مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 27446|ئىنكاس: 130

616-نومورلوق ياتاق‹ۋەھىمىلىك ھېكايە›   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99231
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 407
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2013-11-4
ئاخىرقى: 2014-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 09:58:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلاردىن تاللانغان 29نەپەر ئىشچى خىزمەتچى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يىراق ئۆلكىگە ئۈچ ئايلىق ئۈگىنىشكە ئەۋەتىلدى . بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئەسىرىمىزنىڭ باش قەھرىمانى بولغان پەزىلىيە بىلەن رەفىنەمۇ بار ئىدى .
     پەزىلىيە بىلەن رەفىنە شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بۇلتۇر قوبول قىلىنغان خىزمەتچىلىرى بولوپ ئىككىيلەن بىرلىكتە ئىمتىھانغا قاتناشقان ، شۇنداقلا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ بىر ئىدارىغا تەقسىم قىلىنغانىدى . ئىككىيلەن مەيلى بوي تۇرق جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى باشقا جەھەتلەردىن بولسۇن تولىمۇ ئوخشىشىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىدارىدىكى چوڭلارنىڭ بۇ ئىككىسىگە مەستلىكى كېلىپ <قوشماقلار>دىيىشەتتى ، تەلىيىگە بۇ قېتىملىق ئۈگىنىش پۇرسىتىنى ئىدارە باشلىقى ئىككىيلەنگە بېرىشنى قارار قىلدى .
     سەپەردىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار يول بويى تەرەققە تاپقان بۇ شەھەرنىڭ مەنزىرىسىدىن قانغۇچە زوق ئالغىنىچە مەنزىلگە يېتىپ كەلگىنىنىمۇ تۇيمايلا قېلىشتى ، كۈتۈۋىلىشقا ئالدىغا چىققان مەزكۇر شەھەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ئوقوغۇچىلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشكىنىچە ئۇلارنى ئالدىنئالا تەييارلاپ قويولغان تاماققا تەكلىپ قىلدى ، تاماقتىن كىيىن ماشىنا ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئورونلاشتۇرۇلغان ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
    شەھەرلىك ئەمگەك ئىدارىسى قولايلىق بولوشى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ، قۇرۇلغىنىغا بىرقانچە يىللار بولغان ياشانغانلار ساناتورىيىسىنڭ 6-قەۋىتىگە ئورۇنلاشتۇرغانىدى ، ياشانغانلار ساناتورىيىسى مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقى ، خۇددى تۈجۈپىلەپ ياسالغان ئورمانلىقتەك بۈك-باراقسان قوروسى بىلەن كىشىگە ئۆزگىچە زوق بېغىشلايتتى ، ئوقوغۇچىلار گەرچە ئۆزلىرىنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە ئورونلاشتۇرۇلغانلىقىدىن سەل ھەيرانلىق ھېس قىلىشقان بولسىمۇ لېكىن بۇ تەبىئى مەنزىرىگە قاراپ بۇ يەرنى ناھايىتى تېزلا ياقتۇرۇپ قېلىشتى ، ھەتتا ئۆزئارا چاقچاقلىشىپمۇ ئۈلگۈردى:
   -پاھ ، پاھ ماۋۇ بۈك باراقسانچىلىقنى كۆر ، بىزنىڭ پادىشاھلىق باغدىن قېلىشمامدۇ نىمە ؟-
   - شۇنى دىگىنە ، بۇ يەردىكى ياشانغانلارنى نىمىشقا بالىلىرىنىڭ بىقىشىغا كۆنمەي بۇنداق يەرلەرگە كىلىۋالىدىكىن دىسەم ئەسلى مۇنداق يەرلىرى بارتىكەن ئەمەسمۇ -
   - ئەمىسە سەنمۇ <مەن ياشانغان> دەپلا بالا چاقاڭنى كۆچۈرۈپلا مۇشۇ يەرگە كېلىپ يېتىۋال .
   -توۋا دە ۋۇي ، ئاللاھ ساقلىسۇن ، بالىلارنىڭ ئىنسابىنى بەرسۇن جۇمۇ .
   -شۇ شۇ .
   پەزىلىيە بىلەن رەفىنە چوڭلارنىڭ پارىڭىغا پىخىلداپ كۈلگىنىچە ئۆزلىرى بۆلۈنگەن ياتاقنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ 6-قەۋەتكە چىقىپ كارىدۇرنىڭ چېتىگىرەك جايلاشقان 616-نومورلۇق ياتاققا ئاچقۇچ سالدى.
  -ۋايجان ، نېمانداق ئېچىلمايدۇ ماۋۇ ئىشىك ،.-بىر نەچچە قېتىم تولغاپمۇ ئىشىكنى ئاچالمىغان رەفىنە چىشى قېرىشقان ھالدا قۇلۇپتىن ئاچقۇچنى چىقاردى .
   -ئەكىلە ، مەن ئېچىپ باقاي .-پەزىلىيە شۇنداق دىگىنىچە رەفىنەنىڭ قولىدىن ئاچقۇچنى ئېلىپ قۇلۇپقا شۇنداق سېلىشى بىلەن ئىشىك خۇددى سېھىرلەنگەندەك بولوپ تاراققىدە ئېچىلدى .
  -قارا ، ئىشىك ئىچىشنى مەندىن سورا جۇمۇ -پەزىلىيە شۇنداق دەپ كۈلگىنىچە ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپلا كىردى.
  كەڭرى كەتكەن ، يوغانغىنە ئىككى كارىۋات قويولغان ، تېلىۋىزۇر ، ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە باشقا ئەسلىھەلەر تولوق ئورونلاشتۇرۇلغان ئازادە ياتاق ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولوپ تۇراتتى ، پەزىلىيە بىلەن رەفىنە كىرىپ نەرسە كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇشقا باشلىدى .
   -پەزىلىيە-
  -ھە -
  -بايا دىققەت قىلدىڭمۇ ؟
  -نېمىگە؟
  -دەرۋازىۋەن بىزگە ئاچقۇچنى بەرگۈچە ئەجەب سىرلىق قاراپ كەتتى .
   -قانداق دەيسەن ؟ مەن ئەجەب ھېس قىلماپتىمەن .
  سەن ئۇ چاغدا تىلىفۇن پاراڭلىشىۋاتقان ، شۇڭا كۆرمىدىڭ ، ئاچقۇچنى خۇددى بەرگۈسى يوقتەك نەچچە تارتىشىپ ئاران بەردى ، مەن تاس قالدىم ئاچچىقىم كېلىپ ۋارقىرىۋەتكىلى ، تېخى ئاچقۇچنى بېرىپ بولوپ نىمە دەيدۇ دىمەمسەن ؟
  -نىمە دەيدۇ؟
  -<سىلەر تېخى كىچىكتىكەنسىلەر.>دەيدۇ قارا ، تېخى بىشىنى چايقاپ كېتىشلىرىچۇ .
  -بەلكىم ساڭا شۇنداق تۇيۇلغاندۇ ؟
  -ياق ، بۇنىڭدا بىرگەپ بار .
-سېنىزە ، ئارتوق ئويلىما ، ساڭا شۇنداق تۇيۇلۇپ كەتكەن گەپ .قارا ماۋۇ ئىشكاپ بەك چوڭكەن ، كىيىملىرىڭنى ئەپكەل ، دەررۇ سالايلى ، ھېلىلا يىغىن دەپ يىغىۋالىدۇ ھەقىچان .
-ۋاييەي ، راست ، يىغىن بار دىگەن ئىدى .
  قىزلار شۇنداق دىيىشكىنىچە نەرسە كېرەكلىرىنى رەتلەپ بولۇشى بىلەنلا زالدىن بىرەيلەننىڭ پۈشتەك چالغان ئاۋازى ئاڭلاندى :
  -ئوشتە ، ئۆزىنى ھەربىي مەكتەپتە دەپ قالدىمۇ نىمە ؟
  -كىمكىنا بۇ ؟
-كىم بولاتتى ، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن كەلگەن ھېلىقى سۆزلەشكە ئامراق ئېگىز بالىدۇ .
  -يۈر ، يىغىن باشلىنىدىغان ئوخشايدۇ ، يىغىنغا چىقايلى .
  قىزلار ياتاقنى ئىچىدىن تاقاپ قويوپ شۇ قەۋەتتىكى يىغىن زالىغا كىرىپ كېلىشتى . بىر مۇنچە قۇرۇق رەسمىيەت خارەكتىرىنى ئالغان سۆزلەردىن كېيىن يىغىن تۈگىگەنمۇ بولدى  يىغىندىن چىقىپ ياتاققا قايتىپ كىرگەن قىزلار يېڭىچە مۇھىتتىن بەھىرلەنگىنىچە ئارم ئېلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشتى ، لېكىن ئۇلار بۇ يېڭى مۇھىتتا ئۆزلىرىنى نىمە كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيتتى .


   داۋامى بار .


ئاللاھ بەندىلىرىنى ھەرجايدا ئامان قىلسۇن !

ئاستا ماڭساڭمۇ،

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8146
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 60250
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 486 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2014-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 12:40:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      كەشتە ئوقۇسا ئۇنىمىنى كورگىلى بولىدۇ‹‹‹ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   guzal_atux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-25 12:40 PM  


ئاستا ماڭساڭمۇ،ئالدىڭغا قاراپ ماڭ!
‹‹ئەرلىرى يىغلاۋاتىدۇ، نامازلاردا،
  ئاياللىرى ئەيىش ئىشرەتتە،قاۋاقلادا.››
بولسا بۇندا مىللەت يول تاپالماس ھەرزامان،
تاپتى گەر،كاللا كەتتى بۇزدى شۇزامان. !!!!!!
1،2،3     دەل مۇشۇنداق ،      


سىز1  مەن 2 كىم3؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5108
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 12:58:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كەچتە ئۇقۇسام بولغىدەك ، ئالى مەكتەپتىكى چىغىمدا ياتاقتىكى قۇرقۇنۇچلۇق ھىكايىلەرنى تولا ئاڭلايتىم بۇمۇ شۇنىڭغا ئۇخشاپ كىتەمدۇ تېخى

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90131
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 01:09:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچتە ئوقۇغۇم يوق.شۇڭا ئاخىرىنى تىز يوللاڭ.بولمىسا 616نۇمۇرلۇق ياتاققا سىزنىمۇ ئورۇنلاشتۇرغۇزۇپ قويايلى.

مەن بىر نازۇك گۈل،ئەگەر سەن مىنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىساڭ،مەن خازان بولىمەن.

بىرسى دىدى تۇخۇم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1550
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2483
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 01:17:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېنىم،خېنېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېم........................................
ئادەمنى  جىلە  قىلمىسىلا  دەيمەن.

مۇنارلار نەيزە،قۇببىلەر قالقان، مەسجىدلەر گازارما،مۇئمىنلەر ئەسكەر، بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار، ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!! بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3770
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 857 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2014-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 01:25:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن داۋامى چىققاندا بىراقلا ئوقۇي.

ئەڭ يېڭى نادىر مەزمۇنلار سىرداش سالۇنىدا،ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى.     sirdax998

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2070
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9037
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5171 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 01:38:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بىر بىرىدىن ياخشى ھىكايىلەر چىقىۋاتىدۇ، ئادەم ئۇقۇپ ئۇقۇپ ھارمىغان ....

دەرۋازىۋەن قېرى چۇقۇم بىر شۇملۇقنى بىلىدۇ،  ماڭا پەزىلىيەگە بىرەر ئىش بولىدىغاندەك بىلىنۋاتىدۇ ئىشىك ئەجەپ ئۇ ئاچقۇچ سالسا ئىچىلىپ كەتتى-دىسە!

داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق ئەمىسە!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99896
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 163
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2013-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 01:41:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقىپ قالدىم داۋامىنى تىزرەك يوللاڭە

سىزگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرگە تەمەگەرلىك بىلەن قارىماڭ , كۆز ئالدىڭىزدىكى نەرسىلەرنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋىلىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16945
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8025
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 2092 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2014-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 01:42:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى قېنى ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99896
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 163
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2013-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-25 01:46:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقىپ قالدىم داۋامىنى تىزرەك يوللاڭە

سىزگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرگە تەمەگەرلىك بىلەن قارىماڭ , كۆز ئالدىڭىزدىكى نەرسىلەرنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋىلىڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش