مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1755|ئىنكاس: 17

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى ۋە دۇنيا تىللىرى قاتارىدىكى ئورنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4183
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 12:45:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى ۋە دۇنيا تىللىرىقاتارىدىكى ئورنى

بۇمەريەم سۇلتانئېزىز

دۇنيا تىللىرىنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە  مەۋجۇت تىل سېستىمىلىرى

تىل- خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئەڭ ئېسىل نېمەتلىرىنىڭ بىرى. تىل بولمىغان بولسا ئىنسانلار ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت شەرەت ياكى بولمىسا ئاۋازلارنىڭ ياردىمىگە تاينىشقا مەجبۇر بولاتتى. ئەمما تىلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلار تەپەككۇرىنى تاۋۇشلارنى ياردىمىدە دەل ۋاقتىدا بىۋاستە ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگىدۇر. ئىنسانلارنىڭ تاكى يارىتىلغاندىن باشلاپ تىل ئىشلەتكەنلىكى بىلىنمەكتە. دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارنىڭ شىۋىلەرگە ئىگە بولۇشى، بەزى تىللارنىڭ يېزىق تىلىغا ئىگە بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى دۇنيادا قانچە تىل بارلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر سانلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش تولىمۇ قىيىن، شۇنداقتىمۇ ئالىملارنىڭ تەكشۈرىشىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھازىر دۇنيادا كەم دېگەندە 2500 دىن 5000 خىلغىچە تىل مەۋجۇت دېيەلەيمىز.

دۇنيادىكى تىللار ئۆز تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى ۋە تۈرلىنىشى جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ:

تاق بوغۇملۇق تىللار: خەنزۇچە، تىبەتچە، ۋېيتنامچە قاتارلىق خەنزۇ- تىبەت تىل سېستىمىسىدىكى تىللار تاق بوغۇملار تىللار ھېسابلىنىدۇ.

يېپىشقاق تىللار: يەنى قوشۇمچىلاردىن تۈزۈلگەن تىللار. تىپىك يېپىشقاق تىللار تۈرك تىللار تۈركۈمىدىكى تىللاردۇر. جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرىنىڭ كۆپىنچىسىمۇ يېىشقاق تىللار ھېسابلىنىدۇ.

پۈكۈلمىلىك تىللار: سام- ھام تىللىرى سېستىمىسى ۋە ھىندى- ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى تىللار پۈكۈلمىلىك تىللار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: نېمىسچە، فرانسىزچە، ئەرەپچە، پارىسچە قاتارلىقلار.

ئادەتتە تىلشۇناسلار تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان تىللارنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى بىر دەپ قارايدۇ ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى ئارقىلىق تىللارنى ئوخشاشلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن سېستىما، ئائىلە، تۈركۈم، تارماق قاتارلىق گۇرۇپلاندۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە بۆلۈپ بىر يەرگە توپلايدۇ. بۇ خىل بۆلۈش نەتىجىسىدە دۇنيادىكى تىللار تۆۋەندىكىدەك تىل سېستىمىلىرىغا ئايرىلغان:  

بىرىنجى، ھىندى- ياۋروپا تىل سېستىمىسى

ھازىرغىچە داۋام قىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسەن ھىندى- ياۋروپا تىل سېستىمىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىل سېستىمىسى ھېسابلانماقتا. ھىندى، ئىران، ئەرمەن، سىلاۋيان، لاتىن، پولشا تىل ئائىلىلىرى بۇ تىل سېستىمىسىدىكى ئاساسلىق تىل ئائىلىسىدۇر.  ياۋروپا تىللىرىنىڭ كۆپچىلىكى ۋە ئېنگىلىز،ئافىغان، پارس، بۇلغار، پولشا  تىللىرى بۇ تىل سېستىمىسىغا تەۋە.

ئىككىنجى، خەنزۇ- تىبەت تىل سېستىمىسى

خەنزۇ- تىبەت تىل سېستىمىسى دۇنيادىكى ئىشلىتىدىغان كىشى سانى ئەڭ كۆپ تىل سېستىمىسى ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇچە بىلەن تىبەتچە بۇ تىل سېستىمىسىدىكى ئورنى مۇقىم بولغان ئەڭ چوڭ تىللاردۇر. جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى جۇاڭ، ياۋ، تەي، ۋېيتناملىقلار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ خەنزۇ-تىبەت تىل سېستىمىسىدا ياكى جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسىدا ئىكەنلىكى تالاش- تارتىش ئىچىدىكى مەسىلە. بۇ تىل سېستىمىسىدا 400 دىن ئوشۇق تىلنىڭ بارلىقى بىلىنمەكتە.

ئۈچىنجى، ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسى

ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسى ئۆز ئىچىدىن ئۇرال تىل ئائىلىسى ۋە ئالتاي تىل ئائىلىسى قاتارلىق ئىككى ئائىلىگە بۆلۈنىدۇ.

ئۇرال تىل ئائىلىسى-  فىن- ئۇغۇر تىللىرى ۋە سامويىد تىللىرى قاتارلىق تۈركۈملەرگە بۆلۈنىدۇ. فىن- ئۇغۇر تىللىرى بولسا، فىنچە (فىنلاندىيەنىڭ دۆلەت تىلى)، ئۇغۇرچە، ھونچە (ھونگىرىيەنىڭ دۆلەت تىلى) قاتارلىق تىل تارماقلىرىغا بۆلۈنىدۇ.

ئالتاي تىل ئائىلىسى- چۇۋاشچە(تۈركىي تىللاردىن ئەڭ دەسلەپ ئايرىلىپ چىققان تىل)، تۈركىي تىللار، موڭغۇل تىللىرى، مانجۇ- تۇڭگۇس تىللىرى قاتارلىق تۈركۈملەرگە بۆلۈنىدۇ.  ئۇزاق يىللىق تەتقىقاتلاردىن كېيىن، 20- ئەسىرنىڭ كېينكى يېرىمىغا كەلگەندىلا ئاندىن ياپون ۋە كورىيە تىللىرىمۇ ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە بولۇشقا باشلىدى. Samuel E. Martin نىڭ 1966-يىلى ۋە 1996- يىلىدىكى  ئىككى تەتقىقات نەتىجىسى ۋە Roy Andrew Miller نىڭ 1971- يىلىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن ياپون ۋە كورىيە تىلىنىڭ ئالتاي تىلى ئائىلىسىگە مەنسۇپ تىللار ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئەمما ياپون، كورىيە تىللىرى بىلەن ئالتاي تىللىرىنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتلىرى شۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالدى. ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىدىكى مۇھىم تىللارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر تىلى بىلەن ياپون، كورىيە تىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقات ياپون، كورىيە تىللىرىنىڭ ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىدىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتىن ئېيتقاندا تەتقىقات قىممىتىگە ۋە ئىستىقبالغا ئىگە بىر بىلىم تارمىقى بولۇپ قالغۇسى.

ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ يۇقىرىقىدەك بۆلۈنۈشى ئادەتتە ئالتاي تىللىرى تېئورمىسى دېيىلىدۇ. ئالتاي تىللىرى تېئورمىسىغا قارشى كۆز قاراشتىكى تىلشۇناسلارمۇ يوق ئەمەس. ئۇلار ئۇرال تىللىرى سېستىمىسىنىڭ ئالتاي تىللىرىدىن ئايرىم بىر تىل سېستىمىسى ئىكەنلىكىنى تەرغىپ قىلىدۇ. ھونگىرىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى تۈركولوگلارنىڭ تەتقىقاتلىرى ۋە باشقا ئالتاي تىللىرى تېئورمسىنى ياقىلايدىغان تۈركولوگلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قاراپ تۇرۇپ بىز ماقالىمىزدە ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ياقىلايمىز.

تۆتىنجى، سام-ھام تىللىرى سېستىمىسى

سام- ھام تىللىرى سېستىمىسى- سام ۋە ھام تىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى تىل ئائىلىسىگە ئايرىلىدۇ. سام تىللىرى- سىبىريە تىللىرى ۋە ئەرەپچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھام تىللىرى بولسا قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بەشىنجى، جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسى (ئاۋۇسترو- ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسى)

بۇ تىل سېستىمىسى يەنە مالاي- پولونىيە تىللىرى سېستىمىسى ياكى جەنۇبىي ئارال تىللىرى سېستىمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مالاي تاقىم ئاراللىرى، فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرى، ھاۋاي ئارىلى قاتارلىق ئاراللاردىكى تىللار بۇ سېستىمىدىكى ئاساسلىق تىللاردۇر.  

ئالتىنجى، كاۋكاز تىللىرى سېستىمىسى

گىرۇز، چەچەن قاتارلىق كاۋكاز بەلباغلىرىدا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ تىلى كاۋكازىيە تىل سېستىمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

يەتتىنجى، داروۋىدا تىل سېستىمىسى

ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تىللار بۇ تىل سېستىمىسىغا كىرىدۇ.

كاۋكازىيە ۋە داروۋىدا تىل سېستىمىلىرى باشقا تىل سېستىمىلىرىغا قارىغاندا كىچىك تىل سېستىمىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ تىللارنى مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ۋە ئېتمولوگىيە جەھەتتىن باشقا تىل سېستىمىسىغا تەۋە قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن بۇلار ئۆز ئالدىغا ئايرىم تىل سېستىمىسى تەشكىل قىلماقتا.

ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسى

خوش، يۇقىرىدا دۇنيادىكى بارلىق تىللارنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى كۆرسىتىلدى. ئۇنداقتا بىزنىڭ ئاساسلىق تونۇشتۇرۇش ئوبىيېكتىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ قاتاردىكى ئورنىغا قاراپ باقايلى.

ئۇيغۇر تىلى-  ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسى، ئالتاي تىللىرى ئائىلىسى، تۈركىي تىللار تۈركۈمى، شەرقىي تۈرك(ئۇيغۇر- قارلۇق ياكى ئۇيغۇر- ئۆزبەك) تىل تارمىقىغا تەۋە بولغان يېپىشقاق خاراكتېردىكى مەۋجۇت تىلدۇر. ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىلى قايسى خىل تەتقىقاتلارغا ئاساسەن، قاچان، بۇنداق گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ قالدى دېگەن مەسىلىگە كېلەيلى. ئۇيغۇر تىلى تەۋە بولغان ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ تەتقىق قىلىنىش جەريانىنى چۈشەندۈرمەي تۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش تولىمۇ قىيىن.

مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ تۈركىي تىللارنى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق مېتودى بويىچە تەتقىق قىلغان تۇنجى تىلشۇناس ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى پەقەتلا تۈرك تىللىرى بىلەن چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇرال- ئالتاي تىللىرى سېستىمىدىكى تىللارنى تەتقىق قىلىش مەسىلىسىدە شىۋىتسىيەلىك ستراخلەنبېرگ- Strahlenberg (1676-1747) نىڭ ئۇرال- ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ تۇنجى تەتقىقاتچىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قاراش دۇنيا تۈركولوگلىرى تەرىپىدىن ئورتاق ئېتراپقا ئېرىشىپ كەلمەكتە. قىزىق يېرى شۇكى، بۇ كىشى ئەسلىدە تىلشۇناسلىقتىن خەۋىرى بولمىغان بىر ھەربىي ئەمەلدار. 1709-يىلىدىكى شىۋېتسىيە بىلەن چاررۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ستراخلەنبېرگ چارپادىشاھنىڭ قوشۇنىغا ئەسىرگە چۈشىدۇ ۋە سىبىريەنىڭ غەرىبىدىكى توبولسك شەھرىگە پالىنىدۇ. ئون يىلدىن ئوشۇق پالاندىلىق ھاياتىدا ستراخلەنبېرگ سىبىريە ھەققىدە نۇرغۇنلىغان يازما ھۆججەتلەر بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىيا خەرىتىسىنى سىزىپ چارپادىشاھقا سوۋغا قىلىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىشقا باشلايدۇ. ئاندىن، چارپادىشاھ تەرىپىدىن سىبىريەگە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن مەسسىرىسچىمدىت-  Messerschimdit (1685-1735) نىڭ ياردەمچىلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. بۇ جەريانىدا قولى بوش قالمىغان ستراخلەنبېرگ نۇرغۇن ماتېرىياللارنى توپلايدۇ ۋە ئەسىرلىك ھاياتى ئاخىرلىشىپ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن 1730- يىلى سىتوكھولومدا ئۆزى توپلىغان بۇ ماتېرىياللارغا تاينىپ تۇرۇپ،

"Das Nord und Östliche Theil von Europa und Asia " ( ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسىملىرى) ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. كىتابنىڭ 13- بۆلۈمىدە يېنىسەي مەڭگۈ تاشلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بار بولۇپ، دەل بۇ نۇقتا كىتابنى ۋە بۇ كىشىنى بىز ئۈچۈن قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ.  

ستراخلەنبېرگ ئەسىرىدە شەرقىي ياۋروپا ۋە سىبىريە ئارىسىدا ياشايدىغان ئۇرال- ئالتاي قەۋملىرىنى سۆزلىشىدىغان تىللىرىغا ئاساسەن، فىن- ئۇغۇر، تۈرك- تاتار، سامويېد، مۇڭغۇل- مانجۇ، تۇڭگۇس، قارا دېڭىز ۋە خازار دېڭىزى ئارىسىدىكى خەلقلەر قاتارلىق گۇرۇپپىلارغا ئايرىغان.

ستراخلەنبېرگدىن كېيىن، Msserschimdt, Schott, Castren, Ramsted قاتارلىق ئالتايشۇناسلار ئارقا- ئارقىدىن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق ئۇرال- ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىدىكى تىللارنى ئوخشىمىغان شەكىلدە گۇرۇپپىلىغان.  مەيلى كىم قانداق گۇرۇپپىلىغان بولسۇن بۇلار ئۇرال- ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلىدىغان، ئالتاي تېئورمىسىنى ياقىلايدىغان تۈركولوگلار ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئۇلار بىز يۇقىرىدا ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسىغا تەۋە قىلغان تىللارنىڭ بىر مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى ياقىلىغۇچىلاردۇر. بۇلارغا قارشى كۆز قاراشتىكى ئالىملاردىن، Clauson, Deorfer, Sherbak قاتارلىقلار بار. ئارىدا قالغانلار بولسا Benzing, Sinor,  قاتارلىقلاردۇر. (ئوقۇرمەنلەرگە تەۋسىيە: پروفېسسور، دوكتور مۇھەممەترېھىم سايىتنىڭ " تۈركىي تىللار نەزەرىيىسى" ناملىق كىتابىدا ئىسمى ئاتالغان بەزى ئالىملارنىڭ بۆلۈش ئۇسۇلى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن.)  نېمىشقىدۇر ، بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ خىل تەتقىقاتلارغا جان- جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. ھونگېرىيىلىك بەزى تۈركولوگلارنىڭ تۈرك قەۋملىرى ياشىغان جايلاردىكى تەتقىقاتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ۋەتىنىگە قايتقىنىدا سىرلىق ھالەتتە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم.  ئۇيغۇر تىلىنىڭ قايسى تىل سېستىمىسىدا ئىكەنلىكى دەلىللىرىمىز نەتىجىسىدە ئايدىڭلاشتى. ئەمدى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي دەۋرلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي دەۋرلىرى

تۈرك قەۋملىرىنىڭ ھەرخىل تېرىتورىيەلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىشى ۋە ھەرخىل سىياسىي كۈچلەرنىڭ قول ئاستىدا بولۇشى، تۈركىي تىللارنىڭ تەتقىق قىلىنىش مېتودى ۋە تارىخىي دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشىگە بىۋاستە ېتەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىنىڭ ئەڭ غول قىسمىنى تەشكىل قىلغان تۈركىي تىللارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي دەۋرلەرگە بۆلۈنىشى ھەرخىل ئالىملار تەرىپىدىن ھەرخىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلماقتا. مەسىلەن، 13- ئەسىردىن 19- ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر قاتارلىق قارلۇق قەۋملىرى تەرىپىدىن قوللىنىلغان، بىز چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتايدىغان تىلنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركولوگلار تەرىپىدىن ھەرخىل ئاتالغىنىغا ئوخشاش. رۇسلار ئۇنى قەدىمكى ئۆزبەك تىلى دەپ ئاتىسا، ئۇيغۇرلار چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتايدۇ. ياۋروپالىق بەزى تۈركولوگلار شەرقىي تۈرك تىلى دەپ ئاتىسا، بەزىلىرى چاغاتايچە دەپ ئاتايدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى بەزى تۈركولوگلار ئۇنى چاغاتاي تۈركچىسى دەپ ئاتىسا بەزىلىرى چاغاتايچە، يەنە بەزىلىرى شەرقىي تۈرك تىلى دەپ ئاتايدۇ. ئاتاشلارنىڭ ھەرخىل بولۇشى ئۇنىڭ قايسى قەۋمگە تەۋە بولۇشىنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ. چەتئەلدىكى تۈركولوگلار تىلىمىزنىڭ تارىخىي بۆلەكلىرىنى مەيلى قانداق ئاتىسۇن ۋە مەيلى كىملەرگە مەنسۇپ قىلسۇن بۇ نۇقتا ھەرگىزمۇ بىزنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەيدۇ ئەكسىچە بىزنى يېڭى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا ئۈندەيدۇ. خوش، ئۇنداقتا بىزمۇ ئۆزىمىز ئىگە بولغان تارخىي قوليازمىلىرىمىزغا ۋە ھازىرقى مەۋجۇت تىل پاكىتلىرىمىز بىلەن ئۇلار ئوتتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ھەمدە تىلىمىزنىڭ تارىختا قوللىنىلغان تېرىتورىيەلىرى ۋە بۈگۈن بىز ياشاۋاتقان تېرىتورىيەلەرگە قاراپ تۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي دەۋرلىرىنى ئۆزىمىزچە تۈرگە ئايرىپ كۆرسىتەيلى.

ئانا ئالتاي تىلى دەۋرى

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ قەدىمكى دەۋرى ئانا ئالتاي تىلى دەۋرى. بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئالتاي تىللىرى تېئورمىسىنى ياقىلايدىغان ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە يېڭى كۆز قاراش تىكلەيدىغان بولساق، ھېچ ئىككىلەنمەستىن بۇ دەۋرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي دەۋرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. بۇ دەۋردە ياپونچە ۋە كورىيانچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىدىكى تىللارنىڭ ھەممىسى خۇددى قار پومپىسىغا ئوخشاش جىپىسلاشقان ھالەتتە بولۇپ بىر-بىرىدىن تېخى ئايرىلمىغان ئىدى. دېمەك، تىلىمىزنىڭ ئۇ چاغدىكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش، ئۇنىڭغا كونكېرت بىر تارىخىي يىلنامە كۆرسىتىش قولىمىزدىكى دەلىل ئىسپاتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش بولسا كېرەك. بەلكى 5000 يىلدىن كۆپرەك تارىخىي دەۋردىن بۇرۇنقى بىر دەۋر بولۇشى مۇمكىن.

ئىپتىدائىي تۈركىي تىللار دەۋرى

بىز يۇقىرىدا چۈشەندۈرگەن ئالتاي تىللىرى تېئورمسىنى قوبۇل قىلمايدىغان تۈركولوگلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئانا ئالتاي تىلى دەۋرى ئەمەس بەلكى ئىپتىدائىي تۈركىي تىللار دەۋرى تۈركىي تىللارنىڭ تۇنجى تارىخىي دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئالتاي تىللىرى تېئورمسىنى ياقىلايدىغان بىزلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىپتىدائىي تۈركىي تىللار دەۋرى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي تىللارنىڭ ئانا ئالتاي تىلىدىن ئايرىلىشقا باشلىغان دەۋرى بولۇشى كېرەك. يەنى، بۇ دەۋر تۈركىي تىللارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. بۇ دەۋىرگە ئەگەر بىر تارىخىي يىلنامە كۆرسىتىش توغرا كەلسە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3500- يىللاردىن مىلادىنىڭ بېشىغىچە بولغان تارىخىي دەۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېيەلەيمىز. بۇ دەۋردە چۇۋاشچە تېخى تۈركىي تىللاردىن ئايرىلمىغان.

ئانا تۈركىي تىللار ۋە ئانا چۇۋاش تىلى دەۋرى

مىلادىنىڭ بېشىدىن مەڭگۈ تاشلارنىڭ تېپىلىشىغىچە بولغان دەۋر.  بۇ دەۋر چۇۋاشچىنىڭ تۈركىي تىللاردىن ئايرىلغان دەۋرى. چۇۋاشچىدىن باشقا پۈتۈن تۈركىي تىللارنىڭ ھېچبىرى بۇ دەۋىردە تېخى بىر- بىرىدىن ئايرىلمىغان ئىدى. بۇ گېپىمىزگە ئىسپات بولىدىغىنى، تۈرك قەۋملىرىنىڭ ئەجدادى ھېسابلىنىدىغان ھۇن، ئاۋار، پەچەنەك، بۇلغار قاتارلىق قەۋملەرنىڭ تارىختا قوللانغان قەۋم ئىسىملىرى، ئەمەل ناملىرى ۋە يەر ئىسىملىرىنىڭ تۈركىي تىللاردىكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكى. بۇنىڭغا دائىر ھېچقانداق بىر تۈركىي تىللىق يازما ئەسەر تېخى تېپىلغىنى يوق. ئەمما بىز خەنزۇچە ۋە گېرىكچە يازما مەنبەرلەدىن بۇ خىل ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيمىز. بۇندىن باشقا يەنە بۇلغارلاردىن قالغان يازما يادىكارلىقلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.  

گېرىكچە مەنبە- ئون ئۇغۇر بۇلغارلىرىنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىنجىل (VI) .

قەدىمكى گېرىكچە قوليازمىلاردا ئون ئۇغۇر بۇلغارلىرىنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان  ئىنجىل ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. ئەمما ئۇ ئىنجىلنىڭ بىزگە يېتىپ كەلگىنى يوق. ئەگەر ئاشۇ ئىنجىل قولغا كەلگەن بولسا ئۇغۇر تىللىرىدىكى تەتقىقات يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈلگەن، ئالتاي تىللىرى تېئورمىسى ئۆزىگە يېڭى بىر ئىسپات تاپقان بولاتتى.  

خەنزۇچە مەنبە-  تۈركىي تىللارغا تەرجىمە قىلىغان بۇددا سۇترالىرى (VI) . « شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقى» دەۋرى (552-630) .

«جۇنامە» دە خاتىرىلەنگەن، خەنزۇچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان نېرۋانا سۇترىنىڭمۇ بىزگىچە يېتىپ كەلگىنى يوق.  ئەگەر ئۇ سۇترا بىزگە يېتىپ كەلگەن بولسا بىزمۇ تىلىمىزنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى ھالىتىنى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ۋە يېزىققا ئېرىشىش تارىخىمىزنى بىر ئەسىر ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىسپات تاپقان بولار ئىدۇق.

قەدىمكى تۈركىي تىللار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋر

بۇ دەۋرنى، قەدىمكى تۈركىي تىللار، ئوتتۇرا دەۋر تۈركىي تىللىرى ۋە ھازىرقىي زامان تۈركىي تىللىرى دېگەن ئۈچ تارىخىي باسقۇچقا بۆلدۈم:

قەدىمكى تۈركىي تىللار

7- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە بولغان بۇ دەۋردىكى تىللارنى ئوخشىمىغان تۈركولوگلار ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتايدۇ. بىر قەدەر ئومۇملاشقان كۆز قاراشلاردا بۇ دەۋر كۆكتۈركچە (ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى)، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى (كاشىغەر ئۇيغۇر تىلى، تۈركىستان تىلى، قاراخانلار تۈركچىسى) قاتارلىق تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  

ھەممىمىز بىلىدىغان ئورخۇن- يېنىسەي تاش ئابىدىلىرى يەنى، مەڭگۈ تاشلار دەل مۇشۇ ئېلىپبەدە ئويۇلغان. خۇددى خەنزۇلارنىڭ چىغناق- تاغاق يېزىقىدەك بۇ تاش ئابىدىلەردىكىسى بىزنىڭ تۇنجى يېزىقىمىزدۇر.  قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەسى:

قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر تارىخىي يېزىق ھېسابلانسىمۇ، جۇڭگودىكى مۇڭغۇللار ھازىرغىچە قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى قوللىنىپ كەلمەكتە.  قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن 15- ئەسىرگىچە ھەتتا بەزى رايونلاردا 17- ئەسىرگىچە قوللىنىغانلىقى تۇرپاندىن تېپىلغان قوليازمىلاردىن مەلۇم. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا يەنە مودا بىر يېزىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان. يەنى بۇ يېزىقنى بىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش بىر كىشىنىڭ ئىلمىي ۋە رەسمىي ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان شەرتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان.  يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك» ىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىسى، ئەتەبەتۇل ھەقايق قاتارلىق بەزى ئەسەرلەرنىڭ بىر قۇر ئەرەپ يېزىقىدا ۋە بىر قۇر قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتى. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا يەنە سىياسىي يېزىق سۈپىتىدىمۇ قوللىنىلغان. ئوسمانلىلارنىڭ  چەتئەللەرگە يوللىغان مەكتۇپلىرىدا ئەرەپ يېزىقى بىلەن بىللە يەنە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىمۇ تەڭ قوللىنىلغان. ھەتتا ئوسمانلى مەكتۇپلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەرەپ يېزىقى قەدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شەكلىگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ يېزىلغان. بۇنىڭغا دائىر بىزگىچە يېتىپ كەلگەن تارىخىي يازمىلار مەۋجۇت. بۇنىڭدىن قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالتە ئەسىردىن كۆپ ۋاقىت ھەم ئەدەبىي يېزىق تىل ھەم پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي يېزىقى ھەم مودا يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى مەلۇم. بېرىپ بېيجىڭدىكى گۇگوڭ خان سارىيىنىڭ قەسىرلىرىنىڭ ئىشىكىگە قارىسىىڭىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى كۆرەلەيسىز. چۈنكى مانجۇلارمۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلاردىن ئالغان.

ئوسمانلى دەۋرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر چېرتىيوژ

خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى

ئۇيغۇرلاررنىڭ بۇ تىلى پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھەم ئورتاق ئەدەبىي تىلى ھەم سىياسىي تىلى ئىدى. مېنىڭ بۇ گەپنى ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ كېتىپلا دەۋېلىۋاتقىنىم يوق. تېپىلغان ۋە تېپىلىۋاتقان قوليازمىلار شۇنداق دەيدۇ. مۇكەممەل بىر ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە قوللىنىلىپ « قۇتادغۇبىلىك» ،« ئەتەبەتۇل ھەقايىق»،«دىۋان ھىكمەت» قاتارلىق ئەسەرلەرنى بېرەلىگەنلىكى، ۋە ئۇ چاغدا قارلۇق قەۋمىدىن بولغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي يېزىق تىلى بولمىغانلىقى، باشقا تۈركىي مىللەت تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر شىۋىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغانلىقى شۇنداق دەيدۇ.

خاقانىيە ئۇيغۇر تىلىدا تۈركولوگىيە پېنىنىڭ قۇرۇلالىشىغا، نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ نان تېپىپ يېيىشىگە سەۋەپ بولۇۋاتقان دۇنياۋى ئەسەرلەر يارىتىلغان دەۋردە بىز ھازىر دەسسەپ تۇرغان بۇ تۇپراقلارىغا  تەڭرىتاغلىرى ئېتەكلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئوغۇز قەۋملىرىنىڭ تېخىچە ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىل ئۇياقتا تۇرسۇن، يېزىق تىلىمۇ يوق ئىدى. بۇ تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ 800 يىل بۇرۇنقى پەرقى. ھازىرقى پەرقنىڭ قانداقلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. كېيىن قانداق بولۇشى بىزلەرگە باغلىق.

كۆكتۈركچىدىن كېيىنكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن قاراخانلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەزى دىنىي ئاتالغۇلار ۋە قىسمەن فونتىكىلىق(ز ۋە د تاۋۇشلىرىنىڭ نۆۋەتلىشىشى دېگەندەك) ۋە لېكسىكا ۋە گرامماتىكىلىق پەرقىدىن باشقا كۆپ پەرقى يوق. مەيلى شەرقتىكى بۇتپەرەس ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە ئۇيغۇرلار بولسۇن ۋە مەيلى جەنۇبتىكى تۈرك- ئىسلام كۈلتۈرى ئىچىدىكى پامىر ۋە خوتەن ئۇيغۇرلىرى بولسۇن ھەممىسىلا ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر تىلنى ئىشلەتكەن. مىسالغا، قۇتادغۇبىلىك ۋە ئوغۇزنامە داستانلىرىنىڭ قوليازمىسىغا قارايدىغان قۇتادغۇبىلىكتە ئەرەپ، پارىس تىللىرىدىن كىرگەن كىرمە سۆزلەر كۆرۈلىدۇ ئەمما ئوغۇزنامىدىن ئۇنداق ئامىللارنى ئۇچرىتالمايمىز.

مېنىڭچە، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن كاشىغەر ئۇيغۇر تىلىنى ئىككى تىل دەپ ئايرىپ قاراش خۇددى قۇمۇل شىۋىسى بىلەن خوتەن شىۋىسىنى ئىككى تىل دېگەندەك بىر ئىش. چۈنكى دىننى نەزەردىن ساقىت قىلغىنىمىزدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە كاشىغەر  ئۇيغۇر تىلى ئىككىسىلا بىر دەۋردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى. جۇغراپىيىلىك پەرق، دىنىي پەرق ھەرگىزمۇ ئۇ ئىككى تىلنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى تىل ئىكەنلىنى ئىسپاتلاشقا يەتمەيدۇ. پەقەت يازما ئەسەرلەر ۋە شۇ ئىككى تىلنىڭ ھازىرقى شىۋىلىرىلا بۇنىڭغا پاكىت بولالايدۇ. تۇرپاندىكى بىر ئۇيغۇر خوتەندە ۋە قەشقەردە تەرجىمانسىز ياشايدۇ. قۇمۇلدىكى بىر ئۇيغۇر ئاتۇشتا ياشىيالايدۇ.

بۇ دەۋرنىڭ بېشى تۇنجى يازما ئەسەرلىرىمىزنىڭ تېپىلىشىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىنىپ تېپىپ چىقىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى (كۆكتۈركچە)دىن باشلىنىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىخلىنىپ، ئىسلامنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر يۇرتىغا ئومۇمىيلىشىشى بىلەن بىرگە ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىققان كاشىغەر ئۇيغۇر تىلى بىلەن راۋاجلىنىپ تاكى 13- ئەسىردە تارىخ سەھنىسىگە چىقىشقا باشلىغان، كاشىغەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ.

ئوتتۇرا تۈركىي تىللار دەۋرى

ئەلىشىر نەۋايى شېئىرى قوليازمىسى

مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىن (13-ئەسىر) باشلىنىپ 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تارىخ سەھنىسىدىكى ئورنىنى بىر-بىرىدىن تولۇق ھالەتتە ئايرىلىپ دېئالىكىت شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھازىرقىي زامان تۈركىي تىللىرى دەۋرىگە بوشىتىدۇ. ياۋروپالىق تۈركولوگلار بىزگە چاغاتايچە دەپ ئات قويۇپ بەرگە، بىز بولساق چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتايمەن دەپ قىينىلىپ كېتىۋاتقان  13- ئەسىردىن 19- ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دەۋر تىلىنىڭ باشلىنىشىغا دائىر ھەرخىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر« قىسسەسۇل ئەنبىيا» نى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايدۇ، بەزىلەر بولسا بۇ ئەسەرنى خاقانىيە تۈركچىسى دەۋرىگە تەۋە قىلىدۇ. خاقانىيە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرەققىي قىلىشى جەنۇبتا 13- ئەسىردە باشلىنىدۇ. ئەمما شەرقتىكى ئۇيغۇرلار بۇ چاغدا تېخىچە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قوللىناتتى. تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شەرقىدە تاكى 16- ئەسىرگىچە بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

13- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە، تۈركىي قەۋملەرنىڭ تېرىتورىيەسىدە، شەرقىي قىسىمدا خارەزىم ۋە غەربىي قىسمىدا قەدىمكى ئوغۇز تىلى ( قەدىمكى ئانادولۇ تىلى) قوللىنىلدى.

15- ئەسىردىن 20- ئەسىرنىڭ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شەرقتە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، غەربتە ئوسمانلى تۈركچىسى ھاكىم ئىدى.

ھازىرقى تۈركىي تىللار

ھازىر مەۋجۇت بولغان پۈتكۈل تۈركىي تىللار بۇ دەۋرنى تەشكىل قىلماقتا. ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قەدىمقى تۈركىي تىل بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىر مەركىزىي دېئالىكىت(تۇرپان شىۋى، قۇمۇل شىۋىسى، تارىم شىۋىسى، غۇلجا شىۋىسى، ئۈرۈمچى شىۋىسى،قەشقەر شىۋىسى)، خوتەن دېئالىكتى ۋە لوپنۇر دېئالىكتىدىن ئىبارەت ئۈچ دېئالىكتى بار دەپ قارالماقتا. مەن ئۇيغۇر تىلىدا دېئالىكىتلەرنىڭ بارلىقىنى ياقىلىمايمەن. ئەكسىچە ئۇيغۇر تىلىدا شىۋىلەر مەۋجۇتتۇر. باشقا تۈركىي تىللار ئۇيغۇر تىلىنىڭ دېئالىكىتلىرىدۇر.

ئۇيغۇر تىلى قوللىنىدىغان كىشى سانى ئەڭ كۆپ بىر تۈركىي تىل سۈپىتىدە 7-ئەسىردىن 21- ئەسىرگىچە بولغان 13 ئەسىرلىك بوران- چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ھازىرىچە ساقلانماقتا. كېيىن قانداق ھالدا بولۇشى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى قانداق ئىشلىتىشى، قىممەتكە ئىگە قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرىشىگە باغلىق.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-29 01:20 PM  

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
نەۋرۇز + 100 ئېسىل تېما
elijan + 555 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 655   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79970
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2615
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 01:25:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورمال كورۆنمىدى خەتلەر،،،،كورەلمىدىم ،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77760
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4368
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2012-3-21
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 02:23:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
taturyul يوللىغان ۋاقتى  2012-8-29 01:25 PM
نورمال كورۆنمىدى خەتلەر،،،،كورەلمىدىم ،،،

نورمال كۆرىنىۋاتىدىغۇ ؟

سىزئۆزىڭىزنى پەقەت ئۆزىڭىزلا قۇتقۇزالايسىزئۆزكۈچىگەتايىنىشنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ تەقدىرى مەڭگۈئۆزقولىدابولمايدۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82396
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4406
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-7-2
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 02:27:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
سۈكۈت قىلىش جىنايەت ھىساپلىنىدۇ.
‹‹ باغداش مۇنبىرى ››گە يوللانغان  ‹‹بىز ۋە ھوقۇقلىرىمىز ››نى، چوقوم ئوقۇپ چىقىڭ!     http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11612
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11703

ئىملا دەۋاگەرى!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7561
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 776 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 03:23:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىدا تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر دېيىلىپ ئۆتۈپتۇ: پولشا تىلىنى ھازىرغا قەدەر سلاۋىيان تىللىرىنىڭ بىر تارمىقى، بەلكىم شىمالىي تارمىقى، دەپ بىلەتتىم، ئەمما سلاۋىيان تىلىنىڭ سىرتىدا تىلغا ئېلىنىشىدىن گاڭگىراپ قالدىم.
يەنە بىر مەسىلە: سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنى بىز بۇتپەرەست ئۇيغۇر ئالىمى دەۋالدۇقمۇ ياكى بىرەر تارىخىي ھۆججەت بارمۇ؟ بۇنداق دېيىشىمدە، «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نىڭ تەرجىمىسىدە سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ «تابغاچ تىلىنتىن تۈرك تىلىنا ئاۋىردىم» دەپ يازغان ئىكەن، نېمىشقا «تابغاچ تىلىنتىن ئۇيغۇر تىلىنا ئاۋىردىم» دەپ يازمىغان بولغىيدى؟

ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

ئىملا دەۋاگەرى!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7561
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 776 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 03:28:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمان «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى» 5-جىلدنىڭ 87-ياپرىقىدا: «بېشبالىقلىق سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن تۈرك تىلىغا ئاغدۇردى»
(«Tawač tilindin yänä biš balïqlï Šinqu Šäli tutu Türk tilinčä äwirmiš») دەپ يازغان①. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان [Türk tili] (“突厥语”) ئۇيغۇرلار قوللىنىدىغان ئەدەبىي تىلنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ تەرجىمان ئۆزى تەرجىمە قىلغان يەنە بىر نادىر بۇددا نومى «ئالتۇن ئۆڭلۈگ يارۇق يالتىراغلىق قوپتا كۆتۈرۈلمىش نوم ئىلىكى ئاتلىغ نوم بىتىك» (Suvarnaprabhāsa [سۇۋارناپراباسوتتاما سۇترا]) دا، ئۇيغۇرچە تەرجىمىنىڭ 10-جىلد خاتىمىسىدە: «بېشبالىقلىق سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇ تىلىدىن يەنە تۈرك ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇردى[biš balïqlï Šinqu Šäli tutu tavač tilindin türk uyur tilinčä ikiläyü äwirmiš]» دەپ يازغان②. يەنە مەسىلەن، «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى» 5-جىلدىدىكى خەنزۇچە “亦睹货罗故地。风俗大同突厥” دېگەن جۈملىنى “(ol balïq) yämä toχrïlar-nïng soki yiri titir: törüsi toqusi barčä türk birlä bir ärip” (V52,24 ) دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇ يەردە سىڭقۇ سەلى خەنزۇچىدىكى “突厥” دېگەن سۆزنى “türk” دەپ تەرجىمە  قىلغان③. سىڭقۇ  سەلى
ـــــــــــــــــــــــــــــ
.①ТугушеваЛ.Ю.: Уйгурская Версия Биографии Сюань–Цзана, Москва, “Наука”, Главная Редакция Востoчной Литературы, 1991. стр.96.
②РадловВ.В., МаловС.Е.: Suvarnaprabhāsa(Сутра Золотого Блеска), Текст Уйгурской Версии, T.IX-X, Санктпетербург, 1914, стр.673.
③ТугушеваЛ.Ю.: Уйгурская Версия Биографии Сюань–Цзана, Москва, “Наука”, Главная Редакция Востoчной Литературы, 1991. стр.68.
تۇتۇڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى türk tili (“突厥”) ياكى türk uyur tili (“突厥—回鹘语”) دەپ ئاتىغان. «جۇنامە» 50-جىلد «تۈركلەر تەزكىرىسى» دە: «تۈركلەر ھۇنلارنىڭ بىر تارمىقى، ئاشىنا ئۇرۇقىدىن، قەبىلىلىرى بار» [《周书》卷五十《突厥传》写道:“突厥者,盖匈奴之别种,姓阿史那氏,别为部落”]) ① دەپ خاتىرىلەنگەن.
«يېڭى تاڭنامە»(《新唐书》)دە «ئۇيغۇر، ھۇن نەسلىدىن» (“回纥,其先匈奴也”)② دەپ خاتىرىلەنگەن.
“突厥” توغرىسىدا《新唐书》دە «تۈركلەر ئاشىنا ئۇرۇقىدىن، ھۇنلارنىڭ شىمالىدا ياشايدۇ»( “突厥阿史那氏,盖古匈奴北部也”) دەپ خاتىرىلەنگەن③. «كىتابلار جەۋھىرى» دە:«回纥之先,匈奴之裔也 » (ئۇيغۇرلار ھۇنلار نەسلىدىن)دەپ خاتىرىلەنگەن.
ـــــــــــــــــــــــــــــ
① «جۇنامە»،50-جىلد، «تۈركلەر تەزكىرىسى»، جۇڭخۇا باسمىخانىسى، 2-توم 907~908-بەتلەر (《周书》卷五十《突厥传》,中华书局,第二册第907-908页 ).
② «يېڭى تاڭنامە» 142-جىلد «ئۇيغۇرلار» بىرىنچى بۆلۈم، جۇڭخۇا باسمىخانىسى، 6111~6112-بەتلەر (《新唐书》第一四二卷《回鹘》上,中华书局,第6111-6112页)
③«كىتابلار جەۋھىرى» 958-جىلد، «يات قەۋملەر‹ئىلىكخانلىقلار›»، جۇڭخۇا باسمىخانىسى، 12-بۆلۈم، 11277-بەت.
(《册府元龟》卷九五八,《外臣部〈国邑〉》,中华书局,第十二册,上海,1960年,11277页。)
ۋاڭ گوۋېي ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، خەنزۇچە ۋەسىقىلەردىكى «ھۇن»، «شيەنيۈن»(“匈奴”،“玁狁”) ئوخشاش مەنادا ئىكەن، “玁狁” خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردا ھۇنلارنى (“匈奴”)كۆرسەتكەن، ئەمما سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ قەلىمىدىكى 匈奴 «پادىچى تۈرك خەلق» [türk yočul bodun] ((VI43,18)) دەپ تەرجىمە قىلىنغان، ھالبۇكى 玁狁  « tumšuqlu [ta]rmaqlï» (تۇمشۇقلۇغ، تىرماقلىغ) دەپ تەرجىمە قىلىنغان ((VI43,9—10)). مەسىلەن، تەرجىمان “中国陵迟,匈奴得志” نى «ئورتا ئەل ئۇلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى؛ شۇنىڭ بىلەن ھۇنلار يۈكسەك ئورۇنغا ئېرىشتى» دەپ، يەنى [ortun il uluš…ksiz basïnč-lï boltï: türk [y]očul bodun ärtiü ayam-lï [bo]ltï] دەپ تەرجىمە قىلغان ((VI43,17—20)) بولسا، “玁狁为患,其来自久”نى
[bu tavač [i]li tumšuqlu-qa soqturali [ta]rmaqlï-qa tart- duralï ür[ki]č bolmïš ärdi]
(«تابغاچ ئېلى تۇمشۇقلۇغقا سوقتۇرغالى، تىرماقلىغقا تارتدۇرغالى ناھايىتى ئۇزاق بولدى [ئۇزاق زاماندىن بۇيان تۇمشۇغلۇقلار تابغاچ ئېلىنى دەپسەندە قىلىپ كەلدى]») دەپ تەرجىمە قىلغان ((VI43,8-11)).
خەنزۇچە ئەسەر بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق شۇنى ئېنىق بىلدۇقكى، خەنزۇچە يازما مەنبەدە خاتىرىلەنگەن“匈奴” بىلەن “玁狁”كۆزدە تۇتقان ئۇقۇم ئۇيغۇر تەرجىماننىڭ چۈشىنىشىدە ناھايىتى روشەن پرىنسىپاللىق پەرقلەرگە ئىگە، شۇڭا بۇ نۇقتا ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
قەدىمقى تۈركچە  مەڭگۈتاش  تىلىدا دائىم ئۇچرايدىغان “türk” سۆزى  خەنزۇچىدىكى “突厥” سۆزى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش  سۆزدۇر.
مەسىلەن،  مەشھۇر  سانىلىدىغان  «تۇنيۇقۇق   مەڭگۈ  تېشى» دىكى
“bilgä  tonyuquq bän özüm tabač iliä qïlïntïm, türk bodun  tabačqa körür ärti…”
«دانىشمەن تۇنيۇقۇق مەن ئۆزۈم تابغاچ ئېلىدە ئۆستۈم [تەربىيەلەندىم]، [ئۇ زاماندا] تۈرك خەلقى تابغاچقا قارايتتى» دەپ خاتىرىلەنگەن①. قەدىمقى تۈركچە مەڭگۈتاشلاردىكى [türk bodun] «تۈرك خەلقى» دېگەن مۇقىم مەناغا ئىگە ئىدى.
كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمانى خەنزۇچىدىكى “匈奴” قاتارلىق سۆزلەرنىڭ مۇناسىپ ئاتالغۇلىرى خۇسۇسىدا توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولغان. مىلادى 10-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر تەرجىمان “匈奴”نى türk yočul bodun [پادىچى تۈركلەر] دەپ، ئۆز ئانا تىلىنى türk tili ياكى türk-uyur tili دەپ ئاتىغان. بۇ بىزنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئاتاش، تارىختىكى ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنى قانداق تونۇشنى تەتقىق قىلىشىمىزدىكى قىممەتلىك تارىخي ماتېرىيالدۇر.
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى تەرجىمە جەريانىدا بەزى بىشارەتلىك مەزمۇنلارنى قوشقان. ئالايلۇق، تەرجىمان «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى»  6-جىلدىنىڭ  44-ياپرىقىدا قوشقان بىشارەتلىك مەزمۇندا : [bišinč türk yočul bodun ärtiü kötrülti, üstünki il ulušlar, törüsin ïčqïntï] «بەشىنچى، تۈرك يوچۇل بودۇنلار [ھۇنلار] ئورنىدىن ناھايىتى مەغرۇر
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
①Малов С.Е. Памятники Древнетюкской Письменности, Издательство Академии Наук СССР, М-Л., 1951. стр.56-61.

تۇردى، ئۇلار بىر چوڭ ئەلنىڭ ياسىقىنى بىت-چىت قىلدى» دەپ يېزىلغان. ئەمەلىيەتتە، خەنزۇچە«شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دا مۇشۇ بۆلەكنىڭ باشلىنىشىدا ۋاپسى شۈەن زاڭ ئۆزىنىڭ دەھرىيلىككە قايتىشنى خاھلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايان قىلغان بەشىنچى سەۋەبتە: «كورېيە[چاۋشيەن] دەك كىچىككىنە بىر ئەل سۈي سۇلالىسىدەك كاتتا ئەلنى كۆزگە ئىلمىغان، سۈي سۇلالىسىنىڭ پادشاھى زور لەشكەر تارتىپ نەچچە قېتىم جازا يۈرۈشى قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا نۇرغۇن چىقىم تارتىپ نەتىجىسىز قايتقان» لىقىدەك تارىخىي ساۋاقنىڭ ھۇنلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى مىسال كەلتۈرگەن①. ئەمما تەرجىمان ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە يۇقىرىقى مەزمۇننى مۇناسىپ تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن ھۇنلارغا دائىر يۇقىرىقى مەزمۇننى قوشقان.
    بۇنىڭدىن باشقا، تەرجىماننىڭ بەزى مىللەت، يەر نامى ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنى تەرجىمە قىلىشىمۇ  ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە  ئىگە. مەسىلەن، 酆、镐 (فېڭدۇ، خاۋجىڭ) نى qutlu čuu-nan“神圣的长安” [مۇقەددەس چاڭئەن] دەپ تەرجىمە قىلغان (VI43,15)، تەرجىمان بۇ
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
①خۇي لى، يەن سۇڭ يازغان، سۈن يۈتاڭ قاتارلىقلار تۈزىتىپ بېكىتكەن، «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى»(داۋ شۈەن يازغان، فەن شياڭيۇڭ تۈزىتىپ بېكىتكەن «ساكيامۇنى تەزكىرىسى» بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىزاھلانغان)، جۇڭخۇا باسمىخانىسى، 2000-يىل نەشرى، 139-بەت.
يەردە “酆、镐” نىڭ ئالدىغان “qutlu” (مۇقەدەس) دېگەن سۈپەتنى قوشقان. كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، تەرجىماننىڭ يۇقىرىقى ئىككى يەر نامىغا باغلىنىشلىق مۇھىم تارىخىي ۋەقەگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولغان. «ۋېي چىڭ بىلەن خو چۈبىڭنىڭ بار كۈچى بىلەن زەربە بەرگەنلىكى» نى تەرجىمە قىلىدىغان چاغدا تەرجىمان ئەسلىي ئەسەرنى ئۆزگەرتكەن، خەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن بۇ ئىككى تارىخىي شەخس ـــــ ھۇنلارغا زەربە بەرگەن سانغۇنلارنىڭ نامۇ-شەرىپى تەرجىمە ئەسەردە ئۇچرىمايدۇ، بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا {qama küčin [ön]türüp} (بار كۈچى بىلەن) دەپ تەرجىمە قىلغان (VI43,24-25)؛ “中国”دېگەن ئىسىمنى ortun il uluš (ئورتا ئەل) دەپ تەرجىمە قىلغان (VI43,17)، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى تاڭ سۇلالىسىنى tavač (تاۋغاچ) دەپ ئاتاش ئادىتىدىن پەرقلەندۈرگگەن (VI43,8).
ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئۇچرايدىغان tüpüt (VI42,19) سۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان «تۈبۈت [تىبەت]» بولسىمۇ، ئەمما خەنزۇچە ئەسلىي ئەسەردە بۇنىڭغا مۇناسىپ“吐蕃”نامى ياكى شۇنىڭغا مۇناسىپ مەزمۇن ئۇچرىمايدۇ.
ئەسلىي ئەسەردىكى“单于弓骑之人” نى [qïrqïz y-a mingülük kiši-lär] ”قىرغىزلار ۋە قونداقلىق ئوقياچى چەۋەندازلار“(VI44,12—13) دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇ يەردە تەرجىمان “单于”دېگەن سۆزنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى [qïrqïz] سۆزىگە ئالماشتۇرغان، بۇ يەردە تەرجىماننىڭ مەزمۇننى ئۆزگەرتىشتىكى مۇددىئاسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
تەرجىمان خەنزۇچىدىكى “俱充臣妾”دېگەن جۈملىنىڭ مەناسىنى تولۇق چۈشەنگەچكە، ئۇيغۇرچىغا [kiši-lär yumqï ič ičäräki-[i] boltï-lär] دەپ، يەنى «بەرى ئوردىغا بەيئەت قىلدى» دەپ ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق تەرجىماننىڭ سەۋىيە-ۋە ماھارىتىنى نامايان قىلغان.
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى ئەسلىي ئەسەردىكى“充委夷邸”نى [tolu yatur üč balïq-lar-ta] دەپ، يەنى «(چېگرا) دىكى ئۈچ قەلئەگە لىق تولدى» (VI43,2) دەپ ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلغان، تېخى بۇ يەردە “üč balïq-lar”(ئۈچ قەلئە) نى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرگە كونا تارىخىي ۋەقەنى ئەسلەتكەن. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى شىمالدىكى چېگرا تەۋەلىرىدە ئەل بولغانلارنى قوبۇل قىلىش قەلئەسى قۇرغان. تاڭ سۇلالىسى بۈگۈنكى ئوردۇسنىڭ شىمالىدا شەرقتە، غەربتە، ئوتۇرىدا بىردىن ئۈچ ئەل بولغانلارنى قوبۇل قىلىش قەلئەسى قۇرغان بولۇپ، تۈركلەردىن مۇداپىئەلەنگەن، بۇ بىر بۆلەكنىڭ تەرجىمىسى تەرجىماننىڭ جۇڭگو تارىخىغا بەكلا تونۇش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان.
يۇقىرىقى تەھلىلدىن تەرجىمان سىڭقۇ سەلىنىڭ بۇددا دىنى ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەن ئادەم بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە سىياسىي، تارىخ، مەدەنىيەت جەھەتىمۇ قالتىس يۇقىرى بىلىملىك زات ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
بۇ  يەردە  قىزىققۇچى  تەتقىقاتچىلارغا «جىننامە»نىڭ 95-جىلدى  بولغان  «كۈسەنلىك راھىب بۇددۇچىڭا تەزكىرىسى» دىكى ھەرقايسى ئەل ئالىملىرى قىزىقىپ تەتقىق قىلىپ كۆرگەن كۈسەنلىك  بۇددا ئالىمى، راھىب  بۇددۇچىڭانىڭ  چوڭقۇر مەنالىق مۇنۇ  قۇرلارنى  تەتقىقاتتا  پايدىلىنىپ  كۆرۈشنى  تەۋسىيە قىلىمەن:
“澄曰:相轮铃音云:‘秀支替戾冈,仆谷劬秃当。’此羯语也。秀支,军也。替戾冈,出也。仆谷,刘曜胡位也。劬秃当,捉也。此言军出捉得刘曜也。”①
بۇ قۇرلار ھەقىقەتەن چەت ئەل ئالىملىرىنى قىزىقتۇرغان②. رۇسىيەلىك تىلشۇناس تېنىشېۋ (ТенишевЭ.Р.) ③مۇ ھۇن تىلى ھەققىدە ئىزدەنگەن.
     رۇسىيەلىك تىلشۇناس شېۋاردشىدزې (И. Н. Шевардшидзе) باشقىلارنىڭ ئىزدىنىشى ئاساسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ خەنزۇچە شېئىر بولغان“秀支替戾冈,仆谷劬秃当” ھەققىدە قايتىدىن مۇنۇ تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان④:
ــــــــــــــــــــــــــــــــــ
① تاڭ سۇلالىسىنىڭ دانىشمەن ۋەزىرى فاڭ شۈەنلىڭ يازغان «جىننامە»، جۇڭخۇا باسمىخانىسى، 4-توم، 2486-بەت.
②Bazin L. Un texte proto-turc du IV-e siecle, Le distique Hiongnou du 〈Tsou-chou〉, Oriens,1948;Gabain A.v.Hunnisch-turkische Beziehungen; Pulleyblank E.G. The consonantal system of old Chinese,PartII,Asia Major, ed. B.Schindler, Neue Series.1962. Vol.IX. Part 2(参见潘悟云、徐文堪合译:《上古汉语的辅音系统》,中华书局,1999年);Sencer D.,.Beyond the Hunnic Couplet, Central Asiatic Journal, 48/2(2004), pp.185-191.

③ТенишевЭ.Р., Гуннов Язык, Тюркские Языки, Издательсий Дом “Киргизстан”, Вишкек 1997, стр. 52-54.

④Шервашидзе И.Н., Формы Глагола в Языке Тюркских Рунических Надписей, Мецниереба, Тбилиси, 1986, стр.3-11.
汉字转写羯语诗文:“秀支替戾冈,仆谷劬秃当。”
古汉语解释:                秀支,军也。替戾冈,出也。仆谷,刘曜胡位也。劬秃当,捉也。
源语言构拟:            sükä tal’ïqtï, buqu qodï qo(d)tï.
现代汉语译文:        你出征了,你推翻了仆谷(Buqu)。
          [لەشكەر بولۇپ ئاتلاندىڭ، زورلۇقتا بۇقۇغنى يىقىتتىڭ]
شېۋاردشىدزې سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق  ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرىقى “羯语”[كېش تىلى(كۇشان تىلى؟)] دىكى شېئىرنى قەدىمقى تۈرك تىلىغا تەققاسلىغان. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق شېۋاردشىدزې تەسەۋۋۇر قىلىپ قۇراشتۇرغان قەدىمقى تۈرك تىلىدىكى بۇ مەزمۇننى ئەسلىي تىلدىكى ئىككى قۇر شېئىرنىڭ خەنزۇچىسىگە سېلىشتۇرۇپ يەشكەندە “此言军出捉得刘曜也” «شۇنداق بۇيرۇق بىلەن لەشكەر تارتىپ ليۇ ياۋنى قولغا چۈشۈردى» دەپ يەشكەندە تېخىمۇ يېقىنراق كەلگەن.

ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.

سەھرانى سۆيىمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9915
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 06:30:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى ۋە دۇنيا تىللىرىقاتارىدىكى ئورنى
بۇمەريەم سۇلتانئېزىز
دۇنيا تىللىرىنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە مەۋجۇت تىل سېستىمىلىرى
تىل- خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئەڭ ئېسىل نېمەتلىرىنىڭ بىرى. تىل بولمىغان بولسا ئىنسانلار ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت شەرەت ياكى بولمىسا ئاۋازلارنىڭ ياردىمىگە تاينىشقا مەجبۇر بولاتتى. ئەمما تىلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلار تەپەككۇرىنى تاۋۇشلارنى ياردىمىدە دەل ۋاقتىدا بىۋاستە ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگىدۇر. ئىنسانلارنىڭ تاكى يارىتىلغاندىن باشلاپ تىل ئىشلەتكەنلىكى بىلىنمەكتە. دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارنىڭ شىۋىلەرگە ئىگە بولۇشى، بەزى تىللارنىڭ يېزىق تىلىغا ئىگە بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى دۇنيادا قانچە تىل بارلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر سانلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش تولىمۇ قىيىن، شۇنداقتىمۇ ئالىملارنىڭ تەكشۈرىشىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھازىر دۇنيادا كەم دېگەندە 2500 دىن 5000 خىلغىچە تىل مەۋجۇت دېيەلەيمىز.
دۇنيادىكى تىللار ئۆز تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى ۋە تۈرلىنىشى جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ:
تاق بوغۇملۇق تىللار: خەنزۇچە، تىبەتچە، ۋېيتنامچە قاتارلىق خەنزۇ- تىبەت تىل سېستىمىسىدىكى تىللار تاق بوغۇملار تىللار ھېسابلىنىدۇ.
يېپىشقاق تىللار: يەنى قوشۇمچىلاردىن تۈزۈلگەن تىللار. تىپىك يېپىشقاق تىللار تۈرك تىللار تۈركۈمىدىكى تىللاردۇر. جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرىنىڭ كۆپىنچىسىمۇ يېىشقاق تىللار ھېسابلىنىدۇ.
پۈكۈلمىلىك تىللار: سام- ھام تىللىرى سېستىمىسى ۋە ھىندى- ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى تىللار پۈكۈلمىلىك تىللار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: نېمىسچە، فرانسىزچە، ئەرەپچە، پارىسچە قاتارلىقلار.
ئادەتتە تىلشۇناسلار تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان تىللارنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى بىر دەپ قارايدۇ ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى ئارقىلىق تىللارنى ئوخشاشلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن سېستىما، ئائىلە، تۈركۈم، تارماق قاتارلىق گۇرۇپلاندۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە بۆلۈپ بىر يەرگە توپلايدۇ. بۇ خىل بۆلۈش نەتىجىسىدە دۇنيادىكى تىللار تۆۋەندىكىدەك تىل سېستىمىلىرىغا ئايرىلغان:
بىرىنجى، ھىندى- ياۋروپا تىل سېستىمىسى
ھازىرغىچە داۋام قىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسەن ھىندى- ياۋروپا تىل سېستىمىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىل سېستىمىسى ھېسابلانماقتا. ھىندى، ئىران، ئەرمەن، سىلاۋيان، لاتىن، پولشا تىل ئائىلىلىرى بۇ تىل سېستىمىسىدىكى ئاساسلىق تىل ئائىلىسىدۇر. ياۋروپا تىللىرىنىڭ كۆپچىلىكى ۋە ئېنگىلىز،ئافىغان، پارس، بۇلغار، پولشا تىللىرى بۇ تىل سېستىمىسىغا تەۋە.
ئىككىنجى، خەنزۇ- تىبەت تىل سېستىمىسى
خەنزۇ- تىبەت تىل سېستىمىسى دۇنيادىكى ئىشلىتىدىغان كىشى سانى ئەڭ كۆپ تىل سېستىمىسى ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇچە بىلەن تىبەتچە بۇ تىل سېستىمىسىدىكى ئورنى مۇقىم بولغان ئەڭ چوڭ تىللاردۇر. جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى جۇاڭ، ياۋ، تەي، ۋېيتناملىقلار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ خەنزۇ-تىبەت تىل سېستىمىسىدا ياكى جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسىدا ئىكەنلىكى تالاش- تارتىش ئىچىدىكى مەسىلە. بۇ تىل سېستىمىسىدا 400 دىن ئوشۇق تىلنىڭ بارلىقى بىلىنمەكتە.
ئۈچىنجى، ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسى
ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسى ئۆز ئىچىدىن ئۇرال تىل ئائىلىسى ۋە ئالتاي تىل ئائىلىسى قاتارلىق ئىككى ئائىلىگە بۆلۈنىدۇ.
ئۇرال تىل ئائىلىسى- فىن- ئۇغۇر تىللىرى ۋە سامويىد تىللىرى قاتارلىق تۈركۈملەرگە بۆلۈنىدۇ. فىن- ئۇغۇر تىللىرى بولسا، فىنچە (فىنلاندىيەنىڭ دۆلەت تىلى)، ئۇغۇرچە، ھونچە (ھونگىرىيەنىڭ دۆلەت تىلى) قاتارلىق تىل تارماقلىرىغا بۆلۈنىدۇ.
ئالتاي تىل ئائىلىسى- چۇۋاشچە(تۈركىي تىللاردىن ئەڭ دەسلەپ ئايرىلىپ چىققان تىل)، تۈركىي تىللار، موڭغۇل تىللىرى، مانجۇ- تۇڭگۇس تىللىرى قاتارلىق تۈركۈملەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇزاق يىللىق تەتقىقاتلاردىن كېيىن، 20- ئەسىرنىڭ كېينكى يېرىمىغا كەلگەندىلا ئاندىن ياپون ۋە كورىيە تىللىرىمۇ ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە بولۇشقا باشلىدى. Samuel E. Martin نىڭ 1966-يىلى ۋە 1996- يىلىدىكى ئىككى تەتقىقات نەتىجىسى ۋە Roy Andrew Miller نىڭ 1971- يىلىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن ياپون ۋە كورىيە تىلىنىڭ ئالتاي تىلى ئائىلىسىگە مەنسۇپ تىللار ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئەمما ياپون، كورىيە تىللىرى بىلەن ئالتاي تىللىرىنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتلىرى شۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالدى. ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىدىكى مۇھىم تىللارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر تىلى بىلەن ياپون، كورىيە تىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقات ياپون، كورىيە تىللىرىنىڭ ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىدىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتىن ئېيتقاندا تەتقىقات قىممىتىگە ۋە ئىستىقبالغا ئىگە بىر بىلىم تارمىقى بولۇپ قالغۇسى.
ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ يۇقىرىقىدەك بۆلۈنۈشى ئادەتتە ئالتاي تىللىرى تېئورمىسى دېيىلىدۇ. ئالتاي تىللىرى تېئورمىسىغا قارشى كۆز قاراشتىكى تىلشۇناسلارمۇ يوق ئەمەس. ئۇلار ئۇرال تىللىرى سېستىمىسىنىڭ ئالتاي تىللىرىدىن ئايرىم بىر تىل سېستىمىسى ئىكەنلىكىنى تەرغىپ قىلىدۇ. ھونگىرىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى تۈركولوگلارنىڭ تەتقىقاتلىرى ۋە باشقا ئالتاي تىللىرى تېئورمسىنى ياقىلايدىغان تۈركولوگلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قاراپ تۇرۇپ بىز ماقالىمىزدە ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ياقىلايمىز.
تۆتىنجى، سام-ھام تىللىرى سېستىمىسى
سام- ھام تىللىرى سېستىمىسى- سام ۋە ھام تىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى تىل ئائىلىسىگە ئايرىلىدۇ. سام تىللىرى- سىبىريە تىللىرى ۋە ئەرەپچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھام تىللىرى بولسا قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بەشىنجى، جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسى (ئاۋۇسترو- ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسى)
بۇ تىل سېستىمىسى يەنە مالاي- پولونىيە تىللىرى سېستىمىسى ياكى جەنۇبىي ئارال تىللىرى سېستىمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مالاي تاقىم ئاراللىرى، فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرى، ھاۋاي ئارىلى قاتارلىق ئاراللاردىكى تىللار بۇ سېستىمىدىكى ئاساسلىق تىللاردۇر.
ئالتىنجى، كاۋكاز تىللىرى سېستىمىسى
گىرۇز، چەچەن قاتارلىق كاۋكاز بەلباغلىرىدا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ تىلى كاۋكازىيە تىل سېستىمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
يەتتىنجى، داروۋىدا تىل سېستىمىسى
ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تىللار بۇ تىل سېستىمىسىغا كىرىدۇ.
كاۋكازىيە ۋە داروۋىدا تىل سېستىمىلىرى باشقا تىل سېستىمىلىرىغا قارىغاندا كىچىك تىل سېستىمىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ تىللارنى مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ۋە ئېتمولوگىيە جەھەتتىن باشقا تىل سېستىمىسىغا تەۋە قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن بۇلار ئۆز ئالدىغا ئايرىم تىل سېستىمىسى تەشكىل قىلماقتا.
ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسى
خوش، يۇقىرىدا دۇنيادىكى بارلىق تىللارنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى كۆرسىتىلدى. ئۇنداقتا بىزنىڭ ئاساسلىق تونۇشتۇرۇش ئوبىيېكتىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ قاتاردىكى ئورنىغا قاراپ باقايلى.
ئۇيغۇر تىلى- ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسى، ئالتاي تىللىرى ئائىلىسى، تۈركىي تىللار تۈركۈمى، شەرقىي تۈرك(ئۇيغۇر- قارلۇق ياكى ئۇيغۇر- ئۆزبەك) تىل تارمىقىغا تەۋە بولغان يېپىشقاق خاراكتېردىكى مەۋجۇت تىلدۇر. ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىلى قايسى خىل تەتقىقاتلارغا ئاساسەن، قاچان، بۇنداق گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ قالدى دېگەن مەسىلىگە كېلەيلى. ئۇيغۇر تىلى تەۋە بولغان ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ تەتقىق قىلىنىش جەريانىنى چۈشەندۈرمەي تۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش تولىمۇ قىيىن.
مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ تۈركىي تىللارنى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق مېتودى بويىچە تەتقىق قىلغان تۇنجى تىلشۇناس ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى پەقەتلا تۈرك تىللىرى بىلەن چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇرال- ئالتاي تىللىرى سېستىمىدىكى تىللارنى تەتقىق قىلىش مەسىلىسىدە شىۋىتسىيەلىك ستراخلەنبېرگ- Strahlenberg (1676-1747) نىڭ ئۇرال- ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ تۇنجى تەتقىقاتچىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قاراش دۇنيا تۈركولوگلىرى تەرىپىدىن ئورتاق ئېتراپقا ئېرىشىپ كەلمەكتە. قىزىق يېرى شۇكى، بۇ كىشى ئەسلىدە تىلشۇناسلىقتىن خەۋىرى بولمىغان بىر ھەربىي ئەمەلدار. 1709-يىلىدىكى شىۋېتسىيە بىلەن چاررۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ستراخلەنبېرگ چارپادىشاھنىڭ قوشۇنىغا ئەسىرگە چۈشىدۇ ۋە سىبىريەنىڭ غەرىبىدىكى توبولسك شەھرىگە پالىنىدۇ. ئون يىلدىن ئوشۇق پالاندىلىق ھاياتىدا ستراخلەنبېرگ سىبىريە ھەققىدە نۇرغۇنلىغان يازما ھۆججەتلەر بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىيا خەرىتىسىنى سىزىپ چارپادىشاھقا سوۋغا قىلىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىشقا باشلايدۇ. ئاندىن، چارپادىشاھ تەرىپىدىن سىبىريەگە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن مەسسىرىسچىمدىت- Messerschimdit (1685-1735) نىڭ ياردەمچىلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. بۇ جەريانىدا قولى بوش قالمىغان ستراخلەنبېرگ نۇرغۇن ماتېرىياللارنى توپلايدۇ ۋە ئەسىرلىك ھاياتى ئاخىرلىشىپ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن 1730- يىلى سىتوكھولومدا ئۆزى توپلىغان بۇ ماتېرىياللارغا تاينىپ تۇرۇپ،
"Das Nord und Östliche Theil von Europa und Asia " ( ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسىملىرى) ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. كىتابنىڭ 13- بۆلۈمىدە يېنىسەي مەڭگۈ تاشلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بار بولۇپ، دەل بۇ نۇقتا كىتابنى ۋە بۇ كىشىنى بىز ئۈچۈن قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ.
ستراخلەنبېرگ ئەسىرىدە شەرقىي ياۋروپا ۋە سىبىريە ئارىسىدا ياشايدىغان ئۇرال- ئالتاي قەۋملىرىنى سۆزلىشىدىغان تىللىرىغا ئاساسەن، فىن- ئۇغۇر، تۈرك- تاتار، سامويېد، مۇڭغۇل- مانجۇ، تۇڭگۇس، قارا دېڭىز ۋە خازار دېڭىزى ئارىسىدىكى خەلقلەر قاتارلىق گۇرۇپپىلارغا ئايرىغان.
ستراخلەنبېرگدىن كېيىن، Msserschimdt, Schott, Castren, Ramsted قاتارلىق ئالتايشۇناسلار ئارقا- ئارقىدىن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق ئۇرال- ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىدىكى تىللارنى ئوخشىمىغان شەكىلدە گۇرۇپپىلىغان. مەيلى كىم قانداق گۇرۇپپىلىغان بولسۇن بۇلار ئۇرال- ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلىدىغان، ئالتاي تېئورمىسىنى ياقىلايدىغان تۈركولوگلار ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئۇلار بىز يۇقىرىدا ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسىغا تەۋە قىلغان تىللارنىڭ بىر مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى ياقىلىغۇچىلاردۇر. بۇلارغا قارشى كۆز قاراشتىكى ئالىملاردىن، Clauson, Deorfer, Sherbak قاتارلىقلار بار. ئارىدا قالغانلار بولسا Benzing, Sinor, قاتارلىقلاردۇر. (ئوقۇرمەنلەرگە تەۋسىيە: پروفېسسور، دوكتور مۇھەممەترېھىم سايىتنىڭ " تۈركىي تىللار نەزەرىيىسى" ناملىق كىتابىدا ئىسمى ئاتالغان بەزى ئالىملارنىڭ بۆلۈش ئۇسۇلى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن.) نېمىشقىدۇر ، بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ خىل تەتقىقاتلارغا جان- جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. ھونگېرىيىلىك بەزى تۈركولوگلارنىڭ تۈرك قەۋملىرى ياشىغان جايلاردىكى تەتقىقاتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ۋەتىنىگە قايتقىنىدا سىرلىق ھالەتتە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قايسى تىل سېستىمىسىدا ئىكەنلىكى دەلىللىرىمىز نەتىجىسىدە ئايدىڭلاشتى. ئەمدى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي دەۋرلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي دەۋرلىرى
تۈرك قەۋملىرىنىڭ ھەرخىل تېرىتورىيەلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىشى ۋە ھەرخىل سىياسىي كۈچلەرنىڭ قول ئاستىدا بولۇشى، تۈركىي تىللارنىڭ تەتقىق قىلىنىش مېتودى ۋە تارىخىي دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشىگە بىۋاستە ېتەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىنىڭ ئەڭ غول قىسمىنى تەشكىل قىلغان تۈركىي تىللارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي دەۋرلەرگە بۆلۈنىشى ھەرخىل ئالىملار تەرىپىدىن ھەرخىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلماقتا. مەسىلەن، 13- ئەسىردىن 19- ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر قاتارلىق قارلۇق قەۋملىرى تەرىپىدىن قوللىنىلغان، بىز چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتايدىغان تىلنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركولوگلار تەرىپىدىن ھەرخىل ئاتالغىنىغا ئوخشاش. رۇسلار ئۇنى قەدىمكى ئۆزبەك تىلى دەپ ئاتىسا، ئۇيغۇرلار چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتايدۇ. ياۋروپالىق بەزى تۈركولوگلار شەرقىي تۈرك تىلى دەپ ئاتىسا، بەزىلىرى چاغاتايچە دەپ ئاتايدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى بەزى تۈركولوگلار ئۇنى چاغاتاي تۈركچىسى دەپ ئاتىسا بەزىلىرى چاغاتايچە، يەنە بەزىلىرى شەرقىي تۈرك تىلى دەپ ئاتايدۇ. ئاتاشلارنىڭ ھەرخىل بولۇشى ئۇنىڭ قايسى قەۋمگە تەۋە بولۇشىنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ. چەتئەلدىكى تۈركولوگلار تىلىمىزنىڭ تارىخىي بۆلەكلىرىنى مەيلى قانداق ئاتىسۇن ۋە مەيلى كىملەرگە مەنسۇپ قىلسۇن بۇ نۇقتا ھەرگىزمۇ بىزنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەيدۇ ئەكسىچە بىزنى يېڭى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا ئۈندەيدۇ. خوش، ئۇنداقتا بىزمۇ ئۆزىمىز ئىگە بولغان تارخىي قوليازمىلىرىمىزغا ۋە ھازىرقى مەۋجۇت تىل پاكىتلىرىمىز بىلەن ئۇلار ئوتتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ھەمدە تىلىمىزنىڭ تارىختا قوللىنىلغان تېرىتورىيەلىرى ۋە بۈگۈن بىز ياشاۋاتقان تېرىتورىيەلەرگە قاراپ تۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي دەۋرلىرىنى ئۆزىمىزچە تۈرگە ئايرىپ كۆرسىتەيلى.
ئانا ئالتاي تىلى دەۋرى
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ قەدىمكى دەۋرى ئانا ئالتاي تىلى دەۋرى. بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئالتاي تىللىرى تېئورمىسىنى ياقىلايدىغان ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە يېڭى كۆز قاراش تىكلەيدىغان بولساق، ھېچ ئىككىلەنمەستىن بۇ دەۋرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي دەۋرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. بۇ دەۋردە ياپونچە ۋە كورىيانچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىدىكى تىللارنىڭ ھەممىسى خۇددى قار پومپىسىغا ئوخشاش جىپىسلاشقان ھالەتتە بولۇپ بىر-بىرىدىن تېخى ئايرىلمىغان ئىدى. دېمەك، تىلىمىزنىڭ ئۇ چاغدىكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش، ئۇنىڭغا كونكېرت بىر تارىخىي يىلنامە كۆرسىتىش قولىمىزدىكى دەلىل ئىسپاتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش بولسا كېرەك. بەلكى 5000 يىلدىن كۆپرەك تارىخىي دەۋردىن بۇرۇنقى بىر دەۋر بولۇشى مۇمكىن.
ئىپتىدائىي تۈركىي تىللار دەۋرى
بىز يۇقىرىدا چۈشەندۈرگەن ئالتاي تىللىرى تېئورمسىنى قوبۇل قىلمايدىغان تۈركولوگلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئانا ئالتاي تىلى دەۋرى ئەمەس بەلكى ئىپتىدائىي تۈركىي تىللار دەۋرى تۈركىي تىللارنىڭ تۇنجى تارىخىي دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئالتاي تىللىرى تېئورمسىنى ياقىلايدىغان بىزلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىپتىدائىي تۈركىي تىللار دەۋرى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي تىللارنىڭ ئانا ئالتاي تىلىدىن ئايرىلىشقا باشلىغان دەۋرى بولۇشى كېرەك. يەنى، بۇ دەۋر تۈركىي تىللارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. بۇ دەۋىرگە ئەگەر بىر تارىخىي يىلنامە كۆرسىتىش توغرا كەلسە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3500- يىللاردىن مىلادىنىڭ بېشىغىچە بولغان تارىخىي دەۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېيەلەيمىز. بۇ دەۋردە چۇۋاشچە تېخى تۈركىي تىللاردىن ئايرىلمىغان.
ئانا تۈركىي تىللار ۋە ئانا چۇۋاش تىلى دەۋرى
مىلادىنىڭ بېشىدىن مەڭگۈ تاشلارنىڭ تېپىلىشىغىچە بولغان دەۋر. بۇ دەۋر چۇۋاشچىنىڭ تۈركىي تىللاردىن ئايرىلغان دەۋرى. چۇۋاشچىدىن باشقا پۈتۈن تۈركىي تىللارنىڭ ھېچبىرى بۇ دەۋىردە تېخى بىر- بىرىدىن ئايرىلمىغان ئىدى. بۇ گېپىمىزگە ئىسپات بولىدىغىنى، تۈرك قەۋملىرىنىڭ ئەجدادى ھېسابلىنىدىغان ھۇن، ئاۋار، پەچەنەك، بۇلغار قاتارلىق قەۋملەرنىڭ تارىختا قوللانغان قەۋم ئىسىملىرى، ئەمەل ناملىرى ۋە يەر ئىسىملىرىنىڭ تۈركىي تىللاردىكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكى. بۇنىڭغا دائىر ھېچقانداق بىر تۈركىي تىللىق يازما ئەسەر تېخى تېپىلغىنى يوق. ئەمما بىز خەنزۇچە ۋە گېرىكچە يازما مەنبەرلەدىن بۇ خىل ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيمىز. بۇندىن باشقا يەنە بۇلغارلاردىن قالغان يازما يادىكارلىقلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.
گېرىكچە مەنبە- ئون ئۇغۇر بۇلغارلىرىنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىنجىل (VI) .
قەدىمكى گېرىكچە قوليازمىلاردا ئون ئۇغۇر بۇلغارلىرىنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىنجىل ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. ئەمما ئۇ ئىنجىلنىڭ بىزگە يېتىپ كەلگىنى يوق. ئەگەر ئاشۇ ئىنجىل قولغا كەلگەن بولسا ئۇغۇر تىللىرىدىكى تەتقىقات يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈلگەن، ئالتاي تىللىرى تېئورمىسى ئۆزىگە يېڭى بىر ئىسپات تاپقان بولاتتى.
خەنزۇچە مەنبە- تۈركىي تىللارغا تەرجىمە قىلىغان بۇددا سۇترالىرى (VI) . « شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقى» دەۋرى (552-630) .
«جۇنامە» دە خاتىرىلەنگەن، خەنزۇچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان نېرۋانا سۇترىنىڭمۇ بىزگىچە يېتىپ كەلگىنى يوق. ئەگەر ئۇ سۇترا بىزگە يېتىپ كەلگەن بولسا بىزمۇ تىلىمىزنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى ھالىتىنى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ۋە يېزىققا ئېرىشىش تارىخىمىزنى بىر ئەسىر ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىسپات تاپقان بولار ئىدۇق.
قەدىمكى تۈركىي تىللار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋر
بۇ دەۋرنى، قەدىمكى تۈركىي تىللار، ئوتتۇرا دەۋر تۈركىي تىللىرى ۋە ھازىرقىي زامان تۈركىي تىللىرى دېگەن ئۈچ تارىخىي باسقۇچقا بۆلدۈم:
قەدىمكى تۈركىي تىللار
7- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە بولغان بۇ دەۋردىكى تىللارنى ئوخشىمىغان تۈركولوگلار ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتايدۇ. بىر قەدەر ئومۇملاشقان كۆز قاراشلاردا بۇ دەۋر كۆكتۈركچە (ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى)، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى (كاشىغەر ئۇيغۇر تىلى، تۈركىستان تىلى، قاراخانلار تۈركچىسى) قاتارلىق تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھەممىمىز بىلىدىغان ئورخۇن- يېنىسەي تاش ئابىدىلىرى يەنى، مەڭگۈ تاشلار دەل مۇشۇ ئېلىپبەدە ئويۇلغان. خۇددى خەنزۇلارنىڭ چىغناق- تاغاق يېزىقىدەك بۇ تاش ئابىدىلەردىكىسى بىزنىڭ تۇنجى يېزىقىمىزدۇر. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەسى:
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر تارىخىي يېزىق ھېسابلانسىمۇ، جۇڭگودىكى مۇڭغۇللار ھازىرغىچە قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى قوللىنىپ كەلمەكتە. قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن 15- ئەسىرگىچە ھەتتا بەزى رايونلاردا 17- ئەسىرگىچە قوللىنىغانلىقى تۇرپاندىن تېپىلغان قوليازمىلاردىن مەلۇم. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا يەنە مودا بىر يېزىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان. يەنى بۇ يېزىقنى بىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش بىر كىشىنىڭ ئىلمىي ۋە رەسمىي ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان شەرتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك» ىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىسى، ئەتەبەتۇل ھەقايق قاتارلىق بەزى ئەسەرلەرنىڭ بىر قۇر ئەرەپ يېزىقىدا ۋە بىر قۇر قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتى. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا يەنە سىياسىي يېزىق سۈپىتىدىمۇ قوللىنىلغان. ئوسمانلىلارنىڭ چەتئەللەرگە يوللىغان مەكتۇپلىرىدا ئەرەپ يېزىقى بىلەن بىللە يەنە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىمۇ تەڭ قوللىنىلغان. ھەتتا ئوسمانلى مەكتۇپلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەرەپ يېزىقى قەدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شەكلىگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ يېزىلغان. بۇنىڭغا دائىر بىزگىچە يېتىپ كەلگەن تارىخىي يازمىلار مەۋجۇت. بۇنىڭدىن قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالتە ئەسىردىن كۆپ ۋاقىت ھەم ئەدەبىي يېزىق تىل ھەم پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي يېزىقى ھەم مودا يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى مەلۇم. بېرىپ بېيجىڭدىكى گۇگوڭ خان سارىيىنىڭ قەسىرلىرىنىڭ ئىشىكىگە قارىسىىڭىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى كۆرەلەيسىز. چۈنكى مانجۇلارمۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلاردىن ئالغان.
ئوسمانلى دەۋرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر چېرتىيوژ
خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى
ئۇيغۇرلاررنىڭ بۇ تىلى پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھەم ئورتاق ئەدەبىي تىلى ھەم سىياسىي تىلى ئىدى. مېنىڭ بۇ گەپنى ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ كېتىپلا دەۋېلىۋاتقىنىم يوق. تېپىلغان ۋە تېپىلىۋاتقان قوليازمىلار شۇنداق دەيدۇ. مۇكەممەل بىر ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە قوللىنىلىپ « قۇتادغۇبىلىك» ،« ئەتەبەتۇل ھەقايىق»،«دىۋان ھىكمەت» قاتارلىق ئەسەرلەرنى بېرەلىگەنلىكى، ۋە ئۇ چاغدا قارلۇق قەۋمىدىن بولغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي يېزىق تىلى بولمىغانلىقى، باشقا تۈركىي مىللەت تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر شىۋىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغانلىقى شۇنداق دەيدۇ.
خاقانىيە ئۇيغۇر تىلىدا تۈركولوگىيە پېنىنىڭ قۇرۇلالىشىغا، نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ نان تېپىپ يېيىشىگە سەۋەپ بولۇۋاتقان دۇنياۋى ئەسەرلەر يارىتىلغان دەۋردە بىز ھازىر دەسسەپ تۇرغان بۇ تۇپراقلارىغا تەڭرىتاغلىرى ئېتەكلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئوغۇز قەۋملىرىنىڭ تېخىچە ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىل ئۇياقتا تۇرسۇن، يېزىق تىلىمۇ يوق ئىدى. بۇ تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ 800 يىل بۇرۇنقى پەرقى. ھازىرقى پەرقنىڭ قانداقلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. كېيىن قانداق بولۇشى بىزلەرگە باغلىق.
كۆكتۈركچىدىن كېيىنكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن قاراخانلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەزى دىنىي ئاتالغۇلار ۋە قىسمەن فونتىكىلىق(ز ۋە د تاۋۇشلىرىنىڭ نۆۋەتلىشىشى دېگەندەك) ۋە لېكسىكا ۋە گرامماتىكىلىق پەرقىدىن باشقا كۆپ پەرقى يوق. مەيلى شەرقتىكى بۇتپەرەس ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە ئۇيغۇرلار بولسۇن ۋە مەيلى جەنۇبتىكى تۈرك- ئىسلام كۈلتۈرى ئىچىدىكى پامىر ۋە خوتەن ئۇيغۇرلىرى بولسۇن ھەممىسىلا ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر تىلنى ئىشلەتكەن. مىسالغا، قۇتادغۇبىلىك ۋە ئوغۇزنامە داستانلىرىنىڭ قوليازمىسىغا قارايدىغان قۇتادغۇبىلىكتە ئەرەپ، پارىس تىللىرىدىن كىرگەن كىرمە سۆزلەر كۆرۈلىدۇ ئەمما ئوغۇزنامىدىن ئۇنداق ئامىللارنى ئۇچرىتالمايمىز.
مېنىڭچە، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن كاشىغەر ئۇيغۇر تىلىنى ئىككى تىل دەپ ئايرىپ قاراش خۇددى قۇمۇل شىۋىسى بىلەن خوتەن شىۋىسىنى ئىككى تىل دېگەندەك بىر ئىش. چۈنكى دىننى نەزەردىن ساقىت قىلغىنىمىزدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە كاشىغەر ئۇيغۇر تىلى ئىككىسىلا بىر دەۋردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى. جۇغراپىيىلىك پەرق، دىنىي پەرق ھەرگىزمۇ ئۇ ئىككى تىلنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى تىل ئىكەنلىنى ئىسپاتلاشقا يەتمەيدۇ. پەقەت يازما ئەسەرلەر ۋە شۇ ئىككى تىلنىڭ ھازىرقى شىۋىلىرىلا بۇنىڭغا پاكىت بولالايدۇ. تۇرپاندىكى بىر ئۇيغۇر خوتەندە ۋە قەشقەردە تەرجىمانسىز ياشايدۇ. قۇمۇلدىكى بىر ئۇيغۇر ئاتۇشتا ياشىيالايدۇ.
بۇ دەۋرنىڭ بېشى تۇنجى يازما ئەسەرلىرىمىزنىڭ تېپىلىشىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىنىپ تېپىپ چىقىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى (كۆكتۈركچە)دىن باشلىنىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىخلىنىپ، ئىسلامنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر يۇرتىغا ئومۇمىيلىشىشى بىلەن بىرگە ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىققان كاشىغەر ئۇيغۇر تىلى بىلەن راۋاجلىنىپ تاكى 13- ئەسىردە تارىخ سەھنىسىگە چىقىشقا باشلىغان، كاشىغەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ.
ئوتتۇرا تۈركىي تىللار دەۋرى
ئەلىشىر نەۋايى شېئىرى قوليازمىسى
مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىن (13-ئەسىر) باشلىنىپ 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تارىخ سەھنىسىدىكى ئورنىنى بىر-بىرىدىن تولۇق ھالەتتە ئايرىلىپ دېئالىكىت شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھازىرقىي زامان تۈركىي تىللىرى دەۋرىگە بوشىتىدۇ. ياۋروپالىق تۈركولوگلار بىزگە چاغاتايچە دەپ ئات قويۇپ بەرگە، بىز بولساق چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتايمەن دەپ قىينىلىپ كېتىۋاتقان 13- ئەسىردىن 19- ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دەۋر تىلىنىڭ باشلىنىشىغا دائىر ھەرخىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر« قىسسەسۇل ئەنبىيا» نى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايدۇ، بەزىلەر بولسا بۇ ئەسەرنى خاقانىيە تۈركچىسى دەۋرىگە تەۋە قىلىدۇ. خاقانىيە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرەققىي قىلىشى جەنۇبتا 13- ئەسىردە باشلىنىدۇ. ئەمما شەرقتىكى ئۇيغۇرلار بۇ چاغدا تېخىچە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قوللىناتتى. تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شەرقىدە تاكى 16- ئەسىرگىچە بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
13- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە، تۈركىي قەۋملەرنىڭ تېرىتورىيەسىدە، شەرقىي قىسىمدا خارەزىم ۋە غەربىي قىسمىدا قەدىمكى ئوغۇز تىلى ( قەدىمكى ئانادولۇ تىلى) قوللىنىلدى.
15- ئەسىردىن 20- ئەسىرنىڭ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شەرقتە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، غەربتە ئوسمانلى تۈركچىسى ھاكىم ئىدى.
ھازىرقى تۈركىي تىللار
ھازىر مەۋجۇت بولغان پۈتكۈل تۈركىي تىللار بۇ دەۋرنى تەشكىل قىلماقتا. ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قەدىمقى تۈركىي تىل بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىر مەركىزىي دېئالىكىت(تۇرپان شىۋى، قۇمۇل شىۋىسى، تارىم شىۋىسى، غۇلجا شىۋىسى، ئۈرۈمچى شىۋىسى،قەشقەر شىۋىسى)، خوتەن دېئالىكتى ۋە لوپنۇر دېئالىكتىدىن ئىبارەت ئۈچ دېئالىكتى بار دەپ قارالماقتا. مەن ئۇيغۇر تىلىدا دېئالىكىتلەرنىڭ بارلىقىنى ياقىلىمايمەن. ئەكسىچە ئۇيغۇر تىلىدا شىۋىلەر مەۋجۇتتۇر. باشقا تۈركىي تىللار ئۇيغۇر تىلىنىڭ دېئالىكىتلىرىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى قوللىنىدىغان كىشى سانى ئەڭ كۆپ بىر تۈركىي تىل سۈپىتىدە 7-ئەسىردىن 21- ئەسىرگىچە بولغان 13 ئەسىرلىك بوران- چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ھازىرىچە ساقلانماقتا. كېيىن قانداق ھالدا بولۇشى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى قانداق ئىشلىتىشى، قىممەتكە ئىگە قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرىشىگە باغلىق.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى ۋە دۇنيا تىللىرىقاتارىدىكى ئورنى
بۇمەريەم سۇلتانئېزىز
دۇنيا تىللىرىنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە مەۋجۇت تىل سېستىمىلىرى
تىل- خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئەڭ ئېسىل نېمەتلىرىنىڭ بىرى. تىل بولمىغان بولسا ئىنسانلار ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت شەرەت ياكى بولمىسا ئاۋازلارنىڭ ياردىمىگە تاينىشقا مەجبۇر بولاتتى. ئەمما تىلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلار تەپەككۇرىنى تاۋۇشلارنى ياردىمىدە دەل ۋاقتىدا بىۋاستە ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگىدۇر. ئىنسانلارنىڭ تاكى يارىتىلغاندىن باشلاپ تىل ئىشلەتكەنلىكى بىلىنمەكتە. دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارنىڭ شىۋىلەرگە ئىگە بولۇشى، بەزى تىللارنىڭ يېزىق تىلىغا ئىگە بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى دۇنيادا قانچە تىل بارلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر سانلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش تولىمۇ قىيىن، شۇنداقتىمۇ ئالىملارنىڭ تەكشۈرىشىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھازىر دۇنيادا كەم دېگەندە 2500 دىن 5000 خىلغىچە تىل مەۋجۇت دېيەلەيمىز.
دۇنيادىكى تىللار ئۆز تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى ۋە تۈرلىنىشى جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ:
تاق بوغۇملۇق تىللار: خەنزۇچە، تىبەتچە، ۋېيتنامچە قاتارلىق خەنزۇ- تىبەت تىل سېستىمىسىدىكى تىللار تاق بوغۇملار تىللار ھېسابلىنىدۇ.
يېپىشقاق تىللار: يەنى قوشۇمچىلاردىن تۈزۈلگەن تىللار. تىپىك يېپىشقاق تىللار تۈرك تىللار تۈركۈمىدىكى تىللاردۇر. جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرىنىڭ كۆپىنچىسىمۇ يېىشقاق تىللار ھېسابلىنىدۇ.
پۈكۈلمىلىك تىللار: سام- ھام تىللىرى سېستىمىسى ۋە ھىندى- ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى تىللار پۈكۈلمىلىك تىللار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: نېمىسچە، فرانسىزچە، ئەرەپچە، پارىسچە قاتارلىقلار.
ئادەتتە تىلشۇناسلار تۈزۈلۈش جەھەتتىن ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان تىللارنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى بىر دەپ قارايدۇ ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى ئارقىلىق تىللارنى ئوخشاشلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن سېستىما، ئائىلە، تۈركۈم، تارماق قاتارلىق گۇرۇپلاندۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە بۆلۈپ بىر يەرگە توپلايدۇ. بۇ خىل بۆلۈش نەتىجىسىدە دۇنيادىكى تىللار تۆۋەندىكىدەك تىل سېستىمىلىرىغا ئايرىلغان:
بىرىنجى، ھىندى- ياۋروپا تىل سېستىمىسى
ھازىرغىچە داۋام قىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسەن ھىندى- ياۋروپا تىل سېستىمىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تىل سېستىمىسى ھېسابلانماقتا. ھىندى، ئىران، ئەرمەن، سىلاۋيان، لاتىن، پولشا تىل ئائىلىلىرى بۇ تىل سېستىمىسىدىكى ئاساسلىق تىل ئائىلىسىدۇر. ياۋروپا تىللىرىنىڭ كۆپچىلىكى ۋە ئېنگىلىز،ئافىغان، پارس، بۇلغار، پولشا تىللىرى بۇ تىل سېستىمىسىغا تەۋە.
ئىككىنجى، خەنزۇ- تىبەت تىل سېستىمىسى
خەنزۇ- تىبەت تىل سېستىمىسى دۇنيادىكى ئىشلىتىدىغان كىشى سانى ئەڭ كۆپ تىل سېستىمىسى ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇچە بىلەن تىبەتچە بۇ تىل سېستىمىسىدىكى ئورنى مۇقىم بولغان ئەڭ چوڭ تىللاردۇر. جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى جۇاڭ، ياۋ، تەي، ۋېيتناملىقلار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ خەنزۇ-تىبەت تىل سېستىمىسىدا ياكى جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسىدا ئىكەنلىكى تالاش- تارتىش ئىچىدىكى مەسىلە. بۇ تىل سېستىمىسىدا 400 دىن ئوشۇق تىلنىڭ بارلىقى بىلىنمەكتە.
ئۈچىنجى، ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسى
ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسى ئۆز ئىچىدىن ئۇرال تىل ئائىلىسى ۋە ئالتاي تىل ئائىلىسى قاتارلىق ئىككى ئائىلىگە بۆلۈنىدۇ.
ئۇرال تىل ئائىلىسى- فىن- ئۇغۇر تىللىرى ۋە سامويىد تىللىرى قاتارلىق تۈركۈملەرگە بۆلۈنىدۇ. فىن- ئۇغۇر تىللىرى بولسا، فىنچە (فىنلاندىيەنىڭ دۆلەت تىلى)، ئۇغۇرچە، ھونچە (ھونگىرىيەنىڭ دۆلەت تىلى) قاتارلىق تىل تارماقلىرىغا بۆلۈنىدۇ.
ئالتاي تىل ئائىلىسى- چۇۋاشچە(تۈركىي تىللاردىن ئەڭ دەسلەپ ئايرىلىپ چىققان تىل)، تۈركىي تىللار، موڭغۇل تىللىرى، مانجۇ- تۇڭگۇس تىللىرى قاتارلىق تۈركۈملەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇزاق يىللىق تەتقىقاتلاردىن كېيىن، 20- ئەسىرنىڭ كېينكى يېرىمىغا كەلگەندىلا ئاندىن ياپون ۋە كورىيە تىللىرىمۇ ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە بولۇشقا باشلىدى. Samuel E. Martin نىڭ 1966-يىلى ۋە 1996- يىلىدىكى ئىككى تەتقىقات نەتىجىسى ۋە Roy Andrew Miller نىڭ 1971- يىلىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن ياپون ۋە كورىيە تىلىنىڭ ئالتاي تىلى ئائىلىسىگە مەنسۇپ تىللار ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئەمما ياپون، كورىيە تىللىرى بىلەن ئالتاي تىللىرىنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقاتلىرى شۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالدى. ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىدىكى مۇھىم تىللارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر تىلى بىلەن ياپون، كورىيە تىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقات ياپون، كورىيە تىللىرىنىڭ ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىدىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتىن ئېيتقاندا تەتقىقات قىممىتىگە ۋە ئىستىقبالغا ئىگە بىر بىلىم تارمىقى بولۇپ قالغۇسى.
ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ يۇقىرىقىدەك بۆلۈنۈشى ئادەتتە ئالتاي تىللىرى تېئورمىسى دېيىلىدۇ. ئالتاي تىللىرى تېئورمىسىغا قارشى كۆز قاراشتىكى تىلشۇناسلارمۇ يوق ئەمەس. ئۇلار ئۇرال تىللىرى سېستىمىسىنىڭ ئالتاي تىللىرىدىن ئايرىم بىر تىل سېستىمىسى ئىكەنلىكىنى تەرغىپ قىلىدۇ. ھونگىرىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى تۈركولوگلارنىڭ تەتقىقاتلىرى ۋە باشقا ئالتاي تىللىرى تېئورمسىنى ياقىلايدىغان تۈركولوگلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قاراپ تۇرۇپ بىز ماقالىمىزدە ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ياقىلايمىز.
تۆتىنجى، سام-ھام تىللىرى سېستىمىسى
سام- ھام تىللىرى سېستىمىسى- سام ۋە ھام تىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى تىل ئائىلىسىگە ئايرىلىدۇ. سام تىللىرى- سىبىريە تىللىرى ۋە ئەرەپچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھام تىللىرى بولسا قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بەشىنجى، جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسى (ئاۋۇسترو- ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسى)
بۇ تىل سېستىمىسى يەنە مالاي- پولونىيە تىللىرى سېستىمىسى ياكى جەنۇبىي ئارال تىللىرى سېستىمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مالاي تاقىم ئاراللىرى، فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرى، ھاۋاي ئارىلى قاتارلىق ئاراللاردىكى تىللار بۇ سېستىمىدىكى ئاساسلىق تىللاردۇر.
ئالتىنجى، كاۋكاز تىللىرى سېستىمىسى
گىرۇز، چەچەن قاتارلىق كاۋكاز بەلباغلىرىدا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ تىلى كاۋكازىيە تىل سېستىمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
يەتتىنجى، داروۋىدا تىل سېستىمىسى
ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تىللار بۇ تىل سېستىمىسىغا كىرىدۇ.
كاۋكازىيە ۋە داروۋىدا تىل سېستىمىلىرى باشقا تىل سېستىمىلىرىغا قارىغاندا كىچىك تىل سېستىمىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ تىللارنى مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ۋە ئېتمولوگىيە جەھەتتىن باشقا تىل سېستىمىسىغا تەۋە قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن بۇلار ئۆز ئالدىغا ئايرىم تىل سېستىمىسى تەشكىل قىلماقتا.
ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسى
خوش، يۇقىرىدا دۇنيادىكى بارلىق تىللارنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى كۆرسىتىلدى. ئۇنداقتا بىزنىڭ ئاساسلىق تونۇشتۇرۇش ئوبىيېكتىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ قاتاردىكى ئورنىغا قاراپ باقايلى.
ئۇيغۇر تىلى- ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسى، ئالتاي تىللىرى ئائىلىسى، تۈركىي تىللار تۈركۈمى، شەرقىي تۈرك(ئۇيغۇر- قارلۇق ياكى ئۇيغۇر- ئۆزبەك) تىل تارمىقىغا تەۋە بولغان يېپىشقاق خاراكتېردىكى مەۋجۇت تىلدۇر. ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىلى قايسى خىل تەتقىقاتلارغا ئاساسەن، قاچان، بۇنداق گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ قالدى دېگەن مەسىلىگە كېلەيلى. ئۇيغۇر تىلى تەۋە بولغان ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسىنىڭ تەتقىق قىلىنىش جەريانىنى چۈشەندۈرمەي تۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش تولىمۇ قىيىن.
مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ تۈركىي تىللارنى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق مېتودى بويىچە تەتقىق قىلغان تۇنجى تىلشۇناس ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى پەقەتلا تۈرك تىللىرى بىلەن چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇرال- ئالتاي تىللىرى سېستىمىدىكى تىللارنى تەتقىق قىلىش مەسىلىسىدە شىۋىتسىيەلىك ستراخلەنبېرگ- Strahlenberg (1676-1747) نىڭ ئۇرال- ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ تۇنجى تەتقىقاتچىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قاراش دۇنيا تۈركولوگلىرى تەرىپىدىن ئورتاق ئېتراپقا ئېرىشىپ كەلمەكتە. قىزىق يېرى شۇكى، بۇ كىشى ئەسلىدە تىلشۇناسلىقتىن خەۋىرى بولمىغان بىر ھەربىي ئەمەلدار. 1709-يىلىدىكى شىۋېتسىيە بىلەن چاررۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ستراخلەنبېرگ چارپادىشاھنىڭ قوشۇنىغا ئەسىرگە چۈشىدۇ ۋە سىبىريەنىڭ غەرىبىدىكى توبولسك شەھرىگە پالىنىدۇ. ئون يىلدىن ئوشۇق پالاندىلىق ھاياتىدا ستراخلەنبېرگ سىبىريە ھەققىدە نۇرغۇنلىغان يازما ھۆججەتلەر بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىيا خەرىتىسىنى سىزىپ چارپادىشاھقا سوۋغا قىلىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتىشقا باشلايدۇ. ئاندىن، چارپادىشاھ تەرىپىدىن سىبىريەگە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن مەسسىرىسچىمدىت- Messerschimdit (1685-1735) نىڭ ياردەمچىلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. بۇ جەريانىدا قولى بوش قالمىغان ستراخلەنبېرگ نۇرغۇن ماتېرىياللارنى توپلايدۇ ۋە ئەسىرلىك ھاياتى ئاخىرلىشىپ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن 1730- يىلى سىتوكھولومدا ئۆزى توپلىغان بۇ ماتېرىياللارغا تاينىپ تۇرۇپ،
"Das Nord und Östliche Theil von Europa und Asia " ( ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسىملىرى) ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. كىتابنىڭ 13- بۆلۈمىدە يېنىسەي مەڭگۈ تاشلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بار بولۇپ، دەل بۇ نۇقتا كىتابنى ۋە بۇ كىشىنى بىز ئۈچۈن قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ.
ستراخلەنبېرگ ئەسىرىدە شەرقىي ياۋروپا ۋە سىبىريە ئارىسىدا ياشايدىغان ئۇرال- ئالتاي قەۋملىرىنى سۆزلىشىدىغان تىللىرىغا ئاساسەن، فىن- ئۇغۇر، تۈرك- تاتار، سامويېد، مۇڭغۇل- مانجۇ، تۇڭگۇس، قارا دېڭىز ۋە خازار دېڭىزى ئارىسىدىكى خەلقلەر قاتارلىق گۇرۇپپىلارغا ئايرىغان.
ستراخلەنبېرگدىن كېيىن، Msserschimdt, Schott, Castren, Ramsted قاتارلىق ئالتايشۇناسلار ئارقا- ئارقىدىن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق ئۇرال- ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىدىكى تىللارنى ئوخشىمىغان شەكىلدە گۇرۇپپىلىغان. مەيلى كىم قانداق گۇرۇپپىلىغان بولسۇن بۇلار ئۇرال- ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ بارلىقىنى ئېتراپ قىلىدىغان، ئالتاي تېئورمىسىنى ياقىلايدىغان تۈركولوگلار ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئۇلار بىز يۇقىرىدا ئۇرال- ئالتاي تىل سېستىمىسىغا تەۋە قىلغان تىللارنىڭ بىر مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى ياقىلىغۇچىلاردۇر. بۇلارغا قارشى كۆز قاراشتىكى ئالىملاردىن، Clauson, Deorfer, Sherbak قاتارلىقلار بار. ئارىدا قالغانلار بولسا Benzing, Sinor, قاتارلىقلاردۇر. (ئوقۇرمەنلەرگە تەۋسىيە: پروفېسسور، دوكتور مۇھەممەترېھىم سايىتنىڭ " تۈركىي تىللار نەزەرىيىسى" ناملىق كىتابىدا ئىسمى ئاتالغان بەزى ئالىملارنىڭ بۆلۈش ئۇسۇلى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن.) نېمىشقىدۇر ، بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ خىل تەتقىقاتلارغا جان- جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. ھونگېرىيىلىك بەزى تۈركولوگلارنىڭ تۈرك قەۋملىرى ياشىغان جايلاردىكى تەتقىقاتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ۋەتىنىگە قايتقىنىدا سىرلىق ھالەتتە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قايسى تىل سېستىمىسىدا ئىكەنلىكى دەلىللىرىمىز نەتىجىسىدە ئايدىڭلاشتى. ئەمدى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي دەۋرلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي دەۋرلىرى
تۈرك قەۋملىرىنىڭ ھەرخىل تېرىتورىيەلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىشى ۋە ھەرخىل سىياسىي كۈچلەرنىڭ قول ئاستىدا بولۇشى، تۈركىي تىللارنىڭ تەتقىق قىلىنىش مېتودى ۋە تارىخىي دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشىگە بىۋاستە ېتەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىنىڭ ئەڭ غول قىسمىنى تەشكىل قىلغان تۈركىي تىللارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي دەۋرلەرگە بۆلۈنىشى ھەرخىل ئالىملار تەرىپىدىن ھەرخىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلماقتا. مەسىلەن، 13- ئەسىردىن 19- ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر قاتارلىق قارلۇق قەۋملىرى تەرىپىدىن قوللىنىلغان، بىز چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتايدىغان تىلنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركولوگلار تەرىپىدىن ھەرخىل ئاتالغىنىغا ئوخشاش. رۇسلار ئۇنى قەدىمكى ئۆزبەك تىلى دەپ ئاتىسا، ئۇيغۇرلار چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتايدۇ. ياۋروپالىق بەزى تۈركولوگلار شەرقىي تۈرك تىلى دەپ ئاتىسا، بەزىلىرى چاغاتايچە دەپ ئاتايدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى بەزى تۈركولوگلار ئۇنى چاغاتاي تۈركچىسى دەپ ئاتىسا بەزىلىرى چاغاتايچە، يەنە بەزىلىرى شەرقىي تۈرك تىلى دەپ ئاتايدۇ. ئاتاشلارنىڭ ھەرخىل بولۇشى ئۇنىڭ قايسى قەۋمگە تەۋە بولۇشىنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ. چەتئەلدىكى تۈركولوگلار تىلىمىزنىڭ تارىخىي بۆلەكلىرىنى مەيلى قانداق ئاتىسۇن ۋە مەيلى كىملەرگە مەنسۇپ قىلسۇن بۇ نۇقتا ھەرگىزمۇ بىزنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەيدۇ ئەكسىچە بىزنى يېڭى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا ئۈندەيدۇ. خوش، ئۇنداقتا بىزمۇ ئۆزىمىز ئىگە بولغان تارخىي قوليازمىلىرىمىزغا ۋە ھازىرقى مەۋجۇت تىل پاكىتلىرىمىز بىلەن ئۇلار ئوتتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ھەمدە تىلىمىزنىڭ تارىختا قوللىنىلغان تېرىتورىيەلىرى ۋە بۈگۈن بىز ياشاۋاتقان تېرىتورىيەلەرگە قاراپ تۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي دەۋرلىرىنى ئۆزىمىزچە تۈرگە ئايرىپ كۆرسىتەيلى.
ئانا ئالتاي تىلى دەۋرى
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ قەدىمكى دەۋرى ئانا ئالتاي تىلى دەۋرى. بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئالتاي تىللىرى تېئورمىسىنى ياقىلايدىغان ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە يېڭى كۆز قاراش تىكلەيدىغان بولساق، ھېچ ئىككىلەنمەستىن بۇ دەۋرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي دەۋرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. بۇ دەۋردە ياپونچە ۋە كورىيانچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتاي تىللىرى ئائىلىسىدىكى تىللارنىڭ ھەممىسى خۇددى قار پومپىسىغا ئوخشاش جىپىسلاشقان ھالەتتە بولۇپ بىر-بىرىدىن تېخى ئايرىلمىغان ئىدى. دېمەك، تىلىمىزنىڭ ئۇ چاغدىكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش، ئۇنىڭغا كونكېرت بىر تارىخىي يىلنامە كۆرسىتىش قولىمىزدىكى دەلىل ئىسپاتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش بولسا كېرەك. بەلكى 5000 يىلدىن كۆپرەك تارىخىي دەۋردىن بۇرۇنقى بىر دەۋر بولۇشى مۇمكىن.
ئىپتىدائىي تۈركىي تىللار دەۋرى
بىز يۇقىرىدا چۈشەندۈرگەن ئالتاي تىللىرى تېئورمسىنى قوبۇل قىلمايدىغان تۈركولوگلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئانا ئالتاي تىلى دەۋرى ئەمەس بەلكى ئىپتىدائىي تۈركىي تىللار دەۋرى تۈركىي تىللارنىڭ تۇنجى تارىخىي دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئالتاي تىللىرى تېئورمسىنى ياقىلايدىغان بىزلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىپتىدائىي تۈركىي تىللار دەۋرى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي تىللارنىڭ ئانا ئالتاي تىلىدىن ئايرىلىشقا باشلىغان دەۋرى بولۇشى كېرەك. يەنى، بۇ دەۋر تۈركىي تىللارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. بۇ دەۋىرگە ئەگەر بىر تارىخىي يىلنامە كۆرسىتىش توغرا كەلسە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3500- يىللاردىن مىلادىنىڭ بېشىغىچە بولغان تارىخىي دەۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېيەلەيمىز. بۇ دەۋردە چۇۋاشچە تېخى تۈركىي تىللاردىن ئايرىلمىغان.
ئانا تۈركىي تىللار ۋە ئانا چۇۋاش تىلى دەۋرى
مىلادىنىڭ بېشىدىن مەڭگۈ تاشلارنىڭ تېپىلىشىغىچە بولغان دەۋر. بۇ دەۋر چۇۋاشچىنىڭ تۈركىي تىللاردىن ئايرىلغان دەۋرى. چۇۋاشچىدىن باشقا پۈتۈن تۈركىي تىللارنىڭ ھېچبىرى بۇ دەۋىردە تېخى بىر- بىرىدىن ئايرىلمىغان ئىدى. بۇ گېپىمىزگە ئىسپات بولىدىغىنى، تۈرك قەۋملىرىنىڭ ئەجدادى ھېسابلىنىدىغان ھۇن، ئاۋار، پەچەنەك، بۇلغار قاتارلىق قەۋملەرنىڭ تارىختا قوللانغان قەۋم ئىسىملىرى، ئەمەل ناملىرى ۋە يەر ئىسىملىرىنىڭ تۈركىي تىللاردىكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكى. بۇنىڭغا دائىر ھېچقانداق بىر تۈركىي تىللىق يازما ئەسەر تېخى تېپىلغىنى يوق. ئەمما بىز خەنزۇچە ۋە گېرىكچە يازما مەنبەرلەدىن بۇ خىل ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيمىز. بۇندىن باشقا يەنە بۇلغارلاردىن قالغان يازما يادىكارلىقلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.
گېرىكچە مەنبە- ئون ئۇغۇر بۇلغارلىرىنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىنجىل (VI) .
قەدىمكى گېرىكچە قوليازمىلاردا ئون ئۇغۇر بۇلغارلىرىنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىنجىل ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. ئەمما ئۇ ئىنجىلنىڭ بىزگە يېتىپ كەلگىنى يوق. ئەگەر ئاشۇ ئىنجىل قولغا كەلگەن بولسا ئۇغۇر تىللىرىدىكى تەتقىقات يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈلگەن، ئالتاي تىللىرى تېئورمىسى ئۆزىگە يېڭى بىر ئىسپات تاپقان بولاتتى.
خەنزۇچە مەنبە- تۈركىي تىللارغا تەرجىمە قىلىغان بۇددا سۇترالىرى (VI) . « شەرقىي كۆكتۈرك خانلىقى» دەۋرى (552-630) .
«جۇنامە» دە خاتىرىلەنگەن، خەنزۇچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان نېرۋانا سۇترىنىڭمۇ بىزگىچە يېتىپ كەلگىنى يوق. ئەگەر ئۇ سۇترا بىزگە يېتىپ كەلگەن بولسا بىزمۇ تىلىمىزنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى ھالىتىنى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ۋە يېزىققا ئېرىشىش تارىخىمىزنى بىر ئەسىر ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىسپات تاپقان بولار ئىدۇق.
قەدىمكى تۈركىي تىللار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋر
بۇ دەۋرنى، قەدىمكى تۈركىي تىللار، ئوتتۇرا دەۋر تۈركىي تىللىرى ۋە ھازىرقىي زامان تۈركىي تىللىرى دېگەن ئۈچ تارىخىي باسقۇچقا بۆلدۈم:
قەدىمكى تۈركىي تىللار
7- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە بولغان بۇ دەۋردىكى تىللارنى ئوخشىمىغان تۈركولوگلار ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتايدۇ. بىر قەدەر ئومۇملاشقان كۆز قاراشلاردا بۇ دەۋر كۆكتۈركچە (ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى)، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى (كاشىغەر ئۇيغۇر تىلى، تۈركىستان تىلى، قاراخانلار تۈركچىسى) قاتارلىق تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھەممىمىز بىلىدىغان ئورخۇن- يېنىسەي تاش ئابىدىلىرى يەنى، مەڭگۈ تاشلار دەل مۇشۇ ئېلىپبەدە ئويۇلغان. خۇددى خەنزۇلارنىڭ چىغناق- تاغاق يېزىقىدەك بۇ تاش ئابىدىلەردىكىسى بىزنىڭ تۇنجى يېزىقىمىزدۇر. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەسى:
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر تارىخىي يېزىق ھېسابلانسىمۇ، جۇڭگودىكى مۇڭغۇللار ھازىرغىچە قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى قوللىنىپ كەلمەكتە. قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن 15- ئەسىرگىچە ھەتتا بەزى رايونلاردا 17- ئەسىرگىچە قوللىنىغانلىقى تۇرپاندىن تېپىلغان قوليازمىلاردىن مەلۇم. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا يەنە مودا بىر يېزىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان. يەنى بۇ يېزىقنى بىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش بىر كىشىنىڭ ئىلمىي ۋە رەسمىي ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان شەرتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتادغۇبىلىك» ىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىسى، ئەتەبەتۇل ھەقايق قاتارلىق بەزى ئەسەرلەرنىڭ بىر قۇر ئەرەپ يېزىقىدا ۋە بىر قۇر قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتى. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا يەنە سىياسىي يېزىق سۈپىتىدىمۇ قوللىنىلغان. ئوسمانلىلارنىڭ چەتئەللەرگە يوللىغان مەكتۇپلىرىدا ئەرەپ يېزىقى بىلەن بىللە يەنە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىمۇ تەڭ قوللىنىلغان. ھەتتا ئوسمانلى مەكتۇپلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەرەپ يېزىقى قەدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شەكلىگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ يېزىلغان. بۇنىڭغا دائىر بىزگىچە يېتىپ كەلگەن تارىخىي يازمىلار مەۋجۇت. بۇنىڭدىن قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالتە ئەسىردىن كۆپ ۋاقىت ھەم ئەدەبىي يېزىق تىل ھەم پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي يېزىقى ھەم مودا يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى مەلۇم. بېرىپ بېيجىڭدىكى گۇگوڭ خان سارىيىنىڭ قەسىرلىرىنىڭ ئىشىكىگە قارىسىىڭىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقىنى كۆرەلەيسىز. چۈنكى مانجۇلارمۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلاردىن ئالغان.
ئوسمانلى دەۋرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر چېرتىيوژ
خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى
ئۇيغۇرلاررنىڭ بۇ تىلى پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھەم ئورتاق ئەدەبىي تىلى ھەم سىياسىي تىلى ئىدى. مېنىڭ بۇ گەپنى ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ كېتىپلا دەۋېلىۋاتقىنىم يوق. تېپىلغان ۋە تېپىلىۋاتقان قوليازمىلار شۇنداق دەيدۇ. مۇكەممەل بىر ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە قوللىنىلىپ « قۇتادغۇبىلىك» ،« ئەتەبەتۇل ھەقايىق»،«دىۋان ھىكمەت» قاتارلىق ئەسەرلەرنى بېرەلىگەنلىكى، ۋە ئۇ چاغدا قارلۇق قەۋمىدىن بولغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي يېزىق تىلى بولمىغانلىقى، باشقا تۈركىي مىللەت تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر شىۋىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولغانلىقى شۇنداق دەيدۇ.
خاقانىيە ئۇيغۇر تىلىدا تۈركولوگىيە پېنىنىڭ قۇرۇلالىشىغا، نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ نان تېپىپ يېيىشىگە سەۋەپ بولۇۋاتقان دۇنياۋى ئەسەرلەر يارىتىلغان دەۋردە بىز ھازىر دەسسەپ تۇرغان بۇ تۇپراقلارىغا تەڭرىتاغلىرى ئېتەكلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئوغۇز قەۋملىرىنىڭ تېخىچە ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىل ئۇياقتا تۇرسۇن، يېزىق تىلىمۇ يوق ئىدى. بۇ تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ 800 يىل بۇرۇنقى پەرقى. ھازىرقى پەرقنىڭ قانداقلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. كېيىن قانداق بولۇشى بىزلەرگە باغلىق.
كۆكتۈركچىدىن كېيىنكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن قاراخانلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەزى دىنىي ئاتالغۇلار ۋە قىسمەن فونتىكىلىق(ز ۋە د تاۋۇشلىرىنىڭ نۆۋەتلىشىشى دېگەندەك) ۋە لېكسىكا ۋە گرامماتىكىلىق پەرقىدىن باشقا كۆپ پەرقى يوق. مەيلى شەرقتىكى بۇتپەرەس ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە ئۇيغۇرلار بولسۇن ۋە مەيلى جەنۇبتىكى تۈرك- ئىسلام كۈلتۈرى ئىچىدىكى پامىر ۋە خوتەن ئۇيغۇرلىرى بولسۇن ھەممىسىلا ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر تىلنى ئىشلەتكەن. مىسالغا، قۇتادغۇبىلىك ۋە ئوغۇزنامە داستانلىرىنىڭ قوليازمىسىغا قارايدىغان قۇتادغۇبىلىكتە ئەرەپ، پارىس تىللىرىدىن كىرگەن كىرمە سۆزلەر كۆرۈلىدۇ ئەمما ئوغۇزنامىدىن ئۇنداق ئامىللارنى ئۇچرىتالمايمىز.
مېنىڭچە، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن كاشىغەر ئۇيغۇر تىلىنى ئىككى تىل دەپ ئايرىپ قاراش خۇددى قۇمۇل شىۋىسى بىلەن خوتەن شىۋىسىنى ئىككى تىل دېگەندەك بىر ئىش. چۈنكى دىننى نەزەردىن ساقىت قىلغىنىمىزدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە كاشىغەر ئۇيغۇر تىلى ئىككىسىلا بىر دەۋردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى. جۇغراپىيىلىك پەرق، دىنىي پەرق ھەرگىزمۇ ئۇ ئىككى تىلنىڭ ئوخشىمايدىغان ئىككى تىل ئىكەنلىنى ئىسپاتلاشقا يەتمەيدۇ. پەقەت يازما ئەسەرلەر ۋە شۇ ئىككى تىلنىڭ ھازىرقى شىۋىلىرىلا بۇنىڭغا پاكىت بولالايدۇ. تۇرپاندىكى بىر ئۇيغۇر خوتەندە ۋە قەشقەردە تەرجىمانسىز ياشايدۇ. قۇمۇلدىكى بىر ئۇيغۇر ئاتۇشتا ياشىيالايدۇ.
بۇ دەۋرنىڭ بېشى تۇنجى يازما ئەسەرلىرىمىزنىڭ تېپىلىشىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىنىپ تېپىپ چىقىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر تىلى (كۆكتۈركچە)دىن باشلىنىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىخلىنىپ، ئىسلامنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر يۇرتىغا ئومۇمىيلىشىشى بىلەن بىرگە ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىققان كاشىغەر ئۇيغۇر تىلى بىلەن راۋاجلىنىپ تاكى 13- ئەسىردە تارىخ سەھنىسىگە چىقىشقا باشلىغان، كاشىغەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى بولغان چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ.
ئوتتۇرا تۈركىي تىللار دەۋرى
ئەلىشىر نەۋايى شېئىرى قوليازمىسى
مۇڭغۇل ئىستىلاسىدىن (13-ئەسىر) باشلىنىپ 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تارىخ سەھنىسىدىكى ئورنىنى بىر-بىرىدىن تولۇق ھالەتتە ئايرىلىپ دېئالىكىت شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھازىرقىي زامان تۈركىي تىللىرى دەۋرىگە بوشىتىدۇ. ياۋروپالىق تۈركولوگلار بىزگە چاغاتايچە دەپ ئات قويۇپ بەرگە، بىز بولساق چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتايمەن دەپ قىينىلىپ كېتىۋاتقان 13- ئەسىردىن 19- ئەسىرگىچە ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دەۋر تىلىنىڭ باشلىنىشىغا دائىر ھەرخىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر« قىسسەسۇل ئەنبىيا» نى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايدۇ، بەزىلەر بولسا بۇ ئەسەرنى خاقانىيە تۈركچىسى دەۋرىگە تەۋە قىلىدۇ. خاقانىيە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرەققىي قىلىشى جەنۇبتا 13- ئەسىردە باشلىنىدۇ. ئەمما شەرقتىكى ئۇيغۇرلار بۇ چاغدا تېخىچە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قوللىناتتى. تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شەرقىدە تاكى 16- ئەسىرگىچە بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
13- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە، تۈركىي قەۋملەرنىڭ تېرىتورىيەسىدە، شەرقىي قىسىمدا خارەزىم ۋە غەربىي قىسمىدا قەدىمكى ئوغۇز تىلى ( قەدىمكى ئانادولۇ تىلى) قوللىنىلدى.
15- ئەسىردىن 20- ئەسىرنىڭ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شەرقتە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، غەربتە ئوسمانلى تۈركچىسى ھاكىم ئىدى.
ھازىرقى تۈركىي تىللار
ھازىر مەۋجۇت بولغان پۈتكۈل تۈركىي تىللار بۇ دەۋرنى تەشكىل قىلماقتا. ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قەدىمقى تۈركىي تىل بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىر مەركىزىي دېئالىكىت(تۇرپان شىۋى، قۇمۇل شىۋىسى، تارىم شىۋىسى، غۇلجا شىۋىسى، ئۈرۈمچى شىۋىسى،قەشقەر شىۋىسى)، خوتەن دېئالىكتى ۋە لوپنۇر دېئالىكتىدىن ئىبارەت ئۈچ دېئالىكتى بار دەپ قارالماقتا. مەن ئۇيغۇر تىلىدا دېئالىكىتلەرنىڭ بارلىقىنى ياقىلىمايمەن. ئەكسىچە ئۇيغۇر تىلىدا شىۋىلەر مەۋجۇتتۇر. باشقا تۈركىي تىللار ئۇيغۇر تىلىنىڭ دېئالىكىتلىرىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى قوللىنىدىغان كىشى سانى ئەڭ كۆپ بىر تۈركىي تىل سۈپىتىدە 7-ئەسىردىن 21- ئەسىرگىچە بولغان 13 ئەسىرلىك بوران- چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ھازىرىچە ساقلانماقتا. كېيىن قانداق ھالدا بولۇشى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى قانداق ئىشلىتىشى، قىممەتكە ئىگە قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرىشىگە باغلىق.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

سەھرانى سۆيىمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9915
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 06:33:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت. جاپا چېكىپسىز. بىراق، بۇ تېمىڭىز مۇنبەردە قانچە كۈن ھايات تۇرار؟ كومپىيوتېردا ساقلىۋالغانسىز-ھە؟ بولمىسا ئۆچۈپ كەتسە تاپالمايسىز. بۇ مۇنبەرنىڭ قائىدىسى: بەزى دۇكانلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. «ئالىدۇ، قايتۇرمايدۇ.»  مەن ساقلاپ قويدىم، ئۆچۈپ كەتسە مەندىن تېپىڭ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nap~rat + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

سەھرانى سۆيىمەن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9915
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 06:36:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ياكى ئۇيغۇرتىلىنى راۋان بىلمەيدىغانلار كۆپىيىۋاتقان بولسا كېرەك. بولمىسا ئۇيغۇرتىلىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىمىغان بولاتتى.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور 2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47565
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3811
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1332 سائەت
تىزىم: 2011-7-12
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 08:03:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ساقلىۋېلىپ كۆرەي .  بولمىسا بۇنىڭمۇ بىردەمدە خېيىنى ئاسمانغا قىلىۋىتىدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش