ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىنگە تەققاس
ئاپتورى:تۇرسۇنجان سۇلايمان(شەررارى)
<ئىلىم باشقا تالانت باشقا غورۇر ئىمان يەنە باشقا، بولۇر ساھىبقىرانلىق بۇ ئۈچ پەزىلەت كەلسە بىر باشقا.
ئۇنىڭ بىرلەن بەخت پۈتمەس بۇنىڭسىز كۆپتۇر ئامەتلەر، بەخت بابىدا قۇر ئاچساڭ يېزىلمىش قىسمىتىڭ باشقا.>①
ھايات بۇغداي تەقدىر تۈگمەن ئۇندا كۆپتۇر ھېكمەتلەر، ئىلىم بېغىغا سۇ ئاچساڭ ئىچىلمىش شەربىتىڭ باشقا.
كەينىڭ رەيھان بولغان بىلەن ئالدىڭ شۇمبۇيا تىكەن، ئىرادىنى شۇئار قىلساڭ ئاڭلانمىش كۈيلىرىڭ باشقا.
كىم تەقدىرنى مەڭگۈگە ئۆزگەرمەس ئىمىش دەيدۇ؟! تەدبىرگە بېقىپ تۇرۇپ كۆرەرگە تەقدىرىڭ باشقا.
<ئەجدىھاسىز خەزنە يوق،گۈل ئېچىلماس خارىسىز>، بەخت ھوسولى يىغماق بولساڭ تۆكۈلمىش تەرلىرىڭ باشقا.
مۈلكى ئالەم تەختىدە خەلق ئەبەد سۇلتان شاھ ، خەلق چېھرىگە نۇر چاچساڭ تېپىلمىش ھۆرمىتىڭ باشقا.
<ئاش كەلسە ئىمان قاچار>دەپ بار ئىدىغۇ تەمسىلى، مۈلكى دۇنيا ئالدىدا بولمىسۇن ئەقىدەڭ باشقا.
ھايات قىلدۇر ھايات قېلىچ زەپ ئىنچىكە ھەم ئۆتكۈر، <يەتتە ئۆلچەپ بىر كەسمىسەڭ>چىقار ھامان قىلمىشىڭ باشقا. ------------------------------------------------------- ①ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن رۇبائىيسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-23 01:02 PM
|