت دوقمۇشىدا بىر توپ ئادەم سىرتتا پاراڭ سېلىشىپ تۇرغان بولۇپ تۇرقىدىن خىلى ئۇزۇندىن بىرى بولغان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۋاتقانلىقىنى پەملىدىم ۋە ئۇلاردىن ئابلەتنى سۈرۈشتە قىلىپ باقماقچى بولدۇم:

-خانقىز، بايا مەن بىلەن بىللە مۇشۇ كوچىدىن ئۆتكەن دوستۇمنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇ قايسى تەرەپكە كەتكەندۇ؟ بايا مېنى بىر غالجىر پىستە قوغلاپ كەتكەندە، ئاغىنەم باشقا تەرەپكە قاچقان ئىدى.

كىم بىلسۇن، ئەسلى مېنى قوغلىغان ھېلىقى ئاق پىستە بۇ خېنىمنىڭ قولىدىكى چاچلىرى كۆزىنى توسۇۋالغان پاپا شۇكەن ئەمەسمۇ.
-ئۇ غالجىر ئىت ئەمەس، مېنىڭ ئامراق پىستەم. سىلەر قاچمىساڭلار ئۇمۇ قوغلىمايتتى، دەپ قاپىقىنى تۈردى بايىقى ھىجىيپ تۇرغان خانقىز، ئەسلى تەلەتىنى ئاشكارىلاپ. ئەتراپىدىكى بىر نەچچەيلەن ۋە نەچچە كىچىك بالا ماڭا قاراپ ھىجىيىشىپ كەتكەن ئىدى. ئارىدىن بىر ئون ياشلاردىكى قىزچاق سوئالىمغا جاۋاب بەردى:
-ئۇ يىگىت ئاۋۇ تەرەپكە كەتتى.

شۇ يۆنىلىشتە ئابلەتنى ئىزدەپ ماڭدىم، چۈنكى ئۇ شىئەنگە يېڭىلا كەلگەن بولغاچقا تېخى تېلېفۇنىغا كارتىمۇ ئالمىغان ئىدى. ئەسلىدە مەن يىلاندىن باشقا ھايۋاندىن ئۇنچىۋالامۇ قورقۇپ كەتمەيدىغان، ئىت دېگەندىن ئەسلا قورقمايتتىم. بۈگۈن بۇ كىچىك پىستىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈشۈمنى ئۆزۈممۇ چۈشىنەلمىسەممۇ ئابلەتنىڭ سەۋەبىدىن بولدى دەپ ئويلاپ ئۆزەمچە كۆڭلۈمگە تەسەللىي بىرىپ بولغان سەتچىلىكتىن خىجىللىق ھېس قىلماسلىققا تىرىشاتتىم. دېمىسىمۇ كۆرگەنلەر كۈلگىسى كەلگەندەكلا ئىش بولدى. ئەسلىدە بىز مۇشۇ دوقمۇشتىكى بىر ئۆينى كۆرۈپ بىنانىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىشقا تەمشەلگىنىمىزدىن ھېلىقى كىچىك پىستە نەدىن پەيدا بولدى تۇيۇقسىزلا قاۋاپ يۈگۈرۈپ كەلگەن ئىدى، مەن ئالدىدا ماڭغاچ پىستىنىمۇ كۆرمىگەن، ئەمما بىر نېمىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ئابلەت يۈگۈرگەچكە، مەنمۇ تەبئىيلا قاچقان ئىدىم، قېرىشقاندەك ئىككىمىز ئىككى تەرەپكە قاچساق ھېلىقى پىستىنىڭ مېنىڭ كەينىمگە كىرىۋالغىنى قىززىق. دېگەندەك شۇ قىز دېگەن يولنى بويلاپ ئۇزۇن ماڭمايلا ئابلەت بىلەن تىپىشتىم ۋە بولغان ئىشلارغا بىر مۇنچە كۈلۈشتۇق. بۇ ۋەقەدىن كىيىن بىز بۇ مەھەللىدىن ئۆي ئىزدىمەسلىكنى قارار قىلىپ مەكتەپنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى مەھەلىلەردىن ئۆي ئىزدەشنى نىيەت قىلىپ بۇ نەس باستى مەھەللىدىن شۇ كەتكەنچە قايتا كەلمىدۇق، ئۆمرۈمدە يەنە بىر كۆرۈشتىنمۇ خۇدايىم ساقلىسۇن….

ئابلەتنىڭ شىئەنگە كىلىشى بەكلا تۇيۇقسىز بولدى. ئەسلىدە بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى چەتئەلگە چىقىش خىيالىدىمۇ يوق ئادەم، مانا شۇنچە تىزلا GRE (ئامېرىكا ئاسپىرانتلىققا كىرىش ئېمتىھانى) غا تىزىملىتىپ شىئەندە ماڭا قوشۇلۇپ ئۆزىنىڭ «ئامېرىكا چۈشى»نىڭ بوسۇغىسىدىن قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇراتتى. ئابلەتنىڭ بۇ قەدەر كەسكىنلىكى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە قايىل بولاتتىم. ئەسلى ئىككىلىمىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرستى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان بولغاچقا بىز بىر-بىرىمىزنى بىلىشەتتۇق. ئابلەت مېنىڭدىن ئىككى قارار تۆۋەن يىللىقتا ئوقۇغان بولۇپ، ئىككىمىز ئاتلان (ئۈرۈمچى يەنئەن يولىدىكى تىل تەربىيىلەش مەركىزى) دا دەرس ئۆتەتتۇق ۋە شۇ جەرياندا ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپ خىلى ئوبدان چىقىشىپ قالغان ئىدۇق. بىز گەرچە پات-پات پاراڭ سېلىشىپ تۇرساقمۇ، ئەمما ئەزەلدىن شۇ كۈنىدىكىدەك ئۇزۇن پاراڭلىشىپ باقمىغان. 2008-يىلى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئىككىمىز ئاتلاندىكى كەچتە ئۆتىدىغان ئېنگىلىز تىلى دەرىسىمىزنى تۈگىتىپ پاراڭلاشقاچ سىرتقا بىللە قايتىپ چىقىۋاتقان ئىدۇق. ئابلەت شۇ يىلى يازدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇپ گەپ ئارىلىقىدا ئۆزىنىڭ جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتىلىقتا ئوقۇش خىيالى بارلىقىنى دەپ قالدى. مەن ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن چەتئەلدە ئوقۇشنى ئويلىمىغانلىقىنى سورىدىم ۋە ئۇنىڭ جاۋابىدىن ئۇنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش توغۇرلۇق ئانچە كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكى ئايان بولدى. خۇددى كۆپلىگەن سىتۇدېنتلاردەك ئۇمۇ چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن بەك كۆپ پۇل كىتىدۇ، ھەم ئوقۇشقا كىرىش بەكلا تەس دەپ ئويلاپ قاپتىكەنتۇق. مەن ئۆزۈمنىڭ GRE ئېمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىمنى، شۇ يىلى كۈزدىن باشلاپ ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىشنى باشلايدىغانلىقىمنى ئېيتىۋىدىم، ئۇ بۇ پىلانىمغا ناھايتى قىزىقىپ قالدى. ئۇ شۇ قىزغىنلىقتا ئۆيگە قايتىدىغان ئادەم ماڭا ئەگىشىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىغا پىيادە كەلدى، ئۇنىڭ سانسىز سوئاللىرىنىڭ ھىچ ئاخىرى چىقمىغاچ كالپۇكلىرىم قۇرۇپ ئۇنى ياتىقىمدا بىر پىيالىدىن چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىۋىدىم، ئۇ تارتىنمايلا ماقۇل بولدى. شۇ ئولتۇرغاننى بىلىمىز، بىر پىيالە ئەمەس 5-6 چەينەكنىڭ چىيىىنى ئىچىپمۇ بولدۇق. كەچ بوپ كەتكەچ ئۇ كۈنى ئابلەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى 16-نومۇرلۇق ئوقۇغۇچىلار بىناسىدىكى ياتىقمدا قونۇپ قالدى، شۇ كېچە مەن ئىككى-ئۈچ يىلدىن بۇيان چەتئەلگە چىقىش توغرىسىدا ئىزدىنىپ بىلگەنلىرىمنىڭ ھەممىنى ئابلەتكە چۈشەندۈرۈپ بولاي دىگەن ئىدىم. ئالە شەرىڭنى، ھېچنىمىنى تۇيماستىن تاڭ يېرىمىدىن ئېشىپ قاپتۇ، ئەمدىلىكتە مەن ئۇنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشقا قايىل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق مۇھىم ئىشقا تۇتۇش قىلغان تۇرۇقلۇق تېخىچە زېھنىمنى چېچىپ دەرس ئۆتۈپ يۈرگەنلىكىمنى قاتتىق ئەيىپلەپ چۈشسە بولىدۇ! ئۆمرۈمدە ئابلەتتەك كۆپ (قانچىلىك كۆپلۈكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز) ۋە ئۈنۈملۈك سوئال سورىيالايدىغان ۋە دېگەننى دەرھال چۈشىنىدىغان ئادەملەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولغىنىم ئېشىپ كەتسە شۇ بىر نەچچە قېتىم… كېچىنىڭ قالغان يېرىمىنى ئالدىمىزدىكى ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق شۇ بىر نەچچە ئاي ۋاقىتنى قانداق ياخشى ئىشلىتىش توغرىسىدا پىلان تۈزۈشكە سەرىپ قىلدۇق. مەن 9-ئايدا GRE ئېمتىھانىنى شىئەندە بىرىدىغانغا تىزىملاتقان بولغاچقا، ئىككىلىمىز شىئەنگە قېچىپ بىرىپ شۇ يەردە ھەممە باش ئاغرىقلىرىدىن خالىي ھالدا مەخسۇس GRE ئېمتىھانىغا تەييارلىق قىلىدىغانغا پۈتۈشتۇق. چەتئەلگە چىقىش ئېمتىھانلىرىغا تىزىملىتىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئاۋارىچىلىق بولۇپ، تەلىيىمىزگە يارىشا ئابلەتكە GRE ئېمتىھانى بىرىدىغانغا مەن بىلەن ئوخشاش كۈندە شىئەندىن بىر ئورۇن چىقتى. ئويلىسام ئۇنىڭ بۇ قەدەر كەسكىنلىكى بولمىغان بولسا بەلكىم ئابلەت ئىككىمىز ئامېرىكىدا كۆرۈشمىگەن ۋە تۆت يىلدىن كىيىن سېرىق تاش دۆلەتلىك باغچىسىدا سەيلە قىلغاچ ئاغزىمىزنى تامشىتىپ تۇرۇپ شۇ ئاجايىپ تەملىك چىيىمنىڭ گىپىنى قىلىشمىغان بولاتتۇق. ئەتىسى مەن شىئەندىكى يېڭى شەرق مەكتىپى (شىندوڭغاڭ)نىڭ GRE غا تەييارلىق قىلىش سېنىپىغا تىزىملاتتىم ۋە دەرھال شىئەنگە بارىدىغاننىڭ پويىز بېلىتىنى ئالدىم. مەن ئاتلاندا ئۆتۈۋاتقان دەرس ئىككى باسقۇچلۇق بولۇپ، بىرىنچى يېرىمى تۈگۈش ئالدىدا تۇرغاچقا، شۇ دەرىسىمنى تۈگەتتىم، مۇئاشىمنى ئالدىم-دە، 8-ئاينىڭ بېشىدا شىئەنگە تىكىۋەتتىم. دەسلەپ شىئەندە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر دوستۇم بىلەن شەنشى پىداگوكىكا ئۇنىۋېرىستى يېنىدىكى ئۇنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىدە بىر مەزگىل بىللە تۇرغان ئىدىم. ئەمدىلىكتە ئابلەت كەلگەندىن كىيىن مەن ئۇ ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىپ ئابلەپ ئىككىمىز بىر ئۆي تىپىپ بىللە تۇرۇشنى ئويلىشىپ ئىجارە ئۆي ئىزدەپ يۈرگەن ئىدۇق. كۈنىگە 15 سائەتتىن كىتابتىن باش كۆتۈرمەي ئۆگىنىش قىلىدىغان ۋاقىتلاردا پۈتۈن بىر كۈن ئۆي ئىزدەشتەك بۇنچە كۆپ ۋاقىت كىتىدىغان ئىش راستىنلا ئاۋارىچىلىق بىلىنەتتى. ئامال قانچە؟ قانداقلا بولمىسۇن، پەقەت بىشىمىزنى تىققۇدەك جاي تىپىۋالساقلا بۇنچىلىك قىيىنچىلىق بىز ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس ئىدى. شۇ كۈنى كەچتە ئاخىرى شەنشى پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئالدىدىكى بىر مەھەللىدىن بىر يىرىم ئاي تۇرىدىغان ئىشقا ئىككى ئايلىق ئىجارە ھەققى تۆلەپ ھېلىقىدەك ئىجارە بىرىش ئۈچۈن سېلىنغان بىر كونا بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى ئەسكى ئۆيدىن بىرنى تىپىپ ئورۇنلىشىۋالدۇق. بۇ جەرياندا قانداق ئىشلارغا يولۇققانلىقىمىزنى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان سىتۇدېنتلار ئوبدان چۈشىنىدۇ. شۇ مەھەللىنىڭ گىپىنى قىلسام ئەڭ بۇرۇن ئېسىمگە كىلىدىغىنى شۇ قىستاڭ مەھەللىدە قورسىقىنى ئىچىپ قويۇپ يۈرىدىغان نامەلۇم كىشىلەر توپى بولىدۇ. قارا قورساق، مەينەت قورساق، يوغان قورساق دەمسىز ئىشقىلىپ ئىككى تەرىپى يايمىچىلار بىلەن توشقان بۇ قايناق بازاردا بىر كۈننىڭ ھەممە ۋاقتىدا قىستىلىشىپ ماڭىدىغان تار كوچىلاردا ھەر خىل كۆرۈمسىز قورساقلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇچرايتتى. يا ئاللاھ! قورساق دېگەنمۇ شۇنچە سەت بولىدىكەن دېسە دەپ ئويلاپ قالاتتىم ۋە ئىمكانقەدەر شۇ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان قورساقلارنىڭ بىرىگە تىگىپ كىتىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىمغا توغرا كىلەتتى. ئەزەلدىن كىشىلەر قورسىقىنى ئېچىپ قويۇپ كوچىدا ماڭىدىغان كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، بۇ ئىش بەكلا غەلىتە بىلىندى ۋە شۇ سەت قورساقلارنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرىمۇ قارا كۆزەينەكنى كۆزۈمدىن ئالماي شۇ تار كوچىلارنىڭ ئۇ چېتىدىكى ئىجارە ئۆيۈمگە ئاران بىرىۋالاتتىم. ئابلەت دەرسكە تىزىملاتماي كۈندە مەكتەپكە چىقىپ ئۆزى تەكرار قىلاتتى، مېنىڭ ھەر كۈنى چۈشتىن كىيىن ئىككى سائەت دەرىسىم بار ئىدى، باشقا ۋاقىتلاردا مەنمۇ شۇ پىژغىرىم ئىسسىقتا مەكتەپ ھويلىسىدىن بىر تاش ئورۇندۇقنى تىپىپ ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلاتتىم. مەن بىلەن بىللە دەرىسكە قاتنىشىدىغان يەنە ئىككى ئۇيغۇر دوستۇممۇ بار بولۇپ، ئابلەت كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى بىللە تاماق يىگەچ ئابلەتنى ئۇلارغا تونۇشتۇرۇپ قويدۇم.

شئەندە تۇڭگانلار بىر قەدەر كۆپ، مۇسۇلمانچە تاماقخانىلار ئۇچراپ تۇرىدۇ دەپ ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما ئەھۋال مەن ئويلىغاندىن خىلىلا ناچار بولۇپ چىقتى. شىئەنگە كېلىپلا تۇنجى قېتىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلار تاماقخانىسىنى ناھايىتى سېغىنىپ كەتتىم. ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى ئەتراپلىرىدا ياخشى تاماقخانىلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا مەكتەپ ئاشخانىسىغا ھەپتىلەپ كىرمەيمۇ بەك سېغىنىپمۇ قالمايتتىم، مانا ئەمدى ۋاقىتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا شۇ مەكتەپ ئاشخانىسىدىكىدەك تاماقلارنى تېپىپ يېيىشمۇ ئاسانغا توختىمىدى. بولۇپمۇ ھازىر يازلىق تەتىل مەزگىلى بولغاچقا شەنشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتى ئالدىدىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى مۇلازىمەتتىن توختىغان بولۇپ، تازىلىقى ئانچە پاكىز كۆرۈنمەيدىغان، ۋىۋىسكىسىدىكى «مۇسۇلمانچە» دېگەن خەتنى دېمىسە زورلىسىمۇ كىرگۈسى كەلمىگۈدەك شۇ كىچىككىنە ئىسقا تولغان تۇڭگان ئاشخانىسىدىن تاماق يېمەي ئامالمۇ يوق. دېگەنبىلەن، مۇشۇ ئاشخانىمۇ بولمىغان بولسا بىز قانداق قىلاتتۇق؟ گەرچە تاماق ئېتىشكە خىلى ئېپىم بولسىمۇ، بىز ئىجارە ئىلىپ تۇرۋاتقان ئۆينىڭ ئاشخانىسىمۇ يوق ئىدى، بولغان تەقدىردىمۇ كۈندە تاماق ئېتىپ ئولتۇرۇشقا چول تېگەتتىم بەرىبىر… شەھەر مەركىزىدە «خۇيمىنجىيې» (تۇڭگان كوچىسى) دەپ ئاتىلىدىغان ئېسل نىمەتلەرگە تولغان بىر جاينىڭ بارلىقىنى شىئەندىكى دوستۇمدىن ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما ئارىلىق يىراق بولغاچقا مەن ئىمتىھانىنى تۈگەتكەن كۈنىگىچە بىرەر قېتىممۇ ئۇ تەرەپكە بېرىشقا پۇرسەت بولمىدى. بىز ئىجارە ئالغان ئۆي گەرچە «سەرەمجانلاشتۇرۇلغان» دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىچىدە داق ياغاچ كارىۋاتتىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى. بۇنى ئامېرىكىدىكى «سەرەمجانلاشتۇرۇلمىغان» دېگەن مەن كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئىجارە ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان توڭلاتقۇ، قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، دوخوپكىلىق ئوچاق، ئىس سېگناللىغۇچ، يەنە بەزىلىرىدىكى كىرئالغۇ، مىكرو دولقۇنلۇق ئىسسىتقۇ… قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرسىڭىز ئوخشاش سۆزنىڭ ئوخشىمىغان جايلاردا پۈتۈنلەي باشقىچە مەنا بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالاتتىڭىز. باشقىنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، ھەتتا پوزىغىچە ئۆزىمىز سەپلىشىمىزگە توغرا كەلگەن بۇ «سەرەمجانلاشتۇرۇلغان» ئۆيدە چاي قاينىتىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە بولغاچ، ئابلەت ئىككىمىز توكلۇق سۇ ئىسستقۇدىن بىرنى ئالدۇق ۋە ئۇ ئۈرۈمچىدىن ئالغاچ كەلگەن بىر يەشىك ئېسل ناننىمۇ نەچچە كۈنگە قويماي تۈگىتىپ بولغان ئىدۇق. كىرلىرىمىزنى يۇيىدىغانغا داس دېگەندەك ئۇششاق-چۈششەك لازىمەتلىكلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۆي دېگەندىن كۆرە «دەڭ» دېسە بەكرەك يارىشىدىغان بۇ تۆت تامنىڭ ئىچىنى تۈزەشتۈرۈشنىمۇ ئويلاشمىغان ئىدۇق. ھەر ھالدا بىز كۆرگەن باشقا نۇرغۇن ئۆيلەردەك چېكەتكىلەرنىڭ مېڭىپ يۈرگىنىنى كۆرمىگىنىمىزگە خۇشال بولاتتۇق. مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇ ئەسكى ئۆيىمىزنىڭ قولاي تەرەپلىرىمۇ بار ئىدى. مەن ئىلگىرى بىر «سەھەر قۇشى» ئىدىم، ئەتىگەن سائەت 5:30 لاردا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىتابىمنى قولۇمغا ئالغىنىمدا ئىچكىرىكى ئۆينىڭ ئىشىك يوچۇقىدىن كەلگەن چىراق نۇرىغا قاراپ ئابلەتنىڭ ھەر كۈنى مەندىن بۇرۇن تۇرۇپ ئۆگىنىشنى باشلىۋىتىدىغانلىقىنى جەزىم قىلاتتىم. داق كارىۋاتنىڭ ئۈستىگە نېپىزغىنە سېلىنغان ئۈرۈمچىدىن ئىلىپ كەلگەن بارى-يوق شۇ بىر يوتقىنىم ۋە ئۈستۈمگە يېپىنچا قىلىپ ئارتىۋالغان بىلەن ئىسسىقتا ئۈستۈمدە تۇرمايدىغان يوتقان كىرلىكىنى قاتلىۋىتىپ، ئاستا ئىشلىرىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن تاڭ سەھەردە مەكتەپ ھويلىسىغا چىقىپ سۆزلۈك يادقا ئىلىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقاتتىم. بۇ مەھەللىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ مەكتەپكە بېرىشقا 5-6 مىنۇتمۇ كەتمەيتتى، بولۇپمۇ كۈندە ئەتىگىنى ياغلىق ئارتىۋالغان ئىككى ئىللىق چىراي تۇڭگان چوكان كۆز ئالدىڭىزدا پىشۇرۇپ ساتىدىغان تولىمۇ مەززىلىك پۆرە ۋە پىلتە قۇيماقلارنى ئويلىسام ئاغزىمغا سۇ يىغىلىپ قەدەملىرىم ئۆزلۈكىدىن تېزلەپ كېتەتتى. ھاۋا ئىسسىغاندا ئالەم-جاھاننى بىر ئالىدىغان دەرەخلەردىكى يۇقىرى ئاۋازدا چىرىلدايدىغان چېكەتكىلەر چۈشكە يېقىن ئەڭ ئاكتىپ مەزگىلگە كىرگۈچە ئۆگىنىشىمنى ئوبدانراق قىلىۋالمىسام بولمايتتى.

GRE ئېمتىھانى ئۇ ۋاقىتلاردا ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ ئېلىناتتى، كومپيۇتېردا ئېلىنىدىغان يېزىقچىلىق قسىمنى تۈگەتكەندىن كېيىنلا ئاندىن تېخىمۇ مۇھىم بولغان قەغەزچە ئېلىنىدىغان ماتېماتىكا ۋە سۆزلۈك (verbal) قىسمىنى ئايرىم بىر كۈندە بېرىشكە توغرا كىلەتتى. كومپىيۇتىر ئېمتىھانى مەيدانىنىڭ شىنجاڭدا تەسىس قىلىنماسلىقى بىزنىڭ شىئەنگە كىلىشىمىزنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى ئىدى. ئابلەت ئىككىلىمىز كومپيۇتېر ئىمتىھانىنى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى شىئەن چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا، قەغەزچە ئىمتىھانىنى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بېرىدىغانغا تىزىملاتقان ئىدۇق. يېزىقچىلىق ئىمتىھانىغا پەقەت بىر ئايدەك ۋاقتىم قالغاچقا ھەر كۈنى ئون پارچىدىن مەشىق ماقالە يېزىشىمغا ۋە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىكى ئېسل يېزىلغان ئۈلگىلىك جۈملىلەرنى ئەستە تۇتىۋىلىشىمغا توغرا كېلەتتى. بۇ يېزىقچىلىق ئىمتىھانى «مۇنازىرە، argument» ۋە «كۆز قاراش، issue» دەپ ئىككى پارچە ماقالىدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ بولۇپ، بىرىنچىسىدە لوگىكىسىدا خاتالىق بار بىر ئابزاس ئوقۇشلۇق بېرىلەتتى، بۇنىڭدىن ناھايىتى چاققانلىق بىلەن خاتالىقلارنى بايقاپ نېمە ئۈچۈن شۇ بېرىلگەن ئابزاسنى يازغۇچى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان پىكىرنىڭ خاتالىقىنى قايىل قىلارلىق دەلىل-ئاساسلار بىلەن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئېنگىلىزتىلى يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ بىر پارچە رەددىيە ماقالە يېزىش تەلەپ قىلىناتتى. ئىككىنچى خىلىدا بولسا، ئاساسلىقى مەلۇم بىر مەسىلە، پاراڭ تېمىسى ياكى جەمئىيەتتىكى بىرەر ھادىسىگە نىسبەتەن ئۆزىڭىزنىڭ كۆز-قارىشىنى ۋە كۆز قارىشىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن توغرا ئىكەنلىكىنى شەرھىلەپ بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشىڭىزغا توغرا كىلەتتى. بۇ ئىككى تۈرنىڭ ھەر بىرىگە ئېمتىھان ئالغۇچى ئورۇن ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنىۋېرستېتىدىكى ETS نىڭ تېما ئامبىرى بار بولۇپ، جۇڭگوچىلىقتا ئەلۋەتتە بۇ تېمىلار ئاشكارە ئىدى ۋە بىزمۇ ئاتالمىش «ئېمتىھان مۇتەخەسسىس»لىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ قولغا چۈشۈرگەن مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھەر بىر تېمىنىڭ ئالدىنقى ئاي ياكى شۇ يىل ئىچىدە قانچە قېتىم ئېمتىھانغا چىققانلىقىغا ئاساسەن ئەڭ كۆپ ئېمتىھانغا چىققان تېمىلارنى مەركەز قىلىپ شۇ تېمىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ تەييارلىق قىلاتتۇق. بۇ ئېتمىھاننىڭ يېزىقچىلىق قىسمى تەييارلىق قىلىش بىر قەدەر ئاسان قىسمى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئويۇننىڭ قىزىقى قەغەزچە ئېلىنىدىغان ئىككى تۈردە، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا ماتىماتىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شۇ ئەڭ كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغىنى «سۆزلۈك» قىسمى ئىدى. 23 مىڭ سۆزلۈك ئاڭلىماققا ئانچە كۆپ بىلىنمىگەن بىلەن، ئانا تىلى ئېنگىلىزتىلى بولغان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارمۇ خىلى تەييارلىق قىلى ئاندىن بىرىدىغان بۇ قىسمىدا نۇرغۇنلىغان ئېنگىلىزتىلىغا چەتتىن كىرگەن (ئاسالىقى گرىك، فرانسۇز، لاتىن، گېرمان، ئىپسان، ئىتالىيان، سىكاندىنىۋىيان تىللىرى) سۆزلەر ۋە ئادەتتە تۇرمۇشتا كەمدىن-كەم ئىشلىتىلىدىغان ئىبارىلەر ۋە ھەر قايسى ئىجتىمائىي ۋە تەبئىي پەن كەسىپلىرىگە ئائىت پەننى ئوقۇشلۇقلاردا ئۇچرايدىغان چۈشىنىش قېيىن سۆزلۈكلەردىن ئېمتىھان ئېلىناتتى. مەن ئىمتىھاننىڭ بۇ قىسمىغا TOEFL ئىمتىھانىنى يىلنىڭ بىشىدا تۈگىتىپلا تەييارلىقنى باشلاپ يېڭى ئالغان داڭلىق GRE سۆزلۈك كىتابىمنى باشتىن-ئاخىرىغا، ئاخىرىدىن بېشىغا، ئوتتۇرىدىن ئىككى تەرەپكە دېگەندەك ئىشقىلىپ نەچچە ئۆتكۈزۈپ بولغان بولساممۇ، ئەمما «قىزىل تاشلىق كىتاب» تىكى نۇرغۇن سۆزلەر سورالسا يەنىلا ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغاندەك تۇيغۇغا كېلەتتىم، زېرىكەتتىم، ئۈمىدسىزلىنەتتىم… خەپ دەيتتىم! بۇ زېرىكىشنىڭ قانداق زېرىكىش ئىكەنلىكىنى پەقەت شۇ ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ باققان «بىچارىلەر» بىلمىسە، بۇنى تىلدا ئىپادىلەپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس، ئىشقىلىپ ئوخشاتسىڭىز بۇ ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلىشنىڭ تېتىمسىزلىق دەرىجىسى دۇنيادىكى ئەڭ كىشىگە خۇشياقمايدىغان ئىشلار تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتارغا تېزىلىدىغىنىغا شەكسىز ئىشىنىمەن… ئەڭ مۇھىمى شۇنچە تەييارلىق قىلىپ زېرىكىپ ئاچچىق يۇتۇپ بوشاشماي تەييارلىق قىلىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە بىر مۇنچە پۇل تۆلەپ «يېڭى شەرق مەكتىپى» گە تەربىيىلىنىشكە تىزىملىتىپ ئوقۇۋاتساق، ئۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزنى بۇ تىز كۈچەيتىش سىنىپىغا تىزىملاتقانلار ئەڭ بولمىغاندا ئىككى يىل ئاۋۋال تەييارلىقنى باشلىغانلار دەپ ئويلايمەن دەپ كىشىنىڭ روھىنى چۈشۈرسە، ياندا ئولتۇرغان كۆزەينەكلىك ساۋاقداشلارنىڭ «قىزىل تاشلىق كىتاب»نى 30 قېتى ئۆتكۈزۈپ بولدۇم، ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ تەييارلىق قىلىۋاتقان ئۈچ يىل بولدى، ئەمما تولۇق نومۇرنىڭ يېرىمىنى ئېلىشقىمۇ ئىشەنچىم يوق دېگەن قاملاشمىغان (ئەمما راست) باراڭلىرى تېخىمۇ ئوغىمىزنى قاينىتىپ ئادەمنى ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا ئىتتىرىشكە ئاران تۇراتتى. ھەر كۈنى دەرسكە بىللە بارىدىغان ئۈچىمىزدىن ئۇتۇقنىڭ تەييارلىقى ئەڭ پۇختا ئىدى، خەيرىنسانىڭ ئۇ ۋاقىتلاردا شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئىشلەۋاتقان بولغاچقا تەييارلىقى ماڭىمۇ يەتمەيتتى (گەرچە تىرىشچانلىقى مەندىن قىلىشمىسىمۇ). ئۈچىمىز ھەر ھالدا كۈندە دەرسكە بىللە بېرىپ، بىللە كېلىپ، بىر يەردە ئولتۇرۇپ دېگەندەك قىسقا ۋاقىتتىلا ناھايىتى تىز چىقىشىپ قالغان ئىدۇق. ئابلەت دەرسكە بارمىسىمۇ كۈندە بىرەر ۋاق تاماقتا بىللە بولىدىغان بولغاچقا ئۇمۇ بۇ ئىككى يېڭى دوستۇم بىلەن چىقىشىپ كەتكەن ئىدى. بىزنىڭ بۇنچىۋالا ئىچەكىشىپ بىر يەرگە كەلسەك كۈلكىمىزنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى بەلكىم ئوخشاش نىشان يولىدا كۆرەش قىلغۇچىلارنى تەقدىر بىر يەرگە جەم قىلغاندا، شۇ ئوخشاش ئارزۇ، ئوخشاش سەرگۈزەشتىلەرنىڭ باغلاپ تۇرۇشى بىلەن تەبئىي ھالدا تىزلا كونا دوستلاردەك تۇيغۇغا كىلەلەيدىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. بۇ ئۈچ دوستۇم ھاياتىمدىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ روھىي قوللاشقا موھتاج كۈنلەردە جەڭدىكى سەپداشلاردەك ھاياتىمغا قوشۇلغان بولغاچقا، ھەر بىرى مەن ئۈچۈن ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خەيرىنىسا كىيىن ئاۋىسترالىيىگە دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا چىققانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغان ئۈچىمىز شۇ يازلىق تەتىلدىن دەل بىر يىل ئۆتكەن ۋاقىتتا ئامېرىكىدىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىمىزنى باشلىدۇق. مەن ھازىرمۇ بۇ ئىككىيلەننى ئەڭ قەدىناس دوستلىرىم قاتارىدا سانايدىغان بولغاچقا ھېكايەمنىڭ داۋامىدا ئابلەت، ئۇتۇق ئۈچىمىزنى ئاساس قىلىمەن.

شىئەنگە بۇ ئىككىنچى قېتىم كېلىشىم ئىدى. تۇنجى قېتىمدىمۇ مۇشۇ چەتئەلدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشتا لازىم بولىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھانى بولغان TOEFL توفىل ئىمتىھانىنى بىرىش ئۈچۈن شۇ يىلى 1-ئايدا كەلگەن ئىدىم. ئۇ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش جەريانىمغا ئائىت مەزمۇنلارنى مەن يازغان «دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم» ناملىق يازمامدا سۆزلەپ بولغاچقا بۇ يەردە قايتا ئەزىۋەيلىمەيمەن. ئەمما سىلەرگە تونۇشلۇق بولمىغىنى شۇكى، 2008-يىلى 1-ئايدا شىئەندە توفىل ئىمتىھانىنى بېرىپ بولۇپ ئۈرۈمچىگە قايتقىنىمدا يۈز بەرگەن كىچىككىنە، ئەمما ماڭا ناھايىتى زور تەسىر قىلغان بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى: شىئەندىكى توفىل ئىمتىھانىغا ئاران بىر ئايچە تەييارلىق قىلغان بولساممۇ، ئەمما بۇ ئىمتىھاننىڭ سىنايدىغىنى ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىسى بولغاچقا ناھايىتى ياخشى بېرىپ مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى بىلەن خۇشال ھالدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلسەم، ئىشلار ئانچە خۇشاللىق بىلەن ئاخىرلاشمىغان ئىدى. شۇ ۋاقىت گەرچە تەتىل ۋاقتى بولسىمۇ، تەجىرىبىخانىمىزنىڭ ئاتالمىش «ئاسپىرانتلارغا دەمئىلىش يوق» تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆز مەيلىمچە بىر ھەپتە يوقاپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن، شۇ ۋاقىتتىكى ماگىستىر يىتەكچىم پىرافىسور XXX نىڭ ئەشەددىي ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان ئىدىم. ئۇ تەتىلدە تەجرىبىخانىدا قىلىپ خىزمەت قىلىدىغانلارغا بېرىدىغان ئايلىق 150 كوي پۇلنى بەرمەيلا بولدى قىلغان بولسىغۇ مەيلىتى، ئەمما ئىش ئۇنداق ئاسان تۈگىمىدى. ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا باشنى يەردىن كۆتۈرمەي دەشنەم دېگەننى بولۇشىغا ئاڭلاۋاتىمەن، كەچۈرۈم دېگەننى سوراپ بولالماي تىلىمنىڭ بىر قات تېرىسىمۇ چۈشۈپ كەتتى، ئەمما «سۆيۈملۈك» پىرافىسورۇمنىڭ ئاچچىقى يەنىلا بېسىلماي مېنى بىر پارچە «جىيەنتاۋ (ئۆزىنى تەكشۈرۈش)» يېزىپ شۇ ھەپتىلىك تەجىرىبخانا يىغىنىدا ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا گۇناھىمغا تۆۋەنامە ئوقۇتۇشنى قارار قىلدى….. مەن نېمە جاپالار بىلەن ئارزۇيۇمغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن، نېمە قېينچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمەن بىر قېتىممۇ سوراپ قويماي، ئەكسىچە ماڭا ئىككى قېتىم ئۆزەمنى تەكشۈرتكۈزگەن شۇ پىرافىسورۇمنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن كۈنۈم ئولتۇرغان سورۇندا بارچە پرافىسور، ئاسپىرانت ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا ناھايىتى ھەيۋەت بىلەن ئۆزىنىڭ مېنى ھەر تەرەپتىن قوللاپ ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇققا ئوقۇشقا يولغا سالغىنىنى ماختىنىپ تۇرۇپ سۆز قىلغان شۇ مۇغەمبەرلەرچە تۇرقى كاللامدا نەچچە ئون قېتىملاپ سېلىشتۇرما بولغاندۇ.. شۇنداقتىمۇ بۇ پرافىسورۇمنى بىر كەسىپچان ئۇستاز دەپ قارايمەن ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ھۆرمەتلەشكە تىرىشىمەن.
بۇ ئىش ھاياتىمدىكى كىچىك ئىشلاردىن ئەمەس ئىدى، شۇڭا بۇنى دېيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارايمەن. باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئۆگىنىش ھەيئەتلىك «ئەمىلى»نى قولدىن بەرمەي، ھەر ۋاقىت ئۇستازلىرىمنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ ئوقۇغان، ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئەمەس، بىرەر قېتىم ئۇستازلىرىمنىڭ ئالدىدا ناچار ئىش قىلغانلىقىم تۈپەيلى يەرگە قاراپمۇ قالمىغان مەن ئۈچۈن بۇ خەتنى يېزىش قانچىلىك ئېغىر كەلگەنلىكىنى بۇ پرافىسورۇم ھەرگىز چۈشىنىپ يېتەلمەيتتى. بۇ خەتنى يازسام بوپتۇ يازدىم، ئەمما مېنى خەقنىڭ ئالدىدا خەنچە ئوقۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بەلكىم بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ كېتەلمەسلىكىم مۇمكىن... مۇشۇ پۇرسەتتە ئالىي مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارغا «چەتئەلدە ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان، شۇنچىلىك نىيەتكە كېلىپ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ قويۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان روھىي بېسىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كويىدا بولماي، ئۇلارغا ئىككى ئېغىز ئۈمىد ئىلىپ كىلىدىغان ياخشى سۆزۈڭلار بىلەن ئىلھام بېرىپ قويۇڭلار. ئۇلار ئەمەلىيەتتە سىلەرنىڭ ئىزباسارىڭلاردۇر. سىلەر جۇڭگو ئاسپىرانتلىق مائارىپى بىلەن تەرەققىي قىلغان ئەللەر ئاسپىرانتلىق مائارىپىنىڭ پەرقىنى ھەممىنى بەكرەك چۈشىنىسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ شۇ مىڭبىر جاپادا تاغدەك قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ يۈكسەك ئارزۇلىرىغا يېتىش يولىدا كۆرۈش قىلىۋاتقان ياش بوغۇنلارغا زور ياردەملەردە بولالمىساڭلارمۇ، قولۇڭلاردىن كىلىدىغىنىنى قىلىشنى، ئەڭ بولمىغاندا ئېغىزىڭلاردا بولسىمۇ رىغبەتلەندۈرۈپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭلار!» دەپ خىتاب قىلغۇم كەلدى. ئويلىغىنىمدەك توفىل ئىمتىھان نەتىجەم تۇنجى قېتىم بەرگىنىمگە باققاندا ياخشى چىققان ئىدى. بۇ قېتىم شىئەن شىندوڭفاڭدا ئوقۇش جەريانىدا بىلدىمكى، ئىچكىرىدىكى بىز بىلەن رىقابەتلىشىدىغان يولداشلار ئىشىك تۈۋىدىلا بۇ ئىمتىھانلارنى بېرەلەيدىكەن ۋە ئۇلار ئۈچۈن نەچچە مىڭ كويلۇق ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ھەققى ئادەتتىكى چىقىم بولغاچقا، كۆپىنچىسى توفىل ئىمتىھانىنى ئىككى-ئۈچ قېتىم بەرگەندىن كىيىن ئەڭ ياخشى چىققان نەتىجىسىنى ئىلتىماس قىلغاندا ئىشلىتىدىكەن. ئەمما GRE ئىمتىھانى نەتىجىسىنى ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەرگە سۇنغاندا ETS (ئامېرىكا ئىمتىھان مۇلازىمەت مەركىزى) ئاپتوماتىك ھالدا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ  ئالدىنقى بەش يىل ئىچىدە بەرگەن بارلىق ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى قوشۇپ ئەۋەتىدىغان بولغاچقا، يولداشلار بۇ ئىمتىھانغا ئۈچ-تۆت يىل، كامىدا ئىككى يىل قاتتىق تەييارلىق قىلىپ بىرلا قېتىمدا يۇقىرى نومۇر ئىلىشىنى كۆزلەيدىكەن. شۇنىڭغا يارىشا، جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ GRE ئىمتىھانىدىكى ئوتتۇرىچە نومۇرى ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرىدىنمۇ ئۈستۈن ئىكەن، ئەمما بۇ بىزدەك بىر يىلمۇ تەييارلىق قىلالمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن پايدىسىز ئىدى. شۇنداق،  بىزنىڭ يولىمىزدا كىشىنى چۈشكۈنلۈككە باشلايدىغان پاكىتلار تىزىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما بىز بىر ئۈمىدنىڭ ئىلھامى بىلەن بىزنىڭ بولدى قىلىشىمىزغا يېتىپ ئاشىدىغان سەۋەبلەردىن كۈنىگە بىرنى ئەمەس ئوننى كۆرۈپ تۇرساقمۇ، يەنىلا بەل قويۇۋەتمەي ئۆزىمىز توغرا ۋە ئاخىرى داغدام يول دەپ ئىشەنگەن شۇ يولدا مېڭىۋىرىشنى داۋاملاشتۇراتتۇق. بەلكىم چەتئەلگە چىقىشقا قىزىقىدىغانلار كۆڭلىدە قانداق قىلسا زېرىكىپ تۇرۇپ يەنە كۈنىگە 15 سائەتلەپ ئۆگىنىش قىلغىلى بولىدىغاندۇ، دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەمەلىيەتتە سىرلىق ئەمەس.

يېقىندا چەتئەلدە ئوقۇشقا ناھايىتى قىزىقىدىغان بىر دوستۇم مەندىن: «ئىچىمدە بىر ئوت بار، ئۆچەلمەيدۇ يا كۆيەلمەيدۇ...بەزىدە تەقدىرگە تەن بەرگۈم كېلىدۇ ،بەزىدە بۇنداق قىلسام يەنىمۇ چوڭ پۇشايماندا قالىمەن دەپ بوشاشقۇم كەلمەيدۇ ...سىز مۇشۇ تىرىشىش جەريانىدا ئىچكى دۇنيارىڭىزدا مۇشۇنداق  زىددىيەتلىك ۋاقىتلار  بولغانمۇ؟ » دەپ سورىغان ئىدى. ئىچىمدە بىر ئوت بار، ئۆچەلمەيدۇ يا كۆيەلمەيدۇ - بۇ سۆز دەل مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىچكى ھېسسىياتىمنى ناھايتى ئوبدان ئىپادىلەپ بىرەلەيتتى. بەلكىم سىزنىڭمۇ ھاياتىڭىزدا بىر ئىشقا قاتتىق قىزىققانلىقىڭىز دەستىدىن يۈرىكىڭىزدە بىر ئوت كۆيۈۋاتقاندەك ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغان بولغىيتتتى. بىز ئۈچ دوست يۈرىكىدىكى شۇ ئوتنى يالقۇنلىتىپ كۆيدۈرگەنلەردىن ئىدۇق، دەل شۇنداق بولغاچقا بىز ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان نىشانغا يىتەلىدۇق. مەسىلە شۇ ئوتنى قانداق كۆيدۈرۈشتە بولسا كىرەك.


2
مەن شىئەنگەن كەلگەن كۈنى كەچتە شۇنداق ئېسىل بىر دوستنى ئۇچرىتىپ يولدا سەپەرداش بولۇپ قالارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. مېنىڭ ئالدىمغا چىققان شىئەندە ئوقۇۋاتقان دوستۇم بىلەن كەچتە تاماققا چىقساق ياندىكى ئۈستەلگە بىر نەچچە ئۇيغۇر يىگىتلىرى كىلىپ ئولتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ تەبئىيلا سالام-سائەتتىن كىيىن ئۇلارغا قوشۇلغان بولدۇق. بۇ يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى شىئەندە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ياكى چەتئەل تىلى ئۆگىنىۋاتقان سىتۇدېنتلار بولۇپ بىر-بىرىدىن ئېسىل بالىلار ئىدى. ئارىسىدا بىرەيلەن ئۆزىنىڭ خاربىندا سانائەت ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى ۋە شىئەنگە نەچچە كۈن بۇرۇن GRE ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى دېمەسمۇ، ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىقتىن يايراپ كەتتىم. بۇ كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان ئوچۇق مىجەزلىك ۋە كۈلكە-چاقچاققا ئامراق، ئۆزىمۇ يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي، ئۆتكۈر ۋە چىقىشقاق يىگىت - دەل ئۇتۇق ئىدى. ئېسىمدە قىلىشىچە، مەن ئۈرۈمچىدىن پويىزدا چوڭ بىر قوغۇننى ئىلىپ كەلگەن ئىدىم، شۇ كۈنى قوغۇننى كەچلىك تاماققا ئىلىپ چىققان. ئۇتۇق قوغۇننى كۆرۈپ:

-يا ئاللاھ، ئۆيۈڭنى مەھەللەڭنىمۇ پويىزغا بېسىپلا كەلدىڭمۇ نېمە؟ دەپ پىشانىسىگە ئۇرۇپ چاقچاق قىلغان ئىدى.

-ئۆيۈم قالدى، ئەمما يەيدىغاننى كۆتۈرەلىشىمچە خىلى جىق ئالغاچ كەلدىم.    قوغۇننىڭ تاتلىقلىقىنى كۆرگەنسەن، مۇشۇنداق ئۇسساپ تۇرغاندا ئەسقاتىدۇ، ئەمەسمۇ. بۇ يەردە بۇنداق تاتلىق قوغۇن نەدە تۇرۇپتۇ...

-راست، سەن قوغۇنچىنىڭ بالىسىمۇ نېمە؟ ھەجەپمۇ تاتلىق قوغۇننى تىپىپ ئاپسەن.

قوغۇننى يىگەچ ئۇنىڭ مىننەتدار بولغان تەلەپپۇزدا ئېيتقان شۇ چاقچىقى بىلەن بۇ بالا بىلەن ئوبدان دوستلاردىن بولۇپ قالىدىغىنىمغا شۇ ۋاقىتتىلا ئىشەنگەن ئىدىم. ئۇتۇق سانائەت پەنلىرى بويىچە جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان خاربىن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئوپتىكا فىزىكىسى كەسپىدە تۆتىنچى يىللىققا چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچى ئىكەن ھەم ئۇمۇ توفىل ئىمتىھانىنى بېرىپ ياخشى نومۇر ئىلىپ بوپتۇ ھەم GRE تەييارلىق قىلىۋاتقىلىمۇ بىرەر يىلچە بولۇپ قاپتۇ. پاراڭلىشىپ بىلسەم ئۇتۇق، ئابلەت ئۈچىمىز قۇرداش ئىكەنمىز. مەن سۆرىلىپ ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ يۈرگىنىم بىلەن بۇ ئىككىسى تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپلا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بەل باغلاپتۇ. ئۇتۇق ئىچكىرىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغاچقىمۇ شىئەندىكى مەن كۆررۈپ جىلە بوپ كىتىدىغان ئىشلارغا ئۇنچىۋالا ئىرەن قىلىپ كەتمەيتتى. ئۇ ئۆز كەسپىنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە مەكتىپىدە «ئالادىن ئىنگىلىزتىلى» دەپ ئاتالغان بىر كۇلۇپ قۇرغان بولۇپ، مەكتىپىدىكى باشقا مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە خاربىندىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلارغا ھەر ھەپتە ئاخىرلىرىدا ھەقسىز ئىنگىلىزتىلى دەرىسى ئۆتۈپ بىرىدىكەن. ئۇ مەكتىپىگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىپ بەرگەندىن باشقا، ئالىي مەكتەپنىڭ نۇرغۇنلار چۈشىنىۋالغاندەك ئوينايدىغان جاي ئەمەس، بەلكى تولۇق ئوتتۇرىدىنمۇ بەكرەك تىرىشىپ ئۆگىنىپ كەلگۈسىگە ئۇل سالىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بىرىپتۇ. مەن ئۇتۇقنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ھۆرمىتىم قوزغالغان ئىدى. بىز ئەتىسىدىن باشلاپ بىللە مەكتەپكە باردۇق ۋە بىللە نۇرغۇن ئاچچىق-سوغۇقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۈچىمىزنىڭ مىجەز خۇلقى پەرقلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئورتاقلىقىمىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئوخشاش بىر ئوت بار ئىدى، بىز شۇ يۈرىكىمىزدىكى ئوتنى لاۋۇلدىتىشنى تاللىغانلاردىن ئىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن نىشانىمىزغا يېتىش يولىدا ھەرگىز ھاردۇق-تالدۇق دەپ ۋايساپ باقمىدۇق. دانالارنىڭ تۆۋەندىكى بىر جۈملە سۆزى ماڭا ناھايتى يارايدۇ:

-ھورۇنلۇقنىڭ سەۋەبى قىزىقىش، نىشان ۋە ئۈمۈد نىڭ بولمىغانلىقىدا.

بىز تىرىشتۇق، تىرىشقاندىمۇ خىلى راۋۇرۇس تىرىشتۇق، ھورۇنلۇق بىزدىن يېراقتا قالغان ئىدى چۈنكى ھورۇنلۇق يۇقىرىدا دىېيىلگەندەك قىلىۋاتقان ئىشىدا قىزىقىش ۋە نىشانى يوق، ئۈمىدكە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرنى ئىزدەپ تاپاتتى. بىز  ئۈچىمىزنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقىتلىرىمىز بولغان، ئەمما بىز ئۈمىدنى ئۈزۈپ باقمىغان.

شىئەندىكى يازنىڭ ھاۋاسىنى كۆرمىگەن بولسام شۇ ۋاقىتلارغىچە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىكى مېھرى ئىسسىق يۇرتىمىزنىڭ نىسبەتەن سالقىن ياز ھاۋاسىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن بولاتتىم. ھەممە نەرسىنىڭ قەدرى تېخىمۇ ناچىرىنى كۆرگەندە ئاندىن ئۆتۈلىدىغان ئىشكەن. بۇ گەپنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما ئاڭلىغان بىلەن ياشاپ، باشتىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغۇچە نۇرغۇن گەپلەرنىڭ تېگىگە ھەقىقىي يەتمەيدىكەنمىز. تىنجىق ئىسسىقتا قىستاڭ ئاپتوبۇسلارنى ساقلاۋىتىپ دەرەخنىڭ سايىسىگە كىرىۋالغان بىلەنمۇ ئازراقمۇ پايدىسى بولمايتتى. ھەتتا يامغۇر ياغسىمۇ ھاۋا يەنىلا شۇ چىدىغۇسىز ئىسسىق ۋە تىنجىق پىتى تۇرىۋەرگەچكە كىشىگە يامغۇرمۇ خوشياقمايتتى. شۇنداق قاتتىق يامغۇر ياغقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئادەتتىكىدىن كۆپرەك ئۇخلىۋىلىش شۇنداق خوشياققان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆزەمنى سۆرەپ دېگۈدەك يۈزۈمنى سوغۇق سۇدا يۇيۇۋېتىپ كىتابىمنى قولۇمغا ئالدىم. قارىسام ئابلەت ئاللىقاچان مەكتەپكە ئۆگىنىش قىلغىلى چىقىپ كەتكەندەك قىلاتتى. يەكشەنبە كۈنى دەرىسىم بولمىغاچقا پۈتۈن كۈن ئۆيدىن چىقماي ئۆگىنىش قىلىشنى خىيال قىلىۋېتىپ ئۇتۇقنى ئېسىمگە ئالدىم ۋە ئۇنىڭمۇ ئۆيىدىن چىقماي ئۆگىنىش قىلىپ ئولتۇرغىنى خىيالىمدىن كەچتى. شۇنىڭ بىلەن ئەتىگەنلىك بازاردىكىلەر تارقاپ كەتمەستە ئۆيدىن چىقتىم ۋە ھېلىقى تۇڭگان ئايالنىڭ پۆرسى ۋە پىلتە قۇيماقلىرىدىن ئىككى كىشىلىك ئىلىپ مەھەللىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئۇتۇقنىڭ ئۆيىنى ئىزدەپ تاپتىم. كىم بىلسۇن، مېنىڭ بۇ كىچىككىنە كۆڭۈل بۆلۈشۈم ئۇتۇقنى بەكلا خۇش قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما يامغۇردا سىرتقا چىقىشقا ئېرىنىپ ئۆيدە ئۆگىنىش چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە چىداشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئىككىمىز ھورى چىقىپ تۇرغان پۆرە، پىلتە قۇيماقلارنى خام سەيلەر بىلەن قوشۇپ ئۇتۇق دەملىگەن چاينى ئوتلاپ ئولتۇرۇپ شۇنچىلىك ئىشتىھا بىلەن يىدۇقكى، ھازىرمۇ ئىككىمىز بىر يەرگە كەلسەك شۇ تۇڭگاننىڭ پۆرىسىنى تىلغا ئالماي قالمايمىز. بەزىدە ھاياتىمىزدا نى-نى چوڭ ئىشلار ئەستە قالمىغان بىلەن، ئەمما مۇشۇنداق كىچىك ئىشلار ۋە ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئەسلىمىلەر مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىكەن. ئالدىنقى كۈنى شىندوڭفاڭدىكى دەرسىنى تۈگىتىپ ئاپتوبۇستا ئۆرە تۇرۇپ ئۆيگە قايتقۇچە يېنىمىزدا تۇرغان 35 ياشلار چامىسىدىكى ئەرنىڭ بىزگە بىر قاراپلا دەرھال سومكىسىنى ئالدىغا تىقىشتۇرۇپ مەھكەم قۇچاقلىۋىلىشى ۋە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇشلىرى مېنى شۇنچىلىك بىئارام قىلدى ۋە بۇ خورلۇققا چىدىماي قالدىم. ئاخىرى جىم تۇرغۇم كەلمەي ئۇنىڭغا قاقشاپ كەتكىنىمدە ئۇتۇق ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن ئارىغا چۈشۈپ ئۇنى كەچۈرۈم سوراتقۇزۇپ ئىشنى ناھايىتى چىرايلىق ھەل قىلغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكىرىدە 6-7 يىل تۇرۇش جەريانىدا بۇنداق ئىشلارغا تالاي قېتىملاپ دۇچ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگىنىدە ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىنى چۈشەنگەندەك بولغان ئىدىم. بۈگۈن مەن ناشتا قىلغاچ ئۇتۇققا پاسپورتۇمنى ئۈرۈمچىدا قانداق بىجىرگەنلىكىمنى سۆزلەپ بەرگىنىمدە ئۇ شۇنچىلىك ھەيران قالدى. ئىچكىرىدە ئوقۇسا نۇرغۇن جەھەتلەردە قېينالغان بىلەن، يەنە بەزى تەرەپلەردە قولاي تەرەپلىرىمۇ بار ئىدى. ئاددىيسى، ئۇتۇق ۋە مېنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇغان باشقا دوستلىرىم پاسپورت بىجىرگەندە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە بارىدىكەن ۋە پاسپورت ئىلتىماس جەدۋىلىنى توشتۇرۇپ ئىككى پارچە سۈرەت تاپشۇرسىلا ئىككى-ئۈچ ھەپتىدە پاسپورتى قولغا تېگىدىغان ئىشكەن. ئەمما مېنىڭ ئۈرۈمچىدە شۇ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنىڭ ئۆزىگە ئېرىشىشىمگە توپتوغرا ئۈچ ئاي ۋاقىت كەتكەن ئىدى…

شۇنداق قىلىپ شىئەندىكى جاپالىق ھەم ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر يېرىم ئايلىق تەييارلىقتىن كىيىن بىزنىڭ ئېمتىھان بېرىدىغان كۈنلىرىمىزمۇ يىقىنلاپ قالدى. ئۆزۈم يازغان مەشىق ماقالىلەرنى ئېمتىھانغا چىقىش نىسبىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تېزىپ خىلى ئوبدان كاللامغا ئىلىۋالدىم. يېزىقچىلىق ئىمتىھانىدا بىر پارچە 500 خەتلىك «كۆز-قاراش» ماقالىسى يېزىش ئۈچۈن 45 مىنۇتلا بېرىلىدىغان بولغاچقا ئالدىرىماي ئويلاپ ئولتۇرىدىغانغا ۋاقىت يوق ئىدى، ئۇ ۋاقىتلاردا ئېنگلىزچە خەت ئۇرۇش سۈرئىتىممۇ سەل ئاستا بولغاچقا شۇ ماقالىنى ئۇرۇپ تۈگىتىپ بولالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ شەنشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شۇ جەرياندا تونۇشقان قۇمۇللۇق غەنى قاتارلىق دوستلارنىڭ ياتىقىدىكى كومپيۇتېردا ئۆزۈم يازغان ماقالىلەرنى ئىملا خاتالىقى ئۆتكۈزمەي ئۇرۇشنىمۇ خىلى ئوبدانلا مەشىق قىلىۋالدىم. بۇ 9-ئاينىڭ باشلىرىدىكى ۋاقىتلار بولغاچقا مەكتەپ ئىچىدە توپ-توپ ئۇيغۇر سىتۇدېنتلارنى كۆرگىلى بولاتتى ۋە نۇرغۇنلار بىلەن مەكتەپ ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار كېلىشى بىلەن ئىشقا قايتىدىن كىرىشكەن ئۇيغۇر ئاشخانىسدا كۆرۈشۈپ تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. كۈنلەر ئاخرىغا بارغانچە كۆڭۈللۈك ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى. شۇ بۇرادەرلەر كۆپ جەھەتتىن ياردەمدە بولغاچقىمۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسمىنى دەماللىققا يادىمغا ئالالمىساممۇ ئۇلارنى دۇئالىرىمدا ئەسكە ئالىمەن. نەق شۇ ۋاقىتلاردا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئامېرىكىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلىقى ۋە مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇچۇر قىلغان بولغاچقا، ئاخىرقى بىر ھەپتە ۋاقتىم شىئەندە ناھايىتى ھاياجان ئىچىدە ئۆتكەن بولدى. ئۇتۇق شىندوڭفاڭدىكى دەرىسنى تۈگىتىپ تۇنجى بولۇپ خاربىنغا قايتتى. شىئەندە مەن بۇرۇن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن ئىشلارغا دۇچ كەپتىمەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر غەلىتە ئىش 9-ئاينىڭ 11-كۈنى شىئەن چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ھويلىسىدا ئېمتىھانغا كىرىشنى ساقلاپ كىتاب كۆرۈۋاتقىنىمدا يۈز بەردى. ئېمتىھانغا كىرىشنىڭ ئالدىدا GRE غا تەييارلىق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان كىتابىمدىكى ئېتمىھان ۋاقتىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئوقۇپ ئولتۇرسام تۇيۇقسىز بىرى ئالدىمدا توختىغاندەك بولدى. كەينىدىنلا «لاۋ ۋەي، لاۋ ۋەي...» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قارىسام بېشىمدا بىر ئايال قولىدا كۆتۈرۈۋالغان ئۈچ ياشلا چامىسىدىكى قىزىغا مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ چەتئەللىك مۇشۇنداق بولىدۇ، دەپ ھەدەپ بارماقلىرىنى بېشىمغىلا تەڭلەپ دېگۈدەك تۇرۇۋېتىپتۇ. توۋا، دەپ قالدىم… بۇرۇن چەتئەللىك دوستلىرىم ئىچكىرىدە كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا توختاپ مۇشۇنداق بارماقلىرىنى تەڭلەپ تۇرۇپ بىر نېمىلەرنى دەپ ئۇلارنى ناھايىتى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىنىدە، بەلكىم ئۇلار چەتئەللىك كۆرۈپ باقمىغان ئادەملەر بولسا شۇنداق قىلغاندۇ، نېمانچىلا بىئارام بوپكەتكەنسىلەر دەپتىكەنمەن. ئەمدىلىكتە بۇ ئىش مېنىڭ بېشىمغا كېلىۋىدى، راستىنلا ناھايىتى بىئارام بولدۇق. بۇ كۆرۈنۈش كىشىگە ھايۋاناتلار باغچىسىغا بالىنى ئويناتقلى ئەكىرىپ ھەر خىل جانلىقلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بالىغا ئۆگەتكەن كۆرۈنۈشنى ئەسلىتەتتى. ئۇ ئايالغا تازا بىرنى ئالايدىم، ئاستا كېتىپ قالدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىككى قىز ئوقۇغۇچى يېنىمدا پەيدا بولۇپ بېشىنى مەن ئولتۇرۇپ كۆرۈۋاتقان كىتابقا سوزۇپ نېمە ئوقۇۋاتقانلىقىمنى رۇخسەتسىزلا بىلىشكە ئۇرۇنغىلى تۇردى. ئۇلارغا گەپ قىلىشقىمۇ رايىم يوق، ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئېمتىھان مەيدانى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ئالدىنقى قېتىم قىشتا شىئەنگە كەلگىنىمدىمۇ، پويىز ئىستانسىسىدا بېلەت ئىلىش ئۈچۈن شىئەندىكى دوستۇم ئېرشات بىلەن ئۆچىرەتتە تۇرۋاتساق كەينىمىزدىكى ئىككى قىز بىزنىڭ تۇرقىمىز ۋە گەپلىرىمىزدىن بىزنى خەنزۇچە بىلمەيدىغان چەتئەللىك دەپ پەرەز قىلىشتى بولغاي، بىز توغرۇلۇق مۇلاھىزىگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئاخىرىدا ئۇلار سەل ئۆزىنى بىلەلمەي قالغىنىدا بىز ئۇلارغا خەنزۇچە قايتۇرۇپ گەپ قىلىپ قويغىنىمىزدا بولسا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىزنىڭ بوي-تۇرقىمىزنى ماختاپ قىلغان سۆزلىرىدىن قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. گەرچە بەزىدە ھاماقەتلەرنى گەپكە سېلىپ قويۇشمۇ خىلى ئادەمنى كۈلدۈرگىدەك، ئىچى پۇشۇقىنى چىقارغۇدەك ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن ئىمتىھانغا ئالدىراپ تۇرغاندا بۇنىڭغا ھېچبىر رايىم يوق ئىدى. كىم بىلسۇن، ئېمتىھانغا كىرىپلا كۆزۈم خۇشاللىقتىن يوغان ئېچىلىپ قالدى، نېمىشقا دەمسىلەر؟ چۈنكى مەن يازىدىغان بىرىنچى ماقالە ئالدىنقى ئايدا ئەڭ كۆپ ئېمتىھانغا چىققان تېمىلار تىزىملىكىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، بۇ تېمىدا كېمىدە ئۈچ مەشىق ماقالە يازغان ۋە يازغانلىرىم كاللامدا ئويۇپ قويغاندەك شۇ پىتى بار ئىدى. بارماقلىرىم كونىراپ كەتكەن كومپيۇتېر تاختىسىغا كۈچەپ-كۈچەپ ئۇرۇپ يايراپ كەتتى.

ئوقۇرمەنلەر بىلگىنىدەك بۇ ھېكايەمدىكى ئابلەت، ئۇتۇق ئۈچەيلەننىڭ ھەممىمىز پەقەت ۋە پەقەت ئامېرىكىدا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلاردىن ئىدۇق ۋە شىئەندە جەم بولۇپ ئەھمىيەتلىك بىر يېرىم ئاينى بىللە بۇ نىشانىمىز ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۈچىلىمىز دەل بىر يىلدىن كىيىن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم باستۇق. ئۇتۇق ۋە ئابلەت بىلەن ئامېرىكىدا بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشكىنىمىزدە بەزىدە بىزگە توختىماي ۋەتەندىكى ياش سىتۇدېنتلاردىن كىلىپ تۇرىدىغان خەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆز كەچۈرمىشلىرىمىزنى سېلىشتۇرۇپ قالىمىز. ئەلۋەتتە بىز ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى تەرىپىدىن دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىغاچقىلا بىز تەبئىيلا مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلاردىن بولۇپ قالمايمىز، ئەمما ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا بىزنىڭ باسقان يولىمىزنىڭ تۈز، قىسقا ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقى بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش. تۆۋەندە بۇ شىئەندىكى ئۇچرىشىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلارغا ھېكايەمدىن بەلگىلىك سەھىپە ئاجراتماقچىمەن.


ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (2) - ئۈچ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئامېرىكا چۈشى سەپىرى


2. نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا؟

گەرچە چەتئەلگە چىقىشتا ھەر كىشىنىڭ مۇددىئاسى ۋە تاللاش ئۆلچەملىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىنى چۈشىنىدىغان ھەر بىر كىشىگە نىسبەتەن، چەتئەلدە ئوقۇشقا قىزىققۇچىلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئويلىشىدىغان مەسىلىسى ئىقتىسادنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. بىر قىسىم دۆلەت ئىچىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇغانلاردىن سورىسىڭىز ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلاردا ئوقۇغاندا جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدىغانلىقى ۋە نۇرغۇن جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىكەنلىكى، ھەتتا ئۇلارنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇشقا پۇرسىتى بولغان بولسىمۇ يەنىلا جۇڭگودا ئوقۇشنى تاللىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما مەن بۇ قاراشتىكىلەرنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسىتى دەپ كۆزدە تۇتقاندىكى كونكرېت پۇرسەتنىڭ زادى قانداق پۇرسەت ئىكەنلىكىگە ناھايىتى قىزىقىمەن چۈنكى ئامېرىكىدا تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتورلۇقتا قوبۇل قىلىنغان تۇرۇپ بۇ پۇرسەتتىن ئىختىيارى ۋاز كېچىپ جۇڭگودىكى مەكتەپلەردە دوكتورلۇقتا ئوقۇشنى تاللايدىغانلار بار دېسە، مەن شەخسەن ئىشەنمەيمەن، ھەم راستىنلا بار دېگەن تەقدىردىمۇ بۇنىڭ بىر ئاقىلانە تاللاش ئىكەنلىكىگە مەڭگۈ قايىل بولمايمەن. بۇنىڭ سەۋەبلىرى بۇ ھېكايەمنڭ داۋامىدا ئايان بولغۇسى.

ئۆزەمنىڭ چەتئەلدە ئوقۇشقا چىقىش جەريانىدىكى بېسىپ ئۆتكەن مۇساپەمگە قارايدىغان بولسام، مەن نۇرغۇن ئىككىلىنىشلەر، قايمۇقۇشلار ۋە نېمە قىلىشنى بىلمەسلىك ئىچىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ئاخىرى پەقەت ئامېرىكىدا ئوقۇشقا قاتتىق ئىرادە باغلىغان. كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپلا دادام-ئاناملار كىمنى كۆرسە «بالام كەلگۈسىدە چوقۇم ئالىم بولىدۇ»، دەپ ماختاپ بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ كەلگۈسىدە ئالىم بولىدىغان ئوخشايمەن، دەپ ئويلايتتىم ۋە ئۇلارنىڭ بۇ گەپنى تىلغا ئالغاندا ئالاھىدە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، گۆدەك قەلبىمدە ئالىم دېگەن ناھايىتى ئۇلۇغ ئىنسان ئوخشايدۇ دېگەن چۈشەنچە شەكىللەنگەن ۋە كۆڭلۈمدە شۇنداق ئادەم بولۇشقا تېنىمسىز بىر ئىنتىلىش پەيدا بولغان ئىدى. ئۇلار گەرچە ئۆزلىرى ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى كۆرۈشكە ئامالسىز قالغان، يەكەننىڭ شەھەر ئىچىدىن ئەڭ يىراق، چەت بىر سەھراسىدىكى ئاددىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بولسىمۇ، ئەمما ھەر ۋاقىت مېنىڭ چوقۇم دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي ئوقۇشتا ئوقۇشۇمنىڭ مۇھىملىقىنى ھەم مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئەسلى-ۋەسلى، دۇنيادىكى تاپقان-تەرگىنى ۋە ھەممىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە مېنىڭ ئوقۇشنىڭ ئەڭ چوققىسىغىچە داۋاملاشتۇرۇشۇمنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھەر ۋاقىت رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى. دادامنىڭ مېنى كىچىكلا مەكتەپكە بېرىپ، باشلانغۇچتا مەكتەپ مۇدىرلىق ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ مېنى ئىككى سىنىپ ئاتلاتقۇزۇپ ئۆزەمدىن ئۈچ ياش چوڭ بالىلار بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا يولغا سېلىشىمۇ دەل ئۇنىڭ مېنىڭ يۇرتىمىزدىن چىققان ئەڭ ياش ئالىم بولۇپ قېلىشىمنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىن بولغان ئىدى. شۇڭىمۇ، كىچىك ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپلا گەرچە قەيەردە، نەدە، قانداق ئوقۇشنى ئېنىق بىلمىسەممۇ، ئۆزەمنىڭ ئاتا-ئانام ئېيتقان شۇ «دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي ئوقۇش» نى ھامان بىر كۈنى ئوقۇيدىغانلىقىمغا شەكسىز ئىشىنەتتىم. تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا يەكەن بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرىم، مەن كۆرگەن ئەڭ مۇنەۋۋەر خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئابلەت مەمەت مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ئەينى يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى زەپەر ئابلىز مۇئەللىمنىڭ قول ئاستىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ يەكەنگە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى زېرىكمەي سۆزلەپ بېرەتتى ۋە بىزنىڭ كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن توختاپ قالماي ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشىمىزنى، مۇمكىن بولسا ئۇستازى زەپەر ئابلىز مۇئەللىمدەك ياپونىيىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇشىمىز كېرەكلىكىنى جېكىلەپ تۇراتتى. مۇشۇ تەسىرلەر ئاستىدا، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا تۇنجى بولۇپ كۆڭلۈمدە چەتئەلدە ئوقۇيمەن، دېگەن غۇۋا بىر نىشان پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغاندىن كىيىن، مەن بىر يېڭى ئوقۇغۇچى بولغاچقا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى مەكتەپ رايونى قانداقتۇ دەپ كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن بارغىنىمدا، تاساددىپىي بىر پۇرسەتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشتۇرغان بىر سۆھبەتكە قاتنىشىپ قالدىم. ئېسىمدە قىلىشىچە، ئابلاجان ئىسىملىك خېمىيە فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانىتى ئۆزىنىڭ شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللىقاچان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ناھايىتى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ، گەپ ئارىلىقىدا ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. نەچچە يىل ئۆتمەي، ئابلاجان مۇئەللىمنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خېمىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ۋە ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدە ناھايىتى ھەۋەس قىلغان ئىدىم. ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا دەسلەپ ئىنگىلىز تىلى مۇھىم بىر تىل بولغاچقا ئۆگىنىشىم كىرەك دېگەن قاراش بىلەن ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىنكى ئىككىنچى قىشلىق تەتىلنى ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزدۈم ۋە قاسىمجان مۇئەللىمنىڭ ئاجايىپ قىزىقارلىق ئىنگىلىز تىلى دەرسىنى ئاڭلاپ بۇ تىلنى ئۆگىنىشنى ئۆزۈمگە ۋەزىپە ئەمەس بەلكى خۇشاللىق دەپ تونۇيدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ ھەر قىش ۋە يازلىق تەتىلدە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆيگە قايتماي ئۈرۈمچىدە قىلىش ماڭا ئۇدۇم بولۇپ قالدى. ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا بارغاندا مەن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقتىمنىڭ يىقىنلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن نېمە قىلىشىم كېرەك دېگەن سوئال كاللامنى چىرماشقا باشلىدى. ئالىي مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن گەرچە ئاسترونومىيىگە ناھايىتى قىزىقىپ شۇ كەسىپتە ئوقۇشنى ئەڭ ئارزۇ قىلساممۇ، ئەمما ئالىي مەكتەپتە بىئولوگىيە ئوقۇش جەريانىدا بۇ كەسپىمگە شۇنچىلىك قىزىقىپ قالدىم ھەم ئۆزۈمنىڭ ئەسلى مۇشۇ كەسىپكە ھەقىقىي قىزىقىشىم بارلىقىنى، پەقەت تولۇق ئوتتۇرىدىكى بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ زېرىكىشلىك دەرس ئۆتۈشىدىن بىزار بولغاچقا بۇ قىزىقىشىمنى ئىلگىرى بايقىماي قالغانلىقىمنى چۈشىنىپ يەتكەن بولدۇم. كەسىپمدىكى دەرسلەر قانچە قىيىنلاشقانسېرى ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ سوئاللىرىمغا كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاب بېرەلمەسلىكى مېنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئىشتىياقىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.  بۇ كۈنلەردە ئېنگلىزچە سەۋىيەم راۋۇرۇس ياخشى، دەرس نەتىجىلىرىممۇ فاكۇلتېت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغاچقا مەن پۇل سەرپ قىلماي چەتئەلدە ئوقۇش مۇمكىنمىدۇ، دەپ ئىزدىنىشكە باشلىدىم. دەسلەپ تۈركىيىدە، ئاندىن مالايسىيا دېگەندەك دۆلەتلەرگە چىقىشنىڭ بىر قەدەر ئاسان ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئوقۇشۇم پۈتۈشى ھامان شۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرىگە چىقىشنى ئويلىغان ئىدىم. ئەمما بۇ دۆلەتلەرگە چىقىش ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك ئىقتىساد كېتىدىغان ئىشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتلەردە بىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇشنىڭ جۇڭگودىكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ بۇ پىلانىمدىن دەرھال ۋاز كەچتىم چۈنكى بۇ كىچىكىمدىن كاللامغا سېڭىپ كەتكەن «ئەڭ ئالىي ئوقۇش» تا ئوقۇش چۈشۈمگە ماس كەلمەيتتى. ئاخىرى ئالىي مەكتەپ 4-يىللىقىغا چىقىپ بولغاندا ئاندىن «تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كىيىن» دېگەندەك ئامېرىكىدا ئوقۇشنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئامېرىكىدا ئوقۇش توغرىسىدا مېنى قىزىقتۇرۇپ قويغىنى ماڭا قاسىمجان مۇئەللىم ئاچقان كۇرستا بىر يىل ئىنگلىز تىلى دەرىسى بەرگەن كرىستېن ئىسىملىك ئامېرىكىلىق قىز سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىلەر سەۋەب بولدى. بۇ ئىنگىلىز تىلى مۇئەللىمىم بىلەن داۋاملىق ئېلخەت بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇراتتۇق. ئۇ مېنىڭ چەتئەلدە ئاسپىرانتىلىقتا ئوقۇش ئارزۇيۇم بارلىقىنى بىلىپ ئامېرىكىدا ئوقۇشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىر ئۇزۇن ئېلخەت يازغان ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ناھايىتى يېقىن ئىككى دوستى دەل بىئولوگىيە كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپلا ئۇدۇللا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىغانلىقىنى ۋە ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەكتەپتىن «مۇئاش» ئىلىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مېنىڭ دەرس نەتىجىلىرىمنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ مېنى تېخىمۇ قىزىتىشقا باشلىدى. ئۇ خېتىدە دوستلىرىنىڭ بىرى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مېدىتسىنا ئۇنىۋېرستېتلىرىنى بىرى بولغان ئامېرىكا جونېس-خوپكىنز ئۇنىۋېرسىتېتى (Johns Hopkins University) دا، يەنە بىر دوستىنىڭ بولسا ۋاشىنگىتون شەھىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت جورج تەۋۇن ئۇنىۋېرسىتېتى (Georgetown University) دا ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بۇ مەكتەپلەرنىڭ سۈرەتلىرىدىن قوشۇپ يوللاپتۇ. ۋاھ! نېمىدېگەن قالتىس! بۇنداق ئۆز كەسپىڭىزدە تەتقىقات سەۋىيىسى ۋە مائارىپى دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ھەم داڭلىق ھەم گۈزەل ئۇنىۋېرستېتلاردا ھەقسىز ئوقۇڭ بىر، ئوقۇغانغا مۇئاش ئىلىڭ ئىككى، تېخى دوستۇمنىڭ ھېلىقى دوستلىرى مائاشىنى يىغىپ ھەر تەتىلدە ساياھەت قىلغۇدەكمىش! بۇنداق ياخشى گەپ كىمنى قىزىقتۇرمايدۇ، دەيسىز؟!

شۇنداق قىلىپ ھاياجان ۋە قىزغىنلىق ئىچىدە ئامېرىكىدا ئوقۇش توغرۇلۇق ئۇچۇرلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم، ئەمما ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى بەكلا كېچىككەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئىچىم ئۆرتىنىپ كەتتى. سائەتلەپ ئەمەس، كۈنلەپ كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خەنچە، ئېنگلىزچە مەنبەلىرىدىن ئۇچۇر ئىزدەپ، ئامېرىكىدا ئاسپىرانتىلقتا ھەقىقەتەنمۇ ھەقسىز ھەم تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئاز دېگەندە بىر يىل ئاۋۋال TOEFL، GRE دەيدىغان ئىككى ئىمتىھانىنى بېرىپ بولۇپ يەنە بىر مۇنچە خەت چەكلەرنى تەييارلاپ كىلەر يىلى كۈزدىكى ئوقۇشقا شۇ يىلى 12-ئايدا ئىلتىماس تاپشۇرۇش ئىكەنلكىنى ئازاپ ئىچىدە ئاستا-ئاستا بىلدىم. نېمىشقا ماڭا بىرەرسى بۇرۇنراق دەپ قويمىغان بولغىيتتى دەپ ئىچىمدە غودۇڭشىپ كىملەرنىدۇر قارغايتتىم…. ئەمما ئامال قانچە؟ كېچىككىنىم كېچىككەن بولدى. شۇ ئارىدا فاكۇلتېت مېنى ھەقسىز ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بەرىبىر ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئامېرىكىغا چىقالمىغاندىكىن بوپتۇ ئوقۇغاچ تۇراي دېدىم. ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمدىكى يېتەكچى پىرافىسورۇم ياپونىيىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان بولغاچقا مېنى ئوقۇش جەريانىدا ياپونىيىگە بىرەر يىللىق چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى ياپونىيىدە ئوقۇشقىمۇ قىزىقتۇرۇپ قويدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي چەتئەلدە ئوقۇش دېگەننىڭ بىر پىرافىسور ياكى قانداقتۇر بىرەر ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە كىشىلەرنىڭ سىزنى چىقىرىپ قويمايدىغانلىقىنى ۋە پەقەت تىرىشچانلىق ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىشنى بىلىدىغانلارنىڭ چەتئەلدە ئوقۇشقا چىقىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. شۇنچە ساقلىساممۇ، ئاسپىرانتىلىققا كىرىشتىن بۇرۇن ماڭا ياخشى ۋەدىلەرنى بەرگەن پىرافىسورۇمنىڭ مېنى ياپونغا ئەۋەتىش توغرىسىدىكى گەپلىرىنىڭ قەيەرلەرگىدۇر يوقالغانلىقى بۇنى چۈشىنىشىمگە ياردەم بىرىپلا قالماي، يەنە مېنى ياپونىيەگە خىلى ئۆچ قىلىپ قويدى. چۈنكى ئۇ پىرافىسورۇم قىرىقلارغا بارغاندا ياپونىيىگە چىقىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ ناھايىتى جاپا تارتقانلىقىنى ۋە ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى ئەمىلى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى ئۆزىدىن ئۈستۈن ئادەمگە مۇتلەق بويسۇنۇشتەك دەرىجە مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگىنىدە، مېنىڭ دەرىجىنى ئەمەس، ئادەمىيلىكنى؛ ھوقۇقنى ئەمەس بىلىمنى؛ ياشنى ئەمەس ھەقىقەتنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ۋە ئىجادىيلىققا تولىمۇ ئىنتىلىدىغان خاراكتىرىمگە بۇ دۆلەتنى ئەسلا ماس كەلمەيدىكەن، دېگەن تونۇشقا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىسىتىرلىقتا ئوقۇۋېتىپ ئۆز-ئۆزۈمگە نەچچە يۈز قېتىملاپ خىتاب قىلاتتىم، سوئال قوياتتىم ۋە بۇرۇنراق ئامېرىكىدا ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىپ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپلا ئامېرىكىدا دوكتۇر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كىرەلمىگىنگە ئىچىم پۇچىلىناتتى… بۇ يەردە جۇڭگونىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپىدا ساقلانغان ساناپ تۈگەتكۈسىز ناچارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىم يوق، بەلكىم يازمامنىڭ كىيىنكى قىسىملىرىدىكى ئامېرىكا مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك جايلىرىدا سېلىشتۇرما قىلىشىم مۇمكىن. ئەمما قىسقىچە دېسەم، شۇ كۈنلەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىقتا  ئوقۇۋاتقانلىقىمدىن ھەر كۈنى پۇشايمان قىلاتتىم ۋە بىرىنىڭ كەينىگە بىرى ئۇلىشىپ كەلگەن كىشىنى ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈككە باشلايدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن، بىر ئامال قىلىپ قانچە تىز بولسا شۇنچە تىز، بولسا ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا ئامېرىكىغا چىقىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلدىم. ئىچىمدىكى بۇ ئارمان، بۇ ئوت كۈنسېرى ئۇلغايسا ئۇلغايدىكى، ھەرگىز پەسلەپ قالمىدى. لېكىن قېرىشقاندەك، ئامېرىكىغا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشتا لازىم بولىدىغان بۇ ئىمتىھانلارغا تىزىملىتىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مۈشكۈل ئىش بولۇپ چىقتى. دەسلەپ توفىل ئىمتىھانى بىرىمەن دەپ تىزىملىتىشى بىلمەي 2006-يىلى كۈزدە ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمنى باشلاپلا تىزىملىتىشنىڭ ئېپىنى قىلىشقا باشلىغان ئادەم ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاخىرى 2007-يىلى 10-ئايغا كەلگەندە كىلەر يىلى 1-ئايدا شىئەندە ئېلىنىدىغان TOEFL ئىمتىھانىغا تىزىملىتالىدىم. قانداق سەۋەبلەر دېسىڭىز، ئىمتىھان ئورۇنلىرى قىس بولغانلىقتىن بۇ ئىمتىھانغا ھەر يىللىق تىزىملىتىش ئالدىنقى يىلىنىڭ 10-ئاي ئىچىدىكى مەلۇم مەخپىي بىر كۈندە باشلىنىدىغان گەپكەن. مەن بۇنى بىلگۈچە 2006-يىلى 10-ئاي ئۆتۈپ كىتىپ بولغان گەپ. شۇنىڭ بىلەن، كۈندە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش تور بىتىنى نەچچە رەت ئاختۇرۇپ قاراپ بىرەرسى ئىمتىھاننى بىكار قىلسا چىقىپ قالىدىغان ئورۇن ساقلاشقا مەجبۇر بولدۇم. شىنجاڭدا پەقەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا يىلدا ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 كىشلىك ئورۇن بار ئىمتىھان مەيدانىدا ئورۇن چىقىشتىن ئۈمىد يوق بولغاچقا ئىچكىرىدىكى ئىمتىھان نۇقتىسى ئەڭ كۆپ ۋە قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەن… قاتارلىق شەھەرلەردىكىنى ئاختۇرۇشقا توغرا كەلدى. بىر نەچچە قېتىم ئورۇن چىققاندا تىزىملىتىشنى بىلمەي ئاران ئوڭشاپ تىزىملاتقۇچە ئورۇن باشقىلار تەرىپىدىن ئىگەللەپ بولۇناتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىمتىھانلارنىڭ تىزىملىتىش ھەققى شۇ ۋاقىتلاردا 1300 كوي ئەتراپىدا بولۇپ چوقۇم ئېناۋەتلىك كارتا بولمىسا پۇلىنى تۆلەشمۇ ناھايىتى قولايسىز ئىدى. سودا-سانائەت بانكىسى، خېرىدار چاقىرىش بانكىسى دېگەندەك بانكىلارنىڭ ھەر بىرىدىن بىردىن كارتا بىجىرىپ پۇلنى قاچىلاپ قويۇپ كۈتكەن بىلەنمۇ، پۇل ماڭماي قانداقتۇر بىر چاتاقلار چىقىپ نەچچە قېتىم ئوبدان پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئاخىرى 2007-يىلى 10-ئايدا كۈندە دېگۈدەك ئاختۇرۇپ يۈرۈپ كىلەر يىللىق ئىمتىھانغا تىزىملاشنى تۇيۇقسىزلا بىر كېچىدە ئىچىۋەتكەچكە ئەتىگەندە كۆرگۈچە شىنجاڭدا ئورۇن تۈگەپ ئاران دېگەندە شىئەنگە تىزىملىتالىغان ئىدىم. مانا مۇشۇنداق جاپالار بىلەن تىزىملاتقان ئىمتىھانىنى بېرىپ كەلسەم، يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ماڭا قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى دەپ ئۆتكەن ئىدىم. ياخشى يېرى، GRE ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش كۆپ ئاسانغا چۈشتى. بەلكىم TOEFL تىل ئىمتىھانى بولغاچقا ئاسپىرانتىلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن باشقا يەنە تولۇق ئوتتۇرىدىن ئالىي مەكتەپكە ئامېرىكا، كانادا ۋە كۆپ قىسىم ياۋروپا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم جۇڭگولۇقلار قوشۇنىمۇ بۇ ئىمتىھاننى بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەمما GRE پەقەت ئامېرىكا ۋە كانادادا ئاسپىرانتلىق ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ بولغاچقا ئىمتىھان بۇ ئىمتىھاننى بېرىدىغانلارنىڭ سانى نىسبەتەن ئازراق بولۇشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇر ئىدى. شۇنداق قىلىپ، مەن مول-ھوسۇلسىز ئۆتكەن ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلىدا قىلغان چوڭ ئىشىم قاتتىق تىرىشىش ۋە ھەر خىل سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئارقىلىق ئاخىرى ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە دوكتۇر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنىڭ دەسلەپكى تەلەپلىرى بولغان ئىمتىھانلارنى تۈگىتىپ رەسمىي ئىلتىماس باسقۇچىغا ئۆتۈش بوپتۇ. بۇنى ئويلىسام ئۇتۇق ۋە ئابلەتلەرگە ھەۋەس قىلاتتىم چۈنكى ئۇلار بىر مۇنچە ۋاقىت تېجەپ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈش بىلەنلا ئامېرىكىدا ماڭا ئوخشاش دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا كىرگەن ئىدى. بۇ ئەلۋەتتە قالتىس نەتىجە!

ھېكايەمنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە شىئەندىكى ئىمتىھاننى تۈگەتكەن ئىدۇق. ئەمدى، دەل بىر يىلدىن كىيىن بىز قانداق قىلىپ ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئوڭۇشلۇق ئىلتىماس قىلىپ ھېچقايسىمىز يانچۇقتىن بىر تېين تۆلىمەي، ئەكسىچە مۇئاش ئىلىپ تۇرىدىغان ئوقۇيدىغان ئامېرىكىدىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىمىزنى باشلىدۇق؟ ئامېرىكا مائارىپى ھەقىقەتەن شۇنچىلىك ئادەمنى تەلپۈندۈرگىدەك قالتىسمۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز ھېكايەمنىڭ داۋامىغا قۇلاق سالغايسىز.


بىزنىڭ «ئامېرىكا چۈشى»مىز ھەرگىزمۇ قانداقتۇر بىر غايىۋانە ئىنتىلىشلەر ئاساسىدا شەكىللەنمىگەن، بىزنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىنى ئەڭ ياخشى تاللاش دەپ قارىشىمىزدا بىز قايىل بولغۇدەك ياخشى سەۋەبلەر بار. ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇش دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكىدىن پەرقلىنىدىغانلىغى ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بىزگە خىلى تونۇشلۇق ئىدى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئامېرىكا ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى بىزنى قاتتىق ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان ۋە ئىلگىرى كاللىمىزدا ئويلىۋالغان بىر قىسىم قاراشلىرىمىزنى شىددەت بىلەن پاچاقلاپ تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىزنىڭ ئامېرىكا مائارىپنى تۆۋەن كۆرۈپ قالغانلىقىمىزدىن بولدى. ئۆزۈمنى ئىلىپ ئېيتسام، ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇشۇمنى باشلىغان تۇنجى يىلى ئوقۇشنىڭ تەسلىكى ۋە تۇرمۇش ئىلىپ كەلگەن روھىي بېسىم مەن كۈتكەندىن كۆپ يۇقىرى بولغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا بارلىق ئىشلاردا مەن ئارزۇ قىلغان بۇ ئوقۇش كۈتكىنىمدىن نەچچە ھەسسە بەكرەك كىشىنى رازى قىلىدىغان بولۇپ چىقتى.
ئويلاپ بېقىڭ:

ئامېرىكىدىن باشقا يەنە قايسى دۆلەتتە 4 يىللىق تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپ بولسىڭىز بىۋاستە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا كىرگىلى بولىدۇ؟

قايسى دۆلەتتە بىر تەبئىي پەن فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى چەتئەللىك كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمان بولۇپ ئوقۇيدۇ؟

قايسىبىر دۆلەتتە سىز ئامېرىكىدىكىدەك چەتئەللىك بولغانلىقىڭىز ياكى دىننىي ئېتىقادىڭىز، مىللىي كىملىكىڭىز تەرىپىدىن ئاشكارا (ياكى يوشۇرۇن) كەمسىتىلىشكە ئۇچرىماي بارچە ئىنسانىي ھوقۇقلىرىڭىز مۇتلەق كاپالەتكە ئىگە بولغان ئاساستا ئوقۇيالايسىز؟

يەنە قانچىلىك كۆپ دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت كۈتۈپخانىلىرىدا جۈمە نامىزى ئوقۇلىدۇ؟! تۈركىيەدىمۇ؟ ياۋروپادىمۇ؟ ياپونىيەدىمۇ؟

يەنە قايسى دۆلەتتىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش جەريانىدا ئىقتىسادتىن غەم قىلماي، ئىشلەيمەن دەپ يۈرمەي پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇش ۋە تەتقىقاتلىرىغا كىرىشەلەيدۇ؟

يەنە قانچىلىك دۆلەتتە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مېنى ئىسمىم پاسپورتىمغا خاتا يېزىلىپ قالغان، دوكتۇرلۇق دىپلومىغا مەن ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئىسمىمنى يېزىپ بەرمىسەڭ مېنى كەمسىتكەن بولىسەن دەپ (ئۇششۇقلۇق قىلىپ) كىنىشكا-ھۆججەتتە دېيىلگىنى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزى خالىغىنى بويىچە ئىسمىنى يازغۇزالايدۇ؟

قايسى دۆلەتلەردە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋېتىپ سىز بۇرۇن كەم قالغان ياكى ياخشى ئۆگىنەلمىگەن دەرسلىرىڭىزنى ناھايىتى چوڭقۇرلاپ ئوقۇش ۋە ئۆزى قىزىققان ساھەدە ئۆزىڭىزنى تولۇقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز؟

قايسى دۆلەتتە سىز ئوقۇش جەريانىدا پەرزەنتلىك بولسىڭىز بالىڭىز تۇغۇلغان دۆلەت پەزرەنتىڭىزنى ئۆز قوينىغا ئىلىپ ئۆز پۇقراسى دەپ بىلىپ قوغدايدۇ ۋە ئاسرايدۇ؟

قايسى دۆلەتلەردە بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ يۈزىنى قىزارتىدىغان چاقچاق قىلغان ئەر خىزمەتدىشى ياكى ساۋاقدىشى مەكتەپتىن قوغلىنىپ شۇ قىز ئوقۇغۇچى ئوقۇشىنى ھېچبىر تەھدىت ياكى خالىمىغان ئاۋارىچىلىقتىن خالىي ھالدا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ؟

قايسى دۆلەتلەردە يەرلىك خەلقلەر سىزگە بىرەر قېتىم «چەتئەللىك» ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىندۈرمەي مۇئامىلىدە بولۇپ سىزگە باشقا يەرلىك دوستلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولىدۇ؟  

قايسىبىر تەرەققىي تاپقان دۆلەتتە ئۇيغۇردىن تەبئىي پەندە پىرافىسور، ئالىي ئىنژىنىر ۋە دۇنياۋى داڭلىق ئۇنىۋېرستىتلاردا ئىشلەيدىغان تەتقىقاتچىلار چىقىپ باقتى؟

دەپ كەلسەم بۇ تىزىملىككە يەنە نەچچە ئون قۇرلار ياكى بەتلەرنى قوشۇۋىتىشىم مۇمكىن. يۇقىرىدىكى سوئاللىرىمغا ئامېرىكىدىن بۆلەك ھەر قانداق دۆلەتنى كۆرسىتەلمەيسىز! بەلكىم بۇ سوئاللارنىڭ بىر ياكى بىر قانچىسىگە يەنە بىر دۆلەتنى مىسال قىلسىڭىزمۇ ھەرگىز ھەممىسىگە ئەمەس. يەنە نۇرغۇنلىغان ئىشلاردا تەرەققىي تاپقان ئەللەر ئىچىدە ئامېرىكا يىگانە ھالدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە دۆلەت بولۇپ تۇرماقتا. ئاددىيسى، نېمە ئۈچۈن تور دۇنياسىدىكىلەر ئوبدان بىلىدىغان روسىيە، ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان ئەڭ سەرخىللىرىمىز ۋە داڭلىقلىرىمىز ئامېرىكىغا كىلىپ يىغىلىپ قالدى؟ سىزنىڭچە ئۇ كىشىلەر ئەخمەقلەرچە ئامېرىكىغا كىلىپ قالغانمۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! مېنىڭچە ئامېرىكا دۇنيادا بىلىملىكلەر ئۈچۈن يىگانە ھالدا ئەڭ ئادىل رىقابەت، تەرەققىيات ۋە مۇۋاپىقىيەت قازىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلەيدىغان بىر جەمئىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئامېرىكىنى تاللىغان. نۆۋىتى كەلگەندە «ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر» نامىدىكى بۇ خاتىرەمنىڭ كىيىنكى قىسىملىرىدا يۇقىرىدا دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىگە ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسىتىمەن. ھازىر دېمەكچى بولغىنىم بىز ئۈچ دوستنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇش ئۈچۈن شۇنچە يۇقىرى قىزغىنلىقتا بولۇشىمىز ۋە رىيازەتلىرىنى چېكىشىمىز ھەرگىزمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، ئەكسىچە ئەسلى شۇنداق قىلىشنى تاللىمايدىغان سىتۇدېنتلىرىمىزدىن ھەيران قىلىشقا تىگىشلىك! گەرچە شىئەندىكى سەپىرىمىز ۋە ئەمدى بايان قىلماقچى بولغان ھېكايىلىرىمدە ئوقۇرمەنلەرگە ئاشكارا بولىدىغان  مەزمۇنلار بەلكىم بىزنىڭ ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ساراڭلارچە قىزغىنلىق بىلەن كىرىشىپ نۇرغۇن جاپالارنى تارتقاندەك تەسىر بېرىشى مۇمكىن. ئەمما ئىش ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس چۈنكى ئىنسان ئۆز ئارزۇسى، غايىسى ئۈچۈن قانچىلىك قىيىنچىلىقلارغا، بېسىملارغا دۇچ كەلسىمۇ، شۇ ئارزۇغا يېتىش يولىدىكى قۇربانلىق بېرىشلەر ھەرگىزمۇ جاپالىق بىلىنمەيدۇ، بەلكى ناھايىتى ھوزۇرلۇق بىلىنىدۇ. ھېچبولمىغاندا مەقسەتكە يېتىپ بىر ئەرزىيدىغان ئىش ئۈچۈن شۇ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىڭىزنى ئويلىغىنىڭىزدا تېخىمۇ شۇنداق.

شۇنداق قىلىپ ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئاسپىرانتلىق پروگراممىلىرىغا ئىلتىماس قىلىشنى تاللىغانلىقىمىز شىئەندىكى كۈنلەردە ئەمەلىي بىر ئىش بىلەن رەسمىي مۇقىملاشقان بولدى. بىز GRE ئىمتىھاننىڭ كومپىيۇتىدا ئېلىنىدىغان يېزىقچىلىق ئىمتىھانىنى بەرگەن ۋاقتىمىزدا نەق مەيداندا ئاسپىرانتلىققا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان چەتئەلدىكى مەكتەپلەر ۋە فاكۇلتىتلارنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈشىمىز تەلەپ قىلىنىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ ئالدىراش ئۆگىنىش داۋامىدا بىز يەنە ۋاقىت چىقىرىپ كەلگۈسىدە ئىلتىماس قىلماقچى بولغان مەكتەپتىن ئاز دېگەندە تۆتنى شۇ ۋاقىتتىلا بېكىتىشىمىزگە توغرا كەلدى. دەپ كەلسەم بۇ ئىش داۋامىدىكى ئىككىلىنىشلىرىمىز، ئىزدىنىشلىرىمىز ئاز ئەمەس، ئەمما چوقۇم دېمىسەم بولمايدىغىنى ئۈچەيلەننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پوزىتسىيىسى. ئۇتۇق بۇرۇنلا ئامېرىكىدا ئوقۇشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان بولغاچقا ئۇ نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ تور بېتىگە كېرىپ مەكتەپلەرنى چۈشىنىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى مەكتەپكە قوبۇل قىلىش شەرتلىرى ۋە خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار (شۇ مەكتەپ ئورۇنلاشقان دۆلەتتىن باشقا دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، يەنى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار) غا قويۇلىدىغان تەلەپلەرنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ ئۆزى ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان مەكتەپلەر تىزىملىكىنى ناھايىتى تۈجۈپىلەپ تۈزۈپ چىققان ئىكەن. ئۇ ئۆزى كىرەلمەسلىكىم مۇمكىن، ئەمما بىر سىناپ باقمىسام ئارماندا قالىمەن دەيدىغان ئەڭ نوچى مەكتەپلەردىن 5-4 نى،  قوبۇل قىلىنىش ئېھتىمالىم بىر قەدەر يۇقىرى دەپ قارىغان ياخشى مەكتەپلەردىن 5-10نى ۋە ئۈستىدىكى تىزىملىكتىكى مەكتەپلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا كىرەلمەي قالسام دەپ «زاپاس پىلان» غا يەنە 4-5 مەكتەپنى تىزىملاپ بىر ھۆججەت تۈزۈپتۇ. بۇ ھۆججەتكە شۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى توشىدىغان ئاخىرقى كۈن، مەكتەپنىڭ شۇ دۆلەتتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار قاتارىدىكى دەرىجىسى، مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرستىكى ئوقۇش نەتىجىسىگە بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلىپى، TOEFL ئىمتىھانى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ۋە GRE ئىمتىھانىدىكى قوبۇل قىلىنغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى (چۈنكى بۇ ئىمتىھانغا كۆپىنچە مەكتەپلەر تۆۋەن چەك قويمايدۇ) قاتارلىقلارنى رەتلىك تېزىپ چىقىپتۇ. گەرچە مەنمۇ بىر مەخسۇس چەتئەلگە ئىلتىماس قىلىشقا دائىر مۇھىم ئۇچۇرلارنى تىزىملاپ ماڭدىدىغان يېنىمدىن ھەر ۋاقىت ئايرىمايدىغان يانچۇق خاتىرەمگە مۇشۇنداقراق ئۇچۇرلارنى تىزىملاپ ماڭغان بولساممۇ، ئۇتۇقنىڭكىدەك تەپسىلى، رەتلىك بىر جەدۋەل تۈزۈپ ماڭمىغاچقا، ئۇتۇقنىڭ شۇنچىلىك ئىنچىكە ۋە ئىدىتلىق ئىش قىلىشىغا قاراپ ھەيران قالغان ئىدىم. ئەمدى گەپنىڭ قىززىقى ئابلەتكە مەركەزلىشىدۇ. بىلگىنىڭلاردەك بۇ كۈنلەردە ئابلەت چەتئەلدە ئوقۇشنى ئويلاشقىنىغا تېخى ئەمدى بىرەر ئاي بولغان ۋاقىتلار، شۇڭىمۇ ئابلەتنىڭ پوزىتسىيىسى ئاجايىپ ئۆزگىچە بولدى.

شىئەندىكى ئىمتىھانغا ئاز قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى «دەڭ» دە ئابلەت ئۆزى تاللىماقچى بولغان مەكتەپلەرنى مېنىڭ مەسلىھەتىمگە سېلىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئاجايىپ قاراشلىرىنى ھە دەپ ئاڭلاۋاتىمەن، ئەمدى يېڭى قەدەم باشلىغانلىغىنى چۈشەنگەچ ئەسلى ئۇنىڭ قىزغىنلىق روھىغا سوغۇق سۇ سېپىپ قويماي دېگەن، لىكىن ئاخىرى بولمىدى.

-تۇرسۇنجان، مەن تۆت مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنى تاللاپ بولدۇم، قالغان بىرسىنى سەن بىر تەۋسىيە قىلىۋەتمەمسەن؟ دەپ گەپ باشلىغان ئىدى ئابلەت.

-قايسىلىرىنى تاللىدىڭ؟

-ھازىرچە MIT (ماسسا چۇسېتىس تېخنىكا ئىنىستىتۇتى)، UCSF (كالىغورنىيە ئۇنىۋېرستېتى-سان فىرانسېسكو )، Yale (يەيىل ئۇنىۋېرستېتى) ئۈچىنى تاللىدىم (بۇ مەكتەپلەر دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر مەكتەپلەردىن بولۇپ، ئامېرىكىدا تەتقىقات سەۋىيىسى ھاياتلىق پەنلىرىگە ئائىت ئاسپىرانتىلىق كەسپىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە 1-5 ئورۇندا تۇرىدۇ). خارۋاردنى تازا ياقتۇرمىدۇم.

ما قاراملىقنى كۆرۈڭ! مەن ئۇ ۋاقىتلاردا ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرى ئىچىدىكى ئالدىغا تىزىلغان ئەڭ داڭلىق 150 ئۇنىۋېرستېتنىڭ ئەھۋالى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى بىر قاتار تەكشۈرۈپ بولغان بولغاچقا، ئابلەتنىڭ بۇ تىزىملىكىدىن چۆچۈپ كەتتىم. گەرچە ئامېرىكا تولۇق كۇرس مائارىپىدا مەكتەپلەر ئارىسىدا خىلى زور پەرقلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئاسىپىرانتلىققا كەلگەندە ئىش ئوخشىمايتتى چۈنكى خارۋاردتىكى پىرافىسورلار ئىچىدىمۇ تەتقىقات سەۋىيىسى ئامېرىكىدىكى ئادەتتىكى سانالغان مەكتەپلەردىكى پىرافىسورلارغا يەتمەيدىغان ئاز بىر قىسىملار بار بولغان بولسا، 200-ئورۇنغا تىزىلغان مەلۇم مەكتەپتە دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى تەتقىقات سەۋىيىسىگە ئىگە پىرافىسورلارنىڭ بولۇشىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرمايتتى. شۇنداق بولغاچقا، ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلارغا نېسبەتەن ئەڭ مۇھىمى مەكتەپنىڭ نام-شۆھرىتى ئەمەس، بەلكى قايسى پىرافىسوردا ئوقۇش ۋە مەكتەپنىڭ شۇ كەسىپتىكى تەتىقىقات سەۋىيسىگە قاراش ئەڭ ئاقىلانىلىك ئىدى. شۇنداقتىمۇ، نامى چىققان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى بەكلا يۇقىرى بولغاچقا، ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئارىسىدىكى رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولاتتى. شۇنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن ئابلەتنىڭ دېگەنلىرى رىئاللىقتىن تولىمۇ يىراق بىلىنسىمۇ ئۇنىڭ بۇ خىل ئۆزىگە بولغان ھەددىدىن زىيادە ئىشەنچى ۋە يۇقىرىغا ئىنتىلىش روھىغا قارشى چىققۇم كەلمىدى. داۋاملىق ئۇنى گەپكە سالدىم:

-ھەممىسى بەكلا كاتتا مەكتەپلەركەن، خارۋارد يارىماپتۇ، دە؟

-قويە خارۋادنى ئاغىنە. تور بېتىنىمۇ ياقتۇرمىدىم، ئۇچۇرلارنى تېپىشمۇ تەسكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلتىماس ھەققىنىڭ قىممەتلىكى، تېخى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئوبدان ئويلىشىپ ئىلتىماس سۇنۇش توغرىىسدا شۇنداق ئاقسا گەپلەرنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. MIT دەك بولسا بولمامدۇ، دەيمەن؟ مېنىڭ بىرىنچى ئارزۇيۇم MIT غا كىرىش.

-ھە مۇنداق دە. ئەمىسە يەنە بىرىگە ئۇنچىۋالا ئالدىدىكى مەكتەپلەرنى تىزىۋالمىساڭ ياخشىمىكىن.

-ئوقۇغاندىكىن داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇمامدۇ دەيمەن. قېنى دېگىنە، پەچەت مەكتەپلەردىن يەنە قايسىسى بار؟

-سەنچە كورنېل ( Cornell University) بولامدۇ؟ بەكلا ياخشى مەكتەپ، كۆپىنچە كەسىپلىرى ئالدىنقى 10-نىڭ ئىچىدە، دېدىم مەن-نىيۇيورك شىتاتىدىكى گۈزەل شەھەر ئىتاكاغا جايلاشقان بۇ قەدىمىي داڭلىق ئۇنىۋېرستېتنى تەۋسىيە قىلىپ.

-توختاپ تۇر، ھە- دېدى ئۇ، ساقلىۋالغان مەكتەپ ئۇچۇرلىرىنى ئاختۇرغاچ- بۇ مەكتەپ ئاران 15-گە تىزىلپتۇغۇ... تۈزۈكرەك مەكتەپلەرنى دېمەمسە؟

ئوھ، ما گەپنىڭ كۆرۈڭ. ئۆزۈمنى راست گەپنى دەپ تاشلاشتىن ئاران-ئاران تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا دېدىم:

-ئەمىسە، دىيۇك (Duke University) بولامدۇ؟

-ياقەي، بۇ مەكتەپمۇ ئوننىڭ ئىچىگە ئاران كىرىدىكەن. يەنىلا پىرېنسىتون (Princeton University) نى تاللايمىكىن!

ئەمدى قەتئىي تاقەت قىلالمىدىم. ئۇ تاللىسىغۇ مەيلى ئىختىيارى. ئەمما مەن بىلىپ تۇرۇپ، دوستۇمنىڭ كىيىن بىر مۇنچە ئوشۇق پۇل خەجلەپ كېتىشىگە قاراپ تۇرالمايتتىم ھەم ئۇنىڭ بۇ خىل ھېچنېمىدىن خەۋەر يوق غالىپلارچە ئىلتىماس قىلىش پوزىتسىيىسى ھامان ئۇنىڭغا بىر مۇنچە ئۈمىدسىزلىكلەرنى ئىلىپ كىلەتتى. ئىمتىھان ۋاقتىدا تاللايدىغان بۇ تۆت مەكتەپكە ئىمتىھان نەتىجىلىرى چىقسىلا ئاپتوماتىك ھالدا ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىلەتتى. ئەمما ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلغان ۋاقتىڭىزدا بىر ھەر بىر قېتىملىق نەتىجە ئۈچۈن ETS (ئامېرىكا ئىمتىھان مۇلازىمىتى مەركىزى) بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەر بىر مەكتەپكە نەتىجىنى ئەۋەتكۈزۈش ئۈچۈن $50 تۆلەشكە توغرا كېلەتتى. بۇنداق داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس سۇنۇش ھەققى $100 ئەتراپىدا بولۇپ، ئىمكانقەدەر ئىقتىسادچىل بولۇشىمىزغا توغرا كىلەتتى. شۇڭىمۇ، ئەمدى راست گەپنى قىلىۋەتتىم:

-سەن بۇ مەكتەپلەرگىلا ئىلتىماس قىلساڭ كىيىن ئۈمىدسىزلىنىپ قىلىشىڭ مۇمكىن. ئەڭ ياخشى ئەمەلىيەتچان بولغىن. سەن تاللىغان مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن باشقا شەرتلەرنى قويۇپ تۇرايلى، ئاددىيسى مۇشۇ بىز بەرمەكچى بولغان GRE دا 1400 دىن يۇقىرى نومۇر ئېلىشىڭغا توغرا كېلىدۇ (تولۇق نومۇر 1600 ئىدى). ھازىرقى تەييارلىقىمىز بىلەن بىز بۇنداق نومۇر ئالالمايمىز.

-نېمە دەيدىغانسەن؟ مۇشۇ يولداشلار جىنىدا ئالىدىكەنۇ، بىز نېمە دەپ ئالالمايمىز؟!! مەن 1500 نومۇر ئىلىۋىتىشىم مۇمكىن.

-ئاپلا، سەن تېخى بىرەر يۈرۈش ئىمتىھان سوئالىنىمۇ تولۇق ئىشلەپ باقمىغان ئوخشىمامسەن، نېمە؟ ئۇنداق بولسا ئىككىمىز تىكىشەيلى: ئەگەر سەن 1400 ياكى ئۇنىڭدىن بىر نومۇر يۇقىرى ئالالىساڭ، مەن سېنى بىر كۈن ئۆزۈڭ خالىغان يەردە مېھمان قىلىپ، خالىغان جايدا ئوينىتاي. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىساڭ سەن شۇنداق قىلغىن. قانداق؟

-ئەكە، قولۇڭنى. تىكىشتۇق!

ئاجايىپ چاغلار ئىدى، دە... كىين ئامېرىكىدا كۆرۈشكىنىمىزدە ئابلەتكە مەنىلىك قىلىپ «ئاداش يەنە تىكىشەمدۇق؟» دەپ قويسام، ئۇ كۈلۈپ كېتىپ «ياق، بولدى. تىكىشمەيلى» دېگەن ئىدى. بۇ يەردە قانداقتۇر يىقىن دوستۇم ئابلەتكە سەلىبىي باھا بەرمەكچى ئەمەسمەن، بەلكى بىزنىڭ ئىلتىماس قىلىش جەريانىمىزدىكى بۇ رىئال ئىشلار ئارقىلىق كۆپ قىسىم ئامېرىكىدا ئوقۇشقا قىزىقىدىغان ياشلاردا ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدىغان بىر ئۆتكۈنچى پىسخىك ھالەتنى يورۇتۇپ بىرىشنىلا ئويلىدىم. ھازىرغىچىمۇ نۇرغۇن ياش سىتۇدېتنلىرىمىز ماڭا ۋە دوستلىرىمغا خەت يېزىپ ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلاردىن خارۋاردتا، يەيىلدا ۋە ياكى كولومبىيەدە ئوقۇغۇسى بارلىقىنى ئېيتىشىدۇ، لېكىن قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ تولۇق كۇرس نەتىجىلىرى 80دىنمۇ ئاشمىغان. باشقا ئىمتىھان نەتىجىلىرىمۇ ئادەتتىكىچە بولغاننىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق تەتقىقات تەجىرىبىسىمۇ يوق دېيەرلىك. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ ئارزۇلارنى پەقەت شىرىن خىيال دېمەكتىن باشقا ئامال يوق.

نېمىلا بولمىسۇن، بىز ھەممىمىز پەقەت ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىنى ئىلتىماس قىلىش نىشانى قىلىپ بېكىتكەن ئىدۇق. شۇنداق قىلىپ 9-ئاينىڭ بېشىدا شىئەندىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىز ناھايىتى جىددى ھالدا شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا بەرمەكچى بولغان GRE نىڭ قەغەزچە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشقا چۈشۈپ كەتتىم. بۇ ۋاقىت مېنىڭ ماگىسترلىق ئوقۇشۇمنىڭ 3-يىلى بولۇپ قالغاچقا بىر تەرەپتىن تەجىرىبە ئىشلىشىمگە توغرا كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن يىتەكچىم ئىلمىي ماقالەمنى يېزىشنى باشلىمىغانلىقىمنى ئەيىپلەپ كۈندە سۈيلەپ تۇراتتى. مېنىڭ يازغۇم يوق ئەمەس، مەسىلە نېمىنى يازىمەن؟ گەپنى يىپىپلا دېسەم، شۇ ۋاقىتلاردا بىز تەتقىقات دەپ ئاتىۋالغان «ئەڭ ئەرزان تەجرىبە دورىلىرى بىلەن ئەڭ ياخشى نەتىجە چىقىرىمىز» شوئارى ئاستىدىكى دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە بىر ئايدا تاماملاپ بولغىلى بولىدىغان تەجىرىبىنى ناچار دورا، ناچار تېخنىكىلار بىلەن بىر يىل ھەپىلىشىپمۇ چىققان نەتىجىگە ئادەم ئۆزىنىمۇ ئىشەندۈرەلمىگۈدەك شۇ نەتىجىلەرنى ئوقۇش پۈتتۈرەلمەيمەن دېمىسە كىشىنىڭ ماقالە قىلىپ يازغۇسىمۇ كەلمەيتتى. ياخشى يېرى 9-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا يىتەكچىم بىر ئايغا يىقىن دالا تەكشۈرۈشكە چىقىپ كەتتى. تەلىيىمگە ئۇ ۋاقىتلاردا مەن تەجىرىبخانىنىڭ چوڭى بولۇپ قالغاچقا يىتەكچىم ئىشخانىسىنىڭ ئاچقۇچىنى بىرەر ئىش بولۇپ قىلىپ كىرىشكە توغرا كەپ قالسا دەپ ماڭا تۇتقۇزۇپ ماڭغان ئىدى. ئەلۋەتتە،  مەسئۇلىيەتچان بولغانلىقىم ئۈچۈن يىتەكچىم قاقشاپ قويغان بىلەن يەنىلا ماڭا ئىشىنەتتى ۋە ۋەزىپىلەرنى دائىىم ئىشەنچلىك ھالدا ماڭا تاپشۇراتتى. تەتقىقاتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلار تۈپەيلى بۇ يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇمدىن دېگەندەك رازى بولمىغىنىم بىلەن ئۇنىڭ قىلىۋاتقان تەتقىقات ساھەسى مەن ئۈچۈن يەنىلا ناھايىتى قىزىقارلىق بىلىنەتتى ۋە ئۇنىڭ مېنى دەسلەپ تەتقىقاتقا قىزىقتۇرۇپ باشلاپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ھۆرمەتلەيتتىم. شۇنداق قىلىپ مەن ھەر كۈنى سەھەر 6:00 لەردە ناشتىلىقىمنى، كىتاب ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى شۇ ئىشخانىغا ئەكىرىۋىلپ ئاچقۇچنى دوستۇمغا تۇتقۇزاتتىم. چۈشلۈك تامىقىمنى ئەكىرىپ بېرىشىنى، ئارىلىقتا سىرتقا چىقىش زۆرۈر بولۇپ قالسا ئۇچۇر قىلىدىغانلىقىمنى تاپىلاپ ئىشكنى تېشىدىن قۇلۇپلاتقۇزاتتىم. تېلېفۇنلار ئېتىك، مېنى ئاۋارە قىلىدىغانلاردىن ھېچكىم قەيەردىلىكىمنىمۇ بىلمەيتتى. شۇ كۈنلەردە ئۇ ئىشخانىدا يۈز بەرگەن بىر قىزىقارلىق ۋەقە ھازىرمۇ ئەينەن ئېسىمدە:
ماڭا كۈندە چۈشلۈك تاماق توشۇيدىغان دوستۇم بىر كۈنى مەن ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئىلىپ كىرىپ ئىشخانىدىكى چىرايلىق ئۈستەل ئۈستىدە داستىخاننى راسلاۋاتتى، بىرى «قارا!» دېگەندەك بولۇپ ئىتتىكلا قارىسام مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىدىكى ئىدىشتا ئۈچەككە كىرگەن كىچىك بالىنىڭ بىلىكىدەك توملۇقتىكى چار يىلان ئىشىكنىڭ تۈۋىدە بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ! نېمىشقىدۇر يىلان مەن ئۈچۈن ئەڭ سۈرلۈك ھايۋان ئىدى. تېنىم جۇغۇلداپ كەتتى، قانداق قىلىشنى بىلمىدىم، ئەمما چاندۇرماي دوستۇمنى دېرىزىنى ئېچىۋىتىشكە بۇيرۇپ (ئۇ قىز يىلاننى كۆرسە قورقۇپ ۋارقىراپ-چىرقىراپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ) دەرھال بىر ئامال ئويلاشنى قارار قىلدىم. ئەمما چىرايىمدا قان قالمىغىنىنى كۆرۈپ ئۇ نېمە بولدى دەپ سوراۋىتىپ يىلاننى كۆرۈپ قالدى، ۋە ئويلىغىنمدەك ۋاقىراپ كەينىمگە ئۆتۈۋالدى. ھەرگىز قورقماڭ دەيمەن-يۇ، ئىچىمدە ئۆزۈم بىلىمەن. يىلان بىزگە بىر ھازا قارىۋىتىپ بىر قانىتى ئوچۇق ئىشىكتىن تېشىغا ماڭدى. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇ يىلاننى چارقىلىقلىق بىئولوگىيە فاكۇلتېتدىكى بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپ ئالدىدا كۆرۈپ قىلىپ تۇتۇۋىلىپ يىتەكچىمگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىكەن. ئاندىن ئۇ ئىشخانىسىدىكى بىر قارا راڭلىك پىلاستىك ئىدىشقا يىلاننى ۋاقتىنچە سولاپ قويغان ئىدى. چاتاق يېرى بۇ يىلان بۇ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىچىدە غايىپ بولسا ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئەھۋال كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىدى. ئالاقىزادىلىك ئىچىدە يىلانغا ئەگەشتىم، يىلان كارىدوردىن چىقىپ ئۇدۇلدىكى پەلەمپەي تەرەپكى مېڭىۋىدى مەن دەرھال يان ئىشىكتىكى تەجىرىبخانىمىزدا بىرەرسىدىن ياردەم سوراي دەپ يۈگۈرۈپ كىرسەم، مەندىن بىر قارار تۆۋەن يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئىككى قىز ساۋاقدىشملا بار ئىكەن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىم. ئەمما ئىلى دەرياسى بويىدا چوڭ بولغان ساۋاقدىشىم گۈلمىرە ئۆزىنىڭ دائىم يىلان باقىدىغانلىقىنى ئېيتقاچ تەجىرىبخانىدىكى خالاتلاردىن بىر نەچچىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ ماڭا ئەگەشتى. مەن قورقۇپ تۇرساممۇ چاندۇرماي، خالاتنى ئالدىم، دەپ-جاغىلداپ تىترىگەن پىتى يىلانغا ئەگەشتىم. بىر مېتردىن سەللا ئۇزۇنراق بۇ توم چار يىلان پەلەمپەيدىن ماڭماي ناھايىتى ئاستا پەلەمپەينىڭ يىنىدىكى تازىلىق سايمانلىرىنى قويىدىغان كىچك ئۆينىڭ يىپىغلىق ئىشكىنىڭ يەر بىلەن ئارىلىقدىكى قارىماققا بارماقنى تىقسىمۇ پاتمىغۇدەك بوشلۇقتىن توم تېنىنى بىر خىل ياپىلاقلاشتۇرۇپلا ئاستا ئىچىگە شۇڭغۇپ ئىچىگگ كىرىپ كېـتىۋاتاتتى. بۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتسە، يا بىزدە ئاچقۇچى يوق، يىلاننىڭ يوقاپ كەتكىنى يوقىغان بولاتتى ۋە بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويۇشقا بولمايتتى.

-قولىڭىزدىكى خالاتنى ماڭا بېرىپ دەرھال يىلاننى قۇيرۇقىدىن تارتىپ چىقىرىڭ، مەن ئۇنى خالاتقا يۆگەپ ئىدىشقا سولىۋالاي، دەپ بۇيرۇق قىلدى-گۈلمىرە.
شۇ بىزدىكى ئوغۇلبالدارچىلىقنى، زە؟ بولمىسا باشقا ھېچبىر ھايۋاندىن قورقمايدىغان ئادەم قىزلارنىڭ ئالدىدا نەق مەن قورقىدىغان ھايۋان بىلەن سىنالدىم.  ئەگەر ئەركەكلىك غورۇرۇم ئىككى پۇل بولىدۇ دېمىسەم ھەرگىز يىلاننى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم. تاماشا كۆرگىلى تۇرغان بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىم قوشۇلۇپ بىر توپ ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئالدىدا ھەر قانچە بولسىمۇ قورقۇنچۇمنى ئاشكارىلىسام بولمايتتى. بولمىسا، بىر يىگىت تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى نەگە قويىمەن؟! شۇ ئەسنادا دەرھال يىلاننى قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ تارتىشقا باشلىدىم. يىلاننىڭ بەدىنى بارغانسېرى سىلىقلىشىپ قولۇمدىن سىيرىلىپ تۇرماي تېخىمۇ ئىچىگە كىرىپ كەتكلى تۇردى. بولمىدى، دەرھال چاپاننى سالدىم، چاپانغا يۆگەپ تۇتسام سېلىقلىقى سەل بىلىنمەي كۈچەپ تارتقىلى بولىدىكەن. كۈچىگەنسىېرى بۇ يىلانمۇ تازا ئالدىغا تارتقىلى تۇردى، قاتتىقراق بىرنى تارتىۋىدىم يىلاننىڭ بېشىلا ئىشىكنىڭ ئىچىدە قىلىپ قالغان قىسمىنى ئىشىكنىڭ ئاستىدىن چىقىرىۋالدىم. يىلاننىڭ بېشى چىقسا قانداق قىلسام بولار، دەپ سەل ئىككىلىنىپ تۇرسام، گۈلمىرە «تارتىپلا تاشلاڭ!» دەپ بۇيرۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن كۆزۈمنى يۇمۇپلا يىلاننىڭ قەيەرگە چۈشۈشىنى ۋە قانداق ئىنكاستا بولۇشىنى ئويلىشىپمۇ ئولتۇرماي كۈچەپ بىرنى تارتىپ يىلاننى ئادەم يوق تەرەپكە ئاتتىم! ئىچىمدىكى قورقۇنچتىن ھېچ ئەسەرمۇ قالمىدى…. خالاتنى ئالدىم، دە دۈگىلەك قىلىپ خىلى ۋەزنى بار بۇ چار يىلاننى ئىدىشقا تاشلىدىم، گۈلمىرە تەييار قىلىپ تۇرغان ئېغىزىنى مەھكەم ئەتتۇق.

-ھوي... يارايسىز!!! دېگەن ئالقىشلار بىلەن دەسلەپ ئۆڭۈپ كەتكەن چىرايمنى كۆرمىگەن بىر توپ قىز ساۋاقداشلىرىم باتۇرلىقىمغا قول قويماي تۇرالمىدى. گۈلمىرەمۇ مانا مۇشۇنچىلىك ئىش دېگەندەك ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. شۇ ۋاقىتتا ماڭا كۈندە تاماق توشۇغان، ھازىر بولسا قىزىم «ئانا!» دەپ چاقىرىدىغان قىزمۇ مەندىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ئىدى.

ئويلاپ كەتتىم، بۇ كىچىككىنە ئىش بولسىمۇ، ئەمما ماڭا نىسبەتەن خىلى باتۇرلۇق ھېسابلىناتتى. باتۇرلۇق دېگەنمۇ ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىدىن قورقماسلىقتىن ئەمەس قورقۇنچلۇق نەرسىلەرگە دادىل يۈزلىنىشتە ئىپادىلەنسە كېرەك. ئۆزۈمچە بۇ ئىش ماڭا بىر خىل سىمۋوللۇق مەنىسى باردەك بىلىنىپ ئالدىمدىكى قورقۇنچلۇق دەپ قارىغان ئىتمىھان ۋە نەتىجىسىنى بىلمەيدىغان ئامېرىكا مەكتەپ ئىلتىماسىغا بولغان تەشۋىشلىرىم شۇ مىنۇتتىن باشلاپ پۈتۈنلەي يوقىدى. شۇنداق قىلىپ بىر ئايغا يىقىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك تەكرار قىلىۋالدىم ۋە ئىشەنچ بىلەن GRE ئىمتىھانى كۈنىنى كۈتۈۋالدىم. ئىمتىھانمۇ ھەر ھالدا ئوڭۇشلۇق تۈگىدى، ئەمما قېرىشقاندەك، شىئەندە ئاشقازىنىمنى بۇزۋالغىنمىدىنمۇ ياكى يۇقىرى روھىي بېسىم ئىچىدە تۇرغىلى ئۇزۇن بولغىنىدىنمۇ تاڭ، بۇ ئىمتىھاننى بېرىپ بولۇپ دەل بىر ھەپتە ئۆتكەن شەنبە كۈنى جاننى ئاجايىپ قىينايدىغان سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بىلەن دوختۇرغا كىرىپ قالدىم. تۇنجى قېتىم ئوپراتسىيە قىلىنىشىم ۋە ئالدىنقى 10-15 يىلدىن بىرى تۇنجى قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ قىلىشىم بولغاچقا، ئانام قاتتىق ئەنسىرەپ قالدى، ئەمما مەن ياخشى ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ ئۇنى كەلگۈزمىدىم. ئوڭۇشلۇق ئوپراتسىيەدىن كىيىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىدىكى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ۋە كەم قالغان ئۇيقۇلىرىمنى تولۇقلايدىغان بىر ھەپتىلىك ئارامغا چۈشتۈم. بەزىدە سىز ئارام ئىلىشنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، بەدىنىڭىز سىزگە گەپ ئاڭلىتالمىسا مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەندۈرسە كېرەك. دوختۇرخانىدىن قېيمىغان ھالدا چىقتىم، يۇ-دەرھال ئىلتىماسقا كىرەكلىك خەت-چەكلەرنى پۈتتۈرۈپ شۇ ئاينىڭ ئاخرىدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئىشلەۋاتقان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتىغا تۇنجى دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئىلتىماسىمنى سۇندۇم.

تۇنجى ئىلتىماسىنى سۇنۇپ بولغۇچە شۇنچىلىك كۆپ گاڭگىراشلارنى بېسىپ ئۆتتۈم، بىلىشىمچە ئۇتۇق بىلەن ئابلەتمۇ شۇ. ئۇتۇق خاربىندا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى، ئابلەت شىئەندىن كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خاڭجۇغا كەتتى چۈنكى ئۇ 11-ئايدىكى TOEFL توفىل ئىمتىھانىنى شۇ يەردە بەرمەكچى ئىدى. مەن ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن ئىلتىماس سۇنۇشقا لازىم بولىدىغان بارلىق ماتېرىياللارنى تىزىپ بىر باشتىن پۈتكەنلىرىگە بەلگە قويۇپ ماڭدىم. (بۇ بۆلەكنى چەتئەلدە ئاسپىرانتلقتا ئوقۇشنى ياكى بالىلىرىنى كەلگۈسىدە ئوقۇتۇشنى ئويلاشقانلار ئۈچۈن پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ سەل تەپسىلىيرەك يازدىم)
1. تولۇق كۇرس ئوقۇش نەتىجىسى (Transcript, GPA)

ئوقۇشنى مەن جاپا تارتتىم ئوقۇدۇم، ئوقۇغاندىمۇ ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق مەكتەپكە نەتىجەمنى ئەۋەتسەم كۆرسە خىلى تەسىرلەنگۈدەك ئوقۇغان، ئەمما شۇ نەتىجىنى مەكتەپتىن ئىلىۋىلىشمۇ ئاسانغا توختىمىدى. دەسلەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسەم گىپىمنى ئاڭلايدىغانغا ھېچكىم يوق. مېنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپمۇ خۇددى مېنى تاماشا كۆرگىلى تۇرغان ئوخشايدۇ دەپ قالغاندىكى ئىشخانىدا ئىشلەۋاتقان يولداشلارنىڭ بىرەرسىمۇ قاراپ قويايمۇ دېمەيتتى. بىر ياش ئۇيغۇر مۇئەللىمدىن سورىسام ياندىكى ئىشخانىغا كىر، دەپ كۆرسىتىپ قويدى. بۇ يەردىكىلەر بەلكىم مېنى بۇت ئوخشايدۇ دەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تۆتەيلەننىڭ ئىچىدىن بىرەرسىدىنمۇ سادا چىقمىدى. ئۇلار بىر-بىرىگە گەپ قىلىشىپ قوياتتى، تېلېفوننى قۇلاققا قىستۇرىۋىلىپ ئاللىقانداق بىركىملەر بىلەن كەچتە قەيەردە تاماق يىيىشنى دېيىشسە دېيىشەتتىكى مەندەك ھېلىھەم شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان بىرسىگە ئۇلار قاراشقىمۇ چولىسى يوق ئىدى. ئۇلار ھەرگىزمۇ مەندەك ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا شۇ ئىشخانىلىرىدا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالماي ئىشلىيەلەيدىغانلىقىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمەيتتى… بۇنداق ئىشلارنى پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا كۆپ كۆرۈپ كۆنۈپ كەتكەن بولغاچ تەلەتى قالغانلىردەك ئۇنچىۋالا سۆرۈن كۆرۈنمەيدىغان بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مەن بۇ يەرگە ئىش بېجىرگىلى كەلدىم، دېدىم. بۇ ئايال باشنىمۇ كۆتۈرمەستىن نېمە ئىشىڭ بار دېگەن گەپنى ناھايىتى ھورۇنلۇق، لايغەزەللىك بىلەن سورىدى ۋە ئاۋۋال كۈتۈپخانىغا بىرىپ نەتىجە ئارخىپىمنى تىپىپ كىلىشىمنى، بۇنىڭ ئۈچۈن 10 كوي تۆلەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ يولغا سالدى. كۇتۇپخانىدا ياخشىمۇ خىلى پوزىتسىيىسى ياخشى بىر ياشانغان خادىمنىڭ ياردىمى بىلەن نەتىجەمنى تىزلا تاپتىم ۋە نۇسخىلىۋىلىپ تامغا ئۇرغۇزغاندىن كىيىن پۇلنى تاپشۇرۇپ قايتا ھېلىقى ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىكى تەلەتى سۆرۈنلەرنىڭ يېنىغا كىردىم. ئۇلار مېنىڭ بۇنچە تىز بۇ نەتىجىنى ئىلىپ كەلگىنىمنى كۆرۈپ ئاۋۋال ئېنگلىزچە تەرجىمە قىلىپ جەدۋەل ياساپ كەلسەم ئەسلىدىكى نەتىجە بىلەن سېلىشتۇرۇپ خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە نۇسخىلىرىغا تامغا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. بىر ئۇنىۋېرسىتېت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قولىغا بىرلىككە كەلگەن نەتىجە دوكلاتىنى تۇتقۇزۇش دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئەقەللىي ئىشقا ئايلانغان بىلەن يۇرتىمىزدىكى ئۇنىۋېرستېتلاردا بۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغاندەك مەندەك لازىم قىلىدىغانلار سورىسا ھەيران بولۇشاتتى ۋە خوشياقمىغاچ بۈگۈن كەل، ئەتە كەل دەپ ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇپ كىشىنى ئاۋارە قىلاتتى. شۇندىن كىيىن ئاز دېگەندە 7 قېتىم بارغاندىمەن، كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئاۋۋال بىر ئۇزۇن ساقلايمەن، ئاندىن ئاران ئىچىگە كىرىش نۆۋىتى كەلگەندە تامغا مەندە ئەمەستى، كىيىن كەل دەپ يولغا سېلىشىپ بىر مۇنچە ۋاقتىمنى زايە قىلىشتى. ئۆزىنى قالتىس باشلىق چاغلايدىغان بۇ بىر توپ پوق قورساقلارغا ئادەمنىڭ غەزىپى كەلمىسە كېلەتتى... ئاخىرى تامغىنى تۇتىدىغان قېرى «مىكىجىن» بىلەن ئاران كۆرۈشكىنىمدە بولسا چۈشتىن كىين سائەت 3:30 بولغاندا مەن ھازىر ئىشتىن چۈشتۈم دەپ، دوستىغا تېلېغۇن قىلغانچە چاچ ياسىتىشقا بارىدىغانلىقىنى دېيىشىپ ئاچچىقىمدا قېتىپ تۇرۇپ قالغان مېنى ئۈسۈۋەتكۈدەك بولۇپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. بۇنداق دېسەم، ئۇنىۋېرستېتتا ئىشلەيدىغان «باشقۇرغۇچىلار» غا ھەجەپمۇ قوپاللىق قىلىپ كەتتى دەپ قالماڭلار، بۇلارنىڭ ماڭا قىلغان قوپاللىقلىرى ئالدىدا بۇنچىلىك دېيىشىم ھېچقانچىلىك ئەمەس. بۇلار پىرافىسورمۇ؟ ياق. بۇلار ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغۇدەك بىلىملىكلەردىنمۇ؟ ياق. بۇلار ھېچبولمىسا ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانىي ھۆرمەتكە لايىقمۇ؟ ياق! چۈنكى ماڭا ئىنسانىي ھۆرمەت كۆرسەتمىگەن كىشى مەيلى كىم بولسۇن، قانچىلىك چوڭ ئەمەلدار بولسۇن مېنىڭ ھۆرمىتىمگە لايىق ئەمەس. جۇڭگوچىلىقتىكى كىچىككىنە ئەمەلگە ئىگە بولۇۋالغانلارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنچىلىك قالتىس چاغلاپ باشقىلارغا قوپاللىق قىلىشى، كۆزگە ئىلماسلىقى ۋە ناچار مۇئامىلىلىرىنى ئامېرىكىغا سېلىشتۇرسام بۇ يەردە ھايۋانغىمۇ ئۇ قەدەرناچار مۇئامىلىدە بولىدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى. باشقىنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، ئۇنىۋېرستېتلاردا ئوقۇغۇچىلار ۋە پىرافىسورلارنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ياللانغان ئاتالمىش «باشلىق»لارنىڭ قىلمىشلىرى قەتئىي كاللامدىن ئۆتمەيتتى. غەزەپلەنگەنسېرى بۇنداق بىيۇكراتلىققا تولغان، ئىنساننى بىر جانسىز تۈۋرۈكتەكمۇ كۆرمەيدىغان بۇنداق مەخلۇقلار بىلەن تولغان مۇھىتتىن تېزراق قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا چىقىپ كىتىش خىيالىم بارغانسېرى كۈچىيەتتى. نەچچە رەت ئاچچىق يۇتۇپ، ئاخىرى ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا كىلىپ مانا ئەمىسە دەپ 10 نۇسخا ئېنگىلىزچە-خەنزۇچە نەتىجىگە تامغا ئۇرغۇزغىلى تەييارلاپ كەلدىم. بۇ قېرى مىكىجىندا ئېنگىلىزچىنى كۆرۈپ چۈشىنەلىگۈدەك سەۋىيە نەدە دەيسىلەر، ھېلىقى ياش ئۇيغۇر مۇئەللىمنى چاقىرتىپ توغرىمۇ، نەتىجىلەر ئەسلىدىكى بىلەن ئوخشاشمۇ دېگەنلەرنى بىرمۇ-بىر تەپسىلىي سېلىشتۇرغۇزدى ۋە چاتاق يوقلىقىنى ئاڭلاپ ئاخىرى ھېلىقى ئالتۇن ساندۇقتا ساقلايدىغان تامغا ناملىق «گۆھەر»نى چىقاردى. 20 پارچە تامغىنى ئۇرۇپ بولغۇچە نېمانچە كۆپ، سەن شۇنچە كۆپ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىپ نېمە قىلىسەن دەپ كوتۇلدىغاچ مەنسىتمىگەن ھالدا سەن بەرىبىر بىزنى ئاۋارە قىلغانغا چۇشلۇق چەتئەلگە چىقالمايسەن، ئەڭ ياخشىسى بولدى قىلساڭ بولمامدۇ دەپ نەسىھەت قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. نەگىلا بارسام ساڭا چەتئەلدە نېمە بار، بەرىبىر چىقالمايسەن، پاسپورت بىجىرسەڭمۇ بىكار، شۇڭا بىجىرمە دېگەندەك گەپلەرنى تولا ئاڭلاپمۇ ئاخىرى پاسپورتنىمۇ ئالتە ئاي يول مېڭىپ 50-60 قېتىم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قاتراپ، تىل ئىشتىپ، ھەتتا ساقچى بىلەن ئۇرۇشقاچ ساقچىخانىغا سولانغىلى تاس قىلىپ دېگەندەك بىجىرىۋالغان بولغاچقا بۇنداق كوتۇلداشلاردىن قانچىلىك بىزار بولساممۇ ئىشنى پۈتتۈرۋالساملا بولدى دەپ يۈزى قېلىنلىق بىلەن دېگىنىمنى قىلغۇزاتتىم. تازا ئەمىسە دەپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا 10 پارچە مەكتەپنىڭ لىپاپىغا بۇ 10 نۇسخا نەتىجىنى سېلىپ لېپاپنى نەق مەيدانغا يانچۇقۇمدىكى يىلىم بىلەن ئېغىزنى ئەتكەندىن كىيىن لېپاپنىڭ ئۈستىگىمۇ ھەر بىرىگە ئۈچتىن تامغا ئۇرۇلۇشى كىرەكلىكىنى ئېيتىپ (ئەسلى بىرسى بولسىلا كۇپايە) تاماشا كۆردۈم. مېنى شۇنچە بوزەك قىلغان بۇ ئەبلەختىن شۇنچىلىك بولسىمۇ دەردىمنى ئالمىسام بولمايدۇ، دە؟ كىيىن ئامېرىكىدىن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش چاقىرىقىنى قولۇمغا ئالغىنىمدا بۇ ئەبلەخلەرنىڭ كۆزىگە بىر تىقىپ قوياي دېدىميۇ، بۇلارنىڭ چىرايىنى يەنە بىر كۆرگۈم كەلمەي بولدى قىلغان ئىدى. ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمدىكى دەرس نەتىجىلىرىنى ئىلىش ئۈچۈن ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىغا بارسام ئۇلار ھەر ھالدا خىلى ئاسان نەتىجىلىرىمنى چىقىرىپ بەرگەن بولدى.  بەلگە: پۈتتى.

2. TOEFL ۋە GRE ئىمتىھان نەتىجىسى
ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىشتا قەتئىي كەم بولسا بولمايدىغان بۇ ئىككىلى ئىمتىھاننى تۈگىتىپ بولغاچقا ETS تېلېفۇن قىلدىم. توفىلنىڭ ئىشى ئاسانلا پۈتتى چۈنكى 1-ئايدا بېرىپ بولغان ئىمتىھان بولغاچقا $50 دوللارنى تۆلىسەملا بولىدىكەن. ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىمتىھانلار گەرچە ناھايىتى تەس بولسىمۇ بىر مۇنچە پۇل تۆلەپ بەرگەنگە چۇشلۇق ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىمۇ ھەر ھالدا ياخشى ئىدى. GRE نى بەرگىلى ئۇزۇن بولمىغاچقا قانچە نومۇر ئالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتى ھەم بىر يېرى ئايدىن كىيىن ئاندىن ئەۋەتىشكە باشلايدىغانلىقىى ئېيتىۋىدى سەل ئەنسىرەپ قالدىم.  لېكىن 12-ئاينىڭ باشلىرىدا قولۇمغا بىر نۇسخا نەتىجە قەغىزى تەككەن ئىدى، گەرچە ھامىنى ETS ئەۋەتسە ئاندىن ئېتراپ قىلىنسىمۇ ھەر ھالدا نەتىجەم بارلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنىمۇ پوچتىدىن ئەۋەتىدىغان ماتېرىياللار ئارىسىغا قوشتۇم. بەلگە: يېرىم پۈتتى.

3. ئىلتىماس خېتى (شەخسىي بايان، Personal Statement)
بۇ بىر پارچە ئاددىيلا خەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەتنىڭ ئىلتىماس جەرياندىكى مۇھىملىقى GRE غا ئىمتىھانى نەتىجىسىگە يەتمىسىمۇ، توفىل ئىمتىھانى بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇراتاتتى. بۇ خەتكە ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر تەرەپلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن قەلەمگە ئىلىپ يۇقىرى ئىنگىلىز تىلى يېزىقچىلىق ماھارىتى بىلەن شۇ خەتنى ئوقۇغان كىشىنى بۇ ئىلتىماس قىلغۇچىنى چوقۇم بىر ئويلىشىپ باقمىساق بولماپتۇ دېگەن ھېسسىياتقا كەلتۈرگىدەك دەرىجىدە يېزىش زۆرۈر ئىدى. ئويلىسام، جۇڭگو مائارىپىدا بىزنى يېزىقچىلىق قىلىشقا ۋە نۇتۇق سۆزلەشكە ئازراقمۇ كۆندۈرمەيدىكەن، شۇڭا كۆپىنچە ستۇدېنتلار بۇنداق رەسمىي خەت-چەكلەرنى يېزىشتا بەكلا قېينىلىپ كىتىدىكەنمىز. بۇنى ياخشى يېزىش ئۈچۈن ئىنگىلىزتىلى سەۋىيىسى يۇقىرى بولغانغىلا بولمايتتى، چوقۇم چەتئەل مائارىپىنى قوبۇل قىلىپ باققان  ئۇيغۇر دوستلار ياكى چەتئەللىك تونۇشلارنىڭ مەسلىھەت بېرىشىگە ۋە تۈزىتىپ بېرىشىگە سۇنماي بولمايتتى. كۈتۈپخانىدىن چەتئەلدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش توغرۇلۇق تاپقان بىر مۇنچە كونا كىتابلاردىن ئۈلگىلىرىنى ئوقۇپ بۇ خەتنى قانداق يېزىش توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، ئەمما باشقىلارنىڭ يازغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا يەنىلا خىلى قىينالدىم. بۇ جەھەتتە ئىچكىرىدىكى taisha ۋە jituo دېگەن ئىككى چوڭ چەتئەلگە چىقىشقا ئائىت تور بەتتىن كۆپ نەپكە ئېرىشتىم ۋە ئۈچ ھەپتىدەك ۋاقىتتا بۇ خەتنىمۇ ئوبدانلا تەييارلاپ بولدۇم. شۇ ۋاقىتلاردا گېرمانىيىدىكى دوستۇم ئەخمەتجان ۋە ئامېرىكىلىق دوستۇم Adem بۇ خېتىمنى كۆپ قېتىم تۈزىتىپ بەرگەن ئىدى ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمىدىن كۆپ مىننەتدارمەن. بولمىسا راستىنلا گاڭگىراپ قالاتتىم. (مانا ئەمدى، مەندىن ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك، بولۇپمۇ ھەر يىلى 12-ئايلاردىن 3-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار يازغان خەتلىرىنى تۈزىتىپ تەھرىرلەپ بېرىشىمنى سورايدۇ. بەزىلەر ھەتتا، ماڭا خەتتىن بىرنى يېزىپ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز دەپ سوراپمۇ قويىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ جاۋابى: بۇ خەتنى سىزدىن باشقا ھېچكىم ياخشى يازالمايدۇ، ئاۋۋال يېزىپ بولۇپ ئەۋەتسىڭىز كۆرۈپ بېرەي، بولىدۇ). جەمئىي 12 قېتىم تۈزەتكەندىن كىيىن بۇ خەتمۇ تەييار بولدى. بەلگە: پۈتتى.

4. تەۋسىيە خەتلىرى
ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە چوقۇم 3 پارچە تەۋسىيە خېتى ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنغان بولغاچقا، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى پىرافىسورلارغا ئۆتۈنۈشىمىزگە توغرا كېلەتتى. بىراۋ ئۈچۈن مەيلى مەسئۇلىيەت يۈزىسىدىن ياكى ئۆزى خالاپ ھەر قانداق بىر ئىش قىلىپ بەرگەندە قايتىدىغان جاۋابنى ئاۋۋال ئويلىشىدىغان كىشىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رېئاللىقتا ياشاۋاتقان بولغاچقا، گەرچە بۇ بىر ئۇستاز بولغۇچىنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشى ئۈچۈن قىلىپ بىرىشى بىر كەسپىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما پايدا كەلمەيدىغان بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىش نۇرغۇن پىرافىسورلارغا بەك خوشيىقىپمۇ كەتمەيتتى. بۇ خەت ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىلى مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو پىرافىسورلىرىنىڭ تەۋسىيە خېتى بولمىسا بولمايدىغان، ئەمما بولسىمۇ ئىلتىماسنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن چوڭ پايدىسى تەگمەيدىغان بىر ئالۋاڭ ئىدى، خالاس. بۇنداق بولۇشى جۇڭگودا كۆپىنچە پىرافىسورلار تەۋسىيە خەتنى ئۆزى يازماي ئوقۇغۇچى يېزىپ كەلسە ئىمزاسىنى قويۇپ بىرىش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ (بۇمۇ خوشياقسا تېخى)، شۇنداق بولغاچقا كىممۇ ئۆزىنى ئۆزى تازا كۆپتۈرۈپ ماختىمىسۇن؟ كۆپىنچە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋسىيە خەتلىرى بەكمۇ ئوخشىشىپ قالىدىغان بىر قېلىپتا چىقىدىغان بولغاچقا بارا-بارا بۇ خەتلەر ئانچە ئىتىبارغا ئېلىنمايدىغان بولغان بولسا كىرەك. ئەلۋەتتە، بۇ خەتنىمۇ ناچار يېزىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان تولۇق كۇرستىكى قەدىناس ئۇستازىم پاتىگۈل مۇئەللىمگە دېسەم ئۇنىۋېرستېت ئېلخەت ئادېرىسى يوقلۇقىنى ئيتېيقان ئىدى (چەتئەللەردە بۇ بەكلا مۇھىم، ئىمكانقەدەر ئۆزى ئىشلەۋاتقان مەكتەپ ياكى تەتقىقات ئورنىنىڭ رەسمىي ئېلخەت ئادرېسى بولۇشى كېرەك)، مەكتەپ ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزىگە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئۇنىڭغا يېڭىدىن بىر ئېلخەت ئادرېسى ئالغۇزدۇم، ئاندىن ئۇ ماڭا ئىشىنىپ مەخپىي نومۇرىنى دەپ بەردى ۋە مەكتەپلەردىن كەلگەن ئالاقىلەرگە ئۆزۈم جاۋاپ قايتۇرسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ نامىدىن مەن تەييارلىغان تەۋسىيە خېتىگە ئىمزاسىنى قويۇپ بەردى. ئەمما ماگىستىر يىتەكچىم ئاۋۋال بۇ خەتنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشىمنى ئېيتتى، تەرجىمە قىلسام ياخشى بولماپتۇ، دەپ خەنزۇچىسىنى تۈزىتىپ بەرگەندىن كىيىن ئاندىن ئىنگىلىزچىغا ئۆرۈپ قايتا يارغۇزۇپ ئىمزاسىنى قويۇپ بەردى. ئۈچىنچى پارچە خەتنى بولسا بەزى مەكتەپلەرگە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنى يازغۇزدۇم، يەنە بەزىلىرىگە ئامېرىكىلىق پىرافىسور دوستلىرىمنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسىگە يازغۇزدىم. بۇ خەتلەر ھەر ھالدا پۈتكەن بولدى. بەلگە: پۈتتى.

مانا، ئامېرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشقا شۇنچە ئۇزۇن تەييارلىق قىلىپ ئىشلار پۈتۈپمۇ قالدى. ھاياجان ئىچىدە كېلەر يىلى 9-ئايدىكى ئوقۇشقا ئىلتىماس ۋاقتى 12-ئاي ئىچىدىلا توشۇپ بولىدىغان ئىككى مەكتەپكە ئىلتىماسىنى بىر ھەپتە ئىلگىرى-ئاخىرى ئەۋەتىۋەتتىم. بەك مۇرەككەپ ۋە تەس بىلىنگەن بىلەن يىغىپ-يۆگەپ كەلسە ئامېرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن شۇ يۇقىرىدىكى نەرسىلەرنى تەق قىلسىلا بولىدىغان ئىشكەنغۇ! ئالدى بىلەن تامغىلار بېسىلىپ لېپاپقا قاچىلانغان باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇش نەتىجىلىرىمنى چوڭ لېپاپقا سېلىپ ئۇنىڭ ئىچىگە يەنە شەخسىي بايان خېتىنى، ھەر ھالدا ئېتىراپ قىلىنمىسىمۇ توفىل بىلەن GRE نەتىجە قەغەزلىرىدىن بىر نۇسخىدىن (ETS رەسمىي نەتىجىنى بىۋاستە مەكتەپلەرگە ئەۋەتسە ھېساب، بۇنى ئاللىقاچان ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان) سالدىم، ئاندىن ھەر ھالدا ئىلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن تەۋسىيە خەتلىرىنىمۇ كىچىك لېپاپقا سېلىپ ئۇلارنى بۇ چوڭ لېپاپقا سالدىم ۋە تاپشۇرۋالغۇچىغا ئىكى لىك خەت يېزىپ ئالاقىلىشىش ئادرىسىمنى قوشۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئادرېسىنى نەچچە قېتىم توغرىلىقىنى تەكشۈرۈپ DHL گە تېلېفۇن قىلدىم. بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو پوچتىسىدىن ئالدىرىماي ئەۋەتىدىغانغا ۋاقتىم قالمىغاچ ھەم ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىنى ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ ئويلىغاچقا گېرمانىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى DHL مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەن ئىدى. ھەممە نەرسە تەق بولغاندا تېلېفۇن قىلسام ئۇلار دېيىشىپ قويغان ۋاقىتتا مەكتەپ ئالدىغان كېلىپ لىپاپنى قولۇمدىن ئالاتتى ۋە تۆت كۈن ئىچىدە يېتىپ بارىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ خەتنى ئىلىپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ مۇشۇنداق ئىلتىماستىن 6 نى تاپشۇردۇم. ئۇتۇقمۇ خاربىندا تۇرۇپ ئوخشاش ۋاقىتتا 7-8 مەكتەپلەرگە ئىلتىماس تاپشۇرۇپتۇ. ئابلەت دەسلەپ 4 مەكتەپكە، ئاندىن 3-ئايلارغىچە داۋاملىق 10 دىن كۆپرەك مەكتەپلەرگە ئىلتىماس يوللاپتۇ. بىز ھەر ۋاقىت ھەر بىر ئىشتا ئىنچىكە، كىچىك نۇقتىلارغىچە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشتۇق ۋە بىلگىنىمىزنى ئايىماستىن ئۆز-ئارا ياردەمدە بولدۇق. بۇنداق ئۇزۇن ۋە جاپالىق سەپەردە بۇنداق ياخشى سەپەرداشلارنى ئۇچرىتىش ھەقىقەتەنمۇ ئامىتىم ئىدى.

3. ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا مۇنداق ئىلتىماس قىلدۇق

ئامېرىكا چۈشىمىزگە يىقىنلاشقانسېرى تاقەتسىزلىنىشكە باشلىغان ئىدۇق. ئابلەت پەقەت نەچچە ئاينىڭ ئالدىدىكى پۈتۈنلەي خىيالىدا يوق بۇ «چۈش» كە ئاجايىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بىزگە ئۇلىشىپ، ھەتتا بىزدىنمۇ بۇرۇن ئىلتىماسلىرىنى ئەۋەتىپ تەق بولدى. ئابلەت خاڭجۇدا تۇرغان مەزگىلدە TOEFL غا تەييارلىق قىلغاچ نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ ئامېرىكىغا بولغان تەلپۈنۈشى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بىرىپتۇ. بىز ئۈچىمىز ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ئىلگىرلەشلەردىن خەۋەردا بولۇشۇپ، بىر-بىرىمىزدىن ھەر بىر كىچىك ئىشقىچە سورىشىپ تۇراتتۇق. ئابلەت بىلەن ئۇتۇق ئىلتىماس ماتىرىياللارنى تىزلا تەييارلاپ ماڭا ئوخشاش قىممەت پۇل كېتىدىغان DHL ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئىشنى بالدۇر باشلاپ جۇڭگو پوچتىسىدىن ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى ماڭغۇزۇپتۇ. مەن تۇنجى ئىلتىماسىمنى تاپشۇرۇپ بولۇپ مەنزىل ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتىغا ۋاقتىدا يېتىپ بارغانمىدۇ، دەپ كۈندە توردىن قەيەرگە كەلگەنلىكىنى تىت-تىت بولۇپ تەكشۈرۈپ تۇراتتىم. دېگەندەك دەل 4 كۈن بولغاندا مەكتەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىلتىماس كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ ماتىرىياللىرىم مەن ئىلتىماس قىلغان مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىغا يېتىپ بىرىپتۇ، ئەمما ئامېرىكا ئىمتىھان مۇلازىمىتى مەركىزىدىن بىۋاستە ئەۋەتىلىشگە تىگىشلىك بولغان GRE ئىمتىھان نەتىجىسى ئۇ ۋاقىتتا تېخى مەكتەپكە بىرىپ بولالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا قولۇمدىكى ئىمتىھان نەتىجىسىنى دەرھال فاكىس قىلىپ بىرىشىم كىرەكلىكىنى ئېيتىپ خەت كەلدى. بۇ خەتنى كۆرگىنىمدە ئاللىقاچان كەچ سائەت 10 دىن ئېشىپ كەتكەن (ئۇ ۋاقىتتا مەكتەپ ئورۇنلاشقان ئورىگون شىتاتىدا ئەمدى ئەتىگەن سائەت 8 دىن ئاشقان ۋاقىت) ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى ئامېرىكىدا ۋاقىت بىزدىن 8-12 سائەتكىچە كەينىدە ئىكەن، بولمىغان بولسا بۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن ھېسابلىناتتى. ئۇ كۈنى قانچىلىك جىددىيلەشكەنلىكىمنى بىلمەيمەن، ياتاقتىن يۈگۈرۈپ چىقىۋاتسام ئوقۇغۇچىلار بىناسىنى تاقاي دەپ تۇرۇپتىكەن، ئاران دېگەندە سىرتىغا چىقىۋالدىم، ئەمما چاتاق يېرى بۇ كەچتە فاكىسنى نەدىن تاپاي؟ ئالدىراپ-تېنەپ ياتاق بىنالىرىدىن ئەڭ يىراققا ئورۇنلاشقان فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى بىناسىنىڭ يىنىدىكى بىر نۇسخىلاش، فاكىس قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان دۇكانغا يۈگۈردۈم، ئەپسۇس بارسام ئاللىقاچان تاقىلىپ قاپتۇ. ئەمدى شۇنداق قىلىپ ئاران قىلغان بۇ ئىلتىماسىم بىكار بولۇپ كېتەرمۇ؟ ئىچىم شۇنچىلىك ئاچچىق بولاتتى، ۋارقىرىغۇم، توۋلاپ جاھاننى بېشىمغا كەيگۈم كىلەتتى… توختاپ تۇر، بۇنداقلا بولدى قىلماي-دەپ ئويلىدىمدە دۇكانلارنىڭ ئىچىدىكى چىرىقى غۇۋا يېنىپ تۇرغان بىرىنىڭ ئىشكىنى قاتتىق ئۇردۇم، ئادەم يوق بولسا كۆپ ئۇرساممۇ زېيىنى يوق دەپ بولۇشىغا ئۇرۇۋاتسام ئويلىمىغان يەردىن ئىچىدىن بىرسى چىقىپ قالدى.
-بۇ كېچىدە نېمە ئىشىڭ بار؟ بىز تاقاپ بولدۇق، ئەتە كەل! دەپلا كەينىگە يانغۇسى بار.
-توختاپ تۇر! دەپ ئۆتۈنۈشكە باشلىدىم. نېمىلەرنى دېگەنلىكىم ھازىر ئېسىمدە يوق، ئىشقىلىپ بۇ چىرايىمدىن مېنىڭ بىر فاكىس يوللىۋىلىشىمنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى چۈشەندى بولغاي، بۇ ياخىشى كۆڭۈل يىگىت مېنى ئىچىگە كىرگۈزدى. ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ئۇنىماي ئىككى كوي كېتىدۇ دېسە 20 كوينى تۇتقۇزۇپ قويدۇم. ئۇ 200 كوي دېگەن بولسىمۇ بەلكىم ماقۇل دەپ بېرىۋىتىشىم مۇمكىن ئىدى شۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىياتىمدا. خۇدايىمغا مىڭ شۈكرى! شۇنداق قىلىپ فاكىسىنى يوللىۋىتىپ دۇكاندىن چىقىپ يايراپ كەتتىم. سىرتتا ئاستا-ئاستا قار ئۇچقۇنلاشقا باشلىغان ئىدى. ئاستا قەدەم تاشلاپ مەكتەپ ئىچىدە كىتىۋىتىپ بۇ چىرايلىق ياغقان قاردىن شۇنچىلىك ھوزۇرلاندىم، ئاجايىپ شىرىن تۇيغۇلارغا چۆمۈلەتتىم. كىلەر يىل مۇشۇ كۈندە قەيەردە بولارمەن؟ دەپ ئويلايتتىم. تېخى كىلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى ئامېرىكىدا كۆرسەم، ھە دەپ ئويلاپ كەتكەنلىرىم... توۋا، شۇ ماكاندىن ئايرىلىشقا ئاجايىپ تەقەززا بولۇپ كىتىپتىكەنمەن شۇ ۋاقىتلاردا… كىم بىلسۇن مەن كېتىشنى خىيال قىلغان شۇ تۇپراققا ئەسلى يۈرىكىمنىڭ بېغىشىنىڭ چىڭ باغلانغىنىنى؟! كىم بىلسۇن بىر ۋاقىتلاردا مەن ياشاشتىن بىزار بولۇپ تىللاپ يۈرگەن شۇ ماكاننىڭ ئەسلى بارچە خۇشاللىق، ئىلھام ۋە سۆيگۈنىڭ مەنبىيى ئىكەنلىكىنى؟! ھازىرقىدەك ھەر بىر كۈن، ھەر سائەت، ھەر مېنۇت شۇ ماكانغا بىر دەسسەشنى خىيال قىلىپ تەلپۈنىدىغانلىقىم ھەجەپ ئۇخلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەپتىكەن-ھە؟! كۈندە كۆرىدىغان تونۇش چىرايلار، ئىللىق سالاملار، ناتونۇشلارنىڭ تونۇش ئاۋازلىرى، ئىشقىلىپ مەن ئۈچۈن چەتئەلگە چىققاندىن كىيىن ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇرغان يۇرتۇمدىكى ھەممە-ھەممىنىڭ مېنى شۇنچە سېغىندۇرارىنى نېمىشقا ئويلىمىغان بولغىيدىم...

بۇ كېچە بىر يىقىن دوستۇمنىڭ ئۆيىگە كەتتىم. ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقىلى 8 يىلغا يىقىن بولۇپ قالغاچقا، ئۇ ۋاقىتلاردا ماڭا ئۈرۈمچى بىر ئىللىق ماكان بولۇپ تۇيۇلاتتى، كېچىلىرى سىرتتا قالارمەنمۇ دەپ ئويلاپمۇ سالمايتتىم، خۇددى ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى تۇغقىنىمدەك خاتىرجەم. بۈگۈن ئىلتىماس قىلغان بۇ مەكتەپ مېنىڭ بىرىنچى ئارزۇيۇم ئىدى چۈنكى شۆھرەتكام مۇشۇ مەكتەپتە تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغان بولۇپ، مېنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ ئاللىقاچان تەۋسىيە خېتىمۇ يېزىپ بەرگەن ئىدى. ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئاسپىرانتىلققا قوبۇل قىلىش قائىدىلىرى دۇنيادىكى باشقا بارلىق دۆلەتلەردىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، مەكتەپلەر ئارىسىدا يەنە بەلگىلىك كىچىك پەرقلەرمۇ بار ئىدى. ئالدى بىلەن بىز ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى ئەۋەتسەك تۇنجى بولۇپ مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىغا ئۇدۇل بارىدىكەن، شۇ يەردە ئالدى بىلەن بىر قۇر دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ تاللانغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماتىرىياللىرى ئاندىن ئىلتىماس قىلغان فاكۇلتىتلارغا يوللىنىلىدىكەن. ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى ئاساسلىقى ئىلتىماس ماتىرىياللىرى تولۇقمۇ-ئەمەس، ئىلتىمسا ھەققى تۆلەندىمۇ-يوق، ئوقۇش نەتىجىسى بەك تۆۋەنمۇ-ئەمەس دېگەنلەرگە قارايدىكەن. يەنە GRE ئىمتىھان نەتىجىسى بەك تۆۋەن بولۇپ قالسىمۇ بۇ دەسلەپكى تاللاشتا شاللىنىپ قالىدىغان گەپكەن. ئەمدى فاكۇلتىتقا يوللانغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ھەر بىر فاكۇلتىت 5-7 پىرافىسورلاردىن تەشكىل تاپقان مەخسۇس «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى» قۇرۇپ شۇلارنىڭ تەپسىلىي، ئىنچىكىلىك بىلەن ھەر بىر كاندىداتنى سېلىشتۇرۇپ باھالاپ چىقىدىكەن ۋە تۈرلەر بويىچە نومۇر قويۇپ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى دەرىجىگە تىزىدىكەن. شۇنداق قىلىپ فاكۇلتىتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئاساسەن دەرىجىسى  ئەڭ ئالدىدا تۇرغانلارنى تاللاپ ئاۋۋال ئۇلارنى يۈز تۇرانە ئىتمىھانغا چاقىرىدىكەن. مەسىلەن، بىر فاكۇلتىت 10 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغاندا ئادەتتە داڭلىق مەكتەپلەرگە 200-500، ئەڭ بولمىغانلىرىغىمۇ يىلدا 50-60 ئادەم ئىلتىماس قىلىدىغان بولغاچقا ئاران ئالدىنقى 15-20 ئادەمگىلا يۈز تۇرانە ئىمتىھان پۇرسىتى بىرىلىدىغان گەپكەن. ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان 10 ئادەمگە قوبۇل قىلغانلىغىنى ئۇقتۇرىدىكەن. بىز ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ قويۇپ ئالدىراپ كەتكەن بىلەن، بۇلار بىز 12-ئايدا ئىلتىماس قىلىپ قويساق كىلەر يىلىنىڭ 2-4 ئايلىرىدا ئاندىن خەۋەر بىرىدىغان ئىشكەن. ئىشقىلىپ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار تۇنجى تاللىشى دەپ بىلىپ ئىلتىماس سۇنىدىغان بۇ دۆلەتنىڭ دوكتۇرلۇققا كىرىش ئىلتىماسىدا غەلبە قىلىشنىڭ ئۆزى ناھايىتى زور مەنىلەرنى بىلدۈرەتتى، ئوقۇپ بولغاندىن كىيىنكى مەنىسىنى ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى ئويلاشقا بالدۇر ئىدى... تۇنجى ئىلتىماسىم شۇ كۈنى ئوڭۇشلۇق تاپشۇرۇلغانغا ھېساب بولدى. مەن بۇ كۈنى خۇددى ئەمدى تۇرۇپلا ئامېرىكىغا بېرىپ قالىدىغاندەك ھېسسىياتلارغا چۆمۈلدۈم، ئەمما ئەتىسىدىن باشلاپ قانداق بولغاندۇ دەپ ئويلاپ كۈنلىرىم ئەنسىرەش ئىچىدىلا ئۆتۈشكە باشلىدى. بۇ ئىلتىماسنى تاپشۇرۋەتكەندىن كىيىن دەرھال مەن ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقلىرىدىن ۋىسكونسون شىتاتىدىكى University of Wisconson-Madison ۋە مىسسۇرى شىتاتىدىكى Washinton University Saint Louise قاتارلىق ئىككى مەكتەپكە 12-ئاينىڭ 15-گە ئۈلگۈرتۈپ ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى پوچتىدىن تاپشۇرۋەتتىم. ئىلتىماس ماتىرىياللارنى پوچتىدىن تاپشۇرۇشتىن ئاۋۋال ھەر بىر مەكتەپنىڭ توردىكى ئىلتىماس جەدىۋىلىنى توشتۇرۇشقا توغرا كىلىدىغان بولغاچقا توردىكى ئىلتىماسنى توشقۇزۇپ توردا تاپشۇرغاندىن كىيىن بىر ھېسابات نومۇرى بېرىدىكەن ۋە شۇ نومۇرىمىز بويىچە بەلگىلەنگەن تور بەتكە كىرىپ ئىلتىماسنىڭ قەيەردىن-قەيەرگىچە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرغىلى بولىدىكەن. مەن دەسلەپ بۇ ھېسابات نومۇرىنى ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەي يۈرۈپتىمەن، كىيىن بىر قېتىم ئۈرۈمچىدىكى ئامېرىكىلىق دوستۇم Adam مەن بىلەن باشقا بىر مەكتەپنىڭ توردىكى ئىلتىماسىنى توشقۇزۇشۇپ بىرىپ چۈشەندۈرۈپ قويغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن كۈندە ھەر بىر مەكتەپنىڭ تور بېتىگە نەچچە رەت چىقىپ بىرەر يېڭىلىق بارمىدۇ، دەپ تەكشۈرۈپلا تۇرىدىغان بولدۇم.

شۇنداق قىلىپ يېڭى يىلمۇ كىرىپ كەلدى، مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ زور ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ۋە شۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆزگەرتۋەتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شۇ 2009-يىلى يۈز بەردى. 1-ئاينىڭ 15-كۈنلىرىگىچە تاپشۇرىدىغان ئىلتىماسلارنىڭ ھەممىنى تاپشۇرۇپ بولدۇم، ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ 6 مەكتەپكە ئىلتىماس قىلدىم. ئىشقىلىپ بۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپلەرنىڭ جاۋابىنى كۈتۈش شۇنچىلىك ئازاپلىق، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە كىشىنى ۋىسالغا يىتىش كويىدىكى ئاشىقلاردەك تەقەززا قىلىدىغان بىر كۈتۈش. بۇنى پەقەت بۇ ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققانلار بىلەلەيدۇ. قىشلىق تەتىلدە ئۇتۇق خاربىندىن، ئابلەت خاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. ئاتلاندا دەرس ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتلىرىم بولغاچقا بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈپ ئىشلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى يازمىسام بولمىغاچ كۈنلەر ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتكەندەك قىلغان بىلەنمۇ ماڭا يېتەرلىك ئالدىراش بىلىنمەيتتى چۈنكى مەن پەقەت تېزراق مەن ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان بىرەر ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قوبۇل قىلغانلىق ئۇچۇرىنى قاچان ئاڭلارمەن دەپ تەشنا ئىدىم. ئاتلاننىڭ شۇ يىلى قىشتىكى «تالانىت كۆرىكى» پائالىيىتى كۈنى ئابلەت ئىكىمىز ئۇتۇقنى چاقىردۇق ۋە بىللە ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلاندۇق. شۇ كۈنى ئويۇندىن كىيىن كەچتە ئۈچەيلەن تاماققا بېرىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق. ئەنىسىرەشلىرىمىز كۆپ ئىدى، ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق دەردى بار، ئەمما كۆپىنچىسىدە ئورتاقلىقىمىز بار. قاچانمۇ مەكتەپلەردىن بىرەر خەۋەر ئاڭلارمىز دەپ ئىچىمىز پۇشقىنىنى دېيىشىۋىتىپ يەنە ئەگەر راستىنلار قوبۇل قىلىنىپ قالساق دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشەتتۇق. ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۈچىمىزنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىرىمىزنىڭ چوقۇم تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق. ھەممىمىز 24 ياشقا كىرىپ قالغان يىگىتلەردىن بولغاچقا ئەلۋەتتە ئويلىشىدىغان باشقا ئىشلارمۇ بار ئىدى. گەرچە چەتئەلدە ياشىغاندا بويتاق ياشىغاندىن توي قىلىپ ئائىلىمىز بىلەن بىللە ياشىساق ياخشى بولىدىغانلقىغا قوشۇلاتتۇق، يۇ-ئەمما چەتئەلدە ياشاشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلمىگەچكە توي قىلىپ بىللە چىقىشقا كۆزىمىز قورقۇپمۇ قالىدىغانلىقنى ئېتىراپ قىلاتتۇق. دېگەنبىلەن، ئۇتۇق تولۇق كۇرسنى ئوقۇۋاتقاچ شۇنچە كۆپ ۋاقىت كېتىدىغان ئىلتىماس ئىشلىرىنى ئىلىپ ماڭغان بولغاچقا نەدە قىزلارغا قارايدىغانغا چولى تەگسۇن. ئۇ ئەمدى دادىسىنىڭ تاپىلىشى بىلەن بىرەر ياخشى قىز بىلەن تونۇشۇشى كىرەك ئىدى (ئەمما دادىسىنىڭ تەلىپى تېخى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئورۇندالدى). ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەمىمىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىچىدە سالامەتلىكى ياخشى ئەمەسلەر بار ئىدى، ئۆيدىكىلەرنىمۇ ئويلايتتۇق، نۇرغۇن ئىشلاردىن ئەنسىرەيتتۇق…. ھېسسىياتىمىزدا شۇ قەدەر ئورتاقلىق بار ئىدىكى ھەر قانچە كۆپ ئەنسىرەشلىرىمىز بولسىمۇ، بىز بىر-بىرىمىزگە روھىي يار-يۆلەك ئىدۇق. بىرەرىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم كۈنلىرى تېلېفۇنلىشىپلا كۆرۈشۈپ پات-پاتلا ئۇچرىشىپ تۇردۇق. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھاۋا ناھايىتى ئېچىلغان بىر چۈشتىن كىينلىكى ئۇتۇقتىن تېلېفۇن كەلدى.

-ھە ئۇتۇق، قانداق كۆرۈشەمدۇ؟ دەپلا تېلېفۇننى ئالغان ئىدىم.

-ھەئە، كۆرۈشەيلى. ئابلەتمۇ ھازىر كىلىدۇ. دۆڭكۆۋرۈككە ھازىرلا كەل.

مەن شۇ بۇرۇنقىدەك پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قايتىپ كىلىمىز ھەقىچان دەپ بارغان ئىدىم. ئۇتۇقنىڭ چىرايى باشقىچىلا كۆتۈرەڭگۈ.

-ئاداش، بىر خۇش خەۋەر بار.

-راستما؟!!!! ۋاھ، بىلدىم ئاداش. قالتىس! مۇبارەك بولسۇن! قۇچاقلىشىپ كەتتۇق، دوستۇمنى باغرىمغا چىڭ باستىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك خۇشال بولغىنمنى بىلمەيسىلەر… ھەتتا خۇشاللىقتىن كۆزۈمگە ياش كىلىپمۇ ئۈلگۈردى. يەنە نېمە خۇش خەۋەر بولاتتى، ئېنىقكى ئۇتۇققا بۈگۈن چاقىرىق كەلگەن ئىدى.

-كانزاس شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېت فىزىكا فاكۇلتېتىدىن كەپتۇ، تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىكەن، دەرھال قوبۇل قىلدىم.

-مۇبارەك بولسۇن ئاغىنە! سېنىڭ ئۆتىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم…

ھايال ئۆتمەي ئابلەتمۇ كەلدى، ئۇمۇ شۇنچىلىك خۇشال بولدى. كەچتە ئوبدان تەبرىكلەيدىغانغا دېيىشتۇق ۋە شۇ كۈنى كەچ ئۇتۇق ئۈچۈن يۈرىكىمىز يېرىلغۇدەك خۇشال بولۇشتۇق ۋە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بىز ئۈچىمىزدىنمۇ خۇشال ئىنسانلارنى كۆرمىدۇق. ئۇ كۈنىدىكى خۇشاللىقىم ھەقىقەتەنمۇ تەسۋىرلىگۈسىز ئىدى، ئۇتۇق قانچىلىك خۇشال بولسا بىزمۇ شۇنچىلىك خۇشال بولدۇق دەپ ئويلايمەن. كىشى دوستىنىڭ خۇشاللىقىنى ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولالىسا بۇ دوستلۇق ھەقىقىي دوستلۇق بولغان بولىدۇ. ئۇتۇق مەن ئۈچۈن ئەنە شۇنداق دوستلاردىن ئىدى، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.

سىزچە ئەمدى نۆۋەت كىمگە كەلگەندۇ؟

ئەمدى ھېكايىنى ئابلەتتىن ئاڭلايسىلەر.
ئابلەت بىلەن ئاتلاندا دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرۋاتقان مەزگىللىرىمىز بولغاچقا پات-پاتلا كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق ۋە بىر يەرگە كەلسەك دېيىشىدىغىنىمىز قايسى مەكتەپلەردىن ئىلتىماسىمىزنى رەت قىلغانلىق خەۋىرى كەلگەنلىرى، قايسىلىرىنىڭ تېخىچە جاۋاب بەرمەيۋاتقانلىقىدىن ئىچىمىزنىڭ پۇشقىنى بولاتتى. ئابلەت دەسلەپ ئىلتىماس قىلغان ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق تۆت مەكتەپنىڭ ھەممىسىدىن رەت قىلىش خېتىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ GRE ئىمتىھانى ۋە مەكتەپلەردىكى ئىلتىماس قىلغاندىكى رىقابەتنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى سەل چاغلاپ قالغىنىنى ھېس قىلغان ئىدى. بىر نەچچە مەكتەپلەردىن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلىنىڭ شۇ يىلى بەكمۇ قىسلىقىنى ئېيتىپ مۇكاپات بېرىشنى رەت قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئابلەت 2-ئاينىڭ باشلىرىدا يەنە نۇرغۇن مەكتەپلەرنى ئىزدەپ ئىلتىماس قىلىش ئاخىرقى چېكى ئۆتۈپ كەتمىگەنلا بولسا ئىلتىماس تاپشۇرۇشقا باشلىدى. ئەمما ئەپسۇس ھېچ خەۋەر يوق. ئۇتۇق بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرەتتۇق، چوقۇم ئۇنىڭغا چاقىرىپ كىلىدۇ دەپ ئىشىنەتتۇق ۋە ئۇنىڭغا سەۋىر قىلىپ ساقلاپ تۇرۇشىنى ئېيتىپ تەسەللىي بىرەتتۇق. ئەمما قېرىشقاندەك، ئابلەتنىڭ شۇنچە كۈچىگىنىگە باقماي، ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلغانلارنى بىر تۇتاش ھالدا ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىش ۋاقتى بولغان 4-ئاينىڭ 15-كۈنى كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا جىم. بۇ ئىلتىماس جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغانلارغا نىسبەتەن پەقەت بىر نەچچە ئايلىق ساقلاش بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىر نەچچە ئاينىڭ تەقەززالىق بىلەن ساقلاش ئىچىدە قانچىلىك تەس ئۆتىدىغانلىقىنى پەقەت ئوتنىڭ ئىچىگە كىرىپ باققانلار ئاندىن ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. ئابلەت جىمجىتلىشىپ كەتتى، مەكتەپتە كۆرۈشكەندىمۇ ئانچە جىق گەپمۇ قىلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلگەچكە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئىلھام بىرىشنى ئويلايتتىم، ئەمما ئۆزۈمنى بىر خىل گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالاتتىم. سىزمۇ ئوخشاش بىر نەتىجىنى كۆرۈش ئۈچۈن دوستىڭىز بىلەن بىللە تىرىشىپ ئاخىرىدا دوستىڭىز كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشمەي سىز ئېرىشىپ قالغاندا مۇشۇنداق ھېسسىياتتا بولۇپ باققان بولغىيتىڭىز بەلكىم…

ئۇ ۋاقىتلاردا دېگەنبىلەن مەنمۇ ماگىستىرلىق دېسسىرتاتسىيەمنى يازىمەن، ماقالە ئېلان قىلىمەن دەپ يۈرۈپ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ 5-ئايمۇ ئۆتتى، 6-ئايمۇ كىردى. ئابلەتنىڭ ئۇتۇق ئىككىمىز بىلەن بىرگە ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە بېرىپ ئوقۇشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلساقمۇ، ئەمما 6-ئاي بولغان مەزگىلدە بۇ خىل ئۈمىدنى ساقلاپ قىلىشمۇ تەس ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئابلەت ھېلىھەم بۇرۇن ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەر بىلەن سۆزلىشىپ، ئالاقە قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولغاچقا يەنىلا ئىچىمىزدە بىر مۆجىزە يۈز بېرىپ قالسىكەن دەپ تىلەيتتۇق. ئابلەت ھېلىمۇ دەرسلىرىنى جايىدا ئۆتۈپ، شۇنچىلىك ئىچى پۇشۇپ تۇرسىمۇ روھىي ئۈستۈن بىر ھالەتنى نامايەن قىلاتتى. دوستۇمنىڭ بۇ خىل قەيسەرلىكىگە قاراپ ئۇنى قايتىدىن تونۇغاندەكمۇ بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام بۇ ئىشلار ماڭا چوقۇم ئېغىز زەربە بولغان بولاتتى، ھەرگىزمۇ ئابلەتتەك ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋىرەلمەيتتىم. ئابلەت رىئاللىققا دادىل يۈزلىنىپ بۇ يىل كۈزدە بارالمىسا چوقۇم كەينىمىزدىن ئۇزۇنغا قالماي بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا كىلىشتىكى كەسكىن قارارىنى ئېيتىپ بىزنى خۇشال قىلاتتى. ئامال بار، باشقا ۋاقىتتا ئايرىم كۆرۈشۈپ بولالمىساقمۇ ئاتلاندا كۆرۈشكىنىمىزدە ئۇنىڭ بىلەن قانداق ئاماللارنى سىناپ بىقىش توغرىسىدا تەپسىلىي مۇزاكىرىلەشتتۇق. ئۇ بىر كۈنى تېلېفۇن قىلىپ مېنى مېھمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۈرۈمچى نەنمىن ئەتراپىدىكى «تېكساس قەھۋاخانىسى» غا تەكلىپ قىلدى. بىر خۇشاللىق بار ئوخشايدۇ دەپ پەملەپ دەرھال بارسام ئابلەت كەيىپى چاغ مېنى ھالدا مېنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ ماڭا ئالدىنقى كۈنى كەچتە تېكساستىكى بىر ئۇنىۋېرستېتنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتى مۇدىرى بىلەن تېلېفۇندا سۆزلەشكەنلىكى ۋە ئۇ ئايال پىرافىسورنىڭ ئۇنىڭ ئېنگىلىزچىسىنىڭ شۇنچىلىك راۋان ۋە ئۆلچەملىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا باشقىچە قىزىقىپ قالغانلىقىنى ۋە بىر ئورۇن چىقققۇدەكلا بولسا خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ بەردى. ئابلەتنىڭ ئېنگىلىزچىسىنىڭ ياخشىلىقىغا دېمىسىمۇ گەپ كەتمەيتتى. بۇنىڭ بىر ئەمەلىي ئىسپاتى شۇكى، ئابلەت 2012-يىلى يازدا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرستېتىغا مېنى يوقلاپ كەلگەندە مەن تەجىربىخانىدىكىلەرگە سۆزلىگەن بىر ئىلمىي دوكلات سورۇنىغا داخىل بولغان ئىدى. ئۇ دوكلاتىمدىن كىيىن بىر مۇنچە سوئاللارنى سورىۋىدى، مېنى «مەن كۆرۈپ باققان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئېنگىلىزچىسى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچۇم» دەپ تەرىپلەيدىغان بۇ ئاق چاچ بوۋاي ئابلەتنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدى ۋە مېنىڭ ئالدىمدىلا يۈزۈمنىمۇ قىلماستىن: «تۇرسۇن، دوستۇڭنىڭ ئېنگىلىزچىسى سەندىنمۇ ياخشىكەن، سىلەر ئۇيغۇرلار تىل ئۆگىنىشتە راستىنلا قالتىس تالانتىڭلار بارمۇ نېمە؟» دېگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئابلەتنىڭ باشقا بارچە ئارتۇقچىلىقلىرىغا ئۇنىڭ كەم-كۈتسىز سۆزلەيدىغان ئىنگىلىز ئېغىزچە تىلى قوشۇلۇپ ھېلىقى ئايال پىرافىسوردا قاتتىق ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان بولسا كېرەك. ئابلەت ئەزەلدىن «باشقىلار مۇمكىن بولمايدۇ دەيدىغان ئىشلارغا جەڭ ئېلان قىلىشنى ياقتۇرىمەن» دەيتتى. بۇ كۈنى شۇ ئىشلارنى دېيىشىپ ناھايتى خۇشال بولۇشتۇق ۋە ئۇنى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان تويۇمغا تەكلىپ قىلىپمۇ ئۈلگۈردۈم. ئۈرۈمچىدىكى 6-ئاينىڭ باشلىرىدىكى بۇ گۈزەل بىر كۈندىن كىيىن ئابلەت بىلەن پەقەت بىر قېتىم ئۇچرىشىش پۇرسىتىم بولدى، ئۇنى شۇ كۆرمىگەنچە نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى.

ئۈچ ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ «ئامېرىكا چۈشى» سەپىرى-داۋامى

ھاياتىمىزنىڭ قانداق بىر ھايات بولۇشى ھەم قانداق بىر كىشى بولۇپ ھاياتنى داۋاملاشتۇرىشىمىز ھامان ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىزمۇ ئەتراپىمىزدىكىلەرگە تەسىر قىلىپ ياشايمىز. مەن ھەر ۋاقىت ئەتراپىمدا ئېسىل كىشىلەرنىڭ بولغىنىدىن ئاللاھقا مىڭ قەترە شۈكرى قىلىمەن، شۇنداقلا ئەتراپىمدىكىلەرنى مەن بىلەن تونۇشقىنىدىن، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا بولغانلىقىمدىن پۇشايماندا ئەمەس بەلكى مەمنۇنىيەتتە قالدۇرۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ ياشاشنى ئارمان قىلىمەن. بۇ ھېكايەمدىكى ئۇتۇق ۋە ئابلەت بۇ سەپەردە ماڭا ھەمراھ بولغان ئەنە شۇنداق ئېسىل كىشىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى، نۇرغۇنلىغان ھېكايەمدە تىلغا ئالمىغان، ئەمما بۇ ھېكايىنى ئوقۇغاچ مەن بىلەن بولغان ئۆتمۈشىنى ئېسىگە ئالغان ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئۆزلىرىنى مۇشۇ ھېكايىدە مەنمۇ بار دەپ ئويلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم، شىئەندە تونۇشقان دوستلاردىن تارتىپ ئالىي مەكتەپ، ئاسپىرانتىلىق ئوقۇشۇمدىكى ساۋاقداش، دوست-بۇرادەرلىرىم، ماڭا ھەر خىل ئۇسۇلدا ياردەمدە بولغان ئۇستازلار ۋە باشقا بارلىق مېھرىبان كىشىلەرنى ھېكايەمدە تىلغا ئىلىشقا پۇرسەت بولمىدى، ئەمما بۇ ئەسلىمىلىرىمنى ئۇلار ئوقۇپ قالغىنىدا مېنىڭ ئۇلاردىن قانچىلىك مىننەتدار ئىكەنلىكىمنى چۈشەنسىكەن دەيمەن. ئۇلار بولمىغان بولسا، مېنىڭ ئارزۇلىرىم ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان بولاتتى. ھازىرمۇ ھەم ھاياتىمدا ماڭا ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقان، دوستلۇق-مېھىر بېرىۋاتقان بارلىق ئەزىزلەرنىڭ ھېكايىلىرىمنى ئوقۇپ قالسا ئۇلارنىڭ ھاياتىمدا بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىمنى بىلسىكەن دەيمەن. شۇ يىللىرى مەن ئامېرىكىدا ئوقۇشنى، ۋەتەندە قانمىغان، تەشنا بولغان شۇ بىلىملەرگە قانغۇچە ئىگە بولۇشنى، دۇنيانى كۆرۈپ ۋە ياخشىراق چۈشىنىپ بېقىشنى ئارزۇ قىلدىم. مەن ئۆز ۋاقتىدا بىئولوگىيە كەسپىنى ۋەتەندە ئوقۇپ ئامېرىكىغا ئىلتىماس قىلىپ باققانلار يوق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم چۈنكى مەن مەسىلىھەت، ياردەمگە مۇھتاج بولغىنىمدا دەل ماڭا ئەڭ ياردەم قىلالىشى مۇمكىن بولغان كىشىلەر ھېچيەردە يوق ئىدى، شۇڭىمۇ گەرچە كېيىن قالغان بولساممۇ بۇ ئەسلىمىلىرىم ئارقىلىق ئوخشاش ئارزۇدىكى ياشلارغا ياردەم لازىم بولسا سورىساق بولىدىغانلار بار ئىكەن دەپ خاتىرجەملىنىشنى، گاڭگىرىغان ۋاقىتلىرىدا مەن ياكى باشقا نۇرغۇنلىغان چەتئەللەردە ئاسپىرانتىلىقتا ئوقۇپ باققان دوستلاردىن ئىككىلەنمەي ياردەم سورىسا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيمەن. قەلبىمدىكى شۇ ئوتنىڭ ئۇلغىيىپ بېرىشى بىلەن ئاخىرى كۆزلىگەن ئارزۇيۇمغا يېتىپ ئامېرىكىدىكى دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنىمۇ پۈتتۈرۋالدىم ۋە ئۆزۈم ئەڭ ئارزۇ قىلغان تەتقىقات مەركىزىدە كۆپ ھۆرمەت ۋە خېرىدارلىقنىڭ ساھىبى بولۇپ ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن بىر خىزمەت ئورنىغىمۇ ئېرىشىپتىمەن. ئاللاھنىڭ بەرگەنلىرىگە يەنە بىر قېتىم شۈكرى.

بۇ مۇشەققەتلىك، ئەمما كىشىنى رازى قىلىدىغان سەرگۈزەشتىلىرىمنىڭ باشلانمىسى بولغان ئامېرىكىدا ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۋالغاندىكى ۋە ئالدى-كەينىدىكى ئىشلار كۆڭۈل قەپىزىمگە ئورناپ كەتكەن ئىدى. ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا مىڭ بىر جاپالاردا ئىلتىماسىمنى تاپشۇرۇپ نەتىجىسىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈشكە باشلىدىم. چاتاق يېرى، جۇڭگودىكىدەك مەلۇم بىر ياكى بىر نەچچە ئىمتىھاننى بىرىپ نومۇر سېزىقىدىن ئاشسىلا ئۆتۈپتىمەن دەپ بىلگىلى بولىدىغان ئىش بولسىمىغۇ ئاسان ئىكەنتۇق. شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت تەييارلىق قىلىپ، تەلەپ قىلىنىدىغان ئىمتىھانلارنى ياخشى بېرىپ، يەنە بىر مۇنچە ماتىرىياللارنى تەييارلاپ ئىلتىماسنى سۇنۇپ قويسا، بىز ئالدىرىغان بىلەن ئامېرىكا مەكتەپلىرى قارار چىقىرىشقا ئانچە ئالدىرىمايدىغاندەك قىلاتتى. 2009-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى دوستۇم ئۇتۇققا كانزاس شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى كەلگەندىن كىيىن خېلى ئۈمىدلىنىپ قالغان ئىدىم. بۇ يەردە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى دېگەننى بىر ئىزاھلىۋىتەي. ھېكايەمنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە ئېيتقاندەك (بۇ يەردە ھېكايە دېسەم بەزىلەر يېزىۋاتقانلىرىمنى كۈندىلىك خاتىرە دەپ باھا بېرىپتۇ، مەن ئۈچۈن نېمە بولۇشى مۇھىم ئەمەس، پەقەت مۇشۇ سەرگۈزەشتىلىرىم باشقىلارغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بېرەلىسە، يول كۆرسىتەلىسە ۋە ياكى ھوزۇر بېغىشلىسا مەن شۇنىڭدىن خۇشال)، ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىلىرى مەلۇم ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ، بەزىلىرى تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. بۇ دېگەنلىك مەكتەپلەرنىڭ قىممەت ئوقۇش پۇلى (كۆپىنچە ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ئوقۇش پۇلى يىللىقى 20مىڭ دىن 50 مىڭ دوللارغىچە) فاكۇلتېت تەرىپىدىن تۆلىنىدۇ. ساغلاملىق سۇغۇرتىسى (يىللىقى كامىدا 3 مىڭ دوللاردىن 5 مىڭ دوللارغىچە) ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك چىقىملارنى يەنە شۇ فاكۇلتىت تۆلىگەننىڭ ئۈستىگە، ھەر ئايدا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ماگىستىر ئاسپىرانتلارغا 1200-1600 دوللار ئەتراپىدا، دوكتور ئاسپىرانتلارغا 1500-2000 دوللار ئەتراپىدا تۇرمۇش پۇلى مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مۇكاپاتنى پەقەت شۇ مەكتەپ بېرىدىغان بولۇپ، مەكتەپكە ئىلتىماس قىلغاندا مەكتەپلەر ئۆزلىرى ئاۋۋال قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى، ئارقىدىنلا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىش-بەرمەسلىكنى بېكىتىپ بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلىسىڭىز ئامېرىكىغا قەدەم بېىسۋالغاندىن كىينلا يانچۇقتىن بىر تەڭگە چىقىم قىلماي خاتىرجەم ئوقۇشىڭىزنى پۈتتۈرۈۋالالايسىز دېگەن گەپ. شۇڭا بۇ خىل ئوقۇش ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ئۇتۇقنىڭ خۇش خەۋىرىدىن كىين ئۇزۇن ئۆتمەي مەن تولا كۈتۈپ كۆزۈم تۆت بولغان ئۇقتۇرۇشلارنى تاپشۇرىۋىلىشقا باشلىدىم. ئېچىنىشلىق يېرى، بۇلار خۇش خەۋەر بولۇشنىڭ ئورنىغا رەت قىلىش خەتلىرى بولۇپ چىقتى. بىئولوگىيە فاكۇلتېتدىكى ناھايىتى قىزغىن ۋاڭ مۇئەللىم فاكۇلتېت قىرائەتخانىسى ۋە خەت-چەكلەرگە مەسئۇل ئىدى. ئۇنى ھەر كۆرسەم خەت كەلدىمۇ دەپ سوراۋېرىپ ئۇ ئامېرىكىدىن خەت كەلسىلا بىر خەت بار ئىدى، كىرىپ قاراپ باق سېنىڭمىكىن دەپ چاقىرىدىغان بولغان ئىدى. بۇ خەتلەرنىڭ بەزىلىرى پەقەت مەكتەپلەرنىڭ ئادەتتىكى ئۇچۇرلىرى، ئېلان خاراكتېرىدىكى تەشۋىقات ماتىرىياللىرى ئىدى، يەنە بەزىلىرى رەت قىلىش خەتلىرى ئىدى. ئالدى بىلەن مىسسۇرى شىتاتىنىڭ سائىنىت-لۇيىس شەھېرىدىكى ۋاشىڭگىتون ئۇنىۋېرستېتى گېنىتىكا فاكۇلتېتىدىن، ئارقىدىنلا ۋسىكونسېن ئۇنىۋېرستېتى-مەدىسون (ۋسىكونسېن ئۇنىۋېرستېتى-مىلىۋاكىي دەپ يەنە بىرى بار، ئەمما مەدسىوندىكىسى بەكلا داڭلىق بىر ئۇنىۋېرستېت) مولىكۇلا ۋە ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى فاكۇلتېتىدىن دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئىلتىماسىمنىڭ رەت قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى كەلدى. بۇ ئۇقتۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن بىر قېلىپتا يېزىلىدىغان بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق گەپلەر بىلەن بىر مۇنچىنى ماختىۋىتىپ زادى نېمە دەيدىغاندۇ دېسە، سېنى قوبۇل قىلمىغانلىقمىزدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇق، ساڭا ئىشىنىمىز ۋە ئامەت تىلەيمىز دەپ يېزىقلىق تۇرغان... بۇنداق خەتلەر ئادەمگە راستىنلا «تىلى شېكەر، دېلى زەھەر» دېگەننى ئەسلىتىپ قويىدۇ ھەم كېيىن خەت كەلسە ئالدىدىكى قۇرۇق گەپلەرنى تاشلاپلا ئۇدۇل قوبۇل قىلدىمۇ يوق شۇنىلا بىرىنچى بولۇپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. بەرىبىر بۇ ئىككى داڭلىق مەكتەپكە مەن تەساددىپىي ئۆتۈپ قالسام ھەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىلتىماس قىلغان بولغاچقا ئۈمىدسىزلەنگەن بولساممۇ، ئەمما كۆڭلۈمنى ئۇنچىۋالا يېرىم قىلىپمۇ كەتمىدىم. ئەمدىكى ئۈمىدىم دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئىشلەۋاتقان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى ئىدى. بۇ مەكتەپكە ئەڭ زور ئۈمىدىمنى باغلىغان ۋە تۇنجى بولۇپ بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىقلار بىلەن ئاران ئىلتىماس قىلغان مەكتەپ بولغاچقا، خەۋىرىنى ئەڭ تەققازالىق بىلەن كۈتتۈم. ئەڭ مۇھىمى، شۆھرەتكام ئاللىقاچان خەت يېزىپ مېنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولغاچقا كۆڭلۈم خوش ئىدى. ئەپسۇس، كىم بىلسۇن ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا باشقىلارنىڭ سۆزىنى پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتىرىيالى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى ئاساس قىلمايدىغىنىنى؟! مانا 3-ئاي كىرسىمۇ جىمجىت، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى يېزىشمۇ خوشياقماي قالاتتى، كۆڭلۈمدە ھەتتا قوبۇل قىلىنغىنىمنى تىزراق بىلسەم ئوقۇشۇمنى شۇ كۈنىلا تاشلاپ مەكتەپتىن چىقىپ كېتىشنى ئويلاشقان ئىدىم. بەرىبىر ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە دوكتورلۇق ئوقۇغاندا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بولمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا مەشھۇر ئالىملىرىمۇ ئەزەلدىن ماگىستېرلىقنى ئوقۇپ باقمايلا، تولۇق كۇرستىن كىيىن ئۇدۇللا دوكتور ئاسپىرانتلىقىغا كىرگەن. ياخشى يېرى، ئىچىم قانچە پۇشۇپ تاقەتسىزلەنسەممۇ، ئانامنىڭ يېنىمدا بولۇشى ماڭا زور ئىلھام ۋە مەدەت بولاتتى. ئانام يىراق بىر سەھرادىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ پېنسىيگە چىققان ئاددىي بىر ئايال بولسىمۇ، ئۇ مېنىڭ ئارزۇلىرىمنى چۈشىنەتتى ۋە مېنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايتى. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئاسپىرانىتلىق ئوقۇشۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى يېرىم يىلى قالغاندا ئانام بىلەن ئىككىمىز ئۈرۈمچىدە بىر ئۆينى ئىجارە ئىلىپ بىللە تۇرۇش پۇرسىتى نېسىپ بولدى. ئۇ كۈنلەپ-كېچىلەپ ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تەييارلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن دېسسىرتاتسىيەمنى يېزىۋاتقىنىمغا قاراپ ماڭا ئىچ ئاغىرىتاتتى ۋە نېمىشقا ئورۇقلۇڭنى بىلدىم بالام دەپ ناگان-ناگاندا كۆزىگە ياش ئالاتتى، مەن ئۈچۈن ئۇزۇن-ئۇزۇن ئولتۇرۇپ دۇئا قىلاتتى. بىر كۈنلۈك ئىشلىرىمغا پۇت-قولۇم يېتىشمەي دېگۈدەك ھېرىپ كەچلىرى بىر كېچىلەردە ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ئۇ ئۇنىمىغىنمغا ئۇنماي قولۇمنى، باشلىىرىمنى تۇتۇپ قويىمەن دەپ تۇراۋالاتتى ۋە ئۇنىڭ باشلىرىمنى يەڭگىل مۇجۇشلىرى بىلەن ئۇيقۇغا كېتەتتىم. ئۆيدىن 13 يېشىمدا ئايرىلىپ، شۇنىڭدىن كىيىن مەكتەپ ياتاقلىرى مېنىڭ ئۆيۈمگە ئايلىنىپ ئانامنىڭ مېھرىگە قېنىپ باقمىغاچقىمۇ، ئانامنى بىلەن بۇ قېتىم 6-7 ئاي ھەر كۈنى كۆرۈپ،  بىللە ياشىۋىلىش، ئۇنى كۈندە كۆرۈپ تۇرۇشتىن ئۆزۈمنى بەكمۇ بەخىتلىك سېزەتتىم. مەنمۇ ئۇنىڭ ماڭا كۆيۈنگىنىگە يارىشا ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنى كونسېرتلارغا ئاپاردىم، كوچىلارنى بىللە ئايلاندۇق، سالامەتلىكىنى تەكشۈرتتۈم، بىللە كۆزەينەك ياساتتۇق… شۇ يىلى ئاياللار بايرىمى كۈنى ئۇنىڭغا سەنشىخاڭزىدىن سېتىۋالغان بىر ياغلىقنى سوۋغا قىلىۋىدىم، ئۇنىڭ يىغلاپ ياش تۆكۈپ كەتكەنلىرى… شۇنداق قىلپ ئانام بولغاچقىمۇ 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى مەن ئازرۇ قىلغان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ رەت قىلىش خېتىنى تاپشۇرۋالغېنىمدا ئۆزۈم ئويلىغاندەك تۈگىشىپمۇ كەتمىدىم، ئەمما لاسسىدە بوپ قالغان ئىدىم. ئىشمۇ خوشياقمايتتى، ئۈمىدىم يوققا چىققاندەك بولۇپ، خوشياقمىسىمۇ زورلاپ پۈتۈن ۋاقتىمدا ئەمدى ھېلىقى تېتىمايدىغان دېسسىرتاتسىيەمنى يېزىشقا كىرىشتىم. بۇ مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلماسلىقتىكى ئاساسلىق باھانىسى ئۇلار تەلەپ قىلىدىغان دەرسلىكلەردىن 3 پەننى ئوقۇماپتىمەن، شۇڭا شۇ دەرسلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن كىلەر يىلى قايتا ئىلتىماس سۇنۇشۇم كېرەكمىش. ئەمما ئۇ دەرسلەرنىڭ ھېچقايسىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئۆتۈلمەيتتى، بەلكىم مىدىتسىنا ئۇنىۋېرستېتىدا ئۆتۈلۈشى مۇمكىن ئىدى. چاتاق يېرى، يا جۇڭگودا ئامېرىكىغا ئوخشاش مەكتەپ ئاتلاپ دەرس تاللاپ ئوقۇش مۇمكىن بولمىسا، بۇ مېنى بۇ مەكتەپكە قايتا ئىلتىماس قىلما دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟ ئىچىم پۇشتى، بىر كىملەرنى تىللىغۇم، كىملەرنىڭدۇر ياقىسىدىن ئالغۇممۇ كېلەتتى. ئەمدى تېخى خەۋەر كەلمىگەن بىر قانچە مەكتەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى ساقلىغاچ، ئىلتىماس ۋاقتى سەل كېيىنرەك توشىدىغان ياۋروپا مەكتەپلىرىنى ئىزدەشنىمۇ ئويلىدىم،-يۇ، ئەمما مېنىڭ ئامېرىكىغىلا چىققۇم بولغاچقا ياۋروپا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس سۇنمىدىم.

جىمجىتقىنە دېسسىرتاتسىيەمنى يېزىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بېرىدە، ئېنىقى 3-ئاينىڭ 24-كۈنىگە كەلگەندە ئامېرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرستېتىدىكى مەن ئىلتىماس قىلغان فاكۇلتېتتىن بىر ئىلخەت تاپشۇرۋالدىم. بۇ ئىلخەتكىمۇ بىر مۇنچە قۇرۇق گەپلەر يېزىلغاندىن كىيىن، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ مېنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئەمەسلىكىنى نەچچە يەردە تەكىتلەپ مەندىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئىلىپ باقماقچى بولغانلىقى يېزىلىپتۇ. يا ئاللاھ، ھەر ھالدا يەنە بىر رەت قىلىش خېتى ئەمەسكەن دەپ ئويلىدىم ۋە ياخشى بىر پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالدى. دوكتور پىتىر تورسنېس (Peter Thorsness) خېتىدە يەنە بىر دۇ فامىلىلىك جۇڭگولۇق پىرافىسور بىلەن ئىككىسىنىڭ 26-چىسلا سەھەر سائەت 10:00 دا مەن بىلەن تېلېفۇندا سۆزلىشىش شەكلىدە يۈز تۈرانە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ دەرھال جاۋاپ قايتۇرۇشۇمنى تەلەپ قىپتۇ، مەن ھېچ ئىككىلەنمەيلا ماقۇل دېدىم. ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاۋۋال ئىلتىمسا قىلغۇچىلارنى بىر قۇر باھالاپ چىقىپ، ئالدىغىراق تىزىلغا كاندىداتلارنى مەكتەپكە كىلىپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا چاقىراتتى، بىزدەك چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپكە بېرىشقا پۇرسەت بولمىغاچ بىزدىن سكايىپتا سىنلىق كۆرۈشۈش شەكلى ياكى تېلېفۇندا سۆزلىشىش شەكلى بويىچە يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئالىدىغان ئىشكەن. تېلېفۇن نومۇرىنى ئەۋەتىپ بېرىشىم كېرەك، ئەمما بۇنداق مۇھىم ئىشقا ئۇلار سېگنالنىڭ ياخشى بولماي قېلىشىنى كۆزلەپ ئۆي تېلېفۇنى بولۇشى كېرەكلىكىنى سوراپتۇ، ماقۇل دېدىم، ئەمما تېلېفۇن نومۇرىنى ئىمتىھان باشلىنىدىغان كۈنى سەھەردە ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. شۇنداق قىلىپ توردىن بۇ خىل ئىمتىھانلاردا سورىشى مۇمكىن بولغان سوئاللارنىڭ دائىرىسىنىڭ بىر قۇر تەكشۈرۋەتكەندىن كىيىن تەرجىمھالىم ۋە شەخسىي بايانىمدا يېزىلغان تەتقىقاتقا ئائىت بارلىق مەزمۇنلارنى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سوراپ قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان سوئالدىن 50 تېپىپ چىقىپ كاللامدا بىر قۇر جاۋاب تەييارلىۋالدىم، بەزىبىر تەسرەك كەسپىي گەپلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن تامغا چاپىلىغىلى بولىدىغان قەغەزگە يېزىپ ئىككى كۈن ئىچىدە تەق بولۇپ خوڭسەندىكى بىر مېھمانىغا تەجىرىبخانىداش دوستۇم دىلشات بىلەن بىللە باردىم. مەن ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ مېھمانخانىدا بولسا جىمجىت ھەم تېلېفۇنى ئوبدان ئىشلەيدۇ دەپ قاراپ بىر ياتاق زاكاس قىلىپ قويغان ئىدىم. دىلشاتنى ئېنگىلىزچىسىمۇ بەك ياخشى بولغانلىغى ۋە كۆڭلۈمنى چۈشىنىدىغان دوستۇم بولغانلىقى ئۈچۈن روھىي مەدەت بېرىدۇ دەپ ئويلاپ ئىلىۋالغان ئىدىم. 26--چىسلا كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ، دىلشات ئىككىمىز ياتاققا كىلىپ تېلېفۇن ئىشلەمدۇ-يوق، تور ئۇلىنامدۇ يوق دېگەنلەرنى بىر قۇر تەكشۈرۋەتكەندىن كىيىن خاتىرجەم بولۇپ تېلېفۇن كېلىشىنى كۈتتۇق. تورغا چىقىپ دوكتور تورسنېسكە ياتاقنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى ئىلخەت قىلىپ ئەۋەتىپ بەردىم. ئامېرىكىدا (توغرىسى ئوتتورا غەربىي ئامېرىكىدا چۈنكى ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدا 5 ۋاقىت رايونى بار، ۋاشىڭگىتون شەھىرىدە سائەت 10 بولغاندا ۋاشىڭگىتون شىتاتىدىكى سىياتېل شەھرىدە ئەمدى سائەت 6 بولغان بولىدۇ) سەھەر بولغاندا ئۈرۈمچىدە كېچە بولغاچقا ھېسابلىسام كەچ سائەت 11:00 دە تېلېفۇن كېلىشى كېرەك ئىدى. تىت-تىت بولۇۋاتاتتىم، قوللىرىم ئىىسسىق بەدەنلىرم سوغۇق تەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدى، بولمىسىغۇ بۇ ياتاقنى ئىسسىق دېگىلىمۇ بولمايتتى. ئامال بار ئەركىن بولۇشقا تىرىشىپ دىلشات بىلەن پاراڭلاشقاچ ماتىرىياللارنى ئۈستەلگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، لازىم بولسا دەپ يېزىۋالغان كەسپىي سۆزلەرنىڭ ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى دېگەندەكلەرنى تاملارغا چاپلاپ ئاران دېگەندە ۋاقىتنى توشقۇزساق، دەل ۋاقتى بولغاندا تېلېفۇن جىرىڭىشىدى.

شۇنچە كۈتكەن تېلېفۇننى ئېلىشقا قولۇم بارماي،  بىر مۇنچە جىرىڭشىپ بولغاندا يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەپ قوللىرىم تىتىرىگەن پىتى تۇرۇپكىنى «ھېللوۋ» دەپ ئالسام، قاتتىق ھەيران قالدىم… ئاھ خۇدا! كۆردۈڭلارمۇ، ماۋۇ جۇڭگوچىلىقنى؟! تۇرۇپكىدىن مەن كۈتكەن ئاۋاز ئەمەس، بىر ئايالنىڭ ئاۋازى كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېنگلىز تىلىدا ئەمەس بەلكى خەنزۇ تىلىدا سۆزلەۋاتاتتى:

-ئەپەندىم، ……….بەدەن ئۇۋىلىتامسىز؟ يەنە ….
-يوقال!!! يەنە قايتا تېلېفۇن ئۇرىدىغان بولساڭ ….

مۇنداقمۇ ئۇدۇل كەپ قالىدىغان ئىش بولامدۇ؟ بۇ رەسۋالارنىڭ دەردىدىن كىشى خاتىرجەم ئويلىغان ئىشلىرىنىمۇ بىجىرەلمىگەن. غەزەپلەندىم، ئەمما كۆپ ئويلاشقا ۋاقتىم يوق ئىدى، ئەمدى بايا ئالدىراش دەپ چىققان بولسا مەكتەپتىكلەر ئەمدى قايتا تېلېفۇن ئۇرماسمۇ دەپ ئەنسىرەپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا غەزەپتىن تىتىرەك ئولاشتى، ئېغىزىم گەپكىمۇ كەلمەيتتى. دىلشات يۈگۈرۈپ بېرىپ تەييارلاپ قويغان سۇدىن بىر ئىستاكان سۇندى. ئۇمۇ جىددىيلىشىپ ئاغزىنى چىكىلدىتاتتى ۋە چوقۇم قايتا ئۇرىدۇ، ئەنسىرىمەڭ جىددىيلىشىپ كەتمەڭ دەپ تەسەللىي بېرەتتى. سۇنى ئىچىپ ھەر ھالدا ياخشى بولۇپ ئالاھەزەل 7-8 مېنۇتلار ئۆتكەندىن كىيىن تېلېفۇن يەنە جىرىڭشىدى. بەلكىم ھاياجانلىرىم ئالدىنقى قېتىمدا ئىسراپ بولغاچقىمۇ، ئانچىمۇ جىددىيلىشىپ كەتمەيلا تېلېفۇننى ئالدىم. خۇدايىمغا شۈكرى، بۇ قېتىم سۆزلەۋاتقىنى  قويۇق ئامېرىكا تەلەپپۇزى بىلەن ناھايىتى تىز سۆزلەيدىغان دوكتور تورسنېس ئىدى. بايا بىر قۇر جىددىيلىشىپ بولغاچقىمۇ ئانچىمۇ جىددىيلەشمىدىم، ناھايىتى قىزغىن ئەھۋال سوراشتۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ كىيىنكى 30 مېنتۇتتىن 50 مېنۇتقىچە مەن بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تەلىيىمگە يارىشا، ئۇلار سەل ۋاخ قېلىىپ كېچىكىپرەك تېلېفۇن ئۇرغان ئىكەن. دوكتور تورسنېس گەرچە تىز سۆزلىسىمۇ بەكمۇ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا سۆزلىگەچكە ئۇنىڭ بىلەن راھەت پاراڭلىشتىم. ئۇ مېنى ئەركىن ھېس قىلدۇراي دېگەن بولسا كىرەك، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ھاۋانىڭ قانداقلىقىنى، يەنە ئۈرۈمچىنى توغرا دىيەلمىگەنلىكىگە چاقچاق قىلىپ ئۈلگۈردى. ئۇ پات-پاتلا ئىسمىمنى بىر ئامېرىكىلىققا نىسبەتەن ناھايىتى توغرا تەلەپپۇزدا «تۇرسۇن جووون» دەپ تىلغا ئالغاچ گەپ باشلايتتى ۋە مېنىڭ ئىلتىماس ماتىرىياللىرىمنى كۆرۈپ ناھايتى تەسىرلەنگەنلكىنى ۋە مېنىڭ شەخسىي بايانىمنى بەكلا ياخشى يازغانلىقىنى ئېيتىپ بىر مۇنچە ماختىدى. كەيپىياتىممۇ كۆتۈرۈلۈپ بايىقى جىددىيچىلىكتىن ئەسەرمۇ قالمىدى. ئەمما ئۇ مەندىن قەدەممۇ-قەدەم ئىچكىرىلەپ قىزىقىشلىرىمنى، نېمە ئۈچۈن مەزكۇر مەكتەپنى تاللىغانلىقىم ۋە قايسى پىروفىسورلارنىڭ تەتقىقاتلىرنى ئەڭ قىزىقارلىق دەپ قارايدىغانلىقم دېگەنلەرنى سوراپ بولۇپ، تەتقىقات  نەتىجىلىرىمگە تېمىنى يۆتكىدى ۋە مەن ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە ئېنىچىكە سوئاللارنى سورىدى. ئۇ مېنىڭ ئىلگىرىكى ھەر بىر تەتقىقات تەجىرىبىلىرىمنى تەپسىلىي سوراپ، نېمە ئۈچۈن شۇ تەتقىقاتلارنى قىلغانلىقىم، قانداق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىم ۋە ئۇنى قانداق خۇلاسىلىغانلىقىمنى ئىنچىكىلەپ سورىدى، ئاندىن ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتىكى تەتقىقات تېمامغا گەپنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەر بىر تەجىرىبخانىدا ئىشلىتىدىغان تەجىرىبە ئۇسۇللىرىغىچە ئىنچىكىلەپ سوراشقا باشلىدى. سۇئاللار مەن ئويلىغاندىكىن نەچچە ھەسسە كۆپ ۋە ئىنچىكە بولدى، ھەتتا شۇ قەدەر ئىنچىكە سوئاللارنى سورىدىكى. «سىتاتىستىكا ئىلىمى دەرىسى ئوقۇپتىكەنسەن، ئۆلچەملىك پەرق بىلەن ئۆلچەملىك خاتالىقنى ھېسابلاش فورمۇلىسىنى ئېيتىپ باق؟ بۇ فورمۇلىلارنى قانداق چۈشىنىسەن ۋە بۇلارنىڭ تەجىرىبە لايىھەلەشتە قانداق رولى بار؟» دېگەندەك سوئاللارمۇ سورىلىپ بىر باشقا چىقتى. ئۇ ھەممە سوئاللىرنى سوراپ بولغاندىن كىيىن،  يېنىدىكى دوكتور دۇ نى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىنى ۋە تۇرۇبكىنى ئەمدى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى. جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى بولغىنىم بىلەن مەن ئەزەلدىن بىرەر خەنزۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېنگىلىزچە دەرىسنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم، ماگىستېر ئاسپىرانتلىقنىڭ  1-يىلى ئۆتۈلگەن ئېنگىلىزتىلى دەرىسىدە مۇئەللىمنىڭ تەلەپپۇزىغا چىدىيالماي تۇنجى سائەتلىك دەرستىن كىيىن قوشنا سىنىپتىكى ئۇيغۇر مۇئەللىمنىڭ دەرىسىگە ئالمىشىۋالغان ئىدىم، مانا ئەمدى شۇنىڭ زېيىنىنى تارتىۋاتاتتىم. بۇ دوكتور دۇ سۆزلەۋاتىدۇ، يا گېپىنى ئاڭقىرالمايمەن. ئەسلى بۇ مۇئەللىم ئامېرىكىلىق پىرافىسور گېپىنى چۈشەندۈرەلمەي قالماي دەپ ئاتايىتەن جۇڭگولۇق پىرافىسورنى بىللە ئىمتىھان ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئېنىق، ئەمما بۇنىڭ ماڭا پايدىسىدىن زېيىنى جىقىراق بولۇۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن ئەدەپ بىلەن نەچچە رەت سوئالنى قايتا سورىشىنى ئۆتۈنۈپ دېگەندەك ئاران دېگەندە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن 5 مېنۇت 5 يىلدەك بىلىنىپ تېلېفۇن يەنە دوكتور تورسنېسنىڭ قولىغا ئۆتتى. دوكتور تورسنېس ئاخىرىدا بىر نەچچە قىسقا سوئاللاردىن كىيىن فاكۇلتېتتىكى پىروفىسورلارنىڭ تەتقىقاتىنى ۋە مەن ئىلتىماس قىلغان بۇ پىروگراممىنىڭ مەكتەپتىكى بىئولوگىيىگە مۇناسىۋەتلىك 8 فاكۇلتېتكى پىروفىسورلاردىن يېتەكچىلەر قاتنىشىپ قۇرۇپ چىققان ئارىلاشما دوكتورلۇق پىروگراممىسى (interdisciplinary doctoral programm) ئىكەنلكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئاخىرىدا ئۇ شۇ يىلى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ 150 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى،ئەمما ئاران 10 ئادەمنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ۋە ھازىرچە بۇ ساندىن بىر ھەسسە كۆپ كاندىداتلار بىلەن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، پات ئارىدا چىقىرىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قوبۇل قىلىش قارارىنى ساقلىشىمنى، ھازىرچە مېنىڭ قوبۇل قىلىنىش-قىلىنماسلىقىم ئۈستىدە ھېچقانداق قارار چىقىرىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ تېلېفۇننى قويدى. توپتوغرا 45 مېنۇت كىتىپتۇ، ئۇھ دېدىم … نەچچە ئىستاكان سۇنى بىراقلا ئىچىۋەتتىم. گەپنىڭ راستىنى قىلسام بۇلار ۋەت-ۋەرىكىمنى چىقىرىۋىتەي دەپ قالغان ئىدى. دىلشات بەكلا ياخشى جاۋاب بەرگەنلكىمنى، ئىمتىھاننىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى توختىماي دەپ تۇرسىمۇ بىر يەرلەردە ئۇنى دېمەي بۇنى دېسەم بوپتىكەن ئەسلى دەپ خىلى ئۇزۇنغىچە ئۆزۈمنى سوراق قىلىپ ئاخىرىغا ئۇيقۇغا كەتتۇق.

نەچچە كۈن ئاۋۋالقى ھاياجانلىرىم يەنە سۇسلىشىپ قالدى، مەكتەپتىن ھېچبىر خەۋەر كىلەيمۇ دېمەيتتى.ئامېرىكىدا 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بارلىق ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرقى قارارلىرىنى كاندىداتلارغا ئۇقتۇرۇپ بولۇشى بەلگىلەنگەن بولغاچقا، ئەسلى خەۋەر بۇنچىۋالا كەينىگە سوزۇلۇپ كەتمىگەن بولسا توغرا بولاتتى. بۇ كۈن يېقىنلاشقانسېرى جىددىيلىشىشكە باشلىدىم، كۈندە نەچچە يۈز مەرتەم ئىلخەت ساندۇقۇمنى يېڭىلايتتىم، قولۇم ئىشقا بارمايتتى، ھەتتا ئامېرىكىدىن خەت كەلسە ئۇلارنىڭ كۈندۈزدە يازغان خەتلىرى بىزگە كېچىسى كىلىدىغان بولغاچقا كېچىلىرى ئۇيقۇممۇ كەلمەي سائەت 4-5 لەردە ئورنۇمدىن تۇرىۋىلىپ ئىلخەتنى ئاختۇراتتىم. قېرىشقاندەك شۇنچە ئاقتۇرساممۇ مەن كۈتكەن خەۋەر كەلمەي قويدى. بۇ مەزگىلدىكى بۇرۇقتۇرمىلىققا گەپ توغرا كەلمەيتتى.. ئانام مەندىن ئەنسىرەپ قېلىپ كۆڭلۈمنى ياسايتتى: بالام سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم، ساقلا بولسىڭىز سىز تېخى ھەر ئىشلارنى قىلىسىز. بۇ يىل چىقالمىسىڭىز كىلەر يىلى چىقىسىز. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى يازغۇڭىز كەلمىسە يازمىسىڭىزمۇ مەيلى، سىز ئۇنۋانغا ئېرىشەلمەي قالسىڭىزمۇ مەيلى، ئەمما ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، دەپ نەسىھەت قىلاتتى. ئانام تېخىمۇ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىدىغان بوپ كەتتى، كۆزىگە ياش ئالغىنىنى كۆرسەم چىدىمايدىغان بولغاچقا ئۇنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۆيگە كىرگەندە ناھايىتى روھلۇق بولۇشقا تېرىشاتتىم، ئەمەلىيەتتە بولسا كۆڭلۈم بەكلا يېرىم ئىدى چۈنكى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى كەلگەن بولسىمۇ ھېچقانداق خەۋەر يوق…. بۇ ئاساسەن مېنىڭ ئەمدى بۇ يىلقى ئىلتىماسىمنىڭ نەتىجىسىز ئاخرىلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دەپ ئويلايتتىم. شۇنداقتىمۇ، شۇ ئۆلگۈر 4-ئاينىڭ 15-كۈنىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن خۇرسەن ئىدىم، ئۇ خىل كۈتۈشنىڭ ئادەمنى قانچىلىك چارچىتىدىغانلىقىنى مۇشۇ دەمدە شۇ ۋاقىتتىكى ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق جاۋاب كۈتۈپ ئولتۇرغان تىرىشچانلار ئەڭ ئوبدان چۈشىنەلەيدۇ. بۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، مەن قانداقتۇر ئۈمىدىمنى ئۈزگۈم كەلمەيتتى، شۇڭا ھەر كۈنى ئۇنچىۋالا كۆپ ئاختۇرمىساممۇ بىر نەچچە ۋاخ ئىلخەت ساندۇقۇمنى ئاختۇرۇپ تۇراتتىم.

بۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن، 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت 10 لار ئىدى. ئادەتتىكىدە ئىشخانامدا پۈتۈشكە ئاز قالغان دېسسىرتاتسىيەمنىڭ ئاخىرقى بۆلەكلىرىنى يېزىپ ئولتۇرۇپ، ئىلخەت ساندۇقۇمنى ئاختۇرغاننى بىلىمەن، ۋارقىرىۋەتتىم.  شۇ ۋاقىتتا ئاغزىمدىن چىققىنى: oh my god! oh my god!!!! ھاياجاندىن تىلىم گاچا بولغاچقىمۇ، باشقا گەپ ئاغزىمغا كەلمەيتتى… يېنىمدىكى ساۋاقدىشىم دىلشاتنى قۇچاقلايتتىم، سەكرەيتتىم… دىلشات دېمىسەممۇ بىلدى، مېنى چىڭ-چىڭ قۇچاقلاپ قويدى. تەجرىبىخانىدىكى خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي، گاڭگىراپ قالغان ئىدى. سەل ھوشۇمنى يىغىۋالغاندىن كىيىن ئۇلارغا ئېيتىپ بىرىۋىدىم، ھەممىسى تۇشمۇ-تۇش مۇبارەكلەشتى. بەلكىم بۇنچىۋالا ھاياجانلىنىپ سەل چەكتىن ئاشۇرۋەتكەندىمەن، ئەمما بۇ جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققانلارغا نىسبەتەن بۇ تەبئىي بىر ئەھۋال بولۇپ تۇيۇلىدۇ، بۇ چاغدىكى ھېسسىياتنى بەلكىم چوڭ مۇسابىقىلەردە توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچىنىڭ ھېسسىياتىغا ئوخشىتىش مۇمكىنمىكىن، ئەلۋەتتە مەن ئۇنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغاندىكى بىلەلمەيمەن… ئىشقىلىپ، بۇ ئىلخەت ھاياتىمدا ھازىرغىچە تاپشۇرۋالغان ئەڭ ھاياجانلىق ئىلخەت ئۇچۇرى بولدى. قولۇمدىكى ئىشنى تاشلاپ سىرتقا قاراپ ساراڭلارچە چاپتىم. ھاۋانىڭ بۇ قەدەر ئېچىلىپ ئەتراپنىڭ شۇنچە چىرايلىق بوپكەتكىنىنى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئەسلى ھېس قىلمىغان ئوخشايمەن، ھەممە نەرسە كۆزۈمگە گۈزەل بىلىنەتتى، كىشىلەر، دەرەخلەر، ئەمدىلەتىن ياشىرىشقا باشلىغان چىملار، ھەممە شۇنچىلىك گۈزەل بولۇپ تۇيۇلۇپ ھاياجانىمنى ئۇلغايتاتتى… شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ قارشىسىدىكى بىنالارنىڭ بىرىدە بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئانامغا بىر دەقىقە بولسىمۇ خەۋەرنى بۇرۇنراق يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇچۇپ دىگۈدەك ئۆيگە كىرىپ كەلدىم.

-ئانا، ماڭا چاقىرىق كەلدى! جېنىم ئانا، سېنىڭ دۇئايىڭ بىلەن ئۆتۈپتىمەن!

ئانام قۇچىقىمغا ئۆزىنى ئاتتى. ئانامنىڭ ياشلىرى ئاللىقاچان مۈرەمنى ھۆل قىلىپ ئۈلگۈردى. چىڭ قۇچاقلاشتۇق، ئانامغا قاراپ مەنغۇ يىغلاپ كەتتىم. بۇ ئۇزۇن سەپەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قىسمىغا گۇۋاھ بولغان ئانام مەندىنمۇ بەكرەك ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئويلىشى ئېنىق ئىدى. مەنغۇ بىر دەمدە توختىدىم، ئەمما ئانام شۇنچە ئۆزىنى تۇتىۋىلىشقا تىرىشسىمۇ خىتىلداپ ئىختىيارسىز يىغلاپ كېتەتتى. بىر ئېغىز سۆزسىز ئىككىمىز يۈرىكىمىزدىكى نۇرغۇن گەپلەرنى دېيىشىپ بولدۇق...

جېنىم ئانا، سېنى كۆرمىگىلى شۇ تاپتا 4 يىل بولاي دەپتۇ. مۇشۇ ئەسلىمىلەرنى قەلەمگە ئىلىۋىتىپ، سېنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى تېخىمۇ ھېس قىلىۋاتىمەن. مۇشۇ خۇشال كۈندىن كىيىن بىر يىل ئۆتمەي مەن ئارزۇلاپ بارغان ئامېرىكىدىن ساڭا يازغان، ئەمما ئەۋەتىشكە پۇرسەت بولمىغان خېتىمنى ئالدىنقى كۈنى قولۇمغا ئىلىپ جىمجىتلىقتا سۈكۈتكە چۆككەن ئىدىم…..




2009-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى ماڭا كەلگەن خوش خەۋەردىن كېيىن ئىشلار ناھايىتى تىز راۋاجلاندى ۋە مېنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارالايدىغانلىقىمغا بولغان ئىشەنچىم كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى. مەن ئالاھەزەل بىر ھەپتىلەردە مەكتەپنىڭ رەسمىي چاقىرىق قەغىزىنى پوچتىدىن تاپشۇرۋالغان ۋاقتىمدا ئۇتۇق ئاللىقاچان ۋىزا ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ شېنياڭدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىلەن يۈز-تۇرانە ئىمتىھانغا كىلىشىپ بولغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇتۇق ئوڭۇشلۇق ھالدا ۋىزىغا ئېرىشىپ ئامېرىكىغا بېرىشى ئېنىق بولدى. ئۇنىڭ تەجىرىبىلىرىنىڭ ياردىمىدە مەنمۇ ئاسانلا 6-ئاينىڭ 7-كۈنىگە بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى بىلەن ۋىزا يۈز-تۇرانە ئىمتىھانىغا كىلىشىۋالدىم. بۇ كۈنلەردە خۇشاللىقلار ۋە خاپىلىقلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى ۋە 2009-يىلى ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر يىلغا ئايلىنىپ قالدى. ھازىر ۋىزا ئىلتىماس قىلىش جەريانى شۇ يىللاردىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن مەن ۋىزا ئىلتىماسىغا تەييارلىق جەريانلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغۇم كەلمىدى، ئەمما بىر نۇقتا ئېنىقكى، سىز ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىدىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىنغان بولسىڭىز بانكىدا پۇلىڭىز ياكى ئۆي-ۋاقىڭىز بولمىسىمۇ، ئاساسەن ۋىزا ئىلتىماسىڭىز ئوڭۇشلۇق بولىۋىرىدۇ. بۇ ياۋروپا ياكى باشقا دۆلەتلىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمدى ئابلەتكە كەلسەك، ئۇ توغرىدىكى ھېكايەمدە تىلغا ئالغان ئىككىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىز 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا توغرا كەلدى. ئابلەت بىلەن بۇ قېتىم كۆرۈشكىنىمدە شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم. نەچچە ئايدىن بىرى ئارىمىزدىن پەقەت ئابلەتكە چاقىرىق كەلمىگەچ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئازراق كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالاتتى، ئەمما بۇ قېتىم ئابلەتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۋالالمايدىغان خۇشاللىقى تىپىپ تۇرغان چىرايىدىن ئۇ ئۆتكەندە ياخشى ئۇچۇر ئاڭلىغان تېكساس شىتاتىدىكى جەنۇبىي مىتودېست ئۇنىۋېرستېتىدىن چاقىرىق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى پەملىيەلەيتتىم. ئابلەتنىڭ 6-ئايدا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن چاقىرىق تاپشۇرىۋىلىشى ھەقىقەتەنمۇ بىر مۆجىزىدەك ئىش بولدى، دەپ ئويلايمەن. ئابلەت زېرىكمەي-تېرىكمەي تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى بەل قويۇۋەتمەسلىكنىڭ غەلبە قىلىشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىمىز ئابلەت بىلەن ئۈرۈمچىدە ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىشىمىز بولۇپ قالدى. ئۇ دەرھال ۋىزا ئىلتىماسىنى باشلىدى ۋە بىر مۇدھىش كۈنى سەھەردە (2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى) ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا شۇ كەتكەنچە قالايمىقانچىلىقلار تۈپەيلى ئۆيدىكىلىرىگىمۇ خوش دېيەلمەي شۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىغا ئۇچقانلىقىنى كېيىن ئامېرىكىدا ئۇنىڭدىن ئاڭلىدىم. ئۇتۇقمۇ 7-ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكىغا كىلىپ ئامېرىكىدىكى دوكتورلۇق ئوقۇش ھاياتىنى باشلىۋەتتى. ماڭا كەلسەك، 6-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتدىكى ماگىستېرلىق ئوقۇشۇمنى پۈتتۈردۈم ۋە شۇ كۈنى يەكەنگە قاراپ يول ئالدىم. كېلىۋاتقان مىسىلسىز بىر پاجىئەدىن بىخەۋەر 7-ئاينىڭ 4-كۈنى يەكەندە ئاددىي ۋە كۆڭۈللۈك ھالدا تويۇمنى قىلىۋالدىم. نۇرغۇن ئەنسىرەشلەر، تەمتىرەشلەر ئىچىدە 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاتا-ئانام، ئايالىم، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر ۋە يۇرت ئەھلىنىڭ دۇئاسىنى ئىلىپ شۇ قالايمىقان مەزگىللەردە ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تازا بىلەلمەي، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ يەكەندىن يولغا چىقتىم. ئۈرۈمچىدىكى دوستلار ۋە ماڭا مەدەت بەرگەن ئۇستازلار بىلەن بىر قۇر كۆرۈشۈپ جىمجىتلا بېيجىڭغا كىلىۋالدىم-دە، شۇ ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا «بىرلەشمە ئاۋىئاتسىيىسى» نىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ ئاسمىنىدىن كۆتۈرۈلگەندە ئاخىرى ئۆزرۈمنىڭ ئامېرىكىغا بارىدىغانلىقىمىغا تۇنجى قېتىم چىن پۈتكەن بولدۇم ۋە شۇ دەقىقىدە ئاللاھقا مىڭ ھەمدۇ-سانالار، شۈكرىلەرنى ئېيتتىم. شۇ كۈنى بۇ ئۇزۇن سەپەرگە خاتىمە بېرىپ ھاياتنىڭ يېڭى بىر سەپىرىنى كۈتۈۋىلىش ئۈچۈن كەلگۈسىگە بولغان نۇرغۇن سوئال، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم باستىم...

شۇنداق قىلىپ ئابلەت، ئۇتۇق ئۈچىمىز ئامېرىكىدا يېڭى ۋە ئوخشىمايدىغان ھېكايىلەرنى ھايات خاتىرىلىرىمىزگە يېزىشقا باشلىدۇق. مانا ئارىدىن 5 يىل ئۆتۈپ، گەرچە ئۇتۇق بىلەن ئابلەت كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ، مەن ئۇتۇق ۋە ئابلەت ھەر ئىككىلى دوستۇم بىلەن ئامېرىكىدا ئايرىم-ئايرىم 3-4 قېتىم كۆرۈشۈپتىمەن ۋە ئۇلار بىلەن ھەر كۆرۈشكەندە ئاجايىپ خۇشال ھېسلار ۋە يېڭى تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپتىمەن. ئامېرىكىدىكى ئوقۇش ھاياتىنىڭ قانچىلىك ئالدىراش ۋە بېسىمغا تولغان ئىكەنلىكىنى ئويلىغاندا ئۇلار بىلەن ئامېرىكىدا شۇ بىر نەچچە نۆۋەت كۆرۈشۈپ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغىنىمغا شۈكرى قىلىمەن ۋە ئۇلار بىلەن ھەر قاچان كۆرۈشۈش پۇرسىتى ئىستەيمەن. مەن ئۇچراتقان كىشىلەر ئىچىدە زېرەك ۋە تىرىشچانلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما ئاخىرىغىچە بەل قويۇۋەتمەي دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىرى ساناقلىق. كۆزىتىشىمچە، ئامېرىكىغا پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا چىقالىغان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىدە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئورتاقلىق بار: ھەممىمىز سۆزىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىر قەدەمدىن بولسىمۇ ئالدىغا ماڭىدىغانلار ۋە قېيىنچىلىق قانچىلىك زور بولسۇن بەل قويۇۋەتمەي ئارزۇيىمىز ئۈچۈن تىرىشقانلارمىز. ئامېرىكىدەك دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىش شەرتى ئەڭ يۇقىرى، ئەمما تاللىنىپ دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا كىرگەنلەرنىڭ ئىچىدە ھەر جەھەتتىكى بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلى ئوتتۇرا يولدا ئوقۇشنى تاشلاپ چېكىنىدىغانلار (ياكى چېكىندۈرۈلىدىغانلار) ئوقۇشنى باشلىغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 37% نى ئىگەللەيدىغان دۆلەتتە، جەڭنىڭ ئاخىرغىچە بارلىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا لايىقلاشقانلىرىنىڭ قانداقراق ئادەملەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغانلىغى دۇنيا جامائىتىگە ئايان بولغان بىر ئىشتۇر. بىز ئۈچىمىز باسقانغا ئوخشاش يوللار بىلەن ئامېرىكىغا دوكتورلۇققا ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئىچىدىن نى-نى نەتىجە قازىنىۋاتقانلارنى، مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىسىمۇ ئورنىدىن دەس تۇرغانلارنى ئاڭلىسام ئاڭلىدىمكى، تېخى بىرەرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرەلمىگىنى ياكى ئوقۇش ۋە تەتقىقاتلىرىدا نەتىجىسى باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. شۇغىنىسى، ئەپسۇسكى بۇ سان ھازىر ناھايىتى ئاز بولۇۋاتىدۇ. مەيلى كىيىن نېمە ئىش قىلسۇن، قەيەردە ياشىسۇن ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن بىر ئادەمنىڭ بولسىمۇ ئۆز نېنىنى ھۆرمىتى بىلەن ئۆزى تېپىپ يېيەلەيدىغان دوكتورلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشى ئەسلى بىر ئېسىل ئىش ئىدى. ئامېرىكىدا تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئوقۇشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكى ۋە ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى ناھايىتى ئاددى بولغان ياشلارنىڭمۇ بۇ ئىشنى قىلالايدىغانلىقى نۇرغۇن كىشىلىرىمىزگە تېخى ئايان بولمىسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە مەيلى قانچىلىك جاپالىق بولسۇن، ھەقىقىي بىلىم ئاشىنالىرىنى نا ئۈمىدتە قالدۇرمايدىغان ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتتە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش مەيلى باي، مەيلى كەمبەغەل، مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل بولسۇن ھەر قانداق بىر تىرىشچان ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۈچۈن مۇمكىن بولىدىغان ئىشلار قاتارىدىندۇر. ئەلۋەتتە، ھەر كىشىنىڭ ئارزۇسى ھەر خىل بولىدۇ، ئەمما «ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى» دېگەندەك ھەر بىر ئامېرىكا چۈشى كۆرۈۋاتقان ئارزۇ ئىگىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۈمىد بىلەن، ھەرىكەت بىلەن، ئۇزۇنغا ۋە مەغلۇبىيەتكە چىداشچانلىق بىلەن باسقان ئۈزۈلمەس قەدەملەردىن پەقەت مېھنەت گۈللىرى ئۈنسە ئۈنىدۇكى ھەرگىز شۇمبۇيا ئۈنمەيدۇ. مەن بىر سەھرا بالىسى، ئاتا-ئانام يېراق سەھرادىكى قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ قويىدىغان ئاددى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى. ئابلەتمۇ ئۈرۈمچىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇئەللىمىسى، پەخىرلىك بىر ئانىنىڭ ئوغلى. ئۇتۇق ئۇنىۋېرستېتىكى بىر جۈپ مۇنەۋۋەر، ھەر ئىككىلى بالىسىنى (ئۇتۇقنىڭ تىرىشچان سېڭلىسىمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ) ئامېرىكىدا ئوقۇشقا يولغا سالغان سۆيۈملۈك ئۇستازلارنىڭ پەرزەنتى. دېمەكچى، ئەگەر سىزدە بىر ئارزۇ بولسا، مەيلى قانداق ئارزۇ بولسۇن، سىزنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشىڭىز قانداق بولمىسۇن، پەقەت كەينىگە قايتمايدىغان روھ، زور تىرىشچانلىق، بەل قويۇۋەتمەيدىغان ئىرادە ۋە ئەجىر-مېھنەت ئارقىلىق سىز ئارزۇيىڭىزغا ھامان يېتەلەيسىز. ئۆز نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئېنى-سېڭىللار، ئاچا-ئاكىلار ۋە تەڭتۇشلار، مەيلى باشقىلار نېمە دېسۇن، ئالدىڭىزغا قاراڭ، ھەرىكىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ چۈنكى ئۇلۇغۋار ئارزۇدا بولۇشنىڭ ۋاقتى تېخى ئۆتمىدى ھەم ئۆتمەيدۇ...

قەدىرلىك ئوقۇرمەن، «ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر» ناملىق قىسملىق ھېكايەمنىڭ بۇ قىسمى شۇنداق قىلىپ مۇشۇ يەردە ئاياغلىشىدۇ. ئابلەت، ئۇتۇق، تۇرسۇنجان (مەن) ئۈچ دوستنىڭ «ئامېرىكا چۈشى» سەپىرى سىلەرگە تۇرسۇنجاننىڭ ئاددىي بايانلىرى بىلەن سۇنۇلدى. مەقسەت پەقەت ۋە پەقەت راست بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ھېكايە تەرىقىسىدە سىلەرگە ئاشكارا قىلىش ئارقىلىق بىر ئارزۇنىڭ قانداق قىلىپ خىيالدىن رىئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىش ئىدى. مەيلى سىز بۇ ھېكايىلەردىن قانداق تەسىراتقا ئېرىشكەن بولۇڭ، مەن بۇ ئىشلارنى قەلەمگە ئالغىنىمدىن خوش، ھېكايەمدىكى دوستلىرىممۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خوش. بىز ئۈچىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قىزىقساڭلار ھېكايەمنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىغا داۋاملىق دېققىتىڭلارنى بەرگەيسىلەر، ئۈچىمىز توغرۇلۇق يەنە قاچان يازىمەن بۇنىسى ماڭا نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما مەلۇم بىر ۋاقىتتا دوكتورلۇقنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى دوستۇم ئابلەت ۋە ئۇتۇقلارنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىچە سەرگۈزەشتىلىرىنى بەلكىم مەندىن ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن ئاڭلاپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. مەن ئۇتۇق ۋە ئابلەتتەك مۇنەۋۋەر ياشلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىسى ئورناتقىنىمدىن ۋە دوستلۇقىمىزنى تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئۇلار بىلەن بولغان دوستلۇقۇمنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىنى تىلەيمەن. ھەر بىر كىشىگە ھاياتتا مۇشۇنداق ئېسل سەپەرداشلار نېسىپ بولسۇن!

تامام.

بىلگەجان ( سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)


2014-يىلى ئۈمىد ئېينىڭ (4-ئاي) 19-كۈنى





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-26 09:08 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uyol + 500 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:45:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خەيرلىك كۈنلەر بىلگەجان ، بۇ تىمىڭىز ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم سىزنى كۆرگەندەك بولدۇم ، تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي رەھمەت .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19752
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2087 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:51:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شىئەنگەن كەلگەن كۈنى كەچتە شۇنداق ئېسىل بىر دوستنى ئۇچرىتىپ يولدا سەپەرداش بولۇپ قالارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. مېنىڭ ئالدىمغا چىققان شىئەندە ئوقۇۋاتقان دوستۇم بىلەن كەچتە تاماققا چىقساق ياندىكى ئۈستەلگە بىر نەچچە ئۇيغۇر يىگىتلىرى كىلىپ ئولتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ تەبئىيلا سالام-سائەتتىن كىيىن ئۇلارغا قوشۇلغان بولدۇق. بۇ يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى شىئەندە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ياكى چەتئەل تىلى ئۆگىنىۋاتقان سىتۇدېنتلار بولۇپ بىر-بىرىدىن ئېسىل بالىلار ئىدى. ئارىسىدا بىرەيلەن ئۆزىنىڭ خاربىندا سانائەت ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى ۋە شىئەنگە نەچچە كۈن بۇرۇن GRE ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى دېمەسمۇ، ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىقتىن يايراپ كەتتىم. بۇ كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان ئوچۇق مىجەزلىك ۋە كۈلكە-چاقچاققا ئامراق، ئۆزىمۇ يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي، ئۆتكۈر ۋە چىقىشقاق يىگىت - دەل ئۇتۇق ئىدى. ئېسىمدە قىلىشىچە، مەن ئۈرۈمچىدىن پويىزدا چوڭ بىر قوغۇننى ئىلىپ كەلگەن ئىدىم، شۇ كۈنى قوغۇننى كەچلىك تاماققا ئىلىپ چىققان. ئۇتۇق قوغۇننى كۆرۈپ:

-يا ئاللاھ، ئۆيۈڭنى مەھەللەڭنىمۇ پويىزغا بېسىپلا كەلدىڭمۇ نېمە؟ دەپ پىشانىسىگە ئۇرۇپ چاقچاق قىلغان ئىدى.

-ئۆيۈم قالدى، ئەمما يەيدىغاننى كۆتۈرەلىشىمچە خىلى جىق ئالغاچ كەلدىم.    قوغۇننىڭ تاتلىقلىقىنى كۆرگەنسەن، مۇشۇنداق ئۇسساپ تۇرغاندا ئەسقاتىدۇ، ئەمەسمۇ. بۇ يەردە بۇنداق تاتلىق قوغۇن نەدە تۇرۇپتۇ...

-راست، سەن قوغۇنچىنىڭ بالىسىمۇ نېمە؟ ھەجەپمۇ تاتلىق قوغۇننى تىپىپ ئاپسەن.

قوغۇننى يىگەچ ئۇنىڭ مىننەتدار بولغان تەلەپپۇزدا ئېيتقان شۇ چاقچىقى بىلەن بۇ بالا بىلەن ئوبدان دوستلاردىن بولۇپ قالىدىغىنىمغا شۇ ۋاقىتتىلا ئىشەنگەن ئىدىم. ئۇتۇق سانائەت پەنلىرى بويىچە جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان خاربىن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئوپتىكا فىزىكىسى كەسپىدە تۆتىنچى يىللىققا چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچى ئىكەن ھەم ئۇمۇ توفىل ئىمتىھانىنى بېرىپ ياخشى نومۇر ئىلىپ بوپتۇ ھەم GRE تەييارلىق قىلىۋاتقىلىمۇ بىرەر يىلچە بولۇپ قاپتۇ. پاراڭلىشىپ بىلسەم ئۇتۇق، ئابلەت ئۈچىمىز قۇرداش ئىكەنمىز. مەن سۆرىلىپ ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ يۈرگىنىم بىلەن بۇ ئىككىسى تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپلا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بەل باغلاپتۇ. ئۇتۇق ئىچكىرىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغاچقىمۇ شىئەندىكى مەن كۆررۈپ جىلە بوپ كىتىدىغان ئىشلارغا ئۇنچىۋالا ئىرەن قىلىپ كەتمەيتتى. ئۇ ئۆز كەسپىنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە مەكتىپىدە «ئالادىن ئىنگىلىزتىلى» دەپ ئاتالغان بىر كۇلۇپ قۇرغان بولۇپ، مەكتىپىدىكى باشقا مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە خاربىندىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلارغا ھەر ھەپتە ئاخىرلىرىدا ھەقسىز ئىنگىلىزتىلى دەرىسى ئۆتۈپ بىرىدىكەن. ئۇ مەكتىپىگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىپ بەرگەندىن باشقا، ئالىي مەكتەپنىڭ نۇرغۇنلار چۈشىنىۋالغاندەك ئوينايدىغان جاي ئەمەس، بەلكى تولۇق ئوتتۇرىدىنمۇ بەكرەك تىرىشىپ ئۆگىنىپ كەلگۈسىگە ئۇل سالىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بىرىپتۇ. مەن ئۇتۇقنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ھۆرمىتىم قوزغالغان ئىدى. بىز ئەتىسىدىن باشلاپ بىللە مەكتەپكە باردۇق ۋە بىللە نۇرغۇن ئاچچىق-سوغۇقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۈچىمىزنىڭ مىجەز خۇلقى پەرقلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئورتاقلىقىمىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئوخشاش بىر ئوت بار ئىدى، بىز شۇ يۈرىكىمىزدىكى ئوتنى لاۋۇلدىتىشنى تاللىغانلاردىن ئىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن نىشانىمىزغا يېتىش يولىدا ھەرگىز ھاردۇق-تالدۇق دەپ ۋايساپ باقمىدۇق. دانالارنىڭ تۆۋەندىكى بىر جۈملە سۆزى ماڭا ناھايتى يارايدۇ:

-ھورۇنلۇقنىڭ سەۋەبى قىزىقىش، نىشان ۋە ئۈمۈد نىڭ بولمىغانلىقىدا.

بىز تىرىشتۇق، تىرىشقاندىمۇ خىلى راۋۇرۇس تىرىشتۇق، ھورۇنلۇق بىزدىن يېراقتا قالغان ئىدى چۈنكى ھورۇنلۇق يۇقىرىدا دىېيىلگەندەك قىلىۋاتقان ئىشىدا قىزىقىش ۋە نىشانى يوق، ئۈمىدكە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرنى ئىزدەپ تاپاتتى. بىز  ئۈچىمىزنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقىتلىرىمىز بولغان، ئەمما بىز ئۈمىدنى ئۈزۈپ باقمىغان.

شىئەندىكى يازنىڭ ھاۋاسىنى كۆرمىگەن بولسام شۇ ۋاقىتلارغىچە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىكى مېھرى ئىسسىق يۇرتىمىزنىڭ نىسبەتەن سالقىن ياز ھاۋاسىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن بولاتتىم. ھەممە نەرسىنىڭ قەدرى تېخىمۇ ناچىرىنى كۆرگەندە ئاندىن ئۆتۈلىدىغان ئىشكەن. بۇ گەپنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما ئاڭلىغان بىلەن ياشاپ، باشتىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغۇچە نۇرغۇن گەپلەرنىڭ تېگىگە ھەقىقىي يەتمەيدىكەنمىز. تىنجىق ئىسسىقتا قىستاڭ ئاپتوبۇسلارنى ساقلاۋىتىپ دەرەخنىڭ سايىسىگە كىرىۋالغان بىلەنمۇ ئازراقمۇ پايدىسى بولمايتتى. ھەتتا يامغۇر ياغسىمۇ ھاۋا يەنىلا شۇ چىدىغۇسىز ئىسسىق ۋە تىنجىق پىتى تۇرىۋەرگەچكە كىشىگە يامغۇرمۇ خوشياقمايتتى. شۇنداق قاتتىق يامغۇر ياغقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئادەتتىكىدىن كۆپرەك ئۇخلىۋىلىش شۇنداق خوشياققان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆزەمنى سۆرەپ دېگۈدەك يۈزۈمنى سوغۇق سۇدا يۇيۇۋېتىپ كىتابىمنى قولۇمغا ئالدىم. قارىسام ئابلەت ئاللىقاچان مەكتەپكە ئۆگىنىش قىلغىلى چىقىپ كەتكەندەك قىلاتتى. يەكشەنبە كۈنى دەرىسىم بولمىغاچقا پۈتۈن كۈن ئۆيدىن چىقماي ئۆگىنىش قىلىشنى خىيال قىلىۋېتىپ ئۇتۇقنى ئېسىمگە ئالدىم ۋە ئۇنىڭمۇ ئۆيىدىن چىقماي ئۆگىنىش قىلىپ ئولتۇرغىنى خىيالىمدىن كەچتى. شۇنىڭ بىلەن ئەتىگەنلىك بازاردىكىلەر تارقاپ كەتمەستە ئۆيدىن چىقتىم ۋە ھېلىقى تۇڭگان ئايالنىڭ پۆرسى ۋە پىلتە قۇيماقلىرىدىن ئىككى كىشىلىك ئىلىپ مەھەللىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئۇتۇقنىڭ ئۆيىنى ئىزدەپ تاپتىم. كىم بىلسۇن، مېنىڭ بۇ كىچىككىنە كۆڭۈل بۆلۈشۈم ئۇتۇقنى بەكلا خۇش قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما يامغۇردا سىرتقا چىقىشقا ئېرىنىپ ئۆيدە ئۆگىنىش چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە چىداشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئىككىمىز ھورى چىقىپ تۇرغان پۆرە، پىلتە قۇيماقلارنى خام سەيلەر بىلەن قوشۇپ ئۇتۇق دەملىگەن چاينى ئوتلاپ ئولتۇرۇپ شۇنچىلىك ئىشتىھا بىلەن يىدۇقكى، ھازىرمۇ ئىككىمىز بىر يەرگە كەلسەك شۇ تۇڭگاننىڭ پۆرىسىنى تىلغا ئالماي قالمايمىز. بەزىدە ھاياتىمىزدا نى-نى چوڭ ئىشلار ئەستە قالمىغان بىلەن، ئەمما مۇشۇنداق كىچىك ئىشلار ۋە ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئەسلىمىلەر مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىكەن. ئالدىنقى كۈنى شىندوڭفاڭدىكى دەرسىنى تۈگىتىپ ئاپتوبۇستا ئۆرە تۇرۇپ ئۆيگە قايتقۇچە يېنىمىزدا تۇرغان 35 ياشلار چامىسىدىكى ئەرنىڭ بىزگە بىر قاراپلا دەرھال سومكىسىنى ئالدىغا تىقىشتۇرۇپ مەھكەم قۇچاقلىۋىلىشى ۋە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇشلىرى مېنى شۇنچىلىك بىئارام قىلدى ۋە بۇ خورلۇققا چىدىماي قالدىم. ئاخىرى جىم تۇرغۇم كەلمەي ئۇنىڭغا قاقشاپ كەتكىنىمدە ئۇتۇق ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن ئارىغا چۈشۈپ ئۇنى كەچۈرۈم سوراتقۇزۇپ ئىشنى ناھايىتى چىرايلىق ھەل قىلغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكىرىدە 6-7 يىل تۇرۇش جەريانىدا بۇنداق ئىشلارغا تالاي قېتىملاپ دۇچ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگىنىدە ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىنى چۈشەنگەندەك بولغان ئىدىم. بۈگۈن مەن ناشتا قىلغاچ ئۇتۇققا پاسپورتۇمنى ئۈرۈمچىدا قانداق بىجىرگەنلىكىمنى سۆزلەپ بەرگىنىمدە ئۇ شۇنچىلىك ھەيران قالدى. ئىچكىرىدە ئوقۇسا نۇرغۇن جەھەتلەردە قېينالغان بىلەن، يەنە بەزى تەرەپلەردە قولاي تەرەپلىرىمۇ بار ئىدى. ئاددىيسى، ئۇتۇق ۋە مېنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇغان باشقا دوستلىرىم پاسپورت بىجىرگەندە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە بارىدىكەن ۋە پاسپورت ئىلتىماس جەدۋىلىنى توشتۇرۇپ ئىككى پارچە سۈرەت تاپشۇرسىلا ئىككى-ئۈچ ھەپتىدە پاسپورتى قولغا تېگىدىغان ئىشكەن. ئەمما مېنىڭ ئۈرۈمچىدە شۇ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنىڭ ئۆزىگە ئېرىشىشىمگە توپتوغرا ئۈچ ئاي ۋاقىت كەتكەن ئىدى…

شۇنداق قىلىپ شىئەندىكى جاپالىق ھەم ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر يېرىم ئايلىق تەييارلىقتىن كىيىن بىزنىڭ ئېمتىھان بېرىدىغان كۈنلىرىمىزمۇ يىقىنلاپ قالدى. ئۆزۈم يازغان مەشىق ماقالىلەرنى ئېمتىھانغا چىقىش نىسبىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تېزىپ خىلى ئوبدان كاللامغا ئىلىۋالدىم. يېزىقچىلىق ئىمتىھانىدا بىر پارچە 500 خەتلىك «كۆز-قاراش» ماقالىسى يېزىش ئۈچۈن 45 مىنۇتلا بېرىلىدىغان بولغاچقا ئالدىرىماي ئويلاپ ئولتۇرىدىغانغا ۋاقىت يوق ئىدى، ئۇ ۋاقىتلاردا ئېنگلىزچە خەت ئۇرۇش سۈرئىتىممۇ سەل ئاستا بولغاچقا شۇ ماقالىنى ئۇرۇپ تۈگىتىپ بولالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ شەنشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شۇ جەرياندا تونۇشقان قۇمۇللۇق غەنى قاتارلىق دوستلارنىڭ ياتىقىدىكى كومپيۇتېردا ئۆزۈم يازغان ماقالىلەرنى ئىملا خاتالىقى ئۆتكۈزمەي ئۇرۇشنىمۇ خىلى ئوبدانلا مەشىق قىلىۋالدىم. بۇ 9-ئاينىڭ باشلىرىدىكى ۋاقىتلار بولغاچقا مەكتەپ ئىچىدە توپ-توپ ئۇيغۇر سىتۇدېنتلارنى كۆرگىلى بولاتتى ۋە نۇرغۇنلار بىلەن مەكتەپ ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار كېلىشى بىلەن ئىشقا قايتىدىن كىرىشكەن ئۇيغۇر ئاشخانىسدا كۆرۈشۈپ تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. كۈنلەر ئاخرىغا بارغانچە كۆڭۈللۈك ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى. شۇ بۇرادەرلەر كۆپ جەھەتتىن ياردەمدە بولغاچقىمۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسمىنى دەماللىققا يادىمغا ئالالمىساممۇ ئۇلارنى دۇئالىرىمدا ئەسكە ئالىمەن. نەق شۇ ۋاقىتلاردا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئامېرىكىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلىقى ۋە مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇچۇر قىلغان بولغاچقا، ئاخىرقى بىر ھەپتە ۋاقتىم شىئەندە ناھايىتى ھاياجان ئىچىدە ئۆتكەن بولدى. ئۇتۇق شىندوڭفاڭدىكى دەرىسنى تۈگىتىپ تۇنجى بولۇپ خاربىنغا قايتتى. شىئەندە مەن بۇرۇن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن ئىشلارغا دۇچ كەپتىمەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر غەلىتە ئىش 9-ئاينىڭ 11-كۈنى شىئەن چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ھويلىسىدا ئېمتىھانغا كىرىشنى ساقلاپ كىتاب كۆرۈۋاتقىنىمدا يۈز بەردى. ئېمتىھانغا كىرىشنىڭ ئالدىدا GRE غا تەييارلىق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان كىتابىمدىكى ئېتمىھان ۋاقتىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئوقۇپ ئولتۇرسام تۇيۇقسىز بىرى ئالدىمدا توختىغاندەك بولدى. كەينىدىنلا «لاۋ ۋەي، لاۋ ۋەي...» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قارىسام بېشىمدا بىر ئايال قولىدا كۆتۈرۈۋالغان ئۈچ ياشلا چامىسىدىكى قىزىغا مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ چەتئەللىك مۇشۇنداق بولىدۇ، دەپ ھەدەپ بارماقلىرىنى بېشىمغىلا تەڭلەپ دېگۈدەك تۇرۇۋېتىپتۇ. توۋا، دەپ قالدىم… بۇرۇن چەتئەللىك دوستلىرىم ئىچكىرىدە كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا توختاپ مۇشۇنداق بارماقلىرىنى تەڭلەپ تۇرۇپ بىر نېمىلەرنى دەپ ئۇلارنى ناھايىتى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىنىدە، بەلكىم ئۇلار چەتئەللىك كۆرۈپ باقمىغان ئادەملەر بولسا شۇنداق قىلغاندۇ، نېمانچىلا بىئارام بوپكەتكەنسىلەر دەپتىكەنمەن. ئەمدىلىكتە بۇ ئىش مېنىڭ بېشىمغا كېلىۋىدى، راستىنلا ناھايىتى بىئارام بولدۇق. بۇ كۆرۈنۈش كىشىگە ھايۋاناتلار باغچىسىغا بالىنى ئويناتقلى ئەكىرىپ ھەر خىل جانلىقلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بالىغا ئۆگەتكەن كۆرۈنۈشنى ئەسلىتەتتى. ئۇ ئايالغا تازا بىرنى ئالايدىم، ئاستا كېتىپ قالدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىككى قىز ئوقۇغۇچى يېنىمدا پەيدا بولۇپ بېشىنى مەن ئولتۇرۇپ كۆرۈۋاتقان كىتابقا سوزۇپ نېمە ئوقۇۋاتقانلىقىمنى رۇخسەتسىزلا بىلىشكە ئۇرۇنغىلى تۇردى. ئۇلارغا گەپ قىلىشقىمۇ رايىم يوق، ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئېمتىھان مەيدانى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ئالدىنقى قېتىم قىشتا شىئەنگە كەلگىنىمدىمۇ، پويىز ئىستانسىسىدا بېلەت ئىلىش ئۈچۈن شىئەندىكى دوستۇم ئېرشات بىلەن ئۆچىرەتتە تۇرۋاتساق كەينىمىزدىكى ئىككى قىز بىزنىڭ تۇرقىمىز ۋە گەپلىرىمىزدىن بىزنى خەنزۇچە بىلمەيدىغان چەتئەللىك دەپ پەرەز قىلىشتى بولغاي، بىز توغرۇلۇق مۇلاھىزىگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئاخىرىدا ئۇلار سەل ئۆزىنى بىلەلمەي قالغىنىدا بىز ئۇلارغا خەنزۇچە قايتۇرۇپ گەپ قىلىپ قويغىنىمىزدا بولسا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىزنىڭ بوي-تۇرقىمىزنى ماختاپ قىلغان سۆزلىرىدىن قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. گەرچە بەزىدە ھاماقەتلەرنى گەپكە سېلىپ قويۇشمۇ خىلى ئادەمنى كۈلدۈرگىدەك، ئىچى پۇشۇقىنى چىقارغۇدەك ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن ئىمتىھانغا ئالدىراپ تۇرغاندا بۇنىڭغا ھېچبىر رايىم يوق ئىدى. كىم بىلسۇن، ئېمتىھانغا كىرىپلا كۆزۈم خۇشاللىقتىن يوغان ئېچىلىپ قالدى، نېمىشقا دەمسىلەر؟ چۈنكى مەن يازىدىغان بىرىنچى ماقالە ئالدىنقى ئايدا ئەڭ كۆپ ئېمتىھانغا چىققان تېمىلار تىزىملىكىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، بۇ تېمىدا كېمىدە ئۈچ مەشىق ماقالە يازغان ۋە يازغانلىرىم كاللامدا ئويۇپ قويغاندەك شۇ پىتى بار ئىدى. بارماقلىرىم كونىراپ كەتكەن كومپيۇتېر تاختىسىغا كۈچەپ-كۈچەپ ئۇرۇپ يايراپ كەتتى.

ئوقۇرمەنلەر بىلگىنىدەك بۇ ھېكايەمدىكى ئابلەت، ئۇتۇق ئۈچەيلەننىڭ ھەممىمىز پەقەت ۋە پەقەت ئامېرىكىدا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلاردىن ئىدۇق ۋە شىئەندە جەم بولۇپ ئەھمىيەتلىك بىر يېرىم ئاينى بىللە بۇ نىشانىمىز ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۈچىلىمىز دەل بىر يىلدىن كىيىن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم باستۇق. ئۇتۇق ۋە ئابلەت بىلەن ئامېرىكىدا بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشكىنىمىزدە بەزىدە بىزگە توختىماي ۋەتەندىكى ياش سىتۇدېنتلاردىن كىلىپ تۇرىدىغان خەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆز كەچۈرمىشلىرىمىزنى سېلىشتۇرۇپ قالىمىز. ئەلۋەتتە بىز ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى تەرىپىدىن دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىغاچقىلا بىز تەبئىيلا مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلاردىن بولۇپ قالمايمىز، ئەمما ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا بىزنىڭ باسقان يولىمىزنىڭ تۈز، قىسقا ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقى بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش. تۆۋەندە بۇ شىئەندىكى ئۇچرىشىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلارغا ھېكايەمدىن بەلگىلىك سەھىپە ئاجراتماقچىمەن.

داۋامى بار...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103291
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 10:21:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى بىلگەجان ئاكمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋىرستتىدىنلا ئامىرىكاغا چىقىپ كەتكەن چېغى دەپ ئويلاپ قاپتىىمەن. بۇئچكىردىمۇ تازا جاپا تارتىپتىكەنسىز ئەمەسمۇ.
داۋامىغا تەشنامىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 10:31:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائىشنى،يىلاندىن مەنلاقورقىدىغان ئوخشايمەن دىسەم بىلگەجان بىئولوگىيەپەنلىرى دوكتۇرى تۇرۇپمۇيىلاندىن قورقىدىكەنغۇ
سىلەردەك كىشلىرىمىزگەاللەتىن ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق،ئەزىزتېنىڭلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلىمەكتىن باشقائىشقايارىمايدىكەنمەنئۆزۋاقىتىداماڭاھازىرقىدەك شارائېت بولغان بولسامەنمۇچوقۇم مىللىتىمىزئۈچۈن كىرەكلىك بولغان بىرئىقتىساس ئىگىسى بولۇپ چىقالايىتتىم.شارائېتىمىزناچاربولسىمۇناھىيەبويىچەئۆتكۈزۈلگەن تولۇقسىزئوتتۇرامەكتەپلەرنىڭ ماتماتىكىدىن زىھىن سىناش مۇسابىقىسدە1.بولغان ئېدىم،ئوتتۇراتېخنىكومغائېمتاھان بەرگەندە536نومۇرئالغان بولساممۇشۇئوقۇش پۇلى،تۇرمۇش پۇللىرى قاتارلىقلارغاچىقىش قىلالمىغانلىق سەۋەبلىك ھۈنەرئۈگىنىش يولىنى تاللىغان ئېدىم.سىلەردەك ئۇزغۇنلارنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلىرىنى ئوقۇغان ۋاقتىمداسىلەردەك كىشىلىرىمىزگەبىرپىيالەقىززىق چاي سۇنالايدىغان پۇرسەتلەرمۇكىلەرمۇدىگەنلەرنى خىيال قىلىپ كىتىمەن.....................

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78677
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3044
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-4-11
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 10:55:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ،نەچچە رەت ئوقۇپ چىقىپتىمەن.سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز مىنى  تولىمۇ قىزىقتۇرىدۇ،ھارمىغايسىز ،داۋامىنى كورۇشكە ئالدىراۋاتىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102357
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 190 سائەت
تىزىم: 2014-1-16
ئاخىرقى: 2014-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 12:49:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ  تېمىڭىزنى  ساۋاقداشلىرىمغا  بىر ئوقۇتمىسام  ھېساپ  ئەمەس、ئاللاھ  ئىشلىرىڭىزغا  ئاسانلىق  بەرسۇن!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
taremogli + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95572
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-5-31
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 12:55:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىم ئېلىش يوللىرىدا ھارمىغايسىلەر، سىزلەردىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار چىقسا بەك ياخشى بولاتتى، ئاللا سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ بەرگەي  ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96552
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 632
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2014-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 02:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇنبەردە ئامرىكا چۈشىنى كۆرۈۋاتقانلار جىق ، مەنمۇ شۇلارنىڭ بىرى ،يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ، سىز بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمىز ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلار يار بولغاي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90800
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2013-1-28
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 03:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nursiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-14 03:53 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش