ئۇيغۇر ئالىملىرى
ئەكرەم ئابدۇمېجىت
ئىلمۇ – ئىرپان ئاسمىنىدىن بالقىغان ئالىملىرىم ،
ئۈشبۇ ئىقلىم سىرلىرىنى بايقىغان ئالىملىرىم.
پىكرى قانچە قەرنىلەردىن ھالقىغان ئالىملىرىم ،
قانچە دەۋران دولقۇنىنى چايقىغان ئالىملىرىم .
ھەر تەرەپكە نام – نىشانە تارقىغان ئالىملىرىم .
بىزمۇ تۆت زاتنى ئاۋۋال بىلگەن ئېقىلنىڭ شامىدا ،
سۇ ، ھاۋا ، ئوت ، يەرنى جەم قىلغان تەپەككۇر جامىدا ،
قانچە مىڭ مۆجىزىلەر تۇرماقتا ئۇيغۇر نامىدا ،
گاھى بۇددا نوملىرى ، گاھى شامان گۇلخانىدا ،
بار گۈزەل سەنئەتكە رىشتىن باغلىغان ئالىملىرىم .
تۇنيۇقۇق يوللۇق تېكىندەك ئەزىمەتلەر بىر زامان ،
چىقتى بىزدىن تارىخىن تاشلارغا ئويغانلار ھامان ،
بىزدىكى مىڭ ئۆي بىلەن كارىزنى كۆرسە گەر جاھان ،
‹قانچە دانىش ئەجرى بۇ › دەپ داڭقېتىپ قالغان شۇئان ،
ۋەلىكىن ھەرگىز ئاتاق ، نام ئالمىغان ئالىملىرىم .
تۇغۇلۇپ كۆسەندە ئەسلى يول ئېلىپ چاڭئەن ئارا ،
نەچچە مىڭ تالىپنى جۇپ تىز ئەيلىگەن كومراجىۋا ،
ئەركە چىڭگىزخانغا ئۇستاز بولغىنى تاتاتۇڭا ،
يەرنى يۇپيۇمىلاق قىلىپ بەرگەن سىزىپ مەھمۇت بوۋا ،
شۇ ئۇزاق تارىخ بىتىدە چاقنىغان ئالىملىرىم .
ئەل فارابى قانچە يىل يەشمەككە ئالەم سىرلىرىن ،
شۇنچە تەنھا ئۆتكۈزۈپ كەلگەن كېچە – كۈندۈزلىرىن ،
بىر ئۆمۈر ھىكمەت بىلەن ئايرىپ ئىلىمنىڭ تۈرلىرىن ،
ئۈشبۇ ئالەم لەززىتىگە سالمىغان كۆزنىڭ قىرىن ،
رۇم ، بەدەخشان ، مەككە ، شامدا قاتنىغان ئالىملىرىم .
شۆھرىتىنى قايسى ئەل بىلمەيدۇ خاس ھاجىپ دېسەك ،
ئۇ يېزىپ چىققان ‹بىلىك› بەرگەچ جېمى پەندىن دېرەك ،
قانچە سۇلتانلار ئۇنى بىلگەن ئۇلۇق دەستۈرىدەك ،
ئالمىغان كىملەر ئۇنىڭدىن مەنىۋىي لەززەت دېمەك ،
يازمىلاردا نامى كۈندەك پارلىغان ئالىملىرىم .
قانچە ئەل- يۇرتنى كېزىپ ئېرپان ئۈچۈن قىلغان سەپەر ،
شۇ ئۇلۇق زاتلار ئارا بار ھەم تەجەللى مۆتىۋەر ،
ئەل جامائەت ساقلىغىچۈن ئەجرى قىپ شامۇ ـ سەھەر ،
خېمىيە ، مېدىتسىنانىڭ كانىدىن قازغان گۈھەر ،
بولسىمۇ دىندار ، ئىلىمدىن تايمىغان ئالىملىرىم .
بىر زامان تەتۈر قۇيۇنلار توختىماي چىققاندىمۇ ،
نەسلى ئالۋاستى خاقانلار ئەلنى چىڭ سىققاندىمۇ ،
قانچە دەستۈر يازمىلارنى ئۆيمۇ – ئۆي يىققاندىمۇ ،
شۇ مىراسلارنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈپ ، چاققاندىمۇ ،
ئىلىم – ھېكمەت مەنزىلىدىن يانمىغان ئالىملىرىم .
قانچە تارىخ بەتلىرىنى ئەجرىدە كەلگەن يۈدۈپ ،
ئا . مۇھەممەت ھەمدە ئۆتكۈر ئاكىلار كەتتى ئۆتۈپ ،
مۇندا ھېكمەت ئىزلىرى قالغان ئەمەس ھەرگىز ئۆچۈپ ،
دەۋرىمىزدە خالمۇرات ھەمدە زەپەركاملارمۇ كۆپ ،
ئۈزۈلۈپ ھېچ بىر زاماندا قالمىغان ئالىملىرىم .
تۈركىيە ، ئىستانبۇل
2012.2.19