uyghari يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 12:45 PM 
مىنىڭ مىسرانىمغا كىرگىنىمگە ئانچە ئوزاق بولمىدى، بىر ...
سالام ئۇيغارى ئاكا، يازمىلىرىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا ۋە سەمىمىي سۆزلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. مەنمۇ سىز قىسىملىق قىلىپ يوللاۋاتقان ياۋروپادىكى سەپىرىڭىز توغرۇلۇق يېزىلغان خاتىرىلىرىڭىزنى كۆردۈم، بەكمۇ ياخشى ئىش قىلىۋاتىسىز. نۇرغۇن كىشىلەر ساياھەت قىلىدۇ، ئەمما باشقىلارغا كۆرگەنلىرىدىن ئىككى شىڭگىل سۆزلەپ بېرىشنى ئېغىر كۆرىدۇ. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. كۆپنى كۆرگەن كىشىلەرنى كۆزىمۇ ئېچىلىدۇ، كۆرەلمىگەنلەر كۆرگەنلەرنىڭ چىن ھېسسىياتى ۋە سۈرەتلەر ئارقىلىق كۆرگەنلىرىگە ئورتاقلاشسىمۇ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ. سىزدەك تىرىشچان كىشىلىرىمىزنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.