|
|
|
|
ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي
ئىلاۋە: مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار،تۈنۈگۈن ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچىسى،مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرسىنتىنىڭ پېروفېسورى،ئۇستاز ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ،‹‹يېتىك ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەققىدە ››،‹‹ مېنىڭ كاشغەرىي يىلىم››،‹‹مەڭگۈلۈك ئاماننىساخان››قاتارلىق ئېسىل يازمىلىرىنى يوللاپ بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا سۇندى.(قىزىل خەتنى چەكسىڭىز شۇ تېمىنى كۆرەلەيسىز) ئۇستازنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مۇنازىرە سۇرۇنىغا جەم بولغانلىقىدىن ھەممىمىز خۇرسەن بولدۇق.مۇنبەردە يوللانغان تېمىلارنى ئاختۇرۇپ كۆرسەم ئۇستازنىڭ تۇلۇق تەرجىمىھالى يوللانغان تېما يوق ئىكەن.شۇڭا،بۈگۈن ئۇستازنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللاپ قويدۇم.
دوكتورانت يېتەكچىسى، پروفېسسور، دوكتور
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
پروفىسسور، دوكتۇر ئابدۇرەئۇپ پولات (تەكلىماكانىي) مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تىل–ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ پىروفىسسورى، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى.
ئابدۇرەئۇپ پولات 1950–يىلى 11–ئايدا قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1972–يىلىدىن 1975–يىلىغىچە بېيجىڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل –ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 1978-يىل3-ئايدىن 1982-يىلى 7-ئايغىچە بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن. 1984-يىل 4-ئايدىن 1985-يىل 10-ئايغىچە ئىراق جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، باغدات، كۇفە، نەجەف ۋە كەربالا قاتارلىق شەھەرلەردە ئەرەب تىلى بويىچە پراكتىكا قىلغان. 1986-يىلدىن 1988-يىلغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارس تىلى ئۆگەنگەن. 1996-يىل 10-ئايدىن 1997-يىل 7-ئايغىچە زىيارەتچى ئالىم سالاھىيىتىدە مىسىر جۇمھۇرىيىتى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئەرەب ئەدەبىياتى بويىچە، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئىسلام دىنى ئاساسلىرى (ئۇسۇلۇددىن) بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1997-يىل 10-ئايدىن 2002 -يىل 5- ئايغىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-تارىخ-جۇغرافىيە ئىنستىتۇتى چاغداش تۈرك شىۋىلىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىدا چاغاتاي تىل-ئەدەبىياتى بويىچە ئوقۇپ، «ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە » دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2007–يىلى دوكتۇرانت يېتەكچىسى بولۇپ باھالىنىپ ھازىرغىچە جەمى 33 نەپەر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئاسپىرانتىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن.
دوكتۇر ئابدۇرەئۇپ پولاتنىڭ «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى»، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» ، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» قاتارلىق 10دىن ئارتۇق ئىلمىي ئەسەرلىرى، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار ھەققىدە»، « ئۇيغۇر تىلىدىكى "ئا ئە"تاۋۇشلىرىنىڭ "ئې ئى"غا ئۆزگىرىش ھادىسىسى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا» قاتارلىق 20 پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالىسى ۋە «ئەنگۈشتەر»، «بەيتۇللاھنىڭ تارىخى» قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى بار.
ئابدۇرەئۇپ پولات 1991–يىلى بېيجىڭ شەھىرى بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 1995–يىلى باۋگاڭ مائارىپ فوندى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ باھالانغان. ئۇ سۆزلىگەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى 2006–يىلى «بېيجىڭ شەھىرى بويىچە سەرخىل دەرس» بولۇپ باھالانغان.
ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينىڭ ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا
ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر كاتۇلۇگى:
«چاغاتاي تىلى» ( خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن ھەمشىرىك)، بۇ كىتاب 1986- يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان؛ 1989 –يىل دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
«نەۋائىي: مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» (خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن ھەمشىرىك، 1988- يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى ).
«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر» ( 1993- يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 200 مىڭ خەت ).بۇ – ئۆزىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە قىلغان تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمى.
«ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى» ( 1995- يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشرى، 250 مىڭ خەت ). بۇ كىتاب 1996- يىل بېيجىڭ شەھرى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ 1997- يىل بولسا، مىللىي يېزىقتىكى كىتابلار بويىچە مەملىكەتلىك 3- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر باھالالىنىپ مۇكاپاتلانغان.
«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» ( 2004- يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 300 مىڭ خەت ).
«چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىدىن – ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكستلىرى» (2005- يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 600 مىڭ خەت). بۇ كىتاب نەشىردىن چىققاندىن بۇيان، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكى قىلىپ ئىشلىتلىپ كەلمەكتە. ئۇندىن باشقا، بۇ كىتاب شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇقام ئورۇنلاش كەسپىنىڭ دەرسلىكى قىلىپمۇ ئىشلىتىلمەكتە. شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى مەزكۇر كىتابنى دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە يېزىپ بەرگەن ئىسپات خېتىدە: " ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تۈزگەن بۇ كىتاب قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئىلمىيلىكى مۇناسىپ، تىلى گۈزەل، شەرھ - ئىپادىلەش پاساھەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، مۇقام ئورۇنلاش كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىشىگە تازا باپ كەلدى. شۇڭا، بۇ كىتاب مەزكۇر مۇقام ئورۇنلاش كەسپىنىڭ ئوقۇش ماتېرىيالى جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ بەرگەن نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ." دېيىلگەن.
«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى » (2007- يىل 6- ئاي، بېيجڭ مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 400 مىڭ خەت ) بۇ كىتاب شۇ تاپتا، ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بېيجىڭ مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن «2006 – يىللىق بېيجىڭ شەھرى دەرىجىلىك سەرخىل دەرس» باھالانغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى »نىڭ خاس دەرسلىك كىتابى قىلىپ قوللىنىلماقتا.
«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»(2009-يىل 6-ئاي، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشرى، 920 مىڭ خەت). بۇ كىتاب، شۇ تاپتا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستېرانت ۋە دوكتورانتلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» دەرسىنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالى قىلىپ قوللىنىلماقتا.
«كور خېرىدار» ( ھېكايىلەر توپلىمى، 1989- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى؛ 2000- يىل 2- نەشرى ).
«ئۇيغۇردا ئەبگالىق» ( تەنقىدىي رېئالىزم ئەسىرى، 1996 – 1997 – يىللىق «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى ). ئۇيغۇر تەنقىدىي رىئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ دۇردانىسى دېيىشكە بولىدىغان بۇ ئەسەر 20 – ئەسىر ئۇيغۇر دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ تارقىغان ئەسەر سانىلىدۇ. 2001- يىلى گىرمانىيىلىك ئۇيغۇرلار بۇ نادىر ئەسەرنى ئاق تاشلىق كىتاب قىلىپ نەشر قىلغان.
«رادىل ئابلا تەڭلىمىسى ۋە ئۇيغۇر تۇرمۇش پەلسەپىسى» ( پوپىلېر ئەسەر، ‹كروران› ژۇرنىلى 2005- يىللىق 5- سان ). بۇ ئەسەر 2006- يىلى، «كروران» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلار ۋە تەرەققىيات تېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر» باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان.«نەۋروز ھەققىدە» (نەسىر، 2006- يىل، 3- ئاينىڭ 22- كۈنى، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلاتقان)،
«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ناممۇقام ناخشىسى» («جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2006-يىللىق 3-سان)
«گۇمنام – ھىرقەتىينىڭ ئۆلۈمسىز غەزىلى ‹كاشغەر› ھەققىدە»، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 2007 – يىل 1- سان.
«مۇئەللىم» (نەسىر، «جۇڭگو مىللەتلىرى» 2007- يىللىق 1- سان )
«ئوقۇغۇچى» (نەسىر، «كروران» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 2- سان)
«كاشغەرىي يىلى» (ناخشا تېكىستى. «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2008-يىللىق 6-سان)
«مېنىڭ كاشغەرىي يىلىم» (ئەدەبىي خاتىرە. «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى، 2009-يىللىق 1-2-3-4-5-سانلار)
«ئۆگىنىش ئېڭى- نۇسرەتنىڭ تېڭى» (نەسىر. «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» 2009-يىللىق 3-سان) قاتارلىقلار بار.ئىلمىي ۋە سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىلىرى:
«‹مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين› دىن ‹مەئارىفۇل لۇغەتەين› (قوش تىل مائارىپى) غىچە – ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرى سېلىشتۇرما تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە » ( «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2002- يىل 6- سان )،
«ھەق ۋە ھوقۇق مەرىپىتى ئۇيغۇر مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇل تېشى » ( «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2004- يىل 1- سان )،
«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز ئۆلچىمىنى بېكىتىش ھەققىدە » (< تىل ۋە تەرجىمە> ژۇرنىلى، 2005-يىللىق 1-سان)
«ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكستلىرى بويىچە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى توغرىسىدا » (‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى› ژۇرنىلى 2006- يىللىق 3- سان ).
«مۇسا سايرامىي ۋە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى» ( «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 1- سان )«ئۇيغۇر چۆلئىراق مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» 2009-يىللىق 2-سان)
«ئۇيغۇر مۇشاۋەرەك مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» («قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 3-سان) قاتارلىق يۈز نەچچە پارچە.
مەزكۇر تېمىنىڭ كېلىش مەنبەسى:خەۋەر تورىدىن كۆچۈرۈپ يوللاندى.
|
|
|
|
|
|