مەڭگۈلۈك ئاماننىساخان
(ناخشا تېكىستى)
(مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى خاتىرىلەپ)
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايلىقى ئىچرە،
ئون ئىككى مۇقامدۇر ئەلا دۇرەخشان.
ئون ئالتىنچى قەرندە رەتلىگەن ئۇنى،
نەفىسىي لەقەبلىك ئاماننىساخان.
دادىسى مەھمۇد ھەم مۇقامچى ئىدى،
سەتارىغا كۈي بەرگەن پۈتكۈل دولان.
قەدىرخان ياركەندىي قولدىشى، يەنە-
ئارقا تىرەك سۇلتان ئابدۇرەشىد خان.
ئەخلاقى جەمىلە، شۇرۇھۇل قۇلۇب*،
نادىر كىتابلاردۇر نەفىسىي يازغان.
خوتۇن -قىزلار ئەخلاق تەربىيەسىدە،
ئەبەد پۈتمەس ئىلىم چەشمەسىن قازغان.
ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى كۆك ئاسمان بولسا،
ئاماننىساخاندۇر ئۇندا ئاي چولپان.
ئەۋلادلار جۆر بولۇپ كۈيلەر قاتىدۇ،
تارىم، تەكلىماكان يەنە زەرەپشان.
نەقرات:
مەڭگۈلۈك ئۇستاز سەن ئاماننىساخان،
سەن تاراتقان مۇقامدىن مەمنۇن جاھان.
2014-يىل 7- مارت، بېيجىڭ.
* ئەخلاقى جەمىلە: گۈزەل ئەخلاق؛ شۇرۇھۇل قۇلۇب: قەلبلەر شەرھلىرى، ئاماننىساخان نەفىسىي يازغان ئەخلاقشۇناسلىق ھەققىدىكى كىتابلار.
作品题目汉译:永远的阿曼尼萨汗
作者:阿布都鲁甫.甫拉提 (中央民族大学维吾尔语言文学系教授,博士,博导)
邮箱:teklimakanlik@aliyun.com
联系方式:13717649104
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-18 12:33 PM