مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilgejan

(bilgejan)كۆچۈرمىكەشلەرنى بايقۇت قىلىمەن!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7571
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7692 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 11:45:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايىتى  ياخشى تەشەببۇس ئىكەن. بىز ھەممىمىز بۇ ئىشقا ئاكتىپ پوزىتىسيە بىلەن قاتنىشايلى.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 638
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 725 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 11:45:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما بوپتۇ.
كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ،پۈتۈنلەي بايقۇت قىلايلى!.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 707
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 11:52:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا ماۋۇ تېمىنى تەڭ ھەممە يەردە تەشۋىق قىلىپ نۇمۇسسىزلارنى سازايى قىلمايلىمۇ؟
ئۆتكەندە ئوكيان تورىدا قايتا قايتا ئاگاھلاندۇرۇش بەرسىمۇ ئەلكۈيى تورى ئوكياننىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆزىنىڭكى دەپ ئېلان قىلىۋەردى، ئەلكۈيى مىكرو بلوگىدا بۇ توغۇرلۇق گەپ قىلسام ‹خادىملىرىمىزنىڭ خاتالىقى› دەپ تۇرىۋالدى، خادىملىرىغا گېپى ئۆتمەيدىغان قانداق ‹شىركەت›كەن ئۇ؟
بۇلارنى سۈرۈشتە قىلسا ئەخلاققا قانۇنغا چېتىلىدۇ، بەكرەك سۈرۈشتە قىلسا ئىماننىڭ يوقلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ، ئەسەر يازغان تەرجىمە قىلغان ئاپتور تەرجىمانلارغا بىر پىيالە چاي قۇيۇپ بەرگەندىكىدەك يوغانچىلىق قىلىشلىرى بار تېخى.
يەنە كېلىپ كۆپىنچە بېكەت قۇرغۇچىلار، سالون قۇرغۇچىلار تېخى تولۇقسىزنىمۇ پۈتۈرمەي جەمىيەتكە چىقىپ كەتكەن لۈكچەك ساياق شۇملار، ئۇلاردا نە ساپا، نە ئەخلاق.  ئۆتكەندە ئاق بۈركۈت خەتلىك فىلىم تورىنىڭ ھەقلىق فىلىملىرىنى ئۆزىچىلا بېكەتلىرىگە يوللىغىلى تۇرۇپتۇ، چىرايلىق گەپ قىلساق ئاڭلىمىدى، شۇنىڭ بىلەن خاككىر باللا ئارقا بېتىگە كىرىپ ۋاللەي ئويناپ قويىۋىدى، ئاكا دېگىنىچە ھازىرغىچە بىرەر فىلىمنى ئوغۇرلاشقا پېتىنالماي يۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دەپ قالدىم، قانۇن ئەخلاقنى قوغدىيالمايۋاتقان جەمىيەتتە بەزىدە ناتوغرا ئۇسۇللارنىمۇ ئاز تولا قوللىنىپ قويۇش زۆرۈركەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9603
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1740 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 11:54:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبەگە، ئاپتورغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكتە، نىمە بولىدۇ دەيمەن، ئاپتور ھەم مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىپ تارقاتسا!

سائادەت ساتتار ئايتۇغ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 503
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 23743
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 5113 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 12:24:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنۈگۈن ئۇندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئايلىنىپ يۈرگەن‹‹نوركا ۋە نىكاھ››ناملىق ھېكايەمنىڭ نە مەنبە، نە ئاپتورى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا ‹‹قىزلار››ناملىق ئۇندىدار سۈپىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولغان ئىدى. ئۇلار مەزكۇر ھېكايەم ئېلان قىلىنغان گېزىت ياكى مۇنبەر مەنبەسىنى ئەسكەرتمەيلا قالماستىن ئاپتورنىمۇ ئەسكەرتمەپتۇ.
ئۇندىدار سۇپىلىرى ۋە توربەتلەرنىڭ ئەسەرنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشىنى، ئەسلى مەنبە ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىشىنى تەلەپ قىلايلى!

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
http://saadat.blogbus.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 12:39:43 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بىر سالون باشقۇرغۇچىسى.بۇنداق خاتالىق مەندىمۇ باركەن.مەن چوقۇم تۈزىتىمەن. ئامما uysalon دىكىلەر جاھاندىكى ئەڭ نۇمۇسسىزلاردۇر..ج

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2550
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21650
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9883 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 12:56:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۈچ يىل بۇرۇن كۈچۈرمىكەشلەرگە رەددىيە بېرىپ بىر يازما يازغان ئىدىم. /thread-7436-1-1.html
بۇ يەرگە چاپلاپ قۇياي.

         ھەر قانداق بىر ئەسەر مەيلى ئۇ شېئىر ياكى ئەدەبىياتنىڭ باشقا ژانىرى بولسۇن ئاپتۇرنىڭ جاپالىق مېھنىتى ، ئىزدىنىشى ، تەپەككۇر قىلىشى ، قان تەرى بەدىلى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ . باشقىلارنىڭ ئەجىر تۆھپىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئەڭ چوڭ نۇمۇسسىزلىق ۋە پەسكەشلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
         بۈگۈن كېچە بۇلىشىغا قارىماي مۇنبەردىكى تېمىلارنى كۈرۈۋېتىپ ئىنتىزار دىگەن بىرسى يوللىغان  << ياشايمەن دۇنيادا سېنى دەپ ئانا >> دىگەن شېئىرغا كۆزۈم چۈشتى . قىزىقىش بىلەن شېئىرنى ئوقۇپ چىقتىم . ئوقۇۋېتىپ ، مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا مۇنبەرگە ئەزا بولغان ئوخشايدۇ ، ئەمدى ئەركىن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بوپتىمىز دەپ خوش بۇلۇپ كېتىپتىمەن . كىم بىلسۇن مەنبە دىگەن يەردىكى << ئۆز قەلىمىم >> دىگەن خەتنى كۆرۈپ كۈزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، قايسى قۇيۇندا قالغان ،  كاللىسىغا كېسەك چۈشۈپ كەتكەننىڭ قىلىقىدۇ بۇ ؟ دەپ ئاچچىقىمنى باسالماي تاس قاپتىمەن كومپىيوتىرنى چېقىۋەتكىلى .
        بۇ شېئىرنى سەنەۋەر تۇرسۇن 90 - يىللاردا ناخشا قىلىپ ئېيتىپ خەلقنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن ، مۇشۇنداق زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ناخشىنىڭ تېكىستىنىڭ ، ئاپتۇرىنىڭ كىشىنىڭ قەلبىدىن چىقىپ كېتىشى مۈمكىنمۇ؟ مەنمۇ ئۆز ھەۋىسىم بىلەن ناخشا تۇنجى قېتىم تېلۋۇزۇردا بەرگەن چاغدىلا ئۇئالغۇغا كۈچۈرىۋېلىپ ئېيتىشنى ئۈگەنگەن تۇرسام ، قانداقمۇ ئېسىمدىن چىقىپ كەتكۈدەك ؟
        2005 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئىدارىدىن بىزنى غۇلجىغا ساياھەتكە ئېلىپ بارغاندا سورۇنىمىزغا ئاتايىن مۇھەممەتجان ئاكا بىلەن ھېسام ئاكىنى تەكلىپ قىلغان ۋە قىزغىن موڭداشقان ئىدۇق . شۇ سورۇندا بىزنىڭ بىر خىزمەتچىمىز مۇشۇ ناخشىنى ئېيتىپ مۇھەممەتجان ئاكا بىلەن ھېسام ئاكىنىڭ تەبرىك سۆزىگە ئرىشكەن ، مەن ھېسام ئاكا بىلەن بىر نەچچە قەدەھ سوقۇشتۇرغان ، مۇھەممەتجان ئاكادىن ئەدەبىيات توغرىلىق تەلىم ئالغان ئىدىم . شۇ كۈنلەر مەڭگۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ .
         مانا قۇلۇمدا مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ 2006 - 2 - ئايدا نەشىر قىلىنغان << ياخشىلارغا ناخشىلار تولا >> دىگەن شېئىرلار توپلىمى ، ( بۇ توپلامغا شائىر يازغان ، باشقىلار ناىشا قىلىپ ئېيتقان شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن ) توپلامنىڭ 4 - 5 بېتىگە چىقىرىلغان 6 كۇبلىتلىق << قانداق قىلارمەن >> دىگەن شېئىرىنى كۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن . خۇددى شېئىرلارنىڭ ئىچىدىن مۇلايىملىغى چىقىپ تۇرغان بىر چىراي << قايسى ئوغرى ، مۆرتەد سېنىڭ ماۋزويىڭنى ئۆزگەرتىپ ، قۇيرۇقلىرىڭنى قىرقىۋەتكەندۇ ؟>> دەپ ئۆتكۈر نەزىرى بىلەن تىكىلگەندەك بۇلۇپ بەتتام تائام يەۋالغاندەك شۈركىنىپ كەتتىم .  
         ئىنتىزار تېمىنىڭ مەنبە دىگەن يېرىگە << ئۆز قەلىمىم >> دەپ ، يازغۇچە قوللىرى تىترىمىگەنمىدۇ، ئىشەكنىڭ تېرىسىدەك قېلىن بۇلۇپ كەتكەن يۈزى قىزارمىغانمىدۇ؟ دەيمەن .
        ئىنتىزار سىزدىن سوراپ باقاي ! سىز قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟ تېخى 30 ياشقا بارمىغانسىز ؟  مۇشۇ شېئىر دۇنياغا كەلگەن چاغدا بەلكىم سىز قەيەرلەردىدۇ ئېغى ئۇچۇق ئىشتان كىيىپ ، ماڭقىڭىزنى سىڭايان تارتىپ ئويناپ يۈرگەن بولغىيتىڭىز؟ ( ئىشەنمىسىڭىز كۆزىڭىزنى لاخشىگىردا ئىككى تەرەپكە يوغان كېرىپ ، توپلامدىكى شېئىرنىڭ ئارقىسىدىكى يېزىلغان 1989 - يىل . 25 - مارت دىگەن ۋاقىتقا قاراڭ >>  تېخى بۇ شېئىرغا قارىتا تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا ئۇيالماي ، قىزارماي تۇرۇپ << بۈگۈن مەن 4 شېئىر يوللىدىم ، ھەممىسى خاتىرەمدىن ئېلىنغان ، مەن پەقەت ئۆز شېئىرلىرىمنىلا خاتىرىگە يازاتتىم ، ھەم ئاتاغلىق شائىرلارنىڭكىنى كۈچۈرىدىغان يۈرەك يوق >> ئۆزىڭىزچە چۈشەندۈرۈپ كېتىپسىز ، ( بۇ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ ، نېرۋىسىنىڭ بىرەر ۋېنتىسى كاممىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ) . سىز(( ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك )) دىگەن ھىكمەتنى ئاڭلىمىغانمىتىڭىز ؟ ئەجەبا خاتىرىگە كۈچۈرۈۋالسىڭىزلا سىزنىڭ بوپ قالامدىكەن ؟  بىڭسىڭىز بولسا نەجىپ مەھبۇزنىڭ << ئۈچ كوچا تىرىلوگىيىسى >> دىگەن ئەسىرىنى كۈچۈرۈپلا ئىككىنچى قېتىم نوبىل مۇكاپاتى ئېلىۋالمامسىز ؟ مۇشۇ قىلىقىڭىزنى ئەسەر ئاپتۇرى كۆرسە نىمە دەر ؟ بۇ قىلىقىڭىز ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتۇرىغا ، شۇنداقلا ئەدەبىياتىمىزغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت .
       سىزگە يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي : مۇنبەرگە نۇرغۇن ئادەم كىرىدۇ ، بۇ قىلىقىڭىزنى بىرسى بايقىمىسا يەنە بىرسى چوقۇم بايقايدۇ . ئەڭ ياخشىسى بۇنداق كەمپۈت بەرسە ئالدىنىدىغان كىچىك بالىنىڭ ئويۇنىنى ئاستا يىغىشتۇرۇۋېلىڭ . بۇنداق <<<<<<<<<< نادىر >>>>>>>>>> ئەسىرىڭىزنىڭ ئابرۇيىنى مۇنبەردە پاخاللاشتۇرغىچە ئەڭ ياخشىسى <<<<<< داڭلىق >>>>>> مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىڭ . سىز يوللىغان باشقا شېئىرلارنىمۇ كۆردۈم ، بۇ شېئىرلارنىمۇ خۇددى قەيەرلەردە كۆرگەندەكلا قىلىمەن ، لېكىن قۇلۇمدا پاكىت بولمىغاچقا بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچماي تۇراي ، تېما يازالمىسىڭىز ئىنكاس يېزىپ باشقىلارنىڭ تېمىسىدىن ھۇزۇرلىنىڭ ، << يېزىقچىلىق بىلىملىرى >>  دىگەن كىتاپنى ئەستايىدىل كۈرۈپ تۇرمۇشنى كۈزۈتۈڭ ، تەپەككۇر قىلىڭ . شۇنداق قىلالىسىڭىزلا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالىشىڭىز مۈمكىن . قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي قالغان بولسىڭىز بېرىپ گاگا ئويناڭ ، ۋاللەي ئويناڭ !!!  ئېسىڭىزدە بولسۇن ! (( مېھنەتسىز تائام ھەر ۋاقىت ئېغىزىڭىزنى كۆيدۈرىدۇ )) .
        ھۆرمەتلىك تورداشلار ھەممىمىز بۇنداق كۈچۈرمىكەشلىكتىن ئىبرەت ئالايلى !!

   مەنبە : ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-3 12:56 AM  


ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103659
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 01:15:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەينى ۋاقىتتا ئا-ئا جالالىدىن ، يالقۇن روزى ، جالالىدىن بەھرەم ... قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلىرىمىز تەرپىدىن قاتىىق ماختاشلارغا مۇيەسسەر بولغان ، جەمىيىتىمىزنى بىر مەزگىل زىل-زىلگە سېلىۋەتكەن ، ئەسەرنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك ، چىنلىقى يۇقىرى بولغاچقا قىزلارنى كىچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ بەس مۇنازىرە قىلىشقا سەۋەبچى بولۇپ قالغان ؛ مۇدىرمىزىم بىلەن جۈۋەنتىزىمنى مۇھەببەت ئۇسلۇبىدا يۇغۇرۇپ يازغان 1- بۆلۈمى ‹‹ قىزلارنىڭ قىزلىق مارشى ›› 2- بۆلۈمى ‹‹ قىزلار مەڭگۈ چۈشەنگىلى بولمايدىغان نازۇك بىر مەسىلە ›› دىگەن نادېر ئەسىرىم ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بىر قىسىم سالۇنلاردا يەنە قايتىدىن ئەۋجېلىپ ئەڭ ئالقىشلىق ئەسەر بولۇپ ئوقۇلىۋېتىپتۇ . ئەسىرىم ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا قايتا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر تۇرۇپ خۇشال بولغان بولسام بىر تۇرۇپ ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلمىگىننى كۆرۈپ ئىچىم بەك ئاچچىق بولۇپ كەتتى . شۇڭىمۇ يىقىندىن بىرى قەلەم تەۋرەتسەم پۈچەك بىر نىمىلەرنى يازسام يازىمەنكى بۇرۇنقىدەك ئۇلۇغ ، بۈيۈك ئىشلار ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكۈم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى .


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103659
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 01:22:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرخان1 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-2 11:52 PM
بولسا ماۋۇ تېمىنى تەڭ ھەممە يەردە تەشۋىق قىلىپ نۇمۇسسى ...

شەرەپسىز فىلىم ئوغۇرلىرىنىڭ تۇرانىم تورىدىكى بۆرىلەر ۋادىسى ‹‹ توزاق ›› فىلىمىنى پارچە سېتىۋېلىپ ئاشكارە توپ ساتقىنىچۇ تىخى . بۇنداق خىيانەتچى ئۇنسۇرلارنى تۇتىۋالغان يەردە چانىۋەتسىمۇ ئاچچىغى چىقمايدۇ ئادەمنىڭ . ئەمدى ئوبدان بولدى مانا ، پارچىسىمۇ يوق ئۈلگىيچىسىمۇ يوق . قېلىن ھارام تۇماقلار .
مىنىڭچە تۇرانىم تورىدىكىلەرمۇ مۇشۇ بانادا مۇشۇ تېمىغا كىرىپ ئاچچىققا تولۇپ كەتكەن ئىچىنى بوشىتىۋېلىشى كىرەك . سىلى تۇرانىمدىكىلەر بىلەن بىر يولدىكى ئادەملەدەك قىلىسىلە ، خاپا بولماي مۇشۇ گېپىمنى بى يەتكۈزۈپ قويۇڭلا . مەن ئالاقىلىش ئۈسكىنىسىنى تېپىپ بولغۇچە . رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103659
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 144
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-3 01:31:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر مۇھىم ئىشنىمۇ بىلىپ قالىلى . باشقا مۇنبەرلەردىنغۇ سۆز ئاچماي تۇرايلى .  ئاددىسى مۇشۇ مىسرانىمدىكى ھەر بىر ئەزا جۈملىدىن باشقۇرغۇچى ، ئاتارمەن چاپارمەنلەردىن تارتىپ ھەممىسى ئىمزارىدىكى ھەر بىر جۈملە سۆزنىڭ ئاپتورىنى ئىنىق ئەسكەرتىشى كىرەك .
مىسرانىم مۇشۇ ئىشقا باش بولۇپ مەيدىسىنى كېرىپ چىققان ئىكەن چوقۇم كىچىكىدىن باشلاپ تۈزۈتۈش ئېلىپ بىرىش كىرەك .   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش