مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2953|ئىنكاس: 20

تەكلىماكانىي:مېنىڭ كاشغەرىي يىلىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106060
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2014-4-15
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 11:37:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مېنىڭ كاشغەرىي يىلىم

(ئەدەبىي خاتىرە)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي



مەرھابا، قۇتلۇق يىل

     2008-يىل يانۋار ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، پاراڭ ئارىسىدا، «بۇ يىلنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ‹مەھمۇد كاشغەرىي يىلى›> دەپ ئېلان قىلىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدىم. يۈرىكىم ئىختىيارسىز ئويناپ كەتتى...

   2-ئاينىڭ 15-كۈنى، فاكۇلتېتىمىز رەھبەرلىكى ھەپتىلىك يىغىندا: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى بۇ 2008-يىلىدا، بۈيۈك تۈركولوگ مەھمۇد كاشغەرىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 67 ئالىمنى دۇنيا مىقياسىدا خاتىرىلەشكە چاقىرىپتۇ. شۇ ۋەجدىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىل-يېزىق كومىتېتى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ، بېيجىڭدە ‹دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى› ئېچىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئاۋاز قوشۇپ، مەكتەپ تەشكىلى ئارقىلىق يۇقىرىغا دوكلات يازدۇق. تەستىقلىنىش ئېھتىمالى ئەڭ كۈچلۈك. شۇڭا، ھەممىمىز ئىلمىي ماقالە تەييارلايلى. گېزى كەلگەندە. بىز ھەممىمىز ھەم يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ھەم يىغىن ساھىبخانى بولىمىز...» دېدى. رەسمىي ئىش بېشىدىكى ۋەلىيلەرنىڭ ئېغىزىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، نېقەدەر خوشال بولغىنىمنى دېمەيلا قوياي...

   نېمىشكە خوشال بولمايكى! مەنمۇ بىر كاشغەرىي تۇرسام. كىم بىلىر، ئەينى زاماندا، مەھمۇد بوۋام بىزنىڭ يۇمۇلاقشە كۆلبېشى مەھەللىسىدىنمۇ ئۆتكەن بولغىيدى. بىزنىڭ قەدىمجاي ئۈژمىلىك ھويلىمىز تەرەپكىمۇ ئىللىق تەبەسسۇم ۋە سەمىمىي ئۈمىد بىلەن نەزەر تاشلىغان بولغىيدى...

   نېمىشكە خوشال بولمايكى! مەنمۇ ئۇ بوۋىمىز سۇ ئىچكەن تۈمەن ئۆستىڭى ۋە قىزىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ ، ئۇ نەپەسلەنگەن كاشغەرىيە ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ چوڭ بولغان ، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن تەۋەررۈك ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى)دىن بىۋاسىتە ئىلىم ئېلىپ ئۆسۈپ، ئوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر-تۈرك تۇرسام.

   3-ئاينىڭ 15-كۈنى، شادلىقىمنىڭ، خۇشاللىقىمنىڭ سەمەرىسى بولغان «كاشغەرىيشۇناسلىق ھەققىدە ئون ئىككى سوئال-جاۋاب»نى ھازىرلاپ، «كاشغەرىي ئۇيغۇرشۇناسلىق تورى»دا ئېلان قىلدىم. ئارقىدىنلا، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا ئەۋەتتىم. مەزكۇر ژۇرنال بۇ ئەسىرىمنى ئۆزىنىڭ 2008-يىللىق 3-سانىدا، «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى ۋە كاشغەرىيشۇناسلىق» ماۋزۇسى ئاستىدا، قىسمەن ئۆزگەرتىش بىلەن ئېلان قىلپ بەردى. «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ 3-سانىدا « كاشغەرىيشۇناسلىق ئىستىقبالدا» سەرلەۋھىلىك ماقالەم ۋە مەزكۇر ماقالەمنىڭ ئالدىغا بېرىلگەن «ئاپتور ھەققىدە» تونۇشتۇرمىسى (مەركىزىي خەلق رادىئو ئستانسىسىدىن دىلدار مۇھەممەترېھىم خانىم تەييارلىغان) ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئەمەلىيەتتە، مېنى بۇ كاشغەرىي يىلىدا، كەڭ ئىلىم ئاشىنالىرى بىلەن يىل بويى ھەمسۆھبەتتە بولۇش ئىمكانىغا ئىگە قىلدىكى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر ژۇرناللارنىڭ تەھرىراتىغا چىن كۆڭلۈمدىن سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

مەزكۇر سوئال-جاۋاب شەكلىدە يېزىلغان ئىلمىي ماقالەم ئاساسىدا، «كاشغەرىي يىلى بۇ، پەخىرلەن ئۇيغۇر!» ماۋزۇلۇق بىر نەسىر ھازىرلاپ، 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2008-يىللىق نەۋروز قۇتلىمىسى» ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكىدە، يۈكسەك ئىپتىخارلىق ۋە يۇقىرى ئىنتوناتسىيە بىلەن ئوقۇدۇم. بۇ نەسىرىمنى ئاڭلىغان 500 دىن ئارتۇق يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئالقىش ۋە تەنتەنە سادالىرى زالدىن چاڭ چىقىرىۋەتتى...بىر قانچە دەستە گۈل تۇتۇلدى، مەرھۇم ئۇستازىمىز خەمىت تۆمۈرنىڭ رەپىقىسى نۇرنىسا خانىم مېنى قۇچاقلاپ، قۇتلۇقلاپ سۆيۈپ كەتتى. بىلدىمكى، بۇ - بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھۆرمىتى، ئىززىتى ۋە ھىممىتى ئۈچۈن ئىدى. كۆپ سۆيۈندۈم، يۈرىكىمدىن غۇرۇرلاندىم...

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى، مەن دەرس سۆزلەۋاتقان 2006-يىللىق ئۇيغۇر سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا بىر ئاي ئىچىدە، ئاتاقلىق يازغۇچى، تەتقىقاتچى پەرھات جىلان يازغان ۋە شىجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1994-يىلى نەشر قىلىنغان تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نى ئوقۇپ چىقىشنى تاپشۇرۇق قىلدىم. ئوقۇپ چىقتىلار. ئاندىن، «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىلىم قارىشى ۋە ئىلم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى روماندا قانداق پاكىت ۋە ھېكايىلار بىلەن بايان قىلىنغان؟»، «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەخلاق كۆز قارىشى ۋە ئادەمىي ئەخلاق ئەمەلىيىتى قانداق ۋەقە ۋە مىساللار بىلەن تەسۋىرلەنگەن؟»، «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مائارىپ-مەرىپەت قارىشى ۋە ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ئەمەلىيىتى قانداق پاكىتلار ئاساسىدا يورۇتۇلغان؟»...ماۋزۇلىرىدىن بىرنى تاللاپ، بىر پارچىدىن ئىلمىي ماقالە ( 30 پىرسەنتلىك مەۋسۇم ئارىسى سىناق نەتىجىسى بولىدىغان) يېزىشنى تاپشۇرۇق قىلدىم. يازدىلار...ئەڭ مۇھىمى، ئەۋلادلار مۇشۇ ئوقۇش ۋە يېزىش ئارقىلىق مۇندىن مىڭ يىل بۇرۇنقى گىگانت ئەجداد بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن يانمۇيان ياشىدى...ئۇنى تخىمۇ تەپسىلىي بىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىمۇ باشقىدىن تونىغان بولدىلار...

«بىزمۇ بېرىپ، بوۋىمىزنىڭ قەبرىگاھىغا گۈللەر قويايلى»

   دەرس ئىچى ۋە سىرتىدا تەشۋىق ۋە تەرغىب قىلىپ دېدۇقكى: «ئى، ئەۋلادلار! كاشغەرىي يىلى بۇ، ئىپتىخارلىنىڭلار، شادلىنىڭلار؛ شادلىقىڭلارنى، ئىپتىخارلانغانلىقىڭلارنى مۇئەييەن بىر ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلەڭلەر، مەسىلەن، ‹دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى خاتىرە ئىزنىكى› ياسىتىڭلار، باشقا غەلىتە سۈرەتلەر چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىپ يۈرگەننىڭ ئورنىغا، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پورتىرىتى چۈشۈرۈلگەن مايكا قىلدۇرۇپ كىيىڭلار؛ يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، ئوپالغا بېرىپ، بوۋاڭلارنىڭ قەبرگاھىنى كۆرۈپ، سۆيۈپ ۋە سۈپۈرۈپ كېلىڭلار.كىم بىلىر، سىز-بىزلەر بۇ ئۆمرۈمىزدە، ‹دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى›دىن يەنە بىرنى ياشىيالماسمىز بەلكىم...».

خوشالمەنكى، بالىلىرىمىز يەنىلا بىزنىڭ بالىلىرىمىز-دە! ئۇلار دۇرۇست گېپىمىزنى ئاڭلىدى: بەختىيار ساۋاقداش ئىللىپىس شەكىللىك دائىرە ئىچىگە نەۋقىران مەھمۇد كاشغەرىينىڭ (غازىي ئەھمەد ئەپەندىم سىزغان) پورتىرىتى چۈشۈرۈلگەن، رەسىمنىڭ چۆرىسىگە ۋە ئاستىلىرىغا «2008-يىلنىڭ دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە خەت بېسىلغان مايكا ئىشلەتتى. مەن باشلاپ كىيىپ،  56 مىللەتلىك مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قورۇسىدا مەيدىمىزنى كېرىپ يۈردۇق ۋە مۇشۇ پائالىيىتىمىز ئارقىلىق، بۇ يىلنىڭ «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» ئىكەنلىكىنى مەكتەپداشلىرىمىزغىمۇ بىلدۈرگەن بولدۇق. ئابدۇقادىر مەسلەكداش مەزكۇر رەسىم چۈشۈرۈلگەن ئىزناكتىن 1000دانە ياساتتى، غۇرۇر بىلەن كېرىلگەن مەيدىمىزگە ئىپتىخار بىلەن تاقىدۇق.

6-ئاينىڭ 15-كۈنى، «دۇنيا ئاتىلار بايرىمى كۈنى» بولدى. بۇ بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىي يىلى خاتىرە مايكىسىنى كىيگەن ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلار جەم بولۇپ، مەكتەپ باغچىسى ۋە دەرۋازىسى ئالدىدا، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، بۈيۈك ئاتىمىز مەھمۇد كاشغەرىينى رەھمەت بىلەن ئەسلىگەن ۋە ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلىگەن بولدۇق.

2006-يىللىق ئۇيغۇر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپكە دوكلات يېزىپ، يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، ئوپالغا بېرىپ بۈيۈك بوۋىمىزنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىپ كېلىشكە ئىزىن-ئىجازەت سورىدى. دوكلات مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن 6-ئاينىڭ 26-كۈنى تەستىقلىنىپ چۈشتى. مەن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولدۇم شەرەپ بىلەن.27-ئىيۇن كۈنى، ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىلگە قويىۋېتىلدى. «بۇ تەتىلدە، بىزمۇ بېرىپ، بوۋىمىزنىڭ قەبرىگاھىغا گۈللەر قويايلى» دېيىشتى ياش ئەۋلادلار كەسكىن قارار بىلەن.

شۇنداق قىلىپ، مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ قەبرىگاھ باغچىسىدا 25-ئىيۇل كۈنى ئۇچرىشىشقا ۋەدىلەشكەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار تەتىل قىلىپ، يۇرتلىرىغا قايتىشتى.

كاشغەرىي يىلىدا سايرامىيمۇ خاتىرىلەندى...

   «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى دېمەك - ئىلىم مەرىپەت يىلى دېمەكتۇر. ھالبۇكى، ئالدى بىلەن، سىز-بىز ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلار مول مەزمۇنلۇق ئىلمىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئەلمىساقتىن بۇيان تۇنجى قېتىم بولغان بۇ مۇبارەك كاشغەرىي يىلىنى قىزغىن قۇتلىشىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق، 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولېمپىك تەنتەربىيە يىغىنىغا سوۋغا تەقدىم قىلىشىمىز لازىم!» بىز شۇنداق دېدۇق ۋە ئەمەلىيەتتىمۇ دېگەنلىرىمىزنى قىلىپ كۆرسەتتۇق.

  مەن 2004- يىللىق ئۇيغۇر سىنىپىنىڭ ئىلىم يېتەكچىسىلىك ھوقۇقۇمنى ئىسراپ قىلماي ئىشلىتىپ، سىنىپتىكى 38 نەپەر ئوقۇغۇچى ئارىسىدا، «مەشھۇرئەسەر ‹تارىخى ھەمىدىي› دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلىم پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىشقا چاقىردىم، ئەۋلادلار گۇلدىراس ئالقىش بىلەن قىزغىن ئاۋاز قوشتىلار. شۇنداق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن، بۈيۈك ئۇيغۇر تارىخشۇناسى، ئالىم مۇسا سايرامىي 1908-يىلى يېزىپ تاماملىغان ئىلىم دۇنياسىغا داڭقلىق ئەسەر «تارىخى ھەمىدىي»نى، بىر قانچە ئايلىق دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، باشتىن ئاخىر ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقتى، ئاندىن، بۇ ئەسەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى، ئەدەبىي ۋە بەدىئىي قىممىتى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ھالدا، ئىلمىي ماقالىلار يېزىپ چىقتى. ئەڭ ئاخىردا، يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلار ئىچىدىن ئالتە پارچە سەرخىل ئەسەرنى تاللاپ، فاكۇلتېت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇيدىغانغا قارار قىلدۇق.

   6-ئاينىڭ 1-كۈنى، يەكشەنبە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «تارىخى ھەمىدى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» كەچ سائات 7دىن 9غىچە ئۆتكۈزۈلدى، يۈزگە يېقىن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى قاتناشقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچى « ‹تارىخى ھەمىدىي›دە ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەرنىڭ قوللىنىلىشى توغرىسىدا»، «مەشھۇر ئەسەر ‹تارىخى ھەمىدىي› دىن ئۆرنەك ساۋاق ۋە دەرسلەر»، «ژىرىك ئەسەر ‹تارىخى ھەمىدىي›نىڭ تىل-ئەدەبىيات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى»، «تارىخ كىتابى ‹تارىخى ھەمىدىي›دىكى بايانلاردىن قۇمۇلنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر»، «كلاسسىك ئەسەر ‹تارىخى ھەمىدىي›نىڭ بايان ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا» ۋە « ‹تارىخى ھەمىدىي›دە بايان قىلىنغان ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ھەققىدە» قاتارلىق ماۋزۇلاردا يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ مەمنۇنلۇق باھاسىغا ئېرىشتى.

مەن ئاخىردا، بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كونكرېت ئۇيۇشتۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يىغىننىڭ ئالدى-كەينى ھەققىدە قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دېدىم: " بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى رەھبەرلىكى بۇ 2008-يىلنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى تەرىپىدىن «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى يۈكسەك شەرەپ بىلىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا: ‹مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنى ئىلىم-مەرىپەت يىلى قىلىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق، بېيجىڭ ئولىمپېك يىغىنىنى قىزغىن كۈتۈۋالايلى› دەپ چاقىرىق چىقارغانىدى. بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ پائالىيىتىمىز مەزكۇر چاقىرىققا قوشولغان ئەمەلىي ئاۋاز بولۇپ سانىلدۇ.

مەلۇمكى، تارىخشۇناس بوۋىمىز، ئالىم مۇسا سايرامىي خۇددى مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىي ۋە مىرزا ھەيدەر كوراگان كاشغەرىيلارغا ئوخشاشلا دۇنياۋىي ئالىمدۇر. ئۇنىڭ ئونلىغان ژىرىك ئەسەرلىرىنىڭ جەۋھىرى سانىلىدىغان مەزكۇر «تارىخى ھەمىدىي» بۈيۈك تارىخشۇناسىمىز مىرزا ھەيدەر كوراگان كاشغەرىى 1550-يىلى يازغان «تارىخى رەشىدىي (ئابدۇررەشىد خان تارىخى)» ناملىق ئەسەردىن كېيىن، بىر ئۇيغۇر ئالىمى تەرىپىدىن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن يېزىلغان ئۆز ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخى ھەققىدىكى يۈكسەك نوپۇزلۇق بىر ئەسەردۇر. بۇ ئەسەر ئىلىم دۇنياسىدا، ئالىم بوۋىمىز تەرىپىدىن 1903– يىلى يېزىلغان «تارىخى ئەمنىييە» ناملىق تارىخ كىتابىنىڭ تولۇقلانغان شەكلى دەپ ھېسابلانماقتا. مۇسا سايرامىي بۇ ئەسەردە، تارىخشۇناس ئالىمغا خاس پەزىلەت بىلەن، شۇنداقلا ئەجدادلارغا ۋە ئەۋلادلارغا بولغان ئەستايىدىل مەسئۇلىيەت بىلەن، «تارىخى ئەمنىييە» ئاتلىق ئەسەردە چولتا، ھەتتا خاتا بايان قىلىنىپ قالغان نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنى يېڭىباشتىن تولۇقلاپ ۋە توغرىلاپ بايان قىلغانلىقى بىلەنمۇ يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. شۇ ئەھمىيەتتىن، ئالىم مۇسا سايرامىي ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا دۇنيا مىقياسىدىكى ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلەردىن بولۇپ قالغان.

بۇ يەردە، شۇنى ئالاھىدە ئىپتىخار ۋە سۆيۈنۈش بىلەن قەيت قىلىپ ئۆتۈمىزكى، يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئالىم مۇسا سايرامىي ۋە ئۇنىڭ ژىرىك ئەسىرى «تارىخى ھەمىدىي»نى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئاۋانگارتلىرى بىز مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كەلمەكتىمىز. ئالايلۇق، مەشھۇر ئەسەر «تارىخى ھەمىدىي»نىڭ تىلى ئۈستىدە، ئەسلىي قوليازما ئاساسىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان دوكتور تېزى(دېسسېرتاتسىيە ئەسىرى) بىزنىڭ فاكۇلتېتىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن يېزىلدى؛  «تارىخى ھەمىدىي»نىڭ ئەدەبىي ئۇتۇقلىرى ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان تۇنجى ماگىستېرلىق تېزى يەنە بىزنىڭ فاكۇلتېتىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىسى تەرىپىدىن يېزىلدى؛ بىزنىڭ فاكۇلتېتىمىز ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، 1996-يىلنى «ئالىم مۇسا سايرامىي يىلى» ئېلان قىلغانىدى؛ 2006-يىلى، فاكۇلتېتىمىز تەشكىللەپ، ئەسەر ئۇيۇشتۇرۇپ، فاكۇلتېت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ «سادا» ژۇرنىلىنى «ئالىم مۇسا سايرامىي تەۋەللۇتىنىڭ 170يىللىقىغا بېغىشلانغان مەخسۇس سان» قىلىپ چىقاردى. مانا بۇ قېتىممۇ، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى رەھبەرلىكىنىڭ قىزغىن قوللاپ بېرىشى بولغاچقا،  بۈگۈنكى بۇ «مەشھۇر ئەسەر ‹تارىخى ھەمىدىي› دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نى داغدۇغىلىق ۋە تولىمۇ ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدىكى، بۇ پائالىيىتىمىز، مۇشۇ خاسىيەتلىك «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»دا، پۈتكۈل ئۇيغۇر دۇنياسى بويىچە، پىلانلىق، تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ ئەھمىيەتلەك ئىلمىي پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ قالغۇسى!

شۇنداق، ئالىم بوۋىلىرىمىز كۆتۈرگەن ئىلىم مەشئەللىرىنى ئۆتكۈزىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆچۈرۈپ قويماي، مەرىپەت دۇنياسىدا مەڭگۈ لەپىلدىتىش سىلە-بىز ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، سىلە-بىز ئىلىم ۋارىسلىرى ۋە مەرىپەت ئىز باسارلىرىنىڭ باش تارتىپ بولماس شەرەپلىك بۇرچىمىزدۇر. بىز بۈگۈن مۇشۇ بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە تولىمۇ ساۋابلىق بىر ئىش قىلدۇق»...

ئەڭ ئاخىردا، فاكۇلتېت رەھبەرلىكى ۋەكىلى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «تەشكىلنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەمەلىيەتتە، ئەھمىيەتلىك ئىلمىي پائالىيەت ئارقىلىق، بېيجىڭ ئولېمپىك يىغىنىغا قىلىنغان ئېسىل سوۋغا ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە! ».

تۈرك ئالىمى شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن جۇڭگودا...

   پروفېسسور، دوكتور شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن، ئەر، 1956-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، جەنۇبىي تۈركىيەدىكى ئادانا شەھرىنىڭ تۆپەباغ رايونىدا دۇنياغا كەلگەن. ھازىر ئۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. 2008-يىلنىڭ «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولغانلىقىدىن كاشغەرىيەلىك ئۇيغۇردىنمۇ بەك خوشال بولغان ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىل-يېزىق كومىتېتى بىلەن بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى بىرلىشىپ، بېيجىڭدا، « دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنى قۇتلۇقلاش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۇيۇشتۇرۇش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويغان جاسارەت ساھىبى زات.  ئۇ ئىلىم سۆزلەش ۋە بېيجىڭدا ھەمكارلىقتا ئېچىلماقچى بولغان « دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنى قۇتلۇقلاش خەلقئارالىق ئىمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ كونكرېت ۋاقىت ۋە كۈن تەرتىپلىرىنى كېڭىشىش مۇددىئاسىدا، 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەنىدى.

   شۈكرۈ ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىملىق جۇڭگو سەپىرى بار-يوقى بەش كۈنلۈك ۋاقىت بىلەن چەكلەكلىك ئىدى. شۇڭا  بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى-يۇ، 17-،18-ئىيۇن ئىككى كۈننى سەرپ قىلىپ، ئۇدۇل قەشقەر ئوپالغا بېرىپ، مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدى: ئۇ ئون مىڭ كىلومېتىرلاپ ئۇزاق يولنى بېسىپ كېلىپ، پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق بوۋىسى بولغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىگە گۈل قويدى ۋە ئۇنى ئېھتىرام بىلەن ئۆپتى (سۆيدى). 19-ئىيۇن رەتتىكى كېڭىشىش ئىشلىرىنى پۈتتۈردى. 20-ئىيۇن كۈنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئىلىم سۆزلىدى.

  بۇ بىر جۈمە كۈنى، چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 ۋاقتى ئىدى. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇبخانا بىناسىنىڭ 15-قەۋىتىدىكى 300 كىشىلىك دوكلات زالى مەزكۇر ئاناتولىيە يېرىم ئارىلىدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن ئالىمنىڭ سىياق-سالاپىتىنى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ ئىلىم كارامىتىدىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن كەلگەنلەر بىلەن لىپمۇلىق تولغانىدى.

   شۇ ئارىلىقتا، ئاپتورنىڭ قۇلىقىغا ئارقا رەت تەرەپتىن كەلگەن مۇنداق بىر كۇسۇر-كۇسۇر دېئالوگ كىرىپ قالدى:

- ھەي. ئادېش!  سەنمۇ ئاڭلىغانسەن-ھە، بۇ تۈرك نوچى ئەدەمكەن جۇما! بىر بەش كۈنلۈك ئىلىم سۆزلەشكە كېلىپ، ئىككى كۈننى سەرپ قىلىپ، قەشقەرگە بېرىپ مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ كەپتۇ! مەنغۇ غۇلجىدىن، سەن قەشقەرلىك بولغاندىكىن، پات-پات ئوپالغا چىقىپ تۇرىدىغانسىزلەر-ھە، سەن نەچچە قېتىم زىيارەت قىلدىڭ كاشغەرىي قەبرىگاھىنى؟

جاۋاب: بىر قېتىممۇ چىقىپ باقمىدىم دېگىنە!

-       ۋەلەي.ي.ي!...نومۇس قىل، ئاغىنەم، نومۇس قىل! مۇشۇ يېشىڭغىچە بىر قېتىممۇ بېرىپ باقمىدىڭ!؟...توۋا!

-       خەپشۈك!.. كۇسۇرلاشماڭلار، ئاڭلىيالمىدۇق ئاۋۇ گەپنى!

دېئالوگ ئۈزۈلدى. بۇرۇلۇپ قارىسام، ھېلىقى قەشقەردە يىگىرمە نەچچە يىل ياشاپ تۇرۇپ، مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىنى بىر قېتىممۇ زىيارەت قىلىپ باقمىغان قەشقەرلىك ئوقۇغۇچى قۇلىقىغىچە قىزىرىپ كېتىپتۇ...

ئىلىم سۆزلەش دوكلاتى ناھايىتى ياخشى كەيپىيات ۋە يېتىك ئەھمىيەت بىلەن ئۆتتى. ئالدى بىلەن، شۈكۈر خالۇك ئەپەندى « ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› ۋە مەھمۇد كاشغەرىي تەتقىقاتى ‹كاشغەرىيشۇناسلىق› تۈركىيەدە» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ئىلمىي دوكلات بەردى. دوكلات شۇ قەدەر جەلب قىلارلىق ئىدىكى، قەلەم بىلەن ۋە قول كومپيوتېرى بىلەن تېز-تېز خاتىرە قالدۇرىۋاتقانلارنىڭ قەلىمى چىقارغان «كىتىر-كىتىر» ۋە كومپيوتېرى چىقىرىۋاتقان قوبۇللاش ساداسىدىن باشقا، دىققەتنى چاچىدىغان پىسىرلاشلار مۇتلەق يوق ئىدى. كۆزىتىشىمچە، ئاڭلىغۇچىلارنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى تۈركلەرنىڭ شاھ ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى قانداق تەتقىق قىلىۋەتكەنلىكىدىن تولا، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) ناملىق بۇ مىڭ يىللارنىڭ مەدەنىيەت يالدامىسى بولغان گىگانت ئەسەرنىڭ تۈركىيەدە تېپىلىش جەريانى، نەشرگە تەييارلىنىش جەريانى ۋە بۇ جەرياندا، تۈرك خەلقىنىڭ جۇمھۇر باشقانى (زوڭتۇڭ)، سەدرە:زەم (باش مىنىستېر) دىن تارتىپ، كونا كىتابلارنى ساقلىغۇچى ۋە ساتقۇچىغىچە، تەشۋىقات قىلغۇچىلاردىن تارتىپ، تەتقىقات قىلغۇچىلارغىچە بولغان پۈتكۈل جامائەت، جەمئىيەت ۋە توپلۇمنىڭ كۆرسەتكەن ئاڭلىقلىقى، ئەستايىدىللىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلىمگە،  ئەۋلادلارغا بولغان مىسلىسىز يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى ئىدى.

ئىلىم سۆزلەش ئاياغلاشقاندا، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ئالقىش ياڭرىتىپ، يىراق ياۋروپا قىرغىقى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن كېلىپ، بوۋىمىز مەھمۇدنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغان ۋە جاسارەتلىك ئەمەلىي پائالىيىتى ۋە پاراسەتلىك تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، جۇڭگودا دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنىڭ قۇتلىمىسىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرگەن بۇ ئەزىمەت ئالىمغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتىلار...گۈل كەبى گۈزەل ئوقۇغۇچى بالىلىرىمىز سەھنىگە چىقىپ، ئالىمغا تەشەككۈر بىلەن گۈلدەستىلەر ۋە ئۆزلىرى ئىشلىگەن مەھمۇد كاشغەرىي خاتىرە مايكىسى ۋە ئىزنىكىدىن تەقدىم قىلدىلار.

- بۇنلار بەنىم ئىچىن بۈيۈك ئۆدۈل (بۇلار مېنىڭ ئۈچۈن بۈيۈك مۇكاپات)،- دېدى شۈكرۈ خالۇك ئەپەندى مايكىدىكى مەھمۇد كاشغەرىي رەسىمىنى ۋە گۈلدەستىلەرنى سۆيۈپ تۇرۇپ.

كاشغەرىي يىلىدىكى ئوپال قەبرىگاھ زىيارىتى

    2008-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى جۈمە، مېنىڭ بۇ كاشغەرىي يىلىمدا قىرىق يىلغا تاۋاپ بىر كۈندۇر. بۇ كۈنى قەشقەردە ھاۋا ئوچۇق، قۇياش نۇرى گەردەنلەرنى كۆيدۈرۈپ تۇرسىمۇ، سالقىن شامال ئەركىلىتىپ سۆيۈپ تۇراتتى. بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدا، بۈيۈك ئەجداد قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى» رەسمىي باشلاندى. سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى توققۇزدا، قەشقەرگە مېھمان ئوقۇغۇچىلىرىمىز چۈشكەن «سەرمەن مېھمانسارايى» دەرۋازىسى ئالدىدا جەم بولدۇق. قەشقەردىكى ئاتاقلىق جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل ئەپەندى قوللاش يۈزىسىدىن شەخسەن ئۆزى ئالاقىلىشىپ ھەل قىلغان چوڭ ئاپتوبۇس بىزنى ئېلىپ، ئوپال تامان يۈرۈپ كەتتى.

   ئاپتۇبۇسىمىز توققۇزاق ناھىيىسىگە يېتىپ كەلگەندە، ناھىيىلىك پارتكوم ئىدارىسى ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ناھىيىلىك مەدەنىي ئاسار-ئەتقىلەر باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى ۋارىسجان رەھىم ئەپەندى بىزنى قارشى ئالدى. قولىمىزدىكى ئالاقە-تونۇشتۇرۇش خەتلىرىمىزنى كۆرگەندىن كېيىن، خاس ماشىنىسى بىلەن بىزگە يول باشلاپ ئالدىمىزدا ماڭدى. ئوپال كەنتىگە يېتىپ بارغاندا، كەنت دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ھىمىت ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇق. سائەت ئون يېرىملەردە، بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھى باغچىسىغا ئېھتىرام قەدىمى بىلەن كىرىپ كەلدۇق.

رەتلىك قاتار بىلەن كېتىۋاتقان زىيارەتچىلەر سېپىنىڭ ئالدىدا، «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى يازلىق تەتىل پائالىيەت ئەترىتى» دېگەن بايراق لەپىلدەيتتى؛ قەلبلەردە بولسا، مىڭ يىل مابەينىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىلىم ئەھلىنىڭ قايىللىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئەسلىشى ۋە خاتىرىلىشىگە مۇيەسسەر بولغان ۋە بۇ 2008-يىلنى «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» قىلغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىيگە بولغان سېغىنىش، تەلپۈنۈش ۋە غۇرۇرلىنىش تۇيغۇسى مەۋج ئۇراتتى.

   قەبرىگاھ باغچىسى ئىچىدىكى توقسان يەتتە پەلەمپەي يېنىدىكى ھاۋالىق كەڭ سۇپىدا، ناھىيىلىك مەدەنىي ئاسار-ئەتىقىلەرنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى ۋارىسجان رەھىم ئەپەندى پائالىيەت ئەھلىگە مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھى ئورگىنىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەمەلىيلەشتۈرگەن خىزمەتلىرى ۋە مۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە مېغىزلىق قىلىپ ئومۇمىي چۈشەنچە بەردى. زىيارەتچىلەرنىڭ قىزىقىشلىق سوئاللىرىغا ئېرىنمەي، بىر-بىردىن جاۋاب بەردى،

   ئارقىدىن، توقسان يەتتە پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىكى خاسىيەتلىك «ھاي-ھاي تېرەك» كۆكلەپ تۇرغان چەشمە بۇلاق بويىدا، لەۋھە تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، مەزكۇر زىيارەت پائالىيىتىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولمىش مەن ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي «2008-يىلنىڭ ‹دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى› بولغانلىقىنى چىن يۈرەكتىن قۇتلۇقلايمىز» دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان جىگەر رەڭلىك دۇخاۋا لەۋھەنى زىيارەت پائالىيىتى ئەھلىگە ۋاكالىتەن، ۋارىسجان ئەپەندىگە تەقدىم قىلدىم. ھاياجانلىق قىسقا نۇتقۇم ۋە ۋارىسجان ئەپەندىنىڭ سەمىمىي تەشەككۇرى شۇ مەيداندىكى يۈزلەرچە زىيارەت ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

   ئارقىدىن، بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسى تاۋاپ قىلىندى. مەھمۇد بوۋىمىز ياتقان بۇ ئۇلۇغ ئۆيگە كىرگەندە، ئوغۇل-قىز تاۋاپ ئەھلى ئوڭ قولىنى يۈرىكى ئۈستىگە قويغان، بېشى ئېھتىرام بىلەن ئىگىلگەن ھالدا، قەبرىنى ئاستا بىر ئايلىنىپ چىقتى. ئاندىن، قەبرىگاھنىڭ چەشەندۈرگۈچى خىزمەتكارى دىلنۇر ئابدۇرۇسۇل خانىم ئىپتىخار ۋە سۆيۈنۈش تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇرغان سۈزۈك ۋە ياڭراق ئاۋازى بىلەن، بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئادەمىي ھاياتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى توغرىسىدا تونۇشتۇرما قىلدى. بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ماگىستېر –دوكتور ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلىرى مەزكۇر تونۇشتۇرمىنى ئاشۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى سىنىپلىرى ۋاقتىدىن باشلاپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، خۇددى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقاندەك ئىشتىياق بىلەن بېرىلىپ ئاڭلىدى. ياش ۋە گۈزەل رۇخسارلىق ئەۋلادلار بىلەن تولغان شۇ ئاندىكى بۇ تۇپراق بېشى بەجايىكى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن پۈركۈنگەن گۈلزارلىقنى ئەسلەتسە، دىلنۇر خانىم بولسا، گۈلزارلىقتا خەندان ئۇرۇپ سايراۋاتقان شوخ بۇلبۇلنى خاتىرىلىتەتتى ئىنسانغا!

   ئارقىدىن، زىيارەتچىلەر تىلاۋەت ئۆيىگە كىرىپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت بويىچە دۇئا-تىلاۋەتتە بولدى. كۆرگەزمە ئۆيىگە كىرىپ، 2005- يىلدىكى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتى قاتارلىق مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ئىلمىي پائالىيەتلەر، شۇنداقلا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئاتاقلىق ئالىملارنىڭ زىيارەتلىرى خاتىرىلەنگەن تۈرلۈك بۇيۇملارنى، سوۋغات-ھەدىيەلەرنى مەمنۇنىيەت بىلەن كۆردى.

   ئارقىدىن، ئۇزاقتىكى ئاستانە، پايتەخت بېيجىڭدىن كەلگەن بۇ زىيارەتچىلەر قەبرىگاھ باغچىسىدىكى تۈرلۈك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان خىزمەتچىلەر، يەرلىك ئاھالىلار ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن زىيارەتچىلەر ئارىسىدا ھەمسۆھبەت ۋە تەكشۈرۈشلەردە بولدى. ئاندىن، قەبرىگاھ مۇزىيىغا كىرىپ، بۇ قەدىمىي زېمىننىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشىگە تالىق قېزىلمىلاردىن تەييارلانغان ئۆرنەكلەرنى زور قىزىقىش بىلەن كۆردى ۋە ئىلمىي خاتىرىلەر يازدى.

   چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەر ئەتراپىدا، زىيارەتچىلەر ھەزىرىتى موللام تېغىنىڭ چوققا قىسمىدىكى ئېگىز راۋاققا يىلانباغرى پەلەمپەيلەر بىلەن مېڭىپ چىقىپ، مىڭ يىللار مابەينىدە ياشناپ كەلگەن ئوپال ئويمانلىقىنىڭ مىسلىسىز گۈزەل رۇخسارىنى، بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ چوڭ بولغان بوستانلىق مەھەللە-كويلارنىڭ كۆركەم  مەنزىرىسىنى تويۇمسىزلىق بىلەن تاماشا قىلدى. ئىستىراھەت ئارىلىقىدا، مەزكۇر زىيارەتچىلەر كوللىكتىپىنىڭ يېتەكچىسى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، راۋاق سەھنىسىنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان زىيارەت ئەھلىگە ئاتاقلىق يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ مەخسۇس مۇشۇ دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى ئۈچۈن ئاتاپ يازغان (ئەمما تېخى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان) «باغداد ئوردىسى» ماۋزۇلۇق ھېكايىسىنى ئوقۇپ بەردىم.

   -« مۆئمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ھەر جۈمە كۈنى چەتئەل دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە خەلقئارالىق داڭقلىق ئەرباب، مويسىپىت ئالىملارنى، تۆرە ئاقسۆڭەكلەرنى قوبۇل قىلار ئېدى» دەپ باشلانغان بۇ ھېكايە شۇ ئان تىڭشىغۇچىلارنى ئۆزىگە سىماپتەك رام قىلىۋالدى. شۇ ئاندا، راۋاق ئىچى تىمتاسلىققا چۆككەن بولۇپ، راۋاقنىڭ پېشايۋانلىرىغا قونغان قۇشقاچ، كەپتەرلەر يېقىملىق سايراش ۋە ئۈنلەشلىرى بىلەن ھېكايە ئوقۇغۇچىغا جۆر بولماقتا ئىدى. ئوپالئارت تېغى تەرەپتىن ئەسكەن سەلكىن شامال گۈزەل ئۇيغۇر تىلى بىلەن تويۇنغان بۇ ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرنىڭ جەلبكارلىقى بىلەن قوشۇلۇپ، تىڭشىغۇچىلارنى ئۇزاق مىڭ يىل بۇرۇنقى باغداد خەلىپىلىكىنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كىرىپ كەتكەندەك ئىدى. بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنىڭ ئەبەدىي مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاسارىتى، ۋىجدانلىق ئالىملارغا خاس ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئېگىلمەس-سۇنماس جاسارىتى ئارقىلىق، ئەينى زامان باغداد خەلىپىسىنى قايىل قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن مەزكۇر ھېكايە ئاخىرلاشقاندا، تىڭشىغۇچىلار ئۇزۇنغا سوزۇلغان شادىيانە ئالقىش ياڭراتتى. جانغا راھەت سەلكىن شامال بۇ ئالقىش ساداسىنى شۇ ئان پۈتكۈل ئوپال ئويمانلىقى ئاھالىسىنىڭ قۇلىقىغا، ھەتتا مۇقەددەس قەبرىگاھتا ئۇخلاۋاتقان بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى بولغاي...

   ئارقىدىن، ئېگىز راۋاقتىن ئاستا-ئاستا يۈرۈپ، قەبرىگاھ باغچىسىغا چۈشتۇق. ئالتە سائەتتىن ئاشقان زىيارەت ھېچكىمنى ھېچبىر چارچاتقاندەك ئەمەس ئىدى. قەبرىگاھ باغچىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا، ھەممىمىز رەڭگارەڭ گۈللەر ئارىسىدا ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مەھمۇد كاشغەرىي ھەيكىلىنىڭ ئالدىدا رەتلىك تىزىلىپ تۇرۇپ، بېيجىڭدە ھەر بىر ئىلمىي پائالىيەت ئۆتكۈزگەندە ھەمىشە ئوقۇيدىغان ھېلىقى «ناممۇقام مارشى» نى يۈكسەك ئاۋازدا ئۇقۇدۇق:

راك، چەببەيات، سەگاھ، چەھارگاھ،

پەنجگاھ، ئۆزھال، ئەجەم، ئوششاق؛

بايات، نەۋا، مۇشاۋەرەك، ئىراق،

ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى جاھاندا ياڭراق.

نەقرات:

مۇقاملار مارشىمىز، مۇقامدۇر بايراق،

ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى جاھاندا ياڭراق!

ياڭراق، ياڭراق، ياڭراق!...

مارشنىڭ جەڭگىۋار ئاھاڭلىق ياڭراق ساداسى ئۇزاق-ئۇزاقلارغا كەتتى. زىيارەتچىلەر پۇخادىن چىققاندەك بولۇپ، بىر-بىرىنى مۇبارەكلەشتى. بۇ ئارقىلىق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى بۇ قەبرىگاھ زىيارىتىدىن پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ ئالغانلىقىنى ۋە مۇندىن كېيىنكى ھاياتلىرىنى بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىيدەك ئىلمىي ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى گويا.

   سائەت بەش يېرىملار بولغاندا، بۇ پائالىيەتكە باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان توققۇزاق ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مۇساجان ئۆمەر ئەپەندى كېلىپ، مەزكۇر زىيارەتچىلەر كوللىكتىپىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئارقىدىنلا، ئۇ قەبرىگاھ باغچىسىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى ئورمانلىق ئىچىگە جايلاشقان «نەۋروز بۇلاق» بېشىغا كەڭ داستىخان سېلىپ، زىيارەتچىلەر ئۈچۈن خاس مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەردى. مەشرەبتە، خۇشپۇراق زەئفىران چايلار ئىچىلدى؛ بىر-بىرىدىن لەززەتلىك قوغۇن-تاۋۇزلار پىچىلدى. ھەممىدىن پەيز بولغىنى، ياش مۇزىكانت مۇھەممەتئەلى ئەپەندى دۇتتار بىلەن ئورۇنلىغان «زىيارەت قىلغىلى كەلدىم»، «كىمنىڭ بار ئاشۇنداق ئالىمى قېنى، پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» قاتارلىق نەق ئۆز يېرىدە ۋە دەل ئۆز مۆرىتىدە تەرەننۇم قىلىنغان ناخشىلارنىڭ سېھرىي كۈچى زىيارەتچىلەرنى – ھەممىمىزنى مەستخۇش قىلىۋەتتى....

مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنىڭ ئىككىنچى يوپۇقى

دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوپالدا ئېلىپ بارغان مەزكۇر خاس زىيارەت جەريانىدا، قەبرىگاھ خىزمەتچىلىرى بىلەن سىرداشتۇق ۋە ئىلمىي سۆھبەتتە بولدۇق، سۆھبەت ئارىسىدا، مەن ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنىڭ يوپۇقىنى يېڭىلاپ ئالماشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدىكى پىكىر-تەلەپنى تولىمۇ ئورۇنلۇق ھېس قىلدىم.چۈنكى، مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنىڭ شۇ تاپتىكى يوپۇقى 1985-يىلى، قەبرىگاھ رېمونت قىلىنغان چاغدا يېپىلغانىكەن. يىگىرمە ئۈچ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ يوپۇق خېلىلا كونىراپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يوپۇقنىڭ باش تەرىپىگە يېزىلغان «مەھمود قەشقىرى» دېگەن ئىسىممۇ ئىملاسىزلىقتىن جەزمەن توغرىلاشنى تەلەپ قىلىپلا تۇراتتى. شۇڭا، مەن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مەسلىھەتى ۋە ئىزىن-ئىجازىتى بىلەن يېڭى يوپۇق ھازىرلاش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم.

نەتىجىدە، ئالدى بىلەن،  رەھبەرلەردىن توققۇزاق ناھىيىلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ سېكىرتارى سابىرجان قادىر، ناھىيىلىك قەدىمىي ئاسار-ئەتىقىلەرنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋارىسجان رەھىم قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا 7-ئاۋغۇست پەنجشەنبە كۈنى، ئوپالغا بېرىپ، مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىنى شۇ يىللىق ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلىپ، قەبرىنى مېتىرلاپ-ئۆلچەپ، يېڭى يوپۇق ھازىرلاشقا تۇتۇندۇق. ئارقىدىن، قەشقەردىكى تىجارەتچى ۋە تىكىمچى بۇرادەرلىرىمنىڭ خالىسانە ياردىمى بىلەن، يېشىل دۇخاۋىدىن يېڭى يوپۇق ھازىرلاپ، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاددىي مۇراسىم بىلەن، بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسى ئۈستىگە ياپتۇق. بۇ يېڭى يوپۇقنىڭ ئالدى يۈزىگە: «مەھمۇد كاشغەرىي (1105-1008) قەبرىسى» دەپ، ئارقا يۈزىگە بولسا، «2008 دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇشبۇ يوپۇق يېپىلدى» دەپ يېزىلغان بولدىكى، مۇبارەك بولسۇن ۋە تەكرار قۇتلۇق بولسۇن!

كاشغەرىيشۇناسلىق مەرىكە مەيدانىدا ئات ئويناتقان چەۋەندازلار

      بۈيۈك ئەجدادلارنى ھەمىشە ئەسلەش، قەرەللىك ھالدا مۇئەييەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەش ھەقىقەتەنمۇ ساۋاپلىق ئىش، ئەلۋەتتە. ئەمدى، ئاشۇ بۈيۈك ئەجدادلار كۆتۈرگەن ئىلىم مەشئىلىنى ئۆچۈرۈپ قويماي، ئەجدادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈش، ئىز باسارلارغا سالامەت ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، مىننەتسىز ئەمگەك قىلغان ۋە قىلىۋاتقان تىرىكلەرنى قەدىرلەش، مۇۋاپىق سورۇندا، مۇئەييەن ھەرىكەت-پائالىيەت ئارقىلىق ئۇلارغا شۈكرانىمىزنى بىلدۈرۈشمۇ مۇكاپاتلىق ئىش بولۇشى كېرەك مېنىڭچە. مۇشۇنداق بىر ئاڭنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە، ئانا يۇرتىمىزدىكى كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى ئىشلىرىنىڭ يوقتىن بار بولۇشى ۋە بارلىقتىن ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشقان تۆھپىكارلانى ئېھتىرام يۈزىسىدىن زىيارەت قىلىشنى 2008-يىلىدىن ئىبارەت كاشغەرىي يىلىدا ئۆتكەن ھاياتىمنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى قىلدىم:

كاشغەرىيشۇناس كومپوزىتور تۇرسۇن قادىر ئەپەندىنى زىيارەت

  «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولغان قۇتلۇق 2008-يىلىدا، مەن مەمنۇنىيەت بىلەن كۆپ ئاڭلىغان ۋە ئاڭلىغۇم كەلگەن ناخشا «پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» بولدىكى، مەزكۇر ناخشىنى ھەر ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ تېكىست يازغۇچىسىنى ۋە ئاھاڭ ئىجاد قىلغۇچىسىنى قايىللىق تۇيغۇم بىلەن ئەسلىدىم. كۆرگۈم كەلدى، يۈز تۇرانە تەشەككۇر ئېيتقۇم كەلدى. شۇڭا، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى دۈشەنبە، قەشقەردىكى ئۇستازىم مۇھەممەتتۇرسۇن ئىبراھىمىينىڭ ھەمراھلىقىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئائىلە قورۇسىغا بېرىپ، ئاتاقلىق كومپوزىتور تۇرسۇن قادىر ئەپەندىنى ئۆيىدە زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.

   بۇ – ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى ئادەمنىڭ كۆڭلىدەك ئوچۇق بولغان بىر كۈن ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئونلار بولغان مەزگىلدە، ئەپەندىمنىڭ ئىشىكىنى چەكتۇق. تۇرسۇن قادىر ئەپەندىم ئۆزى ئىشىكنى ئاچتى ۋە خۇش تەبەسسۇم بىلەن بىزنى مېھمانخانا ئۆيىگە باشلىدى.  دۇئايى فاتىھەدىن كېيىن خانىمى كىرىپ، بىزلەرگە چاي قۇيدى. چاي ئىچكەچ، سۆھبەتكە چۈشۈپ كەتتۇق.

- بۇ يىلنىڭ «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇۋاتقان بىر سىنىپلىق ئوقۇغۇچى بالىلارنى باشلاپ، ئوپالغا قەبرىگاھ زىيارىتىگە كەلگەنىدۇق، «پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» ناخشىسىنىڭ ئىلھامى ۋە ئىپتىخارى بىلەن ئۆزلىرىنى بىر زىيارەت قىلايلى دەپ كەلدۇق-، دېدىممەن كېلىش مەقسىتىمىزنى ئىزاھلاپ.

- تولا ئوبدان بوپتۇ،- دېدى تۇرسۇن قادىر ئەپەندىم بېشىدىكى يارىشىملىق بادام دوپپىسىنى ئوڭ قولى بىلەن سەل ئۈستىگە كۆتۈرۈپ قويۇپ. ئارقىدىن، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ناخشىغا ئاھاڭ ئىجاد قىلىش جەريانىنى مەمنۇنلۇق بىلەن مۇنداق سۆزلەپ بەردى:

- « مەن ئوپاللىق. ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دەپىنگاھى ئاشۇ بىزنىڭ ئوپالدىكى ھەزرەتى موللام مازىرىنىڭ نەق ئۆزى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تەنتەنە بىلەن جاكارلانغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ مەن تولىمۇ ھاياجانلاندىم. شۇ كۈنلەردە، ‹قەشقەر گېزىتى› ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بۇرادىرىمىز مەرھۇم نۇرمۇھەممەت ئېركىي بىزنىڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يېنىدىكى ساماۋارخانىغا كېلىپ، بىز بۇرادەرلىرى بىلەن چاي ئىچىشكەچ ھەمسۆھبەتتە بولۇپ تۇراتتى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا: ‹مەن مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە بىر شېئىر يازغانىدىم، شۇنىڭغا بىرەر كومپوزىتور بىر ئاھاڭ ئىشلىسە ئىكەن دېگەن ئارزۇيۇم بار ئىدى، تېكىستنى سەن بىر كۆرۈپ باقساڭ قانداق؟ دېدى›. مەن ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم ۋە تېكىستنى كۆردۈم. ئەمما، «پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» ماۋزۇلۇق بۇ شېئىر ئون نەچچە كۇپلىت بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئوقۇشقا بەك ئۇزۇنلۇق قىلاتتى. شۇ ۋەجدىن، سەل ئىككىلىنىپ قالدىم ۋە ئۇ شائىر بۇرادىرىمگە: ‹شېئىرىڭ ئېسىل چىقىپتۇ. ئەمما بەك ئۇزۇن تۇرىدۇ› دېدىم. بىراق، ئۇ قايتۇرۇپلا: ‹شېئىرىم يارىغان بولسا، ئۇزۇننى قىسقا قىلىپ، ئۆزەڭ بىر نېمە قىلمامسەن؟!› دېدى.

شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، توققۇزاق ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىدىكىلەردىن بىر قانچەيلەن مېنى ئىزدەپ كىرىپ: ‹سەنئەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئويۇن تەييارلاۋاتىمىز، بىر ئاز ھاجىتىمىز بار، شۇنىڭغا ياردەمدە بولسىلىرى ئىكەن› دېيىشتى ۋە ئارقىدىنلا بىر شېئىر تېكىستىنى چىقىرىپ: ‹مۇشۇنىڭغا بىر ئاھاڭ ئىشلەپ بەرسىلىرى قانداق؟› دەپ ئىلتىماس قىلىشتى. قارىسام، ئۇلارنىڭ ئەپكىرگىنىمۇ دەل مەزكۇر نۇر مۇھەممەت ئېركىي يازغان ئاشۇ شېئىر ئىكەن. دېمەك، شېئىرنىڭ ھەممەيلەنگە يارىغىنى ئايان ئىدى. بۇ ھالدا، مەن ئىككىلەنمەيلا: ‹بولىدۇ، مەن بۇ شېئىرنى تېكىست قىلىپ، ئاھاڭ ئىشلەي› دەپ ماقۇللۇق بىلدۈردۈم.»

گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، 65 ياشقا كىرگەن بۇ پېشقەدەم كومپوزىتور نېمىدۇر بىر نەرسە ئېسىگە كەلگەندەك قىياپەتتە، سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن: - «مەن ئاھاڭ ئىشلىسەم، ئالدى بىلەن ناخشا تېكىستىنى پىششىق ئوقۇيمەن، يادلىۋالىمەن. ئاندىن ئۇ ئىپادىلىگەن مەزمۇنغا چۆككەن ھالدا، ئاھاڭ دېڭىزىغا شۇڭغۇيمەن.» دېدى ئۇ ئەستايىدىل ۋە جىددى ئاھاڭدا. ئارقىدىن ئۇلاپلا سۆزىدە داۋام قىلدى:

- «شۇنداق قىلىپ، بىر قانچە كۈن ئاھاڭ – كۈي ئىجادىيىتى بويىچە ئەمگەك قىلدىم. شۇ كۈنلەردە، ئولتۇرسام-قوپسام، قەشقەر ئوپال دىيارىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بۇ گىگانت ئىنسانغا بولغان ئېھتىرام ۋە سېغىنىش تۇيغۇم چىن يۈرۈكۈمدىن جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى.شۇ ھالدا، زادى قانداق قىلغاندا، مەزكۇر  ‹پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى› ماۋزۇلۇق بۇ شېئىردا ئىپادىلەنگەن بۈيۈك ئالىم، ئۇلۇغ ئەجدادتىن ئىپتىخارلىنىش ۋە ئۇنىڭدىن سۆيۈنۈش تۇيغۇسى مۇناسىپ ئاھاڭ بىلەن ئەڭ جايىدا ئىپادىلىنىدىغانلىقى ئۈستىدە ھەقىقەتەنمۇ ئەستايىدىل ئىزدەندىم. ئاخىردا، خەلقىمىز نەچچە ئون يىللار مابەينىدە سۆيۈپ ئوقۇپ ۋە سۆيۈنۈپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان شۇ ئاھاڭنى ئىجاد قىلىپ چىقتىم ۋەسسالام.»

- سىز ھەقىقەتەنمۇ ئۆلۈمسىز بىر ئاھاڭ ئىجاد قىلغانىكەنسىز، تۇرسۇن ئەپەندىم،- دېدىم مەن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان بىر خىل قايىللىق تۇيغۇم بىلەن-، بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە گەپ بولسىلا ھەر قاندىقىمىز مەزكۇر ناخشىدىن بىر ئىككى كۇپلىت ئوقۇپ كېتىمىز ۋە شۇ چاغدا، شۇ قەدەر گۈزەل ئاھاڭ ئىجاد قىلغان سىز كومپوزىتور ئاكىمىزنى ئىختىيارسىز ھالدا ئەسلەيمىز، سۆيۈنۈش تۇيغۇمىز بىلەن ياد ئېتىمىز!

تالانتلىق ۋە ھوسۇللۇق كومپوزىتور تۇرسۇن قادىر ئەپەندى 1943-يىلى قەشقەر ئوپالدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ چاغقىچە ئۆتكەن ئىلىم ئۆمرىدە، مەزكۇر «پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى»دىن باشقا، يەنە «زىيارەت قىلغىلى كەلدىم» (تېكىستى: سەيپىدىن ئەزىزىينىڭ)، «مەيلىمۇ؟» (تېكىستى: تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ)، ئەجەب ئوبدان زامان بولدى» (تېكىستى: ئابلىز نازىرىينىڭ)، «بادام دوپپا» (تېكىستى: مۇھەممەدئەلىي زۇنۇن تەشنائىينىڭ)، «مۇھاجىرلار ناخشىسى» (تېكىستى: مۇھەممەدئەلىي زۇنۇن تەشنائىينىڭ)، «بىپەرۋا» (تېكىستى: ئابدۇللاھ ياقۇپنىڭ)، «راۋابىم» (تېكىستى: تەلئەت تۇردىنىڭ)، «چىقىدۇ دېھقاننىڭ ئەمدى ھاردۇقى» (تېكىستى: تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ)، «كېلىن بولسا، قەنت بولسا» (تېكىستى: مۇھەممەدئەلىي زۇنۇن تەشنائىينىڭ)، «گۈزەل قەشقەر» (تېكىستى: نۇرۇددىن مۇسانىڭ) قاتارلىق ھېلىھەم زوق-شوق بىلەن ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ناخشىلارغا ئاھاڭ ئىشلىگەن. بۇلاردىن باشقا، يەنە قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى سەھنىلىرىدە ئوينالغان « ھەسەنىكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىقمىكىن؟»، «مەسلىھەت چېيى»، «جەنۇبتىكى جەڭ مارشى»، «رابىئە- سەئىدىن»، «نەسرىددىن ئەفەندىم ۋە ئۇنىڭ بەش خوتۇنى»، «قېرى ئاشىق-مەشۇقلار» قاتارلىق  سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ  مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن.

مەلۇمكى، كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىنسانلىق شەخسىيىتى، ئالىملارغا خاس روھى، ئۇنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئۇ ئەمگەكلەردە ئىپادىلەنگەن ئالىمنىڭ كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى، تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبى، ھەتتا ئالىمنىڭ يار-بۇرادەرلىرى، ئۇرۇغ-تۇغقان خىش-ئەقرەبالىرىغا تالىق تەتقىقاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كاشغەرىيشۇناسلىق ئەمەلىيەتتە، تىلشۇناسلاردىن باشقا، يازغۇچىلار، شائىرلار، رەسسام- گۈزەل سەنئەتچىلەر ۋە تارىخ – تەزكىرىچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زىيالىيلار ئاممىسىدىن تەركىپ تاپقان كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ يۆنىلىشلىك ناھايىتى كەڭ بىر تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت ئىلىم ساھەسىنى ھاسىل قىلىپ كېلىۋاتماقتا. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاتاقلىق كومپوزىتور تۇرسۇن قادىر ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ئاشۇ «پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» ناملىق ناخشىنىڭ يارقىن-يېقىملىق ئاھاڭ-كۈيىنى ئىجاد قىلغان  نادىر ئەمگىكى بىلەن، كاشغەرىيشۇناسلىق مەيدانىدا ئات ئويناتقان چەۋەندازلاردىن سانىلىشقا تامامەن ھەقلىق، ئەلۋەتتە!

زىيارەت ئاخىرىدا، بىز گۈزەل ئۇيغۇر ئاھاڭ-كۈيى ئىجادىيىتى ئارقىلىق، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى مۇزىكا تىلىدا بايان قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىپ كېلىۋاتقان بۇ تۆھپىكار زاتقا چىن كۆڭلۈمىزدىن تەشەككۇر ئېيتتۇق. ئۇنىڭ تېنىنىڭ ساغلام بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى تىلىدۇق.

بۇ زىيارەت ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ بۇ كاشغەرىي يىلىمدىكى مەڭگۈلۈك ئەسلىمە بولۇپ قالىدىغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرىمدىن بىرى بولدى كۆڭلۈمچە.

كاشغەرىيشۇناس رەسسام غازىي ئەھمەد ئەپەندىنى زىيارەت

  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر رەسساملىقىنىڭ پېشىۋاسى غازىي ئەھمەد 1933-يىلى 8-ئايدا، قەشقەر شەھرىدە ، ئۆز زامانىسىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر دىني زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئۇ 1957-يىلى شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆز ئانا مەكتىپىگە رەسساملىق كەسپى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. شۇندىن باشلاپ ئۇ قىرق يىلغىچە رەسىم مائارىپى ئوقۇتۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رەسساملىقى بىلىملىرى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق- ئۇستازلىق قىلغان. ئۆز كەسپىدە باشلامچىلىق ۋە يېتەكچىلىك ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغاچ، فاكۇلتېت مۇدىرى ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋە شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق رەھبەرلىك خىزمەتلىرىدە بولغان. ھازىر مەملىكەتلىك رەسساملار جەمئىيتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، شىنجاڭ ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخىرىي رەئىسى، شىنجاڭ تارىخ-ۋەسىقىلەر سارىيىنىڭ پەخىرىي ساراي باشلىقى، دۆلەت دەرىجىلىك تۆھپىكار مۇتەخەسسىس، گوۋۇيۇەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغۇچى قاتارلىق شاراپەت ۋە ئىمتىيازلار ساھىبى بولۇپ ياشاۋاتقان بۇ جامائەت ئەربابى ۋە ئۇستاز  رەسسام شۇ چاغقىچە بولغان نادىر ھاياتىدا، ئىككى يۈز پارچىدىن ئارتۇق ئېسىل جۇڭگوچە رەسىم ۋە ماي بوياق رەسىم سىزغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، 1964-يىلى سىزىلغان «جىنايەتلىك ھۆكۈم» ناملىق ماي بوياق رەسىمى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ساقلاشقا قوبۇل قىلىنغان؛ 1981-يىلى سىزىلغان «ئىش ئۈستىدىكى مەھمۇد كاشغەرىي» مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر رەسىم كۆرگەزمىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋە بېيجىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سارىيى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ساقلاشقا قوبۇل قىلىنغان؛ 1984-يىلى سىزىلغان «مۇقام» ناملىق رەسىم 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە، كۈمۈش مىدالغا ئېرىشكەن ۋە جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ساقلاشقا قوبۇل قىلىنغان؛ 1987-يىلى سىزىلغان «گىلەم. ئۇيغۇرلار»  ناملىق رەسىم ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ماي بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىسى»گە قاتناشتۇرۇلۇپ، ياپونىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ساقلاشقا قوبۇل قىلىنغان؛ 1988-يىلى سىزىلغان «مۇزىكا مەستانىلىرى» ناملىق رەسىم 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سەرخىل ماي بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئېرىشىپ، ياپونىيە «مەڭگۈلۈك ئېتىز» كۇلۇبى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ساقلاشقا قوبۇل قىلىنغان؛ 1999-يىلى سىزىلغان «ئوغلاق تارتىشىش» ناملىق رەسىم پايتەختتىكى تيەنئەنمېن مۇنارىسىنىڭ زالىغا زىننەت ئۈچۈن ئېسىشقا تاللانغان؛ ئۇ 1992-يىلى پايتەخت خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىنى زىننەتلەشكە باش يېتەكچى بولۇپ، چوڭ تىپتىكى «تەڭرىتاغ كۈيى» ناملىق رەسىمنى ئاسما گىلەمگە سىزغان؛ 1997-يىل ئۇ باش يېتەكچى بولۇپ ئاسما گىلەمگە سىزغان «تەڭرىتاغدىكى شادلىق» ناملىق چوڭ تىپتىكى رەسىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە ھەدىيە قىلىنغان. ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، گىرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، بولغارىيە، تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردە رەسساملىق بويىچە ئىلىم ئالماشتۇرۇش زىيارەتلىرىدە بولغان. 1994-يىلى، پارىژ، ئىستانبۇل، ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلەدە، 1997-يىل بولسا، تېھران شەھرىدە ئۆزىنىڭ شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاچقان. ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، « غازىي ئەھمەد رەسىملىرى توپلىمى» ۋە « غازىي ئەھمەد ماي بوياق رەسىملىرىدىن تاللانما» قاتارلىق خاس ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان.

   مەن مول ھوسۇللۇق تۆھپىكار ئۇستاز رەسسام غازىي ئەھمەد ئەپەندىمنى بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپلا تولىمۇ ھۆرمەتلەيمەن. ئۇنىڭ بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىي قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئۆلچەملىك پورتېرتىنى تۇرغۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى باشقا ھەممە قېرىنداشلارغا ئوخشاشلا مېنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. مەن مۇشۇنداق ھۆرمەتلەش ۋە سۆيۈنۈش تۇيغۇم بىلەن، 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، مەن ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەردە ھەمىشە قول-قانىتىم بولۇپ كېلىۋاتقان ئىنىم ئابدۇقادىر جۈمەنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئۇنى ئۈرۈمچى «دائىما شادلىق» ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆيىدە زىيارەت قىلدىم.

- شۇنداق، ئالىملارنىڭ پورتېرتىنى ئومۇمخەلق ئېتىراپ قىلىدىغان دەرىجىدە قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك  تۇرغۇزۇپ چىقىش رەسسامدىن يېتىك بىلىم-مەرىپەت، يۈكسەك ماھارەت ۋە مۇكەممەل ئىلمىي پەزىلەت تەلەپ قىلىدىغان ھەم شەرەپلىك ھەم ئېغىر ئەمگەكتۇر،- دىدى غازىي ئەپەندىم مېنىڭ ئۇنى دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ ئېيتقان ھەشقاللا- تەشەككۇر مەزمۇنىدىكى گەپلرىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، تولىمۇ سەمىمىي قىياپەتتە،-  ئالىمنىڭ گۆھەر كىتابى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى ئوقۇدۇم. بولۇپمۇ، مەزكۇر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ ئالدىغا بېرىلگەن ۋە ئالىملىرىمىز تەرىپىدىن ئىنچىكە تەتقىق قىلىنىش نەتىجىسىدە يېزىلغان «مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ›» دېگەن كىرىش سۆزنى تەكرار-تەكرار مۇتالىئە قىلدىم. مەزكۇر كىرىش سۆزدىكى بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىيىتى، مىجەز-خۇلقى، ئىقتىدارى ۋە قىلغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىنى خاتىرىلەپ يازغان قۇرلارنى زېھنىمنى قويۇپ مۇھاكىمە قىلدىم. ئاندىن، ئالىمنىڭ يۇرتىغا بېرىپ، مەھەللە-كۆيلەرنى ئارىلىدىم، بۈگۈنكى دەۋر ئوپال ئادەملىرىنىڭ تەق-تۇرۇقى ۋە چىراي-شەكىللىرىگە ئالاھىدە زەڭ قويدۇم... مۇشۇنداق بىر قاتار مۇھەببەتلىك تەتقىقاتلاردىن كېيىن، ئاندىن ئۇنى سىزىپ چىقتىم.

    غازىي ئەھمەد ئەپەندىم بىلەن بىر ساپادا يانمۇ يان ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ شۇ قەدەر جانلىق مىساللىق بايانلىرىنى ئاڭلاپ، گۈزەل سەنئەت ئىلمى ھەققىدە تولىمۇ قىممەتلىك بىر دەرس ئالغاندەك بولدۇم. خۇسۇسەن، ئۇنىڭ بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئەستايىدىللىقى ۋە قىلغان ئىنچىكە ئەمگەكلىرى مېنى ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلەندۈردى. ئارىلىقتا، ئەپەندىم بىزنى رەسىم سىزىش ئۆيىگە باشلاپ كىردى. ئۇ يەردە، مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ رەسىمىدىن باشقا، ئۇ سىزغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مىرزا ھەيدەر كوراگان كاشغەرىيلارنىڭ ئۆلچەملىك پورتېرتلىرىمۇ بار ئىدى.

- بۇ يىلنىڭ «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولغانلىقى ھەممىمىزنىڭ بېشىمىزنى پەلەككە يەتكۈزدى، بىز تولىمۇ سۆيۇندۇق. سىز سىزغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىككى رەسىمى ئۇ بۈيۈك بوۋىمىزنىڭ ئوبرازىنى پۈتكۈل خەلقىئالەم ئالدىدا تېخىمۇ كونكرېتلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بەرگەن بولدى. شەكسىزكى، سىزنىڭ بۇ ئۆلمەس ئەمگىكىڭىز خەلقىمىزنى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلىرىمىزنى بۈيۈك ئەجدادلارنى ئۈلگە قىلىپ، جاسارەت بىلەن ياشاش، پاراسەت بىلەن ياشاشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، - دېدىممەن سەمىمىي كۆڭلۈم بىلەن زىيارىتىمىز ئاخىرلاشقاندا.

   - ئالاھىدە ياد ئېتىپ كېلىپ، زىيارەت قىلغىنىڭلار ئۈچۈن رەھمەت!،- دېدى غازىي ئەھمەد ئەپەندىم بىزنى ئۇزىتىپ چىقىپ.

كاشغەرىيشۇناش شائىر، دراماتورگ مۇھەممەدئەلىي زۇنۇن تەشنائىينى زىيارەت

     11-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى قۇرۇم مېھمانخانىسىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقامشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتىم. ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقامشۇناسلىق جەمئىيىتى» ئاساسىدا قۇرۇلغان ۋە كومپارتىيە ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر ژىرىك  مېۋە ھېسابلىنىشقا ھەقلىق بولغان بۇ مەملىكەت دەرىجىلىك ئىلىم تەتقىقات ئورگىنىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئىنسانىي مۇھەببەت ۋە ئىلىمغا ھۆرمەت تۈسى ۋە تۇيغۇسى بىلەن تويۇنغان ھالدا، تولىمۇ كاتتا، داغدۇغىلىق ۋە تەنتەنىلىك ئۆتتى. 28-نويابىر ئاخشىمى رەئىس نۇر بەكرى ئەپەندى بېيجىڭدىن كەلگەن يىغىن ۋەكىللىرىگە كۈتىۋېلىش زىياپىتى بەردى. 29- نويابىردىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇيغۇر كلاسسك ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىقاتى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ رەتلىنىشى، نەشر قىلىنىشى ئۈچۈن ئۆچمەس ۋە ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان تۆھپىكار رەھبىرىمىز تۆمۈر داۋامەت ئاكا «جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقامشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى» دەپ يېزىلغان ئالتۇن خەتلىك ۋېۋىسكىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى؛ ئارقىدىن، نۆۋەتتىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۆھتەرەم ئىسمائىل تىلىۋالدى ئەپەندىم تەبرىك سۆزى سۆزلىدى؛ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئەپەندى نۇقتىلىق سۆز قىلدى. تەسىراتىمچە، پارتىيىمىزگە تەشەككۇر- رەھمەت ئېيتىدىغان، ئالىم ۋە ئىلىمنى قوللاپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ تەتقىقاتىغا كۈچلۈك مەدەت بېرىدىغان ئىلھامبەخش پىكىرلەر بىلەن تولغان بۇ نۇتۇق ۋە تەبرىكلەر يىغىن ئەھلىنى تولىمۇ مەمنۇن قىلدى. مېنىڭ «ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى» ۋە « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» قاتارلىق ژىرىك ئەمگەكلىرىممۇ ھېسابقا ئېلىندى بولغاي، يىغىن ئەھلى تەرىپىدىن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا سايلاندىم. تەبىئىيكى، بۇ مۇشۇ خاسىيەتلىك كاشغەرىي يىلىدا، مېنىڭ شەخسىيىتىمگە شەرەپ، ئەمگىكىمگە مەدەت بەرگەن ئۆچمەس خاتىرە بولۇپ قالدى كۆڭلۈمدە ۋە دەپتىرىمدە ئوخشاشلا!

    يىغىن ئارىلىقىدا، مەزكۇر كاتتا مەرىكىنىڭ نوپۇزلۇق ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولغان ئاتاقلىق شائىر، ھوسۇللۇق دراماتورگ مۇھەممەدئەلىي تەشنائىي ئەپەندىمنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، قانداق خوشال بولغانلىقىمنى ئەمدى دەي.

   مەن تەشنائىي ئەپەندىم بىلەن كاشغەرىي يىلىدا بىر كۆرۈشۈش ۋە مۇڭدىشىشقا ھەقىقەتەنمۇ تەشنا بولغانىدىم. چۈنكى، مېنىڭ ھۆرمەت خاتىرەمدىكى تەشنائىي ئەپەندى بىر داڭقلىق شائىر، ئىستىدادلىق دراماتورگلا ئەمەس، بەلكى ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ «ئۈچ ياش» ماۋزۇلۇق چاتما تېلېۋىزىيە ئەسىرى بىلەن، كاشغەرىيشۇناسلىق ساھەسىدە باشلامچى بولۇپ ئات ئويناتقان بىر چەۋەنداز ئىدى.

   « شۇنداق، 1983- يىلى مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ مۇقەددەس مەقبەرىسى توغرسىدىكى تارىخى ھۆججەت تېپىلدى ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىنغان بولدى» ،- دەپ ئەسلىمە باشلىدى تەشنائىي ئەپەندىم، قۇرۇم مېھمانسارايىنىڭ ئىنسانغا يۈكسەكلىك ۋە كەڭ-كۇشادىلىقنىڭ پەيزىنى سۈردۈرىدىغان ئازادە سالونىدىكى كەڭ ساپادا راھەت ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن.

«– شۇ كۈنلەردە، مەن ئىنتايىن خوش بولغان ۋە ھاياجانلانغان ھالدا ‹تاپتى› ماۋزۇلۇق بىر قەسىدە يېزىپ ئېلان قىلدىم» ،- ئۇ سەل-پەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن، مۇنۇ مىسرالارنى يادلاپ بەردى:

«سۆيۈملۈك ئەھلى يۇرت تاپتى ئۆزى سۆيگەن مازارىنى،

ئەمەسكى بىر مازار، ئىدراك-ئەقىلنىڭ لالىزارىنى.

يىراقتا قالدى كۆك گۈمبەز قىسىپ بوينىنى بىر چەتتە،

ئاڭا تۆكسۇن بۈگۈن كىممۇ پىغانى، ئاھۇ زارىنى.

بىراۋلار چۆنتىكى «شەربەت كۆلى» دەك قۇپقۇرۇق ئەمدى،

كاسات قىلغاچ بۈگۈن تارىخ كەمەك ھەييار بازارىنى! »

   شائىر بۇ مىسرالارنى ھاياجانلىق ئاۋازى بىلەن يادلاپ بولۇپ، تەپەككۇر قاينىمىغا چۆككەن ھالدا بىرقانچە مىنوت تۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئەسلىمىسىدە داۋام ئەتتى:

«ئارقىدىنلا، مەن كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ ئوپالدىكى مازىرىنىڭ تېپىلىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ  خىزمەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «ئۈچ ياش» ماۋزۇلۇق بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى يازدىم. بۇ ئەسىرىم شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ، 1984-يىلى ئۆكتەبىردە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆرسىتىلدى. كۆپ سۆيۈندۈم. ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشقا بېغىشلانغان ئىككى قىسىملىق بۇ   فىلىم ـ ئۇتۇقلۇق چىققان تۇنجى ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە فىلىمى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن بۇ  ناخشام (مۇزىكىسى تۇرسۇن قادىرنىڭ) چارەك ئەسىرىدىن بۇيان ئېغىزدىن چۈشمەي ئېيتىلىپ كەلمەكتە:

يارالمىش ھەزرىتى مەۋلان ئوپال ئازىخ داراسىدا،

ئۆسۈپ يەتمىش كامالەت ئەرشىگە ئۆز يۇرت ھاۋاسىدا.

يېتىپتۇرلەر ئارامگاھ ئەيلىبان چەشمە زۇلال باغرىن،

سىيا يەڭلىغ قارا تۈننى ناھار ئەيلەپ زىياسىدا.

شۇ مەۋلانايى شەمسىدىن زىياسىنىڭ جۇلاسى بار-

ئىلىم-ئىرپان بېغىنىڭ گۈل-چىچەك، مېھرىگىياسىدا،

پىرىمگە جەننەتۇل رىزۋان ئاتا قىلغىن خۇداۋەندە.

شۇ يىللاردا، يەنە كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ ئۆلۈمسىز ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئىچىدىكى ماقال-تەمسىل، ئۈگۈت-نەسىھەتلەر (288 ماقال، تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆز)نى رەتلەپ، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى» نىڭ 1987-يىل 4-سانى ئارقىلىق خەلققە سۇندۇم.

ئۇندىن باشقا،  « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك »نىڭ 1981- نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە بىرىنچى تومىنىڭ 122- 151- بەتلىرىدە بايان قىلىنغان تارىخىي ۋەقەلەرگە ئاساسەن، «بىر جۈپ پەرىشتە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك بىر تارىخىي ئوپېرا يازدىم. بۇ ئەسىرىم 1991-يىلى 4- سان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا، 1995-يىلى بولسا، «مۇقام يۇرتىنىڭ يېڭى باھارى» ناملىق ئوپېرالار توپلىمىدا ئېلان قىلىندى. بۇ يېڭى ئەسىر (21-ئەسىر) كىرگەندىن كىيىن، بۇ ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى «تەۋرىمەس تاغلار» غا ئۆزگەرتتىم ۋە يېڭىباشتىن تەھرىرلەپ چىقتىم.»

- سىزگە ئاپىرىن!، -دەۋەتتىم مەن قايىللىق ۋە ھاياجانلىق تۇيغۇم بىلەن ،-  مەلۇمكى، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىباھا ئابىدە ئەسەردۇر، كاشغەرىيشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات قوينى ئاجايىب كەڭدۇر. ھالبۇكى، سىزنىڭ « دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك »تە بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنى دېتال قىلىپ، ئوپېرا يازغىنىڭىز ئەمەلىيەتتە، نادىر ئەمگىكىڭىز «ئۈچ ياش»تىن كېيىن، ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن يەنە بىر تۆھپىلىك ئەمگىكىڭىز بوپتۇ، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىسۇن، ئەمگەكچان قولىڭىز دەرت كۆرمىسۇن!

مۇھەممەدئەلىي زۇنۇن تەشنائىي ئەپەندى 1939-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى قەشقەر شەھرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1955-يىلغىچە باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1958- يىلى، سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ 1958-يىلدىن 1978-يىلغىچە ساق يىگىرمە يىل مائارىپ سېپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئۇندىن كىينكى خىزمەت ئۆمرى سەنئەت ساھەسىدە ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكەن. ئەدەبىي ئىجادىيەتكە 1951-يىلى كىرىشكەن بۇ تالانت ئىگىسىنىڭ ھازىرغىچە بەش شېئىر-داستان توپلىمى، ئۈچ دىراما-ئوپېرا توپلىمى ۋە ئىككى ھېكايە-پوۋېست توپلىمى نەشر قىلىنغان. ھازىر ئۇ شىنجاڭ ئوپېرا-تىياتېر ئانسامبىلىنىڭ پىنسىيونىرى،

- «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» سىزنى قانداق تۇيغۇلاندۇردى، ئەپەندىم؟،- ئاخىردا سورىدىم.

     «- 2008-يىلىنىڭ  ‹دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى› ئېلان ئېتىلگىنى مىليونلار قاتارىدا مېنىمۇ چەكسىز مەمنۇن قىلدى»،- دېدى ئۇ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق قىياپەتتە،-  «بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ‹تويۇڭ مۇبارەك› ماۋزۇلۇق بىر كۈي نەزمىسى يازغان بولدۇم. ئۇنى سەنئەتكار پەرھات ئابىت چوغلان مۇزىكىلاشتۇرۇپ، سەھنىلەشتۈردى ۋە  ئورۇندىلىپ ئالقىشلاندى. ئاڭلاپ بېقىڭ، مانا بۇ شۇ ناخشىدىن ئارىيە:

پەن-بىلىم ئەھلىنىڭ پىر ـ ئۇستازى سەن،

بۇ يولنىڭ مىڭ يىللىق چەۋەندازى سەن.

گويا تىغ-تىكەنلىك سىملاردا كۆكتە،

زەبەردەس چامدىغان ئەل جانبازى سەن.»

قاراڭ! مانا بۇ – بۇ يىل ساق يەتمىش ياشقا كىرگەن پېشقەدەم كاشغەرىيشۇناس مۇھەممەدئەلىي زۇنۇن تەشنائىي ئەپەندىنىڭ كاشغەرىي يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىيگە ئاتاپ يازغان يېڭى ناخشىسىدىن ئۆرنەك. روشەنكى، ئۇنىڭغا مۇجەسسەم بولغان قايىللىق ۋە ئىپتىخارلىق يۈكسەكتىن يۈكسەك.

مەن تەشنائىي ئەپەندىم بىلەن بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپ، ئۇنىڭ ئاشۇ مول بەھرىلىك ئەمگەكلىرى ۋاسىتىسى ئارقىلىق تونۇش بولساممۇ، روبىرو ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىشىم مۇشۇ تۇنجىسى. ئەلۋەتتە بۇمۇ خاسىيەتلىك كاشغەرىي يىلىنىڭ شاراپەتلىك سوۋغىسى بولغاچ، سۆيۈنگەن ھالدا، خاتىرەمگە ئۆچمەس قىلىپ يازدىم.

نادىر ئەسەر تەتقىقاتىدىن بىر ئۆرنەك

جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى تىل-يېزىق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ سەككىزىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2008-يىل 10-ئاينىڭ 16- ۋە 17-كۈنلىرى پايتەخت بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.مەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتىم ۋە تۆۋەندىكى ئىلمىي ماقالەمنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، گۇرۇپپا يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتتۈم:

« تارىخى ھەمىدىي» دە ئۇيغۇر يۇرتلىرى ۋە ئادەملىرى

-«تارىخى ھەمىدىي» دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىغا ئاتاپ-

بۈيۈك ئۇيغۇر تارىخشۇناسى، ئالىم مۇسا سايرامىي ( 1836- 1917 ) ئۆزىنىڭ مەشھۇر تارىخ كىتابى «تارىخى ھەمىدىي» نى 1908-يىلى يېزىپ تاماملىغان. مەن بۇ ماقالەمدە، مەزكۇر ئەسەرنىڭ «خاتىمە» قىسمىدا بېرىلگەن قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرى ھەققىدىكى بايانلارنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىللە مۇتالىئە ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق، بۇ قۇتلۇق ئەسەر دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ يۈز يىللىقىنى قايىللىق ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن خاتىرىلەيمەن.

1

ئالىم مۇسا سايرامىي «تارىخى ھەمىدىي» نىڭ خاتىمە قىسمىدا، ئۆز زامانىسىدا «يەتتە شەھەر» دەپمۇ ئاتالغان قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ئومۇمىي جۇغراپىيىسى ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق يازىدۇ: «بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ھۆكۈما، مۇنەججىملەر، گىئومېتىرىيە ۋە ماتىماتىكا ئالىملىرى يەرشارىنىڭ ئومۇمىي يۈز كۆلىمى، ئۇنىڭدىكى چۆل – جەزىرە، باياۋانلار ۋە ئادەم ياشايدىغان مەمۇر – ئاۋات جايلارنىڭ جۇغراپىيىسىنى ئاسترونومىيىلىك ھېسابلاش ئۇسۇلى ئاساسىدا سىزىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، يۈكسەك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنىكەن. ئۇلار زېمىننىڭ ئادەم ياشىغىلى بولىدىغان ( رۇبئى مەسكۇن ) قىسمىنىڭ مەشرىق تەرەپتىكى باشلىنىش ئۇچىدىن، مەغرىب تەرەپتىكى ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغىچە بولغان ئارىلىقنى يەتتە بۆلەككە بۆلۈپ، ھەربىر بۆلەكنى بىر ‹ئىقلىم› دەپ ئاتىغان. ئاندىن، بۇ يەتتە ئىقلىم زېمىننى ئاسماندىكى يەتتە سەييارە يۇلتۇزغا نىسبەتلەشتۈرۈپ ( باغلاپ )، ھەربىر ئىقلىمغا بىر يۇلتۇزنى مەنسۇپ قىلغان. يەنى بىرىنچى ئىقلىمغا زۇھەل ( ساتورىن ) يۇلتۇزىنى، ئىككىنچى ئىقلىمغا مۇشتەرى (يۇپىتېر) يۇلتۇزىنى، ئۈچىنچى ئىقلىمغا مىررىخ (مارس) يۇلتۇزىنى ۋە مۇشۇ قىياس بويىچە، يەتتە يۇلتۇزنى يەتتە ئىقلىمغا باغلىغان. ئاندىن، ئۇلار ھەربىر ئىقلىمدا ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ مىجەز – خۇلقى، رەڭگى – رويى ۋە خۇي – پەيلى  قاتارلىقلارنى بايان قىلغاندىن باشقا، شۇ ئىقلىمغا تەۋە زېمىندىكى شەھەرلەر، دەريالار، چۆل – جەزىرىلەر ۋە مەمۇر – ئاۋات جايلارنى بىرمۇبىر تەسۋىرلەپ جەملەپ، بۇلارنى ئۆزلىرى يازغان تارىخ كىتابلىرىنىڭ ئاخىرىغا «خاتىمە» ئورنىدا بەرگەنكى، بۇ ئەمەلىيەتتە، ئۇ دانا ئاپتورلارنىڭ كىتابلىرىغا زىننەت بېغىشلىغان.

ئەمما، مەن كەمىنە نادان، بېشىدىن تا ئايىغىغىچە نۇقسان ۋە كەمچىلىك بىلەن تولغان، قورسىقىدا ئانچە ئۇمىچى بولمىغان بىر ئادەم مەزكۇر قەدىمكى ئاپتورلاردەك چوڭ ئىشنى قىلالمىساممۇ، يەتتە ئىقلىمنى بايان قىلىشنىڭ ئورنىغا بۇ يەتتە شەھەرنى ۋە بۇ شەھەرلەردە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ بەزەن ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم.»

(قاراڭ: مۇسا سايرامىي: «تارىخى ھەمىدىي» ‹يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا›، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمىسى،  583- بەت)

مېنىڭ مۇلاھىزەمچە، يۇقىرىقى بايانلار بىزگە مۇنداق ئىككى نەرسىنى ئۇقتۇرىدۇ. بىرسى، ئالىم بوۋىمىز مۇسا سايرامىينىڭ كىتاب يېزىشتا، كونا ئەندىزە بويىچە ماڭماي، يېڭىلىق يارىتىش. ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق، ئىلىم يولىدا، يېڭى ئىز قالدۇرۇشقا تىرىشىش روھى ئەكس ئەتكەن.

بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئەلىشىير نەۋائىي: «ئىلىم - كۆمۈكلۈك خەزىنە ئەمەس، بەلكى ئۇ گويا كۆكلەپ تۇرىدىغان دەرەختۇر» دېگەن. ھالبۇكى، ئىلىم ساھىبى بولغان ئالىم ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلىمگە نىسبەتەن ئەنە شۇنداق تەرەققىيات كۆز قارىشى بىلەن قارىغاندىلا، ئاندىن يېڭىدىن يېڭى ئىلىم پەللىسىنى يارىتالايدۇ ۋە ئاشۇ ئۆزى ياراتقان يېڭى ئىلىم پەللىسى ئارقىلىق، ئۆز خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. ئەمدى، يېڭى ئىلىم پەللىسىنى يارىتىش ئالىمدىن ئالدىنقىلار ماڭغان ئىلىم يولدا  مەزمۇت مېڭىپ، پېشقەدەملەرنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر چاغدا، ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈزىسىدىن، مۇئەييەن يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ۋە ئىقتىدارىغا ساھىب بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالىم بوۋىمىز مۇسا سايرامىي تارىخشۇناسلىق ئىلمى يولىدا يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۆزىنىڭ بۇ «تارىخى ھەمىدىي» ئاتلىق تارىخ كىتابىنى يېزىشتا، باشقىلارنىڭ يازغىنىنى ۋە يېزىش – تۈگەللەش ئۇسلۇبىنى ئاددىي ھالدىلا تەكرارلاپ قويماستىن، يېڭىچە يول تۇتۇپ، يەتتە سەييارىنىڭ ئورنىغا ئۆز خەلقى ياشاۋاتقان يەتتە شەھەرنى بايان قىلغاندۇر.

ئىككىنچىسى، ئالىم بوۋىمىزنىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىكىدىن ئۆزىنىڭ يەتتە شەھرىنى ئەمەلىيەتتە، ئاسماندىكى يەتتە يۇلتۇزدەك يۈكسەك ۋە ئەزىز بىلگەنلىكى ئېنىق ئىپادىلەنگەن.

ئالىم مۇسا سايرامى ئۆز بايانىدا: «مەن كەمىنە نادان، بېشىدىن تا ئايىغىغىچە نۇقسان ۋە كەمچىلىك بىلەن تولغان، قورسىقىدا ئانچە ئۇمىچى بولمىغان بىر ئادەم مەزكۇر قەدىمكى ئاپتورلاردەك چوڭ ئىشنى قىلالمىساممۇ، يەتتە ئىقلىمنى بايان قىلىشنىڭ ئورنىغا بۇ يەتتە شەھەرنى ۋە بۇ شەھەرلەردە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ بەزەن ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم.» دېيىشى ئالىملارغا خاس كەمتەرلىك بولۇپ، يەتتە شەھەر ھەققىدىكى يازغان – پۈتكەنلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆز ۋەتىنى ۋە ئۆز مىللەتداشلىرىغا بولغان سەمىمىي سۆيۈنۈش، ئىچ – ئىچىدىن كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئىقبالى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىش تۇيغۇسى تولىمۇ كۈچلۈك ئۇرغۇپ تۇرغانلىقى كۆرۈلىدۇ. ئالايلۇق:

كاشغەر

مەزكۇر يەتتە شەھەرنىڭ ئەلاسى ۋە بىرىنچىسى كاشغەردۇر. كاشغەر قەدىمىي، ئۇزاق تارىخغا ئىگە مەشھۇر ۋە داڭقلىق شەھەر. ئادەملىرىنىڭ مىجەز – خاراكتېرى   ئالىملارغا ۋە سالىھ (پاك – دىيانەتلىك) لارغا تولىمۇ ئامراق، سەپەر قىلىپ، مۇساپىرچىلىق ۋە غۇربەتچىلىكتە ياشاشقا ھېرىسمەن، ئۈلپەتچىلىك قىلىشقا چىۋەر، مۇھەببەتلىشىش، دىلكەشلىك قىلىشقا ماھىر ۋە ئۇستا. لېكىن، دوستانىلىق، بۇرادەرچىلىكنى ۋايىغا يەتكۈزەلمەيدۇ.

كاشغەر ئالىملار ۋە ئىلىم تەلەپكارلىرى بويىچە راۋاجلانغان، ساھىب دۇئا پازىللار بويىچە روناق تاپقان بولۇش جەھەتتە، شۇنداقلا تىجارەتچىلەر ۋە شەرەپشان دېھقانلىرىنىڭ ئۆشرە – زاكاتلىق، خەير – سەدىقىلىق بولۇشى، كاسىپ ۋە ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ ئىشچان، تىرىشچان بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە، باشقا شەھەرلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ. بولۇپمۇ، ئىلىم – ئىرپاندىكى راۋاجلىنىش ۋە سودا – تىجارەتتىكى  گۈللىنىش ۋە روناقلىق بابىدا، ئۇنى «ئىككىنچى بۇخارا» دېسىمۇ، ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ. كاشغەرنىڭ نوپۇسىغا قارىغاندا، زېمىنى ئاز، يېمەكلىك ئاشلىقى ئۆزىگە يېتىشمەيدۇ. شۇڭا، ھەر ھەپتىدە، ئىككى مىڭ ئېشەك ئاشلىق ياركەندتىن كاشغەرگە ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇرىدۇ. يايلاق ئوتلاقلىرى ئاز، ئۇلاغ – چارۋىلىرى كەمچىلدۇر. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)

ياركەند

ياركەند قەدىمىي، ئۇزاق تارىخقا ئىگە شەھەر. ئادەملىرنىڭ خۇي – مىجەزى  بىچارە سۈپەت، ئۆز ئىشىغا پۇختا ۋە پىششىق. «ئىشان»، «ھەزرەت»، «ئەفەندى» ۋە «ساھىب» ئېتى بارلارغا چوڭقۇر ئەقىدە – ئىخلاس  بىلەن قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ. ياركەندتە ھىندىستانلىق، كەشمىرلىك، ئافغانىستانلىق ۋە بەدەخشانلىق مۇساپىرلار تولا. ياركەندلىكنىڭ ئۆزلىرى سەپەرگە ئاز چىقىدۇ. ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى شەرەپشان دېھقان (دېھقانى ئەشرەف). يەر – زېمىنلىرى  كەڭرى ۋە ئۈنۈملۈك. ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆز شەھرىگە يېتىدۇ، ھەتتا ئېشىپ قالىدۇ. يايلاق ۋە قىشلاقلىرى بىپايان، تۈرلۈك چارۋا ۋە قوتازلىرى بىھېساب، يەل يېمىشلىرى مول، يېمەك – ئىچمەكلىرى كەڭرى ھەم ئەرزانچىلىق. يۇرت دائىرىسى پايانسىزدۇر. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)

خوتەن

خوتەن ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، قەدىمىي ۋە مەشھۇر شەھەر. ئادەملىرىنىڭ خۇي – مىجەزى  بىر تىل، بىردىل، مىسىلىسىز ئۆم – ئىتتىپاق؛ پىششىقلىقتا تەڭداشسىز، مومسىقلىقتا تەمسىلسىز؛ تەقۋا پەرھىزكارلىرى تولا. بەڭباش، يامانلىرى ئاندىن تولا؛ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى كاسىپ – ھۈنەرۋەن؛ ئۇلار ئەقىل – ئىدراكلىق  ۋە ئۆتكۈر زېھىنلىك بولۇش جەھەتتە تەڭداشسىز؛ ھەرقانداق ھۈنەرنى ئۆز كامالىتىگە يەتكۈزۈپ قىلىپ، خېرىدارلارغا يارىتىپ قولدىن ئۆتكۈزۈپ، پۇلىنى ئېلىشقا قادىر ھەم ماھىر. خوتەندە، مول مەشۇت – يىپەك ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئالتۇن كانى بار، قاشتېشىمۇ ھەم تەييار؛ تۆت ئەتراپتىن كېلىدىغان شەرەپشان سودىگەرلەر ھەرقانچە كۆپ پۇل ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، پۇللىرى تۈگەپ كەتسە كېتىدۇكى، قىلىدىغان سودىسى (ئالىدىغىنى) تۈگىمەيدۇ. باشقا يۇرتلارغا خوتەندىن مال – تاۋار چىقىپ كەتسە كېتىدۇكى، ئالتۇننى ھېسابقا ئالمىغاندا، نەق پۇل ھەرگىز چىقىپ كەتمەيدۇ. خوتەننىڭ ئادەملىرىگە قارىغاندا، يەر – زېمىنى  ئاجىز. تولىسى قۇملۇق. ئاشلىق مەھسۇلاتى تۆۋەن. ئەمما مېۋە – چېۋىلىرى  ئېشىپ – تېشىپ تۇرىدۇ. يايلاق، باياۋانلىرى كۆز يەتكۈسىز. ئۇلاغ – چارۋىلىرىمۇ تولا ۋە جىقتۇر. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)

ئاقسۇ

ئاقسۇ خەلقى توغرا – دۇرۇس، ياۋاش، ساددا، مۇلايىم ۋە كەمتەر خۇسۇسىيەتلىك، غەم – ئەندىشىلىك؛ ئۈلپەت – ئىتتىپاقى يوق پاراكەندە، مۇھەببەت ۋە مەسلىھەتى يوق چېچىلاڭغۇ – تەپرىقە؛ ئۆيىدە ئاشلىق ساقلىمايدۇ، تەۋەككۈلچىلىقى زىيادە؛ شەھەر ئادەملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى كۈنلۈك نانلىرىنى كۈنلۈك شەھەر بازىرىدىن سېتىۋالىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئاشپەز – نانۋايلىرى كۆپ، ئاشپەزلىك ۋە نانۋايلىق ھۈنەر – سەنئىتى راۋاجلانغان. بىراق، ئومۇمىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھۈنەرۋەنلىرى ئاز، دېھقانلىرى كۆپ. يەل – يېمىشلىرى ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆز شەھرىگە يېتىدۇ. گۈرۈچى ئېسىل بولۇپ، شەھەر – شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ. يايلاق – قىشلاقلىرى كەڭرى، ئۇلاغ – چارۋىلىرى مول، ئۆزىگە يېتىدۇ، بەلكى ئېشىپمۇ قالىدۇ. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)

ئۇشتۇرفان

ئۇشتۇرفان قەدىمىي، ئۇزاق تارىخغا ئىگە شەھەر. بۇرۇنقى نامى «ئۇچ» ئىكەن. بەلكى «شەھرىبەربەر» دەپمۇ ئاتالغانىكەن. مەنسۇرخاننىڭ زامانىسىدا، ئادەملىرى بىئەدەپلىك قىلىپ، ئەمرىئىتائەتتىن چىققانلىقتىن، خان كايىپ، باش قوماندان، زالىم سەركەردە بەردى بەگ دوختۇينى قوشۇنى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇچ خەلقىنى ئومۇمىي قىرغىن (قەتلىئام) قىلىپ، قىلىچتىن ساقلىنىپ ھايات قالغانلىرىنى يۇرت – يۇرتقا تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، تۇرفاندىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ، قايتىدىن ئاۋات قىلغانىكەن.  بۇ ۋەجدىن، شەھەر ئىسمى تۇرفاننىڭ نامى بىلەن بىللە قوشۇپ ئاتىلىدىغان بولغان. يەنى «ئۇچ» سۆزىگە «تۇرفان» كەلىمىسىنى قوشۇپ، «ئۇچتۇرفان» دەپ ئاتايدىغان بولغانىكەن. ھەرھالدا، كېيىنچە ئاۋام خەلقنىڭ خاتا تەلەپپۇز قىلىشى نەتىجىسىدە، «ئۇشتۇرفان» بولۇپ قالغاندۇر. كېيىن، يەنى بۇ زېمىن يەنە خاقانى چىنغا قارايدىغان بولغاندىن كېيىنكى ئون يەتتىنچى يىلى، ئۇشتۇرفان خەلقى خاقانى چىننىڭ ئەمرىئىتائېتىدىن چىقىپ ئىسيان كۆتۈرگەن ئىكەن، سان – ساناقسىز چېرىكلەر كېلىپ، شەھەرنى ئىككىنچى قېتىم ئىشغال قىلىپ، ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈپ قەتلىئام قىلغاندىن كېيىن، ئالتە شەھەردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ يەرلەشتۈرۈپ، قايتا ئاۋات قىلغانىكەن. ئۇشتۇرفانلىقلارنىڭ ھازىرقى ئېتى «كۆچمەن» دۇر.  بۇ ھەقتە كىتابىمىزنىڭ بىرىنچى داستان قىسمىدا بايان بەرگەن بولدۇق. شۇ سەۋەبتىن، ھازىرقى ئۇشتۇرفانلىقلار گۇرۇھ – گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن، چۇۋالچاق، ئۆم – ئىناق ئەمەس. ئۇشتۇرفانلىقلارنىڭ كاسىپ – ھۈنەرۋەنلىرى ئاز، ئادەملىرى دېھقان، يەر – زېمىنى ئوبدان، ئاشلىق ۋە يېمەك – ئىچمەكلىرى كەڭرى ۋە ئەرزانچىلىق. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)

كۇچا

كۇچانىڭ قەدىمىي ئىسمى «كۆسەن» ئىكەن. كۇچالىقلار مىجەز – خاراكتېر جەھەتتە، ئۆم – ئىتتىپاق، دوست – ئۈلپەتچىلىكتە پەيزى بار كېلىدۇ. ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئەدەپ – قائىدىلىك، يېقىشلىق، گۈزەل سۆزلۈك. ئاياللىرىنىڭ ھىممەت – جۈرئىتى ئەرلىرىدىن ئۈستۈن، ئىلىم – ئەمەل، كەسىپ – ھۈنەردىمۇ قېلىشمايدۇ. ئەمما مۇساپىر بىلەن خوشى يوق كېلىدۇ. بۇ كۈنلەردە، كۇچاغا تەرەپ – تەرەپتىن مۇساپىرلار كېلىپ جەم بولۇپ، جەمئىيەت پەيدا قىلىپ، ئۇنى كۈنسايىن راۋاجلىنىۋاتقان بىر تىجارەتگاھقا ئايلاندۇرماقتا . كۇچانىڭ نوپۇسىغا قارىغاندا، زېمىنى كۆپ ۋە مۇنبەت. ھەر ھەپتىدە، باي – سايرامدىن ئەقەللىسى بەش يۈز ئېشەك – ئۇلاغدا ئاشلىق ۋە ياغ كېلىپ تۇرىدۇ. ھەر تۈرلۈك يەل – يېمىش ۋە يېمەك – ئىچمەكلىرى  باشقا شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، مول ۋە مەمۇرچىلىق. ھۆل – قۇرۇق مېۋىلىرىنى سودىگەرلەر شەھەر – شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىدۇ. كۇچانىڭ ئۇلاغ – چارۋىلىرى تولا، گۆش تەمىناتى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە يېتىدۇ، ھەتتا ئېشىپمۇ قالىدۇ. ( قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)

كوھنا تۇرفان

كوھنا تۇرفان  قەدىمي ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە شەھەر. ئادەملىرىنىڭ مىجەز – خاراكتېرى سەمىمي، راست سۆزلۈك، ئۆز ئىشىغا پۇختا ۋە پىششىق؛ ھىيلە – مىكىر ۋە خائىنلىق – يۈزسىزلىكتىن خالىي، ئەقىدە – ئىخلاسلىرى تازا كېلىدۇ. ھاۋاسى ئىسسىق، ئېقىن سۈيى ئاز. مۇتلەق كۆپچىلىك ئەھۋالدا، كارىز سۈيىگە تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىدۇ. زېمىنى ئوبدان ، ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدۇ. غوزا – كېۋەزلىرى ئوخشايدۇ. تەرەنجىبىن (يانتاق شېكىرى) مۇ  تۇرفاننىڭ خاس مەھسۇلاتىدۇر. كىشمىش ئۈزۈملىرى ئاجايىپ تولا. سودىگەرلەر شەھەر – شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىشىدۇ. تۇرفاننىڭ زېمىن دائىرىسى ناھايىتىمۇ كەڭرى. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر)

2

ئانا يۇرتلىرىمىز ھەققىدە،  شۇ قەدەر پاساھەتلىك تىل بىلەن ئىپادىلەنگەن  يۇقىرىقى بايانلاردىن مەن مۇنداق بىر قانچە ئاساسلىق چەشەنچىگە كەلدىم:

بىرسى، مەزكۇر بايانلاردا، خەلقىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىدىكى پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئومۇمىيەتلىك ئالاھىدىلىكلەر مېغىزلىق قىلىپ شەرھلەنگەن. بۇ تەسىراتىمىزنى ئېچىپراق شەرھلىسەك مۇنداق بولىدۇ:

①  بۇ بايانلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەلدىن ئىلىمنى، پەن - مەرىپەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم ۋە ئالىمنى قەدىرلەيدىغان خەلق ئىكەنلىكى شەرھلەنگەن. ئالايلۇق: ئاپتور يەتتە شەھەر ئىچىدىكى كاشغەر ھەققىدە توختالغىنىدا: " بۇ شەھر ئۆلىمالار ۋە تالىبۇل ئىلىملەرغە رەۋاجى ۋە ساھىب دۇئالارغا رەۋنەقى ۋە تۇججار ۋە دېھقانى ئەشرەفلەر ئۆشرە-زەكات ۋە  خەير-سەدەقاتى ۋە ئەھلى كەسب ۋە ھۈنەرمەندلەرىنىڭ سەئيى ۋە كوشىشى باشقا شەھر ئادەملەرىغە نەزەر قىلغاندا، تەفەۋۋۇق ۋە زىيادەدۇرلار."( قاراڭ: «تارىخى ھەمىدىي» قوليازما، 328- بەت )

تەرجىمىسى:  بۇ شەھەر ئالىملار ۋە ئىلىم تەلەپكارلىرى بويىچە راۋاجلانغان، ساھىب دۇئا پازىللار بويىچە روناق تاپقان بولۇش جەھەتتە، شۇنداقلا تىجارەتچىلەر ۋە شەرەپشان دېھقانلارنىڭ ئۆشرە-زاكاتلىق، خەير-سەدىقىلىق بولۇشى، كاسىپ ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئىشچان ۋە تىرىشچان بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا شەھەرلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ.  (قاراڭ: «تارىخى ھەمىدىي» ( يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا)،  585- بەت.)

ئاندىن،  ياركەند توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ ؛ «ئادەملەرىنىڭ  ئىشان، ھەزرەت، ئەفەندى، ساھىبلارغا رەۋاج ۋە رەۋنەقى ۋە ئەقىدە-ئىخلاسلارى زىيادە .»

تەرجىمىسى:  «ئىشان»، «ھەزرەت»، «ئەفەندى» ۋە  «ساھىب» ئاتالغانلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئەقىدە-ئىخلاسلارى كۈچلۈك. (يۇقىرىقى ئەسەر يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا)

مانا بۇ بايانلاردىن بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەلدىنلا ئىلىم-پەننى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم-مەرىپەتنى ئەزىزلەيدىغان، ئىلىم ۋە ئىلىم ساھىبلىرىنى قەدىرلەيدىغان مىللىي روھىنى كۆرۈۋالالايمىز.

② بۇ بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپنى سۆيىدىغان، پەن-تېخنىكىغا چىن كۆڭلى بىلەن بېرىلىدىغان، ئەمگەكچانلىق ۋە ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە خەلق ئىكەنلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئالايلۇق، بايانلار ئىچىدىكى خوتەن بابىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھەمە ئادەملەرى كاسىب-ھۈنەرمەند ۋە تەبئى ئىدراكى تازە ۋە زىھنى چالاكى بىئەندازە؛ ھۈنەرنى ئۆز كامالىغا يەتكۈرۈپ ۋە خەرىدارغا ئوبدان كۆرسەتىپ ۋە قولىدىن ئۆتكەرىپ، نەقدىنەلەرىنى ئالماغلىقدا كامىل ۋە قابىلدۇر.» ( قاراڭ: «تارىخى ھەمىدىي» قوليازما، 331- بەت ).

تەرجىمىسى: ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى كاسىپ-ھۈنەرۋەن؛ ئەقىل-ئىدراكلىق ۋە ئۆتكۈر زېھىنلىك جەھەتتە تەڭداشسىز؛ ھەرقانداق ھۈنەرنى ئۆز كامالىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ، خېرىدارغا يارىتىپ قولدىن ئۆتكۈزۈپ، پۇلنى ئېلىشقا ماھىر ۋە قابىل. ( قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا  )

مانا بۇ باياندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشچانلىق، ھۈنەر-كەسىپنى، ئىش-ئەمگەكنى سۆيۈشتىن ئىبارەت تۇرمۇش پەلسەپىسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقى ئېنىقتۇر.

③   بۇ بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سودا-تىجارەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، تىجارەت بىلەن ئەل گۈللەندۈرىدىغان خەلق ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە كۇچا بابىدا: «بۇ گۈنلەردە، كۇچاغا ھەر تەرەفتىن مۇسافىرلار جەمئ بولۇپ،گۈندىن-گۈنگە ئاباد ۋە جەمئىييەت فەيدا قىلىپ، سەۋداخانە بولۇپ رەۋاج؛ ھۆل-قۇرۇق يەمىشلەرىنى سەۋداگەرلەر شەھر-شەھرغە ئالىپ كەتەدۇر.» ( قاراڭ: «تارىخى ھەمىدىي» قوليازما، 345- بەت ).

تەرجىمىسى: بۇ كۈنلەردە، كۇچاغا ھەر تەرەپتىن مۇساپىرلار كېلىپ جەم بولۇپ، جەمئىيەت پەيدا قىلىپ، ئۇنى كۈنسايىن راۋاجلىنىۋاتقان بىر تىجارەتگاھقا ئايلاندۇرماقتا؛ ھۆل-قۇرۇق مېۋىلىرىنى سودىگەرلەر شەھەر-شەھەرگە ئېلىپ كېتىدۇ. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا).

ئاندىن، كاشغەر بابىدا مۇنداق يازىدۇ؛ «خۇسۇسەن ئۆلىمالارغا رەۋاجى ۋە سەۋداگەرلەر سەۋدا ۋە تىجارەتى بابىدا، گويا ‹سانىي بۇخارا› دەپ ئەيتسالار، ئەسلا مۇبالىغە بولمايدۇر.»

تەرجىمىسى: خۇسۇسەن، ئىلىم-ئىرپاندىكى راۋاجلىنىش ۋە سودا-تىجارەتتىكى گۈللىنىش بابىدا، گويا «ئىككىنچى بۇخارا» دېسىمۇ، ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ.

خوتەن بابىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ: « مەشتۇت-يىفەكلەر تولا چىقادۇر؛ ئالتۇن كانى بار ۋە سۇتاشى ھەم تەييار؛ سەۋداگەرى ئەشرەفلەر ئەتراف جانىبلاردىن ھەرقانچە نەقدىنەلەر ئالىپ كەلىپ خەرىد قىلسالار، نەقدىنەلەرى ئەدا بولادۇر، خەرىدلەرى ئاشىپ قالادۇر؛ خوتەندىن باشقا شەھرلەرغە مال ئەجناسلارى چىقىپ كەتەدۇر، نەقدىنەلەرى ئەسلا چىقمايدۇر، مەگەر ئالتۇننى چىقادۇر.( قاراڭ: «تارىخى ھەمىدىي» قوليازما، 331- بەت)

تەرجىمىسى :   ‹خوتەندە› مول مەشۇت-يىپەك ئىشلەپچىقىرىلىدۇ؛ ئالتۇن كانى بار، قاشتېشىمۇ ھەم تەييار؛ شەرەپشان سودىگەرلەر تۆت ئەتراپتىن ھەرقانچە كۆپ پۇل بىلەن كېلىپ سودا قىلسا، پۇللىرى تۈگەپ كېتىدۇكى، قىلىدىغان سودىسى تۈگىمەيدۇ؛ باشقا يۇرتلارغا خوتەندىن مال-تاۋار چىقىپ كەتسە چىقىپ كېتىدۇكى، ئالتۇننى ھېسابقا ئالمىغاندا نەق پۇل ھەرگىز چىقىپ كەتمەيدۇ.  (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا)

بىز بۇ بايانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ سودا-تىجارەتكە ماھىر، سودىغا ئېپى بار، سودا-تىجارەت ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، ئەل-يۇرتنى گۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئىككىنچىسى، خاس ئۆزگىچىلىكلەرمۇ جايىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

ئالىم مۇسا سايرامىي يەتتە شەھەر ھەققىدىكى بايانلىرىدا، ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىگىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بەرگەن. يەنى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئادەملىرى ۋە ئۇلارنىڭ مىجەز-خۇلقى، يۇرتنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتى، ئۆرپ-ئادىتى، مەزكۇر يۇرتتىكى مەشھۇر تارىخىي شەخس ۋە داڭقلىق تارىخىي يەرلەر ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن. مېنىڭچە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ گەۋدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە:

①   كاشغەر توغرىسىدىكى بايانىدا، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مازىرىنى ئالاھىدە بايان قىلغان. مەلۇمكى،    سۇلتان ساتۇق بۇغراخان  تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر ئىسلام خاندانلىقى __ قاراخانىلار خاندانلىقىنى قۇرغۇچى كىشى. بۇ ھەقتىكى بايانىدا ئاپتور، سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ مىلادى 943-يىلى ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ دالالەت قىلىشى ئارقىسىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە مىلادى 960-يىلى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلىشى بىلەن بۇ يەتتە شەھەر خەلقىنىڭمۇ ئىسلام ئەقىدىلىرىنى قوبۇل تۇتۇپ، مۇسۇلمانچىلىق دائىرىسىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى شەرھلىگەن. ئۇ: «ھەدىسى شەرىفتىكى ‹تۈركلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام دىنىغا كىرگۈچى كىشى بولسا ساتۇقدۇر› دېگەن بۇ سۆز دەل مۇشۇ كىشىنىڭ شەنىگە مەنسۇپتۇر» دېگەن بايان ئارقىلىق، سۇلتان ساتۇق بۇغرا خاننىڭ مىسلىسىز شۆھرىتىنى نامايەن قىلغان.

② ئۇچتۇرپان توغرىسىدا مۇنداق خاس بايانلارنى ئېيتىپ ئۆتكەن :

«ئۇچتۇرپاننىڭ بۇرۇنقى ئېتى ‹ئۇچ› ئىكەن، بەلكى ‹ شەھرى بەر-بەر› دەپمۇ ئاتالغانىكەن؛ مەنسۇرخاننىڭ دەۋرىدە، ئادەملىرى بىئەدەپلىك قىلىپ،ئەمر-ئىتائەتتىن چىققانلىقى سەۋەبلىك، خان كايىپ باش قوماندان، زالىم سەركەردە بەردى بەگ دوختۇينى قوشۇنى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇچ ئەھلىنى قەتلىئام قىلىپ، قىلىچتىن ساقلىنىپ ھايات قالغانلىرىنى يۇرت-يۇرتقا تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، تۇرپاندىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىپ. قايتىدىن ئاۋات قىلغانىكەن؛ بۇ ۋەجدىن، شەھەر ئىسمى تۇرپاننىڭ ئىسمى بىلەن بىللە ئاتىلىدىغان بولغان، يەنى‹ئۇچ› سۆزىگە ‹تۇرفان› كەلىمىسىنى قوشۇپ ‹ئۇچتۇرفان› دەپ ئاتايدىغان بولغان؛ كېيىنچە ئاۋامنىڭ خاتا تەلەپپۇز قىلىشى نەتىجىسىدە، ‹ئۇشتۇرفان› بولۇپ قالغان».

دېمەك، ئالىم مۇسا سايرامىي بۇ بايانى ئارقىلىق، ھازىر «ئۇشتۇرپان» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ زېمىننىڭ يەر نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى تولىمۇ قايىل قىلارلىق قىلىپ، ئىلمىي بايان قىلغان.

③ ئالىم مۇسا سايرامىي تۇرپان بابىدا مۇنداق خاس بايانلارنى ئىپادىلىگەن:  «ئادەملىرى ئەۋزائى راست قەۋل ۋە راست سۆزلۈك؛ ئۆز ئىشىغا پۇختا، مىكر-ھىيلە ۋە غەدر-خىيانەت يوقدۇر؛ ئەقىدە ئىخلاسلىرى تازە، ھاۋاسى ئىسىغ، ئابىي جارىيلارى كەمچىن، ئەكسەرى كارىز بىرلە زىرائەت قىلادۇر؛ غۇزەئى كەبەزلىرى ئوبدان بولادۇر، تەرەنجىبىن ھەم تۇرفانغا خاسدۇر؛ كىشمىش ئۈزۈملەرى تولا ۋە سىيراب، شەھر-شەھرغە ئالىپ كەتەدۇر؛»    ( قاراڭ: «تارىخى ھەمىدىي» قوليازما، 346- بەت)

تەرجىمىسى:   ئادەملىرىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى سەمىمىي، راست سۆزلۈك، ئۆز ئىشىغا پۇختا، ھىلە-مىكىر ۋە خائىنلىق-يۇزسىزلىكتىن خالىي، ئەقىدە-ئىخلاسلىرى تازا؛ تۇرپاننىڭ ھاۋاسى ئىسسىق، ئېقىن سۈيى ئاز، مۇتلەق كۆپ ھالدا كارىز سۈيىگە تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىدۇ؛ غوزا كېۋەزلىرىمۇ ئوخشايدۇ، تەرەنجىۋىلمۇ تۇرپاننىڭ خاس مەھسۇلاتىدۇر؛ كىشمىش ئۈزۈملىرى ئاجايىپ تولا، سودىگەرلەر، شەھەر-شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىشىدۇ. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر، يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا)

بۇ بايانلاردىن بىز تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەرقانداق قىيىن شارائىتنى يېڭىش ئىرادىسىگە، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە قولايسىزلىقلارنى ھەرخىل ئامال-چارىلەر بىلەن بويسۇندۇرۇش جاسارىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، دۇنياۋى مۆجىزە، يەر ئاستى سەددىچىن سېپىلى __ كارىزنى كەشىپ قىلغانلىقىنى بىلىۋالىمىز. شۇنداقلا، بۇ بايانلاردىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھىت ۋە شارائىتقا سەل قارىمايدىغان، ھەرقانداق قىيىن مۇھىتتىمۇ ئۆزىنى قوغداشنى بىلىدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

④ ئاقسۇ توغرىسىدا بولسا: «ئاقسۇ ئەھلى توغرا، ياۋاش، ساددە، مۇلايىم، تەۋازۇئ پىشەلىك؛ غەللە ساقلىمايدۇر تەۋەككۇلى زىيادە؛ شەھر ئادەملەرى ئەكسەرى كۈنلۈك نانلارىنى يەۋمەن  فەيەۋمەن بازارىدىن ئالادۇرلار، بۇ ۋەجھدىن ئاشپەز-نانۋايلارى رەۋاج ۋە رەۋنەقى زىيادە؛ گۈرۈنجلەرى تازە، شەھر-شەھرغە ئالىپ كەتەدۇر. (قاراڭ: «تارىخى ھەمىدىي» قوليازما، 336- بەت)  دەپ يازغان.

تەرجىمىسى: ئاقسۇ خەلقى توغرا-دۇرۇس.ياۋاش،ساددا، مۇلايىم، كەمتەر خۇسۇسىيەتلىك؛ ئۆيىدە ئاشلىق ساقلىمايدۇ، تەۋەككۇلچىلىقى زىيادە، شەھەر ئادەملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۈنلۈك نانلىرىنى كۈنلۈك شەھەر بازىرىدىن سېتىۋالىدۇ؛ شۇ سەۋەپتىن، ئاشپەز-نانۋايلىرى كۆپ، ئاشپەزلىك ۋە نانۋايلىق راۋاجلانغان؛ گۈرۈجى ئېسىل، شەھەر-شەھەرگە ئېلىپ كېتىدۇ.» ( قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر، يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا ).

بۇ بايانلاردا، ئاقسۇ خەلقىنىڭ تۈز-توغرا، سەمىمىي ئىنسانلار ئىكەنلىكى، ئاقسۇ گۈرۈجىنىڭ ئېسىل ۋە ئەزەلدىن مەشھۇر ئىكەنلىكى گەۋدىلەنگەن.

⑤ئاپتور كۇچانىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇنداق بايان قىلغان: «كۇچانىڭ قەدىم ئىسمى ‹كۇسەن› ئەكەن، كۇچا ئەھلى فىئلى ئەتۋاراتى ئىتتىفاق ۋە ئۈلفەتلىكدە زىيادە؛ ھەمە ئادەملىرى سىپاھىپىشە، خۇشلۇق، زەرىف ئەندىشە؛ ۋە زۇئەفالارىنىڭ ھىممەت ۋە جۈرئەتلەرى ئەرەنلەردىن زىيادە، ئىلم-ئەمەل ۋە كەسب-ھۈنەردە ھەم كەملىكى يوق؛ ئادەملىرىگە قاراغاندا، زەمىنلىرى كەڭرۈ ۋە تاز؛ ھەر ھەفتەدە باي،سايرامدىن ئەقەللىي بەش يۈز ئەشەك ئۇلاغدا ئاشلىق ۋە ياغ كەلىپ تۇرادۇر؛ ھەر نەۋئ يەمىشلەرى ۋە مەئىيشەتلەرى باشقا شەھرغە نەزەر قىلغاندا تولا ۋە سىيراب؛ ھۆل-قۇرۇغ يەمىشلەرىنى سەۋداگەرلەر شەھر-شەھرغە ئالىپ كەتەدۇر؛ چەھار پاي تولا، ئۆزلەرىغا كىفايە قىلادۇر.» (قاراڭ: «تارىخى ھەمىدىي» قوليازما، 345- بەت)

تەرجىمىسى؛ كۇچانىڭ قەدىمىي ئىسمى ‹كۇسەن› ئىكەن؛ كۇچالىقلار  مىجەز-خاراكتېر جەھەتتىن ئۆم-ئىتتىپاق، دوست-ئۈلپەتچىلىكتە يۈكسەك كېلىدۇ؛ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئەدەپ-قائىدىلىك، يېقىشلىق، گۈزەل سۆزلۈك؛ ئاياللىرىنىڭ ھىممەت-جۈرئىتى ئەرلىرىدىن ئۈستۈن، ئىلىم-ئەمەل، كەسىپ-ھۈنەردىمۇ قېلىشمايدۇ؛ كۇچانىڭ نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا، زېمىنى كۆپ ۋە مۇنبەت؛ ھەر ھەپتىدە باي، سايرامدىن ئەقەللىيسى بەش يۈز ئېشەك-ئۇلاغدا ئاشلىق ۋە ياغ كېلىپ تۇرىدۇ؛ تۈرلۈك يەل-يېمىش ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرى باشقا شەھەرگە سېلىشتۇرغاندا مول ھەم مەمۇرچىلىق؛ ھۆل-قۇرۇق مېۋىلىرىنى  سودىگەرلەر شەھەر-شەھەرگە ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلاغ چارۋىلىرى تولا، گۆش تەمىناتى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە يېتىدۇ، بەلكى ئېشىپ قالىدۇ. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا ).

بىز بۇ بايانلاردىن كۇچا ئادەملىرىنىڭ ئۆم-ئىناق، دىلكەش-چىقىشقاق، تىرىشچان-ئەمگەكچان  ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئاياللىرىنىڭ جاسارەتلىك، غەيرەتلىك كېلىدىغانلىقىنى؛ كۇچا زېمىنىنىڭ باي، مۇنبەت ئىكەنلىكى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى بىلىۋالالايمىز.

⑥ ياركەنت توغرىسىدىكى باياندا، داڭقلىق زىيارەتگاھ __ ئالتۇنلۇقۇم مازىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان . باياندا، ئالتۇنلۇقۇم مازىرىنىڭ ياركەنت سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ خانلىق مازىرى بولۇپ، ياركەنت سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخاندىن تارتىپ تاكى ئىسمايىل خان ۋە مۇھەممەد ئەمىن خانلار زامانىغىچە بولغان خانلار ۋە ئەۋلادلارىنىڭ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى: «ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر خانلارنىڭ جەسىدى بار يەرلەرنى، بەلكى خانلارنىڭ جەسىدىنىمۇ ھۆرمەتلەپ ۋە ئىززەتلەپ ‹ئالتۇن› دەپ ئاتايدىكەن، ھەتتا خانلارنىڭ نەزىرى چۈشكەن ياكى قولىغا تېگىپ  مۆھۈر باسقان يارلىق ۋە نىشانە خەتلەرنىمۇ ئۇلۇغلاپ ‹ئالتۇن نىشان› ، ‹ئالتۇن دەستەك› دەپ ئاتايدىكەن، شۇڭلاشقا بۇ مازارمۇ ‹ئالتۇن مازار› دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بولسا كېرەك.» دېگەن مەلۇماتلار بىلەن ئىپادىلىگەن.

بىز بۇ بايانلاردىن ياركەنت شەھرىنىڭ ئەسلىدە،  200 نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرگەن ياركەنت سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ، شۇنداقلا بۇ يەتتە شەھەرنىڭ پايتەختى بولغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەشھۇر تارىخىي جاي ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى خان جەمەتى قەبرىستانلىقىنىڭ نېمە ئۈچۈن ‹ئالتۇن مازار› دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىۋالىمىز.

⑦ ئالىم مۇسا سايرامىي خوتەن توغرىسىدا خاس بايان بېرىپ: «خوتەن نىھايەتى كوھنا ۋە قەدىم مەئرۇف شەھردۇر ۋە ئادەملىرى فىئىل ئەۋزائى بىر سۆز ۋە بىر قەۋل ۋە بىئەدىل ئىتتىفاق... ئەمما ئادەملەرىغە نەزەر قىلغاندا، زەمىنلەرى ئاجىز ۋە تولاسى قۇملۇقدۇر؛ غەللە ھاسىلى ھەم كەمچىن؛ مىۋە-يەمىشلەرى سىيراب ۋە تولادۇر؛ يايلاق- بىيابانلارى بىپايان؛ چەھار پايلارى ھەم تولا ۋە زىيادەدۇرلار.» (قاراڭ: «تارىخى ھەمىدىي» قوليازما، 331- بەت) دەپ يازغان.

تەرجىمىسى: خوتەن ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، قەدىمىي ۋە مەشھۇر شەھەر؛ ئادەملىرىنىڭ خۇي-مىجەزى بىر تىل بىر دىل، مىسلىسىز ئۆم-ئىتتىپاق... ئادەملىرىگە قارىغاندا، يەر-زېمىنى ئاجىز، تولىسى قۇملۇق، ئاشلىق مەھسۇلاتىمۇ تۆۋەن؛ ئەمما مېۋە-چېۋىلىرى ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ، يايلاق-باياۋانلىرى كۆز يەتكۈسىز، ئۇلاغ چارۋىلىرىمۇ تولا ۋە جىقتۇر.  

(قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر يېڭى تەرجىمە ئېلېكترونلۇق نۇسخا )
      بۇ بايانلاردىن خوتەن خەلقىنىڭ ئىش-ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، تىرىشچان؛ ئىچكى ئۇيۇمچانلىققا، ئىتتىپاقلىققا ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز، ئەڭ مۇھىمى  بۇ بايانلاردا ،ئۇيغۇرلارنىڭ «بىرنى بىر دېگۈلۈك» دەيدىغان ھەقىقەتچىلىك پەلسەپىسى، ئۆم-ئىناق ياشاش پەلسەپىسى، ئىشچانلىق پەلسەپىسى، ئىش-ئەمگەكنى سۆيۈش پەلسەپىسى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ ئىلغار پەلسەپە ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش  بىز ئۈچۈن بىر ئۇدۇم بولغۇسى!

3

ئۇيغۇرلارنىڭ يېتىك ئالىمى ۋە تارىخشۇناسى مۇسا سايرامىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا، تەن سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىگە قارىماي قولىغا قەلەم ئېلىپ، بۇ زور ھەجىملىك يىرىك تارىخىي ئەسەرنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ، بىز ئەۋلادلارغا نەمۇنە ۋە يادىكار قالدۇرغانلىقىدىن، مۇسا سايرامىنىڭ ئىنتايىن ئىلىمخۇمار، ئۆز خەلقىگە، يۇرتىغا مەسئۇلىيەتچان، ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر بولۇشتەك ئېسىل ئەخلاقىي-پەزىلەتكە ساھىب بىر بۈيۈك ئەجداد ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىزكى،  بۈگۈنكى كۈندە، ئالىم بوۋىمىزنىڭ بۇ گۈزەل پەزىلىتىنى ئۆگىنىش، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۇنى ئۈلگە قىلىش نەق رېئال ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.

كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئالىم مۇسا سايرامىنىڭ يەتتە شەھەر ھەققىدىكى بايانلىرى بىزنى مەزكۇر ئۇيغۇر يۇرتلىرى توغرىسىدىكى تارىخىي بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنى بىز بۇ بايانلاردىن يەتتە شەھەرنىڭ تارىخى، ئاھالىسى، جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى، ئادەملىرىنىڭ خۇلقى- مىجەزى، سودا-تىجارەتى، خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىق ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرەپلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقالايمىز، ئەمدى، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى كۈنىمىزدىكى ئەھۋاللىرىمىز بىلەن سېلىشتۇرساق، خاس ۋە ئومۇمىيەتلىك پەرقلەرنى تېپىپ چىقساق، بۇنىڭ يېڭى زاماندا، يېڭىچە قىياپەت ۋە يېڭىچە جـاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە تۈرتكىلىك رولى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، ئالىم مۇسا سايرامىي يازغان «تارىخى ھەمىدىي» ناملىق ئەسەر بىر نادىر تارىخ كىتابى بولۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ جۇغراپىيىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىسخولۇگىيىسى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ياشام پەلسەپىسى قاتارلىقلار گۈزەل ئەدەبىي تىل بىلەن تويۇندۇرۇپ شەرھلەنگەن بىر قامۇستۇر. ھالبۇكى، بىز بۇ كىتابنىڭ «خاتىمە» قىسمىدا بېرىلگەن قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرى بولغان يەتتە شەھەر ھەققىدىكى بايانلىرىدىنلا، مەزكۇر يەتتە شەھەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپىمىز، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا ئائىت ئاز بولمىغان قىممەتلىك بىلىملەرگە، ماتېرىياللارغا ئىگە بولالايمىز. بۇلارنىڭ  بىزنىڭ تۈرلۈك تەتقىقات خىزمەتلىرىمىز ئۈچۈن، پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن چوڭدۇر.

پايدىلانمىلار:

مۇسا سايرامىي: «تارىخى ھەمىدىي»، قوليازما نۇسخا، 1908-يىل.

مۇسا سايرامىي: " تارىخى ھەمىدىي " (يېڭى تەرجىمە، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمىسى)، ئېلېكترونلۇق نۇسخا.

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي: " چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى" مىللەتلەر نەشرىياتى،2007- يىل نەشرى.

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي: «مۇسا سايرامىي ۋە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى» ( ئالىم مۇسا سايرامىي تەۋەللۇتىنىڭ 170 يىللىقىغا ئاتاپ ) ،«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلىرى تەتقىقاتى» ژۇرنىلى،2007-يىللىق 1-سان.

x      x      x      x      x      x

ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكى تىل-يېزىق تەتقىقات جەمئىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئالىملىرىنىڭ ئۆز مىللەتلىرىنىڭ كلاسسىك تىل-يېزىقىدا يېزىلغان نادىر ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش بويىچە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى-يېڭى نەتىجىلىرىنى كۆرەك قىلىدىغان كاتتا ئىلمىي سورۇندۇر. ھالبۇكى، بۇ سورۇندا ھەمىشە بوي كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر كلاسسىك تىل ۋە ئەدەبىياتى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ۋە بېرىلىۋاتقان ئەڭ يېڭى ئەمگەك سەمەرىلىرىمىزنى باشقا قېرىنداشلار قاتارىدا، كۆرەك سەھنىسىگە قويۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز ھېسابلىنىدۇ. مەن مۇشۇنداق تونۇش ئاساسىدا، ئون يىللار سەرپ قىلىپ ئىزچىل شۇغۇللىنىۋاتقان «تارىخى ھەمىدىي» تەتقىقاتىدىن بىر ئۆرنەك قىلىپ، يۇقىرىقى ئەسىرىمنى يىغىننىڭ مۇھاكىمىسىگە قويدۇم ۋە مەزكۇر ئىلمدارلار سورۇنىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتىم. بۇمۇ مېنىڭ كاشغەرىي يىلىمنى مەنىدار ۋە رەڭدار قىلغان ئەھمىيەتلىك كەچمىشىم بولۇپ خاتىرەمدىن مەزمۇت ئورۇن ئالدى.

كاشغەرىيشۇناسلىق تۈركىيەدە

مۇشۇ 2008-يىلنىڭ ئىچىدە، «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»نى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن يالغۇز بىر تۈركىيەدىلا ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە رىزە قاتارلىق شەھەرلەردە بەش قېتىم كەڭ كۆلەملىك خاتىرىلەش ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى. مەن بۇ يەردە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاتا تۈرك تىل ۋە تارىخ ئالىي كومىتېتىغا قاراشلىق تۈرك تىل قۇرۇمى (تىل-يېزىق كومىتېتى) نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېرىپ، «6-نۆۋەتلىك تۈركىي تىللىرى قۇرۇلتىيى»غا قاتنىشىش ئەھۋالىمنى قىسقىچە خاتىرىلەپ ئۆتىمەن:

ئەنقەرەدىكى تەنتەنە

2008-يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 11دىن 55 مىنوت ئۆتكەندە، «تۈرك ھاۋا يوللارى»غا ئائىت ئايروپلان بىلەن، تۈركىيەگە سەپەر قىلدىم. ئون سائەت ئۇچقاندىن كېيىن، تۈركىيە ۋاقتى بىلەن، 19-ئۆكتەبىر سەھەر سائەت بەش يېرىمدە، «ئىستانبۇل ئاتا تۈرك خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»غا سالامەت قوندۇق. ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا بىر ئاز دەم ئالغاندىن كېيىن، سائەت توققۇزنىڭ ئايروپلانى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە يۈرۈپ كەتتىم. قىرىق بەش مىنوت ئۇچۇپ، ئەنقەرە «ئەسەن بۇغا ئايرودۇرۇمى»غا يېتىپ كەلدۇق.

تۈركىيە تىل قۇرۇمى ھەر تۆرت يىلدا بىر قېتىم تۈركىي تىللار قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزىدۇ. مەزكۇر «6-نۆۋەتلىك تۈركىي تىللىرى قۇرۇلتىيى» 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە پايتەخت ئەنقەرەدىكى «بىلكەنت مېھمان  سارىيى»دا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاينىڭ باش ماۋزۇسى «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىقىنى خاتىرىلەش» ۋە «تۈركىيە يېزىق ئىنقىلابىنىڭ 80 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش» ئىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 500 رەسمىي ۋەكىل ۋە شۇ قەدەر تەكلىپلىك ئىشتىراكچىلار قاتناشقان ئېچىلىش مۇراسىمى 20-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئون يېرىمدا، بىلكەنت مېھمان سارىيىنىڭ يىغىن زالىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زوڭتۇڭى ئابدۇللاھ گۈل ۋە زوڭلى رەجەب تاييىب ئەردوغاننىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى بىلەن، تولىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن زالى سەھنىسىگە ئېسىلغان كاتتا پىلاكاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كەمال ئاتا تۈركنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىش ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن رەسىم چۈشۈرۈلگەن؛ سول تەرىپىگە بولسا، قەشقەر ئوپالدىكى مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۈيۈك ئەجدادىمىز مەھمۇد كاشغەرىي ھەيكىلىنىڭ سۈرىتى ئۇ سىزغان دۇنيا خەرىتىسىنىڭ سۈرىتى بىلەن بىللە تولىمۇ روشەن ۋە كۆركەم گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئالدى بىلەن، مەھمۇد كاشغەرىي باش بولغان ئەجدادلارغا ئەسلەش تەزىيىسى قىلىندى؛ ئارقىدىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى- ئىستىقلال مارشى جاراڭلىق ئوقۇلدى. ئارقىدىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ تاپتىكى زوڭلىسى رەجەب تاييىب ئەردوغان تولۇپ تاشقان مۇھەببەتلىك تەبرىك سۆزى سۆزلىدى؛ ئارقىدىن، تۈرك تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور، دوكتور شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن ئەپەندى نۇقتىلىق نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ نۇتقىدا، 5-نۆۋەتلىك تۈركىي تىللار قۇرۇلتىيى ئۆكۈزۈلگەن 2004-يىلنىڭ مابەينىدە، تۈركىيە تىل-يېزىق كومىتېتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ھوسۇللۇق خىزمەتلەر مېغىزلىق بايان قىلىدى. بۇ 2008-يىلنىڭ «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر ۋە قىلىنغان ۋە يەنە قىلىنىدىغان خىزمەتلەردىن ئۇچۇرلار بەردى. پروفېسسور، دوكتور شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن ئەپەندىنىڭ  نۇقتىلىق نۇتۇقىنىڭ ئارقىسىدىن، «مەھمۇد كاشغەرىي» ماۋزۇلۇق بىر ھۆججەتلىك فىلم كۆرسىتىلدى. فىلىمدە، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىجاتكار ۋە مۆجىزىكار ھاياتى مېغىزلىق بايان ۋە چاتما سىزما رەسىملەر ئارقىلىق، شۇ قەدەر جانلىق تەسۋىرلەنگەن ئىدىكى، ئۇ دۇنياۋى بۈيۈك ئالىمنىڭ ئەۋلادى بولغان ھەر ئىنساننى ھاياجان ۋە ئىپتىخارلىقنىڭ يۈكسەك ھوزۇرىغا چۈمۈلدۈرىۋېتەتتى.

20-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، گۇرۇپ-گۇرۇپلارغا بۆلۈنگەن ئالىملار ئىلمىي ماقالە ئوقۇش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى باشلىۋەتتى. مەن تەقسىم بولۇنغان گۇرۇپ مەزكۇر مېھمانخانىنىڭ «فۇرات» زالىغا توپلاندۇق. مېنىڭ نۆۋىتىم شۇ 20-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە كەلدى. مەن ئېلىپ كەلگەن ئىلمىي ماقالەمنى ئۆزۈم رېژىسسور ۋە فىلىم مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن «مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدىكى ئوپال مەقبەرە زىيارىتى» ناملىق ئون بەش مىنوتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم بىلەن بىللە بايان قىلىپ ئۆتتۈم. فىلىمدە، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مەن يېتەكچى بولغان قىرىق نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ بېيجىڭدىن قەشقەر ئوپالغا بېرىپ، 2008-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەقبەرىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەنىدى. تۈرلۈك دۆلەتلەردىن كەلگەن يىغىن ئەھلى فىلىمنى زور قىزىقىش بىلەن كۆردى. مۇھاكىمە ۋاقتىدا، ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن پىكىر بايان قىلىپ: «تەكلىماكانىي ئەپەندى، سەن بىزنى كاشغەرگە ئاپىرىپ كەلگەندەك بولدۇڭ. بىز شۇ تاپتا، بۈگۈنكى كاشغەرنى ۋە ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى كۆردۇق. ئۈستىگە مەھمۇد كاشغەرىي مايكىسىنى كىيگەن، مەيدىسىگە كاشغەرىينىڭ خاتىرە ئىزنىكىنى تاقىغان ئەۋلادلارنىڭ  ئورتاق بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەقبەرىسىنى ئېھتىراملىق قوللىرىنى سۆيۈنۈش مەيدىسىگە قويغان ھالدا، ئايلىنىپ تاۋاپ قىلغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە تولىمۇ ھاياجانلاندۇق..»، «سەن ئۆزۈڭ باش رول ئېلىپ ھازىرلىغان بۇ ھۆججەتلىك ئىلمىي فىلىم - سېنىڭ بۇ ئىلمىي ئەسىرىڭ بەك كاتتا ئەمگەك بولۇپتۇ. جانلىق كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى دېگەن مانا شۇ، ساڭا ئاپىرىن ۋە تۈگىمەس تەشەككۇرلار ئېيتىمىز!» دېيىشتى. ئالىملارنىڭ چىن يۈرىكىدىن چىققان تەستىقلاش سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى، ھەقىقەتەنمۇ مەمنۇن بولدۇم.

قۇرۇلتاي ئەسناسىدا، 10-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىم.

سوئال: تەكلىماكانىي ئەپەندىم، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو ئىستانسىسى «تۈركىيە ئاۋازى» قانىلى مۇشۇ 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش بېرىشنى يولغا قويدى، بۇ ئەھۋالغا سىز قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: مەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى قۇرۇپ، «تۈركىيە ئاۋازى» قانىلىدىن ئاڭلىتىش بېرىشنى باشلىغانلىقىنى چىن قەلبىمدىن قۇتلۇقلايمەن. مېنىڭچە، بۇ ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ 2008-يىلنىڭ «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولغانلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن تەبرىكلەش بوپتۇ. ئۈمىدىم شۇكى، بۇ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش تۈركىيە خەلقى بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ۋە بىر-بىرىنى چۈشۈنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا ئىجابىي ۋە ئەمەلىي رول ئوينىغۇسى!

سوئال: سىز بۇ قېتىم تۈركىيەگە كېلىپ، بۇ 6- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپسىز. مۇشۇ قۇرۇلتاي ھەققىدىكى تەسىراتىڭىزدىن ئازراق سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق؟

جاۋاب: بولىدۇ. مەن بۇ قېتىم ئالتىنچىسى بولغان  خەلقئارالىق تۈركىي تىل قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتىم. مەندىن باشقا، جۇڭگونىڭ بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن يەنە ئالتە نەپەر ئۇيغۇر بىلىم ئىنسانى بار. تەسىراتىمچە، بۇ قۇرۇلتاينىڭ «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش»نى بىر ئاساسىي ماۋزۇ قىلغانلىقى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان. خەۋەردار بولۇشىمىزچە، دۇنيادىكى ئوتتۇز تۆرت دۆلەتتىن كەلگەن بەش يۈز نەپەر رەسمىي ۋەكىل قاتناشقان بۇ قۇرۇلتايغا جەمئىي تۆرت يۈز ئوتتۇز سەككىز پارچە ئىلمىي ماقالە سۇنۇلغان بولۇپ، بۇ ئىلمىي ماقالىلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى كاشغەرىيشۇناسلىق ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ھەققىدە يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلار ئىگىلەيدىكەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زوڭتوڭ ۋە زوڭلىسىمۇ قاتناشقان قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قويۇلغان ھۆججەتلىك ئىلمىي فىلم «مەھمۇد كاشغەرىي» تولىمۇ ياخشى ھازىرلىنىپتۇ.  سىزما رەسىملەر كىرىشتۈرۈلۈپ بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشلەر ناھايىتى ئىلمىي ۋە جانلىق بولۇپتۇ. يىگىرمە مىنوتلۇق بۇ فىلمنى باشتىن-ئاخىر ھاياجان ئىچىدە كۆردۇق. فىلمنىڭ تۈگەنچە كەلىمىسى بولغان «مىڭ ياشا، مەھمۇد كاشغەرىي ۋە يەنە مىڭلارچە يىللار! Bin yaşa Kaşgalı Mahmud ve binlerce» دېگەن شوئار ھەممىدىن تولا بىز ئۇيغۇرلانىڭ قەلبىنى بەكرەك زىل-زىلگە سالدى، دەپ ئويلايمەن.

كاشغەرىيشۇناس شۈكرۈ خالۇك ئاكالىننى زىيارەت

10-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۈركىيە تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇدىرى، مۇشۇ 2008-يىلى، تۈرك تىل قۇرۇمى نەشرىياتى تەرىپىدىن ئەنقەرەدە نەشر قىلىنغان «مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىن – مەھمۇد كاشغەرىي ۋە دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق رەسىم ۋە سۈرەتلىك ئوقۇشلۇق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئاتاقلىق كاشغەرىيشۇناس، پروفېسسور، دوكتور شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن ئەپەندىنى «6-نۆۋەتلىك تۈركىي تىللىرى قۇرۇلتىيى»نىڭ قوماندانلىق ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.

- مەرھابا، تەكلىماكانىي ئەپەندى، سەن ئەڭ ئۇزاقتىن كەلگەن ئەڭ يېقىن قېرىندىشىمسەن، خوش كەلدىڭ!،- دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ. مەن ئۇنىڭ شۇنچە ئالدىراش ئەھۋالدا، ۋاقىت چىقىرىپ مېنىڭ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۇر ئېيتتىم. ئۆزئارا ئەھۋاللىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولدۇم.

پروفېسسور، دوكتور شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن، ئەر، 1956-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، جەنۇبىي تۈركىيەدىكى ئادانا شەھرىنىڭ تۆپەباغ رايونىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1963-يىلدىن 1968-يىلغىچە ئادانا شەھرىدىكى «جەلالەتتىن سەيھان باشلانغۇچ مەكتىپى»دە، 1968-يىلدىن 1972-يىلغىچە «ئۆزەل سەيھان نۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى»دە، تولۇق ئوتتۇرىنى بولسا، 1972-يىلدىن 1975-يىلغىچە ئىستانبۇلدىكى «فاتىھ ئوغۇللار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى»دە ئوقۇغان. 1975–يىلدىن 1979-يىلغىچە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ تۈرك تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدە ئوقۇغان. 1987-يىلى، «سالتۇقنامە ئۈستىدە تەتقىقات» ماۋزۇلۇق دوكتورانت دېسسرتاتسىيە ئەسىرى (تېزى)نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، «ئەدەبىيات دوكتورى» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1989-يىلى ئادانا شەھرىدىكى چۇقۇر ئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ تۈرك تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا لېكتور ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغان. 1990-يىلى دوتسېنت، 1996-يىلى بولسا، پروفېسسور بولغان. 1993-يىلدىن 2001-يىلغىچە، چۇقۇر ئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2001-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاتا تۈرك تىل ۋە تارىخ ئالىي كومىتېتى قارمىقىدىكى تۈرك تىلى قۇرۇمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ ھازىرغىچە «ئەبۇلخەيرى: ‹سالتۇقنامە›»، ئۈچ توم، كلاسسىك تېكىست تەتقىقاتى ئەسىرى(1989-1993-يىللار، ئەنقەرە)، «شور تىلى لۇغىتى» (1995-يىل، ئادانا)، «ئانا يۇرتتىن ئاتا يۇرتقا سەپەر» (ساياھەت خاتىرىسى، 1995-يىل، ئادانا)، «تەلەئۈت شىۋە لۇغىتى» (2000-يىل، ئەنقەرە)، «تۈرك تىلى لۇغىتى» (10-نەشرى، 2005-يىل)، «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى لۇغىتى» (2005-يىل)، «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يېزىقچىلىق قوللانمىسى» (2005-يىل)، «يېزىقچىلىق قوللانمىسى» (2005-يىل، ئەنقەرە) قاتارلىق ئون توم كىتاب ۋە «مۇستافا كەمال ئاتا تۈرك دەۋرىدىكى تۈرك تىلى ۋە تۈرك تىلى قۇرۇمى»، «جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى تۈرك تىلى» قاتارلىق ئاتمىش پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان ھوسۇللۇق بىر ئالىمدۇر.

- مەن جۇڭگوغا ئۈچ قېتىم باردىم، ھەر بارغىنىمدا، قەشقەر ئوپالغا بېرىپ، بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدىم. «مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىن – مەھمۇد كاشغەرىي ۋە دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق رەسىم ۋە سۈرەتلىك ئوقۇشلۇق كىتابىمدىكى كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ قەبرىگاھىغا ئائىت سۈرەتلەرنى مەن ئۆزۈم تارتقان!،- دېدى خالۇك ئەپەندى تولىمۇ ئىپتىخارلانغان ۋە غۇرۇرلانغان قىياپەتتە.،- مەھمۇد كاشغەرىي سەن-بىزنىڭ بۈيۈك شاھ ئالىمىمىز، داھىي ئالىمىمىزدۇر. ھالبۇكى، كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى پۈتكۈل تۈركولوگىيە ساھەسىدە، باشقا ھەر قانداق تەتقىقاتنى مول ئۆرنەكلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان مەڭگۈلۈك تەتقىقات ماۋزۇيىمىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە!

مەن پروفېسسور، دوكتور شۈكرۈ خالۇك ئەپەندى بىلەن 2001-يىل 10-ئايدا، ئەنقەرەدە تونۇشقان. ئۇ چاغ مېنىڭ تېخى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدە دوكتورانت ۋاقتىم ئىدى. شۇندىن بۇيان، بىزنىڭ ئۆز ئارا سالام سائېتىمىز بار. سەككىز يىللىق تونۇشلۇق تەسىراتىمدىن ئېلىپ ئېيتسام، خالۇك ئەپەندى يۈكسەك غايىلىك، تىرىشچان، پائالىيەتچان ۋە ئىشچان بىر ئالىم. ئۇ گەپنى پۈتۈن- پۈتۈن قىلىدۇ. ئەمما، ئىشنىمۇ جىدەللەپ قىلىدۇ، «قىلىمەن» دېگەن ئىشىدىن بىر نەتىجە چىقارمىغىچە «بولدى» قىلمايدۇ. ئالايلۇق، 2008-يىل بېيجىڭدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈرك تىلى قۇرۇمى بىلەن جۇڭگو بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» بولۇپ ئۆتتى. تارىختا تۇنجى قېتىم بولغان مەزكۇر خەلقئارالىق ئىلمىي مھاكىمە يىغىنى دەل مۇشۇ شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن ئەپەندىنىڭ تەكلىپى ۋە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە روياپقا چىققان. مەزكۇر يىغىننىڭ ۋاقتىدا ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك ئېچىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئىككى قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ، مەخسۇس كېڭەش ۋە مۇزاكىرىلەرگە ئىشتىراك قىلدى، ئەڭ ئۇششاق ئىشلارغىچە ئۆزى قول تىقىپ ئىشلىدى.

- كاشغەرىيشۇناسلىق يالغۇز تۈركىيەگە ياكى جۇڭگوغىلا تەئەللۇق ئىلىم ساھەسى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا تەئەللۇق خەلقئارالىق بۈيۈك ئىلىم ساھەسىدۇر. كاشغەرىي بوۋىمىز باشلاپ بەرگەن سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئىلمى ۋە ئۇنىڭ ھىدايەتكار تۆھپىسى خەلقئارا ئالىملارنىڭ ئورتاق قايىللىقىدىن ۋە ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈنلا 2008-يىلى «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولالىدى. ھالبۇكى، كاشغەرىيشۇناسلىقنىڭ زامانغا مۇناسىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن، سەن-بىز بارلىقىمىزنى بېغىشلىشىمىز كېرەك،- دېدى خالۇك ئەپەندى زىيارەتىم ئاخىرىدا ئۆزىگە خاس بىر خىل قەتئىيەت بىلەن.

شۇنداق، كاشغەرىيشۇناسلىق بىر دۇنياۋى ئىلىم. ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىش، شۇغۇللانغاندىمۇ پروفېسسور، دوكتور شۈكرۈ خالۇك ئەپەندىدەك ئىخلاس بىلەن، ئىزچىللىق بىلەن ۋە جاسارەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىنسان ھاياتىنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ۋە ئەبەدىيلىك قىلىدۇ.

خالۇك ئەپەندىم تولىمۇ ئالدىراش بولغاچقا، مېنىڭ خاس زىيارىتىم ئاران يىگىرمە بەش مىنوت داۋاملىشالىدى. بىراق، ئۆزۈم چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولغان بىر كاشغەرىيشۇناسنى نەق سورۇنىدا زىيارەت قىلىپ، بىر قەپەز دىلكەشلىشىۋالغىنىم ئۈچۈن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم.

كاشغەرىيشۇناس ئۆزتۈرك خانىمنى زىيارەت قىلىش

ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھات جىلان ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتى ئاساسىدا، 1994-يىلى، تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نى يېزىپ ئېلان قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كاشغەرىيشۇناسلىقىنىڭ تۆھپىكارى بولغان بولسا، تۈركىيىلىك ئۆزتۈرك خانىم ئۇنى 2006-يىلى، ھازىرقى زامان تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىپ، دۇنيا كاشغەرىيشۇناسلىقىنىڭ ئىپتىخارلىق بىر تۆھپىكارى بولدى، دەپ قارايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۈركىيەدە بولغان كۈنلىرىمدە، بۇ  تۆھپىكار ئەدىب ۋە تەرجىماننى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يۈز تۇرانە تۇرۇپ ئۆز رەھمىتىمنى ئېيتىش ۋە قايىللىقىمنى بىلدۈرۈشنى بىر بۇرچ ھېسابلىدىم.

    10-ئاينىڭ 28-كۈنى، مەن ئىستانبۇللۇق ئۇيغۇر ئىلم ئادىمى. بۇرادىرىم ئابدۇلئەزىز ھاجىم بىلەن بۇ قېتىم ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «6-نۆۋەتلىك تۈركىي تىللار قۇرۇلتىيى»غا قاتنىشىش جەريانىدا تونۇشقان ياپونىيىلىك ئۇيغۇر بىلىم ئادىمى ھاجى قۇتلۇق قادىرىيلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، كاشغەرىيشۇناس ئۆزتۈرك خانىمنى ئۆيىدە زىيارەت قىلىشقا مۇشەررەپ بولدۇم.

ئۆزتۈرك خانىم ئىستانبۇل شەھرىنىڭ ياۋروپا قىسمىدىكى مارمارا دېڭىز بوغىزىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان «يېڭى كۆي» مەھەللىسىدىكى «سەلجۇق» قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەن. ئالتىنچى قەۋەتتە بولغان ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن مارمارا بوغىزى ۋە ئۇنىڭدا ئۈزۈپ يۈرگەن پاراخوتلار ئوپئوچۇق كۆرۈنۈپلا تۇرىدىكەن. بىز ئېھتىرام بىلەن زىيارەتكە كەلگەن بۇ كۈنى، ئىستانبۇلدا ھاۋا تولىمۇ ئوچۇق بولۇپ،  دېرىزىدىن كىرىپ تۇرغان راھەت، ساپ، سالقىن ھاۋا سۆھبىتىمىزنى تەبىئىي گۈزەل مۇھىت بىلەن زىننەتلەپ تۇراتتى گويا.

- مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ ئۆرنەك ھاياتى مېنى بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ، ئىلىم يولىدا دادىل مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە،- دەپ سۆز باشلىدى ئاتمىش ياشلاردىكى ئۆزتۈرك خانىم،- پەرھات جىلان ئەپەندى يازغان تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نى كۆرگەن شۇ بىرىنچى كۈندىن باشلاپلا، ئۇنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. بىراق، مەن بىر نەرسە تەرجىمە قىلسام، ئۇياندىن ئېلىپلا، بۇياندىن تەرجىمىگە چۈشۈپ كېتەلمەيمەن. ئەكسىچە، ئالدى بىلەن تېكىستنى قايتا- قايتا ئوقۇيمەن، ئاندىن، تېكىست مەزمۇنىنى مۇلاھىزە قىلىپ، تىل پاساھىتى-گۈزەللىكىنى، ئىپادە ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئۆزلەشتۈرىۋېلىشقا تىرىشىمەن. ئاندىن، رەسمىي تەرجىمە قىلىشنى باشلايمەن.

   - ھەقىقەتەنمۇ ئەستايىدىل تەرجىمانىكەنسىز،- دېدىممەن، سەمىمىي قايىللىق تۇيغۇم بىلەن.

    - مەن بۇ كىتابنى ئىككى قېتىم تەرجىمە قىلغان بولدۇم، قاراڭ،- دەپ مۇنداق بىر كەچمىشىنى سۆزلەپ بەردى ئۆزتۈرك خانىم،- مەن بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى 1998-يىلى كۆردۈم. بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. ئاندىن تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم.تەرجىمىنى 1999-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاماملاپ، نەشرگە تاپشۇرۇپ قويۇپ، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن گىرمانىيىگە كېتىپ قالدىم. گىرمانىيىدە ئۇزاقراق تۇرۇپ قالدىم. قايتىپ كەلسەم، كىتاب تېخىچە نەشردىن چىقماپتۇ. نەشرىياتقا بېرىپ سۈرۈشتۈرسەم، كىتابىمنىڭ ئورىگىنالىنى تېپىپ بېرەلمىدى. دېمەك، تەرجىمە ئەسىرىم نەشرىياتتا يوقىلىپ كېتىپتۇ. كۆپ رەنجىدىم. بىراق، رەنجىشتىن ھېچ نەتىجە چىقمىدى، ‹ھەي، قىسمەت!› دېدىم-دە، قايتىدىن تەرجىمە قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئىككىنچى قېتىملىق تەرجىمىنى 2004-يىلى باشلاپ، 2005-يىلى ئاخىرلاشتۇردۇم.

   - قايتا تەرجىمە قىلىش سىزگە ئېغىر تۇيۇلمىدىمۇ؟،- ئۆز كەچمىش ۋە تەسىراتلىرىمغا سېلىشتۇرۇپ، قىزىقىپ سورىدىم.

   - توغرا تەخمىن قىلدىڭىز ، تەكلىماكانىي ئەپەندىم،- دېدى ئۆزتۈرك خانىم سەمىمىي قىياپەتتە،-  ئېغىر كەلدى. ئەمما، دەرھال ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالالىدىم. كىم بىلىر، مەھمۇد بوۋامنىڭ ھارماس-تالماس روھى مەدەتكار بولدى بولغاي ماڭا!،- ئۇ ئۆز سۆزىدە داۋام قىلدى،- ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ كىتابنى نەشىر قىلشقا سۆز بەرگەن «كاكنۈس نەشرىياتى»نىڭ باشلىقى مۆھتەرەم مەھمەت چىفتچى ئەپەندى مېنى سەمىمىي رىغبەتلەندۈردى ۋە ھەر تەرەپتىن قوللىدى. مەسئۇل مۇھەررىر سەدا دارجان چىفتچى ئەپەندىم بىر قانچە قېتىم مېنى چاقىرتىپ، ئەسەردىكى ئاتالغۇلار، باياندىكى ئۆزگىچىلىكلەر ئۈستىدە مەن بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ، ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچىسى بىلەن تۈركچە تەرجىمىسىنىڭ ئوخشاشلا گۈزەل، پاساھەتلىك چىقىشى ئۈچۈن خالىس تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. شۇنداق قىلىپ، مەن تەرجىمە قىلغان تارىخىي رومان «Kaşgarlı Mahmud»( مەھمۇد كاشغەرىي) 2006-يىل بەش مىڭ تىراژ بىلەن نەشردىن چىقتى. بۇ ھالدا، مېنىڭمۇ ھاردۇقۇم چىقتى، ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم....

   شۇ تەرىقىدە، بىزنىڭ زىيارىتىمىز بىر سائەتچە داۋام قىلدى. ئۆزتۈرك خانىمنىڭ مەزكۇر تارىخىي روماننى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجىر-ئەمگىكىدىن تولاراق باشقىلارنىڭ ئۆزىنى قانداق قوللىغانلىقى ۋە ئەمەلىي ياردەمدە بولغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ پىكىر قىلىشى مېنى ئالاھىدە تەسىرلەندۈردى. مەن بۇ قېتىم ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا كۆرۈشكەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «مەھمۇد كاشغەرىي» رومانىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنىڭ خۇددى ئۇيغۇرچىسىغا ئوخشاشلا گۈزەل، پاساھەتلىك چىققانلىقىنى ئېيتىشقانلىقى ئېسىمگە كەلدى. بۇ ھالدا، ئەدىب، تەرجىمان ئۆزتۈرك خانىمغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى.

- كاشغەرىيشۇناسلىق بويىچە يەنە قانداق خىزمەت پىلانىڭىز بار، بىلىشكە بولۇرمۇ؟،- سورىدىممەن زىيارىتىم ئاخىرلىشاي دېگەندە.

   - مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىز ھەققىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش يولىدا قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ مېنىڭچە،- دېدى ئۆزتۈرك خانىم ئۇزاققا كۆز تىكىپ تۇرۇپ،-  مەن نۆۋەتتە، پەرھات جىلاننىڭ مۇشۇ رومانى ئاساسىدا، «مەھمۇد كاشغەرىي» نىڭ كىنو سىنارىيىسىنى يېزىۋاتىمەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار مېنى ياخشى قوللاۋاتىدۇ. سىنارىيەم مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتسە، «مەھمۇد كاشغەرىي» نىڭ كىنوسى ئىمكان بار بۇرۇنراق روياپقا چىقسا، دېگەن ئارزۇدا جىدەللەپ ئىشلەۋاتىمەن.

ئۆزتۈرك خانىمنىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئېيتقان  بۇ سۆزلىرى مېنى ھەم ھاياجانلاندۇردى ھەم روھلاندۇردى. مەن بۇ قېتىم تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان ئون ئۈچ كۈنلۈك ئىلىم زىيارىتىم جەريانىدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغانلىرىم ئاساسىدا، شۇنى ئېنىق ھېس قىلدىمكى، بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىلىمپەۋەرلىك روھى تۈركىيەدە ئىرپان غۇنچىلىرىنى ئۆزلۈكسىز پورەكلەپ ئېچىلدۇرىۋېتىپتۇ، كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقات قوشۇنى بولسا، تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭ باشقا يەرلىرىگە نەمۇنە-ئۆرنەك بولغىدەك دەرىجىدە، كۈنسېرى زورىيىپ مېڭىۋېتىپتۇ.

پايىتەخت بېيجىڭدىكى كاشغەرىيشۇناسلىق تەنتەنىسى

2008-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بېيجىڭدا، جۇڭگو بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاتاتۈرك تىل ۋە تارىخ يۈكسەك قۇرۇمى قارمىقىدىكى تۈرك تىلى قۇرۇمى (تىل-يېزىق كومىتېتى) ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» بولۇپ ئۆتتى. بۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە سورۇنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرىشىت ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى تۆمۈرداۋامەت قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى قاتنىشىپ، يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنى، قىممىتىنى ۋە سەۋىيىسىنى يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈردى. جۇڭگودا تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ كاتتا خەلقئارالىق يىغىن ئەمەلىيەتتە،  بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈمسىز ئەمگەكلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىغان، كاشغەرىيشۇناسلىق ئىلمىنىڭ يېڭىدىن يېڭى نەتىجىلىرىگە تەنتەنە قىلىدىغان كاتتا مەرىكە بولدى.

بۇ خەلقئارالىق  يىغىنغا تۈركىيە، ئازەربەيجان ۋە گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالىملار قوشۇلۇپ جەمئىي 120 رەسمىي ۋەكىل قاتناشتى. يىغىن رىياسىتىگە جەمئىي 110 پارچە ئىلمىي ماقالە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىلمىي ماقالىلەر مەزمۇنغا قاراپ، «تىل گۇرۇپپىسى»، «ئەدەبىيات گۇرۇپپىسى» ۋە «تارىخ گۇرۇپپىسى» دەپ ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ مۇھاكىمىگە قويۇلدى، مەن ئۆزۈم تەقسىملەنگەن ئەدەبىيات گۇرۇپپىسىدا، مۇنۇ ئىلمىي ماقالەمنى ئوقۇدۇم:

جۇڭگودىكى كاشغەرىيشۇناسلىق

   ئادەتتە، بەزى ئىلىم ئادەملىرى تەرىپىدىن «دىۋانشۇناسلىق» دەپمۇ ئاتىلىۋاتقان «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) شۇناسلىق پەقەت قامۇس «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئۈستىدىلا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى، كاشغەرىيشۇناسلىق بولسا، بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىنسانلىق شەخسىيىتى، ئالىملارغا خاس روھى، ئۇنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئۇ ئەمگەكلەردە ئىپادىلەنگەن ئالىمنىڭ كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى، تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبى، ھەتتا ئالىمنىڭ يار-بۇرادەرلىرى، ئۇرۇغ-تۇغقان خىش-ئەقرەبالىرىغا تالىق تەتقىقاتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاندىن، دۇنيا ئىلىم ئەھلىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، مۇھاكىمىگە قويۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلەرمۇ كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى دائىرىسىگە كىرىدۇ.

يەنە بىرسى، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»شۇناسلىق، يەنى «دىۋانشۇناسلىق» ئاساسەن تىلشۇناشلارنىڭ، تىل – يېزىق خادىملىرىنىڭ تەتقىقات سورۇنى بولۇپ كۆرۈلمەكتە. ئەمدى، كاشغەرىيشۇناسلىق بولسا، تىلشۇناسلاردىن باشقا، يازغۇچىلار، شائىرلار، رەسسام- گۈزەل سەنئەتچىلەر ۋە تارىخ – تەزكىرىچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيالىيلاردىن تەركىپ تاپقان كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ يۆنىلىشلىك ناھايىتى كەڭ بىر تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت ئىلىم سورۇنى بولىۋاتقانلىقى بىلەنمۇ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»شۇناسلىقتىن پەرقلىنىدۇ.

«جۇڭگودىكى كاشغەرىيشۇناسلىق» ماۋزۇلۇق بۇ ئىلمىي ماقالەمدە، «كاشغەرىيشۇناسلىق بويىچە ئەدەبىيات ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر»، «كاشغەرىيشۇناسلىق بويىچە تارىخ-تەزكىرىچىلىك ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر» ۋە «كاشغەرىيشۇناسلىق بويىچە گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر» دېگەن تارماق ماۋزۇلار ئاستىدا بايان بېرىپ، ئېلىمىز جۇڭگودىكى كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى پاكىتلىق ھالدا يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىمەن.

1-   كاشغەرىيشۇناسلىق بويىچە ئەدەبىيات ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجىلەر

بىرىنچى، تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي».

ئىقتىدارلىق يازغۇچى پەرھات جىلان ئەپەندى يازغان ۋە 1994-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي» مۆھتەرەم ئالىم بوۋىمىزنىڭ ئۆرنەك ھاياتى  ئەدەبىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھېكايە قىلىنىپ  يېزىلغان تۇنجى رومان بولۇش سۈپىتى بىلەن، كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى سورۇنىدا  يۈكسەك ئورۇنغا ئىگىدۇر.

ئۆز ئىچىدىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بۇ روماننىڭ بىرىنچى قىسمى «ئارسلان خان ۋە بۇغرا خانلار سەلتەنەتى» ماۋزۇلۇق مۇقەددىمىدىن باشقا، «ئارسلان خان ھۇزۇرىدا»، «خانلار كېڭىشى»، «بۇغرا خان ۋە ئۇنىڭ نەۋرىسى»، «مەھمۇدنىڭ ئاتىسى»، «ئوغۇل چوڭ بولدى»، «ئەسلىمە»، «بەزمە»، «ئارسلان خان بالاساغۇندا»، «توي»، «مەھمۇد كاشغەرىي»، «تۇرۇمتاينىڭ ھەسرىتى»، «نەۋروز بايرىمى»، «ئالىم سەپەرگە ئاتلاندى»، «ئىدىقۇت زېمىنى»، «ئىلى يولى تاغلىق يول»، «دەشتى قىپچاق»، «ھەر كىم ھەر كويدا»، «ئالتۇن تەختتىن نېمە تاپتىڭ ئەي، خاقان؟!»، «كاشغەر ئاسمىنىدا قارا بۇلۇتلار»، «مۇق يولى»، «بارسغان» ماۋزۇلۇق جەمئىي يىگىرمە بىر بابقا بۆلۈنگەن. ئىككىنچى قىسمى بولسا، «قارا خانىيلار، سەلجۇقىيلار ۋە ئابباسىيلار» ماۋزۇلۇق مۇقەددىمىدىن باشقا، «ھايات يولى ئۈزۈلمەيدۇ»، «بۇخارا»، «نىشاپۇر»، «باغداد خەلىپىسى خاقانىيە تىلىغا قىزىقىدۇ»، «دەسلەپكى قۇرلار»، «ئىنسان دېگەن»، «كۈنلەر ۋە تۈنلەر»، «خەلىپىگە ئارماغان»، «ئىنسانچىلىقتىكى ئىشلار»، «يىراق يەرنىڭ خەۋىرىنى كارۋان يەتكۈزەر»، «ئالىم ۋە زالىم»، «مەلىك شاھ كەلدى»، «تۈركان خاتۇننىڭ ئىلتىپاتى»، «گۈلپەرى»، «سوغدىيانا كۈيى»، «قايداسەن، كاشغەر؟!»، «تۈركان خاتۇن قەھرلىك ۋە قۇدرەتلىك»، «مەلىك شاھنىڭ تەختى بىر، ئوغلى تۆرت»، «كاشغەر ناخشىسى» دېگەن ماۋزۇلار ئاستىدا بايان بېرىلگەن ئون توققۇز بابقا بۆلۈنگەن. روماننىڭ «خاتىمە» قىسمىدا، روماندا بايان قىلىنغان ۋەقەلىكنىڭ مەرغۇلى بىلەن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) ئاتلىق مەشھۇر قامۇسنىڭ ئارىدىن توققۇز يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۈركىيە ئىستانبۇلدا قايتا تېپىلىشىدىن تارتىپ، تۈرك ئالىملىرى باش بولغان دۇنيا تۈركولوگلىرىنىڭ مەزكۇر شاھ ئەسەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان مېغىزلىق ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ بايانى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەنكى، ئاپتور پەرھات جىلان بۇ ئارقىلىق، «مەھمۇد كاشغەرىي» ناملىق بۇ روماننىڭ ئەدەبىيلىك ۋە ئىلمىيلىك جەھەتتە ئوخشاشلا بىباھا ئەسەر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان.

مېنىڭچە، «مەھمۇد كاشغەرىي» ناملىق تارىخىي روماننىڭ كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدىكى قىممىتى كەم دېگەندىمۇ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

بىرىنچى. ئاپتور بۇ روماندا، ۋەقەلىكنى ئۇزاقتىن يېقىنغا ۋاقىت تەرتىپى بويىچە بايان قىلىش ئۇسلۇبىنى قوللانغان بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە خىش-ئەقرىبالىرى، ئۇنىڭ ئۆسۈپ چوڭ بولۇشى، بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرى قاتارلىقلارنى يارقىن ۋەقە ۋە گۈزەل تىل بىلەن يېقىشلىق بايان قىلىپ بەرگەن. ئەدەبىياتنىڭ كۈچى بىلەن تەپەككۇرنى قاناتلاندۇرۇپ، ۋەقەلىكلەرنى ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەر بىلەن كېلىشتۈرۈپ باغلاپ، پىرسۇناژلارنى يارقىن ئوبرازلاشتۇرۇپ يېزىلغان بۇ رومان بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئالدى بىلەن، بىزنىڭ ئارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ۋە ھەر قانداق بىر ئادەمگە ئوخشاشلا خوشلۇقىمۇ، خاپىلىقىمۇ، خىيال- چۈشىمۇ، ئارزۇ-ئارمانىمۇ بولغان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى سۈرەتلەپ بەرگەنكى، بۇ ئەمەلىيەتتە، ياش ئەۋلادلىرىمىزنىڭ  شۇ تاپتىكى كۈندىلىك ھاياتتا ئالىم ئەجدادتىن ئۆرنەك ئېلىپ ياشاش ئىستىكى ئۈچۈن، نەق بىر ئەينەك، مۇھىم بىر مەنبە بولۇش قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىگە ئىگە، ئەلۋەتتە.

ئىككىنچى. تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي» بۇنىڭدىن مىڭ يىل بۇرۇن ئىجاد بىلەن، ئىلمىي ئەمگەك بىلەن ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتىنى ھېكايە قىلش جەريانىدا، ئەينى زاماندىكى كاشغەرنى مەركەز قىلغان بۈيۈك قارا خانىيلار دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن ھالدا بايان قىلغان. ھالبۇكى، مەكتەپلەردىكى دەرسلىكلەردە كۆپ سۆزلەنمەيدىغان بۇ بايانلار بۈگۈنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى، ئۆزلىرىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىنى بىلىشى ۋە بۇنىڭدىن كۈچ ئېلىپ، پارلاق ئەرتە يارىتىش يولىدا ئاڭلىق كۈرەش قىلىشى ئۈچۈن، سۇ بىلەن ھاۋادەك زۆرۈردۇر.

ئۈچىنچى. تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي» مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىمىزنىڭ باشقا ساھەلىرى مەسىلەن، كىنو- تېلېۋىزىيەچىلىك، دىرامما-تىياتېرچىلىق قاتارلىقلار ئۈچۈن، قىممەتلىك ماتېرىيال ئامبىرى ۋە دېتال خەزىنىسى بولۇش ئەھمىيىتى بىلەنمۇ بىباھادۇر.

ئىككىنچى، داستان «ئىلىم ئابىدىلىرىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى _ يۈسۈپ ۋە مەھمۇد».

مەرھۇم ئاتاقلىق شائىر، تۆھپىكار تەتقىقاتچى ئەھمەد زىيائىي (1989-1913) ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان « ئىلىم ئابىدىلىرىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى _ يۈسۈپ ۋە مەھمۇد» داستانى (قىسقارتىپ «يۈسۈپ-مەھمۇد داستانى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرىي ئوبرازىنى گۈزەل شېئىرىي تىل بىلەن ئىجادىي يارىتىپ چىققان نادىر سەمەرەدۇر.

كلاسسىك داستانلارنى ئۆرنەك قىلىپ، نەسرىي بايان بىلەن نەزمىي تەسۋىر بىرلەشتۈرۈلۈپ يېزىلغان ۋە ئون بەش مىڭ مىسرا شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ژىرىك داستان مەزمۇن ئورانى بويىچە ئۆز ئىچىدىن ئۈچ قىسىم، يىگىرمە ئالتە بابقا بۆلۈنگەن.

داستاننىڭ بىرىنچى قىسمى جەمئىي ئون يەتتە بابتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بابلارنىڭ ماۋزۇلىرى مۇنۇلار: بىرىنچى باب «مۇقەددىمە». مەزكۇر مۇقەددىمە بىر نەسرىي بايان، 208 مىسرا مەسنەۋى، سەككىز مىسرا نەقىل ۋە سەككىز مىسرا غەزەلدىن تەشكىل تاپقان؛ ئىككىنچى باب «بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن». مەزكۇر باب بىر نەسرىي بايان، 230 مىسرا مەسنەۋى، ئون ئالتە مىسرا نەقىل ۋە ئون ئىككى مىسرا غەزەلدىن تەشكىل تاپقان؛ ئۈچىنچى باب «بالاساغۇن، بارسغان ۋە ئوردۇكەنت». بۇ باب بىر نەسرىي بايان، 304 مىسرا مەسنەۋى، تۆرت مىسرا رۇبائىي، ئوتتۇز ئالتە مىسرا نەقىل ۋە ئون تۆرت مىسرا غەزەلدىن تەشكىل تاپقان؛ تۆرتىنچى باب «شۇ چاغدىكى ھاكىمىيەت، سۇلالە، ئىرفان ۋە دىن». مەزكۇر باب بىر نەسرىي بايان، 664 مىسرا مەسنەۋى ۋە يىگىرمە بەش مىسرا مۇخەممەستىن تەشكىل تاپقان؛ بەشىنچى باب «يۈسۈپ كىم ئىدى، مەھمۇد كىم؟». ئالتىنچى باب «مەشھەد يولىدىكى سۆھبەت». يەتتىنچى باب «ئىككى ئالىمنىڭ ئوردىدىكى ئورنى». سەككىزىنچى باب «قارا خانىيلار سۇلالىسىدا چۈشكۈنلۈشۈش». توققۇزىنچى باب «قارا خانىيلاردا 1047-1042- يىللاردىكى سىياسىي ئۆزگىرىش». ئونىنچى باب «مەھمۇد قانداق ساق قالدى؟». ئون بىرىنچى باب «يۈسۈپنىڭ ‹قۇتادغۇ بىلىك› نى يېزىۋاتقان كېچىلەردىن بىر كېچە». ئون ئىككىنچى باب «مەھمۇدنىڭ پائالىيىتى ۋە ئېرتىش بويىدىن يۈسۈپكە مەكتۇبى». ئون ئۈچىنچى باب «يۈسۈپنىڭ ‹قۇتادغۇ بىلىك› نى ھەمىدىيە مەدرىسىسىدە ئىلمىي مۇھاكىمىگە قويغانلىقى». ئون تۆرتىنچى باب «ئوردۇكەنت كاشغەر خان ھۇزۇرىدا ‹قۇتادغۇ بىلىك› تويى». ئون بەشىنچى باب «مەھمۇدنىڭ ئىراققا سەپىرى». ئون ئالتىنچى باب «مەھمۇدنىڭ تۈركان خاتۇن بىلەن ئۇچرىشىشى». ئون يەتتىنچى باب «ئىككى ئالىمنىڭ ۋاپاتى ۋە دەپىنگاھلىرى».

داستاننىڭ ئىككىنچى قىسمى جەمئىي تۆرت بابتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماۋزۇلىرى مۇنداق: ئون سەككىزىنچى باب «بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ باشتىن كەچۈرمىشلىرى، يوقىلىش-پەيدا بولۇش جەريانلىرى». ئون توققۇزىنچى باب «‹قۇتادغۇ بىلىك› ۋە ‹دىۋان› غا شۇ چاغلاردا يېزىلغان مۇقەددىمە ۋە پىكىرلەر». يىگىرمىنچى باب «بۇ كىتابلار تەرجىمە قىلىنغان تىللار». يىگىرمە بىرىنچى باب «بۇ ئەسەرلەرنىڭ جاھان مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى، ئۇلار ئۈستىدە ئىشلىگەن ئالىملار، بىزنىڭ ئۇلاردىن خەۋەرسىز ئۆتكەن نادامەتلىك كۈنلىرىمىز».

داستاننىڭ ئۈچىنچى قىسمى جەمئىي بەش بابتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماۋزۇلىرى مۇنداق: يىگىرمە ئىككىنچى باب «بىز بۇ يادىكارلىقلىرىمىزدىن قاچان خەۋەردار بولدۇق؟». يىگىرمە ئۈچىنچى باب «بۇ ئىككى ئابىدىنى كۆرۈش بىزدە بىرىنچى قېتىم كىمگە نېسىپ بولغان؟». يىگىرمە تۆرتىنچى باب «بۇ ئىككى ئەسەر ئۈستىدە ئىلمىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە نەشىر قىلىنىشنىڭ ئومۇمىي جەريانى». يىگىرمە بەشىنچى باب «ئىككى ئالىم دەپىنگاھىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى، قۇببەلەر تەئمىرى، خەلقىمىزنىڭ سۆيۈنچ ۋە ئىپتىخارى». يىگىرمە ئالتىنچى باب «تۈگەنچ».

شەكسىزكى، «ئىلىم ئابىدىلىرىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى _ يۈسۈپ ۋە مەھمۇد» داستانى كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە، شېئىرىيەت بابىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ يىرىك شاھانە ئەسەردۇر.

ئۈچىنچى، رىۋايەتلەر توپلىمى «مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە ھېكايەتلەر».

بۇ – مەرھۇم تەتقىقاتچى مۇھەممەد ئوسمان ھاجىم بىلەن ئابدۇكېرىم ئەخمىدى ئەپەندى بىرلىشىپ ھازىرلىغان ۋە 2003-يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئەسەردۇر. ساق يۈز بەتتىن تەركىپ تاپقان بۇ ئەسەردە، «ئوي چولپان»، «ئانار شەربىتى»، «ئاشىق شاھزادە»، «ئەلچى بىلەن دانىشمەن قىز»، «شاھزادىنىڭ ئىلىم-ھۈنەر ئۆگىنىشى»، «شاھزادىنىڭ ئۆيلىنىشى»، «جانغا ئەسقاتقان ھۈنەر»، «مەھمۇدنىڭ تەۋەللۇتى»، «ئات ‹ئىسىم قويۇش› تويى»، «مەھمۇدنىڭ بوۋاقلىق دەۋرى»، «مەھمۇدنىڭ مەكتەپكە كىرىشى»، «ئائىلە تەربىيىسى»، «مەھمۇدنىڭ ‹مەكتەپتە› ئىجتىھاد بىلەن ئوقۇشى»، «شاھى ئېھرامنىڭ نەسىھىتى»، «مەھمۇدنىڭ ئەل كېزىشى»، «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تەسنىپ قىلغان كىتابلىرى»، «ئانا ۋەتەن تەشنالىقى»، «ئانا سېغىنىشى»، «ۋەتەن ۋىسالى»، «‹مەدرەسەئى مەھمۇدىيە› ۋە ‹نەۋروز بۇلاق›»، «ئىمام مالىك ئەجدەر»، «مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن ئىخلاسمەن ئەما»، «مىڭبىر تۈپ ئۈجمە»، «ھاي-ھاي تېرەك»، «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ۋەسىيىتى»، «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ۋاپاتى» بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە ئالتە پارچە ھېكايەت ئورۇن ئالغان. بېرىلىپ مۇتالىئە قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمچە، تۈزگۈچىنىڭ ئىستىدادى ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتى يېتىك دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان  بۇ گۈزەل رىۋايەت-ھېكايەتلەر توپلىمى ئوقۇش يېشىنىڭ ئالدى كەينىدىكى بالىلىرىمىزغا دەرسلىك، ئانىلارغا ئۆسمۈر-بالىلارنى تەربىيىلەش قوللانمىسى بولۇش قىممىتىگە ئىگە مۇھىم مەنبەدۇر.

تۆرتىنچى، ھېكايە «باغدات ئوردىسى».

ئاتاقلىق يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى تەرىپىدىن، 2008-يىلنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى تەرىپىدىن «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»  دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى شەرىپىگە تەنتەنە قىلىپ يېزىلغان بۇ ھېكايە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە، ھېكايىچىلىقنىڭ يولىنى كېڭەيتىۋاتقان تۆھپىلىك ئەمگەكلەردىن سانىلىدۇ.

-« مۆئمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ھەر جۈمە كۈنى چەتئەل دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە خەلقئارالىق داڭقلىق ئەرباب، مويسىپىت ئالىملارنى، تۆرە ئاقسۆڭەكلەرنى قوبۇل قىلار ئېدى» دەپ باشلىنىدىغان بۇ ھېكايە بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنىڭ ئەبەدىي مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاسارىتى، ۋىجدانلىق ئالىملارغا خاس ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئېگىلمەس-سۇنماس جاسارىتى ئارقىلىق ئەينى زامان باغداد خەلىپىسىنى قايىل قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى جانلىق ۋە ئوبرازلىق تەسۋىرلىگەن. ھالبۇكى، مەزكۇر ھېكايە ھەممىدىن تولا، زامانىمىز ياشلىرىغا بېرىدىغان تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بىلەنمۇ قىممەتتە بىباھادۇر مېنىڭچە.

  مۇندىن باشقا، بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھايات پائالىيىتى تەسۋىرلەنگەن بەدىئىي فىلم «ئۈچ ياش»، شۇنداقلا تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»دىن پايدىلىنىپ يېزىلغان رادېئو دىرامىسى «مەھمۇد كاشغەرىي» قاتارلىقلارمۇ كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى بويىچە ئەدەبىيات ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ھوسۇللۇق نەتىجىلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

2- كاشغەرىيشۇناسلىق بويىچە تارىخ-تەزكىرە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجىلەر

    «ئىلىم يولباشچىسى مەھمۇد كاشغەرىي».

بۇ – تارىخشۇناس تەتقىقاتچى مۇھەممەدزۇنۇن سىدىق بىلەن فولكلورشۇناش ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر ئەپەندى بىرلىشىپ ھازىرلىغان ۋە ئاتاقلىق ئىلىمپەرۋەر سىياسىيون، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سابىق ۋالىيسى مەرھۇم ئىيسا شاكىر مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985-يىلى نەشر قىلىنغان 342 بەتلىك ژىرىك ئەسەردۇر. بۇ ئەسەر ئۆز ئىچىدىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، «ھەزرەتى موللام – مەھمۇد كاشغەرىي» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بىرىنچى قىسمى «مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنى ئاپتونوم رايونى بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەنلىك ھەققىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى»، « مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنى ئاپتونوم رايونى بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش توغرىسىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىق جاۋابى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›نىڭ ئاپتورى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىنى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىش توغرىسىدىكى يوليورۇق سوراش دوكلاتى»، «قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ  ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›نىڭ ئاپتورى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىنى دولەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق قاتارىغا كىرگۈزۈش ھەققىدىكى يوليورۇق سوراش دوكلاتى»، «‹ھەزرەتى موللام مازىرى›نى نۇقتا قىلىپ، ئوپالدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن دوكلات»، « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى مەدەنىي يادىكارلىق باشقارمىسى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى مۇھاپىزەت قىلىش-باشقۇرۇش ئورنى ئارخىئولوگىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»، «مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىغا كىتاب ۋەخپە قىلغانلىق ھەققىدىكى ھۆججەتنىڭ سۈرەتكە ئېلىنغان نۇسخىسى»، «ئوپال رايونىدىكى پېشقەدەملەرنىڭ ‹ھەزرەتى موللام› ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، «مۇھەممەتئىمىن ئەخمەت: ‹ھەزرەتى موللام تەزكىرىسى› توغرىسىدا ئەسلىمە»، «مۇھممەدزۇنۇن سىدىق: ھەزرەتى موللام – مەھمۇد كاشغەرىي»، «قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇرتى ۋە قەبرىسى توغرىسىدىكى يېڭى پاكىتلارنى مۇھاكىمە قىلدى»، «ئىيسا شاكىر: قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ ئوپال رايونى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇرتى، ‹ھەزرەتى موللام مازىرى› بولسا، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى»، «ئابلىز ئۆمەر: ئۇلۇغ ئالىمنىڭ قەبرىسى ئالدىدا»، «ھەسەن ئابدۇرەھىم: مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسى ۋە ئۇنىڭ بىناكارلىق سەنئېتى» ماۋزۇسى ئاستىدا بايان قىلىنغان ھۆججەت ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدىن تەشكىل تاپقان. ئىككىنچى قىسمى بولسا، ««دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنغان دەسلەپكى چاغلاردا يېزىلغان بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەردىن تەركىب تاپقان.

  بۇ ئەسەر بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىنى ئېنىقلاپ بېكىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى پاكىتلار بىلەن تەمىنلەيدىغان باش مەنبە ۋە شۇ ھەقتىكى قانۇنىي قارار ۋە بېكىتمىلەر توپلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى سورۇنىدا يېگانە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.

«مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھايات شەجەرىسى».

بۇ – قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2001-يىلى نەشر قىلىنغان «ئىلىم ۋە ئالىم» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئىلىم ئەھلىگە تونۇشلۇق بولغان ئىستىدادلىق كاشغەرىشۇناس تەتقىقاتچى ئۆمەر ئوسمان شىفائىي ئەپەندى يازغان ۋە داۋاملىق ئىزدىنىپ مۇكەممەللەشتۇرىۋاتقان تەزكىرە خاراكتېرىدىكى ئەسەردۇر. شىفائىي ئەپەندى يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ۋە بوشاشماي ئىزدىنىش ئارقىلىق، نەق پاكىتلار ئاساسىدا يازغان بۇ ئەسەر كاشغەرىي ئەۋلادلىرىنى ھاياجانلاندۇرماقتا ۋە ئىپتىخارلاندۇرماقتاكى، بۇ ئەسەرنىڭ تولۇقلىنىپ پۈتۈپ چىقىشى بىلەن، بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نەسەب شەجەرىسى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىلىم ئەھلىگە تونۇتۇلغۇسى!

«مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ قەبرىگاھى».

بۇ- مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىنىڭ چۈشەندۈرگۈچى كادىرى، كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى دىلنۇر ئابدۇرۇسۇل خانىم ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىق بىلەن يازغان ۋە 2005-يىل 12-ئايدا، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىچكى ماتېرىيال قىلىپ نەشر قىلىنغان 166بەتلىك ئەسەر. «مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھى بىلىملىرى قوللانمىسى» دېيىشكىمۇ بولىدىغان بۇ قوش تىللىق ئەسەر ئۆز تەركىبىدىكى «مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىدىكى كونا-يېڭى ئەسلىھەلەر»، «مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھى ئەتراپىدىكى تارىخىي ئىزلار» دېگەن باش ماۋزۇلار ئاستىدا بېرىلگەن «مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسى»، «ھەزرەتى موللام مەسجىدى»، «ئوي چولپان راۋىقى»، «كۆرگەزمەخانا»، «چوڭ دەرۋازا»، «نەۋروز بۇلاق»، «ھاي-ھاي تېرەك»، «ھەزرەتى پاشا قەبرىسى»، «سۇلتان ئارىپ قەبرىسى»، «موللا نەزەر ئاخۇنۇم قەبرىسى»، «ئابدۇرەھىم نىزارىي قەبرىسى»، «خوجا سەيفۇددىن بۈزۈرۈكۋار قەبرىسى»، «بۈۋى رابىيە خانىكام قەبرىگاھى»، «يالماۋۇز غارى ھەققىدە رىۋايەت»، «توققۇز قازناق ئىزى»  قاتارلىق تارماق كۆزنەكلەردىكى جۇغراپىيىۋى ۋە تارىخىي ئوچۇقلىمىلىرى، سان-سىپىرلىق يېگانە بىلگى-بىلىملىرى بىلەن كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى سورۇنىدا ئۆزگىچە ئېتىبار ۋە قىممەتكە ئىگىدۇر.

3- كاشغەرىيشۇناسلىق بويىچە گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجىلەر

  مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىككى رەسىمى.

بۇ- ئاتاقلىق رەسسامىمىز غازىي ئەھمەد ئەپەندى تەرىپىدىن 1983-يىل سىزىلىپ ئېلان قىلىنغان «ئىلىم مۇتالىئە قىلىۋاتقان ياشانغان مەھمۇد كاشغەرىي» («ئىش ئۈستىدىكى مەھمۇد كاشغەرىي»مۇ دېيىلىدۇ) رەسىمى بىلەن، 2005-يىل سىزىپ ئېلان قىلىنغان «ئۇدۇل قاراپ تۇرغان نەۋقىران مەھمۇد كاشغەرىي» رەسىمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزىنىڭ «غەرىب ۋە سەنەم»، «جىنايى ھۆكۈم»، «ھېساب ئېلىش»، «ئاماننىساخان»، «مۇقام»، «گىلەم – ئۇيغۇرلار»، «مۇزىكا مەستانىلىرى»، «دولان روھى»، «پامىردا باھار كۈيى» قاتارلىق ماي بوياق رەسىملىرى، «قوتاز ئۈستىدە»، «ئوغلاق تارتىشىش»، «تەڭرىتاغ بۇلبۇلى»، «ئىران قىزلىرى»، «ئات ئۈستىدە»، «كۈچ سىناش»، «مېنىڭ راۋابىم»، «نەسرىددىن ئەپەندىنىڭ پادىشاھنى مازاق قىلىشى» قاتارلىق 200 پارچىدىن ئارتۇق جۇڭگوچە رەسىملىرى ۋە «تەڭرىتاغ كۈيى»، «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى»، «تەڭرىتاغدىكى شادلىق» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى تام رەسىملىرى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا داڭقلىق بولغان رەسسام غازىي ئەھمەد ئەپەندى سىزغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەزكۇر ئىككى رەسىمى رەسسامنىڭ داڭقىغا داڭق، شۆھرىتىگە شۆھرەت قوشقان نادىر ئەسەرلەردۇر.

  مېنىڭ تەسىراتىمچە، يازغۇچى پەرھات جىلان ئەپەندى ئۆزىنىڭ ژىرىك ئەمگىكى بولغان تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي» ئارقىلىق، بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆمۈر تارىخى ۋە ھايات پائالىيىتىنى خەلقىمىز شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تونۇشتۇرغان بولسا، رەسسام غازىي ئەھمەد ئەپەندى ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئىككى رەسىمى ئارقىلىق، ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆلچەملىك پورتېرىتىنى تۇرغۇزۇپ بەردىكى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى رەسىم بىلەن  بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئوبرازى خەلقىئالەم ئالدىدا تېخىمۇ كونكرېتلەشكەن، تېخىمۇ روشەنلەشكەن بولدى.

مەھمۇد كاشغەرىي ھەيكىلى.

بۇ – ھەيكەلتەراش خالمۇراد ئەپەندىنىڭ لايىھىلىشى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ھەيكەلتەراشلىق فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن، ئوپال مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھى باغچىسى ئىچىگە 1996-يىلى تۇرغۇزۇلغان پۈتۈن گەۋدىلىك مەھمۇد كاشغەرىي ھەيكىلىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر ھەيكەلنىڭ ئۇل پوندامىنتى 3x4x4، يەر يۈزى پوندامىنتى بولسا، 2x3x3 بولۇپ، زېمىن يۈزىدىن ئېگىزلىكى 54. 9 كېلىدۇ.

   رەڭگارەڭ خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن ئازادە گۈلزارلىقتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ ھەيكەلدە، بېشىغا يارىشىملىق باش كىيىم، ئۈستىگە ئالىپتە تون كىيگەن، قاڭشالىق، قويۇق قاشلىق، قىسقا ساقال-بۇرۇتلۇق، ئۇزۇن بويلۇق مەھمۇد كاشغەرىينىڭ، ئوڭ قولى بىلەن بىر توم كىتابنى قولتۇقلىغان، سول قولىنى بولسا، ئىختىيارى سالغان ھالدا،  ئالىمغا خاس جاسارەت بىلەن يىراققا كۆز تىككىنىچە ئالغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

  ئۇيغۇر ھەيكەلتەراشلىق گۈزەل سەنئېتىنىڭ غوللۇق سەمەرىسى سانىلىشقا ھەقلىق بولغان مەزكۇر مەھمۇد كاشغەرىي ھەيكىلى كۈنىمىزدە، يەر شارىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان مەھمۇد كاشغەرىي ھەيرانلىرىنىڭ قايىللىق تۇيغۇسى بىلەن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن شاراپەتلىك ئەسەر بولۇپ مەزمۇت تۇرماقتا.

  خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، كاشغەرىيشۇناسلىق بۈيۈك ئالىمنىڭ ئۆز ۋەتىنى بولغان جۇڭگودا، ئەنە شۇنداق ژىرىك ئەمگەك نەتىجىلىرى بىلەن، كەڭ دائىرىلىك ۋە پارلاق ئىستىقباللىق بىر ئىلىم ساھەسىنى شەكىللەندۈرۈپ كەلمەكتە.

2008-يىل 18-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.

                               x            x           x            x        

جەمئىي ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەمگەك نەتىجىلىرى بىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنىنىڭ 2008-يىلنى «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئېلان قىلغانلىقىغا ئىپتىخار بىلەن تەنتەنە قىلىشتى. بۇ دۇنياۋى بۈيۈك تەنتەنىگە مەنمۇ  يۇقىرىدىكى ئەمگىكىم بىلەن قاتنىشالىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆزۈمنى بەختىيار ھېسابلايمەن، غۇرۇرلىنىمەن ۋە ئۇنى «مېنىڭ كاشغەرىي يىلىمدىكى ئۇنتۇلماس كۈنلەر» دەپ ئەبەدىي خاتىرىلەيمەن.

كاشغەرىيشۇناسلىق ياشلار ۋە بالىلار ئارىسىدا

    مېنىڭ چۈشەنچەمدىكى كاشغەرىيشۇناسلىق تار ۋە كەڭ ئىككى خىل ئۇقۇمغا ئىگە. تار مەنىدىكى كاشغەرىيشۇناسلىق بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىنسانلىق شەخسىيىتى، ئالىملارغا خاس روھى، ئۇنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئۇ ئەمگەكلەردە ئىپادىلەنگەن ئالىمنىڭ كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى، تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبى، ھەتتا ئالىمنىڭ يار-بۇرادەرلىرى، ئۇرۇغ-تۇغقان خىش-ئەقرەبالىرىغا تالىق تەتقىقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاندىن، دۇنيا ئىلىم ئەھلىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئەمگەكلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، مۇھاكىمىگە قويۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەكلەرمۇ كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئەمدى، كەڭ مەنىدىكى كاشغەرىيشۇناسلىق بولسا، ئىلىمپەرۋەر ئەجدادلارنىڭ ئۇدۇم روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىلىم-پەن بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىش، ئىلىم-پەن ئارقىلىق شەخسەن ئۆزىنى مەدەنىي ئىنسان قىلىپ يېتىلدۈرۈش، ئىلىم پەن ئارقىلىق توپلۇم-جامائەت ۋە مىللەتنى روناق تاپقۇزۇشقا ھەسسە قوشۇش، ئىلىم-پەن ئارقىلىق ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش قاتارلىق پائالىيەت ۋە ئەمگەكلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز نۆۋىتىدە كاشغەرىيشۇناسلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ. چۈنكى، كاشغەرىيشۇناسلىق دېمەك ئاداققىي مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىلىمپەرۋەرلىك دېمەك، مەرىپەتپەرۋەرلىك دېمەكتۇر!

    ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، بۇ نۇقتىنى مەن دېمەتلىك قېرىلارلا ئەمەس، خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغان ياشلىرىمىز ۋە نەۋرە يېشىدىكى بالىلىرىمىزنىڭمۇ بىلىپ، ئاڭقىرىپ مېڭىۋاتقانلىقى ئىنساننى سۆيۈندۈرىدۇ. مەن بۇ يەردە، مۇشۇنىڭغا تالىق بىر-ئىككى كەچۈرمىشىمنى خاتىرىلەپ ئۆتىمەن:

بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ياش ئەۋلادلار بىلەن سۆھبەت

بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مەملىكىتىمىز جۇڭگودىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە، يۈزدىن يۈز ئەللىككىچە مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرىۋاتىدۇ. بىر شەھەردە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئېلىپ بېرىلىپ تۇرىدىغان بايراملىق پائالىيەتلەردە، ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ، تونۇشلاردىن بولۇپ قالىمىز. مەن تونۇشىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەبىئىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى، ئەمما ئەدەبىياتنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، تىلشۇناسلىق ئىلمىنى، ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمىنى يەكلىمەيدۇ، ئىستىقبالسىز كۆرمەيدۇ. كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدە بىز تەبىئىي پەن ئەھلىنىڭمۇ ئورنى ۋە رولى بار دەپ قارايدۇ. شۇ ۋەجدىن، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئورتاق پىكىر، ئورتاق قىزىقىش ۋە ئورتاق مۇھاكىمە نۇقتىلىرى بولۇپ تۇرىدۇ، بېرىش كېلىشلىرىمىز ئۈزۈلمەيدۇ.

بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئۈمىد يۇلتۇزى» ناملىق قانۇنلۇق ئۇيۇشما تەشكىلى بار. بۇ تەشكىلات ئۇلارنى قەرەللىك ھالدا بىر يەرگە توپلاپ، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە جەمئىيەت ماۋزۇلىرى بويىچە مۇڭدىشىش، پىكىرلىشىش ئىمكانى بىلەن تەمىن ئېتىپ تۇرىدۇ. 2006-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، مەن تۇنجى قېتىم مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېرىپ، «ھىجرەت ۋە نۇسرەت» ماۋزۇلۇق چاتما لېكسىيە بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغانىدىم. شۇندىن بۇيان، مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىمىز، قويۇق بېرىش-كېلىشىمىز داۋاملاشماقتا. بۇ ئۇيۇشمىنىڭ ئابۇلئەزىز، ئابدۇلئەھەد ۋە ئەھمەدجان دەيدىغان يولباشچى ۋە پائالىيەت سەركەردىلىرى بار. ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىش، مۇڭدىشىش ئىنساننى پارلاق ئۈمىدنىڭ قوۋناق قاينىمىغا چۈمۈلدۈرىدۇ گويا.

بىز سۆھبەت ئۇيۇشتۇرساق، ئادەتتە ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ماڭا مۇئەييەن سوئال بىلەن سۆھبەت تېمىسى چىقىرىپ بېرىدۇ. مەن شۇ تېمىغا ئاساسەن تەييارلىق قىلىمەن. سۆھبەت باشلانغاندا، مەن ئوقۇغۇچىلار چىقىرىپ بەرگەن ھېلىقى سوئاللار ئاساسىدا، يىگىرمە مىنوت، ئۆتۈپ كەتسە يېرىم سائەت سۆزلەيمەن. قالغان چاغدا، ئوقۇغۇچىلار پىكىر بايان قىلىدۇ، قىزىققان نۇقتىلار ئاساسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بىز ئۆز ئارا پىكىر، چۈشەنچە ئالماشتۇرىمىز. ھەر قېتىملىق سۆھبەتتە، مەن ياش ئوقۇغۇچىلاردىن- بۇ نەۋرەم يېشىدىكى دوستلىرىمدىن نۇرغۇن نەرسە ئۆگىنىۋالىمەن، بۇ مېنى تولىمۇ مەمنۇن قىلىدۇ.

2008-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاشۇ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «ئۈمىد يۇلتۇزى» ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، «بىزنىڭ كاشغەرىي يىلىمىز» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ھەمسۆھبەتتە بولدۇم. بەش يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى قاتناشقان بۇ سۆھبەت چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن بەش يېرىمگىچە داۋاملاشتى. مەن بۇ سۆھبەتتە، ئالدى بىلەن، مىلادىيە 2008-يىلىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» ئېلان قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدىن مەلۇمات بەردىم. ئاندىن، كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۈرىكىمدە پەيدا بولغان شەرەپ-ئىپتىخار تۇيغۇسى ۋە ئۇ تۇيغۇنىڭ تۈرتكىلىكى ۋە ھەيدەكچىلىكىدە، ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئەمەلىي پائالىيەتلىرىمنى ھېچ كەم ياكى زىيادە قىلماي، «بىرنى بىر دېگۈلۈك» دېگەن ئۇيغۇر  سەمىمىيىتى بىلەن، سۆھبەت ئەھلىگە دوكلات قىلدىم. «كاشغەرىي يىلىدىكى ئوپال قەبرىگاھ زىيارىتى» دېگەن فىلىمنى قويۇپ بەردىم. ئارقىدىن، ياشلارنى كۆز ئالدىدىكى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى غەنىمەت بىلىپ، ياخشى ئۆگىنىپ، بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىيدەك ئالىملاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردۈم.

مەن سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە  پىكىر بايان قىلىپ، ئۆز زىممىلىرىدىكى ھەر قايسى كەسپلەر بويىچە ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تولۇقى بىلەن ئادا قىلىش ئەمەلىيەتلىرى ئارقىلىق، پۈتكۈل دۇنيانى قايىل قىلغان بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ  روھىنى خوشال قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتىكى، مانا بۇلار -بۇ قېتىملىق سۆھبىتىمىزنىڭ نەتىجە جەۋھىرى بولدى مېنىڭچە.

سۆھبەت ئاخىرىدا، ئوقۇغۇچىلار مېنى «ئۈمىد يۇلتۇزى شەرەپ تاختىسى» بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئۈستىگە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى يازغان «ئۇستاز شەنىگە» ناملىق شېئىردىن ئىككى كۈپلىت گۈزەل ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن مەرۋايىتتەك تىزىپ يېزىلغان بۇ شەرەپ تاختىسى ئەمەلىيەتتە، مەن مەزكۇر كاشغەرىي يىلىدا ئېرىشكەن ئەڭ ۋەزنىلىك مۇكاپات بولدى. راستىنى ئېيتسام، 2006-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرشكەن ئورخان پامۇكتىن چارە خوشال بولدۇم، مىسلىسىز غۇرۇر تۇيۇدۇم، چۈنكى، بۇ بىزنىڭ ياش كاشغەرىيشۇناسلىرىمىز تەرىپىدىن، ئارقىمىزدىن بىز بىلەن سوڭدىشىپ كېلىۋاتقان ئىلىمپەرۋەر  ئىز باسارلىرىمىز تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپات- تەڭداشسىز بۈيۈك مۇكاپات ئىدى مېنىڭ ئۈچۈن!

تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي» ۋە كاشغەرىيشۇناسلىق

  مېنىڭ تونۇشۇمچە، 1994-يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەىر قىلىنغان تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي» ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى ئارقىلىق، مۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىنى جانلىق تەسۋىرلەپ، ئۇنى پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلق ئاممىسىغا بىر ئۆرنەك ئىنسان سۈپىتى بىلەن تونۇتۇش جەھەتتە تەڭداشسىز زور رول ئوينىغان نادىر ئەسەردۇر. كېيىنكى چاغلاردا، «ئورخۇن شەجەرىسى» ۋە «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» ناملىق تارىخىي رومانلىرى بىلەنمۇ خەلققە ئۆزىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان تالانتلىق يازغۇچى پەرھات جىلان ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىڭ تارىخىي رومانى «مەھمۇد كاشغەرىي» ئارقىلىق ۋەتىنىمىزدە كاشغەرىيشۇناسلىق ئىلمىنىڭ كەڭ كۆلەمدە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن تۆھپىكار ئالىم سانىلىدۇ. پەرھات جىلان ئەپەندى مەزكۇر رومانىنىڭ خاتىمە قىسمىدا، بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۈيۈك ئابىدە ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن تارتىپ، ئۇنىڭ ئاشۇ ئۆتكەن مىڭ يىل جەريانىدا دۇنيادىكى باشقا ئالىملار تەرىپىدىن ئۆگىنىلىشى، تەقلىت قىلىنىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشىغىچە بولغان ساپ ئىلمىي پائالىيەتلەرنى مېغىزلىق بايانلار بىلەن تىزىپ كۆرسەتكەنكى، بۇ ھال مەزكۇر تارىخىي روماننىڭ بىر ژىرىك ئەدەبىي ئەسەر بولۇش بىر چاغدا، يەنە ئۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ياش ئەۋلادلارغا بىر بىباھا ئىلىم خەزىنىسىنى ئوچۇقلاپ چۈشەندۈرىدىغان ئوقۇشلۇق، ئىنساننى ئىلىم-ئالىملىق يولىغا باشلايدىغان بىر ئىلمىي رەھبەر ئەسەر ئىكەنلىكىنى تەلقىنلىق ئىپادە قىلىدۇ. بۇ روماننىڭ 2006-يىلى تۈركىيەلىك ئۆزتۈرك خانىم تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، بەش مىڭ تىراژ بىلەن نەشر قىلىنىشىمۇ مەزكۇر ئەسەرنىڭ ھەم بەدىئىيلىك ھەم ئىلمىيلىك جەھەتتە  ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان مۇنەۋۋەر ئەسەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ مېنىڭچە. شۇنداق ئىكەن، بىز تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نىڭ كاشغەرىيشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدىكى، شۇنداقلا ئومۇمىي ئىلىمپەرۋەرلىك سورۇنىدىكى رولىنى يەنىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم، ئەلۋەتتە.

مەن مۇشۇنداق تونۇش ئاساسىدا، تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نىڭ ئاشۇ 1994-يىلى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغىنىدىن بۇيانقى ئوقۇلۇش ۋە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىنى ئۆز ئىمكانىمچە قىسقىچە تەكشۈرۈپ كۆردۈم. ئومۇمىيەت جەھەتتىن مەلۇم بولدىكى، مەزكۇر رومان «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» ئاتالغان 2008-يىلدىكى يېڭى نەشرى بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم بېسىلغان. ئەمما تىراژ سانى «ئانا يۇرت» ۋە «ئىز» قاتارلىق رومانلاردىن جىق ئاز. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 1998-يىلى بىر قېتىم مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن باشقا، ھېچقانداق بىر ئورگان ياكى كوللىكتىپنىڭ تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي» ھەققىدە خاس مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس. مەن ئۆزۈم دەرس سۆزلەۋاتقان ئۈچ سىنىپ جەمئىي 118 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىچىدىن، مەزكۇر روماننى ئوقۇپ باققانلار پەقەت ئۈچ نەپەر. روماننىڭ ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغانلار بولسا، 69 نەپەر بولۇپ چىقتى.

مەن مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ، ئارتۇقچە قېيىداپ ئولتۇرمىدىم، ئۆزىمىزدىن ئاغرىنىپ كايىپ، قۇيرۇقۇمنى تالاپ يۈرمىدىم، ئەكسىچە، كۆز ئالدىمىزدىكى مەزكۇر دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدا ئەسكەن ئىلىمپەرۋەرلىك سەلكىن شامىلىدىن پايدىلىنىپ، قېرىنداشلىرىمىز ، بولۇپمۇ ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا، «مەھمۇد كاشغەرىي» رومانىنى ئوقۇش-مۇتالىئە قىلىش، شۇ ئارقىلىق، بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى ھەققىدە ساۋات چىقىرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش زۆرۈركەن دەپ قارىدىم. دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، فاكۇلتېتىمىزدىكى ئۆزۈم گەپ ئۆتكۈزەلەيدىغان 2006-يىللىق ۋە 2007-يىللىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى سىنىپىدىكى ئەۋلادلار ئارىسىدا تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نى ئوقۇپ، مەن چىقىرىپ بەرگەن سوئاللار ئاساسىدا تەسىرات ۋە ئىلمىي ماقالە يېزىش پائالىيىتى ئېلىپ باردىم. يېزىلغان ماقالىلارنى ئالدى بىلەن، مەن بىلەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان خاس كومىتېت يىغىنىدا ئوقۇپ، سەرخىللىرىنى تاللاپ چىقتۇق. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، 2008-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە، «تارىخىي رومان ‹مەھمۇد كاشغەرىي› ۋە كاشغەرىيشۇناسلىق» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى نامىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە مەن يېتەكچى بولغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا بىر يۈز قىرقتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى قاتناشتى. كەچ سائەت يەتتىدىن توققۇزغىچە ساق ئىككى سائەت داۋاملاشقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، جەمئىي 11 نەپەر ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى تەسىرات ۋە ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى. ئۇلار ئۆز سۆزلىرىدە، ئالدى بىلەن، تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نىڭ ئەمەلىيەتتە، ياش ئەۋلادلارنى بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆرنەك ھاياتىنى چوڭقۇر، ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي بىلىش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىغا ئىگە قىلغانلىقىنى، مۇشۇ رول ۋە ئەھمىيىتى بىلەن، ئۇنىڭ پۈتكۈل كاشغەرىيشۇناسلىق ئىلمى ساھەسىدە ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئاندىن، ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھات جىلان ئەپەندىنىڭ تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نى يېزىش ئارقىلىق، كاشغەرىيشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلار ئارىسىدا مەڭگۈ يىلتىز تارتىشى ۋە چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى تەكرار-تەكرار قەيت قىلىشتى. يىغىن ئەسناسىدا، تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نىڭ ئاپتورى، ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھات جىلان ئەپەندىنىڭ يىغىن ئەھلىگە يازغان ئىلھامبەخش تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. پەرھات جىلان ئەپەندىم ئۆز خېتىدە: «مەن يازغان تارىخىي رومان ‹مەھمۇد كاشغەرىي›نى ئوقۇپ، ئۇ ھەقتە خاس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگىنىڭلاردىن مەمنۇن بولدۇم. بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي سىلە-بىزنىڭ ئەبەدىيلىك ئۆگىنىش ئۈلگىمىز، ئۇنىڭ شانلىق ھاياتى سىلە-بىزنىڭ ياشام ئۆرنىكىمىز. مەن سىلەرنىڭ كاشغەرىي بوۋىمىزدىن ئۆگىنىپ، ئالىي بىلىم يۇرتىدىكى ئۆگىنىش ۋەزىپەڭلەرنى ئەجدادلارنىڭ روھى سۆيۈنگىدەك دەرىجىدە ئەلا ئادا قىلىشىڭلارنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن!» دېيىلگەنىدى. خەت ئوقۇلۇپ بولغاندا، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا ياڭرىغان ئالقىش ساداسى ئەۋلادلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى دەلىللەپ تۇراتتى.

«كىمنىڭ بار ئاشۇنداق ئالىمى قېنى، پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» ناخشىسىنى كوللىكتىپ ئوقۇش بىلەن باشلانغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى باشتىن ئاياغ تولىمۇ جۇشقۇن كەيپىياتتا ئۆتتى. سۆزگە چىققان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىيگە يۈز كېلەلىگىدەك دەرىجىدە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تىرىشىدىغانلىق ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتى. شۇنداقلا، 2008-يىلنىڭ «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولغانلىقىغا سۆيۈنۈش بىلەن تەنتەنە قىلىشتى.

دەل ۋاقتى-سائېتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن مەنلا ئەمەس. ئوقۇغۇچى شاگىرتلارمۇ رازىمەنلىك ھېس قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. ئاڭلىسام، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان بۇ پائالىيەتنىڭ سۈرەتلىرىنى شۇ كۈنىلا دەرھال مۇناسىۋەتلىك تورلارغا چىقىرىپ، زامانداش قېرىنداشلىرىنىمۇ ئۆز شادلىقىغا ھەمشىرىك قىلىپتۇ، ئاڭلىغانلار ۋە كۆرگەن-بىلگەنلەر: «ئەمەلىي پائالىيەت بىلەن كاشغەرىي يىلىغا تەنتەنە قىلىپسىلەر، سىلەرگە ئاپىرىن!» دېيىشىپتۇ.

يىل خاتىمىسىدە تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش

12-ئاينىڭ 29-كۈنى، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت سەككىز، ئەنقەرە ۋاقتى بىلەن چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو ئستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ ياش دېكتورى ۋە مۇخبىرى ئادىلجاننىڭ تېلىفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلدىم. بۇ يەردە، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇنغان سۆھبەتنى ئەينى بىلەن خاتىرىلەپ ئۆتىمەن:

  1- سوئال: سىزنىڭچە، 2008-يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟

جاۋاب:  مېنىڭچە، بۇ 2008-يىل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ۋە مەدەنىي ھاياتىدا، ئىپتىخارلىق، غۇرۇرلىنىش بىلەن تولغان ۋە تويۇنغان بىر يىل بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى بۇ يىلنى «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، پۈتكۈل تۈركىي قەۋملەر، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ھەقلىق ھالدا، ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىغا چۈمۈلدى. تۈركىيە باش بولغان تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى سەۋىيىلىك خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، كاشغەرىيشۇناسلىق ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تەتقىقاتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈردى. جۇڭگو بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن، تۈركىيە تىل قۇرۇمى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇپ، 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بېيجىڭدە ئۆتكۈزگەن «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» بۇ پەللىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيىلىك ئالىملار  قەشقەر ئوپالغا بېرىپ، بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلدى. ئانا يۇرت-ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار سۆيۈنگەنلىكتىن، خوشال بولغانلىقىدىن، 2008-يىلدىن ئىبارەت بۇ قۇتلۇق يىلنى مەڭگۈ خاتىرىلەيدىغان ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ، ئوقۇپمۇ ئۈلگۈردى. مەزكۇر ناخشىنىڭ تېكىستى مۇنداق:

ئوپال ئارت تېغىدىن بالقىغاندا كۈن،

نۇر ئىمىپ ئىللىدى ئۇيغۇر زېمىنى؛

چىللىدى ئالەمگە ئىرپان خورىزى:

«كاشغەرلىك مەھمۇد بۇ ئىلىمنىڭ پىرى!».

ئەسىرلەر قوينىدا سىنالدى «دىۋان»،

ئالەمنى سۆيدۈردى ئۇنىڭ قىممىتى؛

مىڭ يىللار ئۆتۈپمۇ ئۇنتۇلمىدى ھېچ،

مۆجىزە ياراتقان ئالىم ھىممىتى.

شۇڭلاشقا ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل،

ئاتالدى دەپ «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»،

دۇنياۋى شاراپەت كۈلدۈردى ئەلنى،

ياشنىدى شادلىقتىن ئۇيغۇرنىڭ دىلى،

مىڭ يىلغا قۇت! يەنە مىڭ يىلغا پىلان،

كۆمۈلمەس ئەجدادنىڭ ھىدايەت ئىزى.

ئىلىم-پەن مەشئىلى قوللاردا ئېگىز،

ئەۋلادنىڭ بەستىدە نۇسرەت جىلۋىسى.

نەقرات:

كاشغەرىي ۋەتەننىڭ ئابىدە تېشى،

مەھمۇد بار ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈ تىك بېشى!

   «كاشغەرىي يىلى» ماۋزۇلۇق بۇ ناخشا تېكىستى يارقىن ئاۋازلىق ياش ناخشىچى شىرئەلى ئەلتېكىننىڭ ئاھاڭغا سېلىشى ۋە باش بولۇپ ئورۇنلىشى ئارقىسىدا، سەھنىلەردە كەڭرى ئوقۇلدى ۋە ئۇ ئۆز قىممىتى بىلەن، مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ئۇيغۇر ناخشىلىرى قاتارىغا قوشۇلدى.

  مەن مۇشۇنداق ئاساسلار بىلەن، ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغان بۇ 2008-يىلنى ئانا يۇرت- ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا ئىپتىخارلىق، مۇبارەك بىر يىل بولدى، دەپ قارايمەن.

2-  سوئال: ئەمدى، 2009- يىلنىڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىسىز؟

  جاۋاب:  «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولغان 2008-يىلدىن كېيىن ئىز بېسىپلا كېلىۋاتقان ئالدىمىزدىكى بۇ 2009-يىلنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئۈچۈنمۇ بىر تىنچلىق يىلى، ئاسايىشلىق يىلى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بىر مەرىپەت-مائارىپچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، ئالدى بىلەن، شۇنداق بىر دۇئا-تىلەكتە بولغۇم كېلىدۇكى، ئانا يۇرت- ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا تۈرلۈك ئىلىم-پەن، ھەر خىل ھۈنەر- كەسپ بويىچە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئۆگىنىۋاتقان شاگىرتلار پۈتكۈل ئىجتىھادىمىز بىلەن جەزمەن ياخشى ئوقۇيلى، تىرىشىپ ئۆگىنەيلى؛ بارلىق  ئىلىم-پەن خادىملىرى ئاداققىي زېھنىمىزنى سەرپ قىلىپ ئىجاتكارلىق بىلەن ئىشلەيلى! بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي شاھىد بولۇپ تۇرۇپتۇكى، بىز ئۇيغۇرلار باشقىلار قىلالىغاننى جەزمەن قىلالايمىز، بەلكى ئەڭ ياخشى قىلالايمىز. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» پاكىت بولۇپ تۇرۇپتۇكى، مەدەنىيەت دۇنياسىدا ئۆلمەس، ئەڭ مۆتىۋەر ئەمگەك-سەمەرەلەرنى بىزمۇ يارىتالايمىز. ھەممىمىزنىڭ 2009-يىلى قۇتلۇق بولغاي!

ئۇنتۇلماس بىر يىل

«ھاينى ھۇي، توپاقنى ئۇي» دەپ بولغىچە 2008-يىل ئۆتۈپ، 2009-يىلنىڭ باھارىمۇ ئۆزگىچە ھاۋا ۋە يېڭى ناۋالار بىلەن كىرىپ كەلدى. يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۆتكەن كاشغەرىي يىلىدىكى ئۇنتۇلماس كەچۈرمىشلىرىم كۆز ئالدىمدىن كىنو لېنتىسىدەك بىرمۇبىر ئۆتۈشكە باشلىدى:  ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ماگستىرانت ئوقۇغۇچىلار ۋە دوكتورانت شاگىرتلىرىمغا «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى تەتقىقاتى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئەسەرلەردىن تاللاپ ئوقۇش»، «ئەرەب تىلى ئاساسلىرى» ۋە «تۈرك تىلى ئاساسلىرى» بولۇپ، ئالتە خىل دەرستىن جەمئىي 450 سائەت ساۋاق بېرىپتىمەن؛ «جۇڭگودىكى كاشغەرىيشۇناسلىق»، «كاشغەرىيشۇناسلىق ئىستىقبالدا»، «‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تىكى ماقال-تەمسىللەردىن ئەينى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىغا نەزەر» ۋە «‹تارىخى ھەمىدىي›دە ئۇيغۇر يۇرتلىرى ۋە ئادەملىرى» بولۇپ تۆرت پارچە ئىلمىي ماقالە ۋە «كاشغەرىي يىلى بۇ، پەخىرلەن ئۇيغۇر»، «رىقابەت ۋە ساداقەت»، «قەشقەردىن بىر كۆزنەك يېڭى مەنزىرە» ۋە بۇ «مېنىڭ كاشغەرىي يىلىم » بولۇپ، تۆرت پارچە ئەدەبىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىپتىمەن؛ 2008-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى قۇرۇم مېھمانخانىسىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقامشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بولۇپ جەمئىي تۆرت خەلقئارالىق ۋە مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئەسەر بىلەن قاتنىشىپتىمەن؛ ئوقۇغۇچىلارنى 2008-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى «تارىخى ھەمىدى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»، 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى «مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدىكى ئوپال قەبرىگاھ زىيارىتى» ۋە  12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى   «تارىخىي رومان ‹مەھمۇد كاشغەرىي› ۋە كاشغەرىيشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» بولۇپ جەمئىي ئۈچ چوڭ ئىلمىي پائالىيەتكە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيۇشتۇرۇپتىمەن. دېمەك، مېنىڭ كاشغەرىي يىلىدا ئۆتكەن ئۈچيۈز ئاتمىش بەش كۈنۈم بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينى خاتىرىلەش، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش باش مەزمۇن قىلىنغان شۇ قەدەر مول پائالىيەتلەر ۋە ئەمگەكلەر بىلەن تويۇنغان ھالدا غەلىبىلىك  ئۆتۈپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەلھەمدۇلىللاھ دەيمەن تەكرار ۋە تەكرار!

مەن بۇ ئەدەبىي خاتىرەمدە، ئاشۇ يۇقىرىقى كەچمىشلىرىمگە رازى-رىزالىق بىلەن ھەمشىرىك بولۇشنى خاھلىغان، مېنىڭ ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلىرىمنى سەمىمىيلىك بىلەن قوللىغان، ھەمدەم بولغانلارنىلا يازدىم. ئەمما، مەن: «بۇ يىل مەھمۇد كاشغەرىي يىلى بولۇپتۇ، تەبرىكلەش يۈزىسىدىن مۇنداق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزسەك، بۇنىڭغا سىزمۇ قاتنىشىپ بېرىڭ، ھېچ بولمىسا قوللاپ بەرسىڭىز قانداق؟» دېگىنىمدە، «‹2008-يىلى دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى بولدى› دەپ جۇڭگودىكى قايسى گېزىت خەۋەر يېزىپتۇ، ئەكىلىپ بېقىڭا!» دەپ ۋارقىرىغانلارنى، «‹كاشغەرىي يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت قىلساڭلار بولىدۇ› دەيدىغانغا ئاپتونوم رايوننىڭ قىزىل باشلىق ھۆججىتى بارمىكەن؟ » دەپ ھۆركىرىگەنلەرنى، بولۇپمۇ بىز ئۈستىمىزگە كاشغەرىي خاتىرە مايكىسىنى كىيىپ، مەيدىمىزگە كاشغەرىي خاتىرە ئىزنىكىنى تاقاپ، ئوپال قەبرىگاھ زىيارىتىگە ماڭغىنىمىزدا، « ئولىمپىك يىغىنى بۇ يىل جۇڭگودا ئەڭ چوڭ پائالىيەت. ئۇنىڭدىن باشقا پائالىيەت قىلىنمايدۇ. ئون-ئون بەش ئادەم بىر يەردە توپلىشىپ تۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ. ھازىر يول-يوللاردا توساقلار بار، سىلەر بۇ قىياپىتىڭلار بىلەن ھەرگىزمۇ ئۆتەلمەيسىلەر، ياخشىسى، ئاستا قايتىپ قېلىڭلار...» دەپ، ياخشى كۆڭۈل بىلەن بولسىمۇ تەربىيە قىلغان، توسقانلارنى يازمىدىم.

يەنە بىرسى، مەن بۇ ئەدەبىي خاتىرىنى ھەرگىزمۇ قىلغان ئەمگەكلىرىمنى كۆز-كۆز قىلىش، ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلىرىمنى دام-دام قىلىش ئۈچۈن يازمىدىم. ئەمما، ئەگەر بۇ خاتىرىنى ئوقۇغان ياش ئەۋلادلىرىمىزدىن: «قارا! ئاۋۇ بىر كەم ئاتمىشقا كىرگەن قېرى ئادەم تەكلىماكانىي ئاكام 2008-يىلنىڭ دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى بولغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ، ھاياجان ۋە ئىپتىخارلىق ئىلكىدە، شۇ قەدەر كۆپ ئىشلارنى، شۇ قەدەر پايدىلىق ۋە ساۋابلىق پائالىيەتلەرنى قىلىپتۇ. ئەمدى، مەن ئۇنىڭدىن ياش، ئۇنىڭدىن ئىقتىدارلىق ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ ئىمكانلىق تۇرۇپ، زادى نېمە ئىش قىلىپتىمەن؟» دەپ ئۆز-ئۆزىگە سوئال قويۇپ، ئويلىنىپ قالسا، ئۇ باشقا گەپ، ئەلۋەتتە!

2009-يىل 21-مارت، نەۋروز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-25 05:49 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
turkzad + 20 رەھمەت!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 03:20:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئابدۇرەپ ئاكا،ناھايىتى ياخشى يازما يوللاپسىز!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15919
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7666
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 2535 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2014-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 04:04:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئۇستازىم،سىز باشلاپ بەرگەن يولدا ئەۋلادلار ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ ئىنشا ئاللاھ. سىز قېزىۋاتقان بۇلاقنى قېزىشقا بىز تەييار؛سىز كۆتۈرگەن بايراقنى كۆتۈرۈشكە ھەم بىز تەييار.

uyfizika.biz

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 870
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5686
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 2239 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 04:05:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  يىل  ئالتە  يىل  بولۇپتۇ،  بۇ  پائالىيىتلەردىن  ئەينى  چاغدا  ئاز بولسىمۇ  خەۋەردار  ئىدىم.   ئەمدى  تېخىمۇ  ئې

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101286
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 752
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 642 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 07:16:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توققۇزاق ناھىيە بولدىمۇ يا ؟؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 08:29:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا تەشەككۇر ، ئېسىل يازمىكەن …

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50682
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3411
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 660 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 08:40:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازنىڭ بۇمۇنبەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىغا مەرھابا،ئۇستازنىڭ ئىشلىرى تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10799
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 09:28:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بەك ئېسىل تىما يوللاپسىز! نادىرلاشقا تىگىشلىك ئىسىل تىما بوپتۇ! رەھمەت سىزگە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەرتۇرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 09:29 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10799
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 09:38:46 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەھمۇد كاشغەرى

مىڭ يىل بۇرۇن ئىسىل خەرىتە سىزىپ،
بىزنى تاڭ قالدۇرغان مەھمۇد كاشغەرى.
كۆپ تىل بىلگەچكە نۇرغۇن يەر كىزىپ،
پەن بىلىم ئاشۇرغان مەھمۇد كاشغەرى.

كىم يازغان شۇ چاغدا دىۋاندەك لۇغەت،
كىم سىزغان ۋەتەن غەرىتىسىدىن خەت.
پەخىرلەنسەك ھەقتۇر سىنىڭدىن قەۋەت،
پەخىرلىك يول ئاچقان مەھمۇد كاشغەرى.

مىڭ يىلدىن بۇرۇنقى تىلىمىزنى بىز،
بىلدۇق سەن دىۋاندا قالدۇرغاچقا ئىز.
تىلىمىزدىن توپلاپ ئىلىم پەن مېغىز،
دۇنياغا نۇرچاچقان مەھمۇد كاشغەرى.

ئەل كەزدىڭ خەلقىڭدەك ئۇز تىلىڭنى دەپ،
كەلسىمۇ ئالدىڭغا جاپالار سەپ سەپ.
نەدە بولسا ئىلىم پەن ھەقنى كۆزلەپ،
ئىلىم پەن بويلىغان مەھمۇد كاشغەرى.

ئاخىرى ئۆز يۇرتى كاشغەرگە كىلىپ،
ئۆتكەن ئەۋلاتلارغا تىل بىلىم بىرىپ،.
ئۆگەنسەك ئەرزىيدۇ روھىڭنى قېزىپ،
ئەلگە قۇت ئويلىغان مەھمۇد كاشغەرى.
2008.8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10799
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 09:43:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد  ۋەتىنى

نۇرمۇھەممەد ئېركى( 1927 - 1984)


ئالىمدۇر دۇنيانىڭ،  ئىنساننىڭ جېنى،
ئالىملار ئالىمنىڭ بىلەر قەدرىنى.
يۇرتىمىز ئالىمنىڭ،  ئەدىبنىڭ كانى،
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد  ۋەتىنى!

شەرق ئىلىم دۇنياسى ئىچرە يىگانە -
بىر يۇلتۇز شۇنچە ساپ، شۇنچە  نۇرانە.
ئەجرىگە قايىلدۇر ئۆز ۋە بىگانە،
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى  قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

يۇلتۇزكى يۇلتۇزلار ئارا  سەرۋەرى،
يۇلتۇزكى يۇلتۇزلار ئارا ھۆكەرى.
مۇبارەك ئىسمىدۇر مەھمۇد  كاشغەرىي،
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد  ۋەتىنى!

تىل دېمەك - بىر ئەلنىڭ ھايات بەلگىسى،
مەھمۇددۇر شۇنچە زور  بەلگە ئىگىسى.
ئانا تىل سۆيگۈسى - ۋەتەن سۆيگۈسى ...
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق  ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

<دىۋان>دۇر - تۈرك  تىلى ئىرپان غەزنىمىز،
مىڭ يىلدىن بۇرۇنقى بىلىم پەللىمىز.
<دىۋان>دىن  شەرەپ ھىس قىلار خەلقىمىز.
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن  دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

<دىۋان> دۇر دۇنيادا ئەجەپ  مۆجىزات.
بولمىدى ئۇ تارىخ بەيگىسىدە مات.
بەلكى ئۇ بولدى پەن ئەھلىگە  قانات،
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد  ۋەتىنى!

بىر ئەلكى، بەرسە ئۇ شۇنداق بىر ئوغۇل،
بولسا ئۇ ئىرپاندا  ئالەمگە مەقبۇل،
قىسمامدۇ بېشىغا قىلىپ ئۇنى گۈل؟!
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق  ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

گۈل قىلىپ قىستىڭ سەن،  ئاپىرىن ساڭا!
كۆپ ئىززەت ۋە ھۆرمەت ئەيلىدىڭ ئاڭا.
زامانەم، بۇ ئىشىڭ يارىدى  ماڭا.
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد  ۋەتىنى!

ئالىمنى ھۆرمەتلەش - گۈللەشكە ئاساس.
ھەر ئەلدە راۋاج ۋە  ياشناشقا ئاساس.
ئىرپانغا ھەممىنى ئۈندەشكە ئاساس.
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق  ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

مەھمۇدنىڭ ۋەتىنى - ئەي  ئەزىز قەشقەر!
قەدىرلە ئوغلۇڭنى، ئۇ گوياكى زەر!
ئۇ - ئادەم شەكلىدە يارالغان  گۆھەر ...
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد  ۋەتىنى!

گەر ئاڭا زامانداش بولمىسام ئۆزۈم،
تۇپراقداش بولغاچقا ئاپتاپتۇر  يۈزۈم ...
قەبرىنىڭ خاكىنى سۈرتىۋال كۆزۈم.
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى  قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

بوۋامنى ئالەمگە راسا  داملىتاي.
ۋەسىيەت: مەن ئۆلسەم يېنىدا ياتاي.
جاۋاھىر ئورنىدا شېئىرىمگە  قاتاي.
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد  ۋەتىنى!

1983 - يىل. قەشقەر

بۇ شېئىر شائىر نۇرمۇھەممەد  ئېركىنىڭ <ئۆچمەس تامغىلار> دىگەن شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىنغان.


ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەرنى داڭلىق يازغۇچى، ئاتاقلىق ئوبزورچى يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ 2012-يىلى 4-ئايدا نەشىر قىلىغان ئەسىرى "لاي قەلئەنىڭ سىرى" ناملىق كىتابىغا ئېلىنغان ماقالىلىرىدىن "پەخىرلەن دۇنياغا، مەھمۇد ۋەتىنى" ماۋزۇلۇق ماقالىنى (مەزكۇر كىتاپنىڭ 355-366-بەتلەر) ئوقۇغاندىن كېيىن دەرھال بۇ شېئىرنى ئىزدەپ تاپتىم ۋە بۈگۈنكە قەدەر بۇ شېئىرنى ۋە ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان ژانىرلىرىنى قانداق بولۇپ ئاڭلىمىغان ۋە كۆرمىگەن بولغانلىقىمدىن ئەپسۇسلاندىم. شۇنىڭ بىلەن دەرھال قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىچىدىمۇ بەلكىم ماڭا ئوخشاش بۇنىڭدىن مەھرۇم قالغانلار بولۇشى دېگەن ئوي بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ يوللاپ قويدۇم...

تۆۋەندىكى مەن يازغان مەھمۇد كاشغەرى ھەققىدىكى شىئېر.
         مەھمۇد كاشغەرى

مىڭ يىل بۇرۇن ئىسىل خەرىتە سىزىپ،
بىزنى تاڭ قالدۇرغان مەھمۇد كاشغەرى.
كۆپ تىل بىلگەچكە نۇرغۇن يەر كىزىپ،
پەن بىلىم ئاشۇرغان مەھمۇد كاشغەرى.

كىم يازغان شۇ چاغدا دىۋاندەك لۇغەت،
كىم سىزغان ۋەتەن غەرىتىسىدىن خەت.
پەخىرلەنسەك ھەقتۇر سىنىڭدىن قەۋەت،
پەخىرلىك يول ئاچقان مەھمۇد كاشغەرى.

مىڭ يىلدىن بۇرۇنقى تىلىمىزنى بىز،
بىلدۇق سەن دىۋاندا قالدۇرغاچقا ئىز.
تىلىمىزدىن توپلاپ ئىلىم پەن مېغىز،
دۇنياغا نۇرچاچقان مەھمۇد كاشغەرى.

ئەل كەزدىڭ خەلقىڭدەك ئۇز تىلىڭنى دەپ،
كەلسىمۇ ئالدىڭغا جاپالار سەپ سەپ.
نەدە بولسا ئىلىم پەن ھەقنى كۆزلەپ،
ئىلىم پەن بويلىغان مەھمۇد كاشغەرى.

ئاخىرى ئۆز يۇرتى كاشغەرگە كىلىپ،
ئۆتكەن ئەۋلاتلارغا تىل بىلىم بىرىپ،.
ئۆگەنسەك ئەرزىيدۇ روھىڭنى قېزىپ،
ئەلگە قۇت ئويلىغان مەھمۇد كاشغەرى.



   تۈركى تىللار دىۋانى  ۋە مەھمۇد كاشغەرىى ھەققىدە


 

(«تۈركى تىللار دىۋانى» 1072-يىلى يېزىلىشقا باشلىنىپ، 1074-يىلى تاماملانغان. 1076-يىلغىچە قايتا تۈزۈتۈلۈپ، ئابباسلار خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم مۇقتەدى بىئەمىرۇللاغا ئارماغان قىلىنغان)

«تۈركى تىللار دىۋانى» تۈركى خەلقلەر مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ھەرقايسى تۈركى قەبىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئېتنىك تەركىبى، جۇغراپىيلىك جايلىشىشى، ئىقتىسادى ئىگىلىك شەكلى، مەدەنىيىتى، ئېغىز ئەدەبىياتى، جەمىئىيەت ئەھۋالى، تۇرمۇش ئادەتلىرى، تەبىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تىببىي چۈشەنچىلىرى، ئىچكى-تاشقى مۇناسىۋەتلىرى، تىل فورمىسى ۋە تىل ئادەتلىرى، تارىخىي ئۇدۇملىرى ۋە پەلسەپەۋى-ئەخلاقى ھېكىمەتلىرىنى شۇنداقلا ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان تەبىئىي ئامىللار ھەم تۈرلۈك ھايۋانئات ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرى قاتارلىقللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان چوڭ تىپتىكى قامۇس.

بۇ ئەسەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئويغۇنۇش دەۋرىگە ئاساس سالغان ھەم ئۇنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر تۈركلوگ، دۇنيا تۈركىلوگىيە ئىلمى ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى، تونۇلغان لۇغەتشۇناس ھەم خەرىتە شۇناس مەھمۇد كاشىغەرىي يېزىپ چىققان.

ئۇنداقتا مەھمۇد كاشىغەرىي كىم؟ «تۈركى تىللار دىۋانى» قانداق مەيدانغا كەلگەن ھەم قانداق يوللار ئارقىلىق بۈگۈنگە ئۇلاشقان؟ قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟

بىز بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكى بەش نۇقتا بويىچە ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمىز:

 

1› مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ھاياتىي پائالىيىتى.

دىۋاندىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشىغەرىي ھازىرقى قەشقەرغە قاراشلىق ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىخ كەنتىدە تۇغۇلغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما نەسەبى ۋە تۇغۇلغان ۋاقتى، ھاياتى پائالىيىتى توغرىسىدا ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئىلىم ئەھلىلىرى ئەتىراپلىق ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق ئالىمنىڭ نەسەبى ۋە ھاياتى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا كىشىنى قايىل قىلىدىغان بەزى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

بىزگە ئالىمنىڭ ھاياتى-پائالىيىتى توغرىسىدا تولوق بولمىغان ھەر خىل رىۋايەتلەر يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بىر رىۋايەتتە، مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ 1080-يىلى باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ، ئوپالغا ماكانلاشقانلىقى ۋە شۇ يەردە 10 يىل مۇدەررىسلىك قىلىپ، 1090-يىلى 97 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، ئالىم 993-يىلى تۇغۇلغان بولىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە 1057-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن قانلىق سۈيىقەستتىن كېيىن، 49 ياشلىق مەھمۇد كاشىغەرىي پامىر تاغلىرىدىكى خەتەرلىك مۇق جىلغىسى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى قەيت قىلىنغان. بۇ رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشىغەرىي 1008-يىلى تۇغۇلغان بولىدۇ. مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ قەبىرىسىدىن تېپىلغان ۋە 1791-يىلى يېزىلغانلىقى قەيت قىلىنغان «تەزكىرەئى ھەزىرەتئى موللا» ناملىق يازما ئەسەردە، مەھمۇد كاشىغەرىي باغداتتىن قايتقاندىن كېيىن سەككىز يىل مۇددەرسلىك قىلىپ، 97 يېشىدا ھىجىرىيە 477-يىلى (مىلادىيە 1084-1085) ۋاپات بولغانلىقى خاتىرلەنگەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا 987-، 988-يىللاردا تۇغۇلغان بولىدۇ.

تەتقىقاتچىلار ئالىمنىڭ ھاياتى-پائالىيتىگە دائىر ماتېرياللارنى قايتا-قايتا دەلىللەش ۋە دىۋاننى ئارماغان قىلغان ۋاقىت ھەم ئارماغان قىلىنغان شەخسنىڭ ھاياتى قاتارلىق ئەينى دەۋردىكى مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئۇچۇرلارنى باغلاپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئالىمنىڭ 1008-يىلى تۇغۇلۇپ، 1105-يىلى 97 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى مۇقۇملاشتۇردى.

نەسب كېلىپ چىقىشىدىن قارىغاندا، ئالىمنىڭ ئاتا جەمەت نەسەبى قاراخانىيلار خان جەمەتى بىىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئاتا جەمەت نەسەب سىخېمىسى تۆۋەندىكىچە:

‹1› كۆل بىلگە خاقان (قاراخانىيلارنىڭ قۇرۇغۇچىسى ۋە تۇنجى خاقانى. 840-يىلدىن ئېتىبارەن خاقان بولغان) ‹2› بازىرخان ‹3› ئابدۇلكېرىم ساتۇق بۇغىراخان (932-يىلى ئىسلامىيەتنى قارىخانىيلارنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ قوبۇل قىلغان، 955-يىلى ۋاپات بولغان) ‹4› سۇلايمان خان ‹5› ئەبۇل-ھەسەن ھارۇن قىلىچ بۇغىراخان (992-يىلى ۋاپات بولغان) ‹6› يۈسۈپ قادىرخان (1032-يىلى ۋاپات بولغان) ‹7› مۇھەممەد بۇغىراخان بىن يۈسۈف (تىراز ۋە ئىسفىجاپنىڭ ھۆكۈمرانى. 1057-يىلى ۋاپات بولغان) ‹8› ھۈسەيىن بىن مۇھەممەد چاغرى تىگىن (بارىسغانغا ھاكىم بولغان. 1057-يىلى ۋاپات بولغان) ‹9› مەھمۇد بىن ھۈسەيىن ئەل-كاشىغەرىي (1008-1105).

ئالىمنىڭ ئانا جەمەتىمۇ ئەينى دەۋردىكى نوپۇزلۇق جەمەت بولۇپ، ئانىسى بۈبى رابىيە قارىخانىيلار خانلىقىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى خوجا سەيفەددىن بۈزۈرۈكۋارنىڭ قىزى ئىدى.

يۇقارقىدەك ئائىلىدە تۇغۇلغان مەھمۇد كاشىغەرىي كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولغان بولۇپ، باشلانغۇچ تەربىيەنى ئائىلىسى ھەم ئوپالدا، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىكى مەشھۇر ئۆلىمالار مۇدەررىسلىك قىلغان ھامىدىيە مەدىرىسى ۋە شۇ چاغلاردا پۈتۈن شەرققە مەشھۇر بولغان ساجىيە مەدىرىسىدە ئالغان. بۇ جەرياندا ئۇ  ئەينى دەۋردە ناھايتى مۇھىم ھېسابلانغان ئىسلامىيەت بىلىملىرىنى پۇختا ئۆگۈنۈپلا قالماستىن، تىل، گىرامماتىكا، لوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاستىرونومىيە، تىبابەتچىلىك قاتارلىق پەننىي بىلىملەرنى ھەم ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش، نەيزىۋازلىق قاتارلىق ھاياتلىق بىلىملىرىنىمۇ ياخشى ئۆگەنگەن. شۇڭا ئۇ ئوردىدىكى قانلىق سۈيىقەستتىن ئامان قېلىپ، بېشىنى ئېلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى قەبىلىلەر مۇھىتىنى سەير قىلغاندا ۋە دىۋان ئۈچۈن ماتېريال توپلىغاندا ئۇنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرى ھاياتى ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم كاپالەت ئاساسى بولغان.

1058-يىلى ئوردا ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلار تەبىقىسى ئارىسىدا، خانلىق تەختىنى تالىشىپ ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق قانلىق سىياسىي ئۆزگۈرۈشتە ئالىمنىڭ ئاتىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان. تەساددىپى ھايات قالغان مەھمۇد كاشىغەرىي پامىر تاغلىرىدىكى خەتەرلىك مۇق جىلغىسى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا 15 يىل تەكشۈرۈشتە بولۇپ، «ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن-ئاياق كېزىپ چىقىپ، تۈركى خەلقلەرنىڭ سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىغا دائىر ماتېرياللارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يىغىپ، رەتلەپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلغان، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە قىسىملىرىنى دېگۈدەك ئايلىنىپ چىققان، ئىلى دەرياسىدىن تارتىپ ئامۇ، سىر دەريالىرىغىچە بولغان كەڭ رايونلارغا جايلاشقان ئوغۇز تۈركمەنلىرىدىن 22 ئۇرۇقنى، تۈركى قەبىلىلەردىن ئۇيغۇر، ياغما، چىگىل، قارلۇق، پەچەنەك، قىپچاق، ئوغۇز، يەمەك، باشقىرت، باسمىل، قاي، ياباقۇ، تاتار، قىرغىز، توخسى، ئوغراق، چارۇق، چۇمۇل، تۈركمەن قاتارلىق 20 قەبىلىنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرگەن. قەبىلە ئىسىمى، ئادەم سانى، جايلىشىش، قەبىلە تۈزۈلۈشى، جۇغراپىيە ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ خاتىرلىگەن. تىل، تارىخ، ئەدەبىيات، ئاستىرونومىيە، ئېتنوگىرافىيە، تىبابەتچىلىك، ئۆرۈپ-ئادەت، يوسۇن-قائىدىلەرگە ئائىت ئىنتايىن كەڭ ۋە قىممەتلىك مەلۇماتلارنى، فولوكلور ۋە يازما ئەدبىيات نەمۇنىلىرىنى توپلاپ رەتكە سېلىپ چىققان.» («ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى» 249-250-بەتلەر).

ئالىم «تۈركى تىللار دىۋانى» ئۈچۈن يېتەرلىك ماتېريالغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، 1072-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر تۈرك خانلىقلىرىدىن بىرى بولغان سالجۇق تۈرك سۇلتانلىقىنىڭ سۇلتانى مەلىكشاھنىڭ خانىشى، ئۆزى بىلەن بىر جەمەتتىن بولغان تەركەن قاتۇننىڭ ھىمايىسىدە، سەلجۇقلار سۇلتانلىقىنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئەرەب ئابباسلار خانلىقىنىڭ پايتەختى باغداتقا بېرىپ، 15 يىل توپلىغان ماتېرياللىرى ئاساسىدا، ئىلگىرى ئاز-تولا باشلاپ قويغان مەشھۇر ئەسىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» نى رەسمىي يېزىشقا كىرىشكەن ھەم تۆت قېتىم تولوقلاپ، تۈزۈتۈپ ھەم رەتلەپ چىققاندىن كېيىن، 1074-يىلى تاماملاپ، 1075-يىلى ئابباسلار خەلىپىلىكىنىڭ 27-خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمىرۇللاغا تەقدىم قىلغان.

ئالىم دىۋاننى ئوبۇلقاسىم مۇقتەدى بىئەمىرۇللاغا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، يەنە بىر مەزگىل شۇ يەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتى ئوپالغا قايتىپ كېلىپ مەدىرىسەئى مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىس بىنا قىلىپ، سەككىز يىل مۇددەرسلىك قىلغان. 1105-يىلى 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

ھازىرغىچە ئالىمنىڭ باغداتتىن يۇرتى ئوپالغا قاچان قايتىپ كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئېنىق مەلۇمات يوق. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئۆز تەتقىقاتىدا، ئالىمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتى ئوپالغا قايتىپ كېلىپ سەككىز يىل مۇدەرسلىك قىلغانلىقىغا ۋە 1105-يىلى 97 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە ئاساسەن، ئالىمنى 1097-يىلى 89 يېشىدا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە راست شۇنداقمۇ-ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن. چۈنكى بۇ يەردە، ئالىم يۇرتىغا قايتىپ كېلىپلا، شۇ يەردە ئىلگىرى بار مەدىرىسنىڭ نامىنى ئۆز نامىغا ئۆزگەرتىپ مۇددەرسلىك قىلىشقا باشلىغانمۇ ياكى بىرنەچچە يىل تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، مەدىرىسەئى مەھمۇدىيەنى بىنا قىلىپ، ئۇنىڭغا يېتەرلىك تالىپ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن مۇدەرسلىك قىلىشقا باشلىغانمۇ؟ ئالىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇددەرسلىك بىلەن شۇغۇللانمۇ ياكى سەككىز يىل مۇدەرسلىك قىلغاندىن كېيىن يەنە بىرنەچچە يىل ئارام ئېلىپ ئاندىن ئالەمدىن ئۆتكەنمۇ تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلى ىدۇ0.

2013-

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش