مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9474|ئىنكاس: 97

(bilgejan)كۆچۈرمىكەشلەرنى بايقۇت قىلىمەن!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19726
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2078 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 10:05:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆچۈرمىكەشلەرنى بايقۇت قىلىمەن!

تۈنۈگۈن دوستۇم بۇ ماقالىنى ئوقۇپ باق دەپ ئەۋەتىپتىكەن، قارىسام مەن ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان ئىزدىنىشقا مېھمان تەكلىپ قىلدىم  تېمىغا «دوكتور ئالىم پولات يېقىندا نوبېل ئورگىنىدا ئىشلەيدۇ»  دېگەن ماۋزۇ بىلەن نە ئاپتور نە مەنبەسىنى ئەسكەرتمىگەن ھالدا ئېلان قىلىپ تارقىتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولدۇم ۋە مەن ئۆز قولۇم بىلەن يازغان ماقالىنى كېسىپ ئىلىپلا خۇددى ئۆزى يازغاندەك ئېلان قىلىۋالغان بۇ نومۇسسىز ئۈندىدار سالونىغا غەزىپىم كەلدى. بۇ ئاتالمىش «Uysalaon» يەنى ئۇيغۇر سالونى دەپ ئاتالغان ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى باشقا مەنبەلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تېمىلارنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشتەك ئاددى قائىدىگىمۇ ئەمەل قىلمىغان. ماقۇل ئاپتورنىغۇ ئەسكەرتمىسۇن، مەنبەسىنى نېمىشقا ئەسكەرتمەيدۇ؟! بۇنداق تېمىلارنى قانچە كۆپ ئادەم كۆرسە شۇنچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما كۆچۈرمىكەشلىك ئەۋج ئالغان بۇ دەۋىردە مەن ھەرگىز بۇ ئىشقا تاقەت قىلمايمەن چۈنكى مەيلى دەپ ھەممىمىزنىڭ كارى بولمىسا كۆچۈرمىكەشلىك تېخىمۇ ئەۋج ئالىدۇ. بۇنىڭغا ئاچچىقىم كەپ تۇرسام، يەنە بىر دوستۇم دوستلار چەمىبىرىكىگە ئوخشاش مەزمۇننى يوللاپ قويۇپتۇ، بۇ «munbirim» يەنى مۇنبىرىم دەپ ئاتالغان ئۈندىدار سالونىنىڭ يوللىغىنى بولۇپ بۇلار ھەر ھالدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپتۇ، قارىسام «نادىرلار تورى»ىدىن ئېلىندى دەپ تۇرۇپتۇ. مەن دەرھال نادىرلار تورى دەپ ئىزدەپ كىرسەم راست دېگەندەك بۇ تور بەتنىڭ بېكەت باشلىقى نادىرلار ئەپەندى بۇ يازمىنىڭ ئاپتورى ياكى مەنبەسىنىمۇ ئەسكەرتىمىگەن ھالدا يوللىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاتايىتەن بۇ ئاتالمىش نادىرلارنىڭ تورىغا تىزىملىتىپ كېرىپ شۇ تېما ئاستىغا «قارىسام سىز ئالىم پولاتنى ئوبدان تونۇيدىغاندەك قىلىسىز، ئۇ قاچان قەيەردە تۇغۇلغان؟» دەپ ئىنكاس قالدۇرۇپ قويدۇم، مەقسىتىم بۇ كىشى يالغانچىلىقنى قەيەرگىچە قىلار دېگەننى بىلىپ بېقىش ئىدى. ئەمما بۇ تور بېكەتنىڭ ئىگىىسى ھەر ھالدا ئىنساپلىق ئىكەن، جاۋاپ قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا بۇ ماقالىنى ئۆچۈرىۋىتىپ ماڭا ئۇچۇر قىپتۇ. گەرچە ئۇ بۇ ئىشنى ئاشكارىلىماسلىقنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، مەن يەنىلا بۇنى جامائەتكە بىلدۈرۈشنىڭ مۇشۇنداق كۆچۈرمىكەشلىكلەرگە ساۋاق بولۇپ قىلىشىنى كۆزلەپ بۇ ئىشنى يەنىلا ئاشكارا قىلىشنى قارار قىلدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىش دوستۇم ئالىمنىڭمۇ قۇلىقىغا يەتكەن بولۇپ، بايا قارىسام بۇ ئۇچۇر ھەتتا فېيسبۇكتىمۇ ئېقىپ يۈرۈپتۇ. ئالىم بۇنىڭدىن ناھايىتى بىئارام بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە مەنمۇ ناھايىتى خىجىل بولدۇم.

ھېلىمۇ كۆچۈرمىكەشلەر بەك ئىنساپسىز بوپ كەتكەچكە ئۇيغۇر جەمئىيتىدە كىتاپ، فىلىم ۋە ياكى باشقا نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ راستىدىن يالغىنى كۆپ بولۇپ مېھنەت قىلغانلارنىڭ ئەمگىكى ھېچقانداق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەيدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتتى. مۇشۇ كۆچۈرمىكەشلىككە زادى قانداق ئۇسۇلدا تاقابىل تۇرغىلى بولار؟

ئىلگىرى مۇنبەردىكى شەھلا خانىم مۇشۇنداق ئەھۋلغا يولۇقۇپ ناھايىتى خاپا بولۇپ بىر تېما يازغان، مەنمۇ ئۇنى قوللىغان ئىدىم.   بۇ مېنىڭ بۇنداق ئىشقا تۇنجى قېتىم يولۇقۇشۇم ئەمەس ئىدى. ئىلگىرى ئەلكۈيى تورى مەن ۋە دوكتور تاشپولات روزى ئاكام بىرلىكتە دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنى زىيارەت قىلغان فىلىمنى ئەلكۈيى تورى خۇددى ئۆزىنىڭ خادىملىرى ئەلكۈيى تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ زىيارەتنى ئىلىپ بارغاندەك ھېچقانداق مەنبەنىمۇ ئەسكەرتمەستىن ئەسلى مەزمۇننى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قىلىپ كۆرسىتىپ ئېلان قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن شۇ ئىشتىن كىيىن ئەلكۈيى تورىغا قەدەم بېسىپ باقمىغان ئىدىم.  ھېلىمۇ بىز باشقىلاردەك قەلەم ھەققى بېرىدىغان ژورناللاردا ئېلان قىلىپ ۋاقتى ئۇزارغاندا ئاندىن مۇنبەرلەرگە يوللايمىز دېمەي، يازغاننى ئەڭ تېز، شۇ مېنۇتنىڭ ئۆزىدە ھېچبىر تەماسىز يوللايمىز. باشقىلار تارقاتسا ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئەمما ئۆزى يازمىغان نەرسىنى شۇنداقلا يوللاشقا چىدايدىغان قانداق يۈزدۇ؟ يازغان ماقالەمنىڭ ئىچىدە 50% كە يېقىن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قىسمى باشقىلار يازغان، سۆزلىگەن ماتىرىياللاردىن ئېلىنغان بولسا مەن ئالاھىدە پالانچىنىڭ ئەسىرىدىن تەرجىمە دەپ ئەسكەرتىپ ئەسلى قەلەم تەۋرەتكۈچىگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن، تەرجىمە ئەسەر بولسا تەرجىمە دېسە نېمە بوپتۇ؟! تەرجىمە دېسە ئەجىرى ئازراق سېڭگەنكەن دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتماسلىقتىن شۇنداق قىلامدۇ، يا؟ تەرجىمە ئەسەرنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى نۇرغۇنلار ئۇنتۇشقان بولسا كېرەك. مەيلى قايسى خىلدىكى ئەسەر بولسۇن، ئاپتورنىڭ قايسى تور بەتلەردە ئېلان قىلىشى ئۆز ئىختىيارلىقىدىكى ئىش، پايدىلىق ئۇچۇرلارنى باشقىلار كۆچۈرسە بولىدۇ، ئەمما چوقۇم قەلەم تەۋرەتكۈچىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت بىلدۈرلۈشى، ئاپتور خالاپ ئېلان قىلغان ئەسلى مەنبەگىمۇ تىگىشلىك ھۆرمەت بىلدۈرلۈشى كېرەك.
ئامېرىكىدا باشقىلارنىڭ يازغان بىر جۈملە سۆزىنىمۇ نەقىل ئالغان تەقدىردىمۇ شۇ پېتى ئۆزگەرمەي يېزىش ئىلمىي ساختىپەزلىك دەپ قارىلىدۇ ۋە شۇنداق قىلغان كىشنىڭ يەنە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. نۇرغۇنلارنىڭ ئابزاس-ئابزاسلاپ، ھەتتا يازغانلىرىنىڭ 80% تى باشقىلار يازغاننى شۇ پېتى تەرجىمە قىلىپ ياكى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كەلگەن تۇرۇقلۇق نەقىل ئالدىم دەپ قويۇپلا ئۆزىنىڭ كاللىسىدىن چىقمىغان نەرسىگىمۇ تەرجىمە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەيدۇ، ئەسلى ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە تىگىشلىك ئىززەتنى بەرمەيدۇ. بۇنداق قىلىۋەرسەك، كىمنىڭمۇ ئۆزى كاللىسىنى ئىشلىتىپ يېڭى ئوي-پىكىرلەرنى ئويلاپ ئولتۇرغۇسى، ئىجادىي ھالدا قەلەم تەۋرەتكۈسى كېلىدۇ؟ بۇ پەقەت تور يازمىلىرىغىلا قارىتىلغان گەپ بولماستىن، بەلكى بارلىق نەشىر بۇيۇملىرىغا ماس كىلىدىغان گەپ. بۇ خىل كۆچۈرمىكەشلىككە كۈچىمىز يېتىشىچە قارشى تۇرساق بولاتتى.

خۇددى ئەمەلدارلار چېرىكلىشىپ كەتتى دەپ قاقشاپ، ئەمەليەتتە جەمئىيەتتىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر چېرىكلەشكەچكە، ئەمەلدارلار مەجبۇرى چېرىكلىشىدىغان دەرىجىگە بارغان تۇرسىمۇ، نۇرغۇنلار ئۆزىنىڭ چېرىكلەشكىنىنى تاختا بېشىغا ئىلىپ قويۇپ توختىماي جەمئىيەت چېرىكلىشىپ كەتتى دەپ ئاغرىنىدۇ. كۆچۈرمىكەشلىكمۇ ئوخشاش، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلا ئەمەس، قوبۇل قىلغۇچىنىڭمۇ بۇ ئىشتا بەلگىلىك مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.  

ئاخىرىدا مەن كۆچۈرمىكەشلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش مەيدانىمنى ئېنىق ئىپادىلەش، ئىلگىرىكى ۋە بۇ قېتىمقى كۆچۈرمىكەشلىككە بولغان بولغان غەزەپلىنىشىمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باياناتنى ئېلان قىلىمەن:


تۆۋەندىكى تور بەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈپ مەن يازغان ماقالىلەرنى ئۆز نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتمەي تارقاتقانلىقى ئۈچۈن بۇندىن كىيىن مەن بۇ تور بەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرىنى بايقۇت قىلىمەن ۋە بۇندىن كىيىن ھەر قانداق ئەسىرىمنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن تەقدىردىمۇ يوللىشىغا رۇخسەت قىلمايمەن. بۇلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

1. ئەلكۈيى تورى

2. نادىرلار تورى

3. Uysalon ئۈندىدار سۇپىسى

4. نۇر تورى

5. ئىزلەن ئۈندىدار سالونى (IZLAN)

munbirim سۇپىسى نادىرلار تورىدىن كۆچۈرۈپ شۇ كۆچۈرگەن مەنبەنى ئەسكەرتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇندىن كىيىن مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن يازمىلارنى كۆچۈرۈپ تارقاتماسلىقىنى ئەسكەرتىمەن ۋە ئەسەرلىرىمنى يوللىماقچى بولسا ئاۋۋال رۇخسىتىمنى ئېلىشىنى سورايمەن.


ئاگاھلاندۇرۇش بەرگۈچى: تۇرسۇنجان نۇرمەمە بىلگە (بىلگەجان)

2014-يىلى ئاپېرىلنىڭ 2-كۈنى



ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

bilgejan بۇ ئىنكاسنى 7-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

مەن بۇ تېمىنى ئالدىراشلا يوللىدىم، ھەپتە ئاخىرىدا ۋاقىت چىقىرىپ كۆچۈرمىكەشلىك توغرىسىدا ئەمەلىي مىساللار بىلەن بىر ئەمەس يەنە بىر نەچچە تېمىلارنى يوللايمەن. كۆچۈرمىكەشلىككە قارشى تۇرۇش ھەر بىرىمىزنىڭ زىممىسىدىكى ۋە ...

bilgejan بۇ ئىنكاسنى 6-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

بۇ يەردە گېپى بولۇنۋاتقان تېمامنى يەنە مىسرانىم تورىدىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن كۆپرەك كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېلان قىلغان ئىدىم. https://uyghur-archive.com/misranim/thread-121652-1-1.html ئىزدىنىش تورى ۋە مىسرانىم تورىدىن باشقا تور بەتلەردە ...

Aytugh بۇ ئىنكاسنى 25-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

تۈنۈگۈن ئۇندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئايلىنىپ يۈرگەن‹‹نوركا ۋە نىكاھ››ناملىق ھېكايەمنىڭ نە مەنبە، نە ئاپتورى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا ‹‹قىزلار››ناملىق ئۇندىدار سۈپىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق ...
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
iltebir + 218 تەپەككۇرى كۈچلۈك
Gvlmisal + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
gulbaxikar + 50 قوللاشقا تىگىشلىك!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 368   باھا خاتىرىسى

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10406
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 10:23:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن  نۇمۇسسىز لا  بۇ . باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە  ھۆرمەت قىممايدىغان .

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 10:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏بۇ بىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەن،بەزىدە بىزمۇ بىرەر ماقالىدىكى مەلۇم بۆلەك مەزمۇننى ياقتۇرۇپ  قالساق ئۆزىمىزنىڭ ماقالىسىغا نەقىل ئېلىپلا نەدىن كەلگىنىنى ئەسكەرتىپمۇ قويمايمىز،دىققەت قىلساق بولغۇدەك ,ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ،ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلايلى،سەل قاراپ قالمايلى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   masrura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-2 10:35 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 10:29:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق نادىر تىمىغا ھېچكىمنىڭ ئىنكاس يازمىغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن.مەن سىزنى قوللايمەن ئاكا !
بۇنداق قىلمىشلارنىڭ مەنبەسى مەكتەپتىن باشلىنىدۇ يەنى مەكتەپتىكى ئاددىي كۆچۈرمىكەشلىكلەر كىيىنچە خارەكتېرغا ئۆزگىرىپ كەتكەن،شۇڭا ئالدى بىلەن مەكتەپ تەربىيسى ياخشى ئىشلەش لازىم!مەن بەزى ئوقۇتقۇچىلاردىن ‹‹يامان بولساڭ،ھەقىقىي ئىمتاھاندا كۆچۈر ››دىگىنىنى ئاڭلىغان شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار تەربىيە ئۇسۇلىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرسە!!!
دىگىنىم توغرىمىدۇ؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103400
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 10:41:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۋال سىزگە سەبىر تىلەيمەن .
ھى ھى سەبىر قىلىڭ . ئۇندىن بىزمۇ بىر سالون باشقۇرغۇچىللىرى .
مېنىڭ سالون باشقۇرۇشتىكى قائىدەم ھەتتا ئەسەرنى ۋاكالىتەن ئەۋەتىشكە بولمايدۇ.
ئۆز ئىگىسى بولۇش كېرەك .
لېكىن مېنىڭ ھازىرغىچە 10دىن ئوشۇق يازمام ئىسمى ئۆچۈرلۈپ 5يازمام ئىسمى ئۆزگەرتىلىپ ئېلان قىلدى.
بۇ ئىسلامىيەت نۇقتىسدىن قارالغاندىمۇ قەتئىي دۇرۇس بولمايدىغان ئىش.
ئىسلام ئالىملىرى جائىز ئەمەس دەپ قارايدۇ.
ئىنسانىيەت نۇقتىسدىنمۇ بىر نومۇسسىزلىق.
مەلۇم بىر كۈنى alhux سالونىغا كىرىپ مەن يازغان 2يازمىنى كۆرۈپ  قالدىم «ئەركەك دېگەن كۈنلەيدۇ»
يەنە بىرسى قايسىتى ئېھتىمال . شۇنىڭ بىلەن بەك ئاچچىغىم كەلدى . ئەسلى كەلمەسمۇ بولغىيتى .ئەسەرنىڭ تېگىگە قارىسام مەنبەنى ئەسكەرتىڭ ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن قالدۇرۇپ قويغان نومۇرغا تېلپۇن قىلدىم.
دە ئالدى دېئالوگلار قىززىق.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .
ياخشىمۇ سىز ئەلخۇشنىڭ باشقۇرغىچىسمۇ ؟
ھەئە مەن ياخشى نېمە ئىش،؟
بىزنىڭ تېملىىرمىزنى مەنبەنى ئەسكەرتمەي تارقىتىپسىز  نومۇس قىلمامسىز .
نېمە قانى ؟
ئىككىسنى پالانى پالانىنى .
قانداق قىلسەن؟
توۋا يازما مېنىڭ تۇرسا ئاللاھدىن قورقۇڭ .
ھەي چىرايلىق گەپ قىل .
قانداق چىرايلىق گەپ قىلمەن .
مۇنداق خاپۇمماي ئۆچۈرۋېتىڭ دېسەڭ بولدىغۇ.
نېمە؟ يازما مېنىڭ يەنە تېخى مەن خاپۇمماڭ دەمدىم.
قانداق قىلساڭ قىلە.
تېلپۇننى قويۋەتتى.
ئۇف ئۇچۇر يازدىم مەن رازى ئەمەس ئاللاھدىن قوق دەپ .
تېلپۇن قىپتۇ.

ئالدىم .نېمە؟
ھەي كىمۇ سەن ؟
ئەبۇ غازى
قانچىلىك بولدى ئىنتىرنىتقا يۈزلەنگىنى ؟
بىر نەچچە يىل .
چۈجىكەنسەنغۇ ھەي تۇخۇمنىڭ ئىچدىكى ئۆزۈڭنى بىل سەن .
ھەيران قالدىم مانا مۇشۇنداق نەسىلەر بار .
كېيىن مۇشۇ مىسرانىمدىكى. قۇرئان ۋە تېلپۇن دېگەن تېمامنى خۇددى ئەلخۇش ئۆزى يازغاندەك .
نە مەنبە نە ئاپتور يوق .

بۇ سالونلارنىڭ نومۇسسىز ئادىتى.
ئۈندىدار سالونلىرى پەقەتلام سۈپەتكە ئەھمىيەت بەمەتىدۇ.
مەنمۇ alhuxسالونىنى بايقۇت قىلمەن.
ھۆرمەت بىلەن بىلال سالونى تەستىقلىغۇچىسى :ئەبۇ غازى
ئىزدەش نومۇرمىز ihwanlar

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19726
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2078 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 10:41:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردە گېپى بولۇنۋاتقان تېمامنى يەنە مىسرانىم تورىدىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن كۆپرەك كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېلان قىلغان ئىدىم. https://uyghur-archive.com/misranim/thread-121652-1-1.html
ئىزدىنىش تورى ۋە مىسرانىم تورىدىن باشقا تور بەتلەردە، ئۈندىداردا سالونلىرىدا مۇشۇ مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى تارتقاتقان مەن ئۈستىدە تىلغا ئالغان ھەمدە مەن بىلمەي قالغان ھەممىسىنى كۈچەپ پاش قىلىپ بەرگەن بولساڭلار. رەھمەت!

بۇ كۆچۈرمىكەشلەرنى سازايى قىلىشىم پەقەت تور يازمىلىرىنىلا ئەمەس، بارلىق نەشىرىيات ساھەسىدىكى  مېھنەت قىلغۇچىنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلمايدىغان نومۇسسىزلىق ئەۋج ئالغانلىقى، ھەتتا ئىلمىي ساھەدىن، مەكتەپلەردىن تارتىپ جەمىئىىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغىچە سېڭىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن بۇنى قامچىلاش ۋە ئازلىتىش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىش كېرەك دەپ ئويلاپ بۇ تېمىنى يوللىدىم. ھەر قايسىڭلارنىڭ ئۆز مەيدانىڭلارنى بىلدۈرۈپ بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىپ قويۇشۇڭلارنى ۋە مەن ئېيتقاندەك مۇشۇنداق يالغانچىلىق قىلغان تور بەت، ئۈندىدار سۇپىلىرىنى پاش قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئالدىنئالا رەھمەت سىلەرگە!

-بىلگەجان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-2 10:42 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19726
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2078 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 10:47:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تېمىنى ئالدىراشلا يوللىدىم، ھەپتە ئاخىرىدا ۋاقىت چىقىرىپ كۆچۈرمىكەشلىك توغرىسىدا ئەمەلىي مىساللار بىلەن بىر ئەمەس يەنە بىر نەچچە تېمىلارنى يوللايمەن. كۆچۈرمىكەشلىككە قارشى تۇرۇش ھەر بىرىمىزنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپە. بۇ تېمىنى ئىزدىنىش تورىدىمۇ ئېلان قىلغان ئىدىم، بىر قىسم نادىر تەكلىپلەر چۈشتى (http://bbs.izdinix.com/forum.php ... amp;page=2#lastpost)
كۆچۈرمىكەشلىككە ئامما ئىچىدە ئۆزىمىز زەربە بېرىش ۋە قارشى تۇرۇپ بۇ خىل ناچار، ئەخلاقسىز قىلمىشنى ئازايتىشنىڭ تەدبىرلىرى ئۈستىدە ھەممىڭلارنى پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمەن.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 10:49:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگىجان ئاكا. مەنمۇ ئۇندىداردا بىر قانچە سالۇنلاردا كۆردۈم بۇ تېمىنى. مەن بودا ئۇ ئۇندىدار سالۇن ناملىرىنى سىزگە دەپ بېرەي

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103400
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 10:53:42 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايامۇ مۇنبەردىكى ئۈرۈمچىدىكى قارا تاكسىچى دېگەن يازمىنىمۇ رۇخسەت قىلىپ ئاپتورنى ئەسكەرتسىڭىز سالونغا كۆچۈرۈپ ئەكىتەي دېسەم ئىنكاس كەلمىگىنى ئۈچۈن كۆچۈرمۈدۈم . لېكىن باشقىلار ئاللىبۇرۇن تارقىتپولارپتۇ  شۇ يەنىلام سالونلار ئۆزى يازغاندەكلام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 10:55:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق نومۇسسىز ئوغرىلارنىڭ زادى بىر ئەدىپىنى بەرمىسە بولمايدۇ.

قەشقەرنىڭ نۇر بېشى يولىدا كاتتا بېزەلگەن  بىر ئاشخانا يېڭىدىن ئېچىلىپتىكەن، ئاتاقلىق شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىنىڭ ‹‹بىر كۈنى›› دىگەن شېئىرىنى رامكىغا ئېلىپ ئېسىۋاپتۇ، مەن  دۇكاندارغا:‹‹ شائىرنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە نىمىشقا ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى يازمايسىلەر؟›› دىسەم، ئۇ: ‹‹بۇنى بىر دوستۇم تىجارەت باشلىغان كۈنى كۆتۈرۈپ كەپتىكەن، كۆڭلىگە يارىشا ئېسىپ قويغانتۇق›› دىدى، مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ بولغاندىن سىرت، ئاپتورغىمۇ ھۆرمەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتسام، ئۇ خاتالىقىنى بوينىغا ئالدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنە بىر كىرسەم، ھېلىقى شېئىرنى تامدىن ئېلىۋېتىپتۇ، ئەگەر  ئېلىۋەتمىگەن بولسا مەنمۇ ئۇ ئاشخانىنى بايقۇت قىلاي دىگەنتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-2 11:15 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش