|
|
|
|
دوكتۇر ئالىم پولات
دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئۇيغۇر شاگىرىتى دوكتور ئالىم پولات يېقىندا نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىنى تارقىتىشقا مەسئۇل ئورگان دۇنياغا مەشھۇر شېۋىتسىيە كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتىنىڭ خىزمەت تەكلىپىگە ئېرىشتى! ئۇ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى يۈرەك تەتقىقات مەركىزىدە پوستدوكتورلۇق خىزمىتىنى باشلايدۇ. كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى 1810-يىلى شېۋىتسىيەنىڭ سىتوكھلىم شەھىرى ئەتراپىدا قۇرۇلغان قەدىمىي ئۇنىۋېرستېت بولۇپ، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مەشھۇر ئۇنىۋېرستېتلىرىنىڭ بىرى. بۇ مەكتەپ مېدىتسىنا ساھەسىدە ياۋروپادا ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋېرستېتى، ئوكىسفور ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەر بىر قاتاردا ياۋروپادىكى 5 داڭلىق ئۇنىۋېرستېتنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ مىدىتسىنا ساھەسىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان بولۇپ، 2011-يىلى كىلىنىكىلىق مىدىتسىنا ۋە دورىشۇناسلىق ساھەلىرىدە دۇنيا بويىچە 11-ئورۇنغا تىزىلغان. ئۇيغۇرلار ئىچىدىن مۇشۇنداق دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ نوپۇزلۇق ئىنىستىتۇت، ئۇنىۋېرستېتلاردا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش شەرىپىگە ئېرىشىۋاتقان ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشى ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەتتە دوستۇم ئالىم پولاتنى چىن كۆڭلۈمدىن قۇتلۇقلايمەن ۋە ئۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىدىغانلىغىمنى بىلدۈرىمەن!
دوكتور ئالىم پولات 2005-يىلى فۇدەن ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئېلىكتىر ئېنژىنرلىقى كەسپىدە تولۇق كۇرۇسنى تاماملاپ شۇ يىلى كۈزدە شېۋىتسىيە چالمىرز تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتى (Chalmers University of Technology) نانو تېخنكىسى كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى باشلىغان. ئىككى يىلدىن كيىن ئۇ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى مۇۋاپىققىيەتلىك تاماملىغان ۋە شۇ مەزگىلدىكى يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى شېۋىتسيەدىكى لىنشۆپىڭ ئۇنىۋىرستىتى (Linköping University) غا كۆچۈپ بارغاندا ئۇنىڭ بىللە بىللە شۇ ئۇنىۋىرستىتقا بىرىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان. بۇ مەزگىللەردە ئالىم (تەڭتۇش دوستۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمىنى بىۋاستە ئاتىدىم) ناھايتى تىرىشىپ ئوقۇغان بولۇپ، دوكتۇرلۇق ئوقۇشى مەزگىلىدە ئامرىكا ۋە ياۋروپادا چىقىدىغان نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا نانو تېخنىكىسى ۋە بىئو-فىزىكا ساھەسىگە ئائىت 5 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ دوكتۇرلۇقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە نانو ماتىرىياللارنى ئىشلىتىپ بىر يەككە ھۆجەيرە ئىچىدىكى گلۇكوزا مىقدارىنى ئۆلچەش تېخنكىسىنى ياراتقان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ھۆجەيرىلەرگە ناھايتى قىزىقپ قالغان (ھۈجەيرىلەر ياشىسۇن!) ۋە داۋاملىق ھۈجەيرىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە بەل باغلىغان. ئۇ 2010-يىلى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى مۇۋاپىققىيەتلىك تاماملىغاندىن كىيىن، شىۋىتسىيەدە پوستدوكتۇرلۇق خىزمىتى ئىزدەۋىتىپ شىۋىتسىيە تەتقىقات كېڭىشى (Swedish Research Council) تور بىتىدىن شىۋىتسيەدە دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرگەنلەر ئۈچۈن ئۆز كەسپىدىن ئازراق ئوخشىمايدىغان بىر ساھەدە پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان بىر تەتقىقات مەبلىغى بارلىقىنى بىلگەن. شۇ مەزگىلدە ئالىم دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۆزىنىڭ بىر تەتقىقات تۈرىگە ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بىرىشىنى ئۆتۈنگەن. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بۇ تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان ۋە ئالىمغا ياردەملىشىپ شىۋىتسىيە تەتقىقات كېڭىشىنىڭ يۇقىرىدىكى تەتقىقات تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تەتقىقات پلانىنى تەييارلىشىپ بەرگەن. ئالىم نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ تەتقىقات تۈرىنى ئوبدان چۈشەنگەن ۋە زور كۈچ بىلەن يېزىپ چىققان تەتقىقات دوكلاتىنى تاپشۇرغان. 2011-يىلى بۇ تەتقىقات مەبلىغىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ناھايتى كۆپ بولۇپ، ئالىم ئىككىلىنىپ تۇرغان مەزگىللەردە ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات تۈرى مەبلىغىگە ئېرىشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان. شۇنداق قىلىپ يىرىم يىل ئىچىدە شىۋىتسىيەدە بۇ تەتقىقات تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ماتىرىياللارنى تاپشۇرۇش ۋە ئامرىكىغا ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىنى تۈگىتىپ 2011-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەجىرىبخانىسىغا كىلىپ ئىككى يىللىق پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىنى باشلىغان. ئۆتكەن يىل مۇددىتى توشقاندىن كىيىن شېۋىتسىيەگە قايتىپ بارغان. ھازىر كارولىنىسكا ئىنىستۇتىدا خىزمەتكە چۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئالىم ناھايتى تۈز كۆڭۈل، خۇشچاقچاق يىگىت بولۇپ، ئۆزىنىڭ دەسلىپىدە خىلى كۆپ قىينچىلىقلارنى تارتىپ ئاندىن غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىنى ئوبدان چۈشەنگەنلىكى ۋە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەجىرىبخانىسىدا كۆپ ئىشلىتىدىغان تېخنىكىلارنى ئىگەللىگەنلىكىنى تەپسىلي ۋە قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمايتتىم چۈنكى مېنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىم بۇرۇندىن ئوقۇغان بىئولوگىيە كەسپىمدە بولماي باشقا بىر كەسىپتە بولۇپ قالغان بولسا مەن ئۇ قېيىنچىلىقلارغا تەۋەككۇل قىلىشىم ۋە ئۈستىدىن غالىپ كىلەلىشىم ناتايىن ئىدى. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئالىمنى ياقتۇرۇشىدىكى سەۋەبمۇ دەل ئۇنىڭ ئىجتىھاد بىلەن تەتقىقات قىلىش روھى، ئاز تىپىلىدىغان دەرىجىدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە يۇقىرى تەتقىقات ئۈنۈمى(3 يىلدا 5 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىدىغان دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ) گە ئىگە بولغانلىقىدا بولسا كىرەك، دەپ ئويلىدىم. ئالىم ماڭا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەقەدەر كەسىپچانلىقى ۋە قىتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش روھىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىنى بىلدۈردى. ئالىم دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەجىرىبخانىسىغا كىرگەندىن بۇيان ناھايتى مۇھىم تەتقىقات ۋەزىپىلىرى ئۇنىڭ زېممىسىگە يۈكلەنگەن بولۇپ، بۇ يىڭى ساھەگە قەدەم قويغىنىغا ئاران بىر يىرىم يىل بولغان ئالىم ئاللىقاچان خىلى زور تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ياراتقان. ئۇ دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ «ھۆجەيرە» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان «ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنىڭ كلونلىنىشى» توغرىسىدىكى ماقالىدا ئاپتۇرلارنىڭ بىرى بولغان. ئامرىكىدا ھەرگىزمۇ جۇڭگودىكىگە ئوخشاش تەتقىقاتقا بىۋاستە تۆھپە قوشمىغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئەل-ئاغىنىدارچىلىق ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ماقالىغا قوشۇپ قويدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ئالىم بۇ ماقالىنىڭ مۇھىم بىر تارماق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىپ ناھايتى ياخشى ئورۇندىغاچقا بۇ شەرەپكە نائىل بولغان. «ھۆجەيرە» ژورنىلىدەك مەخسۇس بىئولوگىيە ساھەسىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ئاپتۇرلۇق قىلغان ئۇيغۇردىن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن قالسا دوستۇم ئالىم پولاتنىڭ ئىسمىلا بار بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ھازىر كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتىدەك مەشھۇر تەتقىقات مەركىزىدە پوستدوكتۇرلۇق ئورنىغا ئېرىشىشىمۇ يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
بۇندىن كىيىن دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات ھاياتى ۋە يېڭى نەتىجىلىرىنى ئەمدى بۇ نۇقتىدا سۆزلەپ بېرىشكە ئەڭ ھەقلىق بولغان دوكتۇر ئالىم پولاتتىن ئاڭلايسىلەر، مەن بۇ ئىشتا پېنسىيگە چىقىمەن.
ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئۇنىڭ خەۋىرى يوق ھالدا يېزىلغان ۋە يازمىدىكى سۈرەتلەر دوستۇم ئالىمنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇنىڭ فېيىسبۇكىدىن ئوغىرلانغان ئالدىنىئالا كەچۈرۈم سورالدى.
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (بىلگەجان)
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-28 02:03 PM
|
|
|
|
|
|